قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
بۇ تېما 27588 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئامېرىكا روجەكلىرىدىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا(زۇلپىقار بارات) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

olmez
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19880
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 ئامېرىكا روجەكلىرىدىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا(زۇلپىقار بارات)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئاتا تەرپىدىن چوققىلاندى(2007-12-21)
                          ئامېرىكىدىكى روجەكلەردىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا نەزەر
                                    ‏-تورلىرىمىز ئۇيغۇرغا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟‏‏
                                              زۇلپىقار بارات ئۆزباش
                                   
                      ئاللاھ ھەممىمىزگە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاشنى ھارام قىلسۇن.                                     

            تورلىرىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيسى ھەققىدە
   
          ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈش بەكمۇ خەتەرلىك. تور ئالدىدىن تۇرۇپ كېتىپ ياتىقىمنىڭ رۇجەكلىرىدىن خەلىقئارالىق ساياھەت شەھرى ھونولۇلۇنىڭ بىپايان كەچلىك مەنزىرسىگە ھەر قېتىم خىيال بىلەن باققىنىمدا، ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگۈچىلەرنى ئويغىتالمىغاندىمۇ تۈرتۈپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا تورنىڭ چوڭ رولى بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئالدىن كۆرەر ،  پاراسەتلىك )تالانتلىقلا ئەمەس(يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر"ھېكايىسىدىكى پېرسۇناژ سانسىزلىغان توچكىلارغا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ. ئۇيقۇ يېرىم ئۆلۈم، ئەمما ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشچۇ؟ تىرىك ئۆلۈم)بۇ ئىككى سۆزنىڭ ماسلىششدىكى شەكلەن لوگىكىسزلىقتىن ئەپۇ سورايمەن( . ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا ،  يىراقنى كۆرەر باشقۇرغۇچىلىرىمىزدا ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىۋاتقانلارنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇش ، قىزغىن تورداشلارنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەش ئىمكانىيتى بار . ئىمكانىيەت بولغانىكەن ، پىلان‏-مەقسەتنى ئەقلىي ھەرىكەتكە ۋە  ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن .بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەقسەت ۋە ئۈنۈم ‏-تورغا كىرىدىغانلار ئارىسىدا ئەقلىي كىشىلەرنى ئاۋۇتۇش ، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ، ئازابلىق رېئاللىقنى تەكرار‏‏-تەكرار ھېس قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي بۇ ئازابتىن ئەقىل بىلەن قانداق قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىش. ئۇنداقتا تور باشقۇرۇشتىكى ، ماقالە تاللاشتىكى ئۆلچەم نېمە بولۇشى كېرەك؟ بۇ يەردىكى ئۆلچەم دەل ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا پايدىسى بارمۇ يوق!ئاۋامنىڭ ئىدىيسىنى توغرا ياكى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەمدۇيوق! دېگەنلەردىن ئىىبارەت بولۇشى كېرەك . ئاندىنچۇ؟ خەلىق ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاندىكىن ، كاللىمىزدا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلىش)مەن كۆپلىگەن تور باشقۇرغۇچىلىرىدا بۇ ئاڭنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنىڭدىن سۆيىنىمەن( ئېڭى ئورتاق بولغاندىكىن ، ھەرىكەتنى ، قەدەمنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك ، غەرب سىياسىي ئىلمىدا تەكىتلىنىدىغان ،  بىر جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان "كوللىكتىپ ھەرىكەت(collective action)"  ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقى (activity morality) ئۇمۇمغا مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك . ئادەم ئوخشىمىغانىكەن ، قىزىقىش ، ئىدىيە ،پىكىرلەردە پەرق بولۇشى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە زىددىيەت كۆرۈلۈشى تەبئىي . كوللىكتىپ ھەرىكەت ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقىنىڭ مەقسىتى دەل ئومۇم مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى كىچىك زىددىيەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى ئۆزىگە بىر تۈرلۈك شەرت قىلىدۇ. مەن جەمئىيتىمىزدىكى تېپىشماقلىق سۇئاللارغا نەزەرىيۋى جەھەتتىن جاۋاب تېپىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى تاللىدىم. جەمئيەتشۇناسلىق نەزەرىيلىرىدە بىزنى گاڭگىرىتىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەكلىكى ئاللىبۇرۇن دېيلىپ بوپتۇ ، دۇنياۋى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تېمىلار ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى قۇرۇق گەپ ئەمەسكەن. گەپ ئۇنى ئەمەلىيەتكە قانداق تەدبىقلاشتا قاپتۇ. تەدبىقلاشتىكى بىرىنچى قەدەم ‏- رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنى خاتا تونۇۋالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەرسان روھىي دۇنياسىغا توغرا ئۇسۇلدا ساغلام ئىدىيىلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش . كونا‏-خاتا ئىدىيە دېگەن ئادەمگە جىن چاپلاشقاندەك يېپىشىدۇ. ئەمدى تورچىلىقىمىزدىكى زېرەك قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر شەرەپلىك ۋەزىپىسى ئاشۇ رودىپاي ئىدىيەلەرگە قانداق جەڭ ئېلان قىلىش. بۇنداق قىلىشتا تورنىڭ رولى كۆپ. نەشىرىياتچىلىقىمىزنىڭ، رادىئو‏-تېلىۋىزىيەچىلىكىمىزنىڭ ئالدىدا قاتمۇ‏-قات توساق ۋە ئۆتكەللەر بولغاچقا ، ئاۋامنى توغرا يېتەكلەش جەھەتتە چەكلىمىلىكى بار . ئۇلار ئىدىئولوگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئەمسە تورچۇ؟ تور يېزا‏-قىشلاقلارغا ، نامرات ئائىلىلەرگە بارالمىغىنى بىلەن ئۇچۇرچانلىقى ، ئاممىباپلىقى ۋە زەرەتچانلىقى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . ئۇنداق بولغانىكەن ، ئاۋامنى ئىدىيە جەھەتتىن توغرا يېتەكلەشتە تورچىلىقىمىز تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ.
    بۇزۇلغان جەمئىيەتكە دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن داڭق چىقارغان ، فىروئىدنىڭ توغرا ۋە خاتا تەرەپلىرىنى بەكمۇ قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئېرىخ فورم ئۆزىنىڭ "ساغلام جەمئىيەت" دېگەن كىتابىدا ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر خىل تەلۋىلىك"!  دەيدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەرگە مۇنداق چاقىرىق قىلىدۇ  : " كۆز ئالدىمزدىكى بۇ ئىشلار ساغلام ، ئىدراكلىق ، توغرا نىيەتلىك كىشىلەردە ئۈمىد قالمىغانلىقىغا ئىسپات بولالمايدۇ. بىز تۈگەشمىدۇق . پەقەت ئورتاق كېڭەش ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنى ئۈزۈپ قويمىساقلا بىزدە ئۈمىد بار)"شۇ ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسى، -297بەت( . مەن ئۇيغۇرغا ھاۋادەك زۆرۈر بولغان ئەمەلىيەتچىلىك(pragmatism) ئىدىيسىنى ئۆگىنىش كېرەك دەپ ئويلىغان ، ئەمەلىيەتچىلىكنىڭ تۇنجى قەدىمى تورچىلىقىمىزدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولغاچقا ، تورچىلىقىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيسى ھەققىدە  يۇقىرىقىلارنى ئويلىنىش زۆرۈرلىكىنى  دېگۈم كەلدى . تۆۋەندە ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا ،  تورچىلىقىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتىمەن .
             
                    يىراقنى كۆرەر دانالىرىمىز قەيەردە؟ 
      توردا ئويغاق  پىكىرلىك ، تالانتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ خېلىلا تېپىلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە مەن تورغا كېچىكىپ كىرگەنلىكىمدىن پۇشايمانمۇ قىلغان ئىدىم ، ئەمما كېيىنچە نۇرغۇن تالانتلىقلاردا ئۇمۇمىي نىشان بىردەك ئىكەنلىكىنى ، ئەمما شەخسىي مەنپەئەت ، ئىدىيە توقۇنۇشى سەۋەبى بىلەن ئوڭايلا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تور ھاۋاسىنىڭ بۇزۇلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم . مەن دەيمەن": رېئاللىقىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېسىياتچانلىقىمىزنى ، تەنتەكلىكىمىزنى ۋە ئېغىز قىچىشىش كېسىلىنى توردا بولسىمۇ تاشلىساق نېمە بولار؟" بۇنداق ھېسىياتچانلىق ھەر قانداق تور بېكەتلىرىدە تېپىلىدۇ ، ئۆزىنىڭ يېزىۋاتقان ، قىلىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى ئويلايدىغانلار نىېمىشقا كۆپەيمەيدۇ؟ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى مېرتون"كۈتمىگەن ئاقىۋەت" كە ئاددىيلاشتۇرۇپ ": ھەرىكەت ئىجراچىسىنىڭ شەخسىي ،  ئىجتىمائىي ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ، ئۆزى ئويلاپ باقمىغان تەسىردىن ئىبارەتتۇر" دەپ تەبىر بېرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر "قىرلىق ئىستاكان" نى يازغاندا خەلقنى ھاراقنى قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىڭلار دەپ دەۋەت قىلمىغان ، ئەمما  "قىرلىق ئىستاكان" فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن يېزا‏-شەھەرلەردە نۇرغۇن ھاراقكەشلەر قىرلىق ئىستاكاندىلا ئەمەس ، "يايپاڭ چىنىلەردە " ئىچىپ ئاز بولمىغان ھەرەجلەرنى تارتتى. ئەلۋەتتە بۇ "كۈتمىگەن ئاقىۋەت" ئۈچۈن مەمتىمىن ھوشۇر ئەيىبلىك ئەمەس. ياشلىرىمىز مۇھەببەت ناخشىلىرىنى تولا ئاڭلاپ ھېسياتچانلىشىپ كەتسە ئەلۋەتتە ئۇنى  ئابدۇللادىن ، ئەركىندىن ، تاركاندىن كۆرسەك دانالىق بولمايدۇ. ئەمما بىزنىڭ شەخسىي ،  ئىجتىمائىي ھەرىكىتىمىزنىڭ "كۈتمىگەن ئاقىۋەت"لەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خوش ، توردا ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتقان خاھىش بارمۇ؟ بار. مەن بىر نەچچە توردىن مىسالغا ئېلىپ ئۆز قاراشلىرىمنى خۇلاسىلەپ ئۆتەي:
        "ئىزدىنىش" بىلەن "خانتەڭرى" تورىدا تېخى يېقىندىلا ئوخشاش ئىسىملىك بىر ئاپتۇر ": تېيىز پىكىر ، قاتمال تەپەككۇر" تېمىسىدا "ماقالە" يېزىپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ،ئەسئەت سولايمان ، يالقۇن روزىلارنىڭ يازغانلىرىنى يوققا چىقىرىۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇ ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبلىرىمۇ تەنقىدكە مۇھتاج. ھەتتا بىز ئىلمىي دەلىل‏-ئىسپاتلار بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەرنىڭ ئىدىيەلىرى ھەققىدە تەنقىدىي ئويلىنىشلارنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ.يۇقىرىقى "ماقالە" نىڭ ئىگىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەسئەت سولايمان ، يالقۇن روزىلارنى گويا نۆۋەتتىكى ئازابلىرىمىزنىڭ نېگىزلىك سەۋەبىنى ، يىلتىزىنى بىلمەي تۇرۇپ ئەسەر يازغاندەك سۆكۈپ كەتكەنيۇ ، "ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلىكلەر نېمە؟ ئۇلار قايسى دەۋردە ، قانداق ئىمكانىيەت ئىچىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ؟"
دېگەنلەرنى ئويلاشمىغان ، ماقالىنىڭ ماۋزۇسىغا قارىغاندا ھەجىمىنىڭ تويۇنمىغانلىقى ، ئىلمىي دەلىللەرنىڭ يوق دېيەرلىكلىكى ، ئاپتۇرنىڭ "مازارغا چالما ئېتىپ شەيىخ بولۇش" ،توغرىراقى داڭلىقلارنى سۆكۈش بەدىلىگە تونۇلۇش ئاساسىدا قەلەم تەۋرەتكەنلىكى ئېنىق . بۇ نوقتا يازمىمىزنىڭ مۇلاھىزە ئوبىيكتى ئەمەس. ئەمما ، بۇ ماقالىنڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى شۇنداق بولىدۇكى ، ئويلانماي كىتاب ئوقۇيدىغان ، تورغا ھەۋەس ئۈچۈنلا كىرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە "ئۇيغۇرنىڭ تۈزۈك زىيالىسى قالماپتۇ" دەيدىغان ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولىدۇ. بۇ‏‏- روھتىكى بىر ئىشەنچ تۆۋرىكى ئۈچۈن زىيانلىق . بىز ھازىرقىدەك ۋاقىىتتا ئىلمىي تەنقىدكە مۇھتاج ، خەلقنىڭ روھىيتىگە سىلكىنىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان مەنىۋىي يېتەكچىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج . ئېتىراپ قىلىڭ ، قىلماڭ ، يۇقىرىقىدىكى "ماقالە" دە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ كىشى ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەنىۋىي يېتەكچىلەردۇر. بىز ھېسىيات نوقتىسىدىن ئەمەس ، ئۇيغۇر رېئاللىقى نوقتىسىدىن ئۇلار غاجاشقا ئەمەس ، سوغۇققان تەنقىدلىنىشكە مۇھتاج دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئەمدى تور باشقۇرغۇچىلارغا سۇئال : تورنى قىزىتىدىغان قانداقلا نەرسە بولسا بېسىۋېرىمىزمۇ؟ يىراقنى كۆرەرلىك نەگە كەتتى؟
      ئەنگىلىيلىك جەمئىيەتشۇناس زىگموند باۋمەن:" مېنىڭ بىر ئەسەر يازغىنىم سىلەرگە تالاش‏-تارتىش باغىقى ئەۋەتكىنىم"دەيدۇ. پېشقەدەم يازغۇچىمىز ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تارىم" ژورنىلىنىڭ -2006 يىللىق بىر سانىدا":مېنى نېمىشقا تەنقىدلىمەيسىلەر؟" دەپ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. فروئىد نەزەرىيسىنىڭ بىر قىسىم خاتالىقىنى تۈزىتىپ "ھەرىكەت نەزەرىيسى" بىلەن داڭق چىقارغان ئامېرىكا تارىخىدىكى مەشھۇر پىسخولوگ سسكىننر(Skinner) بىلەن "ئۆزلۈككە قايتىش" نەزەرىيسى بىلەن داڭق چىقارغان مەشھۇر پىسخولوگ كارل روگېرس (Carl Rogers)‏-1956يىلى بىر‏-بىرىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىشىپ خارۋارد ئونۋېرستىدا ئىلمىي مونازرىگە چۈشىدۇ. بۇ بەلكىم ‏-20ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر بىر    قېتىملىق مۇنازىرە بولسا كېرەك . ئەمما ئۇلارنىڭ مەقستى بىر‏-بىرىنى ئۇتىۋېلىش ئەمەس ، مۇنازىرە جەريانىدا ئۆز نەزەرىيلىرىدىكى كەم قالغان تەرەپلەر ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئىدى. كارل روگېرس مۇنازىرىدىن كېيىن "قەدىردان سىكىننرنىڭ نەزەرىيەم ھەققىدىكى بەزى تەنقىدلىرى مەن ئويلاپمۇ باقمىغان نوقتىلارنى مېنىڭ ئېسىمگە سالدى" دەيدۇ. توغرا ، بىزگە نوپۇز كېرەك ئەمەس ، تەنقىد كېرەك ، مونازىرە كېرەك . شۇنداقلا ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، ئەسئەت سولايمانلارمۇ تەنقىدلىنىشى كېرەك. ئەمما ئىلمىي تەنقىد بولمىسا ، روھىي سەرسانچىلىقتا قالغان ئوقۇرمەنلەرگە بۇنداق "غاجاش" خاراكتىرلىك تەنقىدنىڭ كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىىرى بەكمۇ چوڭ.
      2006 -يىلى "دىيارىم" تور بېكىتىدە ھېزىم قاسىم بىلەن پەرھات تۇرسۇن بىرلىشىپ يازغان ماقالىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن "تەنقىدلەندى" يەنە پەرھات تۇرسۇن "يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن" نى "سۇمرۇغ" ، " گۈلىستان" قاتاارلىق تور بېكەتلەردە بۇلتۇر بىر قېتىم ، بۇ يىل تۈزىتىپ بىر قېتىم ئېلان قىلدى. شۇ قاتاردا يالقۇن روزىنىڭ "بىز قانداقلارچە سەنەتخۇمار مىللىتى" دەپ ئاتىلىپ قالدۇق" دېگەن ماقالىسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى. كېيىن مۇنازىرىلەر سېسسپ بېكەت باشلىقلىرى بۇ  تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشنى توختاتماقچىمۇ بولدى. خوش ، مەن نېمە دېمەكچى ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننى ، يالقۇن روزىنى  تەنقىد قىلماڭلار! پەرھات تۇرسۇننى تىللىماڭلار دېمەكچى ئەمەس ، مەن دېمەكچى ئاساسلىق زىددىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئازابلىق رېئاللىقى ، ئۇششاق زىددىيەت ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىمىسۇن. قەلەم ئىگىلىرى ، تورداشلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەڭلار ، ھېسىياتنى ئەقىل ئۈستىگە دەسسەتمەڭلار ، ھەسەت ئوتى مۇنبەرلەرنى كۈل قىلمىسۇن دېمەكچى. ئېتىراپ قىلمىغانلار ئەمەلىيەتتە ئىچىدە قايىل بولىدۇ ، ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ، يالقۇن روزىمۇ ، پەرھات تۇرسۇنمۇ تالانتلىق. ھەم ھەممىسىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان يەرلىرى بار ، ئۇلار ئۇيغۇرغا كېرەك. ئۇلار مۇنازىرلىشىشى كېرەك ، ئەمما ئىلمىي دەلىللەر بىلەن. ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان يېرى ، ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزى ئۆزى ھەققىدىكى زەھەردەك تىللارغا ،سۆكۈشلەرگە سۈكۈت قىلدى. مەن ئۇلارنى "رەددىيە بەرگۈدەك گەپلىرى قالمىدى"دەپ ئويلىمىدىم ، بەلكى ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئۇمۇمىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى دەپ ئويلىدىم . پەرھات تۇرسۇننى ئەمدى قورساق كۆپۈكىنى تازا چىقىرىۋالىدىغان ۋاقتى كەلدى دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تونۇشىمەن. ھېچقايسىسى بىلەن پايدا‏-زىيان مۇناسىۋىتىم يوق . گاھىدا شۇنداق خىياللارنى قىلىمەن":ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، پەرھات تۇرسۇن ، تاھىر ھامۇت" قاتارلىقلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئەدەبىياتىمىز ھەققىدىكى ئىلمىي باش قاتۇرۇشلارنىلا ئەمەس ، ئىدىئولوگىيمىزنى قانداق يېتەكلەش ھەققىدە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كېڭەشسە ، ئومۇم ئۈچۈن شەخسىي ئىدىيە ئىختىلاپلىرىنى قايرىپ ۋاز كەچسە‏-ھە"! قارىغاندا ، بۇ مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ. لېكىن ، مۇمكىن بولمىغۇدەك يېرىمۇ يوقتى.بىز ھەر ھالدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوتتۇرسىدىكى ، قەييۇم تۇردى بىلەن زوردۇن سابىر ئوتتۇرسىدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئالساق بولاتتى. ئەللامە زەمەخشەرى شۇنداق دەيدۇ": دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان."بىزنىڭ يۇقىرىقى ئادەملىرىمىز دەۋىرنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆت ئەمەس . ئەمما بىزنىڭ زىيالىرىمىز پىشىپ يېتىلىشى كېرەك . بولمىسا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا "قوتانغا ئوغرىنى باشلاپ قويۇپ ئۆيدە بىر‏-بىرىمىزگە تاپا قىلغاندەك " ئىش بولىدۇ. يالغۇز ئەدەبىيات نوقتىسىدىن ئەمەس ، پۈتكۈل رېئاللىقىمىز نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، ئەسئەت سۇلايمانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولدى . پەرھات تۇرسۇن ، تاھىر ھامۇتلارمۇ ئاز ھەرەج تارتمىدى. بۇلار قەدىردان ئادەملىرىمىزدۇر. ئۇلارنى ئاسرايلى ، ئۇلارمۇ ئۆزى ھۆرمەتلىگەن ئوقۇرمەنلىرىنى ئاسرىسۇن ، تالانتى بىلەن ، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ئىديمىزنى زەرەتلىسۇن. بولسا دىئالوگ قىلىشسۇن. گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى يۈرگىن خابىرماسنىڭ " دېئالوگ ئارقىلىق ئەقلىيلىككە قەدەم قويۇش" ئىدىيسى ئۇلارغا كار قىلىدۇ. تاھىر ھامۇت ھەر ھالدا خېلى پىشىپتۇ. ئۇ قورساق كۆپۈكلىرىنى توردا ، مەتبۇئاتلاردا ئەۋزەيلەپ كەتمىدى . ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزى  ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلغاچقا. سۆكۈشلەرگە سۈكۈت قىپتۇ. رەھمەت ئۇلارغا . بىز پەرھات تۇرسۇنغا سالامەتلىك تىلەيمىز ، بۇ كىشى  بەك ئۇزۇن قورساق كۆپۈكى يۇتتى. زېھنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا قارىتىلسا "ھالاكەت" ، "كۆيۈۋاتقان بۇغداي "غا ئوخشاش ئېسل ئەسەرلر ئۇنىڭدىن كۆپلەپ چىقاتتى ، "قەشقەرگە قايتىش " ،" ئۈرۈمچى" قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن  بىزگە ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇلارنى بەرگەن تاھىر ھامۇت " ئەمدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايمەن ")ئىجادىيەت"تورىدا دېگەن( دېمەي " غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىيات ئېقىملىرى" دەك ئەسەرلىرىنى يېزىپ تۇرسا بولاتتى. بىز ئۈچۈن ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، ئەختەم ئۆمەر ، ئەسئەت سولايمان ، پەرھات تۇرسۇن ، تاھىر ھامۇت  قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئايرىم‏-ئايرىم بىر تاغنىڭ يولۋىسى ، بىر چوققا. چوققىلار ھەگىزمۇ مەن سەندىن ئېگىز دەپ سۈركىشىپ يۈرمەيدىغۇ. قىيان كەلگەندە توسىدىغان چوققىلار كېرەك ، بىزگە ھەممە چوققىلار ، توغرىراقى ئوخشىمىغان چوققىلار كېرەك. ئايتوغدى بىلەن مەمتىمىن ئەلامۇ چەتئەلدە ئويلىنىشنى تاشلاپ قويمىدى.ئۇلارنىڭ ئالتۇن باشلىرىمۇ ئامان بولسۇن! خۇداغا شۈكۈر بىز يەنە پروزىچىلىقىمىزدا ياسىن سادىق چوغلان باشچىلىقىدىكى ئابدۇكېرىم قادىر ، تۇرسۇن مەخمۇت قاتارلىق دىتى بار يازغۇچىلىرىمىز ، شېئىرىيەتتە ئادىل تۇنىيازدىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەن غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى ، شاھىپ ئابدۇسالام ، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق مۇنەۋەر شائىرلىرىمىز ، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىيدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئابدۇرېھىم دۆلەت ، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن ، ئادىل ئابدۇقادىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر ، ئەسئەت سولايماننىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىۋاتقان غالىپ بارات ئەرك ، ئابدۇۋاھىت مەتنىياز  قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ قەلىمىگە يېڭىچە ئىلھام ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز. ئەنۋەر جۇلادىن بىر تەنقىدچىنىڭ ، ۋەلى داۋۇتتىن تراگىدىك ئاڭغا ئىگە بىر يازغۇچىنىڭ ، رەخىم ياسن قاينامىدىن بىر نەسىرچىنىڭ سىماسىنى كۈتىمىز. جاللات ، ئابدۇرېشىت ئېلى ، ئەخمەت كەلپىن ئىنسانى ، ئۆزھال ، پەرۋىن ، رىسالات مەردان قاتارلىقلاردىن تور باشقۇرغۇچىلىقىنى قىلىمەن دەپ قەلىمى ھېرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئادەم مۇكەممەللەشكەنسىرى كەمچىلىكلىرى يوقاپ ماڭىدۇ. بىز ئۇلارنى گۇمانىي نەزەر بىلەن ئەمەس ، ئىللىق تەبەسسۇملىرىمىز بىلەن كۈتىۋېلىپ مۇكەممەللىككە يېتىشى ئۈچۈن  تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرەيلى. يىراقنى كۆرەر ئادەملىرىمىز باشقا يەردە ئەمەس ، دەل مۇشۇنىداق سۆيۈملىك كىشىلىرىمىز ئارىسىدا.
   
                    چاقماقتەك پىكىر قىلىش ۋە پىشىپ يېتىلىش
      ھەر قېتىم ئۇنىۋېرستېتنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدىن ئېغىر خىيال بىلەن چىقىپ كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگىنىمدە ، تالجىققان نېرۋىلىرىمنى سەگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تورلىرىنى ئاختۇرىمەن. گاھىدا چاقماقتەك پىكىرلىرى ، ئۆزگىچە ئويلىرى بىلەن ئادەمنى يېڭىچە بىر خىيال مەنزىلىگە باشلايدىغان تورداشلارنى ئۇچىرتىپ سۆيۈنۈپ كېتىمەن ھەم ئۇلارنىڭ خاسلىقلىرى مېنى جەلىپ قىلىدۇ. بەزىدە مەن بۇلارنى "تونۇمدىمەن" دەپ ئويلايمەن. " دىيارىم"دا مەمتىمىن ھوشۇردەك ھەجۋىي ئۇسلۇبى بىلەن داڭگال، كالتە‏-كالتە ، ئۆتكۈر مۇلاھىزىلىرى بىلەن ئاتا ، " شەبنەم"دە فىليەتون خاراكتىرلىك يازمىلىرى بىلەن ئالپامىش ، "ئىزدىنىش"تا سىياسىي ۋە ئىجتمائىي تېمىدىكى ئۆزگىچە مۇلاھىزىلىرى بىلەن داركىنىس ، جېك ، خېللو لايىف ، شەھرىزات ، ئىزدەنگۈچى ، "بىلىك"تە پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلىرى بىلەن مايلامچى ، يېقىشلىق ، جايىدا ئىنكاسلىرى بىلەن مۇزىكفان ، " سۇمرۇغ"دا قىزغىنلىقى ۋە پىكىر ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئەنۋە جۇلا ، كۆلچى، "گۈلىستان"دا پىكىر چۇڭقۇرلىقى بىلەن ئا.قارلۇق ، ئۆزگىچە ئىنكاسلىرى بىلەن دىلخەستە ، زىمىن قاتارلىق تورداشلار دىققىتىمنى تارتىدۇ. بۇلار ھەقىقەتەنمۇ خاسلىقى بار تورداشلار. بەلكىم رېئاللىقتىكى بەزىلىرى بىلەن مەن تونۇشۇشۇم مۇمكىن. يۇقىرقىدەك  نۇرغۇن تورداشلار ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى. بىز دەۋاتقان ئىدىيە تەربىيىسىدە ، ئاۋامغا ھەقىقىي رېئاللىقنى تونۇتۇشتا ئۇلارنىڭ رولى چوڭ. توردا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
      بىز يازمىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە تورچىلىقىمىزدا خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك ، ئىدىئولوگىيگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە سەزگۈرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. مېنىڭ بۇ بۆلەكتە دېمەكچى بولغىنىم ، سەۋىيلىك يازمىلارنى يازىدىغان تورداشلار يازمىلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىشىپ يېتىلىشكە ۋە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇيغۇر ئېڭىغا تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بەزى تورداشلارنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى سەۋىيسىدە جىق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئىككى يىل دېگەن بەك ئۇزۇن ۋاقىت. بەزى تورداشلارنىڭ تىل بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ياش. ئۇلار مېنىڭچە قانداق ئۆگىنىش ، قانداق كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىپ بولغان. ئەمدى ئۇلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئونۋېرىستىدا سىستىمىلىق تەربىيلەنسە ئىككى‏-ئۈچ يىلدىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ ئۆتكۈر قەلەم ئىگىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ. لېكىن ، تىل بىلمىسەك ، تىل ئۆگىنىشكە باھانە كۆرسەتسەك يېڭى ئۇچۇرلاردىن قۇرۇق قالىمىز. ئىنگلىزتىلى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ خەنزۇچىدا ماتېريال كۆرەلەيدىغان سەۋىيە بولۇشى كېرەك ، ئۇيغۇر كىتابچىلىقى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر خىرسلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا باشقا تىلدىكى نەشىر بويۇملىرىغا مۇراجىئەت قىلىش‏- بىر خىل ئاقىلانە تاللاش يولى.
      ئۇنداق بولسا مەن يەنە نېمە دېمەكچى؟ بەش يىللىق ، يىللىق پىلان تۈزۈش ۋە بۇ پىلانلارنى ئايلارغا تەقسىملەش ، ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرى بىلەن ئۆزئارا يۈزتۇرانە دېئالوگنى كۆپەيتىش كېرەك. بۇ جەرياندا بىزگە ھېسىياتچانلىق ئەمەس ئەقلىي ھاياجان(emotional intelligence) لازىم بولىدۇ‏‏‏‏‏.  جىق تەشەببۇسلىرى زىددىيەت بار جەمئىيەتكە ماس كەلمەيدىغان دالى كارنېگ":يىراقتىكى غۇۋا ، نائېنىق نەرسىگە كۆز تىكمەستىن ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك" دەيدۇ. بۇنى ئويلىشايلى ، كىرىچى بارغانچە تارتىلىۋاتقان رېئاللىقىمىزدا بالىلىرىمىز قانداق چىقىش يولى تاپىدۇ؟ "مەن ئاۋال ئائىلەم ، ئاندىن ئومۇم ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن" دېگەنلەرنى ئويلاشقان چېغىمىزدا ، تورغا چىقىشىمىز ئەمەلىيەتچىلىك تۈسىگە ئىگە بولىدۇ. تورغا چىقىش رېئاللىقتىكى تۈگۈنلەردىن ، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەردىن قېچىش ئۈچۈن بولۇپ قالسا ، تورغا يازغان نەرسىمىز ھەرقانچە ئېسىل بولغان تەقدىردىمۇ رېئاللىقتا لېۋىمىزنى چىشلەپ قالىمىز. دېمەك ، پىلانلىق ياشاش ، يازمىلىرىمىزدا ئۇمۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇش ، ئىنكاسلىرىمىزنى ئويلىشىپ يېزىش ، قانائەتنى كېچىكتۈرۈش ،  ئۆزىمىزنى مەسخىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ، ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرماسلىق ، ئەمما سېستىمىلىق كىتاب كۆرۈش ، تورنى دەپ ئائىلىمىزنى ، كەلگۈسىدىكى مەۋجۇدلىقنى ۋە رېئال مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق قاتارلىق نوقتىلار ئەقىللىق تورداشلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
      چاقماقتەك پىكىر قىلىدىغان بەزى تورداشلىرىمىزدا بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويۇش خاھىشى خېلىلا ئېغىر. بەزىلەر ئازراق كۆزگە كۆرۈنۈپلا باشقىلارنى تەنقىد قىلىشقا ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايدۇ. بۇ ئىلمىي بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز. ئۆتكەندە ئەنۋەر جۇلانىڭ "سۇمرۇغ" تور بېكىتىدە يازغان " بىرەر مەشھۇر تورغا كىرسە تازا بىر مۇنازىرلىشىپ باقسام بولاتتى" دېگەن ئىنكاسىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تاشلىدىم. بۇ سەمىمىي ئىنكاستا جۇلانىڭ ئۆزىگە خېلىلا ئىىشىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مەن بۇنداق دادىللىققا ئاپرىن ئېيتىمەن. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە ئىدىيە جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزدا تەسىرگە ئۇچرىغان ، توغرىراقى بىزدىن بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن كىشىلەر ھەققىدە ئالدىراپ باھا بېرىشكە ئالدىرساق ، قامچىلاشقا ئۇرۇنساق بولمايدۇ. مەن نىيوتوننىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر گېپىنى تورداشلارنىڭ سەمىگە سالىمەن ": ئەگەردە مېنى ئازراق مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتى دىيىلسە ، بۇ مۇۋاپپىقىيتىم  مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغىنىمدىن بولغان 2000 "‏- يىلدىن كېيىن ئىجتىمائىي تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەنلەرگە ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەسئەت سۇلايمان ، يالقۇن روزىلارنىڭ ئىدىيسى ئازدۇر‏-كۆپتۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى "شىنجاڭ مەدەنىيتىنى" شۇلار قىزىتقان. شۇڭا بەزىدە ئۆزىمىزنى بىلىمىمىز بەك ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلغان تەقدىردىمۇ ھاياجىنىمىزنى بېسىۋېلىپ تومتاق باھالارنى ، زەھەردەك ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنايلى. تەنقىدلىگىمىز بولسا دەلىل‏-ئىسپاتلىرىمىز توپلانغاندىن كېيىن ئىلمىي يۇسۇندا قىلساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.
      مەن يەنە"ئىزدىنىش"تا سىياسىي تېمىلاردا مۇلاھىزە قىلىدىغانلار ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى دۇنيا ۋەزىيتى ۋە سىياسىي تەرتىپ ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىغان ئادەمدەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ، "سۇمرۇغ"دا بەزى شېئىر يازىدىغانلارنىڭ"شېئىر ھەممە دېمەكتۇر" دېگەن تۇيغۇدا ياشايدىغانلىقىنى ، پاھىشە قىزلار، ئەخلاقسىزلىق ۋە پاجىئەلەر ھەققىدە يازما يازىدىغانلارنىڭ ۋە شۇ ھەقتە ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ ئۇيغۇرنى پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتكەندەك ئويلايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئازابلىنىمەن. بىز پىشىپ يېتىلىشىمىز كېرەك ، شۇنىسى ئېنىقكى ، شېئىر ئۇلۇغ نەرسە ، ئەمما ئۇ تۇتقۇن رېئاللىقتا ھەممىگە تەڭ ئەمەس. ئۇيغۇردا مەسىلە جىق ، ئەمما ئۇيغۇر تۈگەشمەيدۇ ھەم تۈگەشمىدى.سىياسىي مۇلاھىزىلەر كۆپىنچە ھالدا بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويغان بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئاخىرقى ھۆكۈمنى ، ئەڭ قايىل قىلارلىق  ئىنكاسنى يازدۇق دەپ قارىساق بولمايدۇ.
      يازمىلىرىدىكى مەركىزىي ئىدىيەنى ، داڭلىقلار ھەققىدىكى باھانى ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى نوقتىئىنەزەرلەرنى كەڭ ئىجتىمائىي رېئاللىققا،كونكېرت ئىجتىمائىي تۈزۈمگە، سىياسىي يۈكسەكلىككە باغلاپ تەھلىىل قىلماسلىق‏-‏ سەۋىيىلىك تورداشلار پىششىپ يېتىلىش داۋامىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا.سىياسىي كۈنتەرتىپتىن ئايرىلغان بىرمۇ ئىنسان تەقدىرى بولمايدۇ. ۋااقتى كەلسە ئادەمنىڭ تەقدىرى سىياسىئونلارنىڭ شاخمات تاختىسىدىكى نەچچەتال ئۇرۇق. ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق، ئەيدىز، ئىپپەتنىڭ بۇزۇلۇشى ، ئادەملەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ، ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشى دېگەنلەر يەككە سەۋەبلىك ھادىسىلەر بولماستىن سىياسىي ، ئىجتىمائىي جاراھەت بىلەن زىچ باغلانغان مەسىلىلەردۇر.خائىن، چېقىمچى  ، ھەسەتخور ، رەزگى ئادەملەر باشقا مىللەتلەردىمۇ ئوخشاشلار بار. مەن ھاۋايدا كۆرگەن ئاز بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭ ئەبگالىقى ئالدىدا بىزدىكى قىسمەن چىركىنلىك ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇڭا مۇلاھىزىلەرنى كەڭ ئىجتمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا قىلىشنى ئۆگىنەيلى. نېگىزلىك ئىچكى سەۋەبنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىساق ، ياخشىسى مىللەتنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان باھا، ئىنكاسلارنى يازمايلى.
   
      بىرىنچى تەكلىپ: باشقۇرغۇچىلار نېمە ئويلايدۇ؟
      مەن بەزى تورلارنىڭ " ئاۋات تېمىلار " "جەۋھەر تېمىلار" ھەققىدىكى تاللاش ئۆلچىمىدىن چۆچۈپ كېتىمەن. جەۋھەر دېگەن پاخال دېگەن گەپكە تەڭ ئەمەس. "جەۋھەر تېما"دەپ ماۋزۇ قويغان ئىكەنسىز، شۇ ماۋزۇغا يۈز كەلگۈدەك تېمىلارنى قويۇڭ. ھەقىقىي جەۋھەر تېمىلار بولسا ئۇنى مۇنبەردە ئۇزۇن قويۇڭ ياكى نۇرغۇن سەھىپىگە چاپلاڭ.بەزى توربەتلىرى ئەزالىرى جىق بولغان بىلەن تەكرار ، چاپلانما تېمىلارنى ، خەقنى قىززىقتۇىمىز دەپ ھەرەڭ-سەرەڭ يازمىلارنى تەستىقلاۋاتىدۇ. تور ئەزالىرى دېگەن مۇقىم بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ ئۆسۈپ ماڭىدۇ،شۇڭا تور باشقۇرغۇچىلىرى تېمىلاردا ھەر يىلى 15%لىك ئۆلچەم بىلەن سۈپەتلىك سەكرەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاممىباپلىق 60%بولغان تەقدىردىمۇ ، خەلىقنى يېتەكلەيدىغان 40%لىك سەۋىيلىك ماقالە بولمىسا بولمايدۇ. بولمىسا داڭلىق تور بىكەتلىرىمىزنى كېيىن نېمىسى بىلەن ئەسلەيمىز؟ باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئويلانمايدىغان كىشىلەرنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمەن.  نېمە ئۈچۈن  توردىكى ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرنى جەۋھەر تېمىلارنى قاتتىق تاللاش ۋە كېڭىشىپ بېكىتىش داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرمايمىز؟ "سەمىرش ، ئورۇقلاش، قىز كەلتۈرۈش ، پىيا‏ز-بەسەي ، غەيرى خەۋەرلەر" ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ ، مىللەتنى سۆكىدىغان سەۋىيەسىز شېئىرلارنىڭ بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوق.  تورداشلارنى ئاۋۇتۇش بىلەنلا قالماي  ،  ئۇلارنى يېتەكلشىمىز كېرەك. "دىيارىم" دەك ئەزاسى جىق تورلار ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر مەكتەپ ، باشقۇرغۇچىلار شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى.
      ئىككىنچى تەكلىپ: ئۇمۇمىي مەقسەت بىر تۇرۇپ بەزى تورلارنىڭ تار مەھكىمىچىلىك ،شەخسىيەتچىلىك سىڭىپ كەتكەن شۇئار ، چاقىرىقلارنى مۇنبەرگە چاپلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن چاپلانغان ياخشى تېمىلارنىڭ تورغا قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەمما قارا قۇيۇق  ": باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلغان تېمىلار بولسا ئېلان قىلىنمايدۇ" دېيىش قەتئىي خاتا. نېمىشقا؟ تورداشلار ئالدىراش. بەزىدە ھەممە تور بېكەتلىرىگە كىرىپ بولالمايدۇ. بەزىدە ھەقىقي سىلكىنىش خاراكتىرىدىكى تېمىلار يوللانغاندا ئۇنى بىر قانچە مۇنبەرگە چاپلىغاننىڭ زىينى يوق. ياخشى يازمىلاردىن بىر قانچە مەھبۇس كاللا زەرەتلەنسە ئەجەب ئەمەس.  تور ئېچىش خەلقىمىز ئۈچۇن دەپ ئويلىشىڭىز نېمە بولدى ، زۆرۇر تېما ، ماقالىلەرنى تورداشلارنىڭ كۆرۈش پۇرسىتىدىن ئايرىغىنىڭىز نېمە بولدى؟ئۇيغۇرنىڭ تورىغا كىرىدىغان ئادەملىرى مىللەت سانىغا نىسبەتەن ئاز. كۆپىنچە تورداشلار ئۆزى ئادەتلەنگەن تورلارغا كىرىشنى خالايدۇ ، شۇڭا بەزى ھەقىقىي سەۋىيلىك ماقالىلەر كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىگىلىرىنى تاپمايلا مۇنبەردىن چېكىندۈرلۈۋاتىدۇ ياكى نەچچە توردا بىراقلا ئېلان قىلىنمايۋاتىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى تور بېكەتلىرىدە مەخسۇس جەۋھەر تېما تەستىقلاش ، باشقا مۇنبەرلەردىن ئېسىل تېمىلارنى ئېلىپ كېلىش، باشقا تور بېكەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا مەسئۇل گۇرۇپپا ياكى خادىم بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا پايدىنى خەلق ئالىدۇ. تېلېۋوزۇرلار، نەشىرياتلار ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئاممىنىڭ ئېڭىغا  تەسىر كۆرسىتىش مۇددىئايىمىزنى  تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن. ئاخىرىدا شۇنداق بىر تەكلىپنى بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: ھەر قايسى بېكەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئومومىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرەر قېتىم باش قوشۇپ باقساڭلار...
    خۇلاسە: بىر مۇنبەر‏-بىر مەكتەب. ئۇيغۇر ئالدىدىكى تەربىيلەش بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغان مۇنبەرلەر ھامان ئۆزىنىڭ زاۋاللىق تەقدىرىنى كۈتىۋالىدۇ.
   
                  ‏‏‏‏‏-ئاپتور ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنۋېرسىتىتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ ماگېستىرئاسپىرانتى.
‏‏‏‏‏‏‏    
تېما تەستىقلىغۇچى : Hush_Puraq
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2007-12-20, 14:52
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n
شۆھرەت:+10(saba7911)
شۆھرەت:+10(ئاتا) چىن سۆزلەر
پۇل:+5(Hush_Chiray) ياخشى ماقالە
شۆھرەت:+10(Hush_Puraq) ئەھمىيەتلىك
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-12-19 18:34 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
Hush_Puraq
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 30
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 3270
شۆھرەت: 2248 نۇمۇر
پۇل: 545 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 105 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بەكمۇ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە بەكمۇ ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز. ھارمىغايسىز.
qarluq
بۇ يوللانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە، خالىغانچە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. << باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ!>>
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-20 23:05 |
alibaba007
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 923
شۆھرەت: 317 نۇمۇر
پۇل: 1829 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سىز بەك ئەتراپلىق ئويلاپسىز جۇمۇ!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-20 23:31 |
taroza
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 418
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 173
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 552 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-09

 

ئۆزباش ئەپەندىنىڭ قۇتلۇق كۈنلەردە يوللىغان يازمىسىغا تەشەككۈر !

ئادەتتە ، « تورداشلار يىغىلىشى » دەپ مەلۇم بىر تور بەت ( مۇنبەر )دىكى تورداشلار يىغىلىشىدىكەن . بىراق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئارا يىغىلىشنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىيالىسام نەقەدەر خۇش بولاتتىم !
[ بۇ يازما taroza تەرپىدىن 2007-12-20 23:54 دە قايتا ]
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-20 23:44 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2488
شۆھرەت: 1888 نۇمۇر
پۇل: 2548 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 499(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئۇيغۇر تور بەتلېرىنى قۇرغۇچىلار،باشقۇرغۇچىلار،ئەزالار،مىھمانلار مىللىتىمىزنىڭ زىيالىلار قاتلىمىغا  تولۇق ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ،ھەر ھالدا مۇنبەرلەرنىڭ ئۆز رىئاللىقىمىزنى بىلىش،باشقىلارنى ئاز-تۇلا چۇشىنىش،كەلگۈسىگە نىسپەتەن ئانچە-مۇنچە بىشارەتلەرنى بېرىش جەھەتلەردە مەلوم رولى بولىۋاتقانلىقى بىر پاكىت.بەزى بىر تېما،ئىنكاسلار بىزدىكى خېلى نۇپوزلۇق ژۇرناللاردىكى ئەسەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.تور دۇنياسىمۇ ئۆزگىنى ۋە ئۆزىمىزنى كۈزۈتىدىغان بىر خىل كۈزنەككە ئايلىنىپ قالدى.قاچانلاردىندۇ قىنىمىزغا سىڭىپ قالغان مەنىۋى زەئىپلىكىمىز مۇنبەر يۇزدىمۇ مەلوم سالماقنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتىدۇ.بىزدىكى ھەمكارلىشىش ئىڭى ھەقىقەتەن تۇۋەن.شەخسى ئىززەت-غۇرورىمىز توردىلا رۇياپقا چىقىپ ئومومىيلىققا ئايلىنالمايۋاتىدۇ.دۇنيادا ئىنسان روھى دۇنياسىنى قالايمىقانلىشتۇرۋىتىشتىنمۇ ئارتۇق رەزىل ئىش بولمىسا كېرەك.تورغا كىرگەن كۆپىنچىمىزنىڭ ساپا-سۇپىتى «ئاتام ئېيتقان بايقىدەك»دىسەك ھەرگىز مۇبالىغلەشتۇرۋەتكەنلىك ئەمەس.بىزدە پىلانلىق،ئۈنۈملۈك تور پائالىيىتى يوقنىڭ ئورنىدا.خەلىقىم ئۈچۈن دەيدىكەنمىز ئاز-تۇلا قۇربان بېرىش روھى بۇلىشى كېرەك.ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئۈنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان قېرىنداشلېرىمىزمۇ يوق ئەمەس.كۆپۇنچىمىزنىڭ يەتمەكچى بولغان مەنزىلىمىز ئوخشاش بولسىمۇ،لىكىن «سەپەر»جەريانىدا پىتىشمايۋاتىمىز.بىزدىكى ھەمكارلىق ئىڭى يوق دىيەرلىك.مۇنبەرلەردىن پايدىلنىپ بىر-بىرىمىزگە قوساق كۆپىكى قىلدىغان،ئىچ-قارنىمىزنى بۇشىتىدىغان،مۇنازىرىدە قىيىپ كىتىپ شەخىسنىڭ ئىززەت-ھۇقوقىغا ھۇرمەتسىزلىك قىلدىغان خاھىشلاردىن پىسخىكىمىزنىڭ ئەقلى يۈكسەكلىككە ۋە كەسكىن ئەمىليەتچانلىققا ئايلىنالمىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
تور دۇنياسىغا كىرگەن ئىكەنمىز مەلوم دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئېرىشەلگەن بولساق ياخشى بولاتتى.ئالدى بىلەن نەزەريىۋى ساپايىمىزنى ئۆستۇرسەك،ئاندىن كېيىن ھەركەتكە ئايلاندۇرالساق مانا بۇ مەن دىمەكچى بولغان قىممەتلىىك ئۈنۈمدور.ھازىر بىزدە سېستىملىق نەزەريىۋى ساپامۇ پىىشىپ يىتىلمىدى.بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلىش كېرەك؟ئۆزباش ئەپەندىدەك سۇغۇققانلىق بىلەن يىراقنى كۆرەر قەلىب كۆزىمىز بۇلىشى كېرەك.كەڭ تورچى دوستلارنىڭ تورغا كىرىشتىكى مەقستى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشنى،ھەر قايسى تور بەت قۇرغۇچىلارنىڭمۇ قەرەللىك ھالەتتە ئۆز ئارا قىممەتلىك تەجىربە-ساۋاقلاردىن يەكۈن چىقىرىپ مۇكەممەللىككە قاراپ سىلجىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.يىغىپ ئېيتقاندا ھەممىمىزنىڭ ئازابىنىڭ يىلتىزى پەقەت بىر.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل:+10(ئاتا) ئۆزىگە خاس پ
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 00:33 |
boztag
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4531
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 248 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-14

 

بىزدىكى كەم بولىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ھەقىقەتنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش تولىمۇ ئاقىلانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.  ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىگە كۆپ رەھمەت.  گەرچە مەن زولپىقات باراتنى يىراقتىن كۆرگەن كۆرگەن ۋە ئۇ يەر بۇ يەردىن ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى كۆرگەن بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پاراڭلاشمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە قايىلمەن. ھەقىقىي كەڭ قورساق ، مىللەتنىڭ كۆيۈمچان پەرزەنتلىرىلا مۇشۇنداق ئېسىل مۇلاھىزىلەرنى يازالايدۇ.  مۇمكىن بولسا زولپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئېنىق ئالاقىلىشىش ئىلىخەت ئادرىسى بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 01:18 |
enqa@
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يىراق قىرلاردا تۇرۇپ يۇرتتىكىلەر ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزگىنىڭىزگە رەھمەت!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 01:31 |
tunpalwini
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-07

 

بۇ تېمىنى نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك .
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 02:38 |
.yaxligim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
پۇل: 651 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-08

 

سىز بەك ئەتراپلىق ئويلاپسىز
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 06:58 |
دوستۇم
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 255 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

مېنى ئويغا سالدىڭىز!
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 08:14 |
olmez
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19880
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 

  ئۇستازىم زۇلپىقار  بارات ئۆزباشنىڭ  يازمىسىنى  دىيارىمغا  بەرگەنلىكىدىن ۋە ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۇرغانلىقىمدن  خۇرسەنمەن.  زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ  ئىلمي جەمئىيەت نەزەرىيىسى ئاساسىدا  يېزىلغان ،  روھىيىتىمىزگە ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى چۈشۈنىشىمىزگە  پايدىسى تېگىدىغان ماقالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مەتبۇئاتلار ۋە تور ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىز  بىلەن يۈز  كۆرۈشىدۇ.  تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئېلخەت ئادېرسىنى يوللاپ قويدۇم.    zulifeikeerbalati@gmail.com  ، يەنە بىر ئېلخەت ئادرېسى: 
  balati@hawaii.edu
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+5(ئاتا) ياخشى ئۇچۇر
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 11:26 |
ئاتا
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 19329
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 994
شۆھرەت: 1854 نۇمۇر
پۇل: 5279 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

رەھمەت ، ئۆلمەس .
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم ، ئۆزباش ئەپەندىنىڭ چىن سۆزلىرىدىن نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپتىم ھەم كۆپ مەسىلىلەردە ئورتاقلىققا ئىگە بولدۇم.
بۇ ماقالە ئۇيغۇر تور (مۇنبەر) لىرىنىڭ ئۈستىدە ئىلىپ بىرىلغان بىرقىتىملىق ئوپراتسىيە بولوپتۇ ، ئەسلىدە ئۆزباش ئەپەندىدەك بىزگە قارىغاندا تىخمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلىرىمىز ،مۇشۇنداق سوغوققان ، قايىل قىلارلىق «سىگناللىرى» بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا دائىم بىزلەر بىلەن ئەسرار لىشىپ تۇرغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى .
ئاخىرىدا بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەردە بىزگە ئىسىل سوۋغىدىن بىرنى ئەۋەتكەن يىراق قىرلاردىكى  ئۆزباش ئەپەندىگە ، ماقالىنىڭ بىزبىلەن يۈزكۆرىشىدە ئەجىر قىلغان ئۆلمەس ئەپەندىلەرگە ھىيتلىق سالام يوللايمەن ،ئامان بولۇڭلار ،ئەزىزلەر.
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 12:45 |
UYGURIYA23
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2680 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

        بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ، زۇلپىقار بارات ئۆز باش مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك ، تېننىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 12:47 |
samayoli
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22578
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-24

 

ئۆزباش ئەپەندىنىڭ قۇتلۇق كۈنلەردە يوللىغان يازمىسىغا تەشەككۈر !
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 12:59 |
honter
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 15364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 51 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-13

 

زۇلپىقار ئۆز باش ئاكىغا كۆپ تەشەككۇر.
[ بۇ يازما Hush_Puraq تەرپىدىن 2008-01-01 19:35 دە ق ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 13:39 |
maarip
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 244 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

رەھمەت سىزگە
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 14:16 |
komandir
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 13544
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-12

 

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ،كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالغىدەك ،لىكىن بۇتىما ئارقىلىق ،داڭلىق ئەدىپلىرىمىز ئارسىدا خېلى ئېغىر  زىددىيەتلەربارلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم
ئابدىرىھىم ئۈتكۈر ۋە ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ،قەييۇم تۇردى ۋە زوردۇن سابىر ئوتتۇرسىدا نىمە زىددىيەتلەر بولغان ؟مەن تېخى بۇلارنى پىكىرداش ،ئۆز ئارا قوللىشىدىغۇ دەپ ئويلاپتىمەن
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 16:14 |
PH110
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 72 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-08

 

ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان ياخشى پىكىرلەر، ئاپتۇرغا تەشەككۇر! بولغاندا باشقۇرغۇچىلىرىمىز  مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رۇھىيىتىگە زىيانلىق ئەسەرلەرنى تەستىقلىمىسا، بىر قىسىم ناچار ۋە ئىتتىپاقلىققا، ئىجتىمائى ئەخلاققا زىت ئىنكاسلارنى چىقارمىسا ياخشى بولاتتى.
  بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى كۆزنەكتە ياكى باش بەتتە ئۇزاقراق قويسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىز كۆرسە، بەھىرلەنسە بولاتتى
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 21:21 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئۆزباش ئەپەندى، تور دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىدىېئولوگىيىسىنى يېتەكلەش جەھەتتىكى رولىغا بەرگەن باھايىڭىز  خېلى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.  شۇغىنىسى، تور بىپايان يېزا-قىشلاقلىرىمىزدىلا ئەمەس شەھەر -بازارلىرىمىزدىمۇ ئائىلىلەرگە تېزلىكتە ئومۇمىلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ.  بۇ ئىقدىساد بېلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

بەزى بايانلىرىڭىزدىن قارىغاندا ،ئۇيغۇر  تور بەتلىرى  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ خېلى ياخشى ئەرمىكى بولۇپ  قالغاندەك قىلىدۇ. بۇمۇ بولغىنى. ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئاچچىق سېغىنىشىغا ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئارقىلىقمۇ بولسا تەسكىنلىك ئىزدىسۇن.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 21:22 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

يەنە بىر گەپ ، سىز ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن  يۇقۇرقى زەكىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا تورغا ئەسەر يوللىمايدۇ، ياكى توردىكى مۇنازىرلەرگە قاتنىشىپ ئۆز پىكرىنى ئاشكارە ئىپادىلىمەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇلار توردىن ئىبارەت دېمىگراتىك خۇسۇسىيىتى خېلىلا كۈچلۈك بولغان مۇنازىرە مەيدانىدا يا ئۇنداق-يا مۇنداق سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ مىڭ تەستە تىكلىگەن ئابرويىغا داغ  چۈشۈرىۋېلىشتىن قورقىدۇ.  چۈنكى، ئۇلار ئابرويىنى قاتمۇقات  ئىسكەنجە ئاستىدىكى  بېكىنمە مۇھىتقا كۆنگەن قەغەز مەتبۇئاتلىرىدا  تىكلىگەن. ئۇلار بەلكىم، سىزنىڭ تور دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىدىېئولوگىيىسىنى يېتەكلەش جەھەتتىكى رولىغا بەرگەن باھايىڭىز غا تېشىدا قوشۇلسىمۇ ئىچىدە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن.
مەن ئويلايمەن، سۈكۈت كۆپ ھاللاردا كىشىگە سالاپەت بېغىشلاپ ئۇنى بەزى تالاپەتلەردىن ۋاقتىنچە ساقلاپ قالالىغىنى بېلەن، ئۇنىڭ يەنە بىر يۈزىگە قارىسىڭىز ساقتا شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ، توخۇ يۈرەكلىكنىڭ ئىزناسىنى كۆرىسىز. 
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 21:46 |
mustabit
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8987
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 514
شۆھرەت: 412 نۇمۇر
پۇل: 1735 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 224(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇنداق ئىسىل پىكىرلەردىن نەپەس ئالمىغىلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن . ئىچىرقاق قەلىبلىرىمىز سىزگە  تەشنا . اللاھ قولىڭىزغا ۋە قەلبىڭىزگە دەرىت بەرمىسۇن . 
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 22:53 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3109
شۆھرەت: 3456 نۇمۇر
پۇل: 1231 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

رەخمەت ظەجرىثىزگە!
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 22:56 |
ParhatTursun
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3037
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
پۇل: 192 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  سالام، ئىنىم زۇلپىقار! ئىشلىرىڭىز ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟
    ماقالىڭىزنى كۆردۈم، بۇ ماقالىغا باھا بەرگۈم يوق، لېكىن بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قوياي: مەن ھېزىم قاسىم بىلەن ياكى باشقا بىرەر كىم بىلەن بىرلىشىپ بىر نەرسە يېزىپ باققىنىم يوق. مەن ئەزەلدىن يېزىقچىلىقنى شەخسىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىش دەپ قارايمەن. شۇڭا بازاردىن كىتاب سېتىۋالساممۇ ئىككى ئادەم بىرلىشىپ يازغان كىتابنى ئالمايمەن، چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق ئەسەر مىخانىك ۋە سۈنئي بولۇپ چىقىدۇ.بىر ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنبىرلىشىپ يازغان ئەسەرنى پەقەت ئۆزىلا مۇرادىغا يەتكىدەك قىلىپ يازالايدۇ. سىزنىڭ مېنى نىمىشقا ھېزىم قاسىم ئاكىنىڭ ماقالىسىغا قوشۇۋالغىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. مەن ھەيرانمەن. قەيەردە ئىجادىيەت ئوغرىلىرى تەنقىدلەنسە كىشىكەر بۇنى مەندىن كۆرىدىكەن، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مەندىن باشقا ھېچكىم ئوغۇرلۇقنى يەنقىد قىلمايدىغاندەك.
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ.
              پەرھات تۇرسۇن
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 11:09 |
Subhi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 476
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 391
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 821 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

                    چاقماقتەك پىكىر قىلىش ۋە پىشىپ يېتىلىش
      ھەر قېتىم ئۇنىۋېرستېتنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدىن ئېغىر خىيال بىلەن چىقىپ كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگىنىمدە ، تالجىققان نېرۋىلىرىمنى سەگىتىش ئۈچۈن .............
< تالجىققان >>  دېگەن  سۆزنى  چارچىغان ، ھارغان ،  زېرىككەن......  دېگەندەك  مەنىلەردە  چۈشەنسەك  بولامدۇ  ؟ ئو سۆزنى مانا  ئەمدى  ئاڭلاپ  تۇرۇپتىمەن .
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 12:22 |
alparabi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 10869
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 146 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

پەرھات ئەپەندى، سىز ھەقىقەتەن كۆپ ھەرەج تارتتىڭىز نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىزگە ھىسداشلىق قىلىدۇ، بۇ يەردە سىز زۇلپىقار ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئومۇمى روھىغا ئەھمىيەت بىلەن قاراڭ  ماقالىدە تىلغا  ئېلىنغان ھەزىم قاسىم بىلەن بىرلىشىپ بىرنەرسە يازدى  دىگەن گەپ توغرا ئوتتۇرغا قويۇلمىغان بولسا  بۇنى ئىنكار قىلىشقا ھوقۇقلۇقسىز ، ئەمما بۇ مۇنازىرىدە يەنە كونا خاماننى سورۇپ قوساق كۆپىگى قىلىش  سىزدەك تەربىيە كۆرگەن  قەمىيەتنىڭ ئىسسىق سوغىغىنى باشتىن كەچۇرگەن زىيالىغا نىسپەتەن  ئاقىلانىلىق ھىساپلانمايلا قالماستىن  دىيارىم تورىدەك  قېنى قىززىق  ياشلار ئەزالارنىڭ كۆپ سانلىغىنى ئىگەلىگەن مۇنبەردە  ئەمىلى ئەھۋالنى  بىلمەيدىغانلار ئارىسىدا  پايدىسىز تەسىر قوزغاپ قويىشىڭىز مۇمكىن. سالامەت بولۇڭ  كەڭ قوساق بولۇڭ مەردانىلىق بىلەن ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەڭ
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 12:43 |
UYGURIYA23
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2680 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

  بىز  زۇلپىقار بارات ئۆز باش مۇئەللىمنىڭ  «سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى »، «ھاۋاي ئۇنۋېرستېتىدىكى كۈ
نلەر » ( شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلنىڭ 2007-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ......گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى داۋاملىق يېزىپ چىقىشىنى ھەم بۇندىن كېيىن  ، يازغان ئەسەرلىرىنى دىيارىم تورىغا داۋاملىق يوللاپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز  !  خۇدايىم بۇ  ئۇستازىمىزنىڭ ئشلىرىنى ھەر ۋاقىت ئوڭۇشلۇق قىلغاي ! 
    مۇئەللىم بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ، داۋاملىق تىرىشىڭ !
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 13:37 |
uyush
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 175
شۆھرەت: 190 نۇمۇر
پۇل: 817 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئوقۇشىغا ئوتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر نى ھۆرمەتلەپ قويىشىنى تۆەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمىز!
zulifeikeerbalati@gmail.com 
  balati@hawaii.edu بۇ ئېلخەتلەر ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكمۇ نىمە؟!

  zulpiqarbarat@gmail.com
barat@hawaii.edu ئەسلى مۇنداق بۇلىشى كىرەكمۇ ،قانداق؟
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 14:18 |
mamhmutjiang
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 16988
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1315
شۆھرەت: 1320 نۇمۇر
پۇل: 372 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 259(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

رەخمە ت ىسز گە
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 14:46 |
kurxat
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 13028
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 531
شۆھرەت: 127 نۇمۇر
پۇل: 867 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى ياخشى يولغا يېتەكلەشتە نىمىلەرنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا ئەتراپلىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، يەنە زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ تەقدىرىمىز ئۈچۈن قانداق باش قاتۇرۇش ۋە قانداق ھەمكارلىشىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئەھمىيەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.
ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 16:02 |
UYGURIYA23
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2680 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

    ھۆرمەتلىك پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى ،يۇقىرىدا ئەلفارابى ئېيتقاندەك ئۆز باش مۇئەللىم بۇ ماقالىسىدا سىزنى بىر نەرسە دېگىنى يوق ، سىز ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى بولغاندىكىن  مەسلىنىڭ ماھيىتىنى  توغرا چۈشىنىشىڭ ، باشقا مۇنبەر  ئەھلىنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلماڭ ! مۇنبەر « ئاچچىق  » چىقىرىدىغان سورۇن بولۇپ قالمىسۇن !
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-22 16:21 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 03:24
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号