Diyarim TV MTV :::: MTV بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 9171 قېتىم كۆرۈلدى
Atilar Bayrimi Tabriklandi ::: www.Diyarim.com
بۇ بەتتىكى تېما: شاڭخەي مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى-مۇھەممەدئەلى ئەپەندىنى زىيارەت پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ali021
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31651
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 105 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-12

 شاڭخەي مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى-مۇھەممەدئەلى ئەپەندىنى زىيارەت

0
شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتۇرى «مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى» قۇرغۇچىسى مۇھەممەدئەلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش خاتىرسى
  
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇھەممەدئەلى ئەپەندى، ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى  قۇبۇل قىلغانلىقىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .
   ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك:
    خىزمەت مەسىلىسى نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىۋاتقان سىتۇدىنتلار ئۈچۈن بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى،  سىزمۇ ئوقوغۇچىلىق تارىخىڭىزنى باشتىن كەچۈرۈپ،تىزلا شىركەت قۇرۇپ كۈرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋىتىپسىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا، ئەلۋەتتە مەنمۇ شىركىتىڭىزنىڭ تىخمۇ روناق تىپىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلىنىشىنى مۇۋاپىقىتىنىڭ تىخىمۇ زور بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىز بىر نەتىجە قازىنىش ئالدىدا تۇرغان ھەم بارلىق سىتودىنىتلىرىمىز ئۆلگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز، شىركىتىڭىز ۋە شىركەت قۇرۇش جەريانىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز. شۇنداقلا نۆۋەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ياكى ئوقوش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان سىتۇدىتنلارغا قانداق كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بار ئاڭلاپ باقساق دىگەن ئۈمىد تە.

مۇھەممەدئەلى ئەپەندى :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  مەن سىزنىڭ ماڭا تىلفۇن قىلىپ مەندىن مەن ۋە شىركەت ھەققىدە ئەھۋال سورىغانلىقىڭىزغا ھەم
شۇنداقلا مىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىڭىزغا چىن  كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .
(زىيارەت چ چ دا يازما سۆھبەت ھالىتىدە ئىلىپ بىرىلغان)

سۇئال: مۇھەممەدئەلى ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ: ئىسمىم مۇھەممەدئەلى ئوسمان، 1980-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسدە بىر دوختۇر ئائىلىسىدەتۇغۇلغان .بىز نىڭ ئائىلىدە 6 ئۇغۇل 1قىز پەرزەنت بولۇپ مەن بالىنىڭ ئالتىنجىسى ، بەش ئاكام بىر سىڭلىم بار. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولساممۇ تىخىچە بويتاق (خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە)
مەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا تاماملىدىم، 1999-يىلى 9–ئايدا ئەلا نەتىجەبىلەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ئىلىكتىرون قاكولتىتىنىڭ
" خەۋەرلىشىش قۇرۇلىشى" كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم،،2004-يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنى پۇتتۇردۇم ،

سۇئال: ھازىر سىتودىنىتلار ئونۋىرسىتىتنى پۇتتۇرگەندىن ئالدى بىلەن خىزمەت ئىزدەيدۇ،  سىزمۇ ئونۋېرستىتنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن شىنجاڭدا خىزمەت ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن شاڭخەيگە بىرىپ ئوقۇدىڭىز ؟
جاۋاپ: مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىم ۋە باشقا دوسلىرىمغا ئوخشاش خىزمەت تىپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقتىم،ھەم ھۆكۈمەت مەمۇرى ئورگىنىدىن خىزمەتمۇ تاپالىدىم ، لىكىن ئەينى ۋاقىىتا تاپقان خىزمىتىمنىڭ ئۆزەمگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا مەن بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلىسەم ئۆزەمنىڭ غايىلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ،بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم ، شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ غايىسى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلاندىم ۋە ئىزدەندىم، مەن ئونۋىرىستىتنى پۇتتۇرۈپلا شاڭخەيگە چەتئەل تىلى ئۈەىنىش ئۈچۈن كەلدىم ، "شاڭخەي چەتئەل تىلى ئونۋىرسىتىتى" ۋە "توڭجى ئونۋىرسىتىتى "دا ئنگىلىس تىلى ۋە گىرمان تىلى ئۈگەندىم،

سۇئال: سىز شاڭخەيدىكى چەتئەل تىلى ئقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟ نىمە ئۈچۈن شاڭخەيدە شىركەت قۇرماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟
جاۋاپ :  بۇيەردىكى ئوقۇشۇم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن شاڭخەيدىكى بىر قانچە شىركەتلەردە خىزمەت قىلدىم ھەتتا بىر ئۇيغۇر رىستۇرانىدا دىرىكتۇر بولۇپمۇ ئىشلەپ باقتىم. مانا بۇ مەزگىللەردە ئىگىلىك تىكلەش ،يىڭىلىق يارىتىشقا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگەللىدىم، نۆۋەتتە شاڭخەي دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە سانائەت مەركىزى بولۇپلا قالماستىن دۇنيادىكى خەلقئارالىق سودا شەھىرى، ،شاڭخەيدىكى ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققى قىلىش پۇرسىتى باشقا شەھەرلەرگە  سىلىشتۇرغاندا نىسپەتەن كۆپ، (گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ) شۇڭا مەن شاڭخەيدە شىركەت قۇرۇشنى قارار قىلدىم. 2007– يلنىڭ ئاخىردا بىر ئۇيغۇر ئاكىمىز بىلەن بىللە " شاڭخەي نىلۇپەر خەلقئارا سودا شىركىتى" نى قۇرۇپ ئىش باشلىدۇق، ۋە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشتۇق، بۇ جەرياندا سودىغا ئائىت نۇرغۇن ئەمىلى بىلىملەر ئۇگىنىش نۇرغۇن تەجرىبىلىك بوپقالدىم .2008 يىلنىڭ ئاخىردا مەن بىلەن بىللە شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر ئاكىمىز ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايىتماقچى بولغانلىقىنى ، شىركەتنىڭ رەسمىيەتلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ شۇ يەردە داۋاملىق تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تەرەققى قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىيىتقاندىن كىيىن مەن شىركەتتىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى  ئۇ ئاكىمىز قايتۇرۇپ بىرىپ ھىساۋاتنى ئايرىپ چىرايلىق ئايرىلدۇق ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۆز ئالدىمغا شىركەت قۇرۇشنى قارار قىلدىم.

سۇئال؛ شىركىتىڭىز قاچان قۇرۇلغان ؟ شىركەت قۇرۇشقا كەتكەن خىراجەتنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟  سىزنىڭ شىركىتىڭىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆتسەك!
جاۋاپ: شىركىتىمىزنىڭ ئىسمى «شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتى» ،شىركەت 2009-يىلى 2 ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان . شىركەت قۇرۇشقا كەتكەن مەبلەغنى ئاساسەن دادام -ئاپاملار بەردى، مەنمۇ ناھايىتى ئقتىساتچانلىق بىلەن بۇ پۇللارنى ئۆزجايىغا ئىشلىتىپ كىتىدىغان خىراجەتنى ئازايتىپ ئاتا-ئانامغا چۈشىدىغان ئىقىسادى بىسىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىنىكلەتتىم. شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى ئىمپورت –ئىكىسپورت سودىسى بولۇپ، مەن شىركەتتە مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى "مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى" نى قۇرۇپ چىقتىم ، بىزنىڭ مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزىمىز شاڭخەي شەھەرلىك ئىسلام جەمىيتى(上海市伊斯兰教协会)، شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتىتى(上海市民族宗教委员会)، شاڭخەي شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتىتى(上海市少数民族委员会)
قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئىرىشتۇق.
مۇسۇلمانلارمۇلازىمەت مەركىزىمىز مەخسۇس شاڭخەيگە سودا، ساياھەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياتاق، مۇسۇلمانچە تاماق(ئۇيغۇرچە تاماق، تۇرۇكچە تاماق،ئەرەپچە تاماق ،پاراسچە تاماق،پاكىستانچە تاماق) ، قاتناش(ماشىنا ئىجارىگە بىرىش ، ئايريپىلان بىلىتى ،پويىز بىلىتىنى ۋاكالىتە ئىلىپ بىرىش) ،مال سىتىۋېلىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش، جىددى يارىدەم (ئوغرى بۇلاڭچىلارغا ئۇچراپ پاسپورت كىملىكلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان ياكى تۇيۇقسىز ھەرخىل كىسەللىرى قوزغۇلۇپ قالغان ئەھۋالدا بىر بىلەن ئالاقىلاشسا بىز ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىمىز) ساياھەت،( شاڭخەيدە ساياھەت قىلدۇرۇش، ھەم چەتئەللىك مۇسۇلمانلاردىن ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەپ شىنجاڭغا ساياھەتكە ئاپىرىش)، ھەل سودا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق بىر تۈرۈش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز، ئۇنىڭدىن سىرىت مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ  كۈندۈلۈك تۇرمۇش بويۇملىرىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئىكىسپورت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز.
نۆۋەتتە شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئەمىلى ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۆۋەندىكى مۇلازىمەت تۇرلىرىنى يولغا قويدۇق.
1. نىمكەش ئاپتۇمبىل ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش شۇنداقلا سىتىۋىلىش ۋە رەسمىيەت بىجىرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش
2. يىڭى پوسۇندىكى كىيىم كىچەك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە توپ مال سىتىۋىلىشىغا ياردەملىشىش ھەم ۋاكالىتەن زاكاس قوبۇل قىلىش،
3. شاڭخەيگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن بىمارلارغا ئەڭ ئىلغار دوختۇرخانا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش (بىمار چوقۇم ئالدىن بىز بىلەن تىلفۇن ياكى تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىش كىرەك ،بىز بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا ئۇچۇرلىنى ھەقسىز تەمىنلەيمىز)
4.قاشتىشىنى ۋاكالىتەن سىتىش مۇلازىمىتى،
5:چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغانلارغا مەسلىھەت بىرىش ۋە رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ بىرىش.(ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرىقى ، پاسپورت، ۋىزا قاتارلىقلارنى بىجىرىپ بىرىمىز)

سۇئال؛ سىز قاندق قىلىپ مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
جاۋاپ: 2006–يىلى 5-ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى كەچ سائەت 5لەر ئەتراپىدا پۇدۇڭدا كىتىۋاتسام ئالدىمغا بىر ئەرەپ ئۇچرىدى ۋە مەندىن ئىنگىلىسچە"سىز مۇسۇلمانمۇ ؟" دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا "ئەلھەمدۇلىللا" دەپ جاۋاپ بىرىشىمگە ،ئۇئەرەپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ماڭا "ئۆزىنىڭ شەڭخەيگە كەلگىنىگە 10 سائەتتتىن ئاشقانلىقىنى، تىخىچە ھىچنەرسە يىمىگەنلىكىنى،ۋە مىنىڭ ئۆزىنى بىر مۇسۇلمانچە رىستۇرانغا باشلاپ بىرىشىمنى ئۆتۈندى، مەن ئۇنى تاكسىدا"شاڭخەي پامىر رىستۇرانى" غا باشلاپ ئاپاردىم، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇيەنە مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشۇمنى ئىيىتتى ، مەن ئۇ ئەرەپنى پامىز رىستۇرانىنىڭ قىشىدىكى بىر 4 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم ، ئۇ ياتاققا ئۇرۇنلۇشۇپ بولىشغا مان ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ قايتاي دىيىشىمگە ئۇ زولاپ يانجۇقۇمغا پۇل سىلىپ قويدى، سىرىتقا چىقىپ قارىسام نەخ 100 دوللار ئىكەن. پۇتۇن جەريانغا بىر سائەت ۋاقىت كەتتى .
   مەن كەچتە ياتىقىمغا قايتىپ ئۆزەمنىڭ مۇشۇ 100 دوللارنى قانداق تاپقانلىقىم ھەققىدە ئويلاندىم ، شۇ ئىش يۈز بىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن بىر رىستۇراندا
دىرىكتۇر بولۇپ ئىشلدىم ، بۇرىستۇرانغا كىلىدىغان چەتئەللىكلەر نىسپەتەن كۆپرەك ئىدى ، ئاشۇ چاغلار نۇرغۇن چەتئەللىك مۇسۇلمانلار شاڭخەيگە كەلگەن بىر قانچە كۈندىن بىرى مۇسلمانچە رىستۇران تاپالماي خەنزۇلارنىڭ رىستۇرانلىدىن گۆشسىز سەي بىلەن مىفەن يىگەنلىكىنى ،يەنە بەزىلەر بىر قانچە كۇندىن بىرى مىۋە چىۋىدىن باشقا ھىچ نىمە يىمىگەنلىكىنى ئىيىتتى، مەن شۇچاغدىن باشلاپ شاڭخەيدە بىر مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە يىرىم يىل ۋاقىت سەرەپ قىلىپ پىلان يازدىم.بۇ جەرياندا ھەر يىلى شاڭخەيگە كىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە مىليۇندىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ
يىلدىن يىلغا چوڭىيىۋاتقانلىقىنى ،نۆۋەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل رىستۇرانلارنىڭ بارلىقىنى مۇسۇلمانچە رىستۇراننىڭ بولسا 70(ئەرەپچە، تۇرۇكچە،
پاراسچە،پاكىستانچە رىستۇرانلارنى قوشۇپ ھىساپلىغاندا) گىمۇ يەتمايدىغانلىقىنى شاڭخەيگە كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ %99 نىڭ مۇسۇلمانچە
رىستۇرانلارنى تاپالماي كۆپ قىسىم  مۇسۇلمانچە ئەمەس  رىستۇرانلاردا چوشقا مىيى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەي ئاشۇ رىستۇرانلاردىن گۆشسىز تاماق يەۋاتقانلىقىنى بىلدىم،ھەمدە چوقۇم مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ ئاشۇ مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان بىرقاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بىرىش قارارىغا كەلدىم.
   ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرگە ۋە كۇندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئىھتىياجى بارغانسىرى ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ،شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزىدىن سىرىت مەخسۇس مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ۋە مۇسۇلمانچە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىكىسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللانماقچى.
  شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىركەت شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەمىيتى (上海市新疆商会)گە ئەزا بولۇپ كىردى، مەن ھازىر شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەميتىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل ھەيئەت ئەزاسى(上海市新疆商会常务理事) بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، يىقىندا شىركىتىمىز  «جۇڭگو-ئەرەپ سودا بىرلەشمىسى» (中国阿拉伯贸易协会 ) بىلەن ھەمكارلىق كىلىشىمى ئمزالاپ ، شىنجاڭدىن «مەككە ئونۋىرسىتىتى»ۋە «رىياد پادىشاھ ئونۋىرسىتىتى» غا ھەقسىز ئوقۇشقا ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئۆتكۈۋالدى.(ھەريىلى 2قىتىم ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر قىتىمدا ھەر بىر ئونۋىرسىتىتقا 2دىن 4 كىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلنىدۇ)

سۇئال :شىركىتىڭىزنىڭ خىزمەتچىلىرى كىملەر؟
جاۋاپ : شىركىتىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرى شاڭخەيدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، ۋە بىرقىسىم چەتئەللىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەپ، تۇرك ،پارس،ۋە بىرقىسم ئافرىقىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقوغۇچىلاربار، ئۇلار ئاساسلىق ئۆز دۆلەتلىرىدە بىزنى تەشۋىق قىلىش ۋە شۇ دۆلەتتىن كەلگەن ساياھەت ۋەسودا ئۆمىگىنى كۈتىۋىلش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشىيا دىن ۋە بىرقىسىم چەتئەلدىن كەلگەنلەرنى كۈتىۋىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، يەنە بىرقىسىم ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار مەخسۇس شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى كۈتىۋىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مال سىتىۋىلىشغا ياردەملىشىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

سۇئال : ھازىر سىلەردە قانداق قىيىنچىلىقلاربار؟
جاۋاپ : بىزنىڭ شىركىتمىز يىڭىدىن قۇرۇلغان بولغاچقا بىزدە مەبلەخ جەھەتتە ئازراق قىينچىلىق بار، ئەمما بۇ ۋاقىتلىق مەسىلە ، بۇنىڭ ھەل بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ، چۇنكى ھازىر بىر قانچە ئۇيغۇر سودىگەرلىمىز بىزگە مەبلەخ سىلىپ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈۋاتىدۇ ،بىز ھازىرئەمىلى خىزمەت ئىھتىياجىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ تىخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭدىن سىرىت بىز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكالىشىشىنى ئۇمىت قىلىمىز ،بىز مۇ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا يۈزلەندۈرىمىز

سۇئال سىزنىڭ ھازىر يەنە قاندق پىلانلىرىڭىزبار؟
جاۋاپ: شىركىتىمىز نىڭ بىرقانچە ياخشى پىلانلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىش باشلاپ بولغىنىمىزدىن "تەرجىمان ئىجارىگە بىرىش مەركىزى" بولۇپ بىز شاڭخەي دىكى شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلاردىن بىر تەرجىمان ئىجارىگە بىرىش مەزكىزى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق، ھازىر شاڭخەيدە ئىنگىلىس تىلى ، ياپۇن تىلى ، فىرانسوز تىلى ،نىمىس تىلى قاتارلىق چوڭ تىللارنىڭ تەرجىمانلىرى تەمىنلەش  ئىھتىياجدىن ئىشىپ كەتكەن ھالەتتە، ئىش ھەققىمۇ باشقا كىچىك تىللارغا سىلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن، بىز شاڭخەيدىكى ھۆكىمەت ئورۇنلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، كۆزگەزمە مەركەزلىرىنى ئەرەپ تىلى ، تۈرك تىلى ،روس تىلى ،قازاق تىلى ، ئۆزبەك تىلى ،قىزغىز تىلى ،تاجىك تىلى ،ئەزەربەيجان تىلى ،تۇكمەنىستان تىلى ،پەنجاپ تىلى قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەتنىڭ تەرجىمانى بىلەن تەمىنلەيمىز ،ھازىر شاڭخەيدە ئىنگىلىس تىلى تەرجىماننىڭ بىر كۈنلۇك ئىش ھەققى 200 يۇەندىن ئاشمايدۇ، ئەمما ئاددىسى قاراق قىرغىز ئۆزبەك تىللىرى تەرجىمانىنىڭ كنلۇك ئىش ھەققى 400-500 يۇەن ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولىدۇ، بىز دە بۇخىل ئىھتىياج ئۇچۇرلىرى بولۇپ بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق شاڭخەيدىكى شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلارغائوقۇۋىتىپ خىزمەت قىلىپ ئائىلسىىگە بولغان ئىقسادى بىسىمنى يىنىكلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيمىز،يەنە بىز ئۆزىمىز كۇتىۋالغان چەتئەللىك مۇسۇلمانلاردىن ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەپ شىنجاڭغا ساياھەتكە ئەۋەتىپ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۇللىنىشى تۆھپە قوشىمىز،مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزىنىمۇ باشقا چوڭ شەھەرلەرگە كىڭەيتىش  پىلانىمىز بار ، بۇلاردىن باشقا بىرقانچە پىلانىمىز تىخى ئىش باشلىمىغان ھەم مەبلەخ سىلىپ ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولغاچ بۇلار  سودا مەخپىيەتلىكىگە كىرىدۇ ، شۇڭا ۋاختىچە بۇلارنى سىزگە ئىيتىپ بىلەرمەيمەن .

سۇئال :سىزنىڭ ھازىرقى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ خىزمەت تاپالمايۋاتقان ، ۋە ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان سىتودىنىتلارغا قانداق كۆڭۈل سۆزىڭىز بار؟
جاۋاپ: مىنىڭ ئەمدى ئالى مەكتەپ پۇتتۇرگەن ياكى پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان سىتودىنىتلارغا دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىم:
1: دۆلەت مەمۇرى بولۇش نۇۋەتتە ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى ئەمەس.
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ چوقۇم باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، شۇنداق بولغانكەن ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت مەمۇرى بولۇشنى ئۆزىگە بىردىن بىر نىشان قىلىۋالماي ئۆزىدىكى ئاشۇ ئالاھىدىلىكنى بالدۇر بايقاپ ھەم شۇنداقلا ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ جەمىيەتتىن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىپىشى كىرەك.
2: ھازىر شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدا ئەڭ ئىغىر بولغان مەسىلە،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋىلىش، ئادەمدە يۇكسەك بىر ئىرادە ،ھەم شۇ ئىرادىگە لايىق تىرىشچانلىق بولىدىكەن ،بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،شۇڭا مىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا تەكلىۋىم: ئۆزەڭلا ئىشەنگەن ھالدا،ئۆزەڭلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىشچانلىق كۆرسۇتۇڭلا ، گۈزەل كەلگۈسى سىلەر ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ!!!!
مەن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار سىتۇدىنتلارنىڭ ھەر ۋاقىت مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىشىنى ھەم دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ھەم چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسى بار سىتودىنىتلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بىجىرش قىيىن بولغان رەسمىيەتلەرنى( ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرقى، پاسپورت ، ۋىزاقاتارلىق)، بىجىرشىپ بىرىمەن .

شىركىتمىزنىڭ توربەت ئادرىسى:  www.muslimserv.cn   ۋە  www.muslimonline.cn

تۇۋەندىكىسى مۇھەممەدئەلى ئەپەندى ۋە شىركەتكە ئائىت سورەتلەر




مۇھەممەدئەلى ئەپەندى شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەمىيتىنىڭ قۇرلۇش مۇراسىمىدا


مۇھەممەدئەلى ئەپەندى شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەمىيتىنىڭ قۇرلۇش مۇراسىمىدا تۆمۈر داۋامەت بىلەن بىللە

















مۇھەممەدئەلى ئەپەندى خىزمەتتە
[ بۇ يازما ali021 تەرپىدىن2009-06-11 08:37 PMدە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ay_turan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-06-11, 10:52
Kiran
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-06-11 05:02 PM |
Mustafa MSF
yahxilik
دىيارىمنىڭ سادىق ئەزاسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 4716
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 213
شۆھرەت: 576 نۇمۇر
پۇل: 1038 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-27

 

تەرەقىي تاپقان شەھەردە موشۇنچىلىق قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس..ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز...........
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
دىيارىم
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-11 07:47 PM |
MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
kalkvn117117
كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان قەلەمكەش
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1510
شۆھرەت: 1710 نۇمۇر
پۇل: 3709 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-28

 

Music Sarhil ::: Diyarim
تىرشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ..
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-11 07:50 PM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
muhammad0998
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 43753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 43 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-15

 

Music Sarhil ::: Diyarim
سىز بىز ياشلارنىڭ ئۇلگىسى ، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز، تىخىمۇ تىرىشىڭ!!!!
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-12 12:36 PM |
MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
UYGURIYA23
     ئۇيغۇرىيە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1207
شۆھرەت: 1411 نۇمۇر
پۇل: 4386 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 61 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-28

 

خىتتاي شەھرىدە ئاشۇنچىلىك ئىگىلىك تىكلىمەكنىڭ ئۆزى بىر قىيىن ئىش، ھەقىقەتەن ياشلارنىڭ ئۆگنىش ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپكەنسىز ، داۋاملىق تىرشىڭ ! بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-12 08:20 PM |
siz yahxur digan nahxilar bu yarda
uygur007
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 17586
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1215
شۆھرەت: 1237 نۇمۇر
پۇل: 4558 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1222(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-28

 

  .. .ئىنگىلىسچە تەرجىماننىڭ  كۈنلىكى ھەجەپ  ئازكەن   مەن كۈنلىكىگە  500  نى بېرىپ  يۈرۈپتىمەن ئادەتتە  تۈرۈك تەرجماننىڭ  كۈنلىكى  ئاز  دىگەندە  100 دوللار   ئىشلەيدۇ  ..سىلەر  بىلەن ئالاقىلىشىپ  تەرجىمان  ئەكەلدۈرسەم بۇلامدۇ نىمە ؟
ئىشلىرىڭىزغا   ئۇڭۇشلۇق تىلەيمەن ..
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-12 08:31 PM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
jaranbolak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 48664
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 201 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-13

 

ۋاي!!!!!!!  خىتاي  دەپ  يازسا  بۇلامدۇ ،،ئالدىنقى  نۇۋەت  مەن خىتاي  دەپ يازسام ئىنكاس  ماڭماي  تۇرىۋالدى  قاراڭ ،،   شۇنىڭ  بىلەن   ئاچچىغىمدا  قىتان  لا  دەۋەتتىمغۇ !!!!!!!!!!!!             
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-12 09:28 PM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
021kiran
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 49081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 100 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 257(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-28

 

بىزنى قوللىغان بارلىق قىرىنداشلىرىمىز غا مەن شىركىتىمىز نامىدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن .

                                                   مۇھەممەدئەلى ئۇسمان
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
شاڭخەي مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى  www.muslimserv.cn
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-15 09:17 PM |
MTV ~~MTV
mehsut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 84 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-17

 

شۇنداق چوڭ شەھەردە بىر شىركەت قۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پۇت دەسسەپ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس، شۇڭا بىر ئىزدا توختاپ قالماي، يەنىمۇ تىرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز! ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 12:43 AM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
zirak.kiz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 44399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 309 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-17

 

  ئالدى بىلەن سىزنى مۇبارەكلەيمەن،
خالىسىڭىز بىز ھەمكارلاشساق.چ چ:357922980
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 01:12 PM |
MTV ~~MTV
tarim85
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 38857
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 10 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-22

 

مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم،بولسا  چ چ نۇمىرڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.مەن سىزدەكلەربىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.مىنىڭ چ چ نۇمرۇم  763432802خالىسىڭىز قۇشىۋالارسىز.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 06:12 PM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
zukre
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 49194
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-22

 

ياخشى بوپتۇ.....
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 07:03 PM |
MTV ~~MTV
lana
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14001
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 175 نۇمۇر
پۇل: 453 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-25

 

مۇھەممەتئەلى ئەپەندى ،مۇبارەك بولسۇن دوستۇممۇ سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە ئىشلەۋاتىدۇ،سىلەرنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىڭلارغا تىلەكداشمەن،مۇبارەك بولسۇن،ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 08:16 PM |
دىيارىمدا ئاتىلار بايرىمى
yitim0997
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 41142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
پۇل: 234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 397(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-26

 

اللە  ئىشلىرىڭلارنى  ئۇڭۇشلۇق  قىلغاي.
بۇ   بۇ زىمىنغا كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۇچۇن  بىر  ياخشى  ئىش بوپتۇ.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-16 08:58 PM |
MTV ~~MTV
021kiran
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 49081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 100 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 257(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-28

 

مۇھەممەدئەلى ئەپەندىنىڭ چ چ نۇمۇرى :281177514

E-mail:muslimserv@yahoo.cn

MSN:muslimservice@hotmail.com
تىلفۇن :021-65068911
فاكىس :021-51714649
يانفۇن:13621626220
شاڭخەي مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى  www.muslimserv.cn
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-17 07:39 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


Total 0.080933(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 06-28 22:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号