Diyarim TV MTV :::: MTV بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/12 total )
بۇ تېما 16906 قېتىم كۆرۈلدى
Atilar Bayrimi Tabriklandi ::: www.Diyarim.com
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇردا تۇنجى قېتىم ئاتىلار بايرىمى تەبرىكلەندى . پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Ataman
ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 722
شۆھرەت: 1602 نۇمۇر
پۇل: 4097 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

 ئۇيغۇردا تۇنجى قېتىم ئاتىلار بايرىمى تەبرىكلەندى .

1
دىيارىم تورى خەۋىرى :

2009- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى ( يەكشەنبە ) ئاتىلار بايرىمى . بۇ كۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاتىلارنىڭ بايرىمى .
تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلاردا « ئاتىلار بايرىمى » چوڭ كۆلەمدە ۋە پائالىيەت شەكلىدە تەبرىكلىنىپ ۋە خاتىرلىنىپ باقمىغان بولۇپ بۇ قېتىم ئۈرۈمچى خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتى ،ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋى «شىنجاڭ دىيارىم پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى »« دىيارىم تور بېكىتى » «شىنجاڭ يارپ زەھەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش تورى» قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى قېتىملىق « ئاتىلار بايرىمى » نى تەبرىكلەش پائالىيتىنى ئىلىپ باردى .
بۇ قېتىملىق بۇ كاتتا پائالىيەت دىيارىم تور بېكىتىنىڭ بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىلىق پائالىيەتتىن كېيىنكى يەنە بىر قېىتملىق تارىخي ئەھمىيەتلىك پائالىيتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
بۇ پائالىيەت 2009- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ كاتتا رېستۇرانلارنىڭ بىرى بولغان « قاينام » رېستۇرانىدا داغدۇغلۇق ھەم ئىنتايىن ئاددىي - ساددا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلدى .
پائالىيەتكە دىيارىمىزدىكى ھەر ساھە زاتلار ، ئالىم ، مۇتەخەسىسلەر ، داڭلىق سەنئەتكارلاردىن ئابدۇرېھىم ھېيىت ، ئۆمەرجان ئالىم ، ئوسمان مۇقام ، ئەيسابەگ ، ئارزىگۈل ئابدۇخىلىل ، نۇرگۈل ، ئىبراھىمجان قاتارلىقلار شۇنداقلا كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانچىلار ، ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە قارىماي شەھرىدىن ئالاھىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان رەھبەر خانىم باشچىلىقىدىكى 8 نەپەر مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاتىلار دىن بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيتىگە داخىل بولدى .
پائالىيەت ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرىھىم ھېيىت ئەپەندىنىڭ ئىجراسىدىكى « ئاتىلار » ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى .
ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى مەمتىمىن ئوبۇل بۇ قېتىملىق ئاتىلار بايرىمىلىق پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى .
پائالىيەت ئىنتايىن يۇقۇرى كەيپىياتتا باشلىنىپ ھەر ساھەدىكى مېھمانلار ۋە ئاتىلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى . ئۈرۈمچى خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىۋى لى دۇڭلىياڭ ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى قىلىپ كىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىش ئىزلىرىدىن دوكىلات بەردى .
ئالىم ، تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتىغا يۇقۇرى باھا بەردى ۋە بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى قېتىملىق ھەم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەتتۇر دەپ تەرىپلىدى .
پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ جەۋلان مەدەنىيەت تارقىتىىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش خەتتات ئابلىكىم زۇنۇن جەۋلانىنىڭ يىپەكتىن ئىشلەنگەن ھۆسىنخەت ئەسىرى ۋە قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ گۈزەل - سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش رەسسام قەيسەر ھىسامىدىننىڭ قەشقەر كوچىلىرى تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسىرى شۇنداقلا شىنجاڭ مۇستافا شىركىتىنىڭ پەخرى مەھسۇلاتى بولغان ئالماس كۆزلۈك پىچاق قاتارلىق قىممەتلىق سەنئەت بويۇملىرى نەخ مەيداندا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى .
شىنجاڭ ئەلدوس بىئو - تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ياسىن كېرەم ۋە بورھان ئەپەندىلەر نەخ مەيداندا يۇقۇرى ئۈستۈنلۈك بىلەن جەۋلانىڭ يىپەك ئەسەرلىرىنى 10مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى .
ياش رەسسام قەيسەر ھىسامىدىننىڭ قەشقەر كوچىسى ناملىق ماي بوياق ئەسىرى شىنجاڭ كىنارە بىئو - تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ئالىمجان ئابدۇقادىر ئەپەندى تەرىپىدىن 4 مىڭ يۈەنگە سېتىۋىلىندى .
جەۋلانىڭ يىپەك ئەسەرلىرىدىن يەنە بىر نۇسخسى شىنجاڭ سۇبھى ئۆي - مۆلۈك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىلياس مۇھەممەت ئەپەندى تەرىپىدىن يۇقۇرى باھادا 21مىڭ يۈەنگە سېتىۋىلىندى .
شىنجاڭ مۇستافا شىركىتىنىڭ پەخرى مەھسۇلاتى بولغان ئالماس كۆزلۈك پىچاق كەسكىن بىر مەيدان كىم ئارتۇق قىلىنىپ شىنجاڭ گۈلى رەيھان توي مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن 3 مىڭ يۈەنگە سېتىۋىلىندى . شىركەت مەسئۇلى رەيھانگۈل خانىم بۇ قىممەتلىك پىچاقنى نەخ مەيداندا ساخاۋەتچى ئاتىلار مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىگە تەقدىم قىلىدى ۋە چىن يۈرىگىدىن بارىلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى .
يۇقارقى بىر مەيدان كەسكىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتىدە يۇقۇرى باھا سېتىلغان بۇ سەنئەت بويۇملىرىنىڭ پۇلى (38 مىڭ يۈەن پۇل ) نەخ مەيداندا سېتىۋالغۇچىلار تەرىپىدىن خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىغا ئىئانە قىلىندى . شۇنىڭ بىلەن نەخ مەيداندىكى ھەر ساھە كىشلەر ۋە ساخاۋەتچىلەر ، مېھرىبان ئانىلار بەس - بەستە ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىئانە ساندۇقىغا پۇل سالدى . قىسقىغىنە 10 مىنۇت ئىچىدە 14 مىڭ 3 يۈز 15 يۈەن 2 مو نەخ پۇل شۇنداقلا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن يېغىلغان 38 مىڭ يۈەن بولۇپ جەمئىي 52 مىڭ 315 يۈەن 2 مو نەخ پۇل نەخ مەيداندىلا خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتى ئارقىلىق ساخاۋەتلىك ئاتىلار ھىساباتىغا كىرگۈزۈلدى . ( بۇ پۇللار رايۇنىمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ ) .
پائالىيەت ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ھەم مەنىلىك داۋاملىشىپ قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى . پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى ھەممىسى بىردەك بۇ قېتىمقى ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتىگە يۇقۇرى باھا بەردى ۋە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ جەڭگىۋار روھىغا ئاپىرىن ئىيتتى .


ئالاھىدە ئەسكەرتىش  :
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ۋە مەسلىھەتچىلەر :


باش مەسلىھەتچى :

مىجىت ناسىر    ( ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كوممىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ، جامائەت ئەربابى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى )
ھاجى ئىمىن تۇرسۇن  ( ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ، ئالىم ،  ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى )


باش پىلانلىغۇچى :

مۇختار بۇغرا   ( دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك رېژىسسور ، ئاتاقلىق شائىر ،  ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ  مەسلىھەتچىسى )
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم            ( كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي ئوبزورچى ، تارىم ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسلىھەتچىسى )
ھەسەنجان ئابدۇراخمان   ( ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسئۇلى )
دىلشاد پەرھاد ئاتامان     ( ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسلىھەتچىسى )


رېژىسسور :

مۇختار بۇغرا  ( دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك رېژىسسور ، ئاتاقلىق شائىر ،  ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ  مەسلىھەتچىسى )


بۇ قېتىمقى « ئاتىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيتىگە ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھەدىكى كارخانىلار ياردەمدە بولدى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللىدى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قوللىغان ۋە ياردەمدە بولغان ئورۇنلار :


ئۈرۈمچى مېھنەت مۇسۇلمانچە يىمەك - ئىچمەك زاۋۇتى ( بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بارىلىق تاتلىق تۈرۈم - پىچىنە پىرەنىكلىرىنى ھەقسىز تەمىنلىدى )
شىنجاڭ مۇستافا ئىمپورت - ئىكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى ( بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى بارىلىق ئاتىلارغا 300 دانە دوپپىنى ھەقسىز تەمىنلىدى )
شىنجاڭ كىنارە بىئو - تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ( بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى بارىلىق ئاتىلارغا 300 دانە ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى )
شىنجاڭ تايماس ئاياقچىلىق شىركىتى ( پائالىيەتكە كېرەكلىك بارىلىق مېۋە - چىۋىلەرنى ھەقسىز تەمىنلىدى )
كۆزگە كۆرۈنگەن ساخاۋەتچى ئايال كارخانىچى زەكىيە خانىم پائالىيەتكە ئازادە سورۇن ھازىرلاپ بەردى .
ساخاۋەتچى ئاتىلار ھەيئىتى مەمەتجان خالمەت ئەپەندى 500 دانە گۈلنى ھەقسىز تەمىنلىدى .
شىنجاڭ رازىمەن چاچ ياساش لاھىيلەش ۋە تېخنىك تەربىيلەش مەركىزى ( ئاتىلار بايرىمى كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان بارىلىق ئاتىلارنىڭ چىچىنى ھەقسىز ياساش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى )
ئۈرۈمچى ئەلخۇش تىز تاماقخانىسى
يۇقارقى ئورۇنلارغا ۋە شەخىسلەرگە ئۈرۈمچى خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيتى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋى شۇنداقلا دىيارىم تور بېكىتى نامىدىن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
ئەسكەرتىش : مەزكۇر تىمىدا رەسىم بىر قەدەر كۆپ بولۇپ 100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىردەم تەخىر قىلىپ رەسىم تولۇق ئىچىلغاندا تەپسىلى كۆرۈڭ !
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى مەخسۇس فېلىم قىلىپ ئىشلىنىپ دىيارىم تورىدا خەلقىمىزگە ئېلان قىلىنىدۇ .

پائالىيەت نەخ مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر :

بارىلىق سۈرەتلەرنى دىيارىم تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك فوتوگرافى ئەھەتجان ئابلىز ۋە ئابدۇرېھىم توختى تارتقان .
ئەگەر رەسىملەر تولۇق ئىچىلىپ بولالمىسا بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.
http://www.diyarim.com/news/atilar/atilar-diyarim.rar


ئاتىلار بايراملىق دوپپا كىيدى .

ئەزىز مېھمانلار ئىمزا قويماقتا


مېھمانلارغا تەييارلانغان گۈل

ئەدىپلەر ۋە ئۇستازلار قەدەم تەشرىپ قىلدى .

سورۇندا ئانىلارمۇ ھەم بار

بوۋايلارمۇ پائالىيەتكە كەلدى .

ئاتىلارغا تەييارلانغان دوپپىلار
دوپپا سەل كىچىكمۇ قانداق ؟


مېھمانلار ئىمزا قويماقتا
قاراڭ يىگىتلەرمۇ سەر خىل . . .


پىشقەدەم رەھبەرلەرمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى .
دوپپىڭىز ياراشتى .


پىشقەدەم رەھبەرلەر ئىمزا قويماقتا .

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر

ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللا قەدەم تەشرىپ قىلدى .
ئەختەم ئۆمەرمۇ دوپپا كىيدى .


ئاتىلارغا سوۋغات بويۇملىرى تارقىتىلدى .

دىيارىم تورى مەسئۇلى دىلشاد پەرھاد ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋەكىلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى ۋە مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى رەيھان ئاپپاي بىلەن بىرگە

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر ئانىلار بىلەن بىرگە



ئاتامان ۋە باش ئوپىراتور مەمەت سايىت ئەپەندى خىزمەت ئۈستىدە


كاتتا پائالىيەت بوپتۇ . . .

تۆھپىكار ئاتىلار


ئۇستازلار مەمنۇن بولدى



ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىت ئەپەندى « ئاتىلار » ناملىق ناخشا بىلەن پائالىيەتنى باشلىدى .
Kiran
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-06-22 05:12 PM |
Mustafa MSF
Ataman
ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 722
شۆھرەت: 1602 نۇمۇر
پۇل: 4097 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

 

سۈرەتلەرنىڭ داۋامى ( 2 )


سەرخىل پائالىيەت بوپتۇ . . .


بارىكاللا يىگىتلەر . . .


دوپپا نىمە دىگەن ياراشقان ھە . . .

بارىكاللا ئەركەكلەر . . .

ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىت ئەپەندى ناخشا ئورۇندىماقتا

ئاتىلار نېمە دىگەن بەختلىك . . .

ئەقلىڭلارغا بارىكاللا باللىرىم . . .

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يېغىلىش بوپتۇ . .

قاراڭ بۇ زەبەردەس يىگىتلەرگە

لى دۇڭلىياڭ  ئەپەندى تولىمۇ خۇرسەن بولدى .

چاۋاك دىگەننى قول قاپارغۇچە چالىمىز . . .

سورۇن ئومۇمىي كۆرۈنۈشى

ئانىلار ئۇسۇلغا چۈشتى .

ساخاۋەتچى ئاتىلار مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلماقتا .

ئۇستاز ۋە شاگىرت

ئانىلار ئاتىلارغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى .

قاراڭ مانا بۇ ئاتىلارنىڭ تۆھپىسى !

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئۆمەرجان ئالىم ناخشا ئورۇندىماقتا .

پەرزەنتلىرىمىزدىن دىللار سۆيۈندى . يارايسىلەر  . . .

ئاتاغلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ نەۋرىسى شەھلا بۇغدا ئۆزى يازغان نەسىرىنى ئاتىلارغا سوۋغا قىلدى .

ياش ناخشىچى ئارزىگۈل ئابدۇخىلىل ئاتىلارغا ناخشا تەقدىم قىلماقتا .

( پائالىيەت باش رېژىسسورى مۇختار بۇغرا ئەپەندى )سورۇن قانداقراق بولىۋاتىدۇ كۆپچىلىك ؟ ؟ ؟ رازى بولدۇڭلارمۇ يا ؟

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتى باشلاندى . . . !!!

بىز ئەلدوسلۇقلار ئالمىساق ھىساپ ئەمەس . . . . !!!

ئەلدوس شىركىتى يۇقۇرى باھادا سېتىۋالغان يىپەككە توقۇلغان ھۆسىنخەت ئەسىرى

پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى : ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى مەمتىمىن ئوبۇل ئەپەندى




ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى . ( ئوڭدىن بىرىنجى كىشى )


كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ناخشىچى ئەيسا بەگ


شىنجاڭ كىنارە بئو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىمجان ئابدۇقادىر ئەپەندى دادىسى ۋە بوۋىسى بىلەن بىرگە .



 پائالىيەتكە قاتناشقان كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى ئانىلار


پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+40(manggutax) ئەڭ ئېسىل
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:14 PM |
    MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
    Ataman
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 11
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 722
    شۆھرەت: 1602 نۇمۇر
    پۇل: 4097 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    Music Sarhil ::: Diyarim
    سۈرەتلەرنىڭ داۋامى ( 3 )

    رەسسام قەيسەر ھىسامىدىننىڭ بۇ ماي بوياق رەسىمى 4000 يۈەنگە سېتىلدى .


    بۇ ماي بوياق ئەسەر كىنارە شىركىتىگە نىسىپ بولدى  .

    يەنە بىر پارچە يىپەكتىن ئىشلەنگەن خەت بار . . قەنى كىم باھا قويۇپ باقىدۇ ؟

    ئاتىلارغا يول قويامدۇق يا ؟  ئانىلارنىڭ كارامىتىنى كۆرسۈتۈپ قويامدۇق ؟

    مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى زەكىيە خانىم ئىئانە ساندۇقىغا پۇل تاشلىماقتا .

    ئامىنە خانىممۇ ئىئانە قىلدى  .

    ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى غەيرەت ۋاھىت پۇل ئىئانە قىلماقتا .

    ئانىلارمۇ بوش كەلمىدى .

    ئاتىلار بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلماقتا

    ئانىمىز باشتا سالسۇن . . .

    مۇئەللىم پۇل سالغاندىكىن بىزمۇ سالىمىز .

    مېھرىبان ئانىلارمۇ پۇل تاشلىدى  .

    خەيرى ساخاۋەت جەمئىيتىنىڭ باش كاتىۋى پەن ۋىنخۇا خانىممۇ پۇل سالدى .

    ئاتامانمۇ سەپتىن قالمىدى .

    مەنمۇ ئۆزۈم يىققان پۇللىرىمنى سالاي . .

    كىنارە شىركىتىگە مۇبارەك بولسۇن . . . .

    تەنتەنە  . . .

    مېھرىبانلار . . .

    بۇ كاتتا ھۆسىنخەت ئەسىرى سۇبھى شىركىتىگە نىسىپ بولدى . . بارىكاللا . .

    كۆزگە كۆرۈنگەن ساخاۋەتچى كارخانىچى ئابدۇراخمان ئەپەندى ئىئانە ساندۇقىغا پۇل سالماقتا .

    بۇ كاتتا يىپەكتىن ئىشلەنگەن ئەسەر يۇقۇرى باھادا 21 مىڭ يۈەنگە شىنجاڭ سۇبھى شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋىلىندى . بۇ سۇبھىگە تەۋە بولدى .

    مېھرىبان ئانىلار دىيارىم شىركىتى ( دىيارىم تورى ) ۋە يارپ زەھەر چەكلەش تورىغا خاتىرە بويۇمى تەقدىم قىلدى .

    سەدىردىنمۇ بوش كەلمىدى .

    4 - ماي ياشلار مىدالىنىڭ ساھىبى زاھىدە ئىئانە ساندۇقىغا پۇل تاشلىماقتا .

    ساخاۋەتچى كارخانىچى ئەركىن ھاجىم پۇل ئىئانە قىلماقتا .


    پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار :

    پائالىيەتكە قاتناشقان نىفىت ئىدارىسىدىكى ساخاۋەتچى ئانىلار ۋەكىللىرى



    ئەما ناخشىچى : نۇرگۈل ناخشا ئورۇندىماقتا

    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:15 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    Ataman
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 11
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 722
    شۆھرەت: 1602 نۇمۇر
    پۇل: 4097 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    Music Sarhil ::: Diyarim
    سۈرەتلەرنىڭ داۋامى ( 4 )

    بارىكاللا ساخاۋەتچىلەر . . سىلەرگە ئاپىرىن


    مۇبارەك بولسۇن  ! ! بۇ ئەسەر سىزگە تەۋە بولدى . سىزنى تەبرىكلەيمەن .

    ماۋۇ ئالماس كۆزلۈك خەنجەرنى كىم ئالىدۇ ؟

    گۈلى رەيھان شىركىتىنىڭ مەسئۇلى رەيھان خانىم بىر مەيدان كەسكىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق يۇقۇرى باھادا بۇ كاتتا خەنجەرنى سېتىۋالدى .

    گۈلى رەيھاننىڭ مەسئۇلى رەيھان خانىم كاتتا ئالقىشقا ئىرىشتى .


    ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار شۇنداقلا دىيارىم تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .


    ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار شۇنداقلا دىيارىم تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

    ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار شۇنداقلا دىيارىم تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

    ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار شۇنداقلا دىيارىم تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

    دىيارىم تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

    مانا بۇ دىيارىمدىكى بايرام . . . .

    ئەركەكلەر . . . .

    ئاتىلار خۇرسەن بولدى . .

    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى . . .

    ئۇستازلار ئامان بولسۇن  . . .



    مېھرىبان ئانىلار دىيارىم شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە

    دىيارىم شىركىتىدىكى خادىملار خاتىرىسى

    باش ئەگىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بۇۋھەجەر خانىم ۋە يولدىشى لىتىپجان دىيارىم شىركىتى مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە

    دىيارىمنىڭ غوللۇق قوللىغۇچىلىرى دىيارىم ئەتراپىدا

    دىيارىمنىڭ غوللۇق قوللىغۇچىلىرى دىيارىم ئەتراپىدا

    دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشاد پەرھاد  دادىسى بىلەن بىرگە

    كۆزگە كۆرۈنگەن ياش رەسسام قەيسار ھىسامىدىن دىيارىم تورى مەسئۇلى دىلشاد ئاتامان بىلەن بىرگە

    دىيارىمنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى جەم بولدى .





    دىيارىمنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى

    دىيارىم تورىنىڭ ئەڭ جاپاكەش ئەجىركارلىرى
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:15 PM |
    MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
    Ataman
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 11
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 722
    شۆھرەت: 1602 نۇمۇر
    پۇل: 4097 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    ئورۇن
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:15 PM |
    siz yahxur digan nahxilar bu yarda
    UYGURIYA23
         ئۇيغۇرىيە
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 19347
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1209
    شۆھرەت: 1460 نۇمۇر
    پۇل: 4419 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 61 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 989(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    rastinla katta yihilix boptu , diyariming tehimu ronak tepixini vmid kilamn !
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:29 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    sabiha
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش دىيارىم ئالىي ئەزاسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3964
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 420
    شۆھرەت: 1791 نۇمۇر
    پۇل: 2767 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 500 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 424(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    دىيارىم شىركىتىنىڭ تۈنجى ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پالىيىتىنىڭ مۇۋاپىقيەت چىققانلىقىدىن سۆيۈندىم .

    ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پالىيەتنى قولىغان ئورۇن ۋە شەخسىلەرگە چىن دىلىمدىن تەششەككۇر ئېيتىمەن!
    [ بۇ يازما sabiha تەرپىدىن2009-06-22 06:15 PMدە قايت ]
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:33 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    bendora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 30756
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 934
    شۆھرەت: 1169 نۇمۇر
    پۇل: 2638 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2657(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    ياخشى پائالىيەت بوپتۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
    ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە ئانىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن....
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:34 PM |
    MTV ~~MTV
    rixta007
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 46629
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولۇپتۇ، ساخاۋەتلىك ئاتىلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆز تەگمىسۇن!!!.....
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 05:47 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    kmt
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39825
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 365
    شۆھرەت: 380 نۇمۇر
    پۇل: 1029 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 582(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-26

     

    nahayati katta paliyat boptu bundin keyin dawamlik muxundak paliyatni otkuzup turuxingizlarni umut kiliman.alla har biringizlarga ajir ata kilsun!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 06:21 PM |
    MTV ~~MTV
    xinjiangkizi
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 567
    شۆھرەت: 617 نۇمۇر
    پۇل: 1693 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 741(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.دىلشات ئەپەندى،بۇنداق پائالىيەتلەر بولسا بىزنىمۇ چاقىرىپ قويۇڭ ئۇنداق قىلماي!  
    [ بۇ يازما xinjiangkizi تەرپىدىن2009-06-23 09:47 AMد ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 06:51 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    uyhur-jan
    ئۇيغۇرجان
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8046
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2113
    شۆھرەت: 2096 نۇمۇر
    پۇل: 5393 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 221 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1082(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    bak yahxi pa;iyat boptu
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 07:26 PM |
    MTV ~~MTV
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 7352
    شۆھرەت: 5516 نۇمۇر
    پۇل: 9286 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 151 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1074(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    بەكمۇ ياخشى پائالىيەت بوپتۇ لىكىن  4- بۆلەكتىكى  يوللانغان سۈرەتلەر مەندە ئىچىلمىدى .
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 07:33 PM |
    دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
    arxang
    غەيۋەتتىن نىرى بول، ئەردەك ياش
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا دىيارىم ئالىي ئەزاسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33785
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1210
    شۆھرەت: 3092 نۇمۇر
    پۇل: 3936 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1224(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-29

     

    بەك ياخشى باشلىنىش، ئاتا بارلىغىڭنى ياخشىلار ئۈچۈن ئاتا.
    بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىشى كىرەك.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    كىلىپ كىتەر مېھمان سەن، ياخشى قونۇپ، ياخشى كەت،
    سېخي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 07:35 PM |
    MTV ~~MTV
    xirzat0909
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 47
    شۆھرەت: 67 نۇمۇر
    پۇل: 150 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 552(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-24

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ كۆرۈپ تەسىرلەندىم ،دوپپىمىزنىڭ چىرايلىق يارىشىپ كەتكىنىنى .........
    قەشقەرلىك كادىرلا ئەمدى خاتىرجەم دوپپا كىيسە بولىدۇ ، رەھبەرلىرىمىزدىن مىجىت ناسىر  ئاكىمىزمۇ كىيىۋاپتۇ مانا ...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-22 07:53 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/12 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    Total 0.113315(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 06-29 12:47
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号