-
ھەركەتلىك رەسىم ئىشلەشتىن ئاددى قەدەم - [phptoshop بىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/30825874.html
ھەركەتلىك رەسىم ئىشلەشنص ئالدصن ئالا ئۈگۈنۈشئۆزۈم ئصشلصگةن دةرصسلصكپايدىلىنىش ماتىرىيالى:photoshop نى چۈشۈرۈش مەنبەسى :下栽
مېنىڭ بۇ رەسىمنى قانداق ئىشلىگىنىمگە قىزىقامسىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مېنىڭ مەشغۇلات جەريانىمغا دىققەت قىلىڭ ... ( ھەي ماڭىمۇ بىرسى مۇشۇنداق تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسا ھە ، بالدۇرلا ئۈگۈنۈپ بولغان بولاتتىم )
ئالدى بىلەن سىز ئىككى پارچە چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش رەسمىنى تەييارلىۋىلىڭ .. ئاندىن photoshop نى قوزغۇتۇڭ .... ئۆلچەملىك ھالىتى قوزغالغاندىن كىيىن تەييارلىۋالغان ئىككى پارچە رەسىمنى photoshop نىڭ مەشىخۇلات مەيدانىغا كىرگۇزۇڭ .. ئەگەر چوڭ كىچىكلىكى تەڭ بولمىسا ctrl+t كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ .. ئاندىن رەسىمگە دىققەت قىلىڭ ھە
ئاۋال بىرىنچى رەسىمنى ctrl+a كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق ھەممە يېرىنى تاللايمىز ئاندىن قۇرال ئىستونىدىكى يوقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى قۇرال يۆتكەش قۇرالى ئارقىلىق بىرىنچى رەسىمنى ئىككىنچى رەسىمنىڭ ئۇستىگە يوتكەيمىز ... تۆۋەندىكىدەك ..ئاندىن يوقىرىدىكى رەسىمدىكى بىرىنچى كۆرسەتمىگە دىققەت قىلىڭ .. شۇ يەرنى چېكىش .ئارقىلىق بۇ تەييارلىغان رەسىمنى photoshopنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىگە يۆتكەيمىز .... دىققەت قىلىدىغان ئىش بىرىنچى رەسىمنى كۆچۇرۇپ بولۇپلا ئۆچۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ .. يۆتكەيدىغىنىمىز ئىككىنچى رەسىم
ئاندىن قۇشۇمچە ھۆججەتتنىڭ تىزىملىك ئىستونىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللايمىز ...
ئاندىن يەنە تۆۋەندىكى يەنەبىر دىيالوگ رامكىسى چىقىدۇ ...كۆرسەتمىدىكىدەك يىڭى بىر بەت ئاچىمىز
ئاچقان يەنە بىر بەتتىنمۇ تۆۋەندىكى كۆرسەتمىدىكىدەك رەسىمنى كۆپەيتىش قۇرالىنى چىكىمىز
ئاندىن بىزگە يەنە بىر دىيالوگ رامكىسى ئېچىىدۇ ئۇنى يەنە تۆۋەندىكى كۆرسەتمىدەك تەڭشەيمىز ھەممە يېرىنى .. قىزىل سىزىقنىڭ ئىچىدىكىسىنى بولسا ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ .. مەسىلەن مەن سەككىز قىلدىم چۇنكى ماڭا ئون پارچە رەسىم لازىم .. ئىككىسىنى يوقىرىدا تەييارلاپ بولدۇم دىگەندەك ھە
يەنە دىققەت قىلىدىغان ئىش سىزنىڭ مەشخۇلات قىلىۋاتقان سۇرەت قەۋىتىڭىزنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇدىغان ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كۆزنەككە دىققەت قىلىڭ ... تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەڭ .. مەشىۇلات جەريانىڭىز چوقۇم ئۈستىنكى سۇرەت قەۋىتى بولۇش لازىم .... باشتىن ئاخىرغىچە ...
ئەمدى سىز قارىسىڭىز كىچىك كۆزنەكتە 10 پارچە رەسىم بار سىز ئاۋال ئىككىچىسىنى چىكىپ قويۇپ بايا مەن دىگەن مەشخۇلات كۆرسەتمىسىگە قارىسىڭىز %100 دىگەن يەرنى كۆرىسىز شۇنى %80 قىلىسىىز .. رەسىمگە قاراپ مەشىۇلات قىلىڭ ھە ئاستىدىكى
ئەمدى تەرتىپ بويىچە مەن دىگەندەك 3 رەسىمنى چىكىپ قويۇپ %60 پىرسەن قىلىڭ ... 4-رەسىمنى %40 ،،،،5 - رەسىمنى 20% ... 6_ رەسىمنى %0 قىلىسىز ئاندىن يەنە 7_ رەسىمدىن باشلاپ يوقىرىغا قاراپ ماڭىسىز يەنى 7- رەسىمنى %20 ... 8-%40 ........ 9 - %60 ... 10_ %80 شۇنىڭ بىلەن بۇ بىرقەدەر ئۆنۇمنى كۆرەلەيسىز ...
ئەمدىكى مەشخۇلات بولسا تۇۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل سىزىقنىڭ ئىچىدە 0 سىكونت دىگەن خەنزۇچە خەتنى كۆردىڭىز شۇنى چەكسىڭىز . 0.1 باشلانغان ۋاقىت كۆرسەتمىسى با سىز بىرىنچى رەسىمنىڭ ۋاختىنى 0.5 قىلىپ تەڭشەڭ ئاندىن 2- دىن 5- گىچە .0.1 قىلىپ تەڭشەڭ ... 6- يەنە 0.5 قىلىپ تەڭشەڭ قالغىنىنى يەنە بايىقىدەك 0.1 قىلىپ تەڭشەڭ
ئاندىن مانا ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قويۇش بەلگىسىنى چەكسىڭىز ھاياجانلىنىپ كىتىسىز .. مەندەك تۇنجى قىتىم قىلىپ باققان بولسىڭىز جۇما
ئەمدى بۇنى ساقلاش باسقۇچىغا كەلدۇق ئالدى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان photoshop نىڭ يەنى ھازىرقى سىز مەشخۇلات قىلىۋاتقان بۇتۇن كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇستىگە قارىسىڭىز مانا ئاستىدىكىدەك بىر تاللاش رامكىسى بار شۇ يەردىن رەسىمدىكى كۆرسەتمە بويىچە تاللاش ئېلىپ بارىسىز .. چوقۇم ئوخشىسۇن بولمىسا مەندەك قايتا ئىشلەپ قالىسىز ....
ئاندىن سول تەرەپ يوقىرىدىكى ھۆججەت تىزىملىكىدىن كۆرسىتىلگەن خەتنى بىسىپ ساقلاش ئورنىنى كۆرسۇتۇپ ئىسمىنى يازسىڭىز مۇقۇملاشنى باسقاندىن كىيىن يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ ئاندىن خەنزۇچە خاۋ دىگەننى بىسىۋەتسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام ...
مەن بۇنىڭغا بەك قىزىققان ئېدىم ... خەنزۇچە ساۋادىم ياخشى بولمىغاچقا بەك ئۇزۇندا ئىگەللىدىم .. شۇڭا بەك خۇشال بولدۇمدە ئۇيقۇمدىن كېچىپ مەندەك قىينىلىۋاتقانلارغا ياردىمى بولار دەپ بۇ دەرىسنى ئىشلەپ باقتىم .. ھەممىسى مېنىڭ مەشخۇلات جەريانىم ... بىردىن بىر كېسىپ ماڭغان ئېدىم ...
ئاخىرى بۇ قەيسەرجان بىلەن سەرگەرداننى بىرلەشتۇرىۋەتتىم ھى ھى ھىسةرگةردان دولقۇنص
{#pagenav}