760| 0
|
ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلى |
|
ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلى
1. بىزدە شۇنداق نەرسە بولسلا، مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش؛ 2. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاش؛ 3. يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛ 4. ئىلمىي، سوغۇققان يوسۇندا ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئۆزىمىزنى تەنقدنى كۈچەيتىش؛ 5. ئۆزىمىزدە بار نۇقسانلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويماسلىق ۋە شوئارۋاز مىللەتچى بولماسلىق؛ 6. چاكىنلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى يارىتىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئالىجاناپ ۋە ياخشى ھېسابلايدىغانلىرى ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش؛ چاكىنا مەدەنيەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا تۆھپە قوشۇش؛ 7. ناچار ئادەتلىرىمىزگە پىلان تۈزۈپ تاقابىل تۇرۇش؛ قابىليەتلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قېزىش ۋە كۆرستىش؛ 8. ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش؛ 9. قىزلار نازاكىتىنى، كىيىۋاتقان كيىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرىدىغان سالاپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ، ئەقىدىسنى كۈچەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش؛ قارشى جىنستىكىلەرنى ئەيمەندۈرەلەيدىغان قىز-ئوغۇللارنى كۆپەيتىش؛ لالما ئوغۇل-قىزلارنى يىتىم قالدۇرۇش. 10. ھەر قايسى ساھەلەردە سامان بىلەن داننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش؛ دانلارنى قەدىرلەش، سامانلارغا تۈكۈرۈپ قويۇش؛ 11. مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىرقى تور ئاپىتىنىڭ ، يازما ئاپىتىنىڭ، پاخاللىق، تەكرارلىق، ئىجادسىزلىقنىڭ، پلانسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىېلىش؛ 12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛ 13. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھاراق-تاماكا بىلەن مۇمكىنقەدەر بالدۇر خوشلىشىش؛ 14. كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى، كىتابقا تۇتقان پوزىتسيىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش؛ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلرىمىزنى قوللاش ھەم ئۇلارغا تەلەپ قويۇش؛ 15. پىكىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ئىككى يىلدا بىر پىكىر يېڭىلاپ قالتىس بىلىنىپ كەتكەن بىلمىلىرىمىزدىن بىر قېتىم گۇمانلىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛ 16. باشقا يۇرتتا ياخشى ياشاشقا كۈچىمىز يەتمىسە، پېشىمىزنى قېقىپ كەتمەستىن ئۆز يۇرتىمىزنى مەھكەم ساقلاش، قېيدىماسلىق؛ 17. ئىدارىلەردىكى رولىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ئىشلەش ۋە ‹ بۇ خىزمىتىم ئارقىلىق نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ › دەپ ئويلىنىش؛ 18.ياخشلار ئارا، كەسپداشلار ئارا، قەلبداشلار ئارا ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن ئىجىتمائىي تور پەيدا قىلىش؛ 19. قەھرىمانلىرىمىزنى، ياخشلارنى (مەسىلەن،ئابدۇقادىر داموللا ۋە گۈلزار مۇكاپاتى تەسىسس قىلغان مامۇتجان قاتارلىق) ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش؛ ئابدۇقادىر داموللانى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ئەھەت مەزىن قاتارلىقلارنى ئۇنتۇماسلىق؛ 20. ئەڭ مۇھىمى؛ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات نىشانىغا ماس ھالدا ئۇيغۇرنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان 20 يىللىق ئىلمىي تەرەققىيات سېخمىسىنى ۋە پىلانىنى تۈزۈش ھەم 1960-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش. تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-8-25 08:24 , Processed in 0.192349 second(s), 18 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.