چاچقا قاراپ ئەرلەرنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلىش بىر ئادەمنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
چېچى ئاتنىڭ قىلىدەك توم ھەر يىرىك، قويۇق كىشىلەر ئىش قىلسا بېرىلىپ قىلىدۇ، ئۇلار جاسارەتلىك، رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنداق ئادەملەر «مۇھەببەت» نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
چېچى توم، رەڭگى سۇس، چېچى يىرىك لېكىن شالاڭ كىشىلەر تەرسا ھەم ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان، باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئامراق، قورسىقى تار كىشىلەردۇر. بۇنداقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىر ئىشلارنى ئەپلەشكە ئۇستا كېلىدۇ.
چېچى توم، قارا، قويۇق، يۇمشاق، يىپەكتەك كىشىلەر مىجەزى ياخشى، ئويۇنكەش، جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان، كىشىلەرنىڭ رايىغا باقىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ساياھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ بولالايدۇ.
چېچى يۇمشاق بولغان بىلەن شالاڭ كەلگەنلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، ھە دېسىلا باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپلا يۈرىدىغان، شۇنداقلا ھاكاۋۇر، ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتىدىغان، بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالايدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىپەرۋا، ئۇنۇتقاق كىشىلەردۇر.
چېچى يۇمشاق ئەمما قويۇق، ماي سۈركەپ تۇرسىمۇ رەتلىك تارالمايدىغان كىشىلەر خاراكتېرى ئاجىز، ئوڭايلا قىزىرىدىغان، قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلەميدىغانلاردۇر.
چېچى قويۇق ھەم دانلىق، تەبىئى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە سېمىزراق بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، ئىشىق - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇنداقلار كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ.
چاچ - ساقىلنى تۇتۇشۇپ كەتكەن، يىرىك ھەم قويۇق چاچلىق كىشىلەر كېلىۋارا، ئەركىن - مەردانە، مەرد، ئوشۇق - تۆشۈك ئىشقا ئارىلىشىشقا ئامراق.
چېچىنىڭ رەڭگى سۇس، شالاڭ، لېكىن دانلىق، يىرىك كىشىلەر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۇغما ناتىق كىشىلەردۇر، ئۇلار پايدا ئالساملا دەيدۇ، زىيانغا چىدىمايدۇ.
چېچى قويۇق، يۇمشاق، تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كىشىلەر جىمغۇر، خىيالچان، چىداملىق بولۇپ، سەنئەتكار ئالىملار مۇشۇ خىلدىكى چېچى بار ئادەملەردىن كۆپ چىقىدۇ.
چېچى بۈدرە قىلغاندەك ئىچىگە قايرىلىپ تۇرىدىغانلار مىجەزى ئىتتىك، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىدە يۈرىدىغان، گۇمانخور كىشىلەردۇر.
چېچىنىڭ تۈۋى يىغىلىۋالالىدىغان، ئۇچى تەرىپى تۈز كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرىۋالىدىغان، نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق، باشباشتاق، باغرى تاش، زوراۋان كىشىلەردۇر.
قارا چېچىنىڭ ئارىسىدا قىزىل چاچلار بار كىشىلەر ئىسراپخور، يات جىنىسلاردىن دوست تۇتۇشقا ئامراق، جىنىسىي تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئاياللار دىقەت قىلىشقا تېگىشلىك خەتەرلىك كىشىلەردۇر.
بېشىنىڭ كەينىدىكى چېچى ئاق - قارا ئارىلاش كەلگەن كىشىلەر غەمكىن، ھېسسىياتچان؛ بىردەم خۇشال بولسا، بىردەمدىلا غەمگە پېتىپ كېتىدىغان، ئۆزىنى - ئۆزى ئىشقى - مۇھەببەتلىك ھېسابلايدىغان، ئۇخلىغاندا جۆيلۈيدىغان كىشىلەر بولۇپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلاردا نېرۋىسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار.
مەنبە:ئۇيغۇر پىسخىك مەسلىھەت تورى
تېخىمۇ قالتىسى بۇ يەردە:
./read.php?tid=33765&keyword=