• ماسكا تاقىغان ئىتلار - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/31401003.html

    .....
    رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
    ئەسلە ئاپتور : ئۇيغۇرئاي (uyghur-ay)

     مەن ئەكەلگەن مەنبە رېتىم مۇنازىرە مۇنبىرى :
    bbs.retim.cn






    تـــۆۋە.تــــۆۋە
    ما جاھان نىمە بولۇپ كىتۋاتىدۇ دەيمەن! ئاۋۇ خوشنىمىزنىڭ قىزى گۈلنارغا ،ئاپىڭىزنى چاقىرۋىتىڭە قىزىم دىسەم:
    _ ئارزىگۈل ،سېنى خوشنىمىز رازىيە چاقىرۋاتىدۇ دەيدۇ. ئارزىگۈل چىقىۋىدى،
    - قىزىڭ ،ئىسمىڭنى ئاتاپ يۈرۈيدىغۇ دىسەم، ۋاي خوشنام مەن ئەمدى 40 نىڭ قارىسىنى ئالدىم ،قىزىم 20 دىن ئاشتى ئىككىمىز تەڭلا تۇرمىزكەن. شۇڭا چەتئەللىكلەردەك ئىسمىمنىلا ئاتا دىدىم، بوپتىما؟
    _ۋاي بولمامدىغان، تازا كەپتۇ،ئەمدى سىلىمۇ بىرىپ ئاپاڭلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىڭلا ،ماقما؟ دەپ قويۇپ ئاچچىقىمدا يىنىپ چىقتىم.
    بۇ ئادەملەر نىمە بولۇپ كىتۋاتىدىكىن، ئاۋۇ كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىرامىسىدا چىقىدىغان بىر چىرايلىق دوپپا كەيگەن قىز يوقاپ ،ئورنىغا بۇلۇڭدا تىكلەگلىك تۇرغان توبادەكلا بىر قىز چىقىپتۇ. گەپ قىلسا ئىغىزلىرنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ،ئۇيغۇرچىنى خۇددى يېڭى ئۈگەنگەندەك.

    ئىشقا شۇنچە ئالدىرغىنىمغا قارماي ئاپام،شۇنداق ئاستا ھەركەت قىلىپ قاقشىغاچ ماڭا چاي تەييارلاپ بىرۋاتاتتى.
    -ئاپا ،مەن ۋاق قالدىغان بولدۇم، چاينى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان بولدۇڭ مانا .....
    -كەچتە بالدۇراق قايتىپ كەل ئەمسە،ئوخشۇتۇپ مانتا ئىتىپ تۇراي
    -ماقۇل ئاپا.

    ئىككى قەدەمدە بىر پۇتلۇشۇپ ئارانلا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىۋالدىم. ئاياق مايلىغاننىڭ ئەتۋارى يوق بۇ يەردە،غۇدۇڭشىغىنىمچە بىردەمدىلا  ئىسكەتىنى يوقاتقان ئاياققا چاپلىشىۋالغان ئەخلەتلەرنى پۇتلىرىمنى سىلكىپ يىراقلارغا ئاتماقچى بولاتتىم.
    -قىزىم،بىكەتتە ئۇسۇل ئوينىسىڭىز سەت تۇردۇ،ئۆيىڭىزگە بىرىپ ئويناڭ جۇما!
    -كىم ئۇسۇل ئويناپتۇ،ئەخلەت تازلاۋاتىمەن مەن،ھۈرپەيگىنىمچە بىشىمنى كۆتۈردۈم
    ما ئىشنى كۆرۈڭ ،خوشنىمىز ئەيساكامغۇ بۇ. سەل خىجىل بوپ قالدىم. نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغاندا ئاپتۇبۇس كىلىپ قالدى. ھەر ھالدا تەلەيلىككەنمەن.
    ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغىدەك ئورۇن يوق،قارسام ساپلا چوڭلار ئۆرە تۇرغان،بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋىلىشقا ئازلا قالغان بىر نەچچە قىز-يىگىتلەر چوڭلارنى كۆرمىگەندەك ئورۇندۇقلارنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپ  ھاياسىزلارچە چاقچاقلارنى قىلاتتى.
    ئۇلارغا قارماسلىققا ،گەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ ،بەزى كورىيەچە مۇھەببەت پۇراپ تۇردىغان گەپلىرى قۇلىقىمغا گۈپ-گۈپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس بىر بىكەتتە توختاپ يىنىمدىكىلا ئورۇندا ئولتۇرغان قىز-ئوغۇلنىڭ بىرى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىغانغا ماڭدى
    _ساراڭـــىـــــيۇ..............قىز ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاپتۇبۇس دىرىزىسىدىن يىگىتكە ۋارقىرىدى.
    _I love you يىگىت قوللىرى بىلەن ھاۋاغا يۈرەكتىن بىرنى سىزىپ ،ئوتتۇرغا بىر چىكىت ئۇرىۋەتكەندىن كىيىن ،كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى

    قىز مەغرۇرلانغانچە ئۇياق-بۇياقلىرىغا،مېنىڭ يىگىتىمنى كۆردۈڭمۇ دىگەندەك قارايىتتى. شۇ ئاردا ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇنى جىرىڭلاپ قالدى
    -تاتلىق ئاپا،مەن كىتاپخانىدا...........خوش!
    پاھ، ئەتىراپىمدىغۇ ھىچقانداق كىتاپ جاۋىنى كۆرمىگەنتىم. ئەجەپ ئۇستىكەن. دوختۇرخانىغا بارغۇچە قىزىق ئىشلارنى ئۇچىرتىپ تۇرىدىكەن ئادەم.
    شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا ئاران كىلىۋالدىم

    -ھەي قىزىم! قانداق يەردە ئوقۇغان سىز؟ مال دوختۇرلۇقنى ئوقۇمىغان بولغىيىتتىڭىز  ھە؟ بوشىراق تىقىڭ ما يېڭنىنى! مەن كالا ئەمەس.....

    بىسمىللىسىغىلا بىرىنچى بىماردىن زەھەردەك گەپ ئاڭلىۋالدىم. ئۆزۈمگە ئاز ئاچچىقىمنى يېڭنىدىن چىقارغاندىن كىيىن.


    كاللامدا لىق خىيال، تىخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەن ھۆسىن تۈزۈتۈش ۋەقەسى ھىلىدىن-ھىلىغا كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى.
    ساۋاقدىشىم سۈبىھنۇر مەن بىلەن بىر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان چاققانغىنە، ئوماق بىر قىز. كىلەر ئايدا توي قىلدىغانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقىمىكىن تۇيۇقسىزلا ئۇزۇن چاچلىرىنى،چىرايلىق قىزىرىپ تۇردىغان يۈزلىرىنى بىر ئۆزگەرتىپ باققۇسى كەلدى. بىر نەچچىمىزنىڭ <تەربىيەلىرىگە > قارماي ،شەھەردىكى <بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش شەھەرچىسىگە باردىغانغا تىلىفۇندا كىلىشىپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئۆتكەچكە بۇ قىتىمقى تويىدا سەل ئاكتىپىراق بولۇپ ياردەم قىلمىسام بولمايىتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ھىلىقى <بىر نىمىگە ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا باردىم.
    -بۇ يەردە بىرمۇ ئۇيغۇر ئىشلىمەيدىكەنغۇ؟ -دېدىم دوستۇمغا ھەيرانلىق بىلەن
    -ھەي كالۋا! ھازىر نەدە بىر خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇيغۇرغا ئىشىۋاتىدۇ؟ دوختۇرلۇقىمىزنى تارتىۋالمىغانغا خوش بولۇپ ياشايلى جۇما...
    ئاجايىپ ھەشەمەتلىك ياسالغان بۇ ئورۇندا كىشى ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان ئىشلار ئادەمگە چىلىقىدىكەن.
    نىمىنى كۆردۈڭ دىمەمسىز؟ چوقۇم بىلگۈڭىز بار شۇنداقمۇ؟
    ماسقا تاقىغان ئىتلار..........قانچە دەمسىز؟
    8 نى كۆردۈم
    ئۈستىگە چىرايلىق رەخىتلەردىن كىيىم تىكىپ كىيگۈزۈپ قويۇلغان تۇمشۇقىغا ماسكا تارتىپ قويۇلغان پىستىلەر ھۆسىن تۈزەش ئورۇندۇقى ئۈستىدە كىرىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاھ خۇدا ،قولىدا بىر ئىستاكاندا ئىچىملىك تۇرامدۇ نىمە ئاۋۇ ئىتنىڭ.
    ئىتقا قارايمەن دەپ ،ئالدىمدىكى تۈرۈككە جاققىدە ئۈسىۋالدىم. ئۆزەمگە ئاز. ئىتلارنىڭ ئۇۋىسىغا كەلگەندىن كىيىن.


    -ياردىمىم كىرەكمۇ؟
    -تۇرۇپ-تۇرۇپ قار بىسىپ قالغاندا پەيدا بولىدىغان جىندىن ئازراقلا پەرىقلىنىدىغان بىر توڭكەي چىش ئالدىمىزدا ھىجاراپ تۇراتتى.
    -شۇنداق،توختاپ تۇرىڭە ئاۋال بىر سوئالىم بارتى. دوستۇمغا بىردەم جىم تۇر دىگەندەك قارۋالدىم
    -ھە سوراڭ
    -سىلەر بۇ ئورۇنغا<بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> دەپ نام قويۇپسىلەر. ئەجەپ سىز ....
    -10 تىيىنلىق پۇلنىڭ پارچىسىدەك گەپ قىلما ئاداش. سۈبھىنۇر بىقىنىمنى چىمدىدى
    -جىم تۇر. مەن مۇلازىمەتچىنىڭ ئۆڭۈپ دەسمالدەك بولۇپ كەتكەن چىرايىغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ سوئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم
    -بۇ يەردە پەقەت ئادەملەرنىڭ ھۆسنىنى تۈزەمسىلەر ياكى ئىتلارنىڭكىنىمۇ تۈزەمسلەر؟
    -بىز قوش مۇلازىمەت قىلىمىز. ئەگەر پۇلىڭىز بولسا ئۆيىڭىزدىكى ئىشەكنى ئەكىلىپ ھۆسنىنى تۈزەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان ئىتلار شەھەردىكى باي خىنىملارنىڭ ئىتلىرى. ئاۋۇ بوينىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغىنى سىلەرنىڭ داڭلىق ناخشىچىڭلار نىياز ئەمەتنىڭ خانىمىنىڭ پىستىسى، يىقىندا گىرمانىيەدىن كەلتۈرۈلدى. خانىمنىڭ تەلىۋى بويچە پىستىنىڭ چاچ پاسۇنى،يۈزلىرنى خانىمنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ بىرىشىمىز كىرەك
    -توۋا. بۇنىڭغا قانچە پۇل كىتىدۇ
    -جىق ئەمەس 350 مىڭ
    -ئەجەپ ئازكەن، ئۇنداق بولسا شۇنچە يوغان ئىشىكىمنى پارچە پۇللىرىمغا ياسىتىۋالسام بولغىدەك
    -گەپنى ئاز قىل ئاداش،،سۈبھىنۇر خاپا بولغاندەك قىلاتتى
    -ۋاي ماقۇل، ھە راس. ئىتلارنىڭ ھۆسنى تۈزىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ماسكىسىنى ئىلىۋىتەمدا؟
    -ياق ،ئىگىسى خالىغان ۋاقىتتا ئىلىۋىتىدۇ. چۈنكى ھاۋادىكى مىكروبلار بۇ نازۇك پىستىلەرنىڭ تىرىسىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ
    -نىمىدىگەن ئەتۋارلىق ھە بۇ ئىتلار، بىزنىڭ تىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتكەن ھاۋاغا 365 كۈن چىلىشىپ تۇرىدۇ بولمىسا. بىزمۇ ماسكا تاقىۋالامدۇق يە؟
    سۈبھىنۇر مېنى بىللە ئىلىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى.
    ئۇنى ھۆسىن تۈزەش ئۆيىگە كىرگۈزۋەتكەندىن كىيىن، ئورۇندۇقلاردا راھەت بىلەن كىرىلىپ ياتقان ئىتلارنىڭ يىنىغا باردىم. ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئىككى تەرپىدە ئىككىدىن مۇلازىمەتچى قىز ،ئىتلارنىڭ يۈزىدىكى ماسكىلارنى ئىلىپ ئۇلارنى ياساشقا چۈشكەن ئىدى.  قىزىل گۈللۈك كىروسلۇدا ياتقان ئىت ،تۇيۇقسىزلا ۋاقراپ كەتتى.
    -ئاستىراق دىدىمغۇ!
    ۋاي ئاپام،لا ھەۋلە،ۋەلە قۇۋۋەتە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،توختىماي بۇ ئايەتنى ئوقۇپ كىتىپتىمەن. لىكىن ئىتنىڭ قولىدا ئاپتۇماتىك باشقۇرۇلىدىغان بىر كۇنۇپكا تاختىسى بولۇپ ،ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق بولغاچقا شۇ تاختىنى ئاپتۇماتىك سۆزلىتىپ مەقسىتىنى ئىپادىلەيمىش..
    مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئالايغانلىرىغا قارماي ھەر بىر ئىتنىڭ بىشىدا بىر نەچچە مىنۇتتىن زىيارەتتە بولدۇم. كۆزلىرىگە يالغان كىرپىكلەر قويۇلغان، كالپۈكلىرىگە لەۋ سۇرۇقلار سۈرۈلگەن ھىلىقى ناخشىچىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىتى بەك ئاقسالىق بىلەن ياتاتتى. 350 مىڭغا ئىتىنى ياسايدىغان پۇلى باركەن ،لىكىن بىزنىڭ ئارقىمىزدىكىلا كوچىدا ئولتۇردىغان ئاتا -ئانىسى ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىن چاشقان يامانلاپ چىقىپ كەتكۈدەك ئەسكى.
    ئەبلەخ! ئاتا-ئانام دەپ ناخشا ئىيتىپ شۇنداق جىق پۇل تاپتى. ناخشىسىدىلا كۆيۈمچان ھازىرقى غىتمەكلەر!

    ھەر بىر ئىتنىڭ يىنىغا كىلىپ مۇلاھىزە قىلاتتىم. خۇددى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايدىغان مەغرۇر كۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلىپ ،مۇلازىمەتچىلەر كۆرمىگەندە تىخى بىر-ئىككىنى نوقىۋالدىم

    ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئارقا تەرپىمدىن جېنىم ئاداش، مەن تەييار بولدۇم دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. سۈبھىنۇر چىقىپتىدە دەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇميۇ سىكۇنتىغا نەچچە يۈز مىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتتىم.
    كۆز ئالدىمدا چېچىنىڭ ئالدى قىزىل ،ئىككى يىنى سىرىق،كەينى قانداقكىن بىلمەيمەن. قىشى رومبا شەكىلدە تىرىلغان، بۇرنىنىڭ بىر يىنىغا ئەتەي يوغان مەڭدىن بىرسى قويۇلغان، چىرايلىق لەۋلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ تۇردىغان ھىڭگاڭ چىشتىن بىرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەششەت سەت بىر قىز تۇراتتى.
    ئۇ يۈگرەپ كىلىپ مېنى يۆلىگەن ئىدى، قولىنى ئىتتىرۋەتتىم
    -بۇ مەن ئاداش،مېنى تونۇمدىڭما؟ قانداق چىرايلىق بولۇپ كىتىپتىمەنمۇ؟
    -ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردىكى پىستىلەردىن پەرقىڭ قالماپتۇ. سۈبھنۇرنىڭ شۇنچە ۋايساشلىرىغا قارماي ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قايتىپ كەلدىم
    ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپامغا سۆزلەپ بەرمىدىم، بىر ئىشلارغا ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ئاپام ،بۇ ۋەقەنى كۆرگەن-بىلگەن ھەممىلا ئادەمگە يىيۋىتىشتىن يانمايىتتى.
    مانا بۈگۈن ئىشقا كەلسەم سۈبھنۇر يوق. تىلىفۇن قىلىپ بىقىشنى ئويلىساممۇ تۈنۈگۈنكى ئاچچىقىم تىخى بىسىلمىغان ئىدى.
    ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاپام تاماقنى تەييار قىلىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ
    -بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىڭمۇ قىزىم؟
    -قانداق خەۋەركەن ئۇ؟
    -سۈبھىنۇرنىڭ تويى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇنى ئالىدىغان بالا تۈنۈگۈن كەچ قىزنى كۆرۈپلا قورقۇپ ھوشىدىن كىتىپتىمىش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئەتىگەن ھۆسنىنى تۈزەتكەن ئورۇنغا بارسا ،دۇكان سىرتىغا <بۇ دۇكان قايتا ئىچىلمايدۇ> دىگەن ۋىۋىسكا ئىسىپ قويلۇپتۇ. ۋاي ئىسىت بىر چىرايلىق قىز بىكاردىن يۈزىنى بۇزۋىلىپ،يەنە يالغان چىش قويدۇرۋاپتىكەن، ئۇنى باشقا ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى ئىلىۋىتىشتىن قورقۇپتۇ. چىرايىڭنى قايتا تۈزەتسەڭ بۇزىۋالىسەن دەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بالا شەھەردىن ماسكا تارتىپ قايتىپ چىقىپتۇ.  قايتا ھۆسىن تۈزەتكىچە ماسكا تارتىپ يۈرەمىش
    كۆز ئالدىمغا بايا قايتىش يولىدا ئاپتۇبۇستا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە قىزلار بىلەن دوستۇم سۈبھنۇر كەلدى
    ھە ئەسلى ماسكا تاقىغان ئىتلار..........................................
    分享到:

    历史上的今天:

    ئانا 2008-11-15