ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 2

خوتەن غازىتى(1006-971) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


خوتەن غازىتى(1006-971)




      خوتەن غازىتى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشقان، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان قارىخانىيلار سۇلالىسى بىلەن تېخى بۇددىزىمدا تۇرىۋاتقان خوتەن پادىشاھلىقىنىڭ ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
      مىلادى971- يىلى خوتەنلىكلەر قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بۇددىستلارغا زەربە بەرگەنلىكىگە قارشى تۇر ۇپ ، ئۇلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى ، خوتەن پادىشاھى ۋىكسۇلا بىر مەھەل قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەر ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ ، زور تۈركۈمدىكى ئولجىنى قولغا كىرگۈزۈپ قايتتى .992- يىلى خوتەنلىكلەر 3- قېتىم قەشقەرگە باستۇر ۇپ كەلدى. قارىخانىيلارقوشۇنىدىكى مۇسۇلمانلار باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، خوتەن قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ ، قوغلاپ يېڭىسار سېپىگىچە باردى، كېيىن خوتەن قوشۇنىنى ھەيدەپ بۈگۈنكى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا ئاپاردى ، 7 كېچە - كۈندۈزلۈك قانلىق جەڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تارتىپ بولدى قىلىشتى.
      998- يىلى خوتەنلىكلەر قارىخانىيلار غوللۇق كۈچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇر ۇش قىلىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بۇددا كۈچلىرىنى قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتتى ، ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ ، قەشقەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى . قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ چوڭ خاتانى ئەلى ئارىسلانخان قوشۇن باشلاپ قايتىپ كېلىپ ، 5 ئايدىن كۆپرەك شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ، پايتەخت قەشقەرنى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە خوتەن قوشۇنىغا غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بەردى ، بۈگۈنكى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسى چېگرىسىدىكى ھاراپ قۇملۇقىغا بارغاندا خوتەن قوشۇنلىرىغا 3- قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇب بولدى ؛ خوتەن قوشۇنى 3- قېتىم قەشقەرنى ئىگىلىدى . قارىخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن 140 مىڭ مۇسۇلمان قوشۇنى قوبۇل قىلىپ ، 2- يىلى قەشقەرگە كېلىپ ، خوتەن قوشۇنلىرىنى تارمار تىلىپ ، پايتەختنى قايتۇرۇۋالدى. خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەردىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، قاغىلىقنىڭ تۇم رابات ئەتراپىغىچە چېكىنىپ مۇداپىئەدە تۇردى . يۈسۈپ قادىرخان قوشۇن باشلاپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ خوتەن خانلىقىنىڭ پايتەختىگىچە باردى . خوتەن پادىشاھى شەھەرنى تاشلاپ چېكىنىپ قۇرۇمتاغلىرى ئارىسىغا كىرىۋالدى . يۈسۈپ قادىرخان لەشكەر تارتىپ تاغقا كىردى ، نەچچە رەت تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىرمۇنچە سانغۇن ۋە لەشكىرىدىن ئايرىلدى . 1000- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىككى تەرەپ بۈگۈنكى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بومتان يېزىسى ئەتراپىدا تۇتۇشۇپ قالدى ، خوتەن قوشۇنلىرى قارىخانىيلار قوشۇنىنىڭ تەييارلىقسىز ھالىتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى . قارىخانىيلار قوشۇنى پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىپ ، قەشقەرگە قايتتى .1006- يىلى يۈسۈپ قادىرخان قايتىدىن سۇلالىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنىنى باشلاپ خوتەنگە جازا يۈرۈشى قىلدى ، نەچچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ ئارقىلىق خوتەن پادىشاھى مەغلۇپ بولاپ جەڭدە ئۆلدى، ئاساسلىق قوماندان ۋە بىر بۆلۈك بۇددىست ئاھالە تېبەر تاغلىرىغا قاچتى.  خوتەن بۇددىست ھاكىمىيىتى ھالاك بولدى.

مەنبە ئوكيان تورى
تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  بۇددستلارمۇ شەھەر ئىلىپ جەڭ قىلپ يۈرەمدىكەن تىخى؟؟؟  ئۇلار تەركى دۇنيا ئىدىغۇ؟؟؟يا بۇلا تىبەت بۇددىستلرمۇ يا؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 19:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 14:27
بۇددستلارمۇ شەھەر ئىلىپ جەڭ قىلپ يۈرەمدىكەن تىخى؟؟؟   ...

بۇ  بۇددىسلار ئىلگىرى قاراخانىلارنى بوش قاغشاتمىغان  . ھەتتاكى قاراخانىلار جەڭدە يېڭىلىپ خوتەن بۇددىسلىرى قاراخانىلارنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەرنى ئىشخال قىلىۋالغان  . كىيىن جەڭدە قاراخانىلار غەلبە قازانغان  .  بۇ دەۋىردە  خوتەنگە ئىسلامدىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېران تەرەپتىن 4 سوفى كەلگەنلىكى مەلۇم  .شۇلار ئارقىلىق دەۋەت تەبلىغىياتلار بىلەن خوتەن كىيىنرەك ئىسلامغا كىرگەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-9-7 10:32 , Processed in 0.180088 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش