دىيارىم تورى خەۋىرى :
ئەسقەر (灰狼)ئۈرۈمچىدە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى
دۆلەت ئىچى ۋە سېرىتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر روك ( ياۋگۈن ) مۇزىكىسىنىڭ باشلامچىسى كۆك بۆرە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ناخشا چولپىنى ئەسقەر مۇھەممەت (灰狼) نىڭ ئەڭ يېڭى شۇنداقلا تۇنجى DVD پىلاستىنكىسى 2008- يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدا تارقىتىلىشقا باشلىدى . بۇ پىلاستىنكا ئەسقەر (灰狼)نىڭ 2006- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىنىڭ نەخ مەيدان خاتىرسى بولۇپ شۇ قېتىمقى كېچىلىك ئەينەن خاتىرلەنگەن . ناخشا چولپىنى ئەسقەر (灰狼) بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداقلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان نەخ مەيدان ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى . بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكى 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى يىنىدىكى 五角星音乐酒吧دا ئۆتكۈزۈلىدۇ . كېچىلىكنىڭ بىلەت باھاسى : 50 يۈەن بولۇپ (كېچىلىكتە ئەسقەرنىڭ يېڭى نەشىردىن چىققان DVD پىلاستىنكىسى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ . )
بۇ قېتىمقى ئەسقەر (灰狼) ناخشا كىچىلىكىدە ئەسقەر كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن نەخ مەيدان سۆھبىتى ئىلىپ بارىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىدۇ . كىچىلىككە قاتناشقانلار ئەسقەر (灰狼)نىڭ ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى DVD پىلاستىنكىسىغا ئىرىشەلەيدۇ .
ئەسقەر (灰狼) نىڭ بۇ قېتىمقى DVD پىلاستىنكىسىنى ئۈرۈمچىدىكى « ئۇچارقۇش ئۈن - سىن مەركىزى » ۋە ئۈرۈمچى نەنمىن دې ۋېيلۇڭ ئۈن سىن مەركىزى قاتارلىق دۇككانلاردىن سېتىۋالالايسىز .
ئەسقەر (灰狼) نىڭ ناخشىلىرىنى ياختۇرىدىغان ھىرىسمەنلەرنىڭ ۋاقت يار بەرسە بۇ قېتىمقى كېچىلىككە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋە كېچىلىكنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى : شىنجاڭ دىيارىم پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى « دىيارىم تور بېكىتى » ئۈستىگە ئالغان بولۇپ بۇ قېتىمقى كېچىلىكنىڭ بارىلىق تەپسىلاتى دىيارىم تورىدا مەخسۇس سالوندا ئېلان قىلىنىدۇ .
ئەسقەر مۇھەممەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى :
1980 -ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ .
1982-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﻨﯘ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻥ .
1983-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺸﻠﯩﮕﻪﻥ
1987-يىلى ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﺮﺗﻰ <ﺳﻪﻱ ﺋﺎﺷﻰ > ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ
1988-ﻳﯩﻠﻰ <ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ > ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ..
1989-ﻳﯩﻠﻰ <ﺷﺎﺩ-ﺧﻮﺭﺍﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎ > ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ <ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺑﺎﻻ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻙ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ .
1990-ﻳﯩﻠﻰ <ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ >ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ..
1991-ﻳﯩﻠﻰ <كۆك بۆرە >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . .ﮬﻪﻡ ﺋۈﺭۈﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ ..بۇ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﺋېچىپ شىنجاڭدىكى مۇزىكانىتلارغا تۇرۇتكە بولغان .....
ئەسقەر ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشىشنى خالىسىڭىز : ئەسقەرنىڭ مەخسۇس تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ
http://www.ask-greywolf.cn/ دىيارىم تورىدىكى ئەسقەر ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ !
./read.php?tid=22655 قەشىقەرنىڭ كۆز يېشى
يەرشارىدا ياشاش
تىلەك
[wmv=1]