• يېڭى ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى لەززەت تارقىتىلدى - [ئۇسلوب تەمىنلەش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/31626871.html

    بۈگۈن blogbus يېڭى تارقاتقان ئۇسلۇنى كۆرۈپ باقسام خېلى ئوبدان ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقتىم ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ خېلى ئىسكەت كىرىپ قالدى ، ئۇسلۇب ياسىمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. بۇ ئۇسلۇبقا نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلەلمىدىم ، " لەززەت " دىسەك بولارمۇ؟ بلوگ باش قىسمىدىكى چوڭ سۆرەتنى ساقلىۋىلىپ خالىغانچە تەھرىرلىۋالسىڭىز بولىدۇ ، ياكى ئوخشاش چوڭ كىچىكلىكتىكى باشقا سۆرەتنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، CSS تىكى header دىگەن جايدىكى سۆرەت ئادىرسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ . يازما تېمىسى يېنىدىكى نان سۆرىتىنى باشقا سۆرەتكە ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ ، Css تىكى post-header h2 دىگەن جايدىكى سۆرەت ئادىرسىنى ئۆزگەرتىسىز. ئۇندىن باشقا بۇ ئۇسلۇبقا چىراي ئىپادە ، باش سۆرەت دىگەنلەرنى قوشمىدىم ، قوشۇشنى خالىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك يازمىلېرىمنى كۆرۈپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ ، فونت يوق كومپيۇتېردا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى ئۈچۈن eot ئىشلەيسىز ، بۇ جەرياننىمۇ مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن كۆرۈڭ. ھەرقانداق تەكلىپ پىكرىڭىز بولسا تۆۋەندە ئىنكاس قىلىڭ.

     

    بۇ يەرنى بېسىپ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈڭ

    分享到: