چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 1913 قېتىم كۆرۈلدى
Diyarim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 548 نۇمۇر
پۇل: 1209 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 150 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 ئوقيا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ .

0
Music Nahxa Hammisi Muxu yarda
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ay_turan تەرپىدىن تاقالدى(2009-03-18)
خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى

شىنجاڭ ئوقيا ماركا– پاتېنت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى— كارخانىچى– يەككە تىجارەتچىلەرگە ماركا– پاتېنت، شىركەت ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش، سودا– سېتىقنىڭ قانۇن خېيىم– خەتىرىنى كونترول قىلىش، داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش، باج – بوغالتىرلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي مەسلىھەت، ئەمەلىي ياردەم بېرىشنى ئاساسىي مەۋقە قىلغان كارخانا باشقۇرۇش قانۇن مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىختىساسلىق خادىملار ئىستىراتىگىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىھتىياجى بىلەن، شىركىتىمىز يېڭىدىن بەش نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.
كونكرېت ئىش ئورنى: ياردەمچى ئادۋوكات بىر نەپەر، ماركا لايىھەلىگۈچى بىر نەپەر، توربەت لايىھەلىگۈچى بىر نەپەر، ياردەمچى بوغالتىر بىر نەپەر، ئامانلىق قوغدىغۇچى(شوپۇر) بىر نەپەر.
قوبۇل قىلىش شەرتى: نىشانلىغان ئىش ئورۇنىغا مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەت ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە، خەنزۇچە تىل– يېزىق سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئاساسى ياخشى، ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىزدەيدىغان، ئېتىقاتلىق، سەمىمىي، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرى ئالدىن تاللىنىدۇ (باشقا مىللەتتىن بولغانلارنىڭ ئۇيغۇر تىل– يېزىقىنى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ).  
قوبۇل قىلىش تەرتىپى: شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شىركىتىمىزگە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر ئۈچ ئايلىق تەربىيىلەش (سىناقتا ئىشلەش) تەرتىپىگە كىرىدۇ. تەربىيىلەشتە لاياقەتلىك بولغانلار بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مۇددەتلىك ئەمگەك توختىمى تۈزۈپ رەسمىي خىزمەتكە چۈشىدۇ.
تەمىنات ئۆلچىمى: تەربىيىلەش مەزگىلىدە ھەر ئايدا 600 يۈەندىن تۇرمۇش كاپالەت خىراجىتى بېرىلىدۇ، رەسمىي خادىملارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە  بولىدۇ، تۆھپە– نەتىجە مۇكاپاتى ۋە ھېيىت– بايراملىق تەمىنات بۇنىڭ سىرتىدا. نورمال ئەھۋالدا ئىش ھەققى ھەر يىلى %10 تىن كۆپەيتىلىدۇ. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئىش ھەققى ئۆستۈرىلىدۇ.  
ئەمگەك كاپالىتى: خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. تۇرالغۇسى يوق خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئۆي سېتىۋېلىش، كىسەل داۋالىتىشتا قېيىنچىلىققا يولۇققان خىزمەتچىلەر شىركەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
تىزىملىتىش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى يېنىدىكى ئەلئامان مىھمانسارىيى (قىران بۈركۈت سارىيى) نىڭ 6– قەۋىتىدىكى «ئوقيا» شىركىتىدە.
تېلېفون : 0991 - 2864588  2861160 توربەت: www.okya.cn  ئېلىكخەت: ablikimokya@yahoo.com.cn
                              
                                            شىنجاڭ ئوقيا ماركا– پاتېنت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى
                                                              2009– يىل 3– ئاينىڭ 6– كۈنى
Diyarimda Noruz
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-09 08:51 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.057151(s) query 5, ھازىرقى ۋاقىت : 03-26 20:29
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号