ئالجىرلار __ ئالجىرىيىدە ياشايدىغان مىللەت بولۇپ، «ئالجىر ئەرەبلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئالجىرىيە زېمىنىدا ياشاپ ئۆتكەن بەربەر ۋە قەدىمكى قەبىلە _ قوۋملار ئەۋلادلىرىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت بولۇپ، فىنك، يەھۇدىي، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەركىبلىرىمۇ بار. ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليون 790 مىڭ، ئاساسەن ئالجىرىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، فرانسىيە، تۇنىس ۋە ماراكەش قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئاز ساندا ئالجىر نوپۇسى بار.
ئالجىرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام _ ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئالجىر دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، قىسمەنلىرى فرانسۇز تىلىغىمۇ پىششىق كېلىدۇ. ئالجىرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئالجىرىيە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2 مىليون 381 مىڭ 741 كۋادرات كىلومېتىر. ئالجىرىيە شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئىسپانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇب تەرىپى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. تۇنىس، لىۋىيە، ماراكەش، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش. ئالجىرىيىنىڭ زېمىنى كەڭرى، ئەمما كۆپ قىسمى قۇملۇق ۋە تاغلىق بولۇپ، مۇنبەت جاي ئاز. شىمالىي قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋا كىلىماتىغا، جەنۇبىي قىسمى تروپىك بەلۋاغ قۇملۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە.
ئالجىرىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تۈزلەڭلىك كۆپرەك بولغاچقا، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، ئارپا تېرىلىدۇ ۋە خورما، ئۈزۈم، زەيتۇن دەرىخى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى ئالجىرلار «گولبا» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەك _ لايدىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ تورۇسى پاكار، تەسكەي كېلىدۇ.
ئالجىرىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇب قىسمىدىكى تاغ باغرى ياكى قۇملۇق رايونلىرىدىكى ئالجىرلار چارۋىچىلىق بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا تۆگە ۋە قوي باقىدۇ. ئۇلار قوي ۋە تۆگە يۇڭىدىن توقۇپ تەييارلانغان چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇنداق چېدىرلارنى سۆكۈپ قايتا قۇراشتۇرۇش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا ناھايىتىمۇ باب كېلىدۇ.
ئالجىرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت _ بايراملىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزىقارلىق «پەمىدۇر بايرىمى» بار. ئالجىرلار ئۇزاق يىل تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، چۆل _ باياۋانلاردا باغ _ ئورمان ۋە كۆكتاتزارلارنى بەرپا قىلغان بولۇپ، دېڭىز بويى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلار قۇملۇقتا پەمىدۇر ئۆستۈرۈپ يېيەلەيدىغان بولغان. ئالجىرلار بۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇتلۇقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى 4 _ ئاينىڭ 20 _ كۈنىنى «پەمىدۇر بايرىمى» قىلىپ بېكىتكەن.
ئالجىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىمى __ «گاندورا» دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەبچە پاسوندىكى ئۇزۇن يەكتەك بولۇپ، تومۇز ئىسسىقتا كىشىگە سالقىن تۇيغۇ بېرىپ تۇرىدۇ. ئەرلەر بېشىغا ئاق رەختتىن سەللە ئورىۋالىدۇ، ئاياللار چۈمبەل بىلەن يۈزىنى ئېتىپ يۈرىدۇ. ئۇلار قۇملۇقتا مېڭىشقا قۇلايلىق ياغاچ چەملىك ساپما كەش كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالجىرلار ئاق رەڭنى پاكلىق ۋە تىنچ _ ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلگەچكە، كىيىم _ كېچەكلىرى كۆپىنچە ئاق رەڭدە كېلىدۇ، ھەتتا ئۆي ئىچىنىمۇ ئاق رەڭنى ئاساس قىلىپ زىننەتلەيدۇ.
ئالجىرلار ئۆيىدە مېھمان كۈتۈشكە ئانچە ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، بىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالمىسىلا، ئالجىرلارنىڭ ئۆيىدە مېھماننىڭ قەدىمىنى ئۇچراتماق تەس. ناۋادا ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالسا، ئۆيدىكى قىز _ ئاياللار ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، مېھماننى ئەر كىشى كۈتۈۋالىدۇ. مېھماننىڭ ئۆيدىكى قىز _ ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى سورىشىمۇ ئەدەبسىزلىك سانىلىدۇ.
ئالجىرلار قولىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، تائاملارنى قولى بىلەن تۇتۇپ يېيىشكە ئامراق، ھەتتا شورپا ئىچىدىكى گۆش قاتارلىقلارنىمۇ قولى بىلەن تۇتۇپ ئېلىپ يەيدۇ. لېكىن، غىزالانغاندا ھەرگىز سول قولىنى ئىشلەتمەيدۇ، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ سول قولىنى سۇنۇشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ.
ئالجىرلاردا قىز تۇغۇلۇش بىلەن، قىزنىڭ ئانىسى قىزىغا ئاتاپ قىممەت باھالىق زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ؛ قىزىغا ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە كەشتە تىكىشنى ئۆگىتىپ، تويلۇق ئۆي بېساتىنى ئۆزىگە تەييارلىتىدۇ ھەمدە ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ چېنىقتۇرىدۇ. ئالجىرلار قىزىنىڭ ئاق پىشماق بولۇشىنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايدۇ، شۇ ۋەجدىن قىز ياتلىق بولۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئانىسى ياكى ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇيۇندۇرۇپ، قىزنىڭ بەدىنىنى بىر قەۋەت ئاق دورا بىلەن مايلاپ چىقىدۇ، قولىغا قېنىق قىلىپ خېنە ياقىدۇ.
ئالجىرلارنىڭ توي _ تۆكۈن ئۆرپ _ ئادىتىدە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر بار. ئالايلۇق، ئالجىرلار تويلۇققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تويلۇقنىڭ سېلىقى شەھەردىكىگە قارىغاندا يېزىدا ئېغىرراق كېلىدۇ، قۇملۇق رايوندا ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى ئالجىرلاردا تويلۇقنىڭ سېلىقى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ. ئالجىرلارنىڭ نەزىرىدە، چوڭ تويلۇق تەييارلاش يىگىتكە قىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش، تويدىن كېيىن خوتۇنىنى ئاسانلا قويۇۋېتىپ باشقىدىن ئۆيلىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىنى بىر ئۆمۈر ئەزىزلەپ، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولۇپ، تويلۇق مېھمانلارنىڭ ئالدىدا بىر _ بىرلەپ ئېچىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ئالجىرلارنىڭ توي _ تۆكۈن پائالىيىتى ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېزا _ قىشلاقلاردا توي يەتتە كۈن داۋام ئېتىدۇ. پۇلدارلار ياكى يالغۇز ئوغۇللۇق ئائىلىلەرنىڭ تويى ھەتتا ئىككى ھەپتىگىمۇ سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىراق ئائىلىلەر توي كۈنى ئات بەيگىسى، چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، يەرلىك ئەلنەغمىچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ناخشا _ ئۇسسۇللار بىلەن توينى تېخىمۇ قىزىتىۋېتىدۇ. ئەمما، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلارنىڭ توي _ تۆكۈنلىرىدە ئۇنچە كۆپ مەزمۇنلار يوق، تويلار بىرقەدەر ئاددىي، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئالجىرىيىدە توي _ تۆكۈن ياز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. توي مەرىكىسىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى قىز تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنى قىزنىڭ ئاتا _ ئانىسى ۋە ئۇرۇق _ تۇغقان، دوستلىرى قىزغا نۇرغۇن سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىدۇ. تويى بولغان قىز ئالتۇن _ كۈمۈشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئېسىل تويلۇق كىيىم ۋە ئەتراپىغا ياقۇت، مەرۋايىتلار كەشتىلەنگەن چىرايلىق باش كىيىم بىلەن جابدۇنىدۇ. كەچكە يېقىن، يىگىت ئاتلىق كېلىپ قىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ. يىگىتنىڭ ئۆيىگە قىز كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىش بىلەن، يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، كېلىنىگە بەخت _ سائادەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بىر پىيالە سۈت تۇتىدۇ، ئاندىن قىز _ يىگىت ھۇجرىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بىراق، بۇ كۈنى قىز ھۇجرىسىغا كىرمەي، قىز قولداشلىرى ۋە يەڭگىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قېينانىسىنىڭ ھۇجرىسىدا قونۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپتە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت تەرەپتىكى مەرىكە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن قىز بىلەن يىگىت ئۆز ھۇجرىسىغا قايتىدۇ. توينىڭ يەتتىنچى كۈنى كېلىن بېلىگە ئالاھىدە ئىشلەنگەن بەللىك تاقايدۇ، بۇ، كېلىننىڭ ئاياللىق سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالىدۇ.