تېمىنى ئوقۇدۇم ،ئېنىق قىلىىپ ياخشى يېزىلغان تېما دېيەلەيمەن،پىكىر خېلى چوڭقۇر ،شەخسەن مەن بۇنچىلىك پىكىر قىلىشتىن يىراق`
بارلىق ئىنكاسنى ئوقۇدۇم،كۈلدۈم.قۇرۇق ئىنكاسلارنىڭ 99پىرسەنتتى شەخسىيەتكە بېرىپ تاقىلىدىكەنيۇ لېكىن تېمىدىن بەك يىراق.
تېما يازغۇچىنىڭ شەخسىيىتى بىلەن چاتىقىم يوق، ئەسىرى پايدا قىلار دەپ ئوقۇغان تورداشلارمۇ ئاز ئەمەسكەن،بۇ مېنى خوشال قىلدى.
قۇرۇق ماجرا قىلغانلار ئۆزىنى سوغۇققان قىلىپ قايتىدىن ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇسا كۈلگىسى كېلەرمۇ؟ئاغىزىدا ئۇيغۇر دەپ تۇرىدۇ لېكىن ئومومىيلىقنى ئويلىمايدۇ.
مۇنازىرىنى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈستىدە قىلساق بەلكىم تېمىدىنمۇ كۆپ چوڭقۇر پىكىرلىك ئىنكاسلار چۈشەتتى،لېكىن ..
مەنچە بىز ھازىردىن باشلاپ قۇرۇق گەپ ساتماي،ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى مەسىلىلەر ،ئارتۇقچىلىقلار، كەلگۈسى توغىرسىدا دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ باقساق.
مېنىڭ دەسلەپكى پىكىرىم يوقۇردا دېگەنلىرىمنىڭ خۇلاسىسىغا تەڭ دەپ قارايمەن.
ئەلۋەتتە بىزدە ئارتۇقچىلىقلارمۇ كۆپ، بىز بۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك،يوقۇرىدا بىر تورداشنىڭ ئۇششاق چۈششەك ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرغا پايدىسى بار ماقالىلەر كۆپ بولسا دېگەن مەزمۇندىكى پىكىرى بەك توغرا بوپتۇ. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئۇچۇرلار(نوقۇل يېزىق ئۇچۇرلىرى ئەمەس) بىر تور بېكەتنىڭ چىكىلىش سانىغا نىسبەتەن خېلى مۇھىم رول ئوينايدۇ.لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن ئېيتقاندا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ بولىشى پايدىسىز دەپ قارايمەن.
[ بۇ يازما zimin2603 تەرپىدىن 2008-03-05 15:23 دە قا ]