چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ تېما 70761 قېتىم كۆرۈلدى
muhterjan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

 كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى

0
Music Nahxa Hammisi Muxu yarda
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2009-03-03)دە نادىرلاندى
1

ئاشخانا ئېچىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭ دەردى بەش پاتمان، يەرلىك سودا-سانائەت كادىرلىرى، باجگىرلار، ساقچىلار پات-پات كىرىدۇ، بىكارلىق تاماق يەپ، پىۋا ئىچىپ، رەسمىيەتلەرنى قائىدە بويىچە بېجىرىپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، يەيدىغىنىنى يەپ كېتىدۇ. تاماق جوزىسىدا مەينەت-قاچا-قۇچا، سەي، ھاراق، كاۋاب زىخلىرى قالىدۇ. ئۇلار ھارامنى يېسىمۇ يېسە ياسىننى مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋەتمىسە، بولسا قوغداپ قالسا بولاتتى.
   ئىلگىرى ئۇ بېيجىڭدا كاۋابچىلىق قىلغاندا گەرچە كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ چوڭ شەھەردە ياشىيالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى، چىرايلىق خوتۇنى بىلەن ئوغلىمۇ ئوبدان ياشايتتى، ئۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئوغلىنى ياخشى يەسلىگە بېرىپ، ئۆرلەپ ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئەتىگەندىن كەچكىچە كاۋابقا زىخ ئۆتكۈزۈپ، ئاخشىمى يەنە ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆزىنى رازى قىلىدىغان خوتۇنىغا قىممەت باھالىق ئۈزۈك ئېلىپ بېرىشنى ئويلايتتى.
  ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدىغان كاۋابچىلار، بازار ئوينايدىغانلار ئىچىدە توختىماي ئىش چىقىپلار تۇراتتى، بىرلىرى ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن تېپىشاتتى؛ بىرلىرى ساقچىغا تۇتۇلۇپ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتەتتى. بىرلىرى ئېتىلىپ، بىرلىرى پىچاق يەپ، يەنە بىرلىرى ئۆيىدە كۆمۈرگازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى.  ۋاقىتلىق ئەر-خوتۇن بولۇشقاننىڭ تويىغا ياكى بالىسىنىڭ سۈننەت تويىغا بېرىپ كەلگەن ياسىن بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بالىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايتتى. بۇ ئىشلار قولى چاققان يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىدەك شۇنچىلىك تېز يۈز بېرەتتىكى، بىر ئىشقا ھەيران قېلىپ بولغىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق يەنە بىر ئىش يۈز بېرەتتى.
    كۇلىغا چىققاننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆپكىسى يوق دەپ ئويلايتتى ياسىن،  يۇرتىدىكى ناھەقچىلىك ۋە نامراتلىققا چىدىماي، ئالە شەرىڭنى دەپ ئىچكىرىگە  ماڭىدۇ؛  بارار جايىنى تاپقاندىن كېيىن پۇل تېپىشقا ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمىسا جان باقالمايدۇ، بۆرىدەك بۆسكەك بولمىسا ئىتتەك خارلىنىدۇ. ئەتىگەندە بىرسىمۇ تۈزۈك ناشتا قىلماي، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك ھاراق ئۈچۈن باغرى تاش شەھەرنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيدۇ، نېسىۋىسىنى ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ تاپىدۇ. ئازراق پۇل تاپقانلار كەيپ-ساپاغا ئالدىرايدۇ، خوتۇن تېپىشقا، بۇرۇن قاندۇرالمىغان نەپسىنى قاندۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، پۇلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانچە جاپالىق ئىشلەش خوشياقمايدۇ، ھالال ئىش-ھۈنەرنى تاشلاپ ھارام سودىغا كىرىشىپ قالىدۇ. ياسىن ئويلاپ باقتى: ئاخىرىدا توزۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئىشلەشكە تاقىتى يوق شاتراق گۇيلار، نەپسىنى يۈگەنلەشنى بىلمەي قالغان ئېشەك گۇيلار ئىكەن!  ھەممىسى ھارامغا دۈم چۈشۈپ، پالاكەت بېسىپ تۈگەشتى... ھايۋانمۇ ئۆزىگە خىل كەلمەيدىغان نەرسىنى جىق يەۋالسا قارنى كۆپۈپ ئۆلىدۇ، ئادەممۇ شۇ... ھايۋان ئۆزىنىڭ نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئەمما ئادەمچۇ؟...
ياسىن ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى ئىدى، ئەمما خاتىرجەم بولالمايتتى؛  مەھەللىسدىكى دېھقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئەركىن ئىدى، پۇلىمۇ بولدى، ئەمما پەقەت خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىسا يۈرىكى سىقىلاتتى. ئۆزىدىن كۆرە خوتۇنى ۋە بالىسىدىن بەكرەك ئەنسىرەيتتى، بىر قېتىم ئۆزى يېقىن بىلگەن بىر ئاغىنىسى خوتۇنىغا چاقچاق قىلىپ، ئىشتىن چاتاق چىقارغىلى تاس قالدى، ياسىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ قالمىغان بولسا قانلىق ۋەقە چىقىشى مۇمكىن ئىدى؛ بىر قېتىم بالىسى يېرىم كۈن يوقاپ كېتىپ، قوشنا خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېپىۋېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا كاۋاپچىلىقنىڭ كاشىلىسى جىق ئىدى، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى نەچچە قېتىم كاۋابدانلىرىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى؛ قانۇنلۇق كاۋاب ساتاي دېسە، رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيتتى؛ ساقچىلارمۇ پات-پات تىمىسقىلاپ كىرىپ، نوپۇس تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلاتتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرمىسەڭ بولمايدۇ دەيتتى، ئەمما بارسا بېجىرىپ بەرمەي ئاۋارە قىلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە قانۇنلۇق ۋە خاتىرجەم ياشاشقا شۇنچىلىك ئىنتىلسىمۇ، كاشال، دوقاللارغا تولا ئۈسۈپ ئاخىرى رايى يېنىپ كەتتى، بۇ قىسمەتنىڭ ئۆز پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا سىغمىغان ئادەم خەقنىڭ شەھرىگە سىغامتى؟ ئۇنى ئاز كەلدى دەپ يۇرتۋازلىقتىن شەكىللىنىپ قالغان كىچىك-كىچىك قارا گۇرۇھلار ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا قىلاتتى، ئۇ ھېچقايسىسىغا قېتىلماي مۇستەقىل ياشايمەن دېيەلمەيتتى، چوقۇم ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىرەرخوجا ئاكىسىنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇنى قەتئىي خالىمىغاچقا ئۇيغۇرلار كۆپ بارمايدىغان بىر رايونغا غىپپىدە كېلىپ، كاۋابچىلىقىنى قىلىۋەردى، ئەمما كۆڭلى يەنىلا دەككە-دۈككىدە ئىدى. ئۇ بېيجىڭغا دەسسىگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى، قانداق ئادەملىكىنى، خوتۇن-بالىسى بار-يوقلۇقىنى باشقىلار بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ بولاتتى؛ شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ كەتكەنلىكى ۋە قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى ھەممىگە تەخمىنەن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى؛ ئۇ ياشىسا ئۇنى ھەممىسى بار، پالانى يەردە كۆرگەن دەيتتى؛ ئۆلسە شۇ ھامان خەۋىرى ھەممىگە يەتكۈزۈلۈپ، نامىزى چۈشۈرۈلەتتى.          
ياسىن جۈمە كۈنى دەم ئالاتتى، مەسچىتكە بېرىپ يۇيۇنۇۋالسا، جۈمە نامىزى ئوقۇۋالسا جېنى يايراپ كېتەتتى. بۇ كۈندە ياسىندەك ھالال ياشايدىغانلارمۇ، ھارامنى قىلىۋېرىپ جەھەننەمگە كېتىشكە ئاز قالغانلارمۇ بارلىق جىددىي ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جۈمەگە كېلەتتى، نامازدىن تارىغاندا بىر-بىرىگە دىدار غەنىمەتتەك قارايتتى،  ئاي-يىللاپ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلەر كۆرۈشۈۋالاتتى. نامازدىن چىقىپ ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا ماڭاتتى،  قىلىدىغىنى قىلىۋېرەتتى، سەل ئىمان-ئىنساپى بارلىرى قولىنى يىغىۋالسىمۇ، كۆپ قىسمى "تىرىكچىلىك"ىنى قىلىۋېرەتتى.  بۇ يەردە بىر كۈن ئۆتسە شۇ ھېساب ئىدى، ھېچكىم قېرىغىچە بەختلىك ياشاشقا كېپىللىك قىلالمايتتى، ئاق چېكىپ ئۆلگەنلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەندەكلا ئۆلەتتى، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى. بۇزۇق قىزلار يانچۇقچى، ئاقچىلارنىڭ خوتۇنىغا ئايلىناتتى، بۇنىڭغىمۇ ھېچكىم ئەجەبلەنمەيتتى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە جاھاندا بۇنىڭدەك تەبىئىي ئىش بولمايتتى، ئەگەر ئىناق ئۆي تۇتۇپ كەتسە بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى. ياسىن باھادا كېلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاشخانىنى تەۋەككۇل دەپ ئالدى، ئاشپەزلەر بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋېرىدىغان بولدى.  بۇرادىرى شىنجاڭغا مېڭىپ بولغىچە ئۇ ئاشخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، ئىچىنى ئازراقلا بېزەپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئازراق نەزىر بېرىپ، ئاشخانىسىنى ئېچىۋالدى، ئەر-خوتۇن سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلەپ،  بىر ئايدىن كېيىن ئاشخانىسىنى ئوبدانلا ماڭدۇرۇۋالدى.
                        
                               (داۋامى بار)  
مەنبە: قەلەم
[ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-02 11:47 AMدە ق ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Yulduzay
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-28, 01:53
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+40(hitab) ياخىشى ئەسەر
  • پۇل:+40(Yulduzay) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • Diyarimda Noruz
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-28 12:21 AM |
    Mustafa MSF
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ياسىن ھەر كۈنى كەچتە خوتۇنى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈندىلىك ھېساباتىنى قىلىپ، تاپقان پايدىسىدىن رازى بولۇپ خۇداغا شۈكرى قىلاتتى، ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولاتتى. ئۇلار  ئوغلىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقاندىن كېيىن  ئەتىدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتى. بىر كۈنلۈك جاپادىن كېيىن كېلىدىغان كېچىلىك راھەت ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەتتى. ياسىن خوتۇنى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىق باھارى جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىغا، پەستىكى گىلەمدە ئۇخلاۋاتقان ئوماق ئوغلىغا قاراپ، " بۇ جىگەر پارىلىرىمگە كۆز تەگىمىگەي" دەپ خۇدادىن تىلەيتتى؛ ئوغلى تېپىپ ئېچىۋەتكەن يوتقاننى ئۈستىگە يېپىپ قوياتتى،  خوتۇنىنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، ھىدىنى پۇراپ ئىختىيارسىز سۆيۈپ كېتەتتى.

    بىر كۈنى كەچتە ئۇلار بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىناق سۆھبەتلىرىنى باشلىدى.
    __  بۇ گۇي ئەجەپ تېز يوغىناپ كەتتى،  يەسلىگە بېرىدىغان ئىش ئىدى،_دېدى ياسىن پەستە ياتقان ئوغلىغا زوقلىنىپ قاراپ قويۇپ.
    __  يەسلىگە ئالارمۇ؟ نوپۇسى يوق دەپ تۇرۇۋالامىكىن دەيمەن.
    __ جاجىسى پۇل، بۇ گۇيلار پۇلنىلا تونۇيدۇ.
    __ جىقراق پۇل كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، ئوقۇۋالسا...
    __ ئەسلىدە بېيجىڭدا ئوقۇتالىغان بولساق ئوبدان بولاتتى، بۇ يەردە نېمە ئوقار دەيمەن..._ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىز ھالدا.
    __ ئوخشاش ئوقۇيدىغاندۇ، خەت تونۇۋالسا بولدى.
    __ خەتنىغۇ تونۇيدۇ، مەن ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئوقۇتاي دېگەن.
    __ بېيجىڭدا تۇرالمىدۇق، بولمىسا...
    __ بۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن بېيجىڭغا ھامان بارىمىز، بالىنى ئوقۇتىمىز.
    __ بولارمۇ سىزنىڭچە، چوڭ شەھەردە ياشىساققۇ ياخشى،  لېكىن ئادەم پەقەت خاتىرجەم  بولالمايدىكەن.
    __ بۇ يەرنى تىنچ دەمسەن، نەگىلا بارساق بىزگە خاتىرجەملىك يوق. بىرلا ئامال پۇل تېپىش، پۇللا تاپساق خاتىرجەم بولىمىز، بالىنى ئوقۇتالايمىز،__ دېدى ياسىن ئاندىن ياستۇققا يۆلىنىپ تاماكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
    __ بىرەر قېتىم  بولسىمۇ چەكمەي ئۇخلىمايسىز __ دېدى خوتۇنى ئۇھ تارتىپ،__ ماڭىغۇ مەيلى، بالىغا زىيان قىلامدىكىن دەيمەن..
    __ مۇشۇ بىرنىلا چېكىپ چەكمەي...
    __ ئۇ شۇنچە خۇمارى كۈچلۈك نەرسىمىدۇ دەيمەن، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مېنىمۇ شۇ تاماكىدەك دائىم سېغىنىپ تۇرسىڭىز... مېنىڭ خۇمارىم ئۇنىڭغا يەتمەمدۇ يا!  
    ياسىن خوتۇنىنىڭ چىرايلىق دومسىيىشلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى:
    __ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، ئاچچىقسۇ بىلەن لازا ئوخشامدۇ؟
    __  مۇشۇ تاماكا ئاخىرى بېرىپ ئاق تاماكىغا ئايلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن...
    __  نەچچە دېدىم ساڭا، مېنى ئۇنداق نىجىسقا يېقىن كېلىدۇ دەپ ئويلىما، يېنىمدا خوتۇن-بالاملا بولسا ماڭا جاھاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە يوق.
    __ ئەمدى دەيمەن، شۇ نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ھەممىدىن كېچىپ كېتىمىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ جېنىدىن...
    __ خۇدا ساقلىسۇن، مۇشۇ كەمگىچە پاكىز ياشاپ كەلدۇق. مەن ئىش كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئاشۇ گۇيلارنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى جىق كۆرۈپ كەتتىم، ئويلىسام قورقىمەن.
    __ ئاشۇنداق قورقۇپ تۇرۇڭ، بولمىسا قىزىقىپ كېتىسىز...__ دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا چىرمىشىپ__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىمەن...
    ياسىن خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ:
    __ ئەنسىرىمە، جاھاندا سەندىنمۇ ئېسىل نەرسە بار دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، سەندىن ئايرىلغان كۈنى مەنمۇ بۇ دۇنيادا يوق...-دېدى.
    خوتۇنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ياسىننىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە بېشىنى قويدى، ئەتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر كۈن بولسىمۇ ئېرىنىڭ قوينىدا ياتسا بەخت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ.
    ياسىن  بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بالىسىنى بىر شەخسىي يەسلىگە بەردى،  كۈندە سائەت 8 گە ئۈلگۈرۈپ بالىسىنى توكلۇق موتوغا مىندۈرۈپ يەسلىگە ئاپىراتتى، ئاندىن تونۇش خۇيزۇ قاسساپتىن گۆش ئېلىپ قايتاتتى، كېيىنچە تىجارەت ياخشىلانغانچە گۆشلەر يېتىشمەي قالدى؛ خۇيزۇ قاسساپمۇ بېيىغاندىن كېيىن ماشىنا ئېلىپ، بىر نەچچە قوينىڭ گۆشىنى ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
    ياسىننىڭ بۇ كىچىككىنە ئاشخانىسىنىڭ سودىسى ئاساسەن كاۋاب بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ياز كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى خەقلەر قىززىق كاۋاب يەپ، مۇزدەك پىۋا ئىچەتتى؛ بۆرەك كاۋابنىڭ باھاسىنى ياسىن بىر نەچچە كوي ئۆستۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم غىڭ قىلماي تىلىنى تامشىتىپ يەۋەردى.
    بۇ  ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ساتراشخانىلارنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر سەتەڭ كۈندە كەچتە دېگۈدەك بۆرەك كاۋاب يەپ پىۋا ئىچەتتى، يالغۇ كېلىپ يالغۇز كېتەتتى؛ ئۇ ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغاندا بىر نەچچە قېتىم ياسىنغا سۈركىلىپ "بۆرىكىڭنى ئۆستۈرۈۋاپسەن، مېنى يېمسىۇن دەمسەن، باھاسىنى ماڭىلا چۈشۈرۈپ بەر" دەپ غىلجىڭلاپ تۇرۇۋالدى. ياسىن ئۇنى ئۇدۇل قوشنا ھېسابلاپ ماقۇل دېدى. سەتەڭ ناھايىتى خوش بولۇپ: " لاۋ داگې، نى تەي شۈەي لا" (ئاكا، سەن قالتىس جۇمۇ) دەپ ئەركىلەپ قويدى.
    ياسىن پۇل تاپقانچە ئۆزىنى راستىنلا لاۋبەن بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆيىدە خوتۇنى، ئاشخانىدا بولسا ئىشلەمچىلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، خوجايىنلىق ھۇزۇرىنى قايسى ئەر ياخشى كۆرمىسۇن؟! ئەمما غوجامنىڭ غوجاكىسى بار دېگەندەك،  بىر كۈنى ناھايىتى بەستلىك، ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكا، كۆزىگە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىۋېىشىدەك كۆزەينەك تاقىغان بىرسى ئاق چېكىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئەرۋاھنى باشلاپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. ياسىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. "قارا كۆزەينەك" ئاشخانىنىڭ تۆت تېمىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دېرىزە تەرەپتىكى بىر جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ياسىنغا قارىدى. ياسىن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەكمۇ قىلمايتتى. بۇ چەت يەردە بۇنداق ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ نېمە غەرەزدە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاللىقانداق خىياللارنى سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى.
    __ بۇ ئاشخانىنى ئوبدان ئېچىۋاپسەن، مۇبارەك بولسۇن...__ دېدى "قارا كۆزەينەك" غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،__ نەزىرگە بىزنى چاقىرماپسەن، بولمىسا بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەستۇق.
    __ ھە  ئۇقماي قاپتۇق،__ دېدى ياسىن  ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيغاچ،__  نەزىر دېگۈدەك چوڭ نەزىرمۇ قىلمىغان، ئەتراپتىكى ئۇيغۇلارلا كەلگەن... ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەندىكىن جىق  ئادەمنى بىلمەيتتۇق، ئۇققان بولساق ئەلۋەتتە چاقىراتتۇق.
    __ چاقىرمىساڭمۇ ئۆزىمىز كەلدۇق، چۈپەيلىك قىلماي ياخشى كۈت، سەن بىزنى توخۇ ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلساڭ، بىز سېنى  قوي سويۇپ مېھمان قىلىمىز.
    __ ئەلۋەتتە، سىلەردەك مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولمىساق بولماس.
    "قارا كۆزەينەك" يېنىدىكى ئاۋاققا بۇيرۇق قىلدى:
    __ مېنى بۇ ئىنىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قوي!
    __ ھە بۇ ئاكىمىز غېنى شاڭجاڭ بولىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ لاۋداسى...
    ياسىن "لاۋدا" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۇچتى، غېنى شاڭجاڭغا قايتىدىن نەزەر سالدى، بىر قارىسا ئۇ راستىنلا  شۇنداق كۆرۈنەتتى، بىر قارىسا شۇنداق بولۇۋالغان پور كۆتەكتەك قىلاتتى. ياسىن ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بىلەن لاۋدالىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى ھەم بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى.
    ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ چىرايىغا خۇشامەت كۈلكىسى يۈگۈرتەلمەي:
    __ غېنىكامنى نەچچە ۋاقىتتىن ئۇقماي يۈرۈپتۇق-دە! __ دەپ قويدى.
    __ بۇ يەردە "ئەي شاڭجاڭ" دېسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق، ساقچىلارمۇ ياخشى تونۇيدۇ...__ دېدى يەنە بىر ئاۋاق،__ سېنىڭ بىلمىگىنىڭ قىززىق!
    __ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن گەپ، توغرا چۈشىنىمىز،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__  ئاڭلاپ تۇردۇق، سوداڭ ياخشىكەن ، بالاڭنى يەسلىگە بېرىپسسەن، بۇ يەردە ھېچكىم تېخى ئۇنداق قىلىپ باقمىغان.
    __ شۇ بالىنى بىر ئوقۇتۇپ قويىلى دەپ قالدۇق، ئۆيدە قويساق بوسۇققا چىچىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر ئادەم مەخسۇس قارىمىسا بولمايدىكەن...
    بۇ گەپلەر قۇلىقىغا كىرمىگەن ياسىن شاڭجاڭ:
    __ ئاشخاناڭدا چىرايلىق تومۇچۇقلار يوقمۇ؟ مۇنەك تازلارنىڭ ھەممىسىنى ھوشۇقتەك يىغىۋالدىڭمۇ نېمە؟__ دېدى خىرىلداپ كۈلۈپ، ئىككى ئاۋاق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەستەن كۈلۈشتى.
    __ بۇ يەر پۇت يۇيىدىغان ساتراشخانا بولمىغاندىكىن ئەكىرمىدۇق.
    __ بۇ گېپىڭ بولمىدى، سەن سودا قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن _ دېدى ياسىن شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرگەنلەر قارنى ئاچ قېلىپلا كىرمەيدۇ، شىنجاڭلىق قىزلارنى كۆرگىلى كىرىدۇ، كۈتكۈچىلىرىڭ چىرايلىق بولسا خېرىدارىڭمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەت تازلىرىڭنى گۇندىپايدەك قارىتىپ قويساڭ، ئەتە-ئۆگۈن  ئاشخاناڭغا ھېچكىم كىرمەيدۇ، كىرگەن خەقمۇ يېگەن تامىقىنى ياندۇرۇۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ...  
    يەنە سەت كۈلۈشمەك بولدى، ياسىننىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئەمما چاندۇرمىدى. ئالدىراپ كەتسە بولمايتتى، كۇلىغا چىققان ھولولۇپلار ئۆپكىسى يوقلۇقىدىن زىيان تارتىپلا كېلىۋاتاتتى، ھەممىگە سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت كېرەك ئىدى.
    شۇ ئەسنادا ياسىننىڭ خوتۇنى ئاشخانىغا كىرىپ يېڭىدىن بىكار بولغان جوزىلاردىكى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭدى.
    كۈلكىسى بېسىقمىغان غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قالدى.
    __  پەرىزاتتەك بىرسى بار ئىكەنغۇ  ئەنە...
    __ كىمنى دەيسىز ئاكا؟__ دېدى باشقا ياققا قاراپ خىيالىي ئولتۇرغان ئاۋاق.
    __ بايا كىرىپ كەتكەن قىزچۇ؟ __ دېدى ياسىن شاڭجاڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، __ خوتۇنۇڭ ئەمەستۇ-ھە!
    __ ئون يىللىق خوتۇنۇم،__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ.
    غېنى شاڭجاڭ جىمىپ قالدى، گۆشنى كۆرگەن تەمەخور مۈشۈكتەك يالتىراپ كەتكەن كۆزلىرى خىرەلەشتى.
    __ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئون يىللىق چوكىنىڭ 20 ياشلىق قىزدەكلا تۇرىدىغۇ؟! يەسلىدىكى بالاڭنى مۇشۇ قىز تۇغقانما؟
    ياسىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ ئولتۇردى، جوزىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىغا قاراپ-قاراپ قويدى.
    غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پەملەپ بولدى، تۇخۇمنى چېكىپ باقىمەن دەپ چېقىپ قويسا بولمايتتى.
    __ ئارتۇق ئويلاپ كەتمە ئۇكا،__ دېدى ئۇ ئاۋازىغا سالماق تۈس بېرىپ،__ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. سېنى كۆرمەستىلا خوتۇنۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن. چىرايلىق بولۇش ئەيب ئەمەسقۇ-ھە؟ پەخىرلىنىش كېرەك.  مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ئۇكا. بىزنى دېسەڭ، خوتۇن-قىزلارغا كۆز-قارنىمىز توق، ھازىرمۇ ئۈچ خوتۇنۇم بار، بىر-بىرىدىن چىرايلىق، بىرى قانۇنلۇق، ئىككىسى مەخپىي. ئاشخانامدىمۇ چىرايلىق قىزلار ئىشلەيدۇ، ھەممىسىنى مىللىيچە ياساندۇرۇپ قويدۇق، خېرىدارلار ئارىسىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ كاساپەتلەر، سوداممۇ شۇنىڭدىن بېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن، ئەگەر سەندە قىزلار كەم بولسا، مەن بېرىپ تۇراي. مېنى ئاكا دەمسەن، لاۋدا دەمسەن، چاتىقىم يوق، ئەمما ئارىلشىپ ئۆتەيلى، قانداق دېدىم؟
    ياسىن بۇ گەپلەردىن ئويلىنىپ قالدى، ئاچچىقىدىن ياندى. ئەر خەقنىڭ يات خوتۇنلارغا قىزىقىشى تەبىئىي ئىش؛ ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيتتى؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ خوتۇنىنى قوغدىيالمامتى؟ ئەڭ يامىنى، ئىچىدىكى دېمەيدىغان، ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ناچار ئوغرىلار .  غېنى شاڭجاڭ نەپسى يامان كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچىدە نېمە بولسا شۇنى دەيدىكەن؛ ھەددىدىن بەك ئېشىپمۇ كەتمىدى، ئاقسالىق ياكى زوتالىق قىلمىدى. ئارىلىشىپ ئۆتىلى دېگەننىڭ يامىنى يوق. ئۆزىنى چىڭ تۇتسا ئوغرىمۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ، قورغاننى چىڭ ساقلىسا دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ.
    __ بولىدۇ، ئارىلىشىپ ئۆتەيلى، كۇلچىلىقتا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ __ دېدى ياسىن.
    __ ما گېپىڭ جايىدا، بىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئادىمىنى تېپىپ ئارىلىشىمىز ئۇكا، كەلسە-كەلمەس گۇيلارنى يېقىن يولاتمايمىز.
    جوزىغا ئارقا-ئارقىدىن سەيلەر چىقىشقا باشلىدى، ھاراقلار قۇيۇلدى، ياسىن ئاق ھاراق ئىچمەي، ئازراق پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇشۇپ بەردى.
    ئۇلار تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، غېنى شاڭجاڭ پات-پات جىمىپ قالاتتى، ئاخىرىدا ئۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشقا تاقەت قىلالماي گەپنى ئۈزدى:
    __ گەپنى ئەمدى توختىتايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ،  بۇ ئىنىمىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىپ كەتتۇق، ئەمدى ماڭايلى...
    __ بىر دەم ئولتۇرۇپ ماڭساڭلارمۇ بولاتتى،__ دېدى ياسىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
    __ يەنە كېلەرمىز، ئۇنداق قىلماي ئايالىڭنى ئېلىپ بىز تەرەپكىمۇ ئۆت، ئۆيدە مېھمان قىلىمەن؛  ئۇنتۇپ قالما، بىرەر ئىش بولسا تېلېفون قىل،  قىزلارنىڭ ئىشىنى ئوبدان ئويلىنىپ باق. سېنىڭ ئىشىم مېنىڭ ئىشىم، ئاكاڭدەك كۆرسەڭ بولىدۇ بىزنى...
    ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
    (داۋامى بار)
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-02-28 04:50 PMدە ق ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 04:29 PM |
    Okya xirkiti Hizmatqi kobul kilidu
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    2

    يەپ-ئىچىش، كەيپ-ساپا، جىنسىي مۇناسىۋەت... مانا بۇلار كۇلىچىلارنىڭ غايىسى. ئۇلار ئارىسىدا يەيدىغان، ئىچىدىغان، چېكىدىغان نەرسىلەر، ئېقىپ كېلىپ قالغان قىز-چوكانلار كەم بولمايدۇ. خارلىنىپ يۈرگەن بىر تاز بىر كېچىدە قىمار ئويناپ ئۇتۇۋالسا ئەتىسى لاۋبەن بولۇپ كېرىلىپ يۈرۈيدۇ، كۆزى چۈشكەن خوتۇننى يۇلۇپ ئالالايدۇ. ئەمما بۇ كۈنلىرى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭغا جاپا چېكىپ ئېرىشمىگەندىكىن ھېچكىم ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ياسىن بۇنداقلارنى جىق كۆرگەن، چۈمۈلىدەك ياشىمايدىغانلار پارازىتتەك ياشايتتى، بىر يىل جاپا چېكىپ ياشىغاندىن، بىر كۈن ئۆلگۈدەك راھەت سۈرۈپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان ھارامتاماقلار، جېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان خىروئىنكەشلەر، توم-توم ھەميانلارنى ئوغرىلاپ بولغىچە قولىغا كويزا چۈشۈپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىدىغان زىيانكەشلەر بۇ يەردىمۇ باردەك قىلاتتى.
    تونۇشۇپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلدى:
    __ ئالدىراشمۇ ئۇكا، ھېچ كېلەيمۇ دېمەيسەن؟
    __ ئىش تۈگىمەيدىكەن ئاكا، ئوقەت دېگەننى ئۆزىڭىز بىلىسىز.
    __ گەپنى سوزماي، بۈگۈن چوڭ خوتۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قاتنىشىپ بېرەلەمسەن؟ خوتۇنۇڭمۇ كەلسۇن، ئاشخانىدىن چىقارمايلا قېرىتىۋەتمە ئۇنى!
    ياسىن تۇرۇپ قالدى، بىللە بارسا تېخى، خوتۇنىنى يالغۇز تاشلاپ قويسا تېخى... ئاشخانىنى ئوڭچە تاشلاپ قويۇپ كەتكىلى تېخى بولمايدۇ.
    __ قانداق بولار ئاكا، خوتۇن بالىغا قارىمىسا بولمايدۇ.
    __ ئۇنداقتا ئۆزەڭلا كەل، سېنى ساقلايمىز. كەچ سائەت ئالتىدە.
    __ ئورنىنى تازا بىلمەيتتىم.
    __ ئالدىڭغا ماشىنا ئەۋەتىمەن.  
    ياسىن بىر چاغدا ئۆزىنى غېنى شاڭجاڭنىڭ كاتتا رېستۇرانىدا كۆردى، بازارنىڭ نەق ئاۋات يېرىدە ئېچىلغان بۇ رېستۇران ياسىننىڭ ئاشخانىسىدەك ئون ھەسسە چىقاتتى، ئىچى كۆركەم بېزەلگەنىدى. بوي بەستى تەكشى "كېپىنەك قىزلار" ھەقىقەتەن ياسىن شاڭجاڭ ماختاپ بەرگەندەك چىرايلىق بولۇپ، رېستۇرانغا باشقىچە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
    __ سەل تۇرۇپ سودىنى توختىتىپ، ئولتۇرۇشىمىزنى باشلايمىز، ئاڭغىچە بىر دەم پارىڭىمىزنى قىلىۋالىلى... __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىننى جوزىغا باشلاپ،__ بىرەر تەخسە لەغمەن يەۋالامسەن يا باشقا بىر نېمىنى كۆڭلۈڭ تارتامدۇ؟
    __ ياق، قورساق توق...
    __ ئاشخانا ئاچقان ئادەم دائىم ئاچ قالىدۇ، تارتىنما...
    __ چارەك لەغمەن بولسا بىرنى يەپ قوياي.
    __ شۇنى دەيمەن، بىزنىڭ لەغمەننىمۇ تېتىپ باق، ئىچىشنى ھازىر باشلامدۇق يا ھېلى ...
    __ ھازىرچە چاي ئىچكەچ تۇرمامدۇق.
    __ بۇ گېپىڭ بولمىدى، بىر قۇتا پىۋا ئىچىپ قويىلى.
    غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ئۆزىنىڭ لاۋدالىقىنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
    ئىككەيلەن پىۋا ئىچىشكەچ تاماكا چېكىپ، ئەتراپنى ئىسلاشقا باشلىدى. كۈتكۈچى قىزلار ئىككى خوجايىننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ خىزمەت قىلاتتى.
    __ رېستۇرانىڭىزنى كاتتا قىلىپ ئېچىۋاپسىز، ئۇزۇن بولدىمۇ؟
    __ مېنى تېخىچە يات كۆرۈۋاتامسەن؟  "سەن"لا دېگىنە بولدى، خېنىم مىجەزلىك بىلەن خوشۇم يوق.
    __ لاۋدانى ھۆرمەتلىمىسەك بولماس،_ دېدى ياسىن كۈلۈپ.
    __ ھۆرمەتنى ھۆرمەت جايىدا قىلىسەن، ئەمما بۇ يەردە كۆڭۈل دېگەن نەرسە بار-دە، كۆڭۈل دېگەن نەرسە ئۈستۈن-تۆۋەنلىكنى كۆتۈرمەيدۇ. سەن مېنىڭ كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدىڭ، شۇڭا سېنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىنىم ۋە ئاغىنەمدەك كۆرىمەن.
    __ شۇ ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ئاكا، مەنمۇ بۇ مۇساپىرچىلىقتا سېنىڭدەك ئادەم بىلەن تونۇشۇۋالغىنىمغا خوش.
    __ بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟  ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى. مەن بىر دادۈيجاڭ ئىدىم، شاڭجاڭ بولغۇم بار ئىدى، بولالمىدىم، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن دادۈيجاڭلىقتىن قالدۇرۇلدۇم. خەقلەر مېنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئاددىي دېھقان بولۇپ ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم.  كالىنى توخۇنىڭ كاتىكىگە سولاپ قويغىلى بولامدۇ دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل دەپ كۇلىغا چىقتىم، سۆزلىسەم گەپ تولا، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە نەچچە يىل ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، ئەمما نىيىتىمدىن يانمىدىم. پۇل ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىم قالمىدى. بېيجىڭدا بىر مەزگىل تاشچىلىق قىلدىم، تاشنىڭ سودىسى ياخشى كېتىپ باراتتى، پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك ھەممىسى ئولاشتى، راست-يالغان ئارىلىشىپ كەتتى. ئىشتىن چاتاق چىققىلى قوپتى. كاللامنى ئىشلىتىپ، ئىسسىقىدا بۇ يەرگە كېلىۋالدىم. بۇرۇن بۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن بىر قېتىم كەلگەن، ئۆزەمگىمۇ يېقىپ قالغانىدى، دېگەندەك، كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئايىغىم يارىشىپ قالدى.  پەملەپ باقسام، ئادەم دېگەن ئەخمەق بولىدىكەن، چوڭ شەھەرگە ئىنتىلىدىكەن، بېرىۋالسا كاداڭ خوتۇنغا چاپلاشقاندەك مەھكەم چاپلىشىپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلەيدىكەن، نەدە تۇرۇپ، نەدە يېتىشى بىلەن كارى يوق، قارنى ئاچ قالمىسىلا ياشاۋېرىدىكەن، تېخى  پالانى شەھەردىمەن دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە چوڭ شەھەردە قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇنداق كىچىك شەھەردە مىليونېردەك قىلغىلى بولىدۇ. كىچىك شەھەرنىڭ ئادەملىرىمۇ يۇۋاش، ساددا؛ باجگىر دەمسەن، ساقچى دەمسەن، ئارتۇق گېپى يوق، ئازراقلا مېھمان قىلىپ قويساڭ رازى بولۇپ كېتىدۇ.  ھەممە نېمىسى ئەرزان، ئەڭ ئاددىيسى، بېيجىڭدا بېشىڭنى يۇيۇپ گەدەن پاتىڭىڭنى تۇتۇپ قويسا 40 كوي، بۇ يەردە 40 كوي بەرسەڭ خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. بېيجىڭغا بەك بارغىڭ كېلىپ كەتسە ناھايىتى بىر كۈنلۈك يول. بېيجىڭدا قاتناش توسۇلۇپ قالسا بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ بىر كۈن كېتىدۇ، ئويلاپ باق، قايسىسى ياخشى... مەن شاڭجاڭ بولالمىساممۇ ھازىرقى كۈنۈم شۇ يەردىكى شاڭجاڭ، ھاكىملارنىڭكىدىن ياخشى،  يەيدىغىنىم، ئىچىدىغىنىم، ئوينايدىغىنىم  تۇرۇپتۇ، ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنىڭغا بەزىدە يېتىشىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ تېخى...
    __  كاللاڭ راستىنلا ئىشلەيدىكەن ئاكا،  شاڭجاڭ دېگەن لەقىمىڭنى شۇڭا قويۇۋاپتىكەنسەن دېگىنە...
    __ ھەي... ئارقامدا يۈرۈيدىغان مۇشۇ خوشامەتچى گۇيلار بولمامدۇ. بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى دەپ بەرسەم شۇ لەقەمنى قويۇۋېلىشتى.  مەنمۇ بوپتۇ دېدىم، شاڭجاڭ دېسە خەنزۇلارمۇ ئېسىدە ئاسان تۇتۇۋالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ لەقەم  ئاقچى، كۆكچى، شاپاقچى دېگەن لەقەملەردىن ياخشى، ئۆزەمگىمۇ يارىشىدۇ، شاڭجاڭلارغا ئوخشىمامدىمەن يا؟
    __ ئوخشايسەن ئاكا، مەنمۇ دەسلەپتە كۆرگەندە بۇ ئادەم ھەرگىز تاڭجاڭ ئەمەس،  شاڭجاڭ دەپ ئويلىغان.
    غېنى شاڭجاڭ قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى:
    __ كەلدى ما گەپ ھە...
    __ ئاكا، بىر گەپنى دېسەم كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ؟
    __ نېمە گەپ؟
    __ ھېلىقى كۈنى ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن ئاقسالار خىرئىن چېكەمدۇ؟
    __ قاراپلا بىلمىدىڭمۇ؟
    __ بىلدىم، شۇنداقتىمۇ سوراپ باقتىم.
    __ ئەمدى سەن نېمە دېمەكچى؟ مېنى ھاكچىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟
    __ ياق، ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس...
    ئارىنى بىر خىل ئوڭايسىزلىق قاپلىدى.
    __ ئىچىڭدىكى يوشۇرماي دەۋەر ئۇكا، ئارىمىزدا يوشۇرغىدەك ھېچ گەپ يوق.
    __ شۇ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالغانتىم.  
    __ شۇڭا مەندىن  ئۆزەڭنى تارتىۋالغان يېرىڭمۇ ئۇ؟
    __ بۇرۇن شۇنداقلار بىلەن ئارىلىشىپ جاق تويۇپ كەتكەنمەن دېگىنە ئاكا، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، سېنىڭمۇ ئۇ قاتاردىن بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.
    __ سېنىڭچە مەن شۇنچىلىك دۆتمۇ؟ شۇنچە چىرايلىق خوتۇنلىرىمنى، ئاشخانامنى تاشلاپ قويۇپ،  ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزەمنى تۇتۇپ بېرەرمەنمۇ؟
    ياسىن بۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي خىجىل بولۇپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ گېپنى داۋاملاشتۇردى:
    __ جاھاندا ئەڭ دۆت، ياشاشنى ئۇقمايدىغان نېمىلەر شۇ ئىشنى قىلىدۇ. چەككەنگە مەن قارشى ئەمەس، مەن قارشى تۇرغانغا ئۇ تۈگەپ كەتمەيدۇ. چېكىپ ئۆلۈپ كەتسە تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىمەن، نامىزىغىمۇ بارمايمەن. جاننڭ راھىتىنى كۆرەي دېسەڭ، نى پەيزى ئىشلار تۇرسا، شۇنى بىلمىگەن ئادەمدىنمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ جاھاندا؟ ئۇلارنىڭ ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلى يوق. ئېشەكلەر جېنىدا ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى پۇراپ بېقىپ يېمەيدۇ. ئەقلى بولسا پۇل تاپسۇن، پويىزدا ماڭماي ئايروپىلاندا ماڭسۇن، پۇلىنى تۈگۈپ قويۇپ تالادا ياتماي بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا ياتسۇن، خوتۇنىنىڭ چىرايلىقىنى ئالسۇن، تاماقنىڭ ياخشىسىنى يەپ، كىيىمنىڭ نوچىسىنى كەيسۇن...
    __ راست دەيسەن ئاكا، پۇل تاپقان بىلەن خەجلەشنى بىلمىسە بىكار-دە!
        
                                            (داۋامى بار)
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-01 12:10 AMدە ق ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 11:48 PM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ رېستۇرانىنى دۈم تاقاپ، خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئولتۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. ئاشپەز بالىلار ۋە "كېپىنەك قىزلار" بىر دەمدە جوزىلارنى راستلاپ، يەيدىغان، ئىچىدىغاننىڭ ھەممىنى توشۇپ "ئاغچا خېنىم"نى چۆرىدەپ قاتار ئولتۇرۇشتى، ئەمدى ئوينايدىغان ئىشلا قالغانىدى. شوخ-ناخشا مۇزىكىلار قويۇلدى، قىزلار بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خېنىم ئاچىسىنى ئوتتۇرىغا تارتىپ چۈشۈپ، بېقىشىپ ئويناشتى، ئاشپەز بالىلارمۇ ئولتۇرالماي قالدى، ھازىر ئوينىۋالمىسا قاچان ئوينىۋالىدۇ، كىم ئۇلارنى ئاشخانىدا ئىس ۋە ماي پۇراپ يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەيدۇ؟! ئەمما ئۇلار قىزلار بىلەن بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىغان بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغانچە تانسا-پانسا ئوينىيالمايتتى. ئۇسسۇللار پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى تانسىغا تارتتى،  ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇنداق باشلىناتتى. ئاندىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى باشقا خوتۇنلار بىلەن پاراڭغا سېلىپ قويۇپ، بېلى نازۇك كۈتكۈچى قىزلارنى بىر-بىرلەپ تارتىپ ئويناشقا باشلىدى، قىزلار ئەتلەس كۆينىكىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، ھەر خىل مودا كىيىملەرنى ئۆزلىرىگە ياراشتۇرۇپ كىيۋالغانىدى. غېنى شاڭجاڭ ئۆزىنى قىزلاردىن يىراقراق تارتىپ ئويناۋاتقان بولسىمۇ قورسىقى  قىزلارنىڭ كىندىكىگە تېگىپ تۇراتتى، ياي شەكلىدە جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇ ھالەت بىر قارىسا كىشىگە تولىمۇ ھەجۋى تۇيۇلاتتى. ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇردى، غېنى شاڭجاڭ قىزلار بىلەن  ئۆزى بىر قاتاردىن ئويناپ چىققاندىن كېيىن  باشقا بالىلارنى ئۆز ئارا تانسا ئويناشقا رۇخسەت قىلدى.
    __ قىزلىرىمىز بولامدىكەن؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ خۇش كەيىپ ھالدا كۆزلىرىنى قىسىپ،__  مەن ئاشخانامغا مودېل بولغۇدەك قىزلارنى تاللاپ ئەكەلگەن... كاساپەتلەرگە بەك ئىچىم كۆيىدۇ..
    __ خام يېگۈدەك قىزلاركەن...__ دەپ قويدى ياسىنمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ.
    __ كاۋابچىدەك گەپ قىلدىڭ... ئەمەلىيەتتە ئادەم دېگەن گۆشخور ھايۋان، بەزىلەر ئاچ، بەزىلەر تويۇپ كېكىرىپ كېتىدۇ.
    __ شۇڭا ئاچمۇ قالماي، كېكىرىپمۇ كەتمەي ياشىغان ياخشى.
    __ بۇ ئۆزەڭنىڭ گېپى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قايىل بولماي،__ ھاجىتىڭدىن ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا زىيان قىلمايدۇ، بولۇپمۇ قىز-چوكان دېگەننىڭ خۇمارى يامان، بۇ باشقا خۇمارغا ئوخشىمايدۇ.  باشقا خۇمارلار سېنى ھالاك قىلىدۇ، قىمار ئوينىساڭ ھەممە نېمەڭنى ئۇتتۇرىۋېتىسەن؛ خىروئىن چەكسەڭ ئۆلىسەن يا ئېتىلىسەن. ئەمما قىز-چوكان خۇمارى  سېنى ئادەم قىلىدۇ، ھەتتا ئەقىللىق قىلىدۇ،  بۇ خۇمارغا قانچە قانساڭ شۇنچە ياشىرىسەن...
    __ لېكىن ئاكا، بۇ گېپىڭنى پاھىشۋازلار ئاڭلاپ قالسا سېنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتىدۇ جۇمۇ...__ دېدى ياسىن پەسرەك ئاۋازدا.
    __ ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىمىز، مېنىڭ دېگىنىم بۇزۇقچىلىق ئەمەس، پاسكىنا گۇيلار پەملەپ ئوينىماي ئۆزىگە ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالىدۇ. تاپقاندىكىن پاكىزراقىنى تېپىپ ئوينىسا شۇ ئىشمۇ چىقمايدۇ. مەن ئەزەلدىن پاھىشە مەينەتلەرگە يېقىن يولاپ باقمىدىم،  ئويلاپ باق، ئاپتوبۇس ياخشىمۇ ياكى مەخسۇس ماشىناڭ ياخشىمۇ؟ پاھىشە دېگىنىڭ دەل ئاشۇ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم چىقىدۇ، مەرەزنىڭ ھەممىسى يۇقىدۇ... بىڭسىڭ بولسا پاكىز، چىرايلىقنى تاپ، بولمىسا كۆتۈڭنى قىس دەيمەن-دە...
    __ شۇ خۇمارغا يامان ئۆگىنىۋاپسەن ئاكا، پاكىز خۇمار دېگىنە، ئۆزەڭنى يامان بەلەن ئاقلايدىكەنسەن. يەڭگىمىزمۇ ساڭا يېتىپ ئاشاتتى ئەسلىدە...
    __ يەڭگەم دەپ خوتۇنۇمنى قېرى كۆرسەتمە، سەندىن كىچىك ئۇ! ئۈرۈمچىدىن چېكىپ تاللاپ ئالغانمەن، تېخى داشۆسىڭ دېگىنە.
    ياسىن بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالمىدى، ئادەم پاخاللىشىپ، پۇل ئەتىۋارلىشىپ كەتكەن بۇ زاماندا بۇرۇن چوڭ بىلىنگەن ھەممە نەرسە ئەرزانلىشىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ بۇ پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقان گەپ.  
    غېنى شاڭجاڭنى بىر ئاشپەز بالا چاقىرىپ قالدى.
    __ تارتىنماي ئويناپ ئولتۇر ئۇكا، مەن ھازىر كېلىمەن.
    غېنى شاڭجاڭ مېڭىشىغا ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى، سېمىزلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇ سەل ئالچاڭلاپ ماڭاتتى، "ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئوغرى" دەپ ئويلىدى ياسىن، " مۇشۇ سېمىزلىكى بىلەن خۇمارىنى ھېلىمۇ قاندۇرۇپ يۈرۈيدىكەن، كىم بىلىدۇ، "يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ" دېگەندەك، شۇ ئىشنى قىلالمىغانسېرى تېخىمۇ ئويلايدىغان، ۋاز كەچمەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ تېخى..."
    ياسىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىلىك، داشۆسىڭ خوتۇنىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. ئۇ  يېشى كىچىك ھەم چىرايلىق بولغان بىلەن چوڭ چىراي كۆرۈنىدىغان چوكانقىز ئىدى، بەلكىم خوجايىنلىق سۈپىتى ئۇنى شۇنداق چوڭ كۆرسىتىۋەتكەندۇ... ئۇمۇ ياسىنغا نەچچە قېتىم قاراپ قويدى، كۈلۈمسىرىدى، ئەمما يېنىغا كېلىپ ۋاي دەپ كەتمىدى،  "ئوينىغاچ ئولتۇرۇڭ" دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدى.
    بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ قايتىپ كېلىپ، جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇرغان ياسىنغا كايىپ كەتتى:    
    __ تېخىچە ئولتۇرغان گەپما،  نېمەڭگە نېمەڭ يېتىشمەي قالدى ئەمدى؟
    __ ئاۋۋال بىر ئولتۇرە ئاكا، ئۆپكەڭنى بېسىپ ما ھارىقىڭنى ئىچىۋەت...__ دېدى ياسىن شىر كەيىپ ھالدا،__ مۇشۇ تانسا دېگەن نېمە بىلەن ئېقىم كېلىشمەيدۇ. مەستلىكتە قالايمىقان دەسسەپ سالىمەن.
    غېنى شاڭجاڭ قىزلاردىن بىرىنى چاقىرىپ:
    __ ما ئاكىڭىز سىلەرنى تانسىغا تارتىشتىن خىجىل بولىدىكەن، ئاق تانسا ئوينايمەن دەيدۇ، ئۆگىتىپ قويۇڭ.
    قىز ياسىننىڭ ئالدىغا كېلىپ، تارتىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ تانسىغا تارتتى.
    __ قىزلىرىمدىن ئەڭ چىرايلىقى ساڭا قاراپ تۇرۇپتۇ،  ئەمدىغۇ قوپارسەن...__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ.
    ياسىن ئىلاجىسىز ئورنىدىن قوپۇپ تانسىغا چۈشتى، تانسا ئوينىمىدى، بەلكى بۇ چىرايلىق  قىزغا ئېسىلىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭدى، نەچچە قېتىم قىزنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالدى. بەدەنلەر ئاندا-ساندا تېگىشتى، نەپەسلەر ئۆتۈشتى. كەيىپچىلىكمۇ ياكى قىزنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ھارارەتمۇ، ئەيتاۋۇر ياسىننىڭ ئىچى قىززىپ، يوشۇرۇن ئىستەكلىرى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى، بۇ ئوت ئۆيىدە قالغان خوتۇنىغا كېتىپ بارامدۇ ياكى ئالدىدىكى بۇ قىزغا كېتىپ بارامدۇ، ئاڭقىرالماي قالدى.
    تانسا تۈگەي دېگەندە ياسىننىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ كەتتى.
    __ تېلېفونىڭىز بەك توۋلاپ كەتتى،__ دېدى قىز.
    __ ھە... ئويناپ نەگە كەلدۇق...
    __  ئويناپ توختىغان يەرگە،__ دېدى قىز ياسىننىڭ كەيىپلىكتە  خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ كۈلۈپ.
    بۇ ئوماق كۈلكە ۋە چىرايلىق جاۋاب ياسىننىڭ ئېسىدە قالدى. ئۇ تېلېفونغا قاراپ خوتۇنىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، قايتۇرۇپ ئۇردى.
    __  بىر ئىش چىقمىغاندۇ خوتۇن؟
    __ ئىلشات قىززىپ قالدى، دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمىغۇدەك...
    __ ھوي قاچان، بايىلا ساپ-ساق تۇراتتىغۇ؟
    __ سىز كېتىپلا ئۆزگىرىپ قالدىغۇ تاڭ... ئەنسىرەپ قالدىم.
    __ ماقۇل، مەن ھازىر باراي.
    ياسىن غېنى شاڭجاڭغا ئەھۋالنى ئېيتتى.
    __ سورۇن ئەمدى قىززىۋاتقاندا بالاڭنىڭ  قىززىپ كەتكىنى چاتاق بوپتۇ...
    __ مېنىڭغۇ ئولتۇرغۇم بار ئىدى، كىم ئويلىغان دەيسەن ئاكا بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى...
    __  تۈزۈك ئوينىيالماي كېتىپ قالىدىغان بولدۇڭ-دە، بوپتۇ، كېيىن يەنە پۇرسەتلەر جىققۇ، ھە راست، مەن دېگەن ئىشنى ئويلىشىپ باققىن، ئاشخاناڭغا زادى بىر قىز لازىم.
    __ ھە.. مەن ئويلىشىپ  ئاندىن ساڭا تېلېفون قىلاي.
    ياسىن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ماڭدى، ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى يۆلەنچۈككە تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، خوتۇن-بالىسىنى ئويلىسا كاللىسى شۇنچىلىك ئېغىر، بايىقى قىزنى ئويلىسا شۇنچىلىك يەڭگىل. ئۇ ئاشخانىسىغا بارغىچە مۈگدەپ قالغانىدى، تاكسى توختىغاندا ئىختىيارسىز چۆچۈپ ئويغانىدى. پۇلنى بېرىپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىردى، ئوغلى بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، خوتۇنى يوتقاندا ئۇنى ساقلاپ ياتقانىدى.
    __ بالىنى  ئاغرىپ قالدى دەۋاتاتتىڭ، كىيىمىڭنى كىيمەي يوتقانغا كىرىۋاپسەنغۇ...
    __ دورا ئىچۈرۈپ قويغانىدىم، ياخشى بولۇپ قالدى...__ دېدى خوتۇنى ناز بىلەن كۈلۈپ.
    __ ھەي سېنى،  مەندىن ئەنسىرەپ تاپقان ئويۇنىڭمۇ بۇ؟!
    __ شۇ.... سىز بولمىسىڭىز پەقەت ئۇخلىيالمايدىكەنمەن. مېنى ئۇخلىتىپ قويامدىكىن دەپ چاقىردىم، بولماپتىما؟
    ياسىن گەپ قىماي يېشىنىپ كىرىپ ياتتى، ئاندىن خوتۇنىنىڭ تاقەتسىز شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلىپ:
    __ سەن تۇرساڭ ماڭا ئۇنداق يەردە نېمە بار-ھە... __ دېدى  ۋە ھاياجاندا تىپىرلىدى، تانسا ئوينىغاندا ۋۇجۇدىدا  پەيدا بولغان ئوت ئاستا-ئاستا ئۇلغايدى، كۆيۈپ-كۆيۈپ ئۆچتى؛ ئەمما نېمىشقىكىن بۇ قېتىمقى ھېسسىيات بۇرۇنقىغا ئانچە ئوخشىماي قالدى، ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىغا بايىقى قىزنىڭ ۋۇجۇدى ئارىلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، بۇ نېمە ئىش؟ ئۇ  خوتۇنىنىڭ چىرايىغا نەچچە قېتىم ئەندىكىپ-ئەندىكىپ قاراپ كەتتى، بىراق خوتۇنى كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولغاچقا بۇنى بايقىيالماي قالدى.  
    Diyarim Da Noruz
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-02 10:17 PM |
    Okya xirkiti Hizmatqi kobul kilidu
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

                                                                                           3

    ياسىن كۈنلىرى ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى، ئۇ ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالمىغان بىلەن دائىم ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا تۇراتتى، يوقنى تېپىپ، ماڭىدىغان يولنى مېڭىپ تۇراتتى. ئاشپەزلەرنىڭ دەردىنى تىڭشىمىسا بولمايتتى. بىر يىل ئىشلەپ بەرگەن سوگوزىچى يۇرتقا كېتىۋىدى، ئاشخانا چۆلدەرەپ قالدى. بۇ كىچىك شەھەردە دەرھال ئاشپەز تاپقىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلدى.
    ـــ كاۋابچى دېسەڭ تولا گەپ، ھەتتا خەنزۇلارمۇ قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى ئۇ ئىشنى. ئەمما ئاشپەز تاپماق تەس.
    ـــ ئەجەپ ئەتىۋار بولۇپ كەتتى بۇ گۇيلار، ــ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،ــ ئاشپەز بولمىسا ئىش توختاپلا قالىدىكەن، يا خوتۇننى سەي قورۇڭلا دېگىلى بولمىغان.
    ـــ ياق-ياق، خوتۇنۇڭنى جىم قوي،  بىر چىرايلىق خوتۇنۇڭنى جاپاغا سېلىپ، قېرىتىپ قانداق قىلسەن، مەن بىر ئامالىنى قىلىپ ساڭا تېلېفون بېرەي.
    ـــ ئاۋارە قىلدىم ئاكا، ئەمىسە چوقۇم تېلېفون قىل.
    ياسىن غېنى شاڭجاڭغا دېمەيدىغان گەپلەرنى دەپ سالغاندەك بىئارام بولدى، ئەمما بېشىغا ئىش كەلگەندە نوچىلىق قىلىپ يۈرۈۋەرگىلى بولمايدۇ، ئاشخانىىسىنى ماڭدۇرۇشى، پۇل تېپىشى كېرەك. ئالدىغا ماڭمىسا كەينىگە چېكىنىدىغان گەپ.
    ھەپتە  ئۆتكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا دىقماق بىر بالىنى باشلاپ ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا كەلدى. ياسىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، ئۇلارنى جوزىغا باشلىدى. ياسىن بىر قاراپلا ئۇ بالىنىڭ چەكمەيدىغانلىقىنى، ساغلام ھەم تېتىكلىكىنى،  بويسۇندۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
    ـــ نەچچە كۈندىن بېرى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش جىددىيلىشىپ قالدىم،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ،ـــ ئاخىرى مۇشۇ بالىنى مىڭ تەستە ئۈرۈمچىدىن چاقىرىپ كەلدىم، ئۇ يەردىكى ئىش ھەققى تۆۋەن ئىكەن، سەن جىقراق بېرەرسەن...
    ـــ ئۇنىڭدا چاتاق يوق، بىز ئۇنچىلىك چۈپەي ئادەم ئەمەس،ــ دېدى ياسىن ئۇ بالىغا بىر قاراپ قويۇپ،ــــ قارىسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
    ـــ ھازىر ماختىسام بولمايدۇ، كېيىن بىلىپ قالىسەن، ئاشخاناڭنى ئەمدى ئادەم باسىدۇ.
    ـــ دېگىنىڭ كەلسۇن ئاكا، بۇ بالىنى تونۇشتۇرۇپ قويمىدىڭ.
    ـــ ھاشىم دوغىلاق،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك،ــ شۇنداق دېسەك بولار ھاشىمجان؟
    ھاشىم دوغىلاق كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
    ـــ بۇ بالا يېڭى كەلگەچكە تارتىنىپ گەپ قىلمايۋاتىدۇ.
    ئەمما ياسىن ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرماي قالدى،  ” بۇ ئاداش مۆڭمۇ نېمە، يا گەپ قىلىشنى بىلمەمدۇ“ دەپ ئويلىدى.
    ـــ بايا قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنۈۋاتاتتى،  ئادەمنى تېشىدىن بىلمەك تەسكەن جۇمۇ، ـــ دېدى ئۇ ھاشىمغا قاراپ چاندۇرماي كۈلۈپ.
    ـــ بەك شوخلىشىپ كەتسە باشقۇرالماي قالىسەن ئۇكا، يۇۋاشراق بولغىنى ياخشى.
    ـــ باشقىسى مەيلى، ھۈنىرى جايىدا بولسىلا بولدى.
    ـــ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمە، ئۆزەمگە ئېلىپ قالماي ساڭا ئەكەلدىم بۇنى...
    غېنى شاڭجاڭ ئاشخانىنىڭ ئىچكىرىسىگە پات-پات قارايتتى، چىرايلىق جۇۋان ھېچ چىقاي دېمەيتتى،  ياسىندىن«خوتۇنۇڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىيالماي، گەپنى باشقا ياققا يۆتكىدى:
    ـــ ھە راست، پەقەت سورىماپتىمەن، ھېلىقى كۈنى بالاڭ قانداق بولدى؟
    ـــ ھە، چوڭ ئىش يوقكەن، ساقىيىپ قالدى.
    ـــ تۈزۈك ئولتۇرالماي كەتتىڭ، قانداقراق بولدى سېنىڭچە ئۇ ئولتۇرۇش؟
    ـــ پەيزى بولدىغۇ، مۇساپىرچىلىقتا ئۆز يۇرتىمىزدا توي ئوينىغاندەك بولدۇق.
    ـــ ئەمدى ئالدىمىزدا ئاشقىلار بايرىمى كېلىمىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاياللار بايرىمى،  ياشلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى.... مېنىڭ بۇ خوتۇنۇم قالتىس دەيمەن، ھېچقانداق بايرامنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئالاھىدە كۈنلەردە ئالاھىدە سوۋغات ئالمىساڭ كېچىپ كېتىمەنلا دەيدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە گۈل سوۋغا قىلىپ تۇرمىساڭ قاپىقى ئېچىلمايدۇ...
    ـــ ساڭىمۇ تەسكەن دېگىنە ئاكا، مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ ئۇنداق بايرام بىلەن قەتئىي چاتىقى يوق.
    ـــ ئوبدان خوتۇنكەن، خۇدايىم بېرىپتىكەن سەن گۇيغا، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ئۈچ خوتۇن ئەمەس، بىرەر يۈز خوتۇندىن كېچىپ كېتەتتىم جۇمۇ...
    غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ قاپىقىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ گېپىنى يىغىشتۇرۇۋالدى:
    ـــ باشقىچە چۈشەنمەۋا گۇي، خوتۇنۇڭنى ماختاپ قويغانغا كۈنلەۋاتامسەن، كۈنلەمچىنىڭ كۆزى يامان دەپ، ئادەمگە سەت قارىما. ئەر كىشىنىڭ چىرايلىق خوتۇندىن زوقلىنىشى تەبىئىي ئىش، ھەتتا ئاپاڭ بولسىمۇ زوقلىنىسەن، قانداق دېدىم؟ چۈنكى ھەممىمىز ئايال كىشىنىڭ شۇ يېرىدىن چۈشكەن، مەمىقىنى شوراپ ئەمگەن، يالغانمۇ يا؟  ئەر كىشى دېگەن خوتۇن خەق ئالدىدا مەڭگۈ بالا، كېچىدە بېشىڭنى خوتۇنىڭنىڭ مەيدىسىگە چاپلاپ ياتمىساڭ ئۇيقۇڭ كەلمەيدىغاندۇ؟
    ياسىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، دوغىلاق ھاشىم ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى.
    ـــ خوتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەر ئەر ئەمەس، مەنمۇ گەپنى ئوچۇق قىلاي،ــ دېدى ياسىن.
    ـــ مانا ئوغۇل بالا، يىگىتتەك گەپ قىلدىڭ.
    ـــ لېكىن ئاكا، سەنمۇ بەزى گەپنى بەك ئاشۇرۇۋېتىدىكەنسەن.
    ـــ مېنىڭ ئېغىزىم شۇنداق، ئىچىمدە گەپ ياتمايدۇ، بەزى ئىشنى ئاشكارا دېيىش كېرەك، يوشۇرۇپ نېمە قىلاتتۇق؟
    ـــ مەنمۇ مۇشۇ يېرىڭنى دەيمەن-دە، لېكىن بەزىدە ئېغىزىڭدىن كېتىپ قالىسەن.
    ـــ دەيدىغاننى دەۋالمىسام قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چايدىن بىر ئوتلاپ،ـــ ئەلۋەتتە گەپنى چاغلاپ قىلىش كېرەك.
    ياسىن دوغىلاق ھاشىمنىڭ جىمغۇرلۇقىنى ياراتمىغاچقا، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئوچۇقلۇقىنى كۆڭلىدە ماختىدى،  دوغىلاق ھاشىم بۇ گەپلەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك خىيالىي ئولتۇراتتى.
    ـــ بۇ بالا پەقەتلا گەپ قىلمامدۇ نېمە؟ـــ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ ئىچى سىقىلىپ.
    ـــ چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي دېگەندۇ، گەپ قىلسا ئېشىپ كەتتى دەيسەن، گەپ قىلمىسا مۆرىمىدى دەيسەن، ساڭا قانداق ئادەم بولسا بولاتتى؟
    ـــ   ئادەم دېگەنغۇ بىر قېلىپتىن چىقمايدۇ...__ دېدى ياسىن غودۇڭشىپ.
    ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئارتۇق گەپنى قويۇپ بۇ بالىنى قولۇڭغا ئال، ئاشخاناڭنى ماڭدۇرۇۋال.
    غېنى شاڭجاڭ ئۇزاپ ماڭدى، ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ، بالىنىڭ كىراسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    ـــ ئا... مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن ئۇكا، بەك بەرگىڭ كېلىپ كەتسە، شۇ بالىنىڭ ئىش ھەققىگە قېتىپ بەر،  تونۇشۇمنىڭ ئوغلى دېگىنە، قاراپ قويارسەن.
    ياسىن ئارتۇق تارتىشمىدى، خوتۇنىنى كۆرەلمەي ئارماندا كەتكەن غېنى شاڭجاڭنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىردى. ھاشىم دوغىلاق ئاشخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ساتراچخانىدا يوتىلىرىنى چىقىرىپ ئولتۇرغان تەتەي قىزلارغا قاراپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئولتۇراتتى.
    ـــ كۆزۈڭ تېشىلىپ كەتمىسۇن ئۇكا، بوشراق قارا، كۆزىنى قىسقاننىڭ ھەممىسىگە قاراۋەرمە..
    ــــ ياقەي... نېمانداق كۆپ ساتراچخانا بۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىمەن.
    ياسىن ئۇنىڭ دەرھال زۇۋان سۈرگىنىدىن خۇرسەن بولدى، دۇتارنىڭ زىل تارىسىدەك چىقىۋاتقان ئاۋازىغا قاراپ، ناخشىچى بولسا بولىدىغان گۇيكەن بۇ دەپ ئويلىدى.
    ــــ ئۈرۈمچىدە كۆرمىگەنمۇ بۇنداق يەرلەرنى؟
    ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇنداق قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنى كۆرمىگەن.
    ــــ يەنە نېمىنى كۆرمىگەن،  ئاق يوتىلىق، سېرىق چاچلىقلارنى كۆرمىگەنمۇ؟
    ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇلار بەك ئاشكارە...
    ــــ توي قىلغانمۇ؟
    ـــ ياق، تېخى ئەمدى 20 گە كىردىم.
    ـــ ئىش كۆرۈپ باققانمۇ؟
    ھاشىم دوغىلاق جاۋاب بەرمىدى.
    ـــ ئۈرۈمچىلىكتەكمۇ قىلمايسەن، بىكار ئولتۇرۇپ قالساڭ چاتاقمۇ نېمە؟ كاللاڭنى يىغىپ، ما ئاشخانىنىڭ ئىشىغا كەل،  ھازىرلا كىرىپ چۇفاڭنى بىر تازىلىۋەت، ئەتە سەي چىقىرىپ سودىنى باشلىمىساق بولمايدۇ.
    ھاشىم دوغىلاق ئىتائەتكارلىق بىلەن ئورنىدىن قوپتى.  ئۇ بىر مۇنچە سەتەڭلەر جايلاشقان، ئورنى ياخشى مۇشۇنداق بىر ئاشخانىغا كەلگىنىدىن خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.
    (داۋامى بار)
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-04 05:13 PMدە ق ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 11:50 AM |
    siz yahxur digan nahxilar bu yarda
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بىر مۇنچە سېرىق سەتەڭلەر كۈندۈزى ھاشىم دوغىلاقنىڭ كۆز ئالدىدا، كېچىسى تەسەۋۋۇرىدا ئايان بولاتتى، ئارام بەرمەيتتى.  ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەزلەر ياتىقىدا 17 سۇڭلۇق كونا تېلىۋىزوردىن بۆلەك ئۇنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچ نېمە يوق ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم بۇ ياتاقنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، تامغا يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاشنى، ئۆز ئالدىغا ۋىدىيو ئاپپاراتى ئېلىپ سېرىق فىلملەرنى كۆرۈشنى ئويلىدى، ئەمما ميەنجاڭ بالىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى بولمىغاچقا، ئويلىغىنىنى قىلالمىدى. تاماكا خۇمارى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بولمىغاندا سېغىنىدىغان، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ رەزگى خۇمار ئىدى، قازان بېشىدا ئىشلەپ چارچىغاندا ياكى خېرىدار ئۈزۈلگەندە ئۇ  جوزىلارنى رەتلەپ بولۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ تاماكا چەككەچ ساتراچخانا قىزلىرىغا قارايتتى.
    بىر كۈنى ئۇ شۇنداق قاراپ ئولتۇرغاندا ياسىننىڭ شۇ ساتراچخانىلاردىن بىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، تاماكىسىنى يەرگە تاشلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇنى دەسسەپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىنى تازىلاشقا چۈشتى.  خوجائاكىسى ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىققاندۇ؟ چېچىنى ياساتقانمىدۇ؟ بەدىنىنى تۇتقۇزغانمىدۇ؟ پۇتىنى يۇغۇزغانمىدۇ؟ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلدىمۇ؟...
    ھاشىم دوغىلاق كۆڭلىدە خۇشال بولدى، ياسىننى ئەزەلدىن ئۇ يەرگە كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى ھەم ئۇنىڭ ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىنىمۇ كۆرمىگەنىدى. ئەر كىشى ئەمەسمۇ، خوتۇنى چىرايلىق بولغان بىلەن باشقىسىنىمۇ تېتىپ باققۇسى كېلىدىغاندۇ...  
    ياسىن ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇ تېخى يەرلەرنى سۈرتۈپ بولالمىغانىدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ خوجايىنىغا قارىدى، چېچىنى ياساتقاندەك قىلاتتى.
    __ جاپا چېكىۋاتىسەن ئۇكا، چىداپ ئىشلەپ تۇرغىن،__ دېدى ياسىن ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭغاچ،__ يېقىندا ھامماچامنىڭ ئوغلى كېلىدۇ، سەن ئەمدى قازان بېشىغىلا مەسئۇل بولىسەن.
    ھاشىم دوغىلاق بۇ خەۋەردىن خۇش بولمىدى، قازان بېشىدىلا يۈرسە تالانى كۆرەلمەيدۇ، ھامماچىسىنىڭ ئوغلى كەلسە ياتاقنى تېخىمۇ تارلاشتۇرىدۇ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا ھاشىم تېخىمۇ قىسىلىدۇ، شىرىن خىيال سۈرەلمەيدۇ، مىجەزى كېلىشەلمىسە ھەتتا ئۇرۇش-جېدەل چىقىدۇ، لاۋبەن ئاكىسى ئۇنىڭغا يان باسىدۇ. بۇ چاغدا بۇ يەردىن كەتمەي ئىلاج يوق، سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرەلمەيدۇ، خىيالىغا يېتەلمەي ئارماندا كېتىپ قالىدۇ...
    ئۇ بېلىنى رۇسلاپ ئۆرە بولدى، توختاپ دېمىنى ئېلىپ تالاغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قالغان يەرلەرنى چالا-پۇچۇق سۈرتۈپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
    كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتلاردا خېرىدار كېلەتتى، شۇنىڭغىچە ئۇ تاماكا چەككەچ كەيپ سۈرۈپ، ئىس-تۈتەكتەك يەڭگىللەپ، بىر-ئىككى سائەت ئارام ئېلىۋالالايتتى.
        بۈگۈن ياسىن ئۇنى بالدۇرراق توۋلاپ قالدى، ئۇ  ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، خېمىردەك ئېزىلىپ ياتقان ميەنجاڭ بالىنى نوقۇشلاپ ئويغىتىپ قويۇپ، ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرەپ ئاشخانىغا ماڭدى.
      يېڭى كەلگەن خېرىدار ۋاقىت قارىشى يوق بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇق ئىدى، بىر-بىرىگە قارىشىپ يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىپ كۈلۈشۈپلا ئولتۇراتتى. ياسىننىڭ خوتۇنى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ تاماق تىزىملىكىنى بەردى. ئىككىسى تەڭلا بۇ چىرايلىق جۇۋانغا قاراپ گەپتىن توختاپ قېلىشتى؛ قىز بالدۇرراق ئېسىگە كېلىپ، ئوغۇل دوستىغا مەسلىھەتمۇ سالماستىن تاماق بۇيرۇتتى.
    ھاشىم خان ئاچىسىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىدى،  بۇ سادا ھەر كۈنى تەكرارلىناتتى:
    __  بىر داپەنجى،  لازا چاۋرۇدىن بىر، گۇڭباۋ جىدىڭدىن بىر...
    ھاشىم دوغىلاق خان ئاچىسىنى ھەر بىر كۆرسە خوجايىنىغا بىر قېتىم ھەۋەسلىنەتتى. بۇنداق گۈزەل ئايال بەرىبىر ئۆزىگە تەۋە بولمىغاچقا ئۇنىڭدىن تېزلا ۋاز كېچىپ، ھامان بىر كۈنى پۇل بىلەن بولسىمۇ ئېرىشىشى مۇمكىن بولغان سېرىق چاچ قىزلارنى خىيال قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.
    ئۇ  بۇ كەچتە  11 گىچە ئىشلەپ قالدى؛ چارچاپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە ياتىقىغا كىرىپ، قەدىناس كارىۋىتىغا يانپاشلاپ، مايلىشاڭغۇ كىيىملىرىنى سىلىپ تاشلاپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ياتتى. چۈشىدە سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرۈپ ئەتىسى بىر ھازا چۈشىنى ئەسلىدى.
    بۇ ئەتىسى ياسىن خوتۇنىنىڭ قۇچىقىدا ئويغىنىپ، ئويلىمىغان سوئال-سوراققا دۇچ كەلدى:
    __  چېچىڭىزنى ياسىتىپسىزمۇ دەيمەن، نەدە ياساتتىڭىز؟
    __ ساتراچخانىدا بولمامدۇ...__ دېدى ياسىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماي.
    __ قايسى ساتراچخانىدا؟
    __ ئالدىمىزدىكىسىدە بولمامدۇ... يەنە نەگە بېرىپ يۈرەتتىم.
    __ ئۆيدە بىر قات كىرنى يۇيۇپ بولغىچە كۆزۈمدىن قېچىپسىز-دە!
    __ ھەممە ئىشنى ساڭا دەپ قويۇپ قىلامتىم؟
    __ ئەركىشىگە ياساتتىڭىزمۇ  يا شۇ  مايماقلارغا ياساتتىڭىزمۇ؟
    __ بۇ يەردە ئەر ساتراچ نېمە ئىش قىلىدۇ دەيسەن، ھەممىسى خوتۇن خەقنىڭ پۇتىنى يۇيۇش بىلەن ئالدىراش تۇرسا...
    __ شۇڭا مەن سوراۋاتىمەن، پەقەت ياسىتىپلا قويدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئىشنىمۇ قىلغۇزدىڭىزمۇ؟
    __ چاچنى يۇيدى، كەينىدىن ياساتتىم، نېمە بولدى ئەمدى سوراپ كەتكۈدەك؟
    __ بېشىڭىزنى يۇغاندا ئەنمو قىلىپ قويغاندۇ تايىنلىق... دائىم بۆرەك يەيدىغان ھېلىقى بىر نېمىنىڭ ئالدىغا كىردىڭىزغۇ دەيمەن.
    ياسىن خوتۇنىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە نارازىلىقنى ھېس قىلىپ بىئارام بولدى. دەرۋەقە ئۇ ئاشۇ سەتەڭنىڭ ئالدىغا كىرىپ چاچلىرىنى يۇيغۇزۇپ، بېشىنى تۇتقۇزغان ھەمدە ئاللىقانداق غىدىقلىنىش ئىچىدە غېنى شاڭجاڭنىڭ " بېيجىڭدا بېشىڭدا تۇتقۇزساڭ 40 كوي، بۇ يەردە خالىغىنىڭنى قىلالايسەن" دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ قالغانىدى. سەتەڭ ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، قۇلاق تۈۋىگە يېقىن كېلىپ شۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى پۇراتقان چاغدا چۆچۈپ، تېزلا رەت قىلىۋەتكەنىدى. بۇنى خوتۇنىنى دەپ شۇنداق قىلغانىدى، بىر ھېسابتا نەپسىنى يەڭگەنىدى. بۇمۇ ياسىن ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما خوتۇنى قوپۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقاندەك گەپ قىلىۋاتاتتى.
    __ ئەتىگەندە ساڭا نېمە بولدى؟__ دېدى ياسىن ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان ئادەمدەك زارلىنىپ، __ مېنى شۇنداق پەس چاغلاپ قالدىڭما؟
    __ بېشىڭىزنى تۇتقۇزغىنىڭىز راستمۇ؟
    ياسىن گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.
    __ گەپ قىلمىغىنىڭىزغا قارىغاندا تۇتقۇزۇپسىز-دە!
    __ تۇتقۇزغانغا نېمە بولاتتى؟__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ئىشلەپ چارچىغاندا چاچ ياسىتىپ، باشنى تۇتقۇزۇپ قويسا كاللا ئارام تېپىپ قالىدىكەن. بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
    __ كەچتە مەن تۇتۇپ قويسام بولمامدۇ؟ چوقۇم شۇ يەرگە بېرىش كېتەمدۇ؟
    __ بۇندىن كېيىن تۇتۇپ قويارسەن، بولدىمۇ ئەمدى...
    __ كۆڭلۈمنى ئەجەپ يېرىم قىلدىڭىز...__ دېدى خوتۇنى چىرايلىق كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
    __ ھوي نېمە بولدۇڭ بىر دەمدە، مانى قارا، توۋا...__ دېدى ياسىن خوتۇنىغا قاراپ ئەجەبلىنىپ،__  نېمىگە يىغلايسەن، مەن ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ؟
    __ سىز چۈشەنمەيسىز... كۆڭلۈمنى قاچان چۈشىنىپ باققان سىز...__ دېدى خوتۇنى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ،__  بېشىڭىزنى تۇتقۇزۇشىڭىز سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس، ئەمما مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش. باش دېگەن مۇھىم نەرسە، بۈگۈنىسى بېشىڭىزنى تۇتقۇزسىڭىز ئەتىسى قوپۇپ باشقا بىر نېمىڭىزنى تۇتقۇزغىڭىز كېلىدۇ. ئاخىرى كېلىپ ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ، مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن...
    __ مەن سەندەك بەك ئويلاپ كەتمەپتىمەن...
    __  سىز ئويلىمىغاننى مەن ئويلايمەن،  خوتۇن خەق دېگەن نازۇك كېلىدۇ، بۇنى بىلمەمتىڭىز؟ ئېرىمنىڭ بېشىنى باشقا مەينەت قوللار تۇتۇپ يۈرسە كۆڭلۈم ئېلىشمامدۇ، سىز بىلەن بىر ياستۇققا قانداق باش قويىمەن؟!
    __ توغرا دەيسەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي.
    ياسىن بىر دەم خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ئەمما ئۆز خىيالىغا قايتقاندا بولسا خوتۇنىنىڭ بەك چەكلەپ قويغىنىدىن ئىچى سىقىلغاندەك بولدى. ئۇ كۈندۈزى ئاشخانىسىنى چۆرىلىپ، كېچىسى خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ ياشاۋاتقان بىلەن  ئاشۇ كۈنى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئوينىغان تانسىنى، قىزنىڭ نازۇك بېلىنى، ئوماق كۈلكىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. خوتۇنىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ساتراچخانىدىكى قىلمىشىدىن سەسكىنگەندەك قىلغان بىلەن، ئاشۇ سەتەڭنىڭ بېشىدىن قاس چىقىرىۋەتكەن راھەتلىك قوللىرىنى، قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ شەيتاندەك شىۋىرلاشلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكىنى يوق... خوتۇنىغا ۋاپادار، ئالىيجاناپ كۆرۈنگەن بىلەن، بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى سېغىنىپ يۈرگىنىدىن ئەنسىرىگىنى يوق... ئۇنچىلىك ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا خوتۇنىغا خىيانەت ھېسابلانمايدۇ،  ئوقەتچىلەر ئىچىدە ئۇنىڭدەك پاكىز، ياخشى ئەر نەدە؟! مەست بولغۇدەك ئىچمەيدۇ، ئۆلگۈدەك چەكمەيدۇ، قىمار ئوينىمايدۇ، پاھىشۋازلىق قىلمايدۇ، ئەخمەت شاڭجاڭنىڭ ئۈچ خوتۇنى بار، تېخى خوتۇنىنى قارىتىپ قويۇپ بارلىق كېپىنەك قىزلىرى بىلەن تانسا ئوينىيالايدۇ. خوتۇنى ئەمدى يەنە نېمىدىن رازى بولمايدۇ؟... بۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ قارنى سەل كۆپتى. ئەمما ئارزۇلاپ ئالغان خوتۇنىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جان كۆيەرلىكى ئالدىدا ئۇنى ئەيبلەشكە ھېچ باھانە تاپالماي قالدى. پەستە ياتقان ئوغلىغا قاراپ يۈرىكى ئاغدى، بالىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلىق، سەبىيىلىك ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇئان تەسىر قىلدى.
    ئەتىگەندە ئۇ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويسا بىر كۈن كەچكىچە كۆڭۈلسىز ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئېزىلىپ ئولتۇرماي خوتۇنىغا ناشتىلىق تەييارلىشىپ بەردى، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى، بىر ئوبدان ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئوغلىنى موتوغا مىندۈرۈپ، يەسلىگە ئېلىپ كەتتى.
    (داۋامى بار)  
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-04 09:31 AMدە ق ]
    Diyarim Da Noruz
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 09:46 PM |
    Diyarimda Noruz
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

                                            4    

       ياسىننىڭ روھى دۇنياسىغا بىر نەرسىلەر قوشۇلۇپ قالدى. چىرايلىق خوتۇنىغا نېمىشقىدۇر بۇرۇنقىدەك ساپ دىللىق بىلەن بېرىلمەيدىغان، مەھلىيا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىراۋلار قارىسا كۆزلىرى چەكچىيىپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىدىغان شۇ گۈزەل رۇخسار ياسىنغا كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىكى بىلىنمەيدىغان ئەتىر گۈلگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. رەيھان بىكار بولسىلا  ئۆي ئىشىنى قىلىپ، بالىغا قاراپ، زىخقا كاۋاب ئۆتكۈزۈپ،  جوزا سۈرتۈپ، تاماق تىزىملاپ، چاي توشۇپ، كېچىدە يەنە ئېرىنى كۈتۈپ ھارمايتتى.
    رەيھان بېيجىڭدا ياشىغاندا بىر كۆمۈرخانا، بىر  ئەدىيال ئىچىدىمۇ ئېرى بىلەن بەختلىك بولالىغان؛ نامرات، ۋەھىملىك كۈنلەردە بىر-بىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆيۈنۈپ، مۇشەققەتنى بىرلىكتە يەڭگەن. جاھاندا بۇنداق ئېسىل خوتۇننىڭ يوقلۇقىنى ياسىن ياخشى بىلەتتى، رەيھاننى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى، ئۇنى ئۆزىگە نېسىپ بولغان، كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بەخت دەپ ھېسابلايتتى، كۆڭلىدە پەقەت مۇشۇ سۆيۈملۈك خوتۇنىلا بار ئىدى؛ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئوقىتى خېلى گۈللەندى،   پۇل تاپتى، ئۆي سەرەمجانلىرى كۆپەيدى. ئەمما پۇل تاپقاندا ئەرلەرنىڭ ئاسان بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەنسرەيدىغان رەيھان نەق شۇ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، دەرۋەقە  ئويلىمىغان ئىشلار چىقىشقا باشلىۋىدى، ئېرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆز-قۇلاق بولۇشقا باشلىدى.
    خوتۇنى ئۇنداق كۆيۈنۈپ ئىشلەۋاتقاندا ياسىن  لاۋبەن بولدۇم دەپ لاغايلاپ يۈرەلمەيتتى، خوتۇنى گۆش بىلەن ماينى ئارىلاشتۇرۇپ مارجاندەك تىزىپ ئۆتكۈزگەن كاۋابنى بارلىق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ تەملىك پىشۇرۇپ، خېرىدارنى رازى قىلمىسا ۋە ئۇلارنى ئاشخانىغا كۆپلەپ جەلپ قىلمىسا بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭمۇ پۇل تاپقانچە كاۋابچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چوڭ لاۋبەن بولغۇسى،  غېنى شاڭجاڭدەك ئىشتاننى قىرلاپ يۈرگۈسى بار ئىدى؛ قاچانغىچە كاۋابدان ئالدىدا ئىس-تۈتەكتىن بوغۇلۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى كۈيىگە مىلەپ يۈرۈيدۇ؟ شۇنچە يىل جاپا تارتقاندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭ راھىتىنى كۆرمەمدۇ؟  ھازىر مانا كىچىك بولسىمۇ نەچچە ئادەمنى باشقۇرۇپ يۈرۈيدىغان لاۋبەن. لاۋبەننىڭ قارا ئىش قىلغىنىنى كىم كۆرگەن؟ ئۇنىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە چوغلارنى يەلپۈپ يۈرگىنىنى غېنى شاڭجاڭ كۆرۈپ قالىدىغان بولسا نېمە دەپ كېتەر؟!
    قېرىشقاندەك، بىر كۈنى نەق شۇ پەيتتە غېنى شاڭجاڭ ئۇنى كۆرۈپ قالدى. ياسىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خەقلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلاۋاتقان  خۇشپۇراق ئىس-تۈتەك ئارىسىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقاچقا غېنى شاڭجاڭنى كۆرمىدى.
    __  پاھ، قالتىسقۇ ئۇكا،  كاۋابلىرىڭنىڭ پۇرىقىدىن ئۆزەڭ مەست بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە؟
    ياسىن غېنى شاڭجاڭنى كۆرۈپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىيۇ ، ئۆزىنى دەرھال ئوڭشاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالاملىشىپ كۆرۈشتى.
    __  مۇشەققەتچىلىك ئاكا،  سېنى كېلىدۇ دەپ بىكار قاراپ ئولتۇرالمايمەن-دە!
    __ ئالدىراش ۋاقتىڭدا كېلىپ قاپتىمەن-دە!
    __ ياقەي، كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇر، قولۇمنى بىكار قىلىپ ھازىرلا كىرىمەن.
    غېنى شاڭجاڭ ئالتە جوزىلىق كىچىك ئاشخانىغا كىرىپ، تامدىكى ھەرەمنىڭ رەسىملىرىگە غەلەتلىك كۆزلىرىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن دېرىزىنىڭ يېنىدىكى  جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئىچكىرىگە قارىدى، قاراپ تۇرۇشىغا ياسىننىڭ خوتۇنى چەينەك كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى ۋە گويا بۇلۇت ئارىسىنى يېرىپ چىققان ئايدەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى يورۇتىۋەتتى. غېنى شاڭجاڭنىڭ پارقىراپ كەتكەن كۆزلىرى سەكراتتا ياتقان ئادەمنىڭ ھاياتقا تويماي قاراۋاتقان كۆزلىرىگە تولىمۇ ئوخشايتتى. رەيھان بۇ ئادەمنى كۆرگەن بولسىمۇ ئۇدۇل تىكىلىپ قاراپ باقمىغانىدى، ھازىر ئۇنى تۇيۇقسىز بۇ ھالدا كۆرۈپ تەمتىرەپ كەتتى، قاراپ سالغاندىكىن قېتىپ تۇرالمىدى، سۇس كۈلۈمسىرەپ ئالدىغا كەلدى.
    __ قەدەملىرى يېتىپ قاپتۇ، چاي بولسىمۇ ئىچكەچ تۇرسىلا.
    __ ھە... ماقۇل .. سىڭلىم..
    رەيھان چاينى قۇيۇپ بولۇپ، ئارتۇق گەپ قىلماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى. غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ غۇنچە بويىغا،  يۇمىلاق ساغرىسىغا قاراپ قالدى،  ئېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇلارنى  يۇتقاچ چاي ئىچتى. ئۇ شۇنچە چىرايلىق قىز-چوكانلارنى كۆرگەن، كوچىدىمۇ، ئۆيدىمۇ، كىيىم بىلەنمۇ، يالىڭاچمۇ.. ھەممىنى كۆرۈپ باققان. شۇنداقتىمۇ يەنە رەيھانغا كۆزى تويمىدى. نېمىشقا ئەمدى؟ ئۇنىڭ نەرى ئوخشىمايدۇ؟  "بۇ بىر سەۋدالىق، بۇ بىر خۇمار... - دەپ ئويلىدى ئۇ، - ئىككى كويلۇق تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ يۈز نەچچە كويلۇق تاماكا چەككۈسى كېلىدۇ، ئېرگوتو ئىچكەن ئادەمنىڭ ماۋتەي ئىچكۈسى كېلىدۇ. ھەممىسى ئوخشاش تاماكا، ئوخشاش ھاراق.  ئەمما ئادەم دېگەن تويمايدۇ..."
    بىر دەمدىن كېيىن ياسىن ميەنجاڭ بالىنى ۋاقتىنچە كاۋابدانغا قارىتىپ قويۇپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا كەلدى. ياسىن بىر نەچچە خىل سەيلەرنى ئەكەلدۈرۈپ، جوزىغا ھاراق تىكلىدى.
    __كېلىپ قاپسەن ئاكا،  لايىقىدا بولمىسىمۇ ئەمدى...
    __ نەدىكى گەپنى قىلىدىغانسەن،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىسىنى كۈلدانغا قېقىپ،__ كايىپ كېتىۋاتىسەن، مەن مۇنداقلا بىر كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ كەلگەن.
    __  ئەمدى كەلسەڭ مۇنداقلا كەلمەي، راۋرۇس ئولتۇرغۇدەك بولۇپ كەل.
    __ ھە، ئىش ئوقىتىڭ قانداقراق؟
    __ يامان ئەمەس، سەندەك باي بولالمىدۇق، كوچىدىمۇ قالمىدۇق.
    __ ھاشىم دوغىلاق قانداقراق ئىشلەۋاتىدۇ؟
    __ ئوبدان ئىشلەيدىكەن، بىراق تەتەي قىزلارغا بەكرەك قاراپ سالىدىكەن.
    __ قارىسا مەيلى، لېكىن ئۆزىگە كېسەل تېپىۋالمىسۇن.
    __ خۇدايىم ساقلىسۇن دېگىنە ئاكا، مەنمۇ كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
    ئۇلار ئىچىشىپ تۇرغاندا رەيھان ئۇلارغا پات-پات قاراپ قوياتتى، چاي تۈگەپ قالسا چاي ئەكىلىپ بەرگەچ، ياسىنغا جىددىي نەزەردە قاراپ قويۇپ، بۇ ئادەمنى پاتراق يولغا سېلىۋېتىشكە شەرەت قىلاتتى. ئەمما ياسىن "خوتۇن خەق ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك" پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، خوتۇنىنىڭ تەلەپ-ئىلتىجالىرىنى نەزەرگە ئالمىدى.
    __  ئەجەپ تىنچ يەر-ھە… بۇ __ دېدى خېلى تەڭشىلىپ قالغان غېنى شاڭجاڭ تالاغا قاراپ قويۇپ،__ بېيجىڭدەك غەلۋە-غوغا يوق.  ئەمما… ئادەمنىڭ  يەنە شۇ چوڭ يەردە ياشىغۇسى كېلىدىكەن.
    __ بۇ يەرنى ئوبدان دەۋاتاتتىڭغۇ.
    __ ئوبدانلىقى ئوبدان، لېكىن تۇرىۋەرسەڭ… ئىچىڭ پۇشۇپ قالىدىكەن. ئويلاپ باقسام، مەن يەنىلا چوڭ شەھەرگە… چەت ئەلگە ئىنتىلىدىكەنمەن ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولسىمۇ چىقىپ كىرگۈم بار ئىدى. پاسپورتوم يوق، ئۇنى بېجىرىش تەس بولۇپ قاپتۇ، ئىچكىرىدە ئاسانمىش، ئەمما بۇ يەردە نوپۇسىمىز يوق-تە! ھەممە ئىش مۇشۇلارغا ئاسانكەن، گاھىدا ئىسمىمنى تايىنلىق ئەي شاڭجاڭ قىلىپ… مىللىتىمنى خەنزۇغا ئۆزگەرتىپ،… جىڭ كۇلىچى بولغۇم كېلىدۇ.
    __ ما گەپنى قارا،__ دېدى ياسىن تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ،__ تۈزۈك گەپ قىلاۋە ئاكا،   مەسلىكتە جۆيلۈۋاتامسەن نېمە ؟
    __ شۇنداق ئويلاپ قالدىم… دېمەكچىمەن، نېمىشقا دەمسەن؟ بىز ھازىر ھەممە ئىشتا مۇشۇلارغا تايىنىۋاتىمىز. بۇ يەر مۇشۇلارنىڭ،  فاڭدۇڭنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، دۇكىنىنى ئېچىپ پۇل تېپىۋاتىمىز؛  يەۋاتقىنىمىز، ئىچىۋاتقىنىمىز، كىيىۋاتقىنىمىزمۇ مۇشۇلارنىڭ... بىز مۇشۇ خەققە تايىنىپ پۇل تېپىۋاتىمىز، شۇنداققۇ؟… تىلىمىز خەنزۇچىغا كېتىپ بارىدۇ. ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەيمىز، ئەمما مۇشۇلاردەك ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتىمىز، مۇشۇلارنىڭ تاماكىسىنى چېكىۋاتىمىز. قېنى دەپ باقە، قايسى بىر نەرسەڭ بۇلارنىڭ ئەمەس؟
    __ قىززىق گەپ قىلدىڭ-دە!__ دېدى ياسىن كۈلۈپ قويۇپ،__ بۇلارمۇ بىزنىڭ كاۋاب بىلەن لەغمەن-پولونى يەۋاتمامدۇ؟
    __ ئۇنىمۇ مۇشۇلارنىڭ تەمىدە ئاچچىق قىلمىساڭ يېمەيدۇ. بىز شۇنداق قىلدۇق، رېستۇراندىكى  ناخشا-ئۇسسۇلنىمۇ مۇشۇلارغا ياقىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتۇق.
    __ يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دېگەن شۇ...
    __ ئەمما بىز شۇنداق قىلىۋېرىپ يەكچەشمىنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇق.  بىز كىم؟ بىز نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ بۇلاردىن پەرقىمىز نېمە؟ ھەر قانچە چوڭ لاۋبەن بولۇپ كەتسەڭمۇ سەن شىنجاڭلىق كاۋاپچى... ۋاقتى كەلسە دۇكاننى تارتىۋېلىپ كۆتۈڭگە تېپىپ قوغلايدۇ. شۇڭا نوپۇسقا ئۆتۈۋالاي دېگەن... تەتەي ئېلىپ نەچچە بالاڭزىلىق بولغانلارنى ئاڭلاۋاتىمىز، يوشۇرمايمەن، مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار.
    __ سېنىڭ ئويلىمايدىغان ئىشىڭمۇ بارمۇ ئاكا؟! __ دېدى ياسىن چاقچاق يوسۇنىدا سۆزلەپ،__ كەيپىڭنى بۇزماي، ھە قېنى سۆزلەۋەر....  
    __ ئويلاپ باق، قايسى ئىشنى بىز مۇشۇلاردىن ئۆگەنمىدۇق، ئەمەلدارغا يېلىنمىساڭ، پارا بەرمىسەڭ ئىش ئاقمايدۇ، ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت ئورنىتالمايسەن. ئاشنا تۇتمىساڭ ئەركەك بولالمايسەن، ماشىناڭ ئېسىل بولمىسا ئىشلەمچىدەك كۆرۈنىسەن. يېڭى يىل دېسە يېڭى يىل دېدۇق، چاغان دېسە چاغان ئۆتكۈزدۇق، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزسە بىزمۇ ئۆتكۈزدۇق. شۇڭا دەيمەن، ئۆزىمىزنى قىينىغىچە تايىنلىقلا مۇشۇ خەق بولۇپ كەتسەك بولمامدۇ؟...
    __ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭ؟__ دېدى ياسىن ئۇنى گەپكە سېلىپ.
    __ ئاسان ئەمەس...
    __ شۇ، ئاسان ئەمەس.
    __ ياق، ياق، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بىز ئۇنى قىلىمىز دېسەك بىر دەمدە قىلىۋاتىمىز، قىلمايۋاتىمىز-دە!  بۇلار جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، بىز كەينىدىن ماڭىمىز،  بىز دورايدىغان ئىش يەنە چىقىدۇ. تۇغۇلغان كۈنى چىقتى، ساڭا دېدىمغۇ، ئالدىمىزدا ئاشىقلار بايرىمى كېلىدۇ دەپ. بۇنىمۇ مۇشۇلاردىن ئۆگەندۇق. بۇلاردا توي قىلمىغانلار بىر ئۆيگە كىرىۋالسا بىزمۇ دوراپ كىرىۋالدۇق. ساڭا دېدىمغۇ، مېنىڭ ئۈچ خوتۇنۇم بار، ئىككىسى مەخپىي دەپ، چوڭ خوتۇنغا ئۇقتۇرماي بىللە تۇرۇۋاتىمەن، بىر ھېسابتا ئاشنا دېگەن گەپ. مېنىڭ بىر خەنزۇ تونۇشۇم بار، پۇلى جىق، كاللىسى ئوچۇق نېمە. شۇنىڭ ئاغزىدىن ھەر خىل گەپلەرنى ئاڭلايمەن. ئۇلارمۇ يېڭى ئىشلارنى چەت ئەللىكتىن ئۆگىنىدىكەن. چەت ئەلدە خوتۇن ئالماشتۇرۇش مودا بوپتىكەن، ئەمدى بۇلارمۇ ئۇنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ... قاراپ تۇر، ئەتە-ئۆگۈن بىز خەقتىمۇ بۇ ئىش پەيدا بولىدۇ...
    __ بۇ رەسۋاچىلىقنى بۇ گۇيلار نەدىن ئويلاپ تاپىدىغاندۇ،__ دېدى ياسىن ھاراقتىن سەسكىنگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
    __ شەيتان ئۆگەتمەمدۇ!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ مەغرۇر كېرىلىپ،__ بۇرۇن يوق نەرسىلەر ئەمدى پەيدا بولدى،  بىز دورىمىغان نېمە قالدى؟ بىر دەمدىلا دەۋېتىمەن، مانا قارا،  تانسا-پانسا، ئۇسسۇل-دېسكو ، ھاراق-شاراپ،  سېرىق دەي ، پاھىشە-بۇزۇق، كۆت-ھەزلەك...
    __ بولدى ئاكا، سۆزلىمە، قىززىپ قاپسەن... __ دېدى ياسىن ئەتراپىغا قاراپ.      
                           (داۋامى بار)
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-05 07:20 PMدە ق ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 01:05 AM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    __  سەن ئۇقمايسەن دەيمەن... مەن گاھىدا ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى ئويلىسام ئاچچىقىم كېلىدۇ... قانداق خەق دەيمەن بىز؟ پۇل تاپتۇق دېگەن بىلەن... كېرىلىپ يۈرەلەمسەن؟ كۆڭلۈڭ ئازادە ئەمەس، نەگە بارساق پۇتلىشىمىز،  ئوغرىدەك قارايدۇ ئەمەسمۇ ساڭا...
    __ ئۆزەڭنى چۈشۈرمەۋا ئاكا، سەن كاتتا لاۋبەن تۇرۇپ بۇنداق دەۋاتساڭ بىز قانداق قىلىمىز؟
    __ كۆتە... ئۇنداق لاۋبەنلىكىڭنى...ئىچىمدە كۈلىمەن... مەن ئەسلىدە شاڭجاڭ بولىدىغان ئادەم ئىدىم.
    __ شاڭجاڭدىن ياخشى ياشاۋاتىمەن دېگەنتىڭغۇ؟
    __ ياشاشتا گەپ يوق... لېكىن ئۇ بىر ئارزۇيۇم-دە!
    __ شاڭجاڭ بولغان بولساڭ قانچىلىك دۆلەت كۆرۈپ كېتەتتىڭ؟
    __ دۆلەت دېسەڭ ھازىرمۇ بار،  مەن شاڭجاڭلىقنىڭ مائاشىنى دېمەيمەن، ماشىنا دېمەيمەن، ھاراق-شاراپ، سورۇن دېمەيمەن، مەكتەپنىڭ خانىم قىزلىرىنى دېمەيمەن. ماڭا كېرىكى ئابرۇي-ئىناۋەت... ئۇقتۇڭمۇ؟ مەجلىسلەردە  بىرەر يۈز خەقنى قارىتىپ قويۇپ سۆزلىسەم... دادۈيگە چىقسام دادۈيجاڭلار چاپان كۆتۈرۈپ خىزمىتىمنى قىلسا... خەقلەر يولدا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلسا... خوتۇنلار ئەيمىنىپ قارىسا...   مېنىڭ كۆزلەيدىغىنىم مۇشۇ ئىدى،  مەن مۇشۇنى ئارزۇ قىلاتتىم.
    __ يا ھەزرەت، ما ئادەمنى،  ئەمما مەن كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. قېنى ماۋۇ ھاراقنى كۆتۈرۈۋەت.
    __ ھاراقلا ئىچىۋېرەمدۇق... قېنى چاي، خوتۇنۇڭ چاي ئەكەلمەيدىغۇ؟
    __ خوتۇن بالىنى ئۇخلاتمىسا بولمايدۇ، مەن ئەكىلەي.
    غېنى شاڭجاڭ گۈزەل جۇۋاننى ئەمدى  كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشقىمۇ رايى تارتمىدى.
    __ ئۆز يۇرتۇڭدا، ئۆز ئادەملىرىڭگە باشلىق بولساڭ... ئالامەت دەيمەن ئۇكا، مانا مەن دادۈيجاڭ بولۇپ باققان، تۆت شودۈينىڭ ئادەملىرىنى باشقۇرغان. لېكىن يېڭى كەلگەن شاڭجاڭغا ياقماي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مېنى قالدۇرۇۋەتتى... ئويلىسام ھازىر ئاشۇ ئوغرىنى كۆتلىۋەتكۈم كېلىدۇ.  
    __ يەنە سەت گەپكە چۈشتۈڭغۇ ئاكاۋا، قارىسام شۇ چاغدىمۇ ئېغىزىڭدىن كېتىپ قالغاندەك قىلىسەن،__ دېدى ياسىن چاي قۇيغاچ.
    __ مەن ئۇ ئوغرىنى تىللىمىغان...
    __ ئەمىسە خوشامەتنى تازا قاملاشتۇرالماي قاپسەن دېگىنە...
    __ نەق تاپتىڭ، مەن ئەزەلدىن خەققە باش ئېگىپ باقمىغان.
    __  ئەمما خەقنى باش ئەگدۈرىمەن دەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ؟!
    __ ئەر كىشى دېگەن شۇنداق بولۇشى كېرەك...
    __ مۇشۇ كەمگىچە كىمنى باش ئەگدۈرۈپ باقتىڭ؟
    __  ئاكاڭنى ساز قىلما ئۇكا... مەن ماڭاي.
    __ بىر دەم ئولتۇرمامسەن...
    __ بېرىپ خوتۇننى بولسىمۇ باش ئەگدۈرەي.
    ياسىن كۈلۈۋەتتى، غېنى شاڭجاڭنى تاكسىغا سېلىپ قويۇپ ئۆيىگە كىردى. خوتۇنى تېخى ئۇخلىمىغانىدى، كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ ئەمەس، تاڭ سەھەردىكى جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.  
    __ ئەجەپ گېپىڭلار تۈگىمەي كەتتى...
    __ ھېلىمۇ بۇرۇن ماڭدى...
    __ بولمىسا كېچىچە ئولتۇرامتىڭلار؟
    __ بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ زېرىكمەيسەن، ئەمما بەزىدە ئېغىزىنى بۇزۇپ قويىدىغان ئىشى چاتاق.
    __ ئادەمگە ئوغرىدەك قارايدىغان ئادەمكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئازراق ئارىلاشسىڭىز بولاتتى، سىزدەك كۆڭۈلچەكنى تېپىۋالسا قويۇپ بەرمەيدۇ،  قىلغىلى ئىشى يوق، كەچكىچە ئاشۇنداق قۇرۇق گەپ ساتىدۇ.  سىز ما يەردە خوتۇن-بالا بار دېگەننىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،  
    __ مېنى ئەجەپ باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتتىڭا مۇشۇ كۈنلەردە،__ دېدى ياسىن سەل نارازى بولۇپ.
    __ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىسا بولامدۇ؟ سىزگە كۆز-قولاق بولۇپ تۇرمىسام بولمايدۇ، سىز دېگەن بۇ ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، سىز ئۆرۈلۈپ چۈشسىڭىز ھەممىمىز ۋەيران بولىمىز.
    __ ئارتۇق ئويلاپ كېتىدىكەنسەن، خوتۇن خەقنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدىغان خىيال يوق-تە...
    __ مەن سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇيقۇم كەلمەي ئولتۇرسام، سىز بولسىڭىز خاتىرجەم گەپ تىڭشاپ، شۇ ئادەم كەتمىگىچە يېنىمغا كىرمىسىڭىز... كۆڭلۈم يېرىم بولمامدۇ مېنىڭ؟!
    __ مەندىن نېمانداق تولا ئەنسىرەيسەن-ھە__ دېدى ياسىن تۇرۇپلا جىلە بولۇپ،__ مەن سېنىڭ بالاڭمىدىم؟  ئەر كىشى دېگەننىڭ تونۇشلىرى، ئاغىنە-بۇرادەرلىرى كېلىدۇ. بىر دەم-يېرىم دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانغا نېمە بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىرچىلىقتا بىزگە بۇنىڭدىن باشقا نېمە خۇشاللىق بار؟
    __ سىزگە بۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىق يوقما؟ ئاشۇ ئۆزىڭىزدىن چوڭ قېرى ئاغىنىڭىز سىزگە شۇنچە ئەتىۋارما؟
    ياسىن گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى سېزىپ بىئارام بولدى. چىن كۆڭلىدىن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئىدى، ئەنسىرەپ تۇرغان خوتۇنى بۇ گەپنى تۇتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىسپات كۆرسىتىۋاتاتتى. ئەمما ياسىن خوتۇنىنى بۇنچىلىك جاھىللىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى قورساق كۆپۈكى بىراقلا چىقتى:  
    __ نېمانچە گۇمانخور، ئەنسىز بولۇپ كەتتىڭ ھوي، بۇرۇن ئۇنچە ئەمەستىڭغۇ؟
    __ سىز مۇشۇنداق قىلىۋەتتىڭىز...
    __ مەن نېمە قىلدىم؟ مۇشتلاشتىممۇ؟ ئۆلگۈدەك ئىچىپ چېكىپ ساراڭ بولدۇممۇ؟ يا قېشىڭغا كىرمەي، ئۇدۇلدىكى ساتراچخانىغا كىرىپ كەتتىممۇ؟ زادى نېمە قىلدىم؟  دەپ باقە!
    ياسىننىڭ بۇنداق يامان ئەلپازىنى كۆرۈپ باقمىغان رەيھان چۆچۈپ تۈگۈلۈپلا قالدى، يۈزى ئەلەمدىن چوغدەك قىززىپ، كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
    __ ماڭىمۇ بىر ئارامچىلىق بەر،  ھېچنەدە خوتۇن كىشى ئېرىنى باشقۇرسۇن دېمىگەن، مەن كىچىك بالا بولمىغاندىكىن،  ئېرىڭ ياسىن بىلەن ئوغلۇڭ ئىلشاتنى ئېنىق ئايرىۋال.
    رەيھان ئۈنسىز ياش تۆكۈپ تەتۈر قاراپ ياتتى، نازۇك بەدىنى سۇس تىترەيتتى. ياسىننىڭ ئىچ-قارنى ھاراقتىن، ئاچچىقتىن، ئۆكۈنۈشتىن زەرداپ بولۇپ قاينىغىلى تۇردى. خوتۇنىنىڭ كەيندىن قۇچاقلاپ ئەپۇ سوراشنى ئويلىدى، ئەمما ئەرلىك نوچىلىقى يول قويمىدى، "ئەر كىشى دېگەن بويسۇندۇرۇشى كېرەك" دېگەنىدى غېنى شاڭجاڭ. خوتۇن خەق دېگەن ئاچچىقلاپمۇ، يىغلاپمۇ، كۈلۈپمۇ، سۈركىلىپمۇ ئېرىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭغا ئالدانماسلىق كېرەك، خوتۇنىدىن ئاسان تەسىرلىنىپ كېتىدىغان ئەرنىڭ بېلى بوش، يۇمشاقباش كېلىدۇ...
    ياسىن كىيىمىنى يېرىم سېلىپ يوتقانغا كىرىپ، خوتۇنىغا كەينىنى قىلىپ ياتتى. قولىنى باشقۇرمىسا خوتۇنى تەرەپكە كېتىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قۇچاقلاپ ياتتى.  توي قىلىپ بۇنداق يېتىپ باققاندەك قىلمىغان، بىر جۇپ تىرىك جان  گويا ئوق تېگىپ ياتقان جەسەتلەردەك  ياتاتتى،  بىر-بىرىگە تارتىشىپ تۇرىدىغان بىر جۇپ يۈرەك ئەمدى بىر-بىرى بىلەن تېپىشىدىغان ماگېنت تاشلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى...  بۇ ھالەتتە يېتىش نېمىدېگەن ئازاب! ياسىن ھارغىنلىقتىن ھەم مەستلىكتىن بولسا كېرەك، بىر دەم زىددىيەتلىك خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى، خوتۇنى شۇنچە تەلپۈنگەن بولسىمۇ باغرىنى ئۇنىڭغا ئاچمىدى. رەيھان، ھېرىپ چارچاپ كەتكەن رەيھان ئۇيقۇدىن بىدار ھالدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ، ئاخىرى چىدىماي ئۇخلاپ قالغان ئېرىنىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ، مىڭ تەستە كۆزىنى يۇمدى.  
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-07 11:09 AMدە ق ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 11:21 PM |
    MTV ~~MTV
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    سەھەر ئويغىنىپ كەتكەن رەيھان خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ئېرىگە قاراپ، ئاخشامقى گەپلەرنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئادەم ئۆتمۈشنىڭ داۋامى، ھېچكىم ئورنىدىن قوپقاندا بۈگۈن مېنىڭ يېڭى ھاياتىم دېيەلمەيدۇ. رەيھان ئېرىنىڭ ئاخشامقى قوپاللىقىنى ئويلىغانچە شۇنچە بىئارام بولدى، مەستلىكتە خۇدىنى بىلمەي شۇنداق قىلدى دەپ كۆڭلىنى ياساپ باقتى، بولمىدى. ياسىن مەيلى ساق ياكى شىرشىم بولسۇن، خوتۇنىغا ئوچۇق مۇئامىلە قىلاتتى، خۇشخۇي يۈرەتتى، چاقچاق قىلىپ تۇراتتى. "سەن مېنىڭ بارلىقىم" دەپ بىر دەم كۆكسىنى، بىر دەم ساغرىسىنى تۇتۇپ، گاھىدا كەينىدىن تۇيۇقسىز كېلىپ بوينىغا سۆيۈپ،  خوتۇنىنى ئەندىكىش ئىچىدە خۇشاللىققا چۆمدۈرەتتى. تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەن بىر قارا كاۋاپچى، ئەخلاق ياكى مۇھەببەت ھەققىدە ھېچ قانداق كىتاب كۆرۈپ باقمىغان بىر ساياق ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى ئېسىللىكى بىلەن خوتۇنىنى مۇھەببەت پەيزىگە چۆمدۈرۈپ، كۆڭۈل رىشتىنى مەھكەم باغلاپ، ھاياتىنى گۈلدەك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى. "خۇدايىم، كۆز تەگمىگەي بۇنىڭغا...  دەپ ئويلىدى رەيھان،- ماڭا بېرىپ كەلگەن كۆڭلىنى ھېچكىمگە بەرمىگەي، ماڭا تەئەللۇق جىسمىنى مەندىن باشقا مەينەتلەرگە تۇتقۇزمىغاي، ماڭىلا تەئەللۇق خۇشخۇيلۇقى، ئېسىللىكى، نوچىلىقىنى باشقا نېمىلەرگە كۆرسەتمىگەي. كۆرسەتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى مەندەك چۈشەنمەيدۇ، مەندەك قەدىرلىمەيدۇ. بۇنى بۇ دۆت بىلەمدۇ؟ يېتىشىنى سەت خورەك تارتىپ... "  
    ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزى ئوقۇدى، ئادەتتىمۇ ياغلىق چىگىپ يۈرەتتى؛ بۇرۇن بەش ۋاق ئوقۇيتتى، ئىچكىرىگە كېلىپ تاشلىۋەتتى، كېيىن ئاران بىر ۋاق نامىزىنى تېپىۋالدى.  مۇشۇ بىر ۋاق ناماز كاپىر بىلەن مۇسۇلماننىڭ پەرقى دەپ ئانىسى شۇنداق دېگەنىدى؛ كېچىسى يامان چۈش كۆرۈپ قالغاندا،  ئانىسىنى ياد ئەتكەندە، كۆڭلىدىكى ئىستەكلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلغۇسى كەلگەندە شۇ بىر ۋاق نامىزىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشەتتى، خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن بىر كۈنلۈك ھاياتى تىنچ-ئامان ئۆتىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.
    رەيھان نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئېرىگە قارىدى. ئۇنىڭ ئاخشامقى مەستلىكى پەسلىك، گۇناھ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. مەست بولمىسا بىر دەمدە ئۇنداق ئەسكىلىشىپ كېتەلمەيتتى، مەست بولمىسا ئىسسقىدا كىرىپ ئۇخلاپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلاتتى. ئۇ بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا خوتۇنى بىلەن تەڭ نامازغا تۇراتتى، جۇنۇپ بولسا خوتۇنى سۇ ئىسسىتىپ بېرەتتى،  جۈمە كۈنى  چوڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ مۇنچىغا چۈشۈپ،  نامىزىنى ئوقۇپ يېنىپ كېلەتتى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئىمانى سۇسلىشىپ قالدى، ھەتتا رەيھانغىمۇ سەھەردە تۇرۇش ئانچە خوشياقمايدىغان بولۇپ قالدى. ياسىنغۇ بىر ۋاق ناماز تۇرسۇن، جۈمەگىمۇ بارمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئىككىسىنىڭ نامرات ۋاقتىدىكى تەقۋالىقلىرى پەقەت خۇدادىن بەرىكەت تىلەش ئۈچۈنلا بولغىيمىدى؟ خۇدا بەرىكەت ئاتا قىلىۋىدى، شۇ رىزىقلارنى بەرگۈچىنى ئۇنتۇپ قالدى.  رەيھان بىر نەچچە قېتىم ئاپئاق رومال ئارتقان ئانىسىنى چۈشەپ قالدى، ئانىسى چۈشىدە بۇ يەرگە  كېلىپ، كاۋابداننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، يالىلداپ تۇرغان چوغلارغا قاراپ: مۇشۇ چوغدا كاۋاب قانچىلىك ۋاقىتتا پىشىپ بولىدۇ؟" دەپ سورىدى. رەيھان: " بەش مىنۇتتىلا پىشىپ بولىدۇ" دېدى. ئانىسى: "مۇشۇنچىلىك ئوتتا گۆش بەش مىنۇتتا پىشىپ بولسا،  دوزاخ ئوتى قانچە  كۈچلۈكتۇ؟" دېدى. رەيھان بۇ چۈشىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدى، نامىزىنى باشلىۋالدى، ئەمما ئېرى غەپلەتكە چۆككەنچە چۆكۈپ كېتىۋەردى.
    رەيھان نامىزىنىڭ ئاخىرىدا ئېرى بىلەن بالىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، جاينامازنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ بالىسىغا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى، ئېرىگە قاراپ بىر مىنۇت قېتىپ ئولتۇردى. " كۈن قىزارغاندىمۇ چوشقىدەك خورەك تارتىپ يېتىۋاتىدۇ، قاچان ئادەم بولار؟" دەپ ئويلىدى؛ كۆڭلىدە پەرىشانلىق، غەم-قايغۇ، ئۈمىد-ئىستەك ئارىلىشىپ كەتتى؛ بايا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىگە خۇدايىم ئىنساپ بەرسە جاھاندا بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بولمايتتى. ئەڭ مۇھىمى، خۇدانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايتتى.
    ئۇ ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ ئېرىنى ئويغاتتى:
    __ قوپۇڭ، بالىنى يەسلىگە ئاپىرىدىغان ۋاق بولدى!
    ياسىن تەستە كۆزىنى ئېچىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن قوپتى. رەيھانغا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىمۇ غەلىتە كۆرۈندى، ئادەتتە چەبدەس ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەم كەيىپچىلىكتىن بىر ئاخشامدىلا يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كەتكەنىدى.
    ياسىن ناشتىلىق قىلىۋېتىپمۇ تۈزۈك گەپ قىلمىدى، ئاخشامقى ئىشىنى ئەسلەپ پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
    __ نېمە بولدى؟ مىجەزىڭىز يوقما؟
    __ كاللام قاپاقتەكلا تۇرىدىغۇ تاڭ، بولمىسا جىق ئىچمىگەن.
    __ يەنە قانچىلىك ئىچسىڭىز بولاتتى؟
    __ ئەتىگەندە دوق قىلما، شۇ تۈزۈك ئىچمىگەننىڭ ئىشى، ئىچمىسە ئىچمەسلىك كېرەككەن، ئىچسە چىلاشقۇدەك ئىچىش كېرەككەن. چالا مەست بولغاندىكىنلا باش ئاغرىپ قوپىدىغان گەپ...
    __ ئىچمىگەندە شۇنداق ئوبدانتىڭىز، نامازغا تۇراتتىڭىز، جۈمەگە باراتتىڭىز، ئەمدى بىرسىمۇ يوق. ناماز ئوقۇمىسىڭىزمۇ، مۇشۇ ھاراق دېگەن نەرسىدىن يانسىڭىز بولاتتى.
    __ ناماز ئوقۇسام بولىدۇ، تايىنلىق ئىچمىسەم بولىدۇ؛ ئوقۇمىغاندىكىن ئىچىدىغان گەپ. جۈمەگە باراي دېسەم بۇ يەردە تۈزۈك مەسچىت يوق.
    __ كۇلىنىڭ ھەممە يېرىدە سىزگە ئېسىل مەسچىت سېلىپ قويمايدۇ غوجام، مۇنچىسى يوق دەپ ياراتماي بارمىدىڭىزغۇ شۇ...
    __  مەسچىت بولغان بىلەن ئاخۇنلىرى ئوڭلاپ قىرائەت قىلالمايدىكەن. ئادەم ناماز ئوقۇغاندەك بولمايدىكەن. شۇڭا بارمىدىم.
    __ بوپتۇ ئەمىسە، لېكىن ھاراق ئىچمەڭ.
    __ سەن ماڭا بۇيرۇق قىلما، ئۇنداق دېگىچە مېنىڭ ئىنساۋىمنى تىلەپ يۈر، بىر كۈنلەردە ئىچمەيدىغان بولىمەن.
    __ ھاراق ئىچسىڭىز ماڭا قارىمايدىكەنسىز، ئاخشامقىدەك قوپال تېگىدىكەنسىز، كېچىچە يىغلاپ چىقتىم، بىلەمسىز شۇنى...
    __ يالغان گەپ قىلما، چىرايىڭغا قارىسام ھېچ يىغلىغاندەك ئەمەس. ئاخشام نېمە دېگەنلىكىم ئېسىمدە يوق.
    ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېسىدە بار ئىدى، ئۆزىنى يەنىلا ھەقلىق ھېسابلىغاچقا، خوتۇنىغا ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىشقا ھارسىندى.  رەيھان ئۇنىڭ يالغاندىن بولسىمۇ ئەپۇ سورىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئۇمۇ يوققا چىقتى.
    ياسىن ناشتىلىقنىمۇ تۈزۈك قىلماي بالىسىنى يەسلىگە ئېلىپ كەتتى، شۇ كۈنى چۈشكىچە ئۇنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن بولدى، خوتۇنىغا ئېچىلىپ گەپ قىلمىدى، ئىشلەۋاتقان بالىلارغا بۇرۇنقىدەك ئاكىلارچە ئەمەس، خوجايىنلارچە بۇيرۇق سوقتى؛ ئۆزىنىڭ ئىشىنى خوشياقماسلىق بىلەن قىلدى؛ كاۋابداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەك ئارىسىدا تۇمانلىق خىياللارغا پېتىپ، ساتراچ سەتەڭلەرگە قارىدى. رەيھان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردى؛ ئۇ ياخشى كۆزەتكۈچى ئىدى، ياسىن بۇنىڭدىن بىئارام بولدى، خوتۇنىنىڭ قېشىدا ئەركىنلىك بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭۈلسىزلەندى. شۇنچە ئامراق خوتۇنىدىن ئەزەلدىن بۇنداق بىزار بولۇپ باقمىغانىدى، كۆڭلى غەلىتە بولۇپ قالدى.
    رەيھان يەنىلا ئۈمىدلىك ئىدى، ئېرىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى ۋاقىتلىق دەپ قارىدى، "بۇنىڭدىن كېيىن كۆزىگە بەك كىرىۋالماي، ئۆزىنى بىلەر..." دەپ ئويلىدى. ئەمما ياسىن ئەرلىك غۇرۇر بىلەن ئەركىنلىكنى قايتىدىن تېپىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىدە دېگىنىنى قىلالايدىغان، تۇتقىنىنى يۇلۇپ ئالالايدىغان ئادەم بولۇش خىيالىنى سۈرۈۋاتاتتى.
    چۈشتىن كېيىن رەيھاننىڭ قارىم ئاكىسى تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتتى. "كېلەلىسەڭ كېلىپ ئانامنى بىر نەچچە كۈن بېقىۋالغىن" دېدى. رەيھان تىترەپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى. ئەتىگەندە تېخى كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك ئۇزاق دۇئا قىلىپ كەتكەن؛ ئانىسىغا ئەمەس، ئېرىگە، بالىسىغا بەكرەك دۇئا قىلغان. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئېرىنىلا ئويلاپ، ئېرىنىڭلا غېمىنى قىلىپ كەپتۇ، ئەمما ئېرى ئۇنى بىلمەكتە يوق، نوچىلىق قىلىپ، قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈۋاتىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ ئەقلى قىسقا دېگىنى شۇمىكىن، ئېرىنىڭ قوينىغا بىر كىرىپ كەتسە چىقالماي، بالام دەپ تەلمۈرۈپ يۈرگەن مېھرىبان ئانىسىنى ئويلىماي يۈرۈيدىكەن؛ ئېرى ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئېرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىكەن. شۇنداق تۇرۇپ، ئېرىنى دەپ ئانىسىنى كۆرگىلى بارمىسا بولامدۇ؟   ئانىسى ئۇ ئالەمگە كېتىش ئالدىدا بىر نەچچە كۈن بېشىدا تۇرۇپ دىدارىغا قانمىسا بولامدۇ؟ چۈشىدە كۆرگەن ئانىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىمىسا بولامدۇ؟
    رەيھان تېلېفونغا قاراپ ئېغىر خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى، ياسىن ئىس-تۈتەك ئارىسىدا تالاغا قاراپ، خوش ياقماسلىق بىلەن كاۋاب پىشۇرۇۋاتاتتى. رەيھان چۈشلۈك سودا تۈگەپ بولغىچە، ئىچىدە يىغلاپ تاماق، چاي توشىدى.  ھاشىم دوغىلاق خان ئاچىسىنىڭ چىرايىدىكى قايغۇ ۋە خاپىلىقنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ قالدى.
    چۈشتىن كېيىن سودا بېسىققاندا رەيھان ئۆيىگە كىرىپ يىغلىۋالدى، ھېچ ئىش قىلماي كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا ئېرىنى كۈتۈپ ئولتۇردى. ياسىن كاۋابنىڭ ئىسىدىن زېرىككەندە تاماكا ئىسى بىلەن ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىپ، ئۆيىگە كىرمەي ئاشخانىدىلا ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتاتتى. رەيھان ئولتۇرۇپ چىداپ بولالماي ئاشخانىغا چىقتى، ياسىن ئۇنىڭغا خۇشخۇيلۇق بىلەن ئەمەس، پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قويدىيۇ، چىرايىدىكى ئېغىر كەيپىياتنى كۆرۈپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى.
    __ مېنى بۈگۈن كەچتە يا ئەتىگەندە شىنجاڭغا يولغا سېلىپ قويۇڭ! يۇرتقا بېرىپ ئانامنى كۆرۈپ كېلىمەن،__ دېدى رەيھان قەتئىي تۈستە.
    __ نېمە... توساتتىن بۇ گەپ چىقىپ قالدى؟
    __ ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن، بېرىپ كۆرۈشۈۋالغىلىمۇ قويمامسىز؟__ دېدى رەيھان يىغلىۋەتكۈدەك ھالدا تىترەپ تۇرۇپ.
    __ ئۆيدىن خەۋەر كەلدىما؟ راست گەپمۇ يا ماڭا قېيداپ ماڭاي دەۋاتامسەن؟
    __ كىم سىزگە قېيداپتۇ؟__ دېدى رەيھان تاراملاپ تۆكۈلۈپ،__ ئانام ئېغىر ئەھۋالدا ياتسا بىرەر ئېغىز ياخشى گېپىڭىز يوق، مەن بىلەن قېرىشىۋاتىسىزغۇ؟ مەن ماڭاي دەيمەن، ئېشىكىم ياتاي دەيدۇ دەپ... دەۋاتقان گېپىڭىزنى قاراڭ؟ جاھاندا سىزلا مۇھىممۇ؟ مەن سىزگە سېتىلىپ كەتكەن قۇل ئەمەس، مېنىڭمۇ ئەركىنلىكىم بار، ئانامنى كۆرگىلى بارىمەن، مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭ!
    رەيھاننىڭ بۇنداق ئاچچىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ياسىن خوتۇنىنىڭ تۈنۈگۈنكى خاپىلىق بىلەن بۈگۈنكى قايغۇ-ئەلەمنى بىراقلا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
    __ بوپتۇ ماڭساڭ ماڭ، ئانا دېگەن مۇھىم، ئەتە يولغا سېلىپ قوياي...
    __ پويىزدا ئەمەس، ئايروپىلاندا ماڭىمەن، بالىنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن!
    __ مەن سېنى پويىزدا ماڭ دېدىممۇ؟ بىراق بالىنى ئەكەتسەڭ يەسلىدىن قالىدۇ.
    __ قالسا قالار،  يەسلى-يەسلى دەپ ھېلىمۇ جىق قىينىۋەتتۇق بىچارە بالىنى،  ئانام بىر كۆرۈۋالسۇن خارلىشىپ كەتكەن نەۋرىسىنى!
    __ ئۇمۇ مەيلى، قاچان يېنىپ كېلىسەن؟
    __ ئۇقمايمەن، بارغاندا بىر گەپ بولار.
    ياسىن شۇنچە مۇلايىم خوتۇنىنىڭ بۇنچە قاتتىقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. ئەمما چۈشەندى، ئۆز خوتۇنىغا نوچىلىق قىلىپ كىبىر كۆرسىتىپ يۈرسە مۇشۇنداق بولىدىغان گەپ. ئېرى نېمە قىلسا لەببەي غوجام دەپ ھىجىيىپ يۈرۈيدىغان خوتۇنمۇ ئەرنىڭ كۆزىگە ساراڭقېتىش كۆرۈنىدۇ. رەيھان ئېرىنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئەگەر ئېرىدىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ قالىدىكەن، ئۆزىنى مۇھەببەتكە زورلىيالمايدۇ. ئەگەر ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلىدىكەن، مۇھەببىتى نەپرەتكە ئايلىنىپ ئېرىگە تىغدەك قادىلىدۇ.  
    مۇھەببەت باھاردەك تەبىئىي باشلىنىپ، زېمىستاندەك تەبىئىي ئاياغلىشىدىغان نەرسىمۇ؟ باھار پەسلىدە كېتىۋاتقان مېھىر-مۇھەببەتكە زېمىستان مۆلدۈرى ياغدۇرۇۋېتىدىغان نائەھلىدە مۇھەببەت دېگەن نەرسە بولامدۇ؟
    ياسىن ھەر قانچە بولسىمۇ خوتۇنىغا نامەرتلىك قىلىشقا يۈزى چىدىمىدى، قېينانىسى ياخشى ئايال ئىدى، ئەسلىدە ھەقىقىي ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلاي دېسە ئاشخانىسىنى تاقاپ، خوتۇن-بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىللە بارسا بولاتتى. ئەمما ئەنسىزلىك ۋە تىرىكچىلىك غېمى تۈپەيلىدىن ئاشخانىسىنى بېقىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدى، رەيھانمۇ بۇنى توغرا چۈشەندى.
    مېڭىش ئالدىدا رەيھان ئۇنىڭغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ:
    __ مەن كەتكەندە ئەركىنلىككە چىقتىم دەپ قالايمىقان ئىش قىلىپ سالماسسىز-ھە! __ دېدى .
    __ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، سەن ئاناڭنىڭ بېشىدا يىغلاپ يۈرسەڭ مەن بۇ يەردە ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ يۈرەمدىمەن؟!  بەك ئەنسىرەپ كەتسەڭ كۈندە تېلېفونلىشىپ تۇرساق بولىدىغۇ؟
    __ مۇشۇ يېقىندىن ئۆزگىرىپ قالدىڭىز، مەن دېمىسەممۇ بىلىسىز، ھېلىقى قېرى ئاغىنىڭىز بىلەن بوشراق باردى-كەلدى قىلىڭ، ھاراقنى ئاز ئىچىڭ. ئىچىپ مەست بولۇپ ئۇدۇلدىكى مەينەتلەرنىڭ قېشىغا كىرىپ كېتىپ قالماڭ.. مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
    بۇ گەپلەر ياسىنغا خوشياقمىسىمۇ، لېكىن ھازىرقىدەك ئەھۋالدا زېرىكمەي، تېرىكمەي ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدى.
    __ خاتىرجەم بولۇپ مېڭىۋەرگىن، مەندىن ئەنسىرىمەي بېرىپ ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن... بېرىپلا تېلېفون قىلىۋەت، كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇر، مەنمۇ ئۇرۇپ تۇرىمەن.
    رەيھان بالىسىنى يېتىلەپ، ئېرىگە قاراپ-قاراپ قويۇپ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتى. ياسىن تالاغا چىقىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چەكتى، ئۆزىنى خۇددى ئېغىز-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان ئىسلاردەك يەڭگىل ھېس قىلدى.    
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 11:12 AM |
    Diyarimda Noruz
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

                                                    5  

    ھاشىم دوغىلاق تۈكۈرۈكلىرىنى يۇتقىنىچە ساتراچخانىغا ئەيمىنىپ كىرىپ كەلدى، سوپۇن، ئەتىر، ماي پۇراقلىرى بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى، سەتەڭلەرنىڭ پۇرىقى مۇشۇنداق بولسا كېرەك، ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان بىر نەرسىگە يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھاياجانلاندى، مەستخۇش بولدى. ئۇنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن قىرقىم چاچ، پىستان كۆز، تەخەي پاچاقلار يەم كۆرگەن توخۇلاردەك پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى.
    __ نېمە قىلدۇرىسەن؟ _ دېدى بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ.
    __ چاچ ياسىتىمەن __ دېدى ھاشىم دوغىلاق ئۆزىنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ساقلاپ.
    __  ئاۋۋال چېچىڭنى يۇي.
    بىر سەتەڭ ساغرىسىنى تولغاپ ئۇنى باشلاپ ماڭدى، يۇمشاق ئورۇندۇققا ئوڭدىچە ياتقۇزدى، دىقماق بوينى گىرۋەككە ئارانلا پاتقان ھاشىم بېشىنى ساڭگىلاتسىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ قاتىيىپ تۇرۇپ قالدى، بوينى ئاغرىشقا باشلىدى.
    __ بېشىڭنى قويۇۋەت، جىددىيلەشمە،__ دېدى سەتەڭ.
    ھاشىم بېشىنى سەتەڭنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى،  بېشىغا ئىسسىق سۇ چۈشكەن ھامان كۆزلىرىنى يۇمدى. سەتەڭنىڭ تولا چاچ يۇيۇپ كۆنۈپ كەتكەن قوللىرى گەرچە پاسكىنا بولسىمۇ، ناھايىتى چىۋەر ئىدى، ھاشىم چېچىنى يۇيدۇرغىنىدىن ئەمەس، تۇتقۇزغىنىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. گاھىدا سەتەڭنىڭ مەيدىسىگە ئوغرىلىقچە كۆز تىكەتتى.
    چاچنى بىر دەمدە ياساپ بولدى، كەينىدىن ئۇ سەتەڭ ئۇنىڭ چېچىنى يەنە يۇيۇپ قويدى. ھاشىمنىڭ چاچ ياسىتىپلا چىقىپ كەتكۈسى يوق ئىدى، سەتەڭمۇ دەل ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تاپقاندەك، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ بېشىنى تۇتۇشقا باشلىدى، گەدەن پاتاڭلىرىغا مەيدىسىنى ياققاچ، بارلىق ھۈنىرىنى چىقىرىپ ئۇنى غىدىقلاشقا باشلىدى. ئۇ بۇ كارامەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرغاندا سەتەڭ ئۇنىڭغا پۈتۈن بەدىنىنى تۇتقۇزسا ئەزان ئىكەنلىكىنى، ئازراقلا پۇل قوشسا چاچ ياساشنىڭ پۇلىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    __ قانچە پۇل؟__ دېدى ھاشىم قىزىقىپ.
    __ سائىتىگە 40 كوي، بەك ئەزان. ئۇنى قىلغۇزمىساڭ چاچ ياسىغان، چاچ يۇغانغىلا 25 كوي تۆلەيسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە 15 كوي قوشساڭلا پۈتۈن بەدىنىڭنى ئەنمو قىلدۇرالايسەن ئەمەسمۇ، بۇنداق  باھا ھېچنەدە يوق...
    ھاشىم بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، ئەسلىدىمۇ ئۇ مۇشۇنداق ھۇزۇرنى دەپ كىرگەن، ياسىن لاۋبەنمۇ چوقۇم مۇشۇنداق قىلغۇزغان گەپ. بىرەر قېتىم بولسىمۇ لاۋبەننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باقسا يامىنى يوق. بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىش كېرەك...
    ھاشىم تېخىمۇ چوڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوپتى، سەتەڭ ئۇنى  باشقا بىر سېرىق چاچ سەتەڭگە تۇتقۇزدى، ئۇ ھاشىمنى ئىچكىرىگە باشلاپ، بىر كارىۋاتلىق تار ئۆيگە ئېلىپ كىردى.  كۆزى شەھۋەتتىن تورلىشىپ كەتكەن ھاشىم بۇ  كارىۋاتتىكى كىرلىكلەرنىڭ مەينەتلىكىنى كۆرمىدى، ئايىغىنى سېلىپ تاشلاپ، ھاياجىنىنى بېسىپ ئوڭدا ياتتى،  كۆزىنى يۇمدى، چۈش كۆرۈۋاتامدۇ ياكى چۈش سەيلىسى قىلىۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىيال قىلىپ كەلگەن شىرىن تەسەۋۋۇرى بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا ئۆزىنى تاپتى؛ ئويلىغىنىغا يەتكەندەك، ئەمما مۇرادىغا تېخى يېتەلمىگەندەك ھېس قىلدى.  " بۇنداق چاغدا باشقا ئىشنى ئويلىماسلىق كېرەك،__ دەپ ئويلىدى ئۇ،__ بىزمۇ ئادەم، بىزمۇ ئوغۇل بالا، لاۋبەندە بار ھەۋەس بىزدىمۇ بار، لاۋبەن چىرايلىق خوتۇنىغا قانماي، يەنە مۇشۇ سەتەڭلەرنى ئوينىسا گەپ يوق،  قاغجىراپ كەتكەن بىز بىچارىلەر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قاندۇرۇپلا يۈرەمدۇق؟..."
    كىندىكى ئوچۇق سېرىق چاچ بىر ياقتىن تاماكا چەككەچ ، بىر ياقتىن ھاشىمنىڭ دىقماق پۇتىنى تۇتۇشقا باشلىدى،  ھاشىم  ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، ئۆلگۈر ھەۋىسى تۇغانغا پاتمىغان سۇدەك تېشىپ چىقىشقا باشلىدى، قولى ئىختىيارسىز ھەرىكەتكە كېلىپ، سېرىق چاچنىڭ يوتىسىنى سىلاشقا باشلىدى.
    __ بۇنىڭغىمۇ ھەق تۆلەيسەن،__ دېدى سېرىق چاچ، __ بىكارغا سىلايدىغان ئىش يوق.
    ھاشىمنىڭ كەيپى ئۇچتى، مانچە پۇل خەجلەپ بۇ بۇزۇقنىڭ ئىت يېمەيدىغان يوتىسىنىمۇ سىلىيالمىسا...
    سېرىق چاچ ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ دولىسىنى تۇتۇشقا باشلىدى، ئاندىن شاپىلاقلاپ ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىش ھاشىمغا ھار كەلدى، پۇل خەجلەپ ئۆزىنى ئۇرغۇزىدىغان ساراڭمۇ بىر كىشى!
    __ بۇشىڭ، بۇشىڭ... __ دېدى ئۇ ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ.
    سېرىق چاچ ئۇنىڭ تېرىكىپ كەتكىنىنى چۈشەنمەي چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى. ھاشىم ئۇنىڭ قورقۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلۋەتكۈسى كەلدى. ئويمانچاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆكسىگە تىكىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي قالدى-دە، بېلىدىن قاماللاپ ئاستىغا بېسىۋالدى.  
    __ بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،__ دېدى سېرىق چاچ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ،__ بۇنىڭغا پۇل قوشىسەن!
    __ قانچە پۇل؟
    __ 300 كوي.
    __ ئون كويلا قوشاي، 50 كوي.
    سېرىق چاچ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، شۇ ھامان رەت قىلىۋەتتى.
    __ ماڭە مەينەت، تېخى ھالىنى كۆرۈڭ،__ دېدى ھاشىم ئۆز زۇۋانىدا غۇدۇرلاپ،__ 100 كوي دېسەڭمۇ تېخى نېمە دەيمەنكىن...
    ئەمما ئويلىمىغان يەردىن سېرىق چاچ يۈز كويغا چۈشۈپ بەردى. ھاشىم " 50 كوي خەجلىسەممۇ خەجلەيدىكەنمەن، تايىنلىق قىلىدىغاننى قىلىپ، مەقسىتىمگە يېتەي" دەپ ئويلىدى.
    سېرىق چاچ بىر دەمدە يالىڭاچلىنىپ تەييار بولدى، ئەمما ھاشىم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
    __ چاققان بول،__ دېدى سېرىق چاچ ئۇنى ئالدىرىتىپ،__ ھېلى ۋاقىت توشىدۇ.
    __ سەندە كېسەل يوقتۇ؟__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭ بەدىنىگە قاراپ تىكەنلىشىپ.
    __ نېمە؟__ دەپ تېرىكىپ كەتتى سېرىق چاچ،__ مەن تېخى سەندىن ئەنسىرەۋاتىمەن. گاندون ئىشلەت بولمىسا...
    ھاشىم ئۇنىڭ ئاچچىقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، كېسەل يوق دەپ ئويلىدى ۋە گاندون ئىشلىتىشنىمۇ رەت قىلىپ، كۈن-كۈنلەپ ئارام بەرمىگەن شۇ ئۆلگۈر نەپسىنى قاندۇردى.
    سېرىق چاچ ئۇنىڭدىن 100 كوينى سۇغۇرۇپ ئالدى، نەپسى قانغاندا پۇلىغا قارنى ئاغرىپ كەتكەن ھاشىم ساتراچخانىدىن چىقىپ، ئەتراپقا ئالاڭ-بۇلۇڭ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ياسىن لاۋبەن خوتۇنىنى ئۇزاتقىلى كېتىپ تېخى كەلمىگەنىدى. ئۇ دېرىزدە يېنىدىكى جوزىغا كېلىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ ساتراچخانىلارغا يەنە قارىدى،  ئەمدى قارىغاندا ئۇ سېرىق سەتەڭلەر بۇرۇنقىدەك سىرلىق، سېھىرلىك تۇيۇلمايتتى. ھاشىم تېخى بۇ ساتراچخانىلارنىڭ ئاران بىرسىگە كىرىپ كۆرۈپ باقتى، قالغانلىرى قانداقتۇ؟ قايسىلىرىنىڭ سەتەڭلىرى پەيزىدۇ؟ قايسىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەرزاندۇ؟ تۇنجى قېتىم بولغاچقا 100كوي قىممەت كەتتى، ئەمدى ئۇنداق قويۇلمايدۇ، 50 كويغىلا ماقۇل كەلتۈرىدۇ. بىرسىدە ئۈچتىن بەشكىچە سەتەڭ بار دېگەندىمۇ سەككىز ساتراچخانىدا قىرىق-ئەللىك سەتەڭ بار دېگەن گەپ. ھەر بىرىگە 50 كويدىن 100 كويغىچە خەجلىگىلى تۇرسا، ئىش ھەققى ھەرگىز يەتمەيدۇ...  
    ھاشىم بۇ خىياللىرىغا مەستانە بولۇپ، ئارقىدىن ئېسىگە كەلدى: ئۇنىڭغا نەدە ۋاقىت، نەدە پۇل؟ پاھىشۋازلىققا بىر كىرىشىپ قېلىپ چىقالمىسا، بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى كېسەل يۇقتۇرىۋېلىپ يىغلاپ يۈرۈيدىغان گەپ... بايىلا تېخى يۇقتۇرۇپ بولدىمۇ، كىم بىلىدۇ، جىمى پاھىشۋازغا يالغان سۆزلەيدىغان بىر بۇزۇقنىڭ گېپىگىمۇ شۇنداق ئاسان ئىشەنگەن بارمۇ؟... ئەيدىز دېگەن ئەجەللىك مەرەزنى يۇقتۇرۇۋالسا ئىش چاتاق!
    ھاشىم تۇرۇپلا چۆچۈپ، قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى. " ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ تېرىكىپ كېتىشى بىكار ئەمەس...ئۇ ئەيدىز ئەمەس..." دەپ ئويلاپ كۆڭلىگە تەسەللىي بەردى، يەنە تۇرۇپلا " ئەمىسە نېمىشقا گاندون ئىشلەتمىسىمۇ ماقۇل دەيدۇ، نېمىشقا ئەنسىرىمەيدۇ؟ نېمىشقا نامى ئەسكى مەندەك شىنجاڭلىققا ئاشنىسىغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ قەستەن تېرىكىپ كېتىشلىرى چوقۇم بىر قىلتاق..." دەپ ئويلاپ، قايتا ئەنسىرەشكە باشلىدى. قورققانچە پۇت-قوللىرىدا جان قالمغىلى تۇردى. 100 كوي خەجلەپ ئەيدىز يۇقتۇرسا، جاھاندا بۇنداقمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ؟ بۇ ئىپلاس يەرگە نېمىدەپ كەلدى؟...
    ھاشىمنىڭ ئويلىمىغان خىياللىرى قالمىدى، نەچچە تال تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكىۋەتتى،  بايا چىققان ساتراچخانىغا ئەلەم بىلەن قارىدى، سېرىق چاچ ئالۋاستىلار ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئىچى ئاچچىققا تولدى. "ياسىن لاۋبەنمۇ پات-پات كىرىپ ئوينىغان، ئەيدىز بولسا شۇمۇ ئەيدىز بولسا بولاتتى...__ دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆزىگە تەسەللىي، ئۈمىد ئىزدەپ، __ ئەگەر ئۇ ئەيدىز بولىدىغان بولسا چىرايلىق خوتۇنىمۇ ئەيدىز دېگەن گەپ".   " لېكىن..._ دەپ ئويلايتتى ئارقىدىن __ ياسىن لاۋبەن ئۇنداق مەينەتلەرگە پەقەت چېچىنىلا ياساتقان بولسىچۇ؟ شۇنداق چىرايلىق خوتۇنى تۇرغان يەردە نەچچە يۈز ئەرنىڭ ئاستىدىن چىققان مەينەتلەرنى نېمە قىلىدۇ؟ ھاشىمدەك مۇشۇنداق مانتا كۆرمىگەن قەلەندەرلا ئاشۇنداق ئىپلاس قاسقانغا دۈم چۈشىدۇ... بارلىق پالاكەت، شور پىشانىلىك مۇشۇنداق تەلەيسىزلەرنى ماراپ تۇرىدۇ..."  
    مۇشۇنداق ئويلىغانچە ھاشىم ئەلەمدىن تولغىناتتى،  يۈرەكلىرى ئەندىشىدىن دۈپۈلدەپ سوقاتتى، توساتتىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياتىقىنىڭ يېنىدىكى خالاغا كىرىپ غاقىرىتىپ قۇستى، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى، ئىچىدىكى بارلىق قورقۇنچ ۋە غەم-ئەندىشە مۇشۇ قۇسۇقتەكلا چىقىپ كەتكەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى...ئەمما قورقۇنچ، غەم-قايغۇ ئاشقازاندىكى نەرسە ئەمەس، يۈرەكتىكى نەرسە، يۈرەك قاچان سوقۇشتىن توختىغاندا شۇ چاغدا توختايدۇ. ئەمما ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلسە يۈرىكى يەنە شۇ گۇناھتىن تىترەيدۇ، قورقۇنچلۇق پۇلاڭلايدۇ. دېمەك، ھاشىم  بۇ گۇناھىنىڭ ئازابىدىن  ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا قۇتۇلالمايدۇ...
    ئۇ ئاغزىنى چايقاپ، ھالسىز قەدەملىرىنى سۆرەپ، ياتىقىغا كىردى، ميەنجاڭ بالا بىخارامان ئۇيقىغا كەتكەنىدى، ھاشىم ئۇنىڭغا قاراپ ھەۋەسلەندى، نىمىدېگەن خاتىرجەم ئۇيقۇ بۇ! يامان ئىش قىلمىسا مۇشۇنداق خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولىدىكەن.  ميەنجاڭ بالا ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى شەيتان ئاتلىغان چۈشىدىمۇ قاندۇرالايدۇ، شۇنچە بىخەتەر، شۇنچە شىرىن، تېخى ھەقسىز.  ھاشىم بايان باشتىن كەچۈرگەن ئىشمۇ چۈش كۆرگەندەكلا يۈز بەردى، شىرىن دەپ سۈرگەن چۈشى ئارقىدىن قاباھەتلىك چۈشكە ئايلاندى. زىيان تارتقۇچى، ئۇنداق-مۇنداق زىيان ئەمەس، ئەجەللىك زىيان تارتقۇچى ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى بولدى.
    ھاشىم كارىۋاتقان ئۆزىنى تاشلاپ دەھشەتلىك خىياللارنى سۈرۈپ ئۆلگۈدەك بىئارام بولدى، كۆزىنى يۇمسىلا بايىقى سېرىق چاچ ئالۋاستى... چېكىت-چېكىت داغ باسقان بەدرەڭ بەدەن...  ئۇ بۇلارنى ئويلىماسلىققا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، شۇ مەنزىرە، شۇ ھالەت كۆز ئالدىغا كېلۋالدى؛ سېرىق چاچنىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ ياتقاندىن باشلاپ ئۇ ئۆز ئۆلۈمىنى تىلەيدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ قالغان گەپ.   ئىپلاس مۇناسىۋەت ئۇنى ئۆتمۈشىدىن كەسكىن ئايرىپ، پىچاق بىلەن كېسىپ ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن قوغۇندەك قىلىپ قويدى. ئالدىنقىسى ساپساق، كېيىنكىسى زېدە، بۇ زېدە ھامان سېسىيدۇ.
    ئۇ كەلگۈسىنى يامان تەسەۋۋۇر قىلدى، ساتراچخانىغا قەدەم باسماستىكى ساغلام ھالىنى سېغىنىش بىلەن ياد ئەتتى.  
    ئۇ توساتتىن نېمانچە قورقۇپ كەتتى؟ خەقلەر ئەيدىز-ئەيدىز دەۋېرىپ ئۇنى شۇنداق قورقۇنچاق قىلۋەتتىمۇ يا؟
    خىيالى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋەردى. ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ خەۋپ ۋە غەم-ئەندىشە ئۇنى خېلى ئۇزاققىچە بوش قويمايدىغاندەك قىلاتتى.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 11:48 PM |
    MTV ~~MTV
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ئۇ ئۆزىنى ئۇيقىغا زورلاپ باقتى، ئۇخلىيالمىدى، مۇشۇنداق يېتىۋەرسە ئۆزىنى ھېلىلا كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشەلمەي ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالىدىغان بىماردەك ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. مېڭىپ يۈرۈشلا تىرىكلىك، ساغلاملىقنىڭ نىشانى ئىدى. ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ساتراچخانىلارغا يەنە قارىدى. ئىشىك ئالدىدىكى رەڭگارەڭ پىقىرىغۇچلار ئايلىنىپ، باشنى قايدۇرۇپ تۇراتتى. كۈندۈزى خېرىدارلار (يەمچۈكلەر) ئانچە يوق ئىدى، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئوغرى مۈشۈكلەر قىلتاققا چۈشەتتى. ھاشىم ھەۋەس تۇرۇپ كەتكەندە كاللىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشلىمەي قالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماكىنى چېكىۋېرىپ، ئاچچىق خىيالىنى سۈرىۋېرىپ، ئىستىن ياكى پۇشايماندىن زەھەرلىنىپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. "مەن ئۆزەمگە دۈشمەن بولدۇم، ئادەم دائىم ئۆزىنىڭ دۈشمىنى!... بۈگۈن زادى ئىچىمەن" دەپ ئويلىدى، قازان بېشىغا چىقىپ بىر تەخسە سەي قورىدى، قانداق قورىدى، بىلمەيلا قورىدى، قولىغا قىززىق ماي چاچراپ كەتسىمۇ سەزمىدى، ئۆز-ئۆزىگە كايىدى:  بۇ يەردىكى گۇيلار باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ ئەركەك قوينىڭ پوردىقىنى بۇيرۇتسا قورۇپ بەردىڭ، ئۆزەڭمۇ قانداق بولىدىكىن دەپ تېتىپ باقتىڭ، ھەتتا ئاچكۆزلۈك قىلىپ يېدىڭ، ھەر قېتىمدا شۇ گۇيلارنىڭ رىسقىنى بىرەر تالدىن سوقتۇڭ. ئۆزەڭنى كۈچلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىڭ، جاھاندا شۇ ئىشتىن باشقا پەيزى ئىش يوقتەك توختىماي شۇنى ئويلىدىڭ، ئۇدۇلدىكى مەينەتلەرگە شۆلگىيىڭىنى ئېقىتتىڭ، ئارقىدىن شەھۋەت سويۇقلۇقىنى ئېقىتتىڭ، بۇلغاندىڭ، كېسەل يۇقتۇردۇڭ... ھۈنەر قىلغانغا تويە، ئاچكۆزلۈك قىلغانغا تويە..
    قازان بېشىدىن باشلانغان ئاچكۆزلۈك شەھۋەت ئاچكۆزلۈكىگە، بۇ ئاچكۆزلۈك يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولدىمۇ ئەمدى؟! ھاشىم ئۇنداق ئەمەس دەپ ئۆزىنى ئىشەندۈرەلمىدى، بۇ نەس باسقان جايغا كەلگىنىگە، كۆتىنى قىسىپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ، چۈشىدە ئۆزىنى قاندۇرۇپ يۈرمىگىنىگە ئۆكۈندى. يەنە تۇرۇپ: " ئوغۇل بالا دېگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك، مەن ئۆزۈمنى بەك قورقىتىۋېتىپ بارىمەن" دەپ ئويلىدى.
    ئۇ ئوخشىمىغان سەينى ئالدىغا قويۇپ، بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى تىكلەپ سالامەتلىكىنى تىلەپ ئىچىشكە باشلىدى، توختىماي ئىچىپ بىر دەمدە تەڭشىلىپ قالدى، كەيپىياتى ئۆرلەپ، يەڭگىللەپ، ئۆزىنى مۇئەللەقتە لەيلەۋاتقاندەك سەزدى. ئۇ غەرق بولۇپ كېتىشنى ئويلىغانىدى، ئەمما مۇشۇ يەردىلا ئوڭدا چۈشۈپ، ياسىن لاۋبەن ئالدىدا سەتلەشكۈسى كەلمىدى.
    ئۇ ياتىقىغا مۇشۇنداقلا كىرىپ يېتىپ قېلىشنى خالىمىدى، ساتراچخانىلارغا شىرشىم، ئەلەس كۆزلىرىدە ئەلەم بىلەن قارىدى، "100 كويغا پاكىز بىر بۇزۇق يېتىپ بېرەمدۇ؟ ئەگەر مەن راستىنلا شۇنداق كېسەل چىقىدىغان بولسام، بۇ بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر باشتىن ئويناپ چىقىمەن، ئاۋۋال پۇل بېرىپ، كېيىن ھەقسىز، كېيىن ئۆزلىرى تەلەپ قىلىدىغان قىلىۋېتىمەن. قازان بېشىدا توپلىغان كۈچۈمنى كۆرسىتىپ، ئۆلگىچە لەززەت سۈرىمەن..." دەپ ئەسەبىيلەرچە خىيال سۈردى.
    ئۇ شۇنداق ئولتۇرغاندا دائىم بۇ يەردىن بۆرەك كاۋاب يەيدىغان لاۋبەن سەتەڭ ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ قاراپ باقتى. ھاشىم ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
    __ بۈگۈن ئاشخاناڭلارنى ئاچمىدىڭلاما؟
    __ ئوچۇققۇ... __ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا مەستانىلەرچە تەلمۈرۈپ.
    __ ئەمىسە ئادەم يوققۇ؟
    __ مەن ... ئادەم ئەمەسما
    __ لاۋبەن كۆرۈنمەيدىغۇ، بۈگۈن كاۋاب ساتمىدىما؟
    __ خوتۇنى ماڭدى، ئۇزاتقىلى كەتتى...
    __ نېمىشقا ماڭدى؟
    __ ئۇقمايمەن...
    لاۋبەن سەتەڭ ئادەتتە ئانچە دىققەت قىلمىغان بۇ دىقماقنىڭ كۆزلىرىدىكى ئېچىرقاشتىن ئەجەبلەندى.
    __ مەن بۆرەك يەي دېگەن، بۈگۈن بولمىسا ئەتە كېلەي.
    __ بۆرەك يېسەڭ... مەندىمۇ بار، _دېدى ھاشىم بېزەڭلىك بىلەن ھىجىيىپ.
    __ سەن كاۋاب ساتمايسەنغۇ؟
    __ مەن سوگوزىچى، كاۋاب دېسەڭ.. كاۋاب،  قورۇپ بەر دېسەڭ... بۆرەك دېگەننى... بىردەمدە قورىۋېتىمەن.
    سەتەڭنىڭ بۈگۈن راستىنلا بۆرەك يېگۈسى كېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئاشخانىغا كىردى.
    __ پىۋىدىن بىر قۇتا كەلتۈر!
    ھاشىم دوغىلاق پۇشۇلداپ بېرىپ، توڭلاتقۇدىن بىر قۇتا پىۋىنى ئېلىپ سەتەڭنىڭ ئالدىغا قويدى.
    __ ئېچىپ بەرمەمسەن؟
    ھاشىم شۇ ھامان سەتەڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قۇتىنىڭ ئېغىزىنى چىشلەپ ئاچتى.
    ئۇ توڭلاتقۇدىن بۆرەك ئىزدەشكە چۈشتى، تەلىيىگە بىر نەچچە تال بۆرەك چىقتى.  سەتەڭنى كۆرسە كۆزلىرى ئويناپ، يۈرەكلىرى يايراپ كېتىدىغان بۇ بايقۇشنى ھازىر كىممۇ مەست دەيدۇ، ئۇ شۇنچىلىك سەگەكلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، قازاندىكى ماي قىززىغان ھامان بۆرەكنى پاراسلىتىپ تاشلاپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ بىر دەمدىلا بىر تەخسە سەي قورۇپ چىقتى. سەتەڭگە بۇ بۆرەكمۇ تېتىپ كەتتى بولغاي، ئاغزىنى چاكىلدىتىپ يەپ كەتتى، پىۋىنى سۇدەك سۈمۈردى.  ھاشىم بىر ياقتا ئۇنىڭ يېگەن-ئىچكەنلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرىنى ئۇنىڭ يوتىسى بىلەن كۆكسىدىن ئالالمايتتى، شۆلگەيلىرىنى يۇتاتتى: " ئىچە ئىچ، ئىچىپ مەست بولۇپ كەت، ئاندىن مەن ساڭا بىڭسىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن، كېسەل بولساڭ مەنمۇ كېسەل، كېسەل بولمىساڭ ئۆزەڭنىڭ شورى... ھامان ئۆلىدىغان گەپ، ئۆلگەندىكىن پۇخادىن چىققىچە ياشاپ ئۆل...".
    لاۋبەن سەتەڭ بىر قۇتىنى ئۆرۈپ بولۇپ، ئورنىدىن قوپتى، بېشى سەل قايغان بولسا كېرەك، بىر دەم تۇرۇۋالدى. ھاشىم چېپىپ قوپۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتتى.
    __ توختا... پۇلۇڭنى بېرىمەن...__ دېدى سەتەڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئانچە قولاشمايتتى، تۇتۇپ تۇرمىسا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.
    __ پۇل بەرمە... ئويناپ قويايلى...__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا ئېسىلىپ.
    __ ئىشىڭنى قىل !__ دېدى لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ،__ مېنى... نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟
    __ سەن... قىلمامسەن؟
    __ قىلىمەن... مىڭ كوينى ھازىر سانا... چىدامسەن؟
    ھاشىم تۇرۇپلا قالدى، مىڭ كوي دېگەنگە ئونى كەلمەمدۇ؟ بۇ بۇزۇقنىڭ ھالى يامانكەن، ئۆزىنى لاۋبەن دەپ قالتىس چاغلاپ كەتكەن گەپ. بولمىسا قالغان سېرىق چاچتىن نېمە پەرقى؟ چىرايى بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟
    __ ئەزان چۈشۈرۈپ بەرمەمسەن؟...__ دېدى ھاشىم بىر دەم بولسىمۇ ئۇنى كولدۇرلىتىش ئۈچۈن.
    __ شىنجاڭلىق قوشنا دەپ ...ھېلىمۇ ئەزان قىلىپ بەردىم.
    __ شىنجاڭلىق يامان... كۆرۈپ باقساڭ بىلىسەن... تېتىپ باقساڭ بىلىسەن... بۆرەك يېگۈڭ كەلگەندەك.. كۈندە كېلىۋالامسەن تېخى...__ دېدى ھاشىم پىخىلداپ كۈلۈپ. كەيىپلىكتىنمۇ، ياكى دەل مۇشۇنداق سېرىق پاراڭدىمۇ ئەيتاۋۇر  ئۇنىڭ كاللىسى ئاپتوماتتەك ئىشلەپ، ئېغىزى سازلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
    __ ئۆزەڭنى داڭلاپ كەتتىڭ... كىم ئۆزىنى بەك داڭلىسا... شۇ ئەڭ يارىماس.
    ھاشىم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى، شۇ ھامان كاللىسىغا ياسىن لاۋبەن كەلدى،  ئەگەر بۇ سەتەڭ ياسىن لاۋبەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، شىنجاڭلىقنىڭ يامانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ياسىن لاۋبەن ئۇ ئىشتا شىنجاڭلىقنىڭ ۋەكىلى بولالامتى؟ ئۇنداقتا ھاشىمچۇ؟
    __ سەن شىنجاڭلىق بىلەن... قىلىپ باققانما؟
    __ بۇنى سوراپ... نېمە قىلىسەن؟ _ دېدى سەتەڭ ئۇنىڭغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ،__ شەخسىي ئىشىمغا ئارىلاشما، ئالە ما پۇلۇڭنى.. مەن ماڭدىم.
    __ پۇلنى كەم بەردىڭ...
    __ پارچە پۇل مۇشۇ... قالغىنىنى لاۋبىنىڭ كەلسە ئەتە بېرىمەن... قاچان كېلىدۇ ئۇ؟
    __ سوراپلا كەتتىڭ؟ بىر نېمىسىنى سېغىنىپ قالدىڭما؟
    __ سېغىنسام قانداق قىلاتتىڭ؟ سەن بۇ ئىشقا تولا ئارىلاشما، لاۋبەن دېگەن لاۋبەن بىلەن ئارىلىشىدۇ.
    __سەن مېنى... پۇلى يوق دەمسەن،  بىرەر قېتىم بولسىمۇ ماقۇل دە...
    __ سەن لاۋبەنمىتىڭ؟ بۇ گەپنى لاۋبىنىڭ دېسۇن.
    __ لاۋبەن بولسا ھەقسىز بېرىسەن، مەن دېسەم ئۇنىمايسەن...
    __ مەن خالىمىغان ئادەم مەن دېگەن پۇلدىن تۆۋەن بەرسە ئۇنىمايمەن...
    __ مېنى كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ-ھە... قاراپ تۇر...__دېدى ھاشىم زەردە بولۇپ.
    __ بەك چىدىماي كەتكەن بولساڭ... دۇكىنىمغا كىر. باشقا قىزلاردىن خالىغىنىڭنى ئوينىساڭ بولىدۇ. لېكىن بىكارلىق ئىش يوق، تۆۋىنى يۈز كوي، قانداق بارامسەن؟
    __ بارمايمەن... بىكارلىق دېسەڭمۇ بارمايمەن... ھەممىسى ئەيدىز... ھەممىسى مەينەت...
    __ بارمىساڭ ئەمىسە ماڭا ئېسىلما...
    لاۋبەن سەتەڭ شۇنداق دەپلا ئاشخانىدىن تايتاڭلاپ چىقىپ كەتتى، ھاشىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن " بىزنىڭ ئويۇنچى قىزلىرىمىزدا كېسەل يوق" دېگەن گەپنى ئاڭلىيالماي، تېخىمۇ تەشۋىشكە چۈشۈپ تۇرۇپ قالدى ۋە سەتەڭنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدى.          
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-09 01:12 AMدە ق ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 01:02 AM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

                                            6

    ھاشىم دوغىلاق ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىشنىمۇ تۈزۈك قىلالماي، خېرىدارلارنى نەچچە قېتىم قاچۇرۇپ بولدى.
    __ نېمە بولدۇڭ سەن زادى؟!__ دېدى بىر كۈنى ياسىن ئۇنىڭ قاپىقىدىن، قاشاڭلىقىدىن بىزار بولۇپ،__ بىرەر دەردىڭ بارمۇ؟ ئىشلىگۈڭ كەلمەي قالدىمۇ؟ ئىشلىسەڭ تۈزۈك ئىشلە، بولمىسا گېپىڭنى ئوچۇق قىل ئاداش!
    ھاشىم گەپ قىلماي، تاماكىسىنى شوراپ تۇرىۋەردى.
    __ كاللاڭدا نېمە ئوي بار، بىر دېگىنە ماڭا!  
    ھاشىم سالپىيىپلا قاراپ تۇراتتى،  ھەر كۈنى خەق بۇيرۇتقان سەينى قورۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئىش قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە پىلان بولسۇن؟ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلىگۈسىمۇ، كەتكۈسىمۇ يوق ئىدى، كەتسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كېسەل يۇقتۇرغان ياكى يۇقتۇرمىغانلىقى نائېنىق بولغاندەك، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى نائېنىق تۇرسا، نېمىنى ئويلاپ، نېمىنى دەيدۇ؟  شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋە كەلگۈسىنى ئاللىقانداق ۋەھىمە، قورقۇنچ بېسىپ كەتتى. بۇنى ياسىن لاۋبەنگە قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ " بىر بۇزۇق مېنى مۇشۇنداق تۈگەشتۈرۈۋەتتى" دەپ دەردىنى تۆكەمدۇ؟  بالاتەگكۈر ئىشنى قىلغاندا نومۇس قىلمىغان ئادەم ياسىن لاۋبەنگە بۇنى دېيىشتىن  نومۇس قىلغىنى قىززىق...
    __ مۇشۇنداق مۆرىمەس ئادەمدىن قورقسا بولىدۇ...__ دېدى ياسىن غۇدۇرلاپ،__ ئىچىدىكىنى يا دېمىگەن، ئىشنى يا تۈزۈك قىلمىغان. ئوغۇل بالا دېگەن جان چىقىپ كەتسىمۇ جاڭ-جاڭ سۆزلەپ، ئەتىسى بىر پاي ئوقتا ئۆلسىمۇ تىك تۇرمامدۇ دەيمەن!  قويە سەندەك گۇينى...
    __ مۇشۇ يېقىندىن تولا چارچايدىغان بولۇپ قالدىم... مىجەزىم يوق،__ دېدى ھاشىم مىڭ تەستە ئېغىز ئېچىپ.
    __ كېچىسى نېمە ئىش قىلىسەن ئۇخلىماي!؟
    __ شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇخلىسام تولا يامان چۈش كۆرىمەن...
    __ قانداق چۈش كۆرىسەن؟
    ھاشىم بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرغاندا، بىر ياندا قاراپ تۇرغان بازمەنچى بالا گەپ قىستۇردى:
    __ بۇنىڭ دېگىنى راست ياسىنكا، نەچچە كۈن بولدى ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس. بەزىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ "سېرىق چاچ ئالۋاستى...!" دەپ ۋاقىراپ كېتىدۇ.
    __ ماڭەۋە...__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا گۈلىيىپ،__ ئۆزەڭ ۋاقىرىدىڭغۇ!
    ياسىن ئۇ ئىككىسىگە قاراپ، ساۋۇتنىڭ گېپىگە ئىشەندى.
    __ سېرىق چاچقا تولا قارىغاندىكىن چۈشۈڭدە كۆرسەڭمۇ كۆرگەنسەن!__ دېدى ياسىن ئۇنى نەق كەلتۈرۈپ،__ ئادەم نېمىنى تولا ئويلىسا شۇنى بەك چۈشەيدۇ.
    ھاشىم ئۆزىنىڭ سىرى ئاشكارىلىنىپ قالىدىغاندەك تەمتىرەپ كەتتى، ئەمما ياسىن لاۋبەننىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىغاچقا ئۆزىنى  دەررۇ ئوڭشىۋالدى، "سەنمۇ ئويلايسەن، سەنمۇ ئوينايسەن، ئۆزەڭمۇ قىلىپ تۇرۇپ مېنى نېمە ئەيبلەيسەن " دېدى ئىچىدە. ئاندىن بۇنى چىرايىدىكى مەغرۇرلۇق، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپادىلىدى.
    __ سېرىق چاچلىقلار بىلەن بىرەر ئىشىڭ يوقتۇ؟__ دېدى ياسىن لاۋبەن بولدى قىلماي.
    __ نېمە ئىش بولسۇن...__ دېدى ھاشىم جىلە بولۇپ ،__ قازان بېشىدىن بىردەم  ئايرىلغىلى بولمىسا...
    __ دېمەك، بىكار بولساڭ ئويناپ قويىدىكەنسەن-دە؟
    __ ئوينىساق ئوينارمىز، خوتۇن بولمىغاندىكىن...
    __ مۇنداق گەپ قىلىپ تۇرە-ھە، لېكىن ئوينايمەن دەپ ئۆزەڭگە ئىش تېپىۋالما!
    ھاشىم بۇ گەپتىن ئۇجۇقۇپ، ئۆزىگە ئاللىبۇرۇن ئىش تېپىۋالغاندەك قورقۇپ تىترەپ كەتتى، گەپمۇ قىلالمىدى.
    چۈشتىن كېيىنكى ئارام ئېلىشتا ھاشىمنىڭ كەيپى تېخىمۇ ئوساللاشتى، توختىماي ئۇھ تارتىپ، ئۈزمەي تاماكا چەكتى.
    __ ئۆزەڭنى دەپ مېنىمۇ ئۇخلاتمايۋاتىسەن ئاداش... __ دېدى ساۋۇت بىزار بولۇپ،__  دەردىم بار دەپ چېكىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس تاماكا دېگەن.
    __ قانداق قىلىمەن ئەمىسە... ئىچىم غەزەپ سىقىلىپ تۇرىدۇ، چەكمىسەم ئوڭشالمايمەن.
    __ ياسىنكامغا دېمىگەن گېپىڭنى ماڭا دېسەڭ بولمامدۇ؟
    __ نېمىنى دەيمەن، دېگۈدەك گەپ يوق.
    __ سېنىڭ بۇ نەچچە كۈندىكى ھالىڭ ماڭىمۇ تەسىر قىلغان چېغى، مەنمۇ يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن قارا.
    __ نېمە چۈش كۆرۈپسەن؟
    __ دېسەم كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ؟
    __ ۋاي دەۋەرگىن، چۈش دېگەنگىمۇ ئىشىنىپ ئولتۇرامدىمەن؟
    __ راست، بۇ دېگەن چۈشقۇ، ئەمىسە دەۋەردىم، چۈشۈمدە سېنى مۇشۇ كارىۋىتىڭدا كۆرۈپتىمەن، قارىسام ئورۇقلاپ ئىسكىلىت شاھ بولۇپ قاپسەن. بۇ ئاداشقا نېمە كېسەل تەگكەندۇ دەيمىشمەن... قېشىڭغا كەپتىمەن، كۆزلىرىڭ قارىداپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكۈدەك،  ماڭا بىر قارىغانىدىڭ، قورقۇپ كەتتىم. مەندىن تاماكا سورىدىڭ، تالادىن ئېلىپ كىرەي دەپ مېڭىپتىمەن، يولغا چىقسام ساتراچخانىنىڭ مايماقلىرى تالاغا چىقىۋاپتۇ، يۈز-كۆزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋاپتۇ، ھەممە يېرى يالىڭاچ،  پەقەت شۇ يېرىگە بىر لاتىنى تارتىۋاپتۇ، مەن چىقىشىم بىلەنلا ئۇلار مېنى قوغلىدى، قېچىۋاتىمەن، قوغلاۋاتىدۇ، قېچىۋاتىمەن، كەينىمگە قارىسام يەنە قوغلاۋاتىدۇ...  قانداق بولدى،  بىر چاغدا قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
    ھاشىم ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قالدى، كۆيۈپ بولالمىغان تاماكىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئەيدىز كېسىلى بولغانلارنىڭ ئاخىرىدا ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى، ئىسكىلىت شاھ دېگىنى شۇ ئەمەسمۇ؟ ساۋۇت دېگەن بۇ قوڭالتاق ھېچ نېمىنى ئۇقمايدىغان تۇرسا، نېمەدەپ بۇنداق چۈشنى كۆرىدۇ؟ بۇ بىر يامان بېشارەتنىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟!
    __ نېمە بولدى؟ __ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران بولۇپ،__ چۈش دېگەن يالغان نېمىغۇ ، قورققىدەك بىر ئىش بولدىما؟
    __ ھېجىقىزدەك چۈش كۆرۈپسەن،__ دېدى ھاشىم توساتتىن ئاچچىقلاپ،__ مېنى ئۇنداق چۈشەپ يۈرگىچە، ئۆزەڭنى چۈشىسەڭ بولمامدۇ؟
    __ كىم ھېجىقىزكەن!__ دېدى ساۋۇت تېرىكىپ،__ ئۆزى دېگەن گەپكە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان سەندەك گۇي ھېجىقىز بولىدۇ .
    سەپرايى ئۆرلەپ، بوغۇلۇپ ئاران تۇرغان ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەنلا ساۋۇتنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى:
    __  ئەجەپ نوچىغۇ سەن...
    __ قولۇڭنى شىلتىمەي گەپ قىل، ھېلى بىكا
    __  بولمىسا  قانداق قىلاتتىڭ؟
    __ رەسمى ساراڭ بوپتۇ ما گۇي...__ دېدى ساۋۇت كۆزىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ.
    __ نېمە دېدىڭ؟ يەنە بىر دېگىنە!
    __ ۋاي يوقالغىنە جۇگۇ كۆزۈمدىن...
    __ ئاناڭنىڭ قېشىغا يوقىلىمەنمۇ؟
    __ ئاچاڭنىڭ قېشىغا يوقالساڭمۇ يوقال.
    نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىگە قوقاق سېلىپ، دەردى ئىچىگە سىغماي يۈرگەن ھاشىم غالجىر كېسىلى بولۇپ قالغان كالىدەك پۇشۇلداپ، ساۋۇتنىڭ كانىيىغا ئېسىلدى. ئىككەيلەن بىر دەمدىلا گۈلدۈر-غالاپ قىلىپ مۇشتلىشىپ كەتتى. ساۋۇت يەنىلا يامان چىقتى،  بازمەن سوزۇپ كۈچلىنىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ھاشىمنىڭ گېلىنى سىقىپ تامغا نىقتاپ قويدى. بىچارە بايقۇش  ئۆزىنى سېرىق چاچنىڭ ئۈستىدە ئېيىقتەك كۈچلۈك ھېس قىلغانىدى، مانا ئەمدى ساۋۇتنىڭ قولىدا مۈشۈكتەك ئېسىلىپ قالدى.  
    __ سىقە، سىقىپ ئۆلتۈرۈۋەت!__ دېدى ئۇ  خۇددى راست دەۋاتقاندەك چىڭقىلىپ.
    __  ماڭەۋە ساراڭ گۇي،__ دېدى ساۋۇت ئۇنى قويۇۋېتىپ،__ بەك ئۆلگۈڭ كەلسە خىروئىن چەك، بولمىسا ساتراشخانىغا كىرىپ ئويناپ چىق...
    ھاشىم تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئاندىن كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتى، يەنە شۇ گەپ، يەنە شۇ قورقۇنچلۇق خىيال، قاباھەتلىك چۈش...
    جېدەل تۈگىگەندە ياسىن كىرىپ كەلدى:
    __ نېمە  تاراق-تۇرۇق؟ سوقۇشتۇڭلارما؟
    __ ياق،__ دېدى ساۋۇت ھېچ ئىش بولمىغاندەك،__ يالغاندىن ئېتىشىپ باقتۇق.
    __ كۆتۈڭلارنى قىسىڭلار، جېدەلدىن ياخشىلىق چىقمايدۇ. بۈگۈن بىر-بىرىڭلارغا  مۇشت كۆتۈرسەڭلار، ئەتە قولۇڭلارغا پالتا-پىچاق چىقىپ قالىدۇ.
    ياسىن بېشىنى كۆتۈرمەي ياتقان ھاشىمغا قاراپ  ئەنسىرىدى:
    __ نېمە بولدۇڭ دۈگىلەك،  بىرەر يېرىڭ ئاغرىمدۇ؟
    __ ياق...__ دېدى ھاشىم ھالسىز، پەرۋاسىز.
    __ دوختۇر تېپىپ بېرەمدۇق يا خوتۇن تېپىپ بېرەمدۇق ...
    ياسىنغا قاراپ ساۋۇتنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە ياماشتى:
    __ دوختۇر خوتۇندىن بىرنى تاپسىلا ئىش پۈتىدىغۇ...
    __ كۆڭلۈڭدىكىنى دەۋاتىسەن-ھە، سەن گۇيمۇ بوش ئەمەس.
    ياسىن ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئاشخانىغا چىقتى، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلاپ ئىچى پۇشتى. خوتۇنى كەتكەندىن بېرى ئاشخانىنىڭ ئىشى تازا يۈرۈشمەيۋاتاتتى؛ ھاشىمنىڭ ھۈنەردە ناچارلىشىپ كېتىشى سودىنى چېكىندۈرۈۋەتتى،  جوزا-ئورۇندۇقلار كونىراپ ئاجرىغىلى تۇردى...  كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق، ياسىن كۈتكۈچىلىك قىلسا كاۋابدانغا قارايدىغان ئادەم يوق.  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-10 01:12 AM |
    MTV ~~MTV
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ياسىن ئولتۇرۇپ-ئولتۇرۇپ يالغۇزلۇقتىن ئىچى سىقىلىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلدى:
    __ بارمۇسەن ئاكا، بۈگۈن بىكارمۇ؟
    __ بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز بولسۇن ئۇكا، قانداق، بىرەر ئىش بارما؟
    __ ئىش بولمىسا تېلېفون قىلمايدىغان گەپما؟
    __ شۇ ئەمەسمۇ، ئىش بولمىسا تېلېفون قىلمايتتىڭ، ئادەمگە ئانچە يېپىشمايتتىڭ...
    __ يوق گەپ قىلما ئاكاۋا، كۆرۈشمىگەن بىلەن ئويلاپ تۇرىمىز،  بۇ يەردە سەندىن باشقا مەن ئارىلىشىدىغان كىم بار؟
    __ بۇنى بىلىمەن، ھە يېقىننىڭياقى قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟  ئاشخاناڭنىڭ ئىشلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟
    __ شۇ ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى بولمامدۇ،  تۈزۈك سودا يوق دېگىنە ھازىر،  خوتۇن يۇرتقا كەتكەن، ما ھاشىم دېگەن گۇيغا نېمە بولدىكىن، تۈزۈك ئىشلىمەيۋاتىدۇ...
    __ ئۇنداقتا كېلە، تۈزۈك پاراڭلىشايلى.
    ياسىنمۇ دەل شۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغانىدى، تاكسى توسۇپ غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا ماڭدى، كەيپى چاغ ئىدى، كېتىپ بېرىپ ئۆتكەنكى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشنى ئەسلىدى، جانغا ئارام گۈزەللىك، شادلىق ئۇ يەردە ئىدى،  ئارامبەخش رېستۇران، چىرايلىق كۈتكۈچى قىزلار ئادەمنى زوقلاندۇراتتى. ياسىن تاكسىدىن چۈشۈپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، ئىچىگە تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى. رېستۇرانغا كىرمەي تۇرۇپ بۇ يەرنى تاماشا قىلدى؛ ھاياتلىق، گۈزەللىك، ئاۋاتلىق بۇ يەردە ئىدى، قويۇلۇۋاتقان شوخ، يېقىملىق مۇزىكىلار سىرتقا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رېستۇراننىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن قاچانلا قارىسا ئادەم ئۈزۈلمەيتتى.
    __ رېستۇرانغا كىرمەي بۇ يەردە تۇرۇپسەنغۇ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ،__ ئالدىمغا چىقسۇن دەپسەن-دە!
    __ چىقساڭ بولىۋېرىدۇ ئاكا، بىزمۇ زۇڭتوڭدىن قېلىشمايمىز،__ دېدى ياسىن كۈلۈپ.
    __ جۈرە، ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرايلى.
    غېنى شاڭجاڭ ياسىننى رېستۇرانغا باشلاپ كىردى، بۇ بىر ھۆرمەت ئىدى، ياسىن كۆڭلى سۆيۈنگەن ھالدا رېستۇراننىڭ ھەممە يېرىگە قاراپ ماڭدى، كېپىنەك قىزلارمۇ  تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنى قارشى ئالدى.
    __ بۈگۈن ئادەم جىق،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنى كىچىكرەك بىر ئايرىمخانىغا باشلاپ،__ ئازادە ئولتۇرايلى.
    غېنى شاڭجاڭنىڭ سەي بىلەن ھاراققا سىڭىپ كەتكەن كۆڭلى ياسىننى تەسىرلەندۈرۈشكە باشلىدى.
    __ ھەر كەلسەم مېنى چاندۇرۇپلا تۇرىسەن-دە ئاكا!
    __ ئۆزەڭ چانساڭمۇ ماڭا دەمسەن؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قىزىقچىلىق قىلىپ،__ مەندىن چوڭراق لاۋبەن بولغاندا چانمايدىغان بولىسەن...  
    __ دېگىنىڭ كەلسۇن ئاكا، لېكىن ھازىر بۇ لاۋبەنلىكتىنمۇ چاتاق چىقىۋاتىدۇ.
    __ ئۇنداق ئويلىما، ئاشخانا دېگەن ئاسانلىقچە زىيىنىغا ماڭمايدۇ.
    __ لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسەك، زىيان چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
    __ خوتۇنۇڭ نېمىشقا كەتتى؟
    __ ئانىسى ئېغىر يېتىپ قاپتۇ.
    __ قاچان كېلىدۇ؟
    __ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
    __ خوتۇنۇڭنىڭ ئورنىدا كىم ئىشلەۋاتىدۇ؟
    __ كىم بىكار بولسا شۇ، ھازىر خېرىدار كۆپ ئەمەس،  ئىشمۇ جىق ئەمەس. تۈزۈك سودا يوق.  گەپ ئاساسلىقى ھاشىمدا، سەينى تۈزۈك قورىماي خېرىدارنى قاچۇرىۋاتىدۇ.
    __ نېمە بوپتۇ ئۇ گۇيغا؟
    __ نېمە بولدىكىن بىلمىدىم، قاچانلا قارىسا خام ياغ ئىچىۋالغاندەك چىرايىنى قورۇپ يۈرۈيدۇ، بۇرۇنقىدەك چاققان ئەمەس، قورىغان سەيلىرىنىڭ بىرسىمۇ تەملىك ئەمەس؛ قولىغا پاقا سىيىۋەتتىمىكىن دېسە، كۇلىدا پاقا يوق.
    __ ئۆزىدىن گەپ سوراپ باقمىدىڭما؟
    __ گەپ قىلدىم، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس دەيدۇ. كېچىسى قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايدىكەن. ساۋۇتنىڭ دېيىشىچە، چۈشىدە ساتراشخانىدىكى سېرىق چاچلارنى كۆرىدىكەن...
    __ ما ئىشنى كۆرۈڭ،  بۇنىڭدا بىر گەپ بار جۇمۇ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،__  سەن كۆرمەستە ئۇ يەرنى ماراپ يۈرمىگەندۇ-ھە؟
    __ مەنمۇ شۇنى ئويلاپ قالدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغىنىنى ھېچكىم كۆرمىگەن، ئاڭلاپمۇ باقمىغان.
    __ بۇنداق ئىشنى ئۇ كۆرسىتىپ قىلمايدۇ-دە، قىلاي دېسە پۇرسەت دېگەن چىقىدۇ. چۆنتىكىدە ئازراق بولسىمۇ پۇلى بار. لېكىن شۇنداق قىلدى دېگەندىمۇ، مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئۇ  ئۆزگىرىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟
    __ مەنمۇ شۇنى دەۋاتىمەن، ئۇ ئىچىدىكىنى پەقەت دېمەيۋاتىدۇ.
    __ مېنىڭچە بىر بولسا، ھاشىم شۇ سېرىق چاچلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتى، ئاندىن ئۇنى ئۇنتۇيالمىدى، ئويناي دېسە پۇلغا چىدىمايدۇ، ئوينىماي دېسە ئەسلى چىدىمايدۇ.  بىر بولسا، ھاشىم شۇ سېرىق چاچنى چۈشىدە كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ، ھوش-كاللىسىنى سەل يوقىتىپ قويدى. قاراپ باقارسەن، ئوڭشىلىپ قالار، ئوڭشالمىسا كوچىدىكى پالچىغا كۆرسىتىپ باقارسەن.
    __ شۇنداق قىلسام بولغۇدەك، ئۇنىڭغا قاراپ ئەنسىرەپ قالدىم...__ دېدى ياسىن ئېغىر ئويغا چۆكۈپ،__  باياتىن  ئىككىسى مەن خالادىن كىرىپ بولغىچە سوقۇشۇپتۇ. ساۋۇت ھاشىمغا باققاندا ئېغىر-بېسىق، كىشى بىلەن ئاسان ئۇرۇشمايدۇ، ئۇرۇشۇپ قالسا بوش قويمايدۇ. ھاشىمنى ئازراق تېيىلدۇرغان چېغىۋا، كىرسەم ئۇ بىچارە كېسەل تەگكەن چۆجىدەك ياتىدۇ. بىر ئىش بوپتۇ بۇنىڭغا دەپ ئويلىدىم.
    __ ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىپ، ئىپادىسىگە قاراپ باق. مېنىڭچە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. مېنىڭ رېستۇرانىمدا ئىشلىگەن بولسا كۈندە مۇشۇ قىزلارغا قاراپ،  كۈلكە- پاراڭ قىلىشىپ تۈزىلىپ قالاتتى. ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ، ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قىزلارنى كۆرگىسى كېلىدۇ. قىزلارنى كۆرەلمىسە ساتراچخانىنىڭ بۇزۇقلىرىغا كۆز تىكىدۇ؛ كۈنبويى ئاشخاناڭدىن چىقماي ئىشلەۋەرسە ئىتتەك زېرىكىپ، بىر-بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ ئوينايدۇ!  ئۆتكەندە دېگەنىتىم، بىر قىز بېرەي، ئاپىرىپ ئىشلەت دەپ. نېمە دەپ چۈشەندىڭ، ئۇقمىدىم، ياخشى كۆڭلۈمنى رەت قىلدىڭ.
    __ ئۇنداق ئەمەستى، خوتۇن بولغاندىكىن، يېتىشىپ كېتەر دېگەن.
    __ خوتۇنۇڭنى ئۆيۈڭدىمۇ، ئاشخانىدىمۇ ئىشلىتىپ قېرىتىپ قانداق قىلىسەن؟ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىغا قارىسا بولمامدۇ؟
    __  ئۇنىمايدۇ، بىر دەم بىكار ئولتۇرۇپ قالسا چىدىمايدۇ.
    __ ھەي... نېمە قىلىدۇ دەيمەن ئۇنچە قىينىلىپ!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئېچىنغاندەك،__ خوتۇن كىشى دېگەن ئۆيىدە ئېرىنى كۈتۈپ، بالىسىنى باقسىلا بولدى. ئېرى تۇر دېگەن يەردە تۇرۇشى كېرەك. گېپىڭگە ئۇنىمىسا، دېمەك ئۇنى سەن تېخى باشقۇرۇپ بولالماپسەن.
    __  خوتۇننى باش ئەگدۈرىمىز دەپ بولغىچە قېرىپ كېتىمىز ئاكا، شۇڭا ئۆزەمنى زورلىمىدىم.
    __ زورلىمايسەن، قايىل قىلىسەن، خوتۇنۇڭ ئەقىللىقكەن، بىر ياقتىن ئىشلىگەچ ، بىر ياقتىن سېنى كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.
    __ گەپنىڭ راستىنى دېسەم بارغۇ ئاكا، مەنمۇ مۇشۇ ئىشتىن بىزار بولۇپ كەتتىم.
    __ ئەمىسە مەن دېگەندەك قىلساڭ بولمامدۇ؟ بۇنىمۇ يا خوتۇنۇڭنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەكمۇ؟  
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-11 08:43 PMدە ق ]
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-10 11:46 PM |
    Diyarimda Noruz
    muhterjan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 280 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 577(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    ـــ سەنزە مېنى خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەپ ئويلايدىكەنسەن-دە، ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇ خوتۇننى مىڭ تەستە كۆيۈپ پىشىپ ئالغان، مۇشۇ ۋاققىچە كۆڭلىنى رەنجىتمەي كەلدىم، كۆڭلىنى رەنجىتمەي دېسەڭ شۇ كۆزىگە قاراپ قالىدىكەنسەن. لېكىن بۇنى خوتۇندىن قورقۇش دەپ چۈشەنسەڭ بولمايدۇ.
    ــــ بۇنى بىلىمەن، لېكىن خوتۇن خەقنىڭ كۆزىگە بەك قاراپ كەتسەڭ ئۆزەڭ ھېچ ئىش قىلالمايسەن. بەزى خوتۇنلارغۇ ئېرىنىڭ بوينىغا مىنىمەنلا دەپ تۇرىدۇ.
    ــــ خوتۇنۇم ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ ئاغزىمغا بەكرەك قارايدۇ، بەزىدە مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويىمەن. بىر يېرى، كۆڭلى بەك نازۇك، مېنى ئۆزىنىڭلا قىلىۋالغۇسى بار، بۇنىمۇ مېنىڭچە يامان ئىش دېگىلى بولمايدۇ، خوتۇن كىشى ئەمەسمۇ، ئانچە-مۇنچە خۇيلىنىپ تۇرمىسا مېنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ.  
    ــــ ئۇنداقتا خوتۇنۇڭ ساڭا بەكلا ئامراقكەن، لېكىن بۇ ئامراقلىق بەك ئېشىپ كەتسە كۈنلەمچى بولۇپ قالىدۇ. خوتۇن كىشىدىن كۈنلىسىغۇ مەيلى، قارىسام مەندىنمۇ كۈنلەۋاتقاندەك قىلىدۇ... بۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن، ئۆتكەندە قېشىڭغا بارغاندا ماڭا باشقىچىلا قاراپ قالدى، مېنى ياقتۇرمىدى. سېنى مەندىن قىزغىنىپ قالدى بولغاي، قاپىقى زادى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەچچە قېتىم يېنىڭغا باراي دېدىم، لېكىن شۇنى ئويلاپ بارغۇم كەلمىدى...
    ــــ بۇ نېمە گەپ ئەمدى، خوتۇنۇمدىن ئۆتە نازۇك بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە ئاكاۋا...
    ــــ ساڭا دەپ قوياي دېدىم، خوتۇن كىشى دېگەن ئېرىنى ياخشى كۆرسە، ئېرىنىڭ دوستلىرىنى ئۇنداق قارشى ئالمايدۇ.
    ــــ مەن پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن، ـــ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىزلىنىپ،ــــ بېيجىڭدىكى چاغدا كەلسە-كەلمەس ئاغىنىلەر تولا بىزار قىلىۋەتكەچكە، خوتۇنۇم شۇنىڭ كاشىلىدىن قۇتۇلالمىغان گەپ.
    ــــ بىز كەلسە-كەلمەس ئاغىنىلەر ئەمەس ئۇكا، بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ۋاي دېگۈدەك كىم بار؟
    ــــ راست دەيسەن ئاكا، خوتۇن خەق بەزىدە ھەممە ئىشنى بىر قىلىپ ئويلىۋالىدۇ. ماڭا دەپ قويغىنىڭ ياخشى بولدى، كېيىن بۇ ئىشنى ئۆزەم ئوڭشىۋالىمەن.
    ــــ ئوڭشىۋالىمەن دەپ بۇزۇپ قويما، مېنى دېدى دېمەي، ئۆزەڭ چىرايلىق گەپ قىلىپ تەربىيە قىل.
    ــــ ئۇنچىلىك ئىشنى بىزمۇ بىلىمىز اۋاي، ئەجەپ زىغىرلاپ كەتتىڭ. خوتۇنۇمدىن مەن ئەمەس، سەن قورقۇپ كېتىپ بارامسەن نېمە؟
    ــــ ياق ئەمدى دەيمىنا، خوتۇنۇڭغا ئامراق بولغاندىكىن، ھەممە گەپنى دەۋېتىپ قالىسەن.
    ياسىننىڭ خوتۇنىنىڭ گېپى چىققاندىن باشلاپ غېنى شاڭجاڭنىڭ چىرايىدا جىددىيلىك، ئەستايىدىللىق پەيدا بولۇپ، بايىقى قىزغىنلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. بۇنىڭدىن ياسىننىڭ ئىچى سىقىلىپ، گەپنى بالدۇرراق يىغىشتۇرۇشقا ئالدىرىدى:
    ــــ ھەممىنى دېسەممۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى چىقارمايمەن، بۇ گەپ ئەمدى تۈگىسۇن، ھارىقىمىزنى ئىچەيلى...
    ـــ ئەمدى رەسمى گەپكە كېلەيلى ،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىدىن بىر تال سۇغۇرۇپ،ـــ مېنى ئاشخاناڭنىڭ ئىشىغا مەسلىھەت بېرەمدىكىن دەپ كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
    ــــ راست دەيسەن، سەن كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبەڭ بار، ياخشى مەسلىھەتلىرىڭ بولسا بەرگىن.
    ــــ مەن ساڭا مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىمەنغۇ، دېگەنلىرىمنى خوتۇنىڭدىن قورقۇپ قىلمىساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟
    ــــ جېدىلىڭ خوتۇنۇمدا قالدىغۇ ئاكاۋا، مېنى شۇنچە سايىماخۇن كۆرۈپ قالدىڭما؟
    ــــ ئەمىسە گېپىمنى ئاڭلا، بىر قىزنى بېرەي، كۈتكۈچىلىككە سال، خوتۇنۇڭنى ئازاد قىل، ئىشلەمچى تازلارنىڭ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈر، ئاشخاناڭ گەپ يوق مېڭىپ كېتىدۇ.
    ياسىن بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
    ــــ مەن دېمىدىممۇ، سېنىڭ زادى پىيىزىڭ گىچ-گىچ، بۇنداق ئولتۇرساڭ ئوقەتتىن زىيان تارتىسەن، ئەر كىشى دېگەن بولىدىغان-بولمايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قارار قىلىپ، ئىشنى غاچ-غاچ قىلمامدۇ؟ مەن ساڭا يامان مەسلىھەت بەردىممۇ يا؟
    ــــ ياقەي، مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان.

    ــــ ئەمىسە شۇنداق قىلمامسەن؟!  ئوقەت دېگەن ئادەم بىلەن بولىدۇ. ئاشخاناڭغا يوغان ۋېۋىسكىنى قاتۇرۇپ ئېسىپ قويغان بىلەن ئىچىنى بېزىمىسەڭ، تاماقنى ياخشى ئەتمىسەڭ، كۈتكۈچىلىكنى ياخشى قىلمىساڭ، سوداڭ ئۆلىدۇ شۇ...
    ــــ توغرا دەيسەن، ئاشخانىنىڭ ئىچىمۇ ھازىر سەتلىشىپ كەتتى، ئورۇندۇقلىرىمۇ ئاجرىغىلى تۇردى، بۇنىغۇ ئالماشتۇرارمەن، لېكىن بېزەيدىغان ئىشنى پۇل تاپقاندا قىلمىسام، ھازىرچە قىينىلىپ قالىمەن.
    ـــ شۇڭا دەۋاتىمەنغۇ، ئاۋۋال قىلالايدىغىنىڭنى قىلىپ پۇل تاپ، ئاندىن قالغىنىنى ئوڭشىمامسەن؟
    ــــ شۇنداق قىلمىسام بولمىغۇدەك.
    ــــ ئاشخاناڭغا بىر قىزنى ئەكىرسەڭ، ئا ئىككى تازمۇ ساتراشخانىغا قارىماي، ئاشخانىغا قارايدىغان بولىدۇ؛ قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كېلىپ،  بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوبدان ئىشلەيدىغان بولىدۇ.
    ــــ ئىشتىن چاتاق چىقىرىپ قويماس ئۇ گۇيلار...
    ــــ سەن باشلاپ بەرمىسەڭ، چاتاق چىقارمايدۇ،ـــ غېنى شاڭجاڭ چاقچاق قىلىپ.
    ــــ سەنمۇ ئۆزىنى چىڭراق تۇتىدىغان قىزنى تونۇشتۇرارسەن!ـــ دېدى ياسىن قىزغىنلىق بىلەن كۈلۈپ، ـــ خوتۇنۇم كەلسە ئىككى كۈندىلا ھەيدەپ چىقارمىسۇن.
    ــــ شۇ خوتۇنىڭدىن ئەجەپ قورقىسەن-ھە... يولدىن چىقما، خاندىن قورقما، نېمىدىن ئەنسىرەيسەن؟  بىزنىڭ قىزلاردا چاتاق يوق ، تولىسى ئوقۇغان، تەربىيە كۆرگەن قىزلار. مەن ساڭا ئەڭ ياخشىسىنى تونۇشتۇرىمەن.
    ــــ كىمنى بېرىسەن ئاكا، ماڭا نايناقلاپ يۈرىدىغان ئەمەس، تۈزۈك ئىشلەيدىغان قىز كېرەك.
    ــــ دەپ قويسام ئېشىۋالدىڭغۇ ئەمدى، رېستۇرانىمنى قىز تاللايدىغان تاللا بازىرى دەپ قالدىڭمۇ؟ قارا بۇنى، خۇددى ماڭا قىز تېپىشىپ بەرگەندەك گەپ قىلىۋاتقىنىنى، مەن بۇ قىزلارنى تەستە ئەكەلگەن جۇمۇ!
    ــــ بۇنى بىلىمەن، ئىش-ئوقىتىم ئېقىپ قالسا سېنى رازى قىلىمەن.
    ــــ مېنى ئەمەس، شۇ قىزنى رازى قىلساڭلا بولدى،  ئىش ھەققىنى ئازراق يۇقىرى بەرمىسەڭ بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاشخاناڭغا بېرىشنى كىم خالايدۇ، بۇنى تېخى بىلمەيمەن.
    ــــ لاۋبەن سەن، سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب، بولمىسا مەن ھېچكىمنى زورلىيالمايمەن.
    ــــ مەن دېسەمغۇ ھېچكىم ياق دېيەلمەيدۇ، لېكىن شۇ كۆڭلىنى ئاياپ قالىدىكەنمىز، كىچىك قىزلار ئەمەسمۇ...
    ــــ ياخشىراق دېمەمسەن، بىزنىڭ ئاشخانا قورققىدەك يەرمىدى يا؟
    ـــ ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس، قىزلار يالغۇز ئىشلەشتىن قورقىدۇ.
    ـــ ئىككىنى بېرەي دېمەيدىغانسەن؟ ئاشۇ بىرسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ،  خوتۇنۇم كەلسە قورقمايدىغان بولىدۇ،ـــ دېدى ياسىن بۇ گەپكە ئۆزىنىڭ ئانچە ئىشەنچى يوقتەك.  
    ـــ ئۇنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، گاھىدا خوتۇن خەق خوتۇن خەقتىن بەك قورقىدۇ.
    ـــ شۇڭا مەن باش ئاغرىقى تېپىۋالماي دېگەن، ئۇ قىز بارسا نەدە تۇرىدۇ؟ ياتىدىغان يەرنىڭمۇ تايىنى يوق دېگىنە ئاكا...
    ـــ مەشەدىكى قىزلار بىلەن تۇرسا بولىۋېرىدۇ، ئاپتوبۇستا بېرىپ كەلسۇن. كەچتە بۇرۇنراق ئىشتىن چۈشسە بولىدۇ.
    ـــ ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ مەن چىقىرامدىمەن؟
    ـــ مەن چىقىراي،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تەنە قىلىۋاتقاندەك،ـــ شۇنىڭغىمۇ چۈپەيلىك قىلىپ يۈرسەڭ، ھېلىمۇ لاۋبەن بولۇپ قالغىنىڭ. قارىغاندا خوتۇنۇڭ ھېساباتنىمۇ چىڭ تۇتىدىكەن-دە!
    ياسىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ نەق ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىپ گەپتە سوقۇۋاتاتتى.
    ــــ ئاغزىڭ يەنە ئېچىلدى-دە، بوپتۇ مەن چۈپەي بولغاچ تۇراي، ئەمما خوتۇنىدىن قورقىدۇ دېگەن گەپنى ئىككىنچى قىلما ئاكا، مەنمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ئادەم.
    ــــ خاپا بولما ئۇكا، چېقىشىپ دەپ قويدۇم، مەن ساڭا ئىشىنىپ ئەركەكتەك دوست تۇتتۇم دېمىسەم، نېمە قىلىمەن بۇ يەردە سەن بىلەن ئىچىشىپ.
    ياسىننىڭ كۆڭلى سەل ئېچىلىپ، ئالدىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋەتتى.
    ــــ گېپىمىزنىڭ داۋامىغا كېلەيلى،ــــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ ئەكسىگە يانغان چىرايىغا زەن سالغاچ،ـــ  بىزنىڭ قىزلارنىمۇ بىرەر قۇر كۆردۈڭ، كۆڭلۈڭگە ياققىنى بارمۇ؟
    كېپىنەك قىزلار شۇ ھامان ياسىننىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، خىيالىدا ھەممىسىنى بىرمۇ بىر باھالاپ چىقتى. ئېسىدە قالغىنى يەنىلا شۇ قىز، تانسا ئوينىغاندا ئۇنىڭ يۇمشاق پۇتىغا نەچچە قېتىم دەسسىۋالغانىدى.
    ــــ مەن قىزلىرىڭغا كۆز سېلىپ باھالاپ يۈرمىدىم ئاكا، ئۆزەڭ بىلىپلا بىرنى تونۇشتۇرمامسەن؟
    ياسىن بۇنداق دېگەن بىلەن، كۆڭلى ئاشۇ قىزغا تارتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ قىز باشقا قىزلارغا باققاندا چىرايلىق ئىدى، بېرىشقا ئۇنامدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. كۈتۈلمىگەندە غېنى شاڭجاڭ نەق ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تاپتى:
    ــــ ھېلىقى ئولتۇرۇشتا سەن بىلەن تانسا ئوينىغان قىز بولامدۇ؟
    ياسىننىڭ ئىچى ھاراقتىنمۇ، يا بۇ گەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر قىززىپ كەتتى.
    ــــ ئاشۇ قىزنى دەمسەن ئاكا، سەن بولىدۇ دېسەڭ بولىدۇ. مەنچىمۇ بولىدىغان قىزدەك كۆرۈنگەن.
    غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى سۇس ھاياجان ۋە مەستانلىقنى بايقاپ ئۈلگۈردى.
    ــــ ئەمىسە، شۇ قىز بولسۇن، مەن ئەتىلا ئىشنى توغرىلاپ، ئۇنى قېشىڭغا ئېلىپ باراي.
    ــــ بۇنىڭغىمۇ سېنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ئاكا، ئاۋۋال ئۇ قىزنى قايىل قىلمىساڭ بولماس.
    ــــ قايىل قىلىمەن، لاۋبەننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئەسنەپ،ـــ  كېتىمەن، ئىشلىمەيمەن دېسە چىرايلىق يولغا سېلىپ قويىمەن.
    ــــ سەن دېسەڭ، ئۇ قىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتسە ئاندىن مەن كېلىپ ئەكەتسەم بولاتتى.
    ــــ ئۇنداق قىلساقمۇ مەيلى، ئەمما بەك كېچىكىپ كەتمىسۇن. ئاشخاناڭدا بىر كۈن سودا بولسا، بىر كۈن پايدا دېگەن گەپ.
    ئىككەيلەن ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، بىردەم سوقا-سۆھبەت قىلىپلا بىر قىزنىڭ ئەتە-ئۆگۈن ماڭىدىغان يولىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. غېنى شاڭجاڭمۇ، ياسىنمۇ ئېسىل بىر ئىشنى ھەل قىلىۋەتكەندەك خۇشال ئىدى. ياسىن ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا خوشلىشىپ ماڭدى، رېستۇراندىن چىقىپ كېتىۋېتىپ بايا گېپىنى قىلىشقان قىزنى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئۇياق-بۇياققا قارىدى، كۆرەلمىدى.      
    [ بۇ يازما muhterjan تەرپىدىن2009-03-11 08:41 PMدە ق ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 10:52 AM |
    MTV ~~MTV
    taxna114
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 39168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 105 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

    ھەي  ئەر كىشى  دىگەن ،بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-11 03:41 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.068591(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 03-26 10:51
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号