<نەۋرۇز>پارسچە سۆز بولۇپ<يېڭى كۈن>يەنى باھار پەسلىنىڭ (تېرىقچىلىقنىڭ باشلىنىش مەۋسۈمىنىڭ)يېڭى بىر باشلىنىشى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ،بۇ بايرامنىڭ ھىچقانداق دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى يوق.بۇ بايرامنى دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي ۋە پارسىي مىللەتلەر چوڭ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ،تارىخى-ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق.
ھازىر دۇنيادا <نەۋرۇز>بايرىمىغا قارىتا بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مۇسۇلمان مىللەتلىرىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراش بار بولۇپ ھېلىھەم دە-تالاش ئۈستىدە كېتىۋاتماقتا:
بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر تەقۋادار مۇسۇلمانلار بولۇپ- ئۇلار بۇ بايرامنى قەتئىي ئۆتكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇلارنىڭ دەلىلى شۇكى،ئىسلامدا مەن مۇسۇلمان دىگۈچى-ئاللاھ-تائالا كۆرسەتكەن مۇراسىم كۈنلىرى مەسىلەن:قۇربان ھېيت،روزى ھېيت،ۋە ھەج مەزگىلىدىن باشقا ھەر قانداق شەكىلدىكى بايرام،تەبرىكىلەش كۈنلىرىنى(ئۆزىنىڭ ئەمەس ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان<مەۋلۇت>نىمۇ)ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك،ئىسلامنى قۇبۇل قىلغانىكەن،ئىلگىرىكى غەيرى مۇسۇلمان چېغىدىكى ھەممە ئۆرپ-ئادىتىدىن،ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بايرام،مۇراسىملىرىدىن قول ئۈزۈپ،ئىسلامغا تولۇق تەقۋادارلىقى بىلەن كىرىشى،جاھىلىيەتتىكى بايراملىرىنى تەرك ئېتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.بولۇپمۇ ئىسلام دىنى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان،مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز ئېتىراپ قىلىپمۇ باقمىغان <نەۋرۇز>دەك بايرامنى قەتئى رەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى قاراشتىكىلەر بولسا مىللەتپەرۋەرلەر بولۇپ-بۇلار دەيدۇكى،<نەۋرۇز>بايرىمى -ئاتا-بوۋىلار مىڭلارچە يىللاردىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان تېرىقچىلىق،باھار پەسلىگە دالالەت قىلىپ،كىشىلەرنى ئىشچانلىققا،بىر يىللىق پىلانغا يېتەكلەيدىغان،ئەھمىيەتلىك بايرامدۇر.بۇ بايرامنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن سىغىشالمايدىغان ھىچقانداق يېرى يوق،بىز دىننىمۇ ئېتىراپ قىلىمىز،بۇ بايرامنىمۇ يېنىكلىك بىلەن تەرك ئېتىۋەتمەيمىز ،ھەممە ئىش ئۆز يولى بىلەن بولغىنى ياخشى،ئەنئەنىۋى بايرام بىلەن دىنىي بايرامنى بىر-بىرىگە سوقۇشقا سېلىپ قويۇشنىڭ ھىچبىر زۆرۈرىيىتى يوق،ھەر ئىككىسى ئۆز نۆۋىتىدە بىر-بىرىدىن مۇھىمدۇر دەپ قارايدۇ.
خۇلاسە:<نەۋرۇز>بايرىمىمىز-ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىمىز بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر مۇراسىم كۈنىدۇر.بىراق بۇمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدە مىللى ئۆزلۈكىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ياخشى خاتىرە كۈنىدۇر.بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن شۇنداق نەتىجىنى تۈگەللەيمىز:ئەي بىغۇبار خەلقىم،بىزگە ئىتتىپاقلىق،ئىناقلىق،مېھرىبانلىق،چۈشىنىش ھازىرقى دەۋرىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىمكى،كىچىك ئىشلاردا دە-تالاش قىلىپ تەپرىقىچىلىك قىلىدىغان ئىشلاردىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرايلى،<نەۋرۇز>نى خالىسىڭىز داغدۇغىلىق قۇتلۇقلاڭ،خالىسىڭىز ئاددى تەبرىكلەڭ،خالىسىڭىز ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئۆز ئىبادىتىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.بىراق خالىغانچە ئۆز ھېسسىياتىڭىزنى باشقىلارغا تېڭىپ كۆڭۈلسىزلىككە،ئىناقسىزلىققا سەۋەب بولۇپ قالماڭ.بىلىپ قېلىڭكى،ئىتتىپاقلىق-پەرزدۇر.
مەنبە:قەلەم.شەھرى ئۈرۈمچى.20-مارت