ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 1

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى پارتىيە - تەشكىلاتلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        1931- يىلى خوجىنىياز ھاجى رەھبەرلىكىدە كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى جىن شۇرىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى، نەتىجىدە 12- ئاپرېل ئۆزگىرىشى مەيدانغا كەلدى .
        1933- يىلى 12- ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تەختكە چىققان ھىيلىگەر شېڭ شىسەي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەپتى - بەشىرىسىنى يۇشۇرۇپ،ئىلغار قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سەككىز ماددىلىق خىتاپنامە، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۇنى مەلۇم مۇددەت ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ جەرياندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە قوللىشى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە، ھەر قايسى ساھەلەردە مەلۇم تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى،لېكىن،بۇ ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئېرىشكەن غەلبىسىنى كۆرگەن شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ،1942-يىل8-ئايدا ئۆزىنى جاڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئېتىپ، ئالتە بۈيۈك سىياسەتكە قارشى چىقىپ،ئۇنى ئىجرا قىلمىدى. ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ مۇھىم بىر ماددىسى بولغان << سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش>> نىڭ ئورنىغا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلىشىش دەسسىتىلدى. ھەر خىل دېلولارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى،مۇتەخەسىسلىرى ، ھەربىي ئوقۇتقۇچىلىرى، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى،قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قىزىل ئارمىيە 8 - پولكى ھەيدەپ چىقىرىلدى. سوۋېتپەرۋەر ئادەملەر،ئىلغار ئوقۇغۇچىلار،ئىنقىلابىي زىيالىيلار ئارقا-ئارقىدىن تۈركۈملەپ قولغا ئېلىندى. 1942-يىلى يەنە << 12-ئاپرېل يوشۇرۇن توپىلاڭ دېلوسى>> نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ،شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان چېن تەنچيۇ، ماۋزېمىن،لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۇتقۇن قىلىندى. شېڭ شىسەي تۈرمىلىرىدە 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قامىلىپ،60 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەزىز جانلىرىدىن جۇدا بولدى. خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆزى يەتمىدى، باج ئېغىرلاشتى ، تۈرلۈك سېلىقلار كۆپەيتىلدى. ئىچكىرىدىن كۆپلەپ پۇل كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆپلەپ پۇل بېسىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۇل پاخاللاشتى. مال باھاسى 1944-يىلى 1943-يىلىغا نىسبەتەن يەتتە يېرىم ھەسسە ئاشتى. چارۋىچىلارنىڭ ئوۋ مىلتىقىمۇ يىغۋېلىندى.1943-يىلى3-ئايدا 10 مىڭ ھەربىي ئات ئىئانە قىلىش ھەركىتى يۈرگۈزۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئىشلىرى توختىتىلغانلىقتىن،دېھقانلار دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ، چارۋىچىلار چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى چەتكە ئېكسپورت قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولدى. ئىلگىرى ھەر يىلى كۆپلەپ يىلقا،كالا،قوي،تېرە،يۇڭ،ئۈچەي قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى،ئاشلىق ، پاختا قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىناتتى، ئېكسپورت توختىتىلغانلىقتىن دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى. سوۋېتتىن سانائەت ماللىرى كىرگۈزۈلمىگەنلىك سەۋەبىدىن،سانائەت ماللىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى(شىنجاڭدا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن پولات، تۆمۈر،ئەينەك،كىرسىن،سەرەڭگە،رەخ،قەنتتىن تارتىپ تاكى يىپتىن يىڭنىگىچە سوۋېتتىن ئىمپورت قىلىناتتى).

جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىش كەيپىياتى يۈز بېرىپ، ئەمدىلا گۈللىنىشكە باشلىغان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى ئەكسىيەتچىل سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە زاۋاللىققا يۈزلەندى .
         1944-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى شىنجاڭدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇپ، دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. پارخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ بىر ماددىسى قىلىپ داۋراڭ سالغان شېڭ شىسەي،1944-يىل 9-ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئايرۇپىلان بىلەن 80 نەچچە ساندۇق ئالتۇن - كۆمۈش ۋە ئېسىل بۇيۇملارنى ئېلىپ چۇڭچىڭغا راۋان بولدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرى 180 نەچچە ماشىنىغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان توپلىغان بايلىقلىرىنى بېسىپ ئېلىپ كەتتى.
         شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا رەئىس بولغان ۋۇجۇڭشىن 1944-يىل10-ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولدى. شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، دىنىي خۇراپاتلىقنى كۈچەيتتى، مىللەتلەر ئارىسىغا زىدىيەت سالدى. شىنجاڭنى تۈزەيمەن دەپ قالايمىقانچىلىققا سەۋەبچى بولدى. سىياسىي جەھەتتە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ئىزىلىشكە ئۇچىرىغان،ئىنسانىي ھوقۇقتىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان شىنجاڭ خەلقى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. مىللىي زۇلۇم،ئىزىلىش،ئېكسپىلاتاتسىيە،ھوقۇقسىزلىق، باراۋەرسىزلىك چىكىدىن ئاشتى،خەلقنىڭ چىداشقا تاقىتى قالمىدى. ھەر مىللەت خەلقى ئويغۇنۇشقا باشلىدى،ئىزدەندى ، ئاخىرى قوراللىق ئىنقىلابنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ بىردىن - بىر يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ۋاقىتتا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق شارائىت مەۋجۇت ئىدى. يەنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئۆز تېرىتورىيىسىدىن گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ،شەرقىي ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنى ئازاد قىلغان ۋە گېتلىر گېرمانىيىسى تېرىتورىيىسى ئىچىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان، شەرقتە بولسا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى تىنچ ئوكياندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغان، مەملىكىتىمىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بەزى تايانچ بازىلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھۇجۇم باشلانغان ۋاقىت ئىدى. بۇنداق ياخشى ۋەزىيەت ئۈچ ۋىلايەت ۋە پۈتۈن ئۆلكىدە يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئوبدان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە 1944- يىلى 4- ئاينىڭ 9-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە << ئازادلىق تەشكىلاتى>>قۇرۇلدى. 1944-يىلى 5-ئايدا ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدا << ئالتاي قازاق مىللىتى گۈللىنىش ھەيئىتى>> قۇرۇلدى . شۇ يىلى 5- ئايدا ئابلىمىت ھاجىيوف، مەتنىياز قارى ئەيسابايوف،ئابلىز راخمانلارنىڭ ئايرىم -ئايرىم رەھبەرلىكىدە چۆچەكتە 3 جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ،كېيىن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدە<< مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەشكىلاتى>> بولۇپ بىرلەشتى. 1944-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا ئابلىمىت ھاجىيوف بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىغا كىرىپ،ئابدۇللا رامازانوف(مەنسۇر روزى) نىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قاراباستاۋدا قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلدى. شۇ يىلى 5- ئايدا يەنە دۇبېڭ چالغىنبايوف ، بالقاش ئالىم غازى قاتارلىق قازاق زىيالىيلىرى رەھبەرلىكىدە قازاق ياشلىرىنى ئاساس قىلغان جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇلدى. شۇ يىلى 6-ئايدا قاسىمئاخۇن ئىسمائىلوف قاتارلىقلار ئابدۇللا رامازانوف نىڭ ياردىمى بىلەن سوۋېت چېگرىسى ئىچىدىكى بەختى كەنتىدە ئىمىل قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى. شۇ يىلى 7- ئايدا << مۇڭغۇل-قازاق مىللىي ئازادلىق كومىتېتى>> قۇرۇلدى ۋەھاكازالار.

    يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلار ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدىلا مەيدانغا كېلىپلا قالماستىن،يەتتە ۋىلايەتنىڭ كۆپ جايلىرىدىمۇ تەشكىللەندى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇش يولىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. نۇرغۇن يولداشلار ئىنقىلاب يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلدى. ئۇلارنىڭ نامى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى. مەن بۇ ماقالەمدە ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدىكى قىسمەن يەر ئاستى تەشكىلاتلىرى ئۈستىدە توختالدىم. يەتتە ۋىلايەت دائىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرى ئۈستىدە توختالمىدى.


ئازادلىق تەشكىلاتى

         مەن يۇقىرىدا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى 3 ۋىلايەت دائىرىسىدە تەشكىللەنگەن قىسمەن تەشكىلاتلارنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۆتتۈم. مەزكۇر تەشكىلاتلار ئىچىدە ئازادلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئورۇن ئىگەللەيدۇ. چۈنكى، ئازادلىق تەشكىلاتى 3ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغۇچى تەشكىلات. تۆۋەندە ئازادلىق تەشكىلاتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

        ئازادلىق تەشكىلاتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھارپىسىدا، 1944-يىلى4-ئاينىڭ 9- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلات 12 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ،ئۇلار: ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى،ئېلىخان تۆرە،رەھىمجان سابىر ھاجىيوف ، جانى يولداشوف،نۇردىن بەك، ئابدۇرائوپ مەخسۇم ئىبراھىمى، سالىجانباي باباخان،مويدىن ئەخمىدى، مەمەتجان مەخسۇم، زۇنۇن تىيىپوف،ئۆمەرجان پىرمۇھەممەتلەر ئىدى. تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئىلىخان تۆرە بولدى.بۇ تەشكىلات تەركىبىدە ئابدۇكېرەم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق ئىلغار ئىدىيىلىك ئىنقىلابىي زىيالىيلار بولۇش بىلەن بىللە ، يەنە دىنىي زاتلار، چوڭ يەر ئىگىلىرى، سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. تەشكىلات ئەزالىرى ئىدىيىلىكلەر بولۇش بىلەن بىللە، پان تۈركىست، پان ئىسلامىست، تار مىللەتچىلەرمۇ بار ئىدى. ئازادلىق تەشكىلات تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى شۇ زامان، شۇ ماكاندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، دۇنيا قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن جاھانگىرلىك، بيۇروكرات كاپىتالىزىم ۋە فېئودالىزىمنىڭ جۇڭگودىكى مەركەزلىك ۋەكىلى بولغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەش ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەنىدى.

         ئازادلىق تەشكىلاتى ئۆز ئالدىغا تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى قويدى:

         1) شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تەشۋىقات، تەرغىبات ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ئىنقىلاب قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە قاتناشتۇرۇش؛

        2) ئىلى ۋىلايىتىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىش؛

        3)پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئەركىن، ئازاد ۋە دېموكراتىك ئۆلكە قۇرۇش.

       ئازادلىق تەشكىلاتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھارپىسىدا ئىنقىلابنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى، جۈملىدىن تەشۋىقات-تەرغىبات خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئېلىپ باردى. ئابدۇكېرەم ئابباسوف ياشلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە تەرغىبات ئېلىپ باردى. ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە تۈرلۈك سورۇنلار ۋە بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇنبىرىدىن پايدىلنىپ،مىللىي ئازادلىق ۋە دىنىي تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشقا باشچىلىق قىلدى. ئېلىخان تۆرە  دىن، تارىخ، مىللىي تىبابەت جەھەتتە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە، ئاتاقلىق ناتىق كىشى ئىدى. ئۇ، نۇتۇق سۆزلىگەندە ياش-قېرى، ھەر ساھە ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلالايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئامما ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىدى .


        1944 -يىلى 8-ئايدا، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن نىلقا پارتىزانلىرى قوشۇنى تېزلىك بىلەن كېڭىيىپ ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ،7-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ،11- نويابىر كۈنى غۇلجاڭ شەھىرىنى ئازاد قىلدى. ئازادلىق تەشكىلاتى پارتىزانلار ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.12-نويابىر كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 16 ئەزادىن تەركىب تاپتى. بۇلارنىڭ توققۇز نەپىرى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى مۇھىم ئورۇنلارنىمۇ ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىگىلىدى. جۈملىدىن:
      ئېلىخان تۆرە - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى،قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى، مىللىي ئارمىيە مارشالى.
     ئابدۇ كېرەم ئابباسوف- ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
     ئابدۇرەئوپ مەخسۇم ئىبراھىمى - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باش كاتىپى.
     رەھىمجان سابىر ھاجىيوف - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
     مۇھەممەتجان مەخسۇم - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئالىي سوت باشلىقى.
     جانى يولداشوف - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى .
     سالىجانباي باباخان -  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يەر-سۇ نازارىتىنىڭ نازىرى.
     قاسىمجان قەمبىرى - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
    مويدىن ئەخمىدى - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى (قاسىمجان قەمبىرى باشقا خىزمەتكە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن).
    نۇردىن بەك - ئېلىخان تۆرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى.
    ئۆمەرجان پىرمۇھەممەت - 1944-يىلى ۋاپات بولدى.
     ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى پەقەت 12 كىشى بىلەنلا چەكلەندى. ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۆز تەشكىلىنى كېڭەيتمىدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى توختىدى.


ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى

             3 ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ۋە مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئىلى، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى ئارقا - ئارقىدىن ئازاد قىلىپ ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1945-يىلى 9- ئايدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنۈلۈش قىسىملىرى ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇردى.

            ئۈچ ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭ ئەكسيەتچىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد بولدى. خەلق ئەركىن نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. ئىنقىلاب غەلبىسى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى بولغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى يولغا قويۇش، ۋەيران بولغان مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، پۇل -مۇئامىلە ، بانكا، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ئامما ئىچىدە خۇسۇسەن ياشلار ئارىسىدا تەربىيىۋى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىشى زۆرۈر ئىدى. بۇلارنى رەھبەرلىكى بولغان ھالدا ، پىلانلىق قەدەممۇ - قەدەم ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى . ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ كەلگەن، ئۈچ ۋىلايەتمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس ئىدى . ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىلەرنى  ئورۇنداش ئۈچۈن ياشلارنى تەربىيلەش ، تەشكىللەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان  ياشلىق كۈچىدىن پايدىلنىش، ياشلارنى تەشكىللەپ ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان،تەشكىللەيدىغان ۋە تەربىيلەيدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى.مۇشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تەييارلىقلاردىن كېيىن ،1945-يىلى 15-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرى ۋالىي مەھكىمە كۇلۇبىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى(ئەسلى نامى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى)نى تەسىس قىلىش مەجلىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تەنتەنىلىك مەجلىسىكە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرى، جامائەت ئەرباپلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى،ئوقۇتقۇچىلار، مىللىي كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە ياشلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ تەنتەنىلىك تەسىس مەجلىسىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى تەسىس قىلىنىپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى ۋە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرى جاكارلاندى. رەئىس ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مۇئاۋىن رەئىس سەيدۇللا سەيپۇللايوف بولدى. ئەزالىرى سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف ، ئەنۋەر خانبابا، بۇقارا تىشقانبايوف، ئابدۇللا زاكىروفلاردىن تەركىب تاپتى.

              ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەشكىلى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلدى. نىزامنامە تۈزۈلۈپ مەركىزىي كومىتېت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت ئاپپاراتلىرى تەشكىللەندى. ئابدۇللا زاكىروف باش كاتىپلىققا، زىيا سەمىدى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىقىغا، داۋۇت ئاخۇن مالىيە بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

             ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئامما ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. ياشلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى جىددىي تەلەپ قىلدى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئەزالىققا كىردى. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەممە يېزا قىشلاقلىرىدا مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا باشلانغۇچ تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن ئۈچ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن 27 كومىتېتلار تەشكىل قىلىندى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى ئابلىمىت ھاجىيوف، ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى مۇقاش جەكە، ھەربىي كومىتېت رەئىسى توختى ئىبراھىم بولدى. ئىلى ۋىلايىتىدە ۋىلايەتلىك كومىتېت تەشكىل قىلىنماي، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مەركىزىي كومىتېت بىۋاستە تۇتتى.


    ئىنقىلابچىلا ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئىچىدە ئىناۋىتى يۇقىرى بولغانلىقى ۋە ياشلار قىزغىن قوللىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تېزلىكتە كۆپەيدى ھەمدە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ بىردىن -بىر ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالار سانى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 14 مىڭدىن ئاشتى. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى تەشكىل قۇرۇلۇشىنى ۋە ئاپپارات خىزمەتچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ياشلارغا بولغان تەربىيە ۋە تەشۋىقات - تەرغىبات ئىشلىرىنى چىڭ تۇتتى. شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسىي دۈشمەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بولغانلىقى ھەمدە ئۆلكىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، تىخ ئۇچىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىتىش لازىم ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پان ئىسلامىزىم ، پان تۈركىسىزىم  ۋە تار مىللەتچلىككە قارشى تەشۋىقات - تەرغىبات خىزمەتچلىرىنىمۇ كۈچەيتتى. ئىنقىلاب مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بەزى خاتالىقلارنى جۈملىدىن، خەنزۇلارغا قارىتا مۇناسىۋەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى ۋە بۇ جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىنقىلابىي ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياشلارنى خەلق ئىگىلىكى، مەدەنىي - مائارىپ، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلەرگە سەپەرۋەر قىلدى. ئۆلكىدە سايلام يۈرگۈزۈلگەن ۋاقىتتا دېمۇكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. خەلق سۆيگەن ئادەملەرنى سايلاش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. ئالتايدا ئوسمان باندىت ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ياشلار كومىتېتى ياشلاردىن 200 نى ئاتلاندۇرۇپ جەڭگە قاتناشتۇردى. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ نەشىر ئەپكارى سۈپىتىدە ئايلىق ‹‹ كۈرەش›› ژۇرنىلىنى نەشر قىلدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ياشلار كومىتېتى 1948-يىلى 7- ئايدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئايلىق ئورگان ژۇرنىلى ‹‹ ئىنقىلابىي ياشلار›› نى نەشىر قىلدى.
            1946-يىلى ئەخمەتچان قاسىمى  باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، مەنمۇ خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈش بىللە كەلگەنىدىم. شۇ يىلى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى ئۈرۈمچىدە ئۆز تەشكىلىنى قۇرۇش توغۇرلۇق قارار قوبۇل قىلىپ ، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى. مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەھۋال ئۇقۇشقاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار ياشلاردىن بىر قانچىسىنى چاقىرىپ ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۈرۈمچىدە ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىنى قۇرۇش توغۇرسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. سۆھبەتكە قاتناشقانلار بۇنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەپسۇسكى ، سۆھبەتكە قاتناشقانلارنىڭ بىرى بۇ خەۋەرنى سوۋېت كونسۇلخانىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسولى ئادىلبېك ئولمەسوف ماڭا ئۈرۈمچىدە ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىنى قۇرماسلىقنى ، بۇنىڭ ۋەزىيەتكە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا سوۋېت تەرەپ ھەممە ئىشلارغا ئارلىشاتتى . ئۇلارنىڭ قىلما دېگەن ئىشىنى قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۈرۈمچىدە ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىنى يوشۇرۇن قۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىدى.
            ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى 1947- يىلى 1- ئايدا 1- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتايدا ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھېسابات دوكلاتى بېرىلدى، نىزامنامىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى، يېڭى ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېت سايلاپ چىقىلدى. ئۇلار سەيدۇللا سەيپۇللايوف( رەئىس)  ، خۇسەيىن سىيابايوف( مۇئاۋىن رەئىس) ، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، ئەسئەت ئىسھاقوف، ئابدۇللا زاكىروف، بۇقارا تىشقانبايوف، ياقۇپبەگ، مىنى جاماللار.

     بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ يەتتە ۋىلايەت دائىرىسىدە ئاشكارە خىزمەت ئېلىپ بېرىشىنى قارار قىلىپ، بۇ توغۇرلۇق بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويغانىدى. بۇنىڭغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى گومىنداڭ تەرەپ قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن جاۋاپسىز قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلىابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىنى يەتتە ۋىلايەت دائىرىسىدە قۇرۇشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەمما ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ نامى پۈتۈن ئۆلكىگە تارقالدى. ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ ئۈچ ۋىلايەت بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى .
         ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى 1948-يىلى 1- ئاۋغۇستقا قەدەر داۋاملاشتۇردى.ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خۇسۇسەن ، ياشلارنى تەشكىللەش ۋە ئۇلارنى ئىنقىلابىي ئىدىيە بىلەن تەربىيلەش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىشلارنى قىلىپ، تارىخىي ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلدى. شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز پائالىيىتىنى توختۇتۇپ ئىتتىپاق بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. كېيىن ئىتتىپاق رەھبەرلىكىدە ياشلار بۆلۈمى قىلىپ تەشكىل قىلىندى.


خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى

شىنجاڭدا سوېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان ياكى سوۋېت تەسىرى سىڭگەن،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان ئىلغار ياشلار ئاز ئەمەس ئىدى. ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى ئالغان ھەم سوۋېت تەسىرى سىڭگەن ئىلغار ياشلارنىڭ ناماياندىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئىدى. ئابباسوف ماركىسىزملىق دۇنيا قاراش تىكلىگەن، مول سىياسى بىلىمگە ئىگە ، يىراقنى كۆرەر،ۋەتەن ئىستىقبالى ئۈچۈن قايغۇرىدىغان خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان،ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولۇشتىن قورقمايدىغان مىللىي قەھرىمان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈچلۈك قەلەم ئىگىسى، ناتىق،ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەرغىباتچىسى ۋە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۆزى قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈپلا قالماستىن ، باشقىلارنىمۇ ئۆگۈنۈشكە دەۋەت قىلاتتى. يولداش ئابدۇكېرەم ئابباسوفنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن بىز مەخپى ماركىسىزم ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى، پەلسەپە ئۆگۈنۈش گۇرۇپپلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۆگۈنۈش ئېلىپ باردۇق .بۇنىڭغا قاتناشقان يولداشلار ماركىسىزم نەزەرىيىسىنى زور قىزغىنلىق بىلەن ئۆگۈنۈپ ، ئۇنى ئىنقىلابىي ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنىشنى مەقسەت قىلاتتۇق. ئەمما ، بىزنىڭ ئۆگۈنۈشلىرىمىز ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى.ئىككى تەرەپتىن توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدۇق . بىر تەرەپتىن ، رەھبەرلىك تەركىبىدىكى روھانىلار، فېئودال پومېسچىكلار، باي سودىگەرلەر قارشى چىقتى. چۈنكى ، ئۇلار ماركسىزم-لېنىنىزم دىننى يوقىتىدۇ، خۇسۇسىي مۈلۈكنى يوقۇتىدۇ،دەپ قورقاتتى.يەنە بىر تەرەپتىن ،سوۋېت تەرەپ توسقۇنلۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ باناسى ۋەزىيەتكە توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. بۇ خىل بېسىم ئاستىدا ماركىسىزم – لېنىنىزمنى ئاشكارا،تەشكىللىك ھالدا ئۆگىنىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق.

    بىز ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئىنقىلاب قىلىش ئۈچۈن، ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. گەرچە ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى بولسىمۇ، بۇ ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، سىياسىي پارتىيە ئەمەس ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە كەڭ تارقالغان، كۆپلىگەن ئەزاغا ئىگە بولغان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بولۇشى لازىم ئىدى. ئاخىرى يولداش ئابدۇكېرەم ئابباسوفنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن پارتىيە قۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. ئابدۇكېرەم ئابباسوف باشلىق يەتتە كىشى مەسلىھەتلىشىپ،

1946-يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى پارتىيىنى تەسىس قىلدۇق. بۇ شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان كوممۇنىستىك خاراكتېرگە ئىگە سىياسىي پارتىيە ئىدى. مەزكۇر پارتىيىنى شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتتا ئاشكارە تەشكىللەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا پارتىيە مەخپىي قۇرۇلدى.پارتىيەنىڭ نامى ئۈستىدە كۆپ ئويلاندۇق. ئاخىرى گەرچە پارتىيىمىز كوممۇنىزم خاراكتېرلىق بولسىمۇ، كوممۇنىستىك پارتىيە دەپ ئاتىماي ۋەزىيەت ئېتىبارى بىلەن خەلق ئىنقلابىي پارتىيىسى دەپ نام بېرىش قارارىغا كەلدۇق. قىسقارتىپ ئادەتتە‹‹ خ.ئى.پ›› دەپ ئاتىدۇق، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپتى. ئۇلار: ئابدۇكېرەم ئابباسوف( رەئىس) ، سەيپىدىن ئەزىزى، ئەسئەت ئىسھاقۇف، سەيدۇللا سەيپۇللايوف، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، ئەنۋەر خانبابا، ئابدۇللا زاكىروفلار ئىدى. مەخپىيەتلىك ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ھەر بىرىمىزنىڭ مەخپىي ئىسىملىرى بار ئىدى.ئابدۇكېرەم ئابباسوف(لۇتفى) ، سەيدۇللا سەيپۇللايوف( ئېلدان)، سەيپىدىن ئەزىزى(نۇر)، ئەسئەت ئىسھاقۇف(ئىجات)،مۇھەممەتئىمىن ئىمىنۇف(نىجات)، ئەنۋەر خانبابا( چولپان)، ئابدۇللا زاكىروف( ئىلغار)  ئىدى. بۇ ئىسىملارنىڭ باش ھەرىپىنى قوشقاندا «لېنىنچى» دېگەن سۆز ھاسىل بولاتتى. بۇ سۆزدىن پارتىيىمىزنىڭ خارەكتىرىنى بىلگىلى بولاتتى.


بىزدە پارتىيە قۇرۇش توغۇرلۇق كۈچلۈك ئارزۇ ، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ياشلىق قىزغىنلىق بار ئىدى. ئەمما، پارتىيە قۇرۇش تەجىربىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى تۈزۈشتە كۆپ ئىزدەندۇق. ئاساسەن سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى، نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قۇرۇشقا دائىر ماتېرياللىرىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ تۈزۈپ چىقتۇق. بۇنى مەركىزىي كومىتېتىدا چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن قوبۇل قىلدۇق .نۆۋەتتە دېموكراتىك ئىنقلاب ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئارقىلىق سوتسيالىزىم قۇرۇش ، ئاخىرقى مەقسىتىمىز كوممۇنىزىم قۇرۇش ئىدى. تەبىئىيكى، بىز تۈزگەن پروگرامما،نىزامنامىلىرىمىز خاتالىقلاردىن خالىي بولۇش تەس ئىدى.پارتىيە پروگراممسىدىكى ئاساسىي خاتالىق، پروگراممىدا شىنجاڭدا ياللانما ۋە كەمبەغەل دېھقانلارغا تايىنىپ ئىنقىلاب غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ شىنجاڭدا ئىشچىلار سىنىپى مۇستەقىل سىنىپ سۈپىتىدە تېخى مەيدانغا چىقمىدى، دېگەن تونۇشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىمىز دەپ، ئىنقىلابنى ياللانما ۋە كەمبەغەل دېھقانلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىزنىڭ پارتىيىمىز كوممۇنىستىك خارەكتېردىكى پارتىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، پرولېتارىيات ئىدىئولوگىيىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىشى، پرولېتارىيات سىنىپىغا تايىنىپ ئىنقىلاب قىلىش شەرت ئىدى.

     پروگراممىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بىر مەسىلە، شىنجاڭنىڭ تەغدىرى مەسىلىسى ئىدى. شىنجاڭ مەسىلىسى شىنجاڭ خەلقى ئازاد بولغاندىن كېيىن،خەلقنىڭ رايى بويىچە بىر تەرەپ قىلىندۇ، دېگەن مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ ھەقتە مۇزاكىرە بولغاندا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف شارائىت ئېتىبارى بىلەن مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى قويمايمىز، جۇڭگو رەھبەرلىكىدە بولۇش مەسىلىسىنىمۇ قويمايمىز،دەپ ئىزاھات بەرگەنىدى(خەلقچىل ئىنقىلابى پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى). خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى قۇرۇلۇپ پروگرامما ۋە نىزامنامە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزئارا خىزمەتمۇ تەقسىم قىلىۋالدۇق. ئابدۇكېرەم ئابباسوف پارتىيەنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى .سەيپىدىن ئەزىزى تەشۋىقات ئىشلىرىغا،ئەسئەت ئىسھاقوف تەشكىلي ئىشلارغا، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ھەربىي ئىشلارغا ، سەيدۇللا سەيپۇللايوف دېھقانلار خىزمىتىگە ، ئەنۋەر خانبابا مائارىپ خىزمىتىگە، ئابدۇللا زاكىروف كاتىبات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

بۇ چاغدا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر كۆپ ئىدى. پارتىيىمىز مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەت ئىشلەش ئوڭاي ئەمەس ئىدى. خىزمەتنى دادىللىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. لېكىن بىزدە ئوبدان بىر شارائىت- ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بولۇشى ئىدى. بىز كۆپ ئىشلارنى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئارقىلىق قىلدۇق.ئەينى ۋاقىتتا بىز ھەممىمىز دېيەرلىك ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىدۇق. بىز ئالدى بىلەن تەشكىلىي خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتتۇق .پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا دەسلەپتە ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچىلىك ، سىنالغان، ئەڭ ئىلغار ئەزالىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەخپىي ھالدا بىر-بىرلەپ ئەزالىققا قوبۇل قىلدۇق. ئەزالار پارتىيە پروگراممىسىنى ۋە نىزامنامىسىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى ، مەخپىيەتلىككە قەتئىي رىئايە قىلىشى لازىم ئىدى.  پارتىيىمىزنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىنمۇ مەخپى تۇتتۇق. چۈنكى سوۋېت تەرەپ خەۋەردار بولغاندا، مەخپى پارتىيەنىڭ ۋەجۇت بولۇپ تۇرۇشى رۇخسەت قىلىنمايتتى. ھەقىقەتەن ئۆتكەنكى تەجىربىلەر بىزنى شۇنداق تونۇشقا ئىگە قىلغان ئىدى.ئەپسۇسكى كۆپ ئۆتمەي سوۋېت تەرەپنىڭ قورغاس چېگىرىسىدىكى رازۋېتكا ئورنى پەخپىي پارتىيە قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، بۇنى موسكىۋاغا مەلۇم قىپتۇ. بۇ ھەقتە موسكىۋا سوۋېتنىڭ غۇلجا شەھەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىن سۈرۈشتۈرگەندە ، كونسۇلخانا بۇنداق ئەھۋال يوقلۇقىنى مەلۇم قىپتۇ. غۇلجا كونسۇلخانىسى ھەقىقەتەن بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى. بۇنىڭ بىلەن غۇلجا كونسۇلخانىسى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇناسىۋەت يىرىكلەشتى. كونسۇلخانىدىكى ئايرىم خادىملار پارتىيىمىز ئۈستىدە بەزى ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتتى. ئەمما موسكىۋا پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن،غۇلجا كونسۇلخانىسى ئامالسىز قالدى.ئاخىرى بىز مەسلىھەتلىشىپ موسكىۋاغا خەۋەر قىلىشنى ماقۇل كۆردۇق.پارتىيىمىزگە ۋاكالىتەن ئابدۇكېرەم ئابباسوف بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى ئۈچ ۋىلايەت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل، ئارىلاپ-ئارىلاپ غۇلجىغا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان باش مەسلىھەتچىگە پارتىيىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. باش مەسلىھەتچى پارتىيىمىزنىڭ مەخپىي ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى ۋە ئېھتىيات بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ماقۇل بولدى ھەمدە بۇ ھەقتە موسكىۋانى خەۋەرلەندۈرمەكچى بولىدى.

    بىز ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ ياچېيكىلارنى تەشكىللىدۇق. ئەھۋالغا قاراپ تەدرىجى ھالدا ناھىيىلىك، ۋىلايەتلىك كومېتىتلارنى قۇردۇق. ئەزالارنىڭ ماركىسىزم – لېننىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇق. جەمئىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندۇق. خۇسۇسەن سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆگىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. چۈنكى، ئۆلكە دائىرىسىدىن ئالغاندا سىياسىي كۈرەش كەسكىن ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدىن ئالغاندىمۇ، گەرچە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بولسىمۇ لېكىن، ھەر خىل ئىدىيىۋى ئېقىملىرى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش كەسكىن ئىدى.شۇڭا ئامما ئارىسىدا ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ، تەرغىبات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتۇق. خاتا ئىدىيە ئېقىملىرىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردۇق. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى ھەرخىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلدۇق ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلدۇق.

  1946- يىلى 1- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرسىدا 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلدى. شۇ يىلى 1- ئىيۇلدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى. چۈنكى ، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى. گەرچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولۇپ، سىياسىي كۈرەش كەسكىن ئىدى.بىتىم بويىچە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  جىددىي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلەتتى. يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا سايلام ئۆتكۈزۈش ئوڭايغا چۈشمىدى.گومىنداڭ تەرەپ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ،زوراۋانلىق قىلىپ ئۆز كىشىلىرىنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقارماقچى بولدى.شۇڭا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا جىددىي زىدىيەت تۇغۇلدى. ھەتتا، بەزى ناھىيىلەردە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. مەسىلەن، 1946-يىلى 12-ئايدا ، كىرىيە ناھىيىسىدە سايلام ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ۋاقىتتا، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەربىيلەر مەجلىس مەيدانىغا ئوق ئېتىپ تۆت ئادەمنى ئۆلتۈردى. كۇچادا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ھەربىيلىرى داۋۇت ۋاڭنى سايلاشقا نارازى بولغان ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، سايلام ئورنىدىلا 7-8 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئاقسۇدا ھاكىملىققا ۋە ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشكە سايلىنىدىغان ئىلغار ياشلار  ۋە دېموكراتىك زاتلاردىن 10 نەچچە ئادەمگە نەشە چەكتى، قىمار ئوينىدى دېگەن جىنايەتنى توقۇپ ، 1946- يىلى 10-ئايدا قولغا ئالدى. يەكەن ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئابدۇسالام سايلامغا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى قارشى ئېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ، جۇفاڭگاڭ( يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى) ئۇنىڭغا خىيانەت قىلدى دەپ تۆھمەت چاپلاپ، قولغا ئېلىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى ۋە باشقىلار. شۇنداق بولسىمۇ، خەلق كۈچى غالىپ كەلدى. كۆپ جايلاردا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا سايلاندى.

  1946-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ مىللىي قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. ۋەكىللەر ئىچىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفمۇ بار ئىدى. بۇ خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان پۇرسەت بولدى. خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى مەركىسزىي كومىتېتى قارار قوبۇل قىلىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفقا نەنجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنى تېپىپ ئالاقە باغلاشنى ، ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىشنى ، تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف نەنجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئامال قىلىپ، يۇيورىننىڭ ۋاستىسى بىلەن مەخپىي ھالدا جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىييۇەن يېڭى مەھەللىدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى دوڭ بىۋۇ بىلەن ئىككى قېتىم (1-قېتىم 46-يىلى12-ئاينىڭ 5-كۈنىدە،2-قېتىم46-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدە) كۆرۈشۈپ، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزىدۇ. خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئەھۋالىنى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەھۋالىنى، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى،گومىنداڭ تەرەپنىڭ بىتىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى دوكلات قىلىدۇ ۋە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇلار يوللىغان خەتنى دوڭ بىۋۇغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوف خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر تەشكىلى دەپ قوبۇل قىلىشنى، خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى مەسئۇللىرىدىن 11 كىشىنى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قوبۇل قىلىشنى،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن كادىر ئەۋەتىشىنى، ئالاقە باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ۋە راتسىيە ئاپپاراتى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يولداش دوڭ بىۋۇ ئابدۇكېرىم ئابباسوفنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. شىنجاڭ ۋە پارتىيىمىزنىڭ ئەھۋاللىرىنى قىزىقىش بىلەن ئاڭلايدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىگە مەركەزگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ھەقتە مەركەزگە تېلېگىرامما يوللايدۇ. مەركەز ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، تېلېگىرامما تېكىستىنى جۇئىنلەي يېزىپ، ليۇشاۋچى ئىمزا قويۇپ، دوڭ بىۋۇغا جاۋاب تېلېگىرامما قايتۇرىدۇ. دوڭ بىۋۇ ئابدۇكېرىم  ئابباسوفقا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئەھۋاللارنى تەھلىلقىلىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ تولۇق غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييار تۇرۇش، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تايانچ بازىلىرىنى زور كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش، ئىنقىلابى تەشكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىنقىلابنىڭ خارەكتېرى دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە قىممەتلىك يوليورۇقلارنى بېرىدۇ. ماۋجۇشى، ليۇشاۋچى ئەسەرلىرىنى ، پارتىيە نىزامنامىسىنى، 7- قۇرۇلتاي ماتىرياللىرىنى تەقدىم قىلىپ، بۇلارنى ئۇيغۇرچە ، قازاقچىغا تەرجىمە قىلىپ، پايدىلنىشقا تاپشۇرىدۇ. ئالاقە باغلاش ئۈچۈن پېڭ چاڭگۇي ( پېڭ گوئەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شىنجاڭدىكى مەخپى ئىسمى ۋاڭ نەندى) دېگەن ئادەم بىلەن بىر راتسىيە ئاپپاراتى قوشۇپ بېرىدۇ.

     1947-يىلى ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا نەنجىڭدا يولداش دوڭ بىۋۇ بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە تولۇق دوكىلات بەردى.يولداش ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ پىرلىشىشىنى ، يېڭىدىن پارتىيە پروگراممىسىنى ۋە نىزامنامىسىنى ئىشلەپ چىقىشنى ، پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەشنى قارار قىلدى.

تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 14:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى  تىمىكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-9-8 09:34 , Processed in 0.188907 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش