1131| 1
|
ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى |
|
ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى ماھىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاسناھىيىسىنىڭ بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجاشەھەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسىكەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ماتا توقۇشخانىدا ياللانما بالائىشچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1945 - يىلى 1 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن توي قىلغانﻫھەمدە بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن . 1947 - يىلى 6 - ئايدا ئىنقىلابقا رەسمىيقاتناشقان ، ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەخسىي كاتىپى بولغان . 1947 - يىلى 8 - ئايدا ، شىنجاڭ بىرلەشمە ﻫۆكۈمىتى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىلىغا قايتقان . 1948 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتا "شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ﻫھىمايە قىلىشئىتتىپاقى" قۇرۇلغاندا ئاياللار ﻫھەيئەتلىگىنىڭ دائىمى ئەزاسى بولغان . 1949 - يىلى يولدىشى ئەخمەتجان قاسىمى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ماھىنۇر قاسىم ئەخمەتجانقاسىمىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، تېخىمۇ كۆتىرەڭگۈ روھ ۋە جاسارەت بىلەنيېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغان ، ۋە شۇنداقلا ئاستا - ئاستا ﻫھەردەرىجىلىك رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . ماھىنۇر قاسىم 1951 - يىلى شىنجاڭ غۇلجا ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىنمۇدىرى ، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەسمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان . 1952 - يىلى شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىغى بولغان . شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن . 1953 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ﻫھۆكۈمەت ئىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان . 1954 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىۋىدە ئوقۇغان . 1955 - يىلى 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ﻫھەيئەت ئەزاسى بولغان . ۋەشۇ يىلى جوڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 1- نۆۋەتلىك ۋەكىللەرقۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان . 1959 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە 1- ، 2- ، 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇمرايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان . 1966 - يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ، 1973 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولغان . 1978 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە قايتىپ ، بىرلەشمىنىڭپارتگۇرۇپپا شۇجىسى ، مۇدىرى بولغان . 1978 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6-، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاياللاربىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان . 1978- يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6- ، 7- ، 8 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان . 1984 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 3 - نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ ﻫھەيئىتىبولغان . 1988 - يىلىدىن ﻫھازىرغىچە 7 - ، 8 - ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلمەكتە . 1993 - يىلىدىن ﻫھازىرغىچە 8- ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە . 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 6 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەرقۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان . ماھىنۇر قاسىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ، ئىزچىل تۈردە ئاياللار خىزمىتى ، بالىلارخىزمىتى ۋە ئائىلە خىزمىتىنى ئۈن - تىنسىز ، باش چۆكۈرۈپ ، جاپاغا چىداپ ، قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە . 1982 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار تەرەققىياتمەركىزىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات فوندىجەمىيىتىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئائىلە تەربىيىسىنى ئىلگىرىسۈرۈش جەمىيىتىنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلىگەن . 1991 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئاياللار - بالىلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش كومېتىتى مەملىكەتبويىچە "جوڭگو بالىلار خىزمەتچىسى" دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى . ماھىنۇر قاسىم 1995 - يىلى ئامىرىكا مەشۇر شەخسلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى چىقارغان 1994-1995- يىللىق يىلنامىسىنىڭ "دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر كىشىلەر" دېگەن قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى . جوڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومېتىتى 2002 - يىلق ماھىنۇر قاسىمغا "نېيتېڭ شۈۋ چىلاڭ " خەلئارا بالا تەربىيلەش مۇكاپاتى بەردى . مەنبە : "ماھىنۇر قاسىم سۈرەتلىك ئەسلىمە" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-3 12:07 , Processed in 0.220645 second(s), 18 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.