1770| 2
|
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن ئەسلىمە |
|
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن ئەسلىمە
شەمشىدىن سوپىيوف ( نەشىرگە تەييارلىغۇچى : نىياز كېرىمى) 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى نىلقىدا كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى كۈرۈشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. شۇ كۈنى ئەكبەر ، غېنى، پاتىخ باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار نىلقا بازىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن ئىلى رايونىغا تارقىلىپ قۇدرەتلىك خەلق قوزغىلىڭىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولدى.دەھشەتلىك سىنپىي زۇلۇم ۋە مىللىي زۇلۇم دەستىدىن چىدىغۇچىلىكى قالمىغان خەلق ئىنقىلابى كۈرەشكە ئاتلاندى. قورال تۇتالىغۇدەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ئۆزلىكىدىن قوراللىق قوشۇنغا قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا پۇلى بارلار پۇل، مېلى بارلار مال، ئاشلىقى بارلار ئاشلىق بىلەن ئىنقىلابنى قوللىدى.نەتىجىدە ئىنقىلابى قوشۇن ناھايىتى تېز زورىيىپ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.« ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 7-نويابىرنى غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. شۇ كۈنى ئۆلكىلىك ساقچى نازارىتىنىڭ باشلىقى ليۇ بىندې(ئىلى ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن) پارتىزانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.8-نويابىردىن باشلاپ پارتىزانلار ۋالىي مەھكىمىسى، ۋىلايەتلىك ساقچى، غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، ئېلىكتر ئىستانسىسى، بانكا ، پوچتا-تېلېگىراف ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلدى. قاچان دۈشمەنلەر ھەرەمباغقا كىرىۋالدى.ھەرەمباغ ، ئايرودۇرۇم، لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىن باشقا جايلارنى پارتىزانلار ئىشغال قىلدى. پارتىزانلارنىڭ بىر تارمىقى توققۇستارا،تىكەس، كۈنەس ناھىيىلىرىدىكى قوزغىلاڭچى خەلق بىلەن بىرلىكتە غەلبىلىك جەڭ قىلىپ 17-نويابىر بۇ ئۈچ ناھىيەنى ئازاد قىلدى. مەن 19944-يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنى «ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇماندانلىق شىتابىغا كېلىپ جەڭچىلىككە تىزىملاتتىم. بۇ دەل 17 ياش ۋاقتىم ئىدى. قۇماندانلىق شتابىدىن بىر دانە مىلتىق ۋە بىر ئىگەر توقۇملۇق ئات بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ قولۇمغا قورال ئىلىپ ئىنقىلابىي كۈرەشكە قاتناشتىم. ھەرەمباغنى ئېلىش ئۇرۇشى ھەرەمباغ قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا مۇھاسىرىدە قالغان دۈشمەن تەسلىم بولۇپ قورال تاپشۇرۇشقا ئۇنىماي، جاھىللىق بىلەن جان تالاشقاندىن تاشقىرى، يەنە ئەتراپتىكى يېزىلاردىكى تىنچ ئاھالىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلماقتا ئىدى.شۇڭا مۇھاسىرىدىكى دۈشمەننى يوقىتىش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە ئىدى ھەرەمباغ قاتارلىق ئۈچ ئورۇن مۇداپىئەلىنىشكە ئەپلىك ، ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا قولايسىز ئىدى.بۇ كۈنلەردە مىللىي ئارمىيە تېخى قۇرۇلمىغان بولۇپ ، قوراللىق قوشۇن تېخى تارقاق پارتىزان ھالىتىدە ئىدى.جەڭنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تارقاق پارتىزانلارنى رويخەتكە ئېلىپ بىر تۇتاش قوماندانلىققا بويسۇنىدىغان قىلىپ باتالىيون، روتا، ئۇزۋۇت ۋە ئەددىلىنىيىسىگە تەقسىم قىلىندىم. مەخمۇت شۇ چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ جېلىل يۈزىدىكى كەمبەغەل دېھقاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىقتىسادىي بولمىغاچقا تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، كەم سۆزلىكى ، قەتئىيلىكى بىلەن تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىدى. ئۇ ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا بىر بۆلۈم ياشلارنى باشلاپ كېلىپ ، غۇلجىنى ئېلىش ئۇرۇشلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ قەيسەرلىك ۋە باتۇرلۇقنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئالدىنقى سەپ جەڭ خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۈلگە قىلىنىپ باشقىلارغا ئىلھام بېرىلەتتى. مەخمۇت بۇيرۇققا بىنائەن گومىنداڭنىڭ« پولات ئىستىھكام» دەپ ئاتالغان بايكۆلدىكى ئەڭ چوڭ پوتىيىگە ئىككى قېتىم كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ چىققانلىقى ۋە بۇ جەرياندا دۈشمەننىڭ ئىككى تال قورالىنى ئوغىرلاپ چىقىپ تەشكىلگە تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن ، قوماندانلىق شىتاب ئۇنى ئىككى دانە مىدال بىلەن ئۇنى تەقدىرلىگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئەددىلىنىيىسىگە كەلگەندىن كېين، ئۇ بىزنى بىر تامنىڭ دالدىسىغا باشلاپ بېرىپ جىددى قىياپەتتە:« قېرىنداشلار ھازىر كەسكىن جەڭ بولىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز : 1. بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى يۇقىرى رەھبەرلىككە يەتكۈزۈش ۋە يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈپ ئوتتۇرىدا ئالاقىچىلىق قىلىش؛ 2. جەڭ قىلىش. بۇ ئككى ۋەزىپىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، بىر ياقتىن جەڭ قىلىپ، بىر ياقتىن ئالاقىلىشىمىز، ۋەزىپىمىز ئېغىر، بىز قۇربان بېرىشتىن قەتئىي قورقماي ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىشىمىز لازىم»،دېدى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن غەرب تەرەپتىكى بىر دۆڭنى كۆرسىتىپ:« ئالدىمىزدا تۇرغان بۇ چوڭ پوتەي دۈشمەننىڭ « پولات ئىستېھكام» دەپ ئاتايدىغان پوتىيى شۇ، بىز ئالدى بىلەن شۇ پوتەينى گۇمران قىلىشىمىز كېرەك. مەن ئىككى قېتىم بۇ پوتەيگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ ئىككى تال مىلتىق ئوغرىلاپ چىققان بولساممۇ، جەڭچىلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقان پىلىموت ئاۋازىنى يوقىتالمىدىم. بۈگۈن كېچە بۇ پوتەينى چوقۇم يوقىتىمىز. ئەگەر ۋاقتىدا يوقاتمىساق نەچچە مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. قېرىنداشلار، بىز ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ‹ ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى،› دەپ قەسەم بېرىپ پىدائىيلىققا يېزىلغان. بىز خەلقىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆرىشىۋاتىمىز. جەڭ قىلغاندا ھېچنەرسىدىن قورقماي باتۇرلۇق كۆرسىتىشىمىز لازىم» ، دېدى. دېمىسىمۇ بۇ پوتەي جايلاشقان ئورۇن ئېگىز، ئەتراپى تۈز ، يوشۇرۇنغىدەك جاي بولمىغاچقا، ئۇنى يوقاتمىغۇچە ئىلگىرلىگىلى بولمايتتى. ئۇنى يوقىتىشىمىز ئاسان ئەمەس ئىدى.ئارىمىزدىن بىر جەڭچى:« كوماندىر، بۇ پوتەينى ئېلىشنىڭ بىزنىڭ ۋەزىپىمىزگە مۇناسىۋېتى بارمۇ؟» ، دەپ سوئال قويغانتى، « سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەرگە تەسىر يەتمەيدۇ . شارائىت يار بەرسە ، ئۆزۈم بېرىپ ئورۇنلايمەن»، دېدى. ئاندىن سۆزىنى يۆتكەپ « بىزنىڭ قوماندانلىق شىتابىمىز ئارقا تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرەخلىق مەھەللىدە( نىلقا مەھەللىسىنى دېمەكچى) ، مېنىڭ ئورنۇم ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ چولاق تام . سىلەر ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئەشۇ يەرگە بېرىپ ماڭا دوكىلات قىلىسىلەر،زۆرۈر تېپىلسا مەن قوماندانلىق شتاپقا دوكلات قىلىمەن»، دېدى. كوماندىر يەنە: « سالام جاڭزىسىدا (بىر باينىڭ قوراسى) بىر ئىزۋۇت جەڭچىمىز بار . دۈشمەنلەر كۆپ ھالدا سىرتقا چىقىپ ئاشلىق بۇلاشتا بۇ جاڭزىغا ھۇجۇم قىلىدۇ . چۈنكى ، بۇ دۈشمەنلەرنىڭ ئاشلىق بۇلاش ئۈچۈن ماڭىدىغان يولى ، بىز ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ، ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىم كېرەك ، ئىككى جەڭچى دەرھال بېرىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كەلسۇن. يەنە ئىككى جەڭچى ئارقا سەپتىن ئوق ۋە گىرانات ئېلىپ كەلسۇن، قالغانلىرىمىز ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا بېرىپ دۈشمەننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك »، دەپ خىزمەت تەقسىماتىنى تۈگىتىپ بىر نەچچىمىزنى ئېلىپ قېلىپ ، قالغانلارنى دەرھال ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىستېھكامدا چىڭ تۇرۇشنى تاپشۇردى. ئاندىن ئېلىپ قالغان بىر قانچىمىزغا : « ھازىر كۈن كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۇشۈۋاتىدۇ، قارمۇ قاتتىق يېغىۋاتىدۇ. تاماكا چېكىشكە ، ئۈنلۈك گەپ قىلىشقا، ئۆز ئورنۇڭلاردىن رۇخسەتسىز ئايرىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەھۋال سېزىلسە قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ ئاستا شىۋىرلاش كېرەك ، ئوقنى قالايمىقان ئاتماي نىشانلىق ئېتىش كېرەك . ئەڭ مۇھىمى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگىنالىغا دىققەت قىلىڭلار»، دېدى. ئاندىن ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا بېرىپ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: « نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم سىگىنالى بېرىلمەيدۇ؟» دەپ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ئۆز-ئۆزىگە سوئال قوياتتى. بىز تەرەپتىن ھۇجۇم سىگنالى بېرىلمىگەن بىلەن دۈشمەن ئوقلىرى ئۈزۈلمەي ئېتىلىپ تۇراتتى.ئاڭغىچە سالام جاڭزىسىغا كەتكەن ئىككى جەڭچى يېتىپ كېلىپ كوماندىرغا بىرنەرسىلەرنى دوكلات قىلدى. كوماندىر دوكلاتنى ئاڭلاپ:« ئارقا سەپكە كەتكەن ئىككى جەڭچى تېخى يېتىپ كەلمىدى ، مەن ئەھۋالنى يۇقىرىغا دوكىلات قىلغاچ ئۇلارنى باشلاپ كېلەي،سىلەر ئۆز ئورنۇڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، پىلىموتچىك ۋاقىتلىق كوماندىر بولۇپ تۇرىدۇ»، دەپلا يۈرۈپ كەتتى . تاڭ ئاتاي دەپ قالدى. كوماندىرمۇ كەلمىدى. ئۇرۇش سىگىنالىمۇ بېرىلمىدى . بىز ھەيران بولغان ھالدا ، بۈگۈن ھۇجۇم قىلمايدىغان ئوخشايمىز، دەپ قىياس قىلىشتۇق. ئۇ كىچىسى قار ناھايىتى قىلىن ياغدى. ئەگەر قوزغىلىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرمىساق قار ئاستىدا قالاتتۇق. تۇيۇقسىزلا بىر جڭچى: « ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگىنالى بېرىلدى»، دەپ ۋارقىراپ كەتتى، ئارقىدىنلا يىغىلىش بۇيرۇقى بېرىلدى. بىز 60 ساندىمېتىر قېلىنلىقتىكى قارنى كېچىپ مېڭىپ دېگەن جايغا بېرىپ توپلاندۇق. ۋاقىتلىق كوماندىر جىددى قىياپەتتە:« كوماندىر تېخى كەلمىدى. بىزنىڭ قاراپ تۇرۇشىمىزغا بولمايدۇ. ئوڭ تەرەپ بىلەن مېڭىپ يېنىمىزدىكى قېرىنداش قىسىملارغا ماسلىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتىمىز ، دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئارىمىزدىن بىرسى:« كوماندىر بىزنى مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز ھەرگىز ئورنۇڭلاردىن ئايرىلماڭلار دېگەن ئىدىغۇ» ، دېدى. بىر قىسىمىمىز بۇ پىكىرنى قوللىدۇق، تالاش-تارتىش بولۇپ تۇرغان جىددى پەيتتە مەخمۇت كوماندىر ئىككى جەڭچىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. كوماندىر: « قومانداننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۈگۈن چۈشكىچە دۈشمەننى ھەرەمباغدىن قوغلاپ چىقارماقچى، ئايرودورۇم تەرەپنىڭ يولىنى ئېچىۋەتتى. دۈشمەنلەر تاغ تەرەپكە يەنى پىلىچى خاڭ تەرەپكە قېچىشى مۇمكىن.بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ پوتەينى ئاساس قىلغان ھالدا ھۇجۇمغا ئۆتىمىز . مەن پوتەيگە ئىككى قېتىم بارغان پوتەيگە يېقىنلىشىش يوللىرى ماڭا ئىنتايىن تونۇش، باشقىڭلار بىلمەيسىلەر.شۇڭا مەن بىلەن ئوڭ تەرەپنى ئايلىنىپ پوتەيگە بارىمىز.سالام جاڭزىسى ئارلىقىدىكى قېرىنداش ئۇزۋۇتلارغا ئادەم ئېۋەتىپ خەۋەر بېرىڭلار.چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ نىشانى پوتەينى يوقىتىش .ئۇلار بىز تەرەپتىن پوتەيگە ئادەم كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپسۇن. قالغانلىرىڭلار مېنى قوغداپ پوتەيگە ئوق تۇتۇڭلار.ھازىر تاڭ يېقىنلاشتى. تاڭ يورۇپ قالغۇچە پوتەينىڭ قېشىغا بېرىۋېلىشىم كېرەك. تاڭ ئېتىپ قالسا، پوتەيگە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. ناۋادا يامان ئەھۋال يۈزبەرسە، پوتەيدىن بەلگە چىقمايدۇ.بولمىسا دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ پوتەيدىن بەلگە بېرىمەن. پوتەيدىن ئوق ئېتىلىشمۇ توختايدۇ. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ قايتىپ كەلگۈچە پىلىموتچى كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالاقە قىلىش ۋەزىپىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز»، دېدى. ئاندىن خەير-خوش ، دەپ قولىغا ئاپتوماتنى ئېلىپ، 7-8 دەك گىراناتنى بىلىگە چىگىپ ، بىر جەڭچىنى ئەگشتۈرۈپ چۇلاق تامنى ياقىلاپ بىر ئۆمىلەپ ، بىر يۈگۈرۈپ پوتەيگە قاراپ كەتتى. بىز ئۆز ئورنىمىزدا تۇرۇپ ئۇلارنى قوغداش يۈزىسىدىن دۈشمەن تەرەپكە شىددەتلىك ئوق ئېتىشقا باشلىدۇق. تاڭ ئېتىپ يورۇق چۈشەي دەپ قالدى. دۈشمەن پوتىيىدىن تېخىچىلا ئۈزۈلمەي ئوق ئېتىلىۋاتاتتى. بىز كوماندىر پوتەيگە بارالماي قۇربان بولغان ئوخشايدۇ ، دەپ پوتەينى غەزەپ بىلەن ئوققا تۇتقىلى تۇردۇق. پوتەيدىن چىققان ئوق بىزنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىگىلى قويمايۋاتاتتى. شۇنداق پەيىتتە قېرىنداش قىسىملار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن كەتكەنلەر يېتىپ كېلىپ:« قېرىنداشلار پوتەيدىن بەلگە، بەلگە» دەپ، ۋارقىراپ كەتتى. پوتەي تۆشۈكىدىن بىر ئەسكى چاپاننىڭ پۇلاڭلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ئارىمىزدىكى بىر روس جەڭچى خۇشاللىقىدىن ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ۋارقىراۋاتقاندا ئوڭ قولىغا ئوق تېگىپ يىقىلدى. پوتەيدىن چىقىۋاتقان مۆلدۈردەك ئوقمۇ توختاپ قالدى.شۇ زامان پىلىموتچى كوماندىر مېنى دەرھال يارلانغان جەڭچىنى ئېلىپ ئارقا سەپكە بېرىپ قوماندانغا دوكىلات قىلىشىمنى بۇيرىدى. مەن يارىدار جەڭچىنى يۆلەپ ئاپتوماتنى كۆتۈرگۈنۈمچە قوماندانلىق شىتاپقا بېرىپ دوكىلات قىلدىم. قوماندان ئاڭلاپ ئاچچىقلىنىپ:« ئۇ كىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر ئەددىلىنىيە ئەسكەرنى تاشلاپ ئۆزى پوتەيگە كەتتى. دەرھال ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى قېرىنداش ئىزۋۇتلارغا خەۋەر قىلىڭلار. ئۇنىڭ سالامەت قايتىپ چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا ئادەم ئەۋەتسۇن» دەپ يېنىدىكى ئىككى نەپەر كوماندىرغا بۇيرۇق قىلدى ۋە ماڭا جىددى قىياپەتتە ئەددىلىنىيەدىكى جەڭچىلەر كوماندىرنىڭ كەتكەن ئىزى بىلەن ئارقىدىن بېرىشنى تاپشۇردى. بۇيرۇقنى يەنە بىر قېتىپ تەكرارلاپ بەرگەندىن كېيىن ، قايتىش ئىشارىتىنى بەردى. مەن ئەددىلنىيەگە يېقىنلىشىپ قالغاندا ئارقامدىن بىرسى چاقىردى. قارىسام مەخمۇت بىلەن كەتكەن جەڭچى ئىكەن. ئۇ يىغا ئارىلاش:« كوماندىر قازا قىلىپ كەتتى» ، دېدى. ئىككىمىز بىرلىكتە ئەددلىنىيەگە باردۇق. ئۇ پىلىموتچى كوماندىرغا مەخمۇت كوماندىرنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى،مەن قومانداننىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزدۈم. كوماندىر 10 مىنۇتتەك بېشىنى ساڭگىلىتىپ سېكۇنتتىن كېيىن كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، ھېلىقى جەڭچىدىن مەخمۇت كوماندىرنىڭ قۇربان بولۇش جەريانىنى تەپسىلى سورىدى. ئۇ جەرياننى مۇنداق سۆزلەپ بەردى:« بىز پوتەيگە يېقىنلىشىپ بارغاندا دۈشمەنلەر پوتەيدىن مۆلدۈردەك ئوق ياغدۇرماقتا ئىدى.ئارىلاپ پوتەي ئەتراپىغا قارىغۇلارچە گرانات تاشلايتتى. تاشلانغان بۇ گراناتلار پوتەي ئەتراپىغا كۆمۈلگەن دۈشمەن مىنالىرىنىمۇ پارتىلىتاتتى. شۇڭا پوتەيگە يېقىنلىشىشقا زادى ئىمكان بولمىدى. بۇ چاغدا كوماندىر:‹ مەيلى قانداق بولسۇن تاڭ ئاتقۇچە پوتەيدىكى دۈشمەننى يوقىتىش كېرەك. سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ پوتەي تۆشۈكىگە ئۈزمەي ئوق ئات.يەنە بىر قانچە گىراناتنىمۇ ئات. شۇنداق قىلغاندا دۈشمەننىڭ دىققىتى ساڭا مەركەزلىشىدۇ . مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پوتەيگە بېرىۋالىمەن، پوتەينىڭ 3- قەۋىتىنى ئالالمىساقمۇ 1-قەۋىتىنى ئالساقلا دۈشمەن ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولىدۇ. مەن كىرىپ 1-قەۋىتىنى ئېلىپ بەلگە چىقىرىمەن، شۇ چاغدا سەن ئوقنى توختىتىپ ئۈستىدىكى دۈشمەنلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەت،ئەگەر دۈشمەن تەسلىم بولۇپ بايراق چىقارسا، سەن بىر گىراناتنى ئوڭ تەرەپتىكى دەرەخكە قارىتىپ تاشلا، ئەگەر تەسلىم بولۇش ئىپادىسى كۆرۈلمىسە، ئوق چىقارماستىن جىم بولىۋال› دېدى. مەن:‹ سىز قانداق قىلىسىز ›، دىۋىدىم. ئۇ:‹ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا دۈشمەننىڭ كۆپ قىسمى 2- 3- قەۋەتكە توپلاشقان. ئاستىدا بىر قانچىلا دۈشمەن بار، مەن ئۇلارنى بىر گرانات بىلەن ئۇجۇقتۇرىمەندە پوتەيگە كىرىمەن . ئۇلار ئۈستىگە چىقىدىغان ئىشىكنى مەھكەم تاقايدۇ. مەن ئىككى دانە چويۇن توپ گراناتنى ئىشىك ئېچىلىشىغىلا پارتلايدىغان قىلىپ قويۇپ،ئاندىن بەلگىنى چىقىرىپ پوتەيدىن چېكىنىپ چىقىمەن. دۈشمەن ھېچيەرگە بارالمايدۇ. بىز ئۇلارغا قارىتا تەسلىم بولۇڭلار ، دەپ ۋارقىرايمىز›، دېدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتقان پەيت بولغاچقا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېتىلغان زەمبىرەك، مىناميۇن ۋە پىلىموتلارنىڭ ئاۋازىغا ھۇررا ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ ھېچنەرسە ئاڭلاتقۇزمايۋاتاتتى.كوماندىر تىت-تىت بولۇپ بىر جايدا تۇرالماي قالدى. خىرى ئۇ:‹ بۇ پوتەينى يوقاتمىساق ھۇجۇمغا ئۆتكەن جەڭچىلىرىمىز كۆپ قۇربان بولۇپ كېتىدۇ .ئەمدى كېچىكىشكە بولمايدۇ .‹ خەير-خوش›، دەپ قول ئېلىشىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. مەن كوماندىرنىڭ دېگىنى بويىچە كۆزۈمنى دۈشمەن ھەرىكىتىگە، قۇلۇقۇمنى پويەيدىن چىقىدىغان گرانات ئاۋازىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىككى ئورۇنغا يۆتكىلىپ تۇرۇپ ئوق چىقىرىشقا باشلىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ، پوتەي ئىچىدىن گۈلدۈرلىگەن گرانات ئاۋازى چىقتى. ئىككى تۆشۈكتىن ئېتىلىۋاتقان پىلىموت ئوقى شۇئان جىمىقتى. ئارقىدىنلا بىر ئەسكى چاپاننى تۆشۈكتىن چىقىرىپ بەلگە بەردى. مەن دەرھال پوتەيگە بېرىشقا تەمشەلگەن بولساممۇ، كوماندىرنىڭ بېرىشىم توغۇرسىدا گەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ، بېرىشتىن توختاپ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇردۇم. دۈشمەن بىردەم جىمجىتلىقتىن كېيىن، يەنە ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوق چىقىرىپ قوياتتى. دېمەك دۈشمەن ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.بىراق كوماندىر جىم بولۇپ كەتتى. كوماندىرغا بىر ئىش بولغانمىدۇ دەپ ئىنتايىن جىددىيلەشتىم، شۇ ئارىلىقتا پوتەيدىن قاتتىق گۈلدۈرلىگەن يەنە بىر ئاۋاز چىقىپ ئىس – تۈتەك قاپلاپ كەتتى. پوتەينىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئېتىلىۋاتقان پىلىموتلار بىراقلا ئۇجۇقتى. مەن ئەمدى بارسام بولمىدى دەپ10 نەچچە مېتىر مېڭىشىم بىلەن كوماندىر بىر پىلىموت، ئىككى ياپونكا مىلتىقىنى ئېلىپ ئالدىمغا چىقتى ۋە ‹ ئارقاڭغا چېكىن› دېدى. دەرھال قايتىپ ئەسلىدىكى ئورۇنغا كەلدۇق. كوماندىر: ‹ئەمدى ئەددلىنىيەگە قايتىپ ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئىشلەيلى، دۈشمەن ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىدى،3- قەۋەتتىكى دۈشمەن ھېچ يەرگە بارالمايدۇ›، دېدى. مەن:‹ ئىككىنچى قېتىم ئېتىلغان گرانات ئاۋازى نەدىن چىقتى› ، دەپ سورىۋىدىم كوماندىر: ‹ ئاستىنقى قەۋەتتە ئىككى دۈشمەن بار ئىكەن. ئۇلارنى بىر گرانات بىلەن ئۇجۇقتۇرۇپ، بەلگىنى چىقاردىم. ئۈستىگە چىقىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن ، ئىككى چويۇن گراناتنى ئېسىپ قويۇپ پوتەيدىن چېكىنىپ چىقتىم . دۈشمەن ئاستىنقى قەۋەتتىكى بولغان ئەھۋالنى بىلش ئۈچۈن، ئىشىكنى تارتىشىغا گرانات پارتلاپ ئۇلارنى يوقاتتى. بۇ ئاۋاز ئەنە شۇنىڭدىن چىققان ئاۋاز›، دېدى. گەپ شۇيەرگە كەلگەندە 3- قەۋەتتىكى دۈشمەن بىزنى شىددەتلىك ئوققا تۇتقىلى تۇردى.كوماندىر: ‹ دۈشمەن بىزنى سېزىپ قالدى. دەرھال چېكىنىپ كېتەيلى›، دەپ بىر مىلتىقنى ماڭا بېرىپ بىر مىلتىق ،پىلىموتنى ئۆزى سۆرەپ كەينىمىزگە ياندۇق. كوماندىر: ‹ ئارلىق قويۇپ ماڭايلى، سەن بەش مېتىر كەينىمدە ماڭ›، دېدى. مەن بەش مېتىر ئارقىسىدىن ئۆمۈلەپ ماڭدىم، بىر ئېرىقنىڭ ئىچىدىن چىقىپ ئازگالغا ئۆتۈش ئارىلىقىدا كوماندىرغا ئوق تېگىپ شېھىت بولدى›› . ۋاقىتلىق كوماندىر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: « بىز قەھرىمان كومادىرىمىز مەخمۇتنىڭ ئادا قىلالمىغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ، بىرىمىز قالغىچە جان تىكىپ جەڭ قىلىشىمىز كېرەك » ، دېدى ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئاسمانغا قارىتىپ3 پايدىن ئۈچ ئادەم بەلگىلەپ، ئۆزى قوماندانلىق شتابقا يۈرۈپ كەتتى. قالغانلىرىمىز ئۆز ئورنىمىزدا كوماندىرنىڭ جەسىتىنى ساقلاشقا قالدۇق. 3-4- سائەتتىن كېيىن ۋاقىتلىق كوماندىر قايتىپ كېلىپلا يىغىلىش بۇيرۇقى بەردى. كوماندىر: « بىر قايغۇنىڭ بىر خۇشاللىقى بار، دېگەندەك ھازىر دۈشمەننىڭ ئالدى ئايرودۇرۇم تەرەپ بىلەن قېچىشقا باشلىدى. ئالدىمىزدىكى پوتەيدىمۇ دۈشمەن قالمىدى. ھەممىسى تەرەپ تەرەپكە قېچىشىپ كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي،بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولۇشقا باشلىدى»، دەپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ سۆزلىدى. بىزمۇ ئورنۇمىزدىن تۇرالماي جىددىيلىشىپ يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرغىچە ئالدىراپ تۇراتتۇق. كوماندىر: « يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى مۇنداق تېخىچە كوماندىر مەخمۇتنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېلەلمەيۋاتىمىز. بىر ئادەم بېرىپ ئۇلارغا جەسەتنى ئارقا تەرەپكە ئېلىپ كېتىشىنى ئېيتسۇن، قالغانلىرىمىز سالام جاڭزىسى تەرەپكە بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداش ئۇزۋۇتلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئىگىلىگەن ئەھۋالنى يۇقىرىغا دوكىلات قىلىمىز. چۈنكى دۈشمەننىڭ ئەسكىرى تېخىچە بايكۆلدىن قوزغالمايۋاتىدۇ. غەرب تەرەپتىكى قوشۇنلىرىمىز ھەرەمباغنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ بولدى. بىراق شەرق تەرەپتىكى دۈشمەن تېخى قوزغالمايۋاتىدۇ. بىز مەرھۇم كوماندىرىمىزنىڭ قورقماس قەيسەر روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم» ، دېدى ۋە بىزنى نىلقا مەھەللىسىنىڭ بىر چېتىدىكى يالغۇز جاڭزىغا باشلاپ باردى. ئاندىن: « قوماندانلىق شتاپىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىزنىڭ ئورنىمىز مۇشۇ يەردە بولىدۇ» ، دېدى. 45- يىلى 30- يانۋار ھەرەمباغ ئازاد قىلىندى. ھەرەمباغدىكى مۇھاسىرىدىن قېچىپ چىققان دۈشمەنلەر پىلىچى سايغا بارغاندا پارتىزانلار تەرىپىدىن يۇقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن غۇلجا تولۇق ئازاد بولدى. ئاخىرى داۋاملىق يولىنىدۇ . بۇ ئەسەر شىنجاڭ تارىخى ماتىرىياللىرى 42 - قىسىمدىن ئېلىندى . باشقا تور ۋە مۇنبەرگە يۆتكىسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ . ئەجداد ئۇيغۇر تارىخى تورى تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
|
|
|
| |
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-6 04:10 , Processed in 0.164362 second(s), 19 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.