• سېغىنغان ھېسلار ... چاچما شئېىر - [ھېسلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/31179257.html

    يامغۇر ...
    يېغىپ شۇنچە ..
    يارىمدىن بىمەھەل ئايرىغان مېنى..
    قەلبىم،
    تولۇپ ئازاپقا ،
    غايىپتىن ئىزدىيمەن سېنى .
    بىۋاقىت كەتتىڭغۇ يار مېنى تاشلاپ
    .


    ياپىراق سارغىيىپ،
    گۈللەرمۇ سولدى،
    يۈرۈكۈم يېرىلىپ،
    ئازاپقا تولدى ،
    دۇنىيادا قالدىم تەنھا ، كۆزۈمنمى ياشلاپ .

    ئاپئاق ،
    قارلار يېغىپ،
    ئاق لىباستا،
    ياپتى زىمىننى ،
    ئايدىڭ ،
    كېچىدە مەن تەنھا ،
    نەدىن تاپاي سۇلغان گۈلۈمنى،
    بارالمىدىم يىراقتا قەبرىڭنى يوقلاپ.



    گۈللەر،
    باغلايدۇ بىر كۈن،
    كۆكلەم غۇنچىسى،
    قەلىبلەر ،
    باغلىشىپ رىشتە ،
    بەخىت يولىغا ماڭار نەچچىسى !؟
    مۇڭلۇق ،
    لىرىكا كەبى،
    چېكىپ قەلبىمنى،
    گويا سەندىك،
    كىرەلمەس ھېچكىممۇ،
    قەلبىمگە سۈيگۈنى باشلاپ ...!!!!!


    سەرگەردان دولقۇنى 2007.101.09
    يۆتكىمەكچىمۇ ؟ ئاپتور ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!!!
    مەنبە : دولقۇن تور خاتىرىسى بۇ يەردىن زىيارەت قىلىڭ
    分享到: