-
<لەنەت> - [مىسىرالىرىم]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/30890924.html
<لەنەت>
2004-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا كۆرگەن بەزى ئىشلارنى كۆرۇپ،روھى دۇنىيارىمدا پەيدا بولغان غەلىيانلاردىن تامچە
ھەي چاكىنا كوچا قىزى پۇتى بېشىڭغا لەنەت .
قىزىل-سېرىق بويىۋالغان ، كالتا چېچىڭغا لەنەت .
نە باھاردا خازان بولغان رەڭگى ،روھىڭغا لەنەت.
ئۇيغۇرغا خاس ئەخلاقىڭنى يوقاتقىنىڭغا لەنەت .
ياتنى كۆرسەڭ نازلىنىپ ، پىستە ئىتتەك ئەركىلەپ،
مىللىتىڭنى كۆزگە ئىلماي يۈرگەنلىرىڭگە لەنەت .
يېتىشلىرىڭ مىھمان ساراي، ئويناشلىرىڭ بەزمىخانا،
كىم قاش ئاتسا يانچۇق قېقىپ ، كۇلگەنلىرىڭگە لەنەت.
پال - پۇل چىراغ يورىقىدا ئۇنتۇپ شەرمى ھايانى ،
ئۇسسۇل ئويناپ ،چار يىلاندەك تولغاشقىنىڭغا لەنەت.
دوس يارانلەر كىرىپ قالسا رېستۇرانغا تاماققا ،
گىرە سېلىپ يۆگىمەشتەك ، چىرماشقىنىڭغا لەنەت .
كۆكسىڭىزنىڭ تېڭى ئوچۇق يوق دىيەرلىك يوپكىڭىز،
بىلەلمىدىم ھايۋانمۇ سىز ،ئالقانچىلىك كۆپتىڭىز ،
ئۇ كىيىمدە ئاۋارە سىز ، ھەر ئولتۇرۇپ-قوپسىڭزى ،
نۇمۇس قىلماي كىيىۋالغان كىيىملىرىڭگە لەنەت .
ئەقىلى يوق نادانلارنى شەيتان كەبى ئازدۇرۇپ ،
ئۆز مىللىتى ، ۋژدان_غورور، ئىمانىدىن بەزدۇرۇپ،
كۆڭۈللۈك ، ئىناق ، خاتىرجەم تۇرمىشىنى بۇزدۇرۇپ ،
پۇل ئۈچۈنلا كەڭ ئېچىلغان ، قۇچاقلىرىڭغا لەنەت .
خۇمار بولۇپ ئاق چېكىشكە ئىپپەت_نۇمۇسنى سېتىپ ،
ئېچ ئامالىڭ قالمىغاندا ، ئىشقى بازارىڭ يېتپ ،
ئەتىراپىڭدا پەرۋانىلەر ، سېنى تاشلاپلا كېتىپ ،
باش پاناھسىز كوچىلاردا قالغانلىرىڭغا لەنەت .
ئەقىلسىزلىق نادانلىقتا ياتنى ،ئۆزۈڭنى نەسلەپ ،
كۈچ مادارىڭ قالمىغاندا ، ئاتا ياخشى ئەسلەپ،
ئاق تاماكا خۇمارىغا ئۈي بىساتىنى قەستلەپ ،
ئائىلەڭنى ۋەيران قىلىپ يۈرگەنلىرىڭگە لەنەت .
خىجىل بولماي يۈرىۋەردىڭ باققان ئاتاڭ ئالدىدا،
ئۇنسىزغىنە ياشلار تۆكتى ، ياۋاش ئاناڭ دالدىدا،
تەڭگىچىلىك يۈزىنى قويماي ، ئەل جامائەت ئالدىدا،
ئاتا-ئانا ئۈمۈدىنى يەردە قويغىنىڭغا لەنەت .
تەقدىرسىزلا تېپىۋالغان قىسمەتلىرىڭگە لەنەت .
پۇشايماندا يامغۇر بولغان كۆز ياشلىرىڭغا لەنەت .
قەدىرسىزلا توزۇپ كەتكەن ياشلىق گۈلۈڭگە لەنەت .
خارۇ-زارلىق كوچاسىدا قالغان كۈنۈڭگە لەنەت .2004_يىللىق ئىجادى تامچىلىرىمدىن(سەرگەردان دولقۇنى)