• بىلوگ ھەققىدە چۈشەنچە Blog - [بوشلۇق(blog) بىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31626689.html

    بىلوگ Blog سۆزى Weblog (تور كۈندىلىك خاتىرىسى) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى. بىلوگ دىگەن بۇ ناتونۇش سۆزنىڭ خەنزۇچىسى博客بولۇپ، 博客سۆزى جوڭگۇ بىلوگى تورىدىكى ۋاڭ جۈن شيۇ ئىجاد قىلغان. Blog نى تور دۇنياسىدىكى يىڭى شەيئى دىيىشكە بولىدۇ. ئەڭ يېڭى نەشر قىلىنغان ئىنگىلىزچە لۇغەتتىنمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تېخى تاپالمايمىز، لىكىن بۇ سۆزنى Weblog ( تور كۈندىلىك خاتىرسى ) نىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى دىيىشكە بولىدۇ.

    بىلوگنىڭ ئىنگىلزچە يىزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. ( ئادەمگە قارىتىلغاندا Bloger دىيىلىدۇ ). blog سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچىسى Weblog نىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەرىپىنى ئىلىۋىتىپ قسقارتىپ يىزىلىشىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجات قىلغان

    ئەگەر مۇنبەر( BBS ) نى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلكەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز( 超文本链接) شاخلىما تىكستلىك ئۇلانما،(网络互动 ) تور دېئالوگى، ھەركەتچان يېڭىلانما(动态更正)قاتارلىق ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئېنتىرنىېت دەرياسىدا ئۈزۈپ ، پۈتۈن يەرشارى ئېنتىرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ ئۆزىڭىزنىڭ ( Blog ) قا كىرگۈزىۋىلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋى جەرىيانلارنى ئودۇللۇق خاتىرىلەپ، ئىلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. ئۇنىڭدا ھەرقانداق كىشى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىنى تېزىملىتىش، يېزىش ۋە يوللاش، شەخسىي تور بەتلەرنى قۇرۇش، ئىلان قىلىش ۋە يېڭىلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارالايسىز، شەخسى نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە توختىماي خاتىرە يىزىپ، خاتىرلىرىڭىزنى يىڭىلاپ تۇرالايسىز.

    بىر بىلوگنى بىر تور بەت بولىدۇ. ئۇ قىسقا ئەمما دائىم يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان ( Post) چاپلانا ئارقىلىق بېيىيدۇ ، بۇ چاپلانمىلار يىل، ئاي ، كۈن، تەرتىپىگە بولىدۇ. blog نىڭ مەزمۇنى ھەركىم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يىزىلىدۇ، ئۇنۇڭدا ھەرخىل تور پونكىتى تور بەتلىرىدىن ئېلىنغان مەزمۇنلار يەنى ئۇچۇر، سۈرەت ، شېئىر، نەسىر،ئىلمى ماقالا، ھىكايە ، ئىلمى فانتازىيە قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بولغان بولىدۇ.

    شەخسى Blog نى تور پونكىتلىرىدىن ھەقلىق ۋە ھەقسىز يوسۇندا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتقاندىن كىيىن ئۆزىڭىز خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە مەزمۇنلارنى قاتسىڭىز بولىدۇ، بىلوگ ئۇقۇمى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ. يەنى تەكرار يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ( 频繁更正)، بەت يۈزى ئاددى (简介明了)، خۇسۇسىيلاشقان (个性化 ) بولىدۇ.

    بىلوگ Blog ئىنتىرنىتنىڭ ئەڭ يىڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولوپ، E-mail ، BBS ، ICQ (IM)دىن كىيىن پەيدا بولغان تۆتىنچى ئەۋلات توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى ، يىزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئىلىپ بارىدىغان قەھۋەخانا.

    ئۇيغۇر تورچىلىقى بىر قانچە يىل ئىچىدە مىسلىسز تەرەققىياتقا ئىرىشتى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ھەر كىم ئۆزىنىڭ باشقىلارغا بەرمىگەن، يوشورۇپ تىقىپ قويغان ئەڭ ئىسل ئەسەر، يازما ماقالە، سۈرەت، ئاۋازلىق يوللانما ۋە باشقا نۇرغۇن ئىسل نەرسىلەرنى تىما يوللاش شەكلى ئارقىلق باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەقسز يوللىدى. ھەر بىر تور پونكىتى ئۆزىنىڭ بەت قۇرۇش مۇددىئاسىغا ئاساسەن تەرەققى قىلىپ، مۇئەييەن ئەزالىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. خالىس تۆھپە قوشقىچىلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان ئەڭ بىۋاستە نەشىر شەكلىگە ئايلاندى.

    ھالبۇكى يىزىق ئارقىلىق نەشىر قىلىنىدىغان ژورناللار بولسا ھەر كىم بۇ خىل ئەركىنلىكتىن خالىغانچە بەھرىمان بولالىغان ئەمەس. مۇھەررىرلەرنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرى ، مەتبۇئات ئۆلچەملىرى نەشىر ئەركىنلىكنى تۈزۈم-ئۆلچەم بىلەن چەكلەپ تۇرغاچقا ھەم ئۆزىدىكى چەكلىمە سەۋەبىدىن مۇشتىرى بولغۇچىلار كۈنسايىن ئازلاپ بەزى ژورناللار تاقىلىش گىرداۋىغا بىرىپ قالدى. بىكىنمىچىلىك، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ كونىلىشى، تۈرلۈك ئىجتىمائى كۆز قاراشلار سەۋەبىدىن مەڭگۈ چىقىلمايدىغان تۈمۈر تاۋاققا ئىرىشكەن بىر قىسىم قازان بىشىغا چىقىۋالغانلار ئەسەر ئېلان قىلىشتا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەم قىلمايدىغان، ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ قويىدىغان ئاپتورنىڭ ئەسەر ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلماي، ھەتتا ئەسلى ئورگىناللىرىنى يۈتتۈرىۋىتىدىغان، باستۇرۇپ قويىدىغان، خۇش ياقسا زاپاس ئەسەرلەر قاتارىغا تېقىپ قويۇپ، بىر قانچە يىل قاراڭغۇ تارتمىلاردا ساقلىۋالىدىغان. بەزى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر تارتمىلاردا بېسىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ، ئېلان قىلىنىش قىممىتىنى يوقىتىپ، مەڭگۈ يورۇقلۇققا چىقالمايدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلدى. ژۇرنالچىلىقتىكى بۇخىل ھادىسىلەر ئەلۋەتتە نۇرغۇن يازغۇچى-ئاپتورلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تور ئەدەبىياتىغا ئاغدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. توردا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەۋھۇم ئىسىم بىلەن كىرىپ ئەسەر ئىلان قىلغاچقا، ئوقۇرمەنلەر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلىكتىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەڭ راست- ئەڭ سەمىمىي باھاسىنى، پىكىرى ۋە تەنقىدىنى خۇدۇكماي ،يۇقۇرى تۆۋەن دىمەي ئوتتۇرىغا قويغاچقا گۈللىنىپ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقتى .

    ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك، ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىمىزدە ياخشى ئەسەرلەرنى كۈندىلىك خاتىرلىرىمىزنى، تېما ۋە يازمىلىرىمىزنى، مۇھىم ماتىرىيال قىممىتى بار رەسىم ،ئاۋازلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلەرگە يېزىۋالىدىغان، توپلاپ ساقلايدىغان ئادىتىمىز بار .لىكىن ئۇ رەتلەنمىگەن،چېچىلاڭغۇ ھالەتتە. Blog دا بولسا سىستىما سىزگە رەتلەپ بىرىدۇ . بارلىق ماتىرىياللار مۇئەييەن نام-ئىسىم ئاستىدا ساقلىنىپ قالغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە تورغا كىرىپ ئېچىپ پايدىلىنالايسىز ۋە ساقلاپ قويالايمىز، لىكىن تور پونكىتىنىڭ سېغىمى ۋەباشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى سىزگە مەڭگۈ ساقلاپ بىرەلمەيدۇ، مۇئەللەقتىكى بۇ ھەقسىز بوشلۇقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى مەلۇم دەرىجىدە تور پونكىتىنى باشقۇرۇش ھەيئېتىنىڭ ئېلكىدە بولىدۇ. شۇڭا بەزى چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەمما Blog بېتى خاس ئۆزىڭىزنىڭ بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھۆججەت، سۈرەت، ئاۋاز، تېلېفۇن نومۇرى، كىشى، يەر-جاي ئادرىسى، چاپلانما ۋە ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھوقۇق بىلەن ئۆزىڭىز ساقلاپ قويىسىز، باشقىلار تەھرىرلىيەلمەيدۇ، ئۆچۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئادەتتىكى كۆرەرمەن شەكلىدە ئەينەك سىرتىدا كۆرگەندەك كۆرەلەيدۇ. سىز بارلىق” بايلىقلىرىڭىزنى“ خۇددى قاتتىق دىسكىدا ساقلىغاندەك ساقلاپ قويۇپ، نەگە بارسىڭىز شۇ جايدا ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز. ھەقلىق تىزىملاتسىڭىز ئۇ بىلوگىڭىز قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بىرەر نەرسىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ساقلاپ،لازىم بولغاندا تېلېفۇن بىرىپ ئەكەلدۈرگەندىن كۆرە، تۇرغان يېرىڭىزدىلا بىلوگىڭىزنى ئېچىپلا بىۋاستە پايدىلانسىڭىز نىمە دىگەن ياخشى ، تېخىمۇ ياخشى يېرى بىلوگىڭىزدا ھەممە نەرسە ئىستون بويىچە شۇنداق رەتلىك ساقلىنىدۇ. بىلوگ ھەم شەخسىي تور بېتىڭىز ھەم مۇئەللەقتىكى قاتتىق دىسكىڭىز بولالايدۇ. سىز باشقا يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلانمايمۇ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانما يوللىيالايسىز، قوبۇل قىلالايسىز، باشقىلار سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى سۆز قالدۇرۇش ئىستونىغا سىز توردا بولمىغان ئەھۋالدا سۆز قالدۇرۇپ قويىدۇ. سىز بىلوگىڭىزنى ئاچسىڭىز ئۇ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز ۋە جاۋاب يازالايسىز. بەزى ئىقتىدارىQQ غا ئوخشايدۇ، لىكىن ئۇ بىر تور بېتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇ خەت يازىدىغان قېلىن دەپتەر. سىز توختىماي يېغقان شېرنىڭىزنى ساقلايدىغان ساندۇق. سىز كېيىم ئالماشتۇرغاندەك، بىلوگ بېتىڭىزنى زىننەتلەپ، سۈرەتلەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرالايسىز. سىز قىلغان ھەرقانداق خىيال-تەسەۋۇر Blog دا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

    ئاتالغۇلارغا ئىزاھات;

    بىلوگ( Blog ) توردىكى ھۆججەت خاتىرىسى دىگەن مەنىدە.

    بىلوگېر( Bloger) بىلوگ ساھىبى دىگەن مەنىدە.

     بىلوگىس(Blogs ) بىلوگ بېتىدە ئېلان ساقلانغان ئەسەر دىگەن مەنىدە.

    مەنبە  چىن دوس  بلوگى





    评论

  • ئاداش! ما بلوگ ئۇسلوبىنى ياخشى ئىشلەپسەن، ماڭىمۇ ماۋۇ ناخشا
    قويغۇچ ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈچ دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ كود نى
    ئەۋەتىپ بەرسەنڭ ، مۇشۇ بلوگ باس نىڭكىنى.