چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 855 قېتىم كۆرۈلدى
tayanqimbar
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29270
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 383
شۆھرەت: 587 نۇمۇر
پۇل: 2081 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

 «دىيارىم» مۇنبىرىگە تويلۇق سوۋغات!!!

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2009-02-12)دە نادىرلاندى
«دىيارىم»مۇنبىرىگە تويلۇق سوۋغات!!!


                                    (دىيارىم تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىغا بېغىشلايمەن)


        تېما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى:بۇ ماقالىنى 2008-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پۈتتۈرگەن بولساممۇ،لېكىن،ئۇ چاغدا دىيارىم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق كەمىرىنى باغلاش نۇتىقىنى ئېلان قىلىپ قويغان ۋاقتىم بولغاچقا،قىسمەن تورداشلارنىڭ توغرا ھەزىم قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ،مۇنبەرگە يوللىماي تۇرغانتىم.ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ........بۇ جەرياندا توتېم،گۈزەل3.8 قاتارلىق بىر قىسىم تورداشلار مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن قىسمەن پىكىرلەرنى بېرىپ ئۆتكەن بولدى،تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئورخۇن36«ئاھ،مۇنبەر»ناملىق تېمىسىدا يازمامدا ئىشلەتكەن بىر ماقالىنى مەندىن چاققان ئىشلىتىپ،مۇنبەرگىمۇ يوللاپ ئۈلگۈرۈپتۇ........مەن كۈن ئۆتكەنسىرى ماقالەمنىڭ ئىجادىيلىق قىممىتىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم،ئاخىرى تاقەتنىڭ سەۋرى توشۇپ،ماقالەمنى ئۆز پىلانىمدىن بالدۇرلا يوللىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
        مەن مۇنبەرنىڭ بىر يىللىق ئەزاسى،يازغانلىرىمغا بىر يىللىق كەچۈرمىشلىرىمدىن خۇلاسىلەنگەن چۈشەنچىلىرىمنىڭ تامغىسى بېسىلغان.شۇڭا،تورداشلارنىڭ ئارتۇق-كەم كەتكەن يەرلىرىگە تەنقىدىي يۇسۇندا قاراپ،تېمامنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنكاسلار ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!



                                      «دىيارىم»مۇنبىرىدىكى ساياھىتىم ۋە تىجارىتىم


        مەن تور دۇنياسىغا قەدەم قويمىغان ۋاقىتلاردىلا تور مەستانىلىرىدىن«دىيارىم»مۇنبىرى ھەققىدە ئاڭلاپ كەلگەچكە،كومپيۇتېرىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاچقان تۇنجى مۇنبىرىم«دىيارىم»مۇنبىرى بولغان ئىدى.بىرەر ئايغا يېقىن ۋاقىت مېھمان تەرىقىسىدە زىيارەت قىلغان بولۇپتىمەن.ئەمەلىي كۈزىتىشىمدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى،ئەل ئاغزىغا چىققان بۇ مۇنبەر ئەزا سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنلا ئەمەس،بەلكى،باشقا جەھەتلەردىكى قىسمەن ئەۋزەللىكلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ كۆزنەك مۇنبىرى بولۇشقا لايىق ئىكەن.....مانا مۇشۇ خىل جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئۆزىگە تارتىشى بىلەن مەن 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە كەلگەندىلا،ئاندىن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تىزىملاتتىم.تىزىملاتتىم،تىزىملاتقىنىمنى بىلىمەن،ئېچىرقاپ كەتكەن ئاچ بۆرىدەك ئۆز ئۆزۈمگە«يوللا»دېسەم،« يوللا»دەپ تېما ۋە ئىنكاس دېگەننى پىقىرتىۋەتكەن بولدۇم.ئەلۋەتتە،يوللىغانلىرىمنىڭ سان ۋە سۈپىتىگە،مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىكىگە،ئىملا جەھەتتىكى توغرىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم.بۇ تېما،ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقىتلار،قىلىشقا تىگىشلىك زۆرۈر ئىشلار«دىيارىم»مۇنبىرىگە باغلانغان ئىشتىياقىمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بولدى.«خەلپىتىم كۈلمەيدۇ،كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ»دېگەندەك بىر چاغلاردا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلمەيدىغان مەندەك بىر«بەغەرەز»ئەمدىلىكتە تور دۇنياسىنىڭ،گەپنىڭ تېخىمۇ ئېنىقىنى ئېيتقاندا«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ مەجنۇنلارچە پەرۋانىسىگە ئايلانغان ئىدىم........
يوللىغان يازمىلارنىڭ كۆپلۈكى شۇنداقلا مۇنبەر ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلىدىنمۇ،ئەيتاۋۇر،ھەش-پەش دېگۈچىلا«ئالىي ئەزا»لىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم،ئالىي ئەزا بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى بۇ مۇنبەرنىڭ ساناقلىق ئەزالىرى قاتارىغا قويۇپ دەڭسەشكە باشلىدىم ھەمدە ئۆزۈمگە خاس مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چىڭىتتىم.چۈنكى،مېنىڭ نەزەرىمدىكى«دىيارىم»مۇنبىرى مېنىڭ دۇنيا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش،ماتېرىيال كۆرۈش،ئويلىغانلىرىمنى تېما ۋە ئىنكاس شەكلىدە يوللاش،تورداشلار بىلەن مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ،تەپەككۈرۈمنى چېنىقتۇرۇش سەھنەملا بولۇپلا قالماي،يەنە شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىلىدىغان بارلىق مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئەقىلغا مۇۋاپىق ھالدا جانلىق  پىكىرلىشىدىغان،ئەقىل سىنىشىدىغان تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرنىڭ روھىنى،ساپاسىنى نامايان قىلىدىغان ئالاھىدە بىر كۆزنەك ئىدى.مانا مۇشۇ خىل تەلەپچانلىق روھ ماڭا نىسبەتەن مۇنبەر ئالدىدا نېمىنى يېزىپ،نېمىنى يازماسلىق توغرىسىدا ئۆلچەملىك  بىر قىلىپ بېكىتىپ بەرمەكچى بولدى ھەم بېكىتىپ بەردى........لېكىن،ئىنسانكەنمىز،بەزىدە قوي كەبى ياۋاشلىشىپ چەمبىرەكتىن چىقماي ياشايدىكەنمىز،بەزىدە ئارغىماق كەبى ئاساۋلىشىپ،ھەممىنى بۇزۇپ ئۆزىمىزنى كەڭ دالىلارغا ئاتقىمىز كېلىدىكەن...شۇڭا مەنمۇ بۇ جەرياندا بەزىدە پىشقان پەيلاسوپلارچە،بەزىدە  دۇنيادىن بىخەۋەر گۆدەكلەرچە،بەزىدە ئەقىلگە تولغان دانالارچە،بەزىدە ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەرچە،بەزىدە ئۆزىنى توختاتقان پېشقەدەملەرچە،بەزىدە كۆزلىرىدىن ياشلىق ھېسلىرى چاقناپ تۇرغان تەنتەكلەرچە يازمىلارنى يوللاپ تۇردۇم،بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەزى تورداشلارنى خۇش قىلدىم،بەزىلىرىنى رەنجىتتىم،بەزىلىرى بىلەن«تىللاشتىم»،بەزىلىرى بىلەن«مۇشتلاشتىم»،بەزىدە ئىنكاسلىرىم باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلدى،يەنە بەزىدە بولسا،«مۇنبەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ساغلام كەيپىيات ئۈچۈن»دەيدىغان شوئار بىلەن باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلدى........
        ئىشلار ئەنە شۇنداق دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر ئۆرلەپ،بىر پەسلەپ كېتىۋاتقان شۇ پەيتلەردە(2008-يىلى8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى)«دىيارىم»مۇنبىرىدە چوڭ بىر ئىسلاھات شامىلى كۆتۈرۈلدى،بارلىق تورداشلار تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن بۇ«شامال»نىڭ شەپىسىدىن ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغاچقا،دەسلەپ تېڭىرقاپ قىلىشتى،تورداشلار نەگە بېرىپ،نەدە تۇرۇشىنى بىلەلمەي قالدى،«كۆيگەندىن كۆنگەن يامان»دېگەندەك باشقا مۇنبەرلەر ئۆز قوينىغا چىللاپ تۇرۇۋاتسىمۇ،قەدەم يۆتكەش-يۆتكىمەسلىكىنى بىلەلمەي ئارىسالدىلىقتا قىلىشتى.....كېيىنچە بولسا ئىشلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن بولىۋاتقان بۇ قىسقا مەزگىللىك ئىسلاھاتتىن ياخشى ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ،كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىشتى...ئىسلاھات ئاخىرلىشاي دېگەندە تۇيۇقسىز«دىيارىم» ئوردىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندەك بىر ئىش بولدى،بۇ قېتىمقى مالىمانچىلىقتا بۇ يىل 4-ئايدىن تارتىپ 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا«دىيارىم»مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالارنىڭ«مال-مۈلكى»تۇرماق،ئەزالىرىنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئىدى.....بۇ«سىياسىي ئۆزگىرىش»تە مەنمۇ ھەم مېنىڭ بارلىق بىساتىممۇ«كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان»بولدى.....مەن بۇ چاغدا قولۇمدىن كېلىدىغىنى بويىچە بىر پارچە يازما يوللاپ(./read.php?tid=17329&fpage=0&toread=&page=1)،ئۆز كۆڭلۈمنى خۇش ئەتكەن بولدۇم-دە،يەنە قايتا دۇلدۇلۇمغا قامچا سېلىپ سەپىرىمگە يۈرۈپ كەتتىم........



               «دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئورنى توغرىسىدىكى چۈشەنچەم


        شۇنداق قىلىپ2008-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ«دىيارىم»مۇنبىرىدە يەنە قايتا ئىگىلىك تىكلەپ،ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشقا باشلىدىم،تۇر دۇنياسىدىكى ئېھتىياجىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،«چەتئەللەر»گىمۇ ساياھەت قىلغاچ تۇردۇم،بولۇپمۇ 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەزا بولۇپ قويۇپ،بەش ئاي يازما يوللاپ باقمىغان«شەبنەم»مۇنبىرى  بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.بۇ خىل چۈشىنىش پۇرسىتى مېنى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئالدىنى رېتىدە ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئىككى مۇنبەرنى مەلۇم دەرىجىدە سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.....بۇرۇن«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ تىزىملاتقان ئەزا سانى«شەبنەم»مۇنبىرىنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا «شەبنەم»مۇنبىرىنىڭ ئەزا سانى«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭكى ئەزا سانىدىن كۆپىيىپ كېتىپتۇ،بۇ قانداقتۇر مۇنبەر باش بېتىدىكى تىزىملاتقان ئومۇمى ئەزالار سانىغا ئاساسەن چىقىرىلغان سىتاتىسكا بولماستىن،بەلكى،ھەر كۈنى ئىككى مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنىڭ بولۇپمۇ ھەرئىككى مۇنبەرگە يوللانغان ئوخشاش مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش ئادەم قېتىمدىن چىقىرىلغان يەكۈندۇر.تېمىلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭكىدىن تېز ئىكەن.....«شەبنەم»مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تېما تەستىقلاش ئاكتىپچانلىقى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن.....مانا بۇ ئۈچ تەرەپ«شەبنەم»مۇنبىرىنىڭ مەن ھېس قىلغان ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى.«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا،تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىدىن سىرت يەنە تېخنىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ سەپ ئالدىدىكى تۇلپارى ئىكەن.بولۇپمۇ«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئاۋاز قوشۇش،بۇ مەسىلىلەرنى جامائەت مۇنازىرىسىگە باشلاپ كىرىش،ھەتتا بىر قىسىم ناتوغرا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دەپ قاراش،مىللەتنىڭ تەنتەنىلىك ئىشلىرىنى ۋاقتىدا باش بەتتە نامايان قىلىش،موھتاجلارنىڭ موھتاجلىقىغا يار-يۆلەك بولۇشتەك قالتىس روھى ھەقىقەتەنمۇ باشلامچى سەركىلەرگە خاس روھ ئىكەن.مەسىلەن،يېقىنقى ۋاقىتلاردىلا بۇ مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمى ۋەقەسى،ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى مەسىلىسى،قەشقەر سەنئەت مەكتىپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى،ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىق مەسىلىسى،شۇنداقلا ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زىلزىلگە سالغان گۈلى ماركىلىق گاندون ۋەقەسى قاتارلىقلار سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.....


                                         «دىيارىم»مۇنبىرىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر

        «دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ قولغا چىققۇدەك بىرمۇنچىلىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بار تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن تىزىملاتقان ئادەم سانى«شەبنەم»مۇنبىرىنىڭكىدىن ئازىيىپ كەتتى؟بۇنىڭ سەۋەبى،مېنىڭچە،تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە بولۇشى مۇمكىن:
        بىرىنچىدىن،بايام تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك 9-ئايدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتا ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ۋە نۇرغۇن يازمىلىرىدىن ئايرىلغان بىر قىسىم تورداشلار ئۆزلىرىگە خەۋەر قىلىنىپ قويماي يۈز بەرگەن بۇ«ئېغىر يوقىتىش»نى قوبۇل قىلالماي،قايتا تىزىملىتىشتىن قول ئۈزۈپ بىراقلا چىقىپ كەتتى.....ئۇلارنىڭ شۇنچە ئەجىر قىلىپ يوللىغان ماتېرىيال-يازمىلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا غايىپ بولۇشىنى«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان«ئەدەبسىزلىكى»دەپ قارىغان بولۇشى ناھايىتى ئېنىق.....
        ئىككىنچى،«دىيارىم»مۇنبىرىدىكى«ئىسلاھات»مەزگىلىدە بىر مەزگىل تورنىڭ ئېچىلماسلىقى ۋە ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى سەۋەپلىك بىر قىسىم تاقەتسىز تورداشلار بۇ مۇنبەردىن«يۈز ئۆرىدى».بىرەر كۈن ئەتراپىدا تورنىڭ ئېچىلماي قىلىشىدەك بۇ خىل ئەھۋال يېقىنقى مەزگىللەردىمۇ پات-پاتلا كۆرۈلۈپ ئىخلاسمەن تورداشلارنىڭ تەقەززالىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چاڭقىتىۋاتىدۇ.گەرچە،بۇمۇ يەنىلا ئامالسىزلىق بولىۋاتقان تاقىلىپ قېلىشلار بولسىمۇ،لېكىن،ۋەتەنپەرۋەر تورداشلارنىڭ سۆيۈملۈك خاپىچىلىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
        ئۈچىنچىدىن،يېقىنقى ۋاقىتلاردا«دىيارىم»مۇنبىرىدىكى كۈندىلىك يوللانغان تېمىلارنىڭ تەستىقلىنىشى سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ كەلدى،بۇمەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بولۇپ،بۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تېما تەستىقلاش جەھەتتە قاتماللىق،بېكىنمىچىلىك يوق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولماي قالدى.....بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە مۇنبەر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار generall،sirajil،yarken،MuzTagh،kunkiz،gvzal3.8 قاتارلىقلار ۋە ئاندا-مۇندا ئېشىنچا ۋاقىتلاردا چاھار باغقا كىرىپ«سەيلە»قىلىپ چىقىپ كېتىدىغان Ataman بىلەن چەكلىنىپ قالدى.....تور دۇنياسىغا ۋاقتىنى بىرقەدەر كۆپ بېرەلەيدىغان katil731 ۋە ياخشى باشقۇرغۇچى بولۇشقا سالاھىيىتى توشىدىغان totem قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ«باش ئاغرىقى كۆپ ئىش»تىن قول ئۈزدى.....قالغان باشقۇرغۇچىلار بولسا،ئاساسەن سايىسىنى كۆپ كۆرسەتمىدى،بۇ بەلكىم تېمىلارنىڭ تېز تەستىقلىنىپ،تېز يېڭىلىنىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.
        تۆتىنچىدىن،نادىر تېمىلارنى بېكىتىش ئۆلچىمى قىلىپلاشمىدى،باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپلا تېما نادىرلايدىغان سەۋەنلىكلەردىنمۇ خالى بولالمىدى،بىر قىسىم ياخشى تېمىلار نادىرلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى.بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشچانلىقى ۋە پايدىلىنىشچانلىقى يوقىرى بىر قىسىم تېمىلارنىڭ بالدۇرلا باش بەتتىن ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى.....
        بەشىنچىدىن،مۇنبەردىكى قىسمەن ئىشلار ئاز ساندىكى بىر قانچىلا باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.مەسىلەن:تېما تەستىقلاش ۋە نادىرلاش كۆپىنچە kunkizنىڭ ۋەزىپىسى،مۇنبەر ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بېرىش كۆپىنچە gvzal3.8نىڭ ۋەزىپىسى،ئىملانى توغرىلاش كۆپىنچە،generall،gvzal3.8لارنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى.
        ئالتىنچى،مۇنبەر كاتتىلىرى بىلەن باشقۇرغۇچىلار،باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئەزالار ئوتتۇرسىدىكى قىسمەن سۈركىلىشلەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىدى........ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ھوقۇقدارلار يەنىلا ھاكىممۇتلەقلىقتىن خالىي بولالمىدى........



«دىيارىم»مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاۋاتلىقىنىڭ يەنىمۇ يوقىرى بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى

                                              قىسمەن قاراشلىرىم



        «زادى قانداق قىلغاندا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ،مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ»دېگەندە،مېنىڭچە،تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چوقۇم ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك:
        بىرىنچىدىن،مۇنبەر ئۆزىدە بار بولغان تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى،تېخنىكىلىق سەۋىيىسىنىڭ يوقىرىلىقى،قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىكى مۇستەھكەم مەيدانى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى جەڭگىۋارلىق رولى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن داۋاملىق تۈردە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك.
        ئىككىنچىدىن،مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئېچىلماي قېلىشىنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
        ئۈچىنچىدىن،ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بەلگىلىنىشى كېرەك.شۇنداقلا ئايلىق ياكى ھەپتىلىك ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىشى كېرەك.ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغانلىرىغا مۇۋاپىق تۈردە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى،باشقۇرغۇچىلار «پېنسىيە»گە چىققاندا،ھوقۇقى بىراقلا تارتىۋېلىنىلماستىن،بەلكى،ئۇلارنىڭ مەلۇم ئىمتىياز بىلەن سەپتىن ئايرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
        تۆتىنچىدىن،ئالىي ئەزالارنى بېكىتىشكە بولغان تەلەپ كۈچەيتىلىشى شۇنداقلا ئالىي ئەزالارغا مەلۇم دەرىجىدە ئىمتىياز بەلگىلەپ بېرىش كېرەك.مەسىلەن:ئەڭ بولمىغاندا يوللىغان تېمىسى تەستىقسىز چىقىدىغان ھوقۇق بېرىلىشى كېرەك.
        بەشىنچىدىن،نادىرلىنىدىغان تېمىلار پايدىلىنىشچانلىقى ۋە ئوقۇلۇشچانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نادىرلىنىشى كېرەك.
        ئالتىنچىدىن،كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۆپ بولغان تېمىلار بىرەر ھەپتە ئەتراپىدا باش بەتكە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئاپتۇماتىك ھالدا چىقىدىغان ھالەت يولغا قويۇلۇشى بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى تېمىلارغا باش بەتتىن  كەڭرەك ئورۇن بېرىلىشى كېرەك.
        يەتتىنچىدىن،«مۇنبەردىكىلەر ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ»(ئاي گۇۋاھ09)،«دىيارىمدا مەشرەپ»(گۈزەل3.8)،«مۇنبەردىكىلەرنى يۇمۇرغا قاتتىم»(كۈنقىز)،«ھابابام سىنىپى ھەققىدىكى يازمىلار»(ئاشكار)،«مۇنبەردىكىلەرنى چۈشەپ قاپتىمەن»(ئورخۇن36)،«<ئەڭ>قېتىلغان سۆز ئويۇنى»(سۇزاننا)،«مۇنبەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالارنى بىلىپ باقايلى»( زۇلخۇمار)دېگەنگە ئوخشاش تورداشلارنى جەلپ قېلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم تېمىلارنىڭ مەلۇم ۋاقىت باش بەتتىن ئۆچمەسلىكىگە كاپالەتلىك قېلىش بىلەن بىرگە ئەسەر ئاپتۇرلىرىغا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ئىلھام بېرىلىشى كېرەك.
        سەككىزىنچىدىن،تېمىلارنى تەستىقلىغاندا باش بەتتە كۆرۈلۈش ۋاقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.بەزى كۈنلىرى بىرەر كۈن يېڭى تېما كۆرگىلى بولمىغان،بەزى كۈنلىرى تېمىلار كەينى-كەينىدىن تەستىقلىنىپ،بىرەر سائەتنىڭ ئىچىدىلا باش بەتتىن«ئارقا ھويلا»غا چىقىپ كەتكەن.بىر تېما ئەڭ بولمىغاندا ئىككى-ئۈچ سائەت ياكى يېرىم كۈن باش بەتتە تۇرغاندىلا،تورداشلارنىڭ تېمىلار مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.شۇڭا،يېڭى بىر تېما تەستىقلىغاندا،«ئارقا ھويلا»غا يول ئېلىۋاتقان تېمىنىڭ تەستىقلانغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولغىنىغا قاراپ قويۇشنىڭ ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق.
        توققۇزىنچىدىن،تېمىلار ياكى ئىنكاسلار توغرىسىدا بولىنىۋاتقان مۇنازىرىلەر مۇنبەر قائىدە-تۈزۈملىرىگە زىت بولمىسىلا،باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن قالايمىقان ئۆچۈرۈلمەسلىكى كېرەك.مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە تورداشلارنىڭ تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرۇشقا ئوخشاشلا پايدىلىق.
        ئونىنچىدىن،ئەزالارنىڭ تېما،ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈلگەندە ئۇلارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب قايتۇرۇلىشى كېرەك،مۇنبەردىكى مەسىلىلەر ئەزالار بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا ھەل قىلىنىشى كېرەك.
        ئون بىرىنچىدىن،ئەزالار ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان تېمىلارغا ئامال بار مېغىزلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرۇشى،تېما ھەققىدىكى قاراشلىرىنى،تېما يوللىغۇچىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشتە ھەرگىزمۇ پىخسىقلىق قىلماسلىق كېرەك.
        ئون ئىككىنچىدىن،باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار مۇنبەرگە يوللانغان تېما،ئىنكاسلارنىڭ ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى ئامال بار ۋاقتىدا،تىز توغرىلاپ مېڭىش كېرەك.بۇ ئانا تىل يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسىگە بولىنىۋاتقان ھۆرمەت بولۇپلا قالماي،بەلكى،يەنە مۇنبەرنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئابرويى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.



                                                  مەنبە:مېڭەم ۋە يۈرىكىم

   تېخىمۇ قالتىسى بۇ يەردە:./read.php?tid=34115&keyword=]



   تايانچىم بارنىڭ ئىجادىي يازمىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:./read.php?tid=17329&keyword=
   ./read.php?tid=20545&fpage=0&toread=1&page=1
   ./read.php?tid=31916&keyword=
[ بۇ يازما tayanqimbar تەرپىدىن2009-02-12 04:23 PMدە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-11, 18:00
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • شۆھرەت:+20(gvzal3.8) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-12 01:57 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6498
    شۆھرەت: 3606 نۇمۇر
    پۇل: 42251 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     Re:<<دىيارىم>>مۇنبىرىگە<<تويلۇق>>سوۋغات!!!!!!!

    سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كۆيۈنۈپ  ۋاقتىڭىزنى ، زىھنىڭىزنى ئىسراپ  قىلىپ  بىزلەرگە مۇشۇنداق ئېسىل تېمدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا  تەشەككۈر ، تېمدا ئوتتۇرغا قويۇلغان تەكلىپ -پىكىرلەر مۇنبىرمىزدە ساقلىنۋاتقان  بەزى بىر قىسىم ئىشلار تېمدا ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ ، مۇنبىرمىزدە سىزدەك  مۇشۇنداق مۇنبەر  ئۈچۈن چىن دىلدىن كۆيۈنىدىغان  ئىستىداتلىق ئەزالارنىڭ بولغانلىغىدىن تولمۇ پەخىرلىنمەن ، سىزمۇ بىلسىز مۇنبەردىكلەرمۇ يىقىندىن بىرى مۇنبەر سىستىمسىدا بەزى   مەسىلىلەر كۆرلۈپ مۇنبەردە تورداشلارنىڭ ئەركىن مۇنازىرلىشىشىگە بەزى توسالغۇلار پەيدا بولدى ، شۇ سەۋەپلىك مۇنبەرداشلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە  بەزى تېملار ئۈستىدە  مۇزىرلىشىپمۇ باقتۇق ، لىكىن  سىزمۇ ھىس قىلىپسىز دىيارىمدا  تېملار ھەر خل  ئىنكاسلارنىڭ  بىر قەدەر سالمىغى بار <پۈچەك ئىنكاسلار ئاز> ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يەتتۇق ،دىمەك دىيارىمدا  بىلىم -قۇرۇلما جەھەتتىن ۋەياكى ھەر قايسى جەھەتتىن بولسۇن  بىر قەدەر ساپالىق ئەزالار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ   شۇ سەۋەپلىك دىيارىمغا بولغان قىزغىنلىقمىز ھەم مۇنبەرداشلىرمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى .
    مېنىڭمۇ بەزى تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم  مۇنبىرمىزدە بەزە تېملاردا مانازىرە بولغاندا  تېمغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق  تېما ئىگسىگە ئازراق بولسىمۇ ھورمەت قىلساق ، تېمنى مىڭ بىر جاپادا يوللىغان كىشنى تېما يوللىغىنىغا تويغۇزۇپ قويمىساق ، بەزى تېملارنى  ساپلا قۇرۇق ئىنكاسلار بىلەن توشقۇزماي  ئىنكاسنى تېمغا قارتا يازساق ، ئەگەردە بەك چاخچاقلىشدىغان سورۇن كەم بولسا  مۇنبىرمىزدە  قەلمى ياخشى دوسلار  كۆپ  شۇڭا مۇنبىرمىزدە مۇكاپاتلىق مۇشائىرە ئۇيۇشتۇرساقمۇ بولدۇ ، يۇمۇرلارمۇ  شۇنىڭ ئىچدە  .
    يەنە بىر گەپ مۇنبەرنىڭ ئىناقلىقىنى كۆزدە تۇرۇپ مۇنبەردىكى خانىم -قىزلارنى مۇنبەردىكى ئوت يۈرەك ئوغلانلىرمىز ئۆزلىرنىڭ ھەدە -سىڭىللىرنى ئاسىرغاندەك ئاسراپ ھۆرمىتىنى قىلساڭلا .
    ئوماق ، نازاكەتلىك  خانىم -قىزلىرمىزمۇ مۇنبىرمىزدىكى يىگىتلەرنى  ئاكا -ئىنلىرمىزنى كۆرگەندەك  كۆرۈپ ئۇلاردىن ئاز-تولا بولسىمۇ تەپ تارىتساق ، ھايا قىلساق  ئۇلارنى مىللەتنىڭ ھەم ئۆزلىرمىزنىڭ ، كەلگۈسىمىزنىڭ تۇۋرىگى بىلسەك دەپ قارايمەن ، بۇ تېمدا ئەھمىيەتسىز بولسىمۇ ئازراق سۆزلەپ قويدۇم ئەپۇ قىلارسىلە تېما ئىگسىگە تەشەككۈر .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 02:37 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    orhun36
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 30152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1021
    شۆھرەت: 1227 نۇمۇر
    پۇل: 3480 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1787(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ تىما ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ، رەخمەت سىزگە دوستۇم <تايانچىمبار> دېگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپۈنچىسىنى مەن ئويلىغان بولساممۇ لىكىن قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن دىيەلمەي كەلگەن گەپلەركەن ، مۇنبەرنى  گۈللەندۈرۈش،تەرەققى قىلدۇرۇش  ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى چۈنكى بۇ بىزنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتىپى دەپ قارايمەن.
    يىقىندىن بىرى مىنىڭ ھىس قىلغىنىم ، مۇنبەردە كونا ، پىكىر تەپەككۇرى يۇقرى، بىر قىسىم ئەزالارنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ بۇنۇڭدىن مىنىڭ كۆڭلۈم بەك يىرىم.
    ئاخىرىدا پۇتۇن دىيارىمدىكى دوسلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
    ھەممىمىز تېرىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ دىيارىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تىما،ئىنكاسلىرىمىز بىلەن كۈچ قوشايلى.
    [ بۇ يازما orhun36 تەرپىدىن2009-02-12 05:06 PMدە قاي ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 03:03 AM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    xinjiangkizi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 256
    شۆھرەت: 266 نۇمۇر
    پۇل: 901 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    مەنمۇ كۈن قىزنىڭ پىكىرىگە قوشولىمەن،دىيارىم مۇنبىرىنىڭ مىنى جەلىپ قىلغان تەرىپىمۇ دەل   ساپالىق ئەزالارنىڭ كۈپ سالماقنى ئىگەللىكەنلىكىدە، (قىسمەن قىنى قىززىق ئەزالارنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قىلغان ئىنكاسلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا)  مۇنبەرنىڭ  تەرەققىياتى،ئوبرازى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش-ھەممىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى،
    Okyan
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 10:43 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1669
    شۆھرەت: 2379 نۇمۇر
    پۇل: 10025 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1733(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

        يۇقۇرىدىكى تايانچىمبار توردىشىمىزنىڭ يازغان تېمىسى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق بوپتۇ. مەن بۇ تېمىغا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىم دائىرىسىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسەم:
        مۇنبەر بەزىبىر قەستەنلىك سەۋەبلىرىدىن، تاقىلىپ قېلىۋاتىدۇ. مۇنبەر مەسئۇللىرى مۇشۇنداق قەستەنلىكلەرگە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر تۈزىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تاقىلىپ قالماسلىققا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدۇ.
         مۇنبەردىكى ئالىي ئەزالارنىڭ ئىمتىيازى ۋە مۇنبەردىكى باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنبەر مەسئۇلى ئايرىم ئىزاھلىق تېما يوللىماقچى.
         باشقا تورداشلارنىڭ يەنە پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
          
    [ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-02-12 12:16دە قايتا ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    سىز نىمە ئۈچۈن ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 10:53 AM |
    Yurtum Elani
    zulhuma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29143
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 382
    شۆھرەت: 422 نۇمۇر
    پۇل: 1501 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 752(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    تايانچىم بار بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز . تېمىڭىزدا كەڭ ، ئەتراپلىق ، پاكىتلىرى بىلەن  مۇنبەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ، مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەم سۈپەت ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشى ئۈچۈن زېھنى قوۋىتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپسىز . بەلكىم مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلار دىققەت قىلغان بولسا كېرەك بىز مۇنبەر تاقىلىپ قالغان مەزگىللەردە باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ كىرىپ باقتۇق ، يوللانغان تېما ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شەخسەن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى دىيارىم مۇنبىرىدە يوللانغان تېما ۋە ياكى ئىنكاسلار بولسۇن پايدىلىنىش قىممىتى ۋە سۈپەت جەھەتتە باشقا مۇنبەرلەردىن يۇقۇرى تۇردىكەن . شۇڭا دىيارىم مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇقۇردا تايانچىم بار ئوتتۇرغا قويغان تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىپ ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچەيتىلسە .
    مۇنبەرنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى . چۈنكى بۇ ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسى  .
    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !
    [ بۇ يازما zulhuma تەرپىدىن2009-02-12 11:06 AMدە قاي ]
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 11:01 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    ئاھۇ
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29693
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 460
    شۆھرەت: 530 نۇمۇر
    پۇل: 555 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1048(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۇ ماقەلە سىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك،ئەتراپلىق،ئىنچىكە كۈزىتىشىڭىزنىڭ مەھسۇلىكەن.دىيارىمغا ھەقىقەتەنمۇ مىھرىڭىز چوڭقۇركەن.دىيارىممۇ بىر كىچىك جەمىيەت،بۇ جەمىيەتتە ھەرخىل خارەكتىردىكى ئادەملەرنىڭ بولۇشى تەبىئى.ئەلۋەتتە جەمىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدۇ،دىيارىمنىڭمۇ قائىدە-تۈزۈمىلىرى بار.مېنىڭچە باشقۇرغىچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلسا، ئەزالارمۇ ئۆزىگە مەسئۇل بولسا،يېڭىپ كېتەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوق،دىيارىممۇ كۈندىن كۈنگە روناق تاپقۇسى.بۇ ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 11:08 AM |
    Yurtum Elani
    negar
    سەمىمىلىك مېنىڭ گۈزەللىكىم
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 980 نۇمۇر
    پۇل: 1958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 491(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    تايانچىمبار،شۇ قەدەر ئەتراپلىق كۈزىتىش ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىگىڭىزگە كۆپ رەھمەت،دىيىلىدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىزدا ۋە يۇقۇرقى تورداشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىدا دىيىلىپ بوپتۇ،مەنمۇ شۇنى قىستۇرۇپ قويماقچى ،يوللىغان ئەسەرلىرىمىز ۋاقتىدا تەستىقلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقسا.بەزىدە ئەتتىگەندىلا كېلىپ قىزىقىش بىلەن تېما يوللاپ چۈشكىچە تەستىقلانمايدىغان ئىشلار بولۇپ قىزغىنلىقىمىزغا سۇ سېپىلىپ قالىدۇ.مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى پات-پاتلا تاقىلىپ قېلىۋاتقان مۇنبەر ئەزالارنىڭ ئاچچىقىنىمۇ كەلتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنلا بىز دىيارىمغا بولغان مىھرىمىزنىڭ بۆلەكچە ئىكەنلىگىنى بەكرەك ھىس قىلىپ قالدۇق (بۇ دىگىنىم ھەرگىزمۇ مۇنبەرنى پات-پات تاقىلىپ تۇرسۇن دىگىنىم ئەمەس).ئەزالار بولسۇن،باشقۇرغۇچىلار بولسۇن ھەممىمىز ئىملا خاتالىقىغا بەكرەك دىققەت قىلساق....تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلار مۇنبەردە كۆپرەك كۆرۈنۈپ تۇرسا ھەممىسى ئەتراپلىق كۆرەتتى دىگەن تەكلىۋىڭىزنى بەكلا قوللايمەن،مېنىڭمۇ تۇرمۇشتىن تەسىر قىلغان ئىشلاردىن ئېلىنىپ يېزىلغان بەزى تېمىلىرىمنى بەزىلەر باشقىلاردىن ئاڭلاپ مۇنبەردىن تاپالماي ئۇچۇر قىلىپ ئادرىسىنى ئېلىپ كۆردى.
    بۇلارنىڭ ھەممىسىنىغۇ سىز دەپ بولغان مەسىلىلەر شۇنداقتىمۇ تەكىتلەپ قويدۇم،ئاخىرىدا يىغىنچاقلايدىغىنىم ھەممىمىز مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق دەيمەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    مەن كۈلكىلىرىدىن قىپ-قىزىل گۈل ئېچىلغان دۇنياغا ئاشىق
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 11:25 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    halqigul
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8378
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 873
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 521(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بۇ تويلۇق سوۋغات ئىنتايىن ئىسىل بولۇپتۇ...
    كۆپ باش قاتۇرۇپسىز جۇمۇ؟
    [marquee]  ???????? ?????? ??????? - : ????? ????? ???????  !! ???????? ?????????? !![/marquee]
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 11:26 AM |
    Yurtum Elani
    سىرلار
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35998
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 625 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    tayanqimbar توردىشىمىزغا ئاپىرىن. شۇنچە كۆپ ئوي پىكىرلەرنى ئىرىنمەي يازغىنىڭلىغا راسلا ئاپىرىن ئوقۇمىساق بۇلمىدى. مۇنبىرىمىز ھەر قاسىڭلىدەك ئەستايدىل تورداشلار بۇلغاچقىلا كۇندىن كۇنگە مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. ئەمدى مەنمۇ ئۇيلىغانلىرىمنى يىزىپ باقسام. تىما ئوقۇغاندا تىمىدىكى ئىملا  تۇغرىسىدا بايقىغىنىمىزنى دىسەك نىمىشقا خاپىلىق بۇلىدىغاندۇ.مەنمىغۇ ئىملادا گۇل كەلتۇرۇۋەتمەيمەن. لىكىن بىر بىرىمىزگە تەكلىپ پىكىر بىرىپ تۈزۈتۈش بەرسەك بۇلاتتى . تىمىنىڭ بۇرۇن يوللىنىپ بۇلغىنىنى دىسەكمۇ شۇنداق رەنجىپ چاپان سالىدىغانلا چىقىدىكەن. مەن ھىچ بىلمىدىم. مۇنبەرنىڭ سىغىمچانلىقى شۇنداق بەك چۇڭمىدۇ ؟ ئۇلۇشكۇن بىر رەسىم تىمىسىغا ئىملا تۇغرىسدا بايقىغىنىمنى دەپ قويسام،چاپانچىدىن ئىككىسى چىقىپتۇ. شۇنىڭ گىپىگە قارىتا گەپ قىلسام سەت خاپىلىق بۇلىدۇ.تۇرداشلارنىڭ كۈزىگىمۇ سەت كۈرۈنۈپ قالىدىغان ئىش . كىرىپ چىقىپ ئۈتىدىغان مىھمان ئەزا بۇلسامغۇ دەيدىغاننى دىۋىلىپ يۈرۈۋەرسەم بۇلاتتى. لىكىن دائىم كۈرۈشۈپ تۇرىدىغان بۇلغاندىكىن باشقىلارغا يامان تەسىر بىرىپ قويماي دەپ گەپ قىلمىدىم. مىنى ھەقىچان قوقاپ قاچتى دەپ قالغاندۇ. مۇشۇنداق ئىشلارغا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرەر تەدبىرى يۇقمۇ؟
    [ بۇ يازما سىرلار تەرپىدىن2009-02-12 12:21 PMدە قايت ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:12 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    yaprah3
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35776
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 282
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 1087 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 318(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     Re:<<دىيارىم>>مۇنبىرىگە تويلۇق سوۋغات!!!!!!!!

    دۇستۇم تايانچىم بار ناھايتتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە،
    دىمىسىمۇ يىقىندىن بىرى دىيارىم مۇنبىرىدە خىلى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.نۇرغۇن ياخشى ،ئىقتىدارلىق مۇنبەر ئەزالىرى بەزى مەسىللەر سەۋەپلىك مۇنبەردىن چىكىنىپ چىقماقچىمۇ بولدى.بىراق ئۇلارنىڭ  دىيارىم مۇنبىرىگە بولغان مۇھەبببتى چوڭقۇر بولغاچقا ،يەنىلا دىيارىم مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە  ئىشەنچىسى بولغاچقا بۇ خىياللىرىدىنمۇ ۋاز كەچتى.بىز ھەممىمىز دىيارىم مۇنبىرىگە ھەقىقىي كۆيىندىغان ئەزالىرى بولساق ،تۆۋەندە دوستىمىز  ئىيىتقاندەك ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ،دىيارىم مۇنبىرىنى ئۆز ئائىلىمىز دەپ بىلىشىمىز،دىيارىم مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرشىمىز كىرەك،شۇندىلا دىيارىم مۇنبىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:22 PM |
    Yurtum Elani
    halqigul
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8378
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 873
    شۆھرەت: 430 نۇمۇر
    پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 521(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    دوستلار ئۆتكەندە...تېخى ئۇزاق بولمىدى..مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق بىر تور بەتنى كۆرگەن ئىدىم...قانداق كىنو لازىم بولسا 3كۈن ئىچىدە ېپىپ بىرىمىز دىگەن ئىدى ...لىكىن مەن بىرلا كىرىپ ئىككىنجى تاپالمىدىم...ماڭا ياردەم قىلىپ شۇ توربەتنى بىلىدىغانلار دەپ بىرىڭلارچۇ؟ئۇ توربەتنىڭ نامى نىمە بولغىتى...ئۇيغۇرچە توربەت ئىدى.     
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    [marquee]  ???????? ?????? ??????? - : ????? ????? ???????  !! ???????? ?????????? !![/marquee]
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:32 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    كۆڭۈل
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 38081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 75
    شۆھرەت: 75 نۇمۇر
    پۇل: 367 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

     

    دىيارىمنىڭ تىخىمۇ گۈللەپ-ياشنىشىنى ئۈمد قىلىمەن .ھەممىمىزنىڭ يادىدا بولسۇنكى  <يىلتىزىمىز دىيارىمدا،ئۈمىدىمىز دىيارىمدا>.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 02:17 PM |
    Yurtum Elani
    يىلان
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    پۇل: 9 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    بۇ جەھەتتىكى كۈزىتىشىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەن .يازمىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى .مانا بۇنى ھەقىقىي مۇنبەرگە نىسبەتەن توغرا بولغان تەكلىپ –پىكىر دەيمىز .
    سۆزلىرىڭىزدىن كەمتەر ،يىراقنى كۆزلەيدىغان ،ئېغىر –بېسىق خاراكتىرىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ.سىزدەك تورداشلارقانچە كۆپ چىقسا ،مۇنبەلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 03:28 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    qunduzay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29192
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 199
    شۆھرەت: 229 نۇمۇر
    پۇل: 816 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 257(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    دەيدىغاننىڭ ھەممىنى باشقىلار دەپ بوپتۇ قاراپ باقسام.
    مېنىڭمۇ دىگۈم كەپ تۇرغان بىر گېپىم باتتى(بايلىق غەۋغاسى): دىيارىمدا باشقۇرغۇچىلار تېما باھالىغاندا نىمىشقا ئاۋۇ مۇنبەر تەڭگىسىنى جىق-جىق بەرمەيدۇ؟ تازا سېخىلىقى تۇتۇپ كەتسە ئارانلا 10~20 سوم بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتسىمۇ نامرات پېتى تۇرىۋىرىمىزكەن. كىم باي بولۇشنى خالىمايدۇ، گەرچە مەۋھۇم بولسىمۇ.

    يەنە بىرى، بىزدەك ئاددى پۇقرالارغىمۇ ئۆزىمىز ياقتۇرغان تېما، ئىنكاسلارنى باھالاش ھوقوقى بېرىلسە.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 04:34 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﯩﻜﯩﺮ - ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.073078(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 08:35
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号