« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: كۈمۈش رەڭ ئۇپۇقلار .... ئاتا بۆرە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 1079 قېتىم كۆرۈلدى
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1448
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 كۈمۈش رەڭ ئۇپۇقلار .... ئاتا بۆرە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuxbeg526 تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-24)
  ئۇپۇقتكى ئەشۇ گىرىمسەنگە قاراپ ئىلگىرلەۋەتىمەن . ئۇ يەر كىشىلىك مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان . ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل گۈزەللىكى شۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەن . ئۇ ئېيىتقۇسىز دەرىجىدىكى گۈزەل زىمىن . بۇ زىمىندىن سۇ ئىچەلمىگەن ، ئىزتىراپقا تولغان روھىم مىنى بۇ ئۇزۇن سەپەرگە باشلىدى ......
  ۋاقىت قۇلاق تۈۋىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە . مەن ۋاقىت دۇلدۇلىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتىمەن ... ئۇپۇقنى يوشۇرۇپ تۇرغان چوققىلار تاۋلىنىشقا باشلىدى . تاغ كەينىدىن قۇياشنىڭ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازى كەلمەكتە .....
- ئاكا ، قارا ! .. ئاي چىقىپتۇ ! تولۇنئاي ئىكەن .
ئىنىم ھەممە نەرسىگە قىززىقىش بىلەن تويماي قاراتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە مەۋجۇدات شۇنچە گۈزەل بىلىنەتتى . كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئايغا تىكىلدى ، ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى ...... چەكسىز ئاۋاز مىكرۇ بوشلىقى ئىچىدىن ئاي بىلەن يەرنىڭ ھېكايىلىرى قۇلاقلىرىمنى يەلپۈپ ئۆتمەكتە .... سۈزۈك شىمال ئاسمىنىدىن بىر توپ تۇرنىلار ئۇچۇپ كەلدى . ئەڭ ئالدىدىكى باشلامچى تۇرنا قاناتلىرىنى مەغرۇر قېقىپ ئۆز توپىدىكىلەرگە يول باشلىماقتا . ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلى ئارقىلىق توپىدىكىلەرنى قوغدايدۇ ، بۇ بىرخىل كۆز بىلەن كۆرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ سېھرى كۈچ . تۇرۇپلا تۇرنا ھەققىدىكى بىر رىۋايەت ئېسىمگە كېلىپ قالدى .............. تۇرنىلار ، ھەقىقى ئاشىق - مەشۇقلۇق ، ئۇيۇشقاقلىق ، باتۇرلۇق مۇجەسسەملەنگەن روھتىن پەيدا بولغان . بۇلار ئەشۇ روھنىڭ بەلگىسى . مانا بۇلار سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ھەقىقى چۈشەنگۈچىلەر ، ئۇنى ھەقىقى قەدىرلىگۈچىلەردۇر . جۈپىدىن ئايرىلغان تۇرنا ھەرگىز قايتا جۈپ ئىزدىمەيدۇ .... مەن بۇ روھقا ئېنتىلگۈچى . بەلكىم ، ئۇ ناھايىتى ئۇزاقتا قالغان بولىشى مۇمكىن . مەن ئۇنى ۋاقىت تونىلىنىڭ قارشى يۆلىنىشىدە ئىزدەۋاتىمەن . بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر يېڭى ئۇقۇم !
- ئاكا ، قارا ئاۋۇ كەپتەرلەرگە ...... نىمىدىگەن ئىناق ! .....
ئىنىمنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزدى . راس ، نىمىدىگەن ئىناق ھە ! .. بىر داننى تۆتى بۆلىشىپ يىيىشمەكتە .... « ھەي ئىنسانلار ! ، بۇ زىمىن ئاخىرى ئۆز قولۇڭلاردا ۋەيران بولىدىغان بولدى » ... تۇيۇقسىز غايىپتىن قۇلىقىمغا بىر ئاۋاز كىرىپ قۇلاق پەردەمدە توختىماي جاراڭلاپ كەتتى . كۆز ئالدىمدا بولسا ئاجايىپ بىر سۈرەت ئېكرانى پەيدا بولدى . « ئەنە ، دادىسىنىڭ مېيىتى سوۋىماي تۇرۇپ ئەۋجىگە چىققان مىراس جىدىلى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنى سوتمۇ - سوت سۆرەپ يۈرمەكتە ... مانا ، بالىسىنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان بىچارە مۇماينىڭ پۇلىنى ئولجا ئالغان ئازغۇن ياش ئۆز ھوجۇرسىدا « شەيتان دېمدىسىنى » بېلىكىگە ئىشتىياق بىلەن ئۇرماقتا ... تۈن قوينىدا ئىككى جانجىگەر دوست ئازراق ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى بىر - بىرىگە رەزىلىك بىلەن پىچاق ئۇرۇشماقتا ... قاۋاقلاردىن ھالاكەت مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ... ئۇرۇق - تۇغقانلار كوچىدا بىر - بىرىنى تونىماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشمەكتە ...كۈچلۈكلەر ، مىسكىنلەرنىڭ  قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بۇردا ناننىمۇ تاتىۋىلىشماقتا ... بۇزۇقچىلىق ئەۋجىگە چىققان زىمىندا ھەرخىل مەرەز كېسەللىكلەر تارقىلىپ يۈرۈشمەكتە ... ئۇرۇش ئوتى قوللىرىنى ھەممە يەرگە سوزۇلماقتا ............................. تاقىر تاغلار ، قاقشال ئورمانلار ، سارغانغان يايلاقلار ، يۇرىت - ماكانىدىن ئايرىلغان جان - جانىۋارلار كېملەرنىدۇ قارغاشماقتا ... چاقماقلار غەزەپتىن چېقىلماقتا ... ئۆ- جىسمىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشىگە چىدىمىغان زىمىن ئۆز ئېگىسىدىن يەنە بىر قېتىملىق توپان تىلەشمەكتە ................................................ »
  ئايدىڭ دالىدا كېتىۋاتىمەن . ھەر قەدىمىم يۆتكەلگەندە ئاياق ئاستىمدىكى غازاڭلار : « ئاھ ! ... ياشلىقىم !!! ، قېنى ؟ ئاخشامقى گۈزەل ياشلىقىم !!! » دەپ ئاھ - زاز تارتىشاتتى . كۆز ئالدىمدا بىر ئوت يۈرەك شۇڭقار تاشلاپ كەتكەن بىر پارچە شېئر كېنۇ لېنتىسىدەك ئۆتىشكە باشلىدى :
.....................
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
يىرتىسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق .
....................

ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ يولى ، سۈپ - سۈزۈك تاغ سۈيى ساينى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقماقتا . تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ مەرۋايىتتەك ئاق بۇژغۇنلارنى چاچماقتا . بىر جۈپ كاراپ بېلىقى سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە .
...................
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ .
...................

ھەقىقەتەن بىر ئوتلۇق شائىرى ئىدىڭدە ، ياتقان جايىڭ جەننەت بولسۇن !! كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش تاغ سۈيىگە قوشۇلۇپ كەتتى . سۇ بويىدا ئۆسكەن بىر تال قىزىل گۈل ماڭا مەيۈس قاراپ قويدى ...............


ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ....

ئاپتۇرى : ئاتا بۆرە ( 2002 - يىلى غۇلجا ئاققۇزەن )
 
                                   
                                                           
بۇ تېما باشقۇرغۇچى ajrim تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2007-12-10 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n ..
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-10 18:11 [باش يازما]
    hoxqakqak
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19426
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 764
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە764دانە
    شۆھرەت: 659 نۇمۇر
    پۇل: 1976 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى .رەھمەت سىزگە
    [ بۇ يازما Hush_Puraq تەرپىدىن 2007-12-11 20:14 دە ق ]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ?????????
    | ۋاقتى : 2007-12-10 18:51 1 -قەۋەت
    owqe
    ۋەتەن
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9693
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 911
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە911دانە
    شۆھرەت: 857 نۇمۇر
    پۇل: 2689 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :99(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتا بۆرە ھۇۋلاشلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولىۋاتىمەن.
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    جانان ئۈچۈن كىچىمەن جاندىن،
    ۋەتەن ئۈچۈن جاندىن جاناندىن.
                                    -قوزى
    | ۋاقتى : 2007-12-10 18:55 2 -قەۋەت
    harrypotter
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21197
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 664
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە664دانە
    شۆھرەت: 737 نۇمۇر
    پۇل: 774 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىنى كۈتىمەن . تىزراق يىزىڭ.
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    http://www.makanim.com.cn/alwasti/
     
    | ۋاقتى : 2007-12-10 19:16 3 -قەۋەت
    matrozi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گېرمسەن نىمىگە قارىغان بولغويتىڭىز؟!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2007-12-10 19:16 4 -قەۋەت
    yalguz-tikan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22143
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە55دانە
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-18
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىز رەھمەت  سىزگە  ~~~داۋامىنى يوللىشىڭىزنى كۈتىمەن ~~~~~~~~~~~~~~~~
    [ بۇ يازما Hush_Puraq تەرپىدىن 2007-12-11 20:14 دە ق ]
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    | ۋاقتى : 2007-12-10 19:24 5 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5442
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5442دانە
    شۆھرەت: 2210 نۇمۇر
    پۇل: 10303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەنھالىق  ،چۈشكۇنلۇك ،ئازاپنى قوغلاش ،ئەخلاقى جەھەتتىكى يىمىرلىش ھەر خىل شەكىلدە ئىپالدىلنىۋاتقان جىنايى قىلمىشلار ..بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبىمىزدە مۇكەممەل  ئەقىدە بولالمىغانلىقتىن ،ساغلام .ئېتىقادقا ،توغرا دۇنيا قاراشقا ئېرشەلمىگەنلىكتىن  كېلىپ چىققان روھىي پاجىئەدىن باشقا نەرسە ئەمەس!
    تىمىڭىزغا تەشەككۇر ......داۋامنى تىزراق يىزىڭ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2007-12-10 20:17 6 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3106
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3106دانە
    شۆھرەت: 3353 نۇمۇر
    پۇل: 222 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 43 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :145(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داإامى؟؟؟؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    قىزبالىنىڭ  بايلىقى-ئۇنىڭ نۇمۇسىدۇر!
    | ۋاقتى : 2007-12-10 20:53 7 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      كۈندە پەقەت ئىككى سائەت بىكار ۋاقتىم بولغاچقا شۇڭا ئەسەرنى بۆلۈپ يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم .... كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .... 
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-10 21:40 8 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2261
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2261دانە
    شۆھرەت: 2208 نۇمۇر
    پۇل: 7347 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەپەككۈرىڭىز خېلى جايىدا.
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2007-12-11 11:47 9 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      داۋامى .....
                                                     
    خىيال شەھىرى


       ئەتراپ تۈن لىباسىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئارىتماقتا . ئاينىڭ سۇس يورۇقى يولۇمنى يورۇتماقتا . تۇيۇقسىز كىيىك كۆشىنىڭ مېزلىك پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى . ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر گۈلخان يىنىپ تۇراتتى . گۈلخان ئەتراپىدىن كۈلكە - چاقچاق ئاۋازى كۆتۈرلىۋاتاتتى . قەدەم تۇلپىرىم ئىختىيارسىز شۇ ياققا ئېلىپ ماڭدى .
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
    بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلەر ماڭا تىكىلىشتى .
    قېنى ، مېھمان قاراپ تۇرماي يۇقۇرغا كېلىڭ !
    كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم . ئالدىمدىكى سادىر باشچىلىقىدىكى تاغ ئەزمەتلىرى ئىدى . شىرمەت پالۋانلار بىلەن بىرمۇ - بىر كۆرۈشىپ چىقتىم . ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ئاچچىق تەر پۇرىقى ، ماڭا ئىپاردەك سېزىم ئاتا قىلدى . سورۇن باشلاندى . يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان ھەقىقى جەڭ ھېكايىلىرىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئاڭلاۋاتىمەن . ۋاقىت سۈرئەت تونىلىدا چاپماقتا ئىدى . مانا ھەش - پەش دىگۈچە تۆت سائەت ئۆتۈپ كەتتى . ئۇلار مۇھىم ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ يولغا چىقتى . كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم :
    - اللە سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ! ..... ئامان بولۇڭلار .....
    ئۇلار قامچىسىنى قولىغا ئالدىدە - :
    - ئاق يوللۇق بولۇڭلار ! .... بۇرادەرلەر .....
    ئاتلار ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى . قۇلاق تۈۋىمدە پالۋاننىڭ : « كېيىنكى ئەۋلاتلار بىزنى قايسى نامدا ياد ئېتەركىن ؟؟ » دىگەن ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى جاراڭلىماقتا ئىدى . ئاي ماڭا قاراپ قويۇق بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى . ئىككى يورۇق يۇلتۇز ئار - ئارقىدىن ئېقىپ كەتتى ....... يولۇم داۋام ئەتمەكتە ، يىراقتىكى بېنەمدىن دېھقان ئاكىنىڭ ئورما ناخشىسى ياڭراپ قالدى . مانا ، بۇ يۈرەكنىڭ ھەقىقى مىلۇدىيىسى . قان - ياشقا تولغان كۈيلەر . ئىزتىراپ ئىچىدىكى مۇڭلار ..... دېھقاننى قانچە كۈيلەپ يازساڭ ئازلىق قىلىدۇ شائېرىم . ھەقىقەتەن دېھقان بولماق تەس ! بىر يىل جاپانى سەن تارتىسەن ، يىل ئاخىرىدا قولۇڭغا قالىدىغىنى يەنىلا شۇ ئۇرۇقلۇق بىلەن ئىككى ھارۋا سامان . ھەي ،  اللە ساڭىمۇ بىر ئاسانلىق بېرەر ..... بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر .............
       مەنزىلسىز ماڭماقتىمەن . قارغايلىق چوققىلار ، قويۇق چاتقاللار ناھايىتى سۈرلۈك ئىدى . يىراقتىن ھوقۇشنىڭ بۇغۇق سۇس سايرىغان ئاۋازى كەلمەكتە ....... تۇرۇپ - تۇرۇپلا يىنىمدىكى چاتقاللار ئارىسىدىن ئاياق ئاۋازىمدىن ھۈركىگەن كەكلىكلەر « پۇررىدە » قىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ يەنە يىراقتىكى قايسىبىر چاتقالنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتەتتى . تۇرۇپلا شەرىق تەرەپتىكى تاغ  قىزىرىپ ، ھۇررا - چوقان ئاۋازى ياڭراپ قالدى . قىزىللىق بارغانسىرى يىقىنلاشقاندا تاغ چوققىسىدا بىر كۆك بۆرە پەيدا بولدى ، ئۇنىڭغا ئۇلۇشىپلا مىسران قىلىچىنى يالاڭۋاچلىغان ئوغۇز قوشۇنىنى باشلاپ پەيدا بولدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يانماقتا ئىدى . ماڭا مەنىلىك بىر قاراپ قويۇپ كۈن پېتىشقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ....... تاغنىڭ ئىرغىن سوغۇق شامىلى چىقىشقا باشلىدى . تاغ چوققىسىدىن پارچە - پارچە قارا بۇلۇتلار مەن تەرەپكە قاراپ سۈرىلىشكە باشلىدى . ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپلا يەنە بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇيىتتى . چىرايىدا قانداقتۇر بىرخىل زېرىكىشلىك چىقىپ تۇراتتى . ئاخىرقى چولپان يۇلتۇزىمۇ ئۆچۈش ئالدىدا تۇراتتى . تاڭ بىلىنە - بىلىنمەس سۈزىلىشكە باشلىدى . ئالدىمىزدا بىر مەھەللە كۆرندى . مەھەللە ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا قويۇق ناخشا - مۇزىكا ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى .... سائەتىمگە قاراپ تۇرىشىمغا شۇنداق يىقىملىق بىر ئەرزان ئاۋازى كىلىپ پۈتۈن جىسمىمنى ئېرىتىۋەتتى . ئۇ قويۇق بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ تاغ باغرىغا يېيىلماقتا ئىدى . سۇس قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئالىمىزدا بىر مەسچىد كۆرۈندى . ھايال ئۆتمەي مەسچىت ئىچىگە كىردۇق . دۇنياغا كېلىپ بۇنداق گۈزەل مەسچىدنى تۇنجى كۆرىشىم ئىدى . ئەپسۇس مەسچىد ئىچىدە ئىمام ۋە مەزىندىن باشقا ئېىسان كۆرۈنمەيىتتى .  ئىنىم ئەجەپلىنىش ئىچىدە ماڭا قاراپ قويدى ...... تۆت كىشىلىك نامازمۇ ئاياقلاشتى .ئىمام ئېغىر ئۇھ تارىتماقتا ، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى يانماقتا ئىدى ..... ئۇ تۇرۇپلا ماڭا ئېغىز ئېچىپ قالدى :
    - ئوغلۇم ، ئۇزۇن زامانلارنىڭ ياقى بۇ تەرەپلەرگە يات كىشىلەرنىڭ ئايىقى يىتىپ باقمىغان . بۇ مەسچىدمۇ بۇ ئىككىمىزدىن باشقا ئىنساننى قارشى ئېلىپ باقمىغان . بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى سەن ئېلىپ كەلدىڭ . بۈگۈن بىز خوشال بولدۇق . سەپىرىنى قاياققا ئالدىڭكى ؟ ... سەپەرگە چىقىشتىكى مۇددىئايىمنى تولۇق سۆزلەپ بەردىم .
    - ئۇلۇغ بىر سەپەرگە ئاتلىنىپسەن ، لىكىن بۇ بىر بارسا كەلمەس يول .  قۇدىرەتلىك ئىگەم سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ، يولۇڭ ئاق يوللۇق بولسۇن . ئامىن ! ...... ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۇئا ئاخىرلىشىپ بۇ بارسا كەلمەس يولغا ئاتلاندۇق ........
      

       ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ......
               
     
    [ بۇ يازما atabora تەرپىدىن 2007-12-12 19:12 دە قايت ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-11 20:04 10 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5442
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5442دانە
    شۆھرەت: 2210 نۇمۇر
    پۇل: 10303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ دۇنيا بەزدە شۇنداق ئادىل  ،بەزلەرنىڭ ۋاي دەپ كەتكۇچلىگى بولمىسمۇ  شۇ قەدەر كوڭۇللكۇك ياشاۋاتقانلىقنى كورۇپ تۇرسىز. سەمىمىلىك نادانلىق ئەمەس ئەمما ئۇنىڭ شولسى  كىشنى دانالىقتىنمۇ بەكرەك ئادەمنى ئوزگە جەلىپ قىلدۇ.

    تىمىڭىزنى داۋامنى كۇتمەن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2007-12-11 21:29 11 -قەۋەت
    nazema
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21890
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 124
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە124دانە
    شۆھرەت: 124 نۇمۇر
    پۇل: 496 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ئىسىل تىمنى كورمەي يۇرگەنلەرگە ئىسىت . ئالتۇن ياتىدۇ سايدا تونمىساڭ نە پايدا . يىزىڭ داۋامنى كۇتمەن.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئىنسان تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنى تىرىك مۇردىغا ، ئەقىلدىن ئايرىلغان كۇنى ھايۋانغا ئوخشايدۇ .
    | ۋاقتى : 2007-12-12 00:51 12 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      بۇلىدۇ . نەزىمە ئاخىرىنى چوقۇم يوللاپ تۈگىتىمەن .... 
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-12 02:05 13 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون 11 - قەۋەتتىكى kunkiz نىڭ 2007-12-11 21:29 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    بۇ دۇنيا بەزدە شۇنداق ئادىل  ،بەزلەرنىڭ ۋاي دەپ كەتكۇچلىگى بولمىسمۇ  شۇ قەدەر كوڭۇللكۇك ياشاۋاتقانلىقنى كورۇپ تۇرسىز. سەمىمىلىك نادانلىق ئەمەس ئەمما ئۇنىڭ شولسى  كىشنى دانالىقتىنمۇ بەكرەك ئادەمنى ئوزگە جەلىپ قىلدۇ.

    تىمىڭىزنى داۋامنى كۇتمەن.

     
        ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻘﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ " ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ "  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭘﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﻻﺭ  ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻤﯩﺰ  ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ......  ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰ ﺋﻪﮔﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .... ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺭﻩﮬﯩﻤﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯞﯨﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ  ﻛﯧﺮﻩﻙ .  ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺳﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ .... ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ .... ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ .....
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-12 02:44 14 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5442
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5442دانە
    شۆھرەت: 2210 نۇمۇر
    پۇل: 10303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىنىڭ قەدىرىڭنى بىلمىگەن كىشى بىلەن سوھپەتلەشمەك  ھەم ئادەم  قەدرىنى بىلمىگەن كىشگە خىزمەت قىلماق  خۇددى ئاندىن تۇغما گاسنىڭ قۇلغىغا سوزلىگەنگە ياكى قارغۇ كىشدىن ھۆسۇن-جامالنى تەرىپلەشكە سۆز تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش . مەن سىزنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىڭىزنى دەرھاللا بىلەلمىسەممۇ ماڭا قىلغان نەسىھەتلىرىڭىزنى  كوڭلۇمدە چىڭ ساقلايمەن.
    تىمىڭىزنىڭ داۋامنى كۇتمەن.
    http://mtv.diyarim.com
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2007-12-12 13:57 15 -قەۋەت
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17978
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 3569
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3569دانە
    شۆھرەت: 3350 نۇمۇر
    پۇل: 11017 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. تىلى جانلىق ، مەزمۇنى چۇڭقۇر ئىكەن. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ يۇرەك ساداسى ئوخچۇپ تۇرۇپتۇ. ئەقلىڭىزگە بارىكاللا !
    داۋامىغا قارايمەن...
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2007-12-15 23:56 16 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ............


    ﭼﯜﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺵ



       ﺗﺎﯓ ﻳﻮﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .....
       ﻗﯘﻳﺎﺵ ﮬﺎﺳﯩﺮﯨﭗ - ﮬﯚﻣﯩﺪﻩﭖ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﻱ : - " ﻳﻮﻟﯘﯓ ﺧﻪﻳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ! " ﺩﻩﭘﻼ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯜﻥ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﺳﯘﺱ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﯞﻻﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻟﭙﯜﻣﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ....
    - ﺋﺎﻛﺎ ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺩﯗﻡ ...
    ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
    - ﺋﺎﻟﻪ ، ﺳﺎﻗﺎﻡ ﺑﯘ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯩﭻ ...
    ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ .
    - ﻣﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﯔ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .
    - ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻤﻪ ﺋﺎﻛﺎ ، ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ . ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .....
    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﺎﻳﯩﺒﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﺭ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﻪﮔﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
    - ﻳﯜﺭﻩ ﺳﺎﻗﺎﻡ . ﺋﻪﻣﺴﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ ، ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ......
    ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ...... ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ، ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻼﺭ ، ﺗﺎﻍ - ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﭼﯚﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ . ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ؟؟ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ..... ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ..... ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷﻤﯘ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻧﯩﻤﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﺎﻱ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ..... ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ... ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯜﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻣﻼ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ - ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯜﺯﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﭖ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻣﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﯗ - ﺳﺎﻧﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﯩﻢ ...... ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯗﻕ . ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﺳﻪﭘﺴﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ﭘﻪﻣﯩﻤﭽﻪ ﺩﻩﺭﻩﺥ 2000 ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻻﻕ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﺎﭘﻴﯩﺸﯩﻞ ، ﺑﺎﺭﺍﺧﺴﺎﻥ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﯩﺪﻯ ..... ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﯩﻐﺎ " ﺋﯧﺮﻛﻰ " ﺗﻪﺧﻪﻟﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻤﺎ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ :

    ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﻗﻮﻟﯘﯕﻤﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ،
    ﺭﻩﮬﯩﻢ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ .
    ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﻏﯩﻦ ،
    ﺋﺎﺳﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﯜﺗﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ .


    ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻧﯩﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻛﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪﻥ ... ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ... ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻛﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .... ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ... ﺷﯘ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺯﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﻤﻪﻥ ....... ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﺪﺍﻡ ﻳﻮﺭﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻨﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .................... ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ....... ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﻰ ﺩﻩ : - " ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻨﯩﻼ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ " ﺩﻩﻳﯩﺘﺘﻰ . ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯖﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﯩﺘﺘﻰ . ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻝ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯟﯨﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺩﻭﺳﻠﯘﻕ ﻣﯩﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ...... ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻥ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﮕﻪﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ........ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .... ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﯗﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻗﯘﻡ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺭﺍﯓ - ﭼﯘﺭﯗﯓ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﺪﻩﻟﻤﯩﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻢ ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﺋﻮﻳﯘﻡ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ؛
    - ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪﯓ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﯩﻤﻪﻥ .
    ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻣﺪﺍﭖ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﺎﻣﺪﺍﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭺ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﺮﺩﻯ . ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ " ﮔﺎﭼﭽﯩﺪﻩ " ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺋﯚﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﯛﻝ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﯩﻚ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ................... ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ : " ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻛﺘﻪ " ....... ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﯗﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﭗ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻡ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻳﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻻﻕ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ ..... ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ...........


    ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ..........
    [ بۇ يازما atabora تەرپىدىن 2008-04-05 00:14 دە قايت ]
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-16 19:24 17 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ........


    ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻮﻝ ( ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯩﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ )



       ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻧﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯩﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ................
       ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﮬﯧﺠﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻱ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﮔﯜﻝ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯚﺯ - ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﯞﯨﺞ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﯩﺪﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﻞ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ..........
       ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﺯﻏﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ...... ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﯗﻟﺪﯗﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻯ . ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺗﺎﯕﻤﯘ ﺋﺎﺗﺘﻰ . ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯘﻏﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﺎﭘﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﮬﻮﺟﯩﺮﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ .....
    - ﺋﺎﻛﺎ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
    ﺋﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻛﻪﭘﺘﯩﺮﯨﻢ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﻪﺳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﯘ " ﺟﻪﻟﯩﭙﻜﺎﺭ " ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﻮﯞﯗﻗﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻐﺎ ( ﺑﯧﻐﻪﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ 2995 - ﻳﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ) ﺩﻩﭖ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻠﻪﻧﺪﯨﻢ . ﻛﯩﺮﻩﻳﻤﯘ ؟ ، ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻤﯘ ؟ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺯﯨﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮬﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺭﭼﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﯛﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﻐﯘ ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ، ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺑﻪﺭﻩﮬﻨﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ، ﺗﯘﯓ - ﺗﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﺰﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﻮﺷﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺑﻼﺭ ، ﺋﯚﻱ- ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﻪﻳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺭ .............. ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ( ﺑﯧﻐﻪﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ) ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ :
    - ﺋﯘﻛﺎﻡ ، ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﯩﻤﻪ ؟
    ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭺ - ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺗﺎﺯﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﯞﺍﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ :
    - ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ !
    ﺑﯘﯞﺍﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﻟﯩﯖﯩﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﯘﯞﺍﻳﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘﯞﺍﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩ - ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻧﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﮔﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ........... ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻠﻜﻪﻧﺪﻯ . ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯚﯞﻩﺟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﯞﻭﻟﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺭﻭﮬﯩﻢ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﻤﺎﻗﺘﺎ ........ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﻯ ........ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻜﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﻳﯩﺘﺘﻰ . ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻗﻼ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﺩﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ............. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ - ﺯﯨﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ . ﺳﺎﭖ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻗﯧﻨﯩﭗ - ﻗﯧﻨﯩﭗ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﭼﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻕ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘ ﻣﯩﺴﺮﺍﻻﺭ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ :

    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻼﺭ ؟
    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯗﻟﺪﯗﻟﻼﺭ ؟
    ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ، ﻛﯚﺯﻳﺎﺵ ، ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ،
    ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ( ﺋﯘﻳﺎﺕ - ﻏﯘﺭﯗﺭ ) ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ؟ .........


       ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭘﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺷﯘ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯜﻡ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻤﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ...........


    ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ............
    [ بۇ يازما atabora تەرپىدىن 2007-12-18 20:21 دە قايت ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-18 20:15 18 -قەۋەت
    ahmatsadakat
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 346
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە346دانە
    شۆھرەت: 346 نۇمۇر
    پۇل: 1260 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2007-12-18 20:51 19 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5442
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5442دانە
    شۆھرەت: 2210 نۇمۇر
    پۇل: 10303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسرىڭىزگە  بەكمۇ ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرارمەن دىگەن ئىدىم ، ئەسرىڭىزنىڭمۇ ماڭا بەرگەن تەسرى بەك ياخشى ئىدى ......تولمۇ ئەپسۇس.............. بۇ گۇن يازماي باشقا كۇنى ئوز تەسراتلىرىمنى تەپسىلى  قالدۇرارمەن . چۇنكى ..................بولدىلا سەۋەپ جىق . سىزنىڭ  ماڭا دىگەنلىرىڭىز  توغرا ئىكەن ................. مەن بەكمۇ ساددا ئىكەنمەن  ھەممە ئادەمنى ئوزۇمدەك كورۇپ كەپتىمەن  بۇنىڭدىن كىيىن مىنى ئەخمەق دەڭ.
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2007-12-18 21:29 20 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      سىزنى ئەخمەق دىسەم ئۇنىمىغانتىڭىزغۇ ؟؟ ..... ھامان بىر كۈنى شۇنداق بولاتتى ..... دۇنيانىڭ ئىشلىرى سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى بولغان بولسا ياشاش بۇنداق تەس بولماس ئىدى  ، ئىنسانلار بۇنداق پەس بولماس ئىدى ..... كۆز ئالدىڭىزدىكى رىئاللىققا باش ئېگىدىغان چاغ كەلدى ..... رىئاللىق دىگەن رىئاللىق . ئۇ رەزىللىك بولسۇن ياكى باشقا ئۇ ھامان مەۋھۈملۈكتىن غالىپ چىقىدۇ ..... قانغان گېپىڭزىنى ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بىر گەپ دەڭ .... سىزگە ئامەت تىلەيمەن ! 
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2007-12-19 18:38 21 -قەۋەت
    iparhan66
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20304
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 790
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە790دانە
    شۆھرەت: 800 نۇمۇر
    پۇل: 2507 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپ ئەجىر قىلىپ شۇنداخ ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز  قولىڭىز ھارمىغاي ياخشى تىمىللىرىڭىزغا تەشنامىز
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2007-12-19 20:22 22 -قەۋەت
    kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 5442
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5442دانە
    شۆھرەت: 2210 نۇمۇر
    پۇل: 10303 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەمسە تىمىڭىزنىڭ داۋامنى كۇتمەن.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھاياتنىڭ ئېنىق خەرىتىسى ،تۇرمۇشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق .
    | ۋاقتى : 2007-12-27 12:14 23 -قەۋەت
    kuxbeg526
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 8680
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3551
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3551دانە
    شۆھرەت: 1326 نۇمۇر
    پۇل: 5835 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمەن.... تىزرەك يوللىغايسىز.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    بۇرۇنقى چ چ رىم يوقاپ كەتتى .974126880بۇ مىنىڭ يېڭى چ چ رىم. دوستلىرىمنىڭ قۇشۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2007-12-27 12:26 24 -قەۋەت
    hamisa
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22749
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 41 نۇمۇر
    پۇل: 217 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-18
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ توتېمىمز بۈرە .بىز ئۇيغۇرلار بۈرە ئەۋلادى ،شۇڭا بۈرىگە دائر تەپسىلاتلار بولسا قەلىمىڭلارنى ئايىمىسىڭلار ،
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    | ۋاقتى : 2007-12-27 12:40 25 -قەۋەت
    ياۋا كەپتەر
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    پۇل: 294 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﻪﻧﺴﻪﻧﻤﯘ ؟؟ ..... ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﺎﺭ .... 
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    !  The best happy is a free 
    | ۋاقتى : 2007-12-28 04:15 26 -قەۋەت
    pa^re
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26364
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
    شۆھرەت: 167 نۇمۇر
    پۇل: 622 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قارغاندا دوستىڭىز ئۇ ئۇپۇقلارغا مەڭگۇ يىتەلمەيدىغاندەك  قىلدۇ .............تىمسىغۇ ئىسىل چىقىپتىكەن بولمىسا .  بۇ تىمنى كورۇپ< قۇم باسقان شەھەر>روماننى ئەسلەپ قالدىم .
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    ئاياللار تىشدىن قىرىدۇ ،ئەرلەر ئىچدىن قىرىيدۇ .
    | ۋاقتى : 2008-03-11 22:33 27 -قەۋەت
    ياۋا كەپتەر
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19930
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    پۇل: 294 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        پەرى : سىزمۇ شۇ قاراشتىمۇ ؟ ...... بۇنداق ھېس قىلغانلار ئاز بولمىسا كېرەك ..... ( لىكىن مەن ئۇنىڭ بۇ مەنزىلگە بارغانسىرى يىقىنلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن ! )
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    !  The best happy is a free 
    | ۋاقتى : 2008-03-12 00:20 28 -قەۋەت
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2601
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2601دانە
    شۆھرەت: 2003 نۇمۇر
    پۇل: 2914 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :527(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىيىن ئىزدەشكە ئاسان بۇلىشى ئۈچۈن تامغا بىسىپ قۇياي،تۇلۇق كۆرۇپ بولغاندا ئۆز پىكرىمنى بايان ئەيلەي.نادىرلاشقا تىگىشلىك ئىسىل تېمىكەنتۇق بۇ،ئىسىت،باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆزى كور ،ئەقلى گەجگىسىگە ئۇتۇپ قالمىغاندۇ؟
    داۋامىغا تەشنامىز،
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2008-03-12 01:14 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 03:32
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation