مەن ئاددى بىر كىشى ، مەن باي ئەمەس دېھقانمۇ ئەمەس . نامېراتمۇ ئەمەس .شۇنداق بىركىشى . دۇنيادا ھەققى ماڭا كۆپ قىسىم نەرسە يارىمايدۇ ، كۆپ قىسىم كىشىلەر يارىمايدۇ . ماڭا ھەققى كىشلەر يارايدۇ . ئالدامچىلار بولسا بۇندىن يىراق .
مەن كىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، مەن نىمە ئادەم ،،،،،،،،،،،، ئۇ كىم ،،، ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچو ،،،
مەن ئۇزۇندىن بۇيان شۇنداق خىىيللار قۇلى بۇلۇپ ياشاۋاتىمەن ، شۇ خىياللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ كىتىۋاتىمەن . شۇنى ئىزدەپ كىتۋېتىپ ماڭا بىرسى كۇزى ئارقىلىق تىلسىز قىياپەتتە مۇنداق دىدى سەن نىمە ئىزدەۋاتىسەن ، سەن ئىدىگەن نەرسە مەندە بارمۇ ؟ ساڭا مىنىڭ ياردىمىم كىرەكمۇ ؟ ئەگەر ياردىمىم كىرەك بولمىسا مىنىڭ ئىجابى ناخشىلىرمنى ئاڭلاپ باق ساڭا يارامدىكىن دەپ نىدا قىلدى .
مەن شۇ تەرقىدە ئۇنىڭ ئىجابى ناخشىلىرىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ دەسلەپتە ھېچنىمنى چۇشۇنەلمەي : مەن سىنىڭ ناخشاڭدىن ھىچنىمنى چۇشنەلمىدىم دىدىم ، ھە بىلىمەن لىكىن سەن قايتا - قايتا ئاڭلاپ باق ! ئاندىن چۇشنىسەن ، ئاندىن مىنى چۇشنىسەن مىنىڭ ئىدىيەمنى چۇشنىسەن ، مىنىڭ جاپا مۇشەۋۋقەت ئارقىلىق ئىرشكەن ئىجادىيەت مىۋەمنى چۇشنىسەن ............... دىدى يەنە كۇزى ئارقىلىق تىلسىز قىياپەتتە . مەن ئاڭلىدىم ..قايتا قايتا ئاڭلاپ ئۇنىڭ ھەققى بىر ئىجادىيەتچى ھەققى بىر مۇزىكانىت ئىكەنلىگىنى ئۇنىڭ كالىسىدىكى يېڭلىق ئىدىيەسى ، ۋە بىزنى تۇنۇتۇش ئۇچۇن چەككەن جاپاسى سىڭدۇرگەن ئەجرىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىش يۇزسىدىن ،ئۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇ كىشنىڭ نام شەرپى ئەسقەر مۇھەممەت تەخەللۇسى كۆك بۆرە .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﻙ ﻣﯘﺯﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ .ﺟﯘﯕﮕﯘ ﯞﻩ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯗﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ..ﺋﯘ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ ..ﺑﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﺋﺎﭼﺘﻰ ..ﮬﻪﻡ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ mtv ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﺸﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ mtv ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . <ﺗﯩﻠﻪﮒ، > <ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺶ><ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ><قۇياشنى قۇچقلقغان كىشىلەر >قاتارلىق ناخشىللىرى مەنىىسى چۇڭقۇر، ئويغۇر mtv چىلقىدىكى بىر بۇرۇلۇش . شۇنداقلا ئۇ نۇرغۇن سەنئەت يېڭلىقلىرىنى دىيارمىزغا ئېلىپ كىرگەن، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىگە ئۇيغۇرمۇزىكىسىنى تۇنتۇش ئۇچۇن يادرولۇق كۇچ چىقارغان تالانتلىق شەخىس .
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۇنىڭ<< كۆك بۆرە >> دىگەن ئىسمنىمۇ 90 يىللاردا ئۇزنىڭ فامىلىسى قىلىپ بىكىتىپ بولغان . بىز نىڭ كۆپ سانلىق كىشىلىرمىز بولسا 2000 يىللار ئەتراپىدا كۈلرەڭ بۆرنىڭ قانداق بۇلۇپ ئۇيغۇرنىڭ تۇتىم مەەنيىتى بولغانلقىنى بىلدۇق . شۇنداقلا ئەمدىلەردىن تەخەللۇس قۇيۇشقا باشلىدۇق . دىمەك يۇقارقلاردىن كۇرۋېلىشقا بۇلۇدۇكى ئەسقەرنىڭ ئىدىيەسى بىز خەقلەردىن نەچچە يىللار ئىلىگىرى سۇرلۇپ كەتكەن .
ئەسقەرنىڭ ھازىرغىچە چىقارغان مەخسۇس پىلاستىنكىسى << كۆكبۆرە >> <<تىلەگ>> ۋە <<قۇياشنى قۇچاقىلىغان كىشىلەر >> ئۈچ پىلاستىنكا چىقارغان . ئۇنىڭ <<تىلەگ>> دىگەن پىلاستىنكىسى سېتلىشى مىقدارى ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ جۇڭگۇدىكى ئون چوڭ ناخشىچى بۇلۇشىغا شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدكى ئەڭ مۇنەۋەر مۇزىكانىت بۇلۇشىغا تۇرۈتكە بولغان . تارىختىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەت ناخشىچىسى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرشكەن مۇزىكانىت بۇلۇپ باھالانغان .
بىزلەردە ئەمدىلەردىن رادىيو ۋە ئۇنئالغۇ قاتارلىقلارنى بىشلىكە باشلىغان 1994 يىلى ئۇ SONIY شىركىتنىڭ تەكلىۋى بۇلۇپ ياپۇنيەدە ناخشا كىچلىكى ئۆتكۇزگەن. بىز دە تېخى ھازىرغىچە ئۇنداق كىشلەر يوق دىيەرلىك . ئەۋەتتە بەزىلەر دىلبەر ھەدىمىز بار دىيىشى مۇمكىن . ئەمما بۇ ئىككىسىنى سېلشتۇرۇساق قەتئىي بولمايدۇ چۇنكى يۇقرى ئاۋازلىق ناخشىچى ماۋۇسى ئۆزىگىچە ئۇسلۇبى بار يېڭلىق ئىدىيەسى نۇرغۇن مۇزىكانىت .
ئۇنىڭ چەتئەلدە ۋە دۆلىتمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويغان نۇمۇرلىرى ۋە ئۆتكۇزگەن كىچلىكرى نۇرغۇن . گەۋدىلىك بولغىنى 2003 - يىلى جۇڭگۇنىڭ ۋەكىلى سۇپتىدە دۇنيا مۇزىكا فېلىستىۋالىغا قاتنىشىپ ياۋرۇپادا نەچچە قېتىم ئۇيۇن قۇيۇپ ئۇيغۇر مۇزىكىللىرىنى ياڭراتقان . ئۇ تۇنجى بۇلۇپ دىيارمىزدىن چىققان چەتئەل زىمنىدا ئۇيۇن قويغان ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان ، ئىلغار ئىدىيەلىك ئاسىيادا ئاز ئۇچريدىغان مۇزىكانىت.
ئەسقەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىي
1980 -ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ .
1982-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﻨﯘ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻥ .
1983-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺸﻠﯩﮕﻪﻥ
1987-ﻳﻴﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ <ﺳﻪﻱ ﺋﺎﺷﻰ > ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯧﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ
1988-ﻳﯩﻠﻰ <ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ > ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ..
1989-ﻳﯩﻠﻰ <ﺷﺎﺩ-ﺧﻮﺭﺍﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎ > ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ <ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺑﺎﻻ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻙ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ .
1990-ﻳﯩﻠﻰ <ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ >ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ..
1991-ﻳﯩﻠﻰ <كۆك بۆرە >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . .ﮬﻪﻡ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ ..بۇ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﺋېچىپ شىنجاڭدىكى مۇزىكانىتلارغا تۇرۇتكە بولغان .....
ئەسقەر مۇزىكا ئەتىرتىدكى بارلىق مۇزىكانتلار
ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ جۇڭگۇ مۇزىكانتلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگۇدىكى داڭلىق روك ( تولغۇما ئۇسۇل مۇزىكىسى( ياۋگۈن) مۇزىكانت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق كۆك بۆرە مۇىزكا ئەتىرتىنىڭ قۇرغۇچىسى ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭﭼﻰ ﻣﯘﺯﯨﯩﻜﺎﻧﺖ .. كومپىزوتۇر ......
ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ -<لاۋخۈي >-----ﺑﺎﺱ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ .ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ،ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ،ﯞﻩ ﺋﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ.. ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯜﺭﯗﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ..ﮬﺎﺯﯦﺮ < ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ >ﺩﻩ .. مۇزىكا ساھەسىدە تالانتى زور ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىللىرنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ ، يېڭى ئاھاڭلارنى كۆپ قېتىم ئىجاد قىلغان . شىرئەلنىڭ << تەكلىماكان >> دىگەن ناخشىنىڭ مۇزىكىسنى شۇ ئىشلىگەن. ئىجادىيەت ئىقدىدارى يۇقرى. ۋە ئەسقەرنىڭ ئايرىلماس بۇرادىرى ۋە ئايىرلماس مۇزىكانتى .
ﺟﯘﺋﻪﻱ ﺟﯘﻥ ----ﮔﯩﺘﺘﺎﺭﭼﻰ 1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ <ﺳﻪﻱ ﺋﺎﺷﻰ > ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯧﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ 1989-ﻳﯩﻠﻰﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ <ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺑﺎﻻ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻙ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ . 1991-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ .
ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ < ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﺎﭼﺎﻕ > ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﭽﻰ 1992-1994-ﻳﻠﻐﯩﭽﻪ <ﻛۆك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰئۇرۇمچى \يانى چالغۇ ئەسۋابلىرى دۇكىننىڭ خوجايىنى ... نازىل چاچ سوپۇننىڭ ئېلانىغا چىققان ئەنۋەر شۇ !!!!! ھەم نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان .....
ﻧﯥ ﺧﻪﻳﺠﯘﻥ <ﻣﺎﯞﺯﻯ >ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﭽﻰ. ﻧﻪﻱ . 1994-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .<كۆك بۆرە >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﭽﻰ ۋە ئايرىلماس مۇزىكانتى . .< ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ>ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ..
ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻗﻪﻳﻴﯘﻡ ----ﮔﯩﺘﺘﺎﺭﭼﻰ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯘﺭﯗﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ 1995-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .. ﻛﯩﻴﻦ <.< ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ..ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ >ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯘﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ <ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ > <ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﯘﻟﻰ >ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺮﯨﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ ...ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯔ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ ...
ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﺋﺎﯞﯗﺕ ------ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺭﯨﻴﺎﻝ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ...1995-ﻳﯩﻠﻰ <كۆك بۆرە >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .. ﻛﯩﻴﻦ <.<..ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ..ﯞﻩ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ > ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ...ﺋﯘﻧﯔ <ﭼﯩﻦ ﻧﯘﺭﻯ> <ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ >< ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ >ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ..يېقىندا ئىشلەنگەن جىڭگىلەك پىلاستىنكىسى تاماشىبىنلار بىلەن يۇز كۈرۈشتى . ھازىر ئۇ مۇزىكا ئەتىرتىنى تارقىتۋىتىپ سابا ئانسانبىلىدا باش گۇرپپا باشلىقى.ناخشا ئېيتىش مۇزىكا ئىشلەش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى .... .
ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ -----ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ .....1996-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .. ﻛﯩﻴﻦ <.<..ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ..ﯞﻩ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ > ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ...ﺋﯘﻧﯔ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ مۇزىكا ئىشلەش ئىقتىدارى يۇقرى ...
ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ..ﺩﯗﻟﻪﺕ ﺋﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ.. < ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﻗﯩﺰﻯ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ <ﺳﻮﻟﻮ >مۇزىكىسى ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻨﯩﻠﯩﺮﻧﯔ ﺳﯜﻳﯜﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ...
ﺋﺎﺑﻼ <ﺗﺎﻗﯩﺮ ﺑﺎﺵ >ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺭﯨﻴﺎﻝﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ1998-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ..
ﭼﯩﻦ ﺟﻰ ﻓﯧﯔ ---ﺑﺎﺱ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ...1999-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .. ﻛﯩﻴﯩﻦ << ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ >ﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ...
ﻧﯘﺭﻣﻪﻣﻪﺕ ----ﺩﺍﭖ .ﺗﻪﺑﻠﯩﯟﺍﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﻗﻤﺎ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ..<ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ..ﺑﯘﺭﯗﻥ <.<..ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ئەتىرتىدە ..ﯞﻩ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ > ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ----- ﮔﯩﺘﺘﺎﺭﭼﻰ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ....2001-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ <<< ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ >ﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ <ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﻰ > <ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ \<ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ > <دۆڭكۆۋرۇك ھەققىدە پاراڭ > <بلوگ > ۋە < مىڭ ئۆي > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯبار ...ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ...
ﭘﻪﻳﺰﯗﻟﻼ ﭘﻮﻻﺕ -----ﺑﺎﺱ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ...2001-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ <ﻛﯜكﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ...<.<..ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ..ﯞﻩ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﺪﻩ > ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ <ﺋﯘﻟﯘﻍ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗىدە باس چالىدۇ.
ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ تۇمۇر شەيىخ ----ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ 2002-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. شۇنداقلا ئەسقەر بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان . ئۇنىڭ ھازىر<< ئاشىق باياۋان>> ناملىق پىلاستىنكىسى تاماشىبىنلار بىلەن يۇز كۈرۈشتى .... <<ئەركىنلىك>> دىگەن ئۇزى باش رول ئالغان كىنو مەملىكەت ئىچى سىرتىدا زور تەسىر قوزغىدى يىپەك يۇلى مۇزىكا ئەتىتىنى تەشكىللۈگۈچى !!!!! ئۇنىڭ مۇزىكا ئىشلەش ئىقتىدارى ياخشى . دىيارىم تۇرىرىنىڭ مۇنەۋەر ئىشتىراكچىسى.
ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ <ﺑﻮ ﺷﻰ > ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ .ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ 2002-ﻳﯩﻠﻰ <ﻛﯜك ﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ..ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﻢ، <ﻛﯜكﺑﯜﺭﻩ >ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ .ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻧﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ .. ... ئۇ چەتئەلدە ۋە بېجىڭدا كۆپ قېتىم كىچىلىك ئۆتكۇزگە. شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ ۋە ئەنگىليەنىڭ تىېلۋۇزۇر قانالرىدا تۇنۇشتۇرلغان . ئۇ يېقندا دىيارمىزغا كىلىپ ناۋا پىروگىرامىسىغا قاتناشتى ( 13 ساندا ۋاپادارىم دىگەن ناخشىنى ئېيتقان ) ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ... ..
ئادىل ......مىللىچە چالغۇ ..... 2005يىلدىن ھازىرغىچە ....
ئەزىمەت ....داپ سۇقما چالغۇلار ...ھەم قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى كۆپ قېتىم ئەركىن، قەھرىمانلار بىلەن ھەمكارلاشقان ....
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ----<ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ > ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ...1992-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ...
مۇتەللىپ : مىللى چالغۇ راۋاب قاتارلىقلارنى ئورۇنلايدۇ ..قۇشۇمچە ئاۋاز ناخشىچىسى
زۇلىپىقار <پىكار > باس گىىتتار ماھىرى .... بۇرۇن شىرئەلى دەۋىر ئانسامبىلىدا تۇرغان .....
ئەمدى ئۇنىڭ مۇزىكىللىردىن بىر ئىككىنى ئاڭلاپ باقايلى ..
قەشىقەرنىڭ كۆز يېشى
يەرشارىدا ياشاش
تىلەك
ئۇنىڭ بۇ ناخشىلىردا ئۆزگىچە زوق ۋە بەدئى قىممىتى يۇقرى ھەققى بىر MTV . ھازىر بازاردا نۇرغۇن لېنتىلار mtv لىكىن ھەر قايسى تەرەپلەردىن بۇنڭدەك ياخشى ئىشلەنگەن ياخشسى ئاساسەن يوق . مەيلى سۇرەت سۇپتى ۋە كىرشتۇرلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن يۇقرى سەۋىيەگە ئىگە . شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەززىنى ئېغىر تىكىستلىرى ئۇنىڭ ناخشىللىرىغا بەكمۇ ماس كەلگەن . ئەمما تىكىستىنىڭ بەزى جايلىرى خەنزۇچە بولسىمۇ لىكىن چېلۋاتقىنى ئۇيغۇر مۇزىكىللىرى . ئەۋەتتە ئۇ دۆلەت تىلىدا ناخشا ئېيتمىسا قانداقمۇ دۇنياغا تۇنۇلايدۇ .
ئەمدى بىز ئۇنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى ئاڭلاپ ئۇتەيلى .
ئەگەر چىقمىسا بۇ يەردىن ئاڭلاڭ ___
http://www.yyfc.com/play.aspx?reg_id=729290&song_id=1065541&type=4 بەزىلەر بۇنى ئاڭلاپ ئەسقەر ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى چۇشەنمەيدىكەن ، ئۇ بۇ ئۇيغۇرچىنى پۇچۇق سۆزلەيدىكەن دەپ تاپا تەنە قىلىشىدۇ . ئەمما بىز ئۇنداق قالاق ئىدىيەلەرنى چۆرۇپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇزىمىزنى قۇيۇپ دەڭسەپ ئاندىن گەپ قىلىشىمىز زۇرۇر. ئۇ دىيارمىزدىن ئايرىلىپ بېيجڭىدا تۇراۋاتقىلى نەچچىلىك بولدى . 30 يىلدىن بۇيان ئىچكىردە ئۇيغۇر ۋەكىللىك مۇزىكانتى سۇپتىدە مۇزىكا چېلىپ كىلۋاتىدۇ . دىگەن مەسىللەرنى ئويلاپ بېقىپ گەپ قىلىشىمىز كىرەك . ھازىر مۇشۇ دىيارىمىزدا 20 يىلدىن تۇرغان كىشلىرمىز ئارسىدىمۇ ئەسقەر چىلىك ئۇيغۇرچىنى سۆزلىيەلمەيدىغان ، ھىچكىم يىمەيدىغان نەرسىلەرنى يەيدىغان ئادىمى ئۇغۇت ۋە كەيىپ زاۋۇتلىرى نۇرغۇن .
ئاددىسى بىز ئۇزىمىزگە تەخەللۇس قۇيۇشقا قاچان باشلىدۇق ئۇ قاچاندىن باشلاپ تەخەللۇس قويدى . ئۇ قاچان ئۇزىگە بىزنىڭ تۇتېىمزنى تەخەللۇس قۇيۇپ بولغان ...مۇشۇنداق نىگىزلىك مەسىللەرنى ئويلاپ بېقىشىمىز كىرەك .
بىز تېخى تەخەللۇس تۇتىم دىگەن سۆزلەرنى پەيدا قىلغىلى 5 ~ 6 يىلچە بولدى . ئەمدىلەردىن تۇتىم ، تەخەللۇس ئۇستىدە كۆپرەك ئويلىشىدىغان بولدۇق . ھەتتا ھازرغىچە تېخى ئۇ سۇزلەرنىڭ نىملىگىنى بىلمەيدىغانلار نۇرغۇن .
بىز مانا شۇنداق مۇزىكانتىمىزنى ھازىرغىچە قەدىرىنى بىلمەي ، ئۇنى ئىتراپ قىلماي يۇريمىز . بەزىدە تېخى ئۇنىڭ چېچىنى چىشلەپ تارتىپ چېچېى ئۇزۇنكەن ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دەپ قۇيمىز . لىكىن شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشلەر ئۇزى ئۇستىدە ئويلىنىپ باقتىمۇ ئۇزى ئۇستىدە ئىككى ئېغىز ھەق لىلا پىكىر قىلىپ باقتىمۇ ، بۇنسى بىزگە نامەلۇم . مۇشۇنداق تالانتلىق مۇزىكانتمىز ئۇچۇن يۇركىدىن چىقىرىپ ئىككى ئېغىز تىلەك تىلەپ ئىشىلىرغا ئۇتۇق تىلەپ باقتىمۇ بۇنسىمۇ بىزگە نامەلۇم . ئەمما بۇ كىشىلەر قايسى بىر كۇنلەردە كالىسىدىكى جاھالەت تۇقۇنىشنى يىڭىپ ، ئەسقەرنى چۇشەنگەندە ئەسقەر داۋاملىق يېڭى ئىجادىيەت ئۇچۇن باش چۇكۇرۇپ ئىشلەۋاتقالىقى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىللىرىنى دۇنياغا تۇنۇتىش ئۇچۇن جاپا تەرلەپ پىشىپ ھارغان ۋە چارچىغان بۇلۇشى ۋە ياكى ئۇلار ئاللابۇرۇن كىچككەن بۇلۇشى مۇمكىن .
ئارمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئىتراپ قىلماسلىقى ، ۋە چۇشەنمەسلىكى ، ئۇنى تىللاشلىرى رۇشەن ھالدىكى جاھالەت بىلەن يېڭلىق ئوتتىرسىدىكى كۇرەشىنىڭ يادرولىق ئىپادىسى. ئۇلارنىڭ ئۇ ئىدىيەسى شۇنداق ئىدىيەسى يانجۇقىدىكى ئالتۇننى ئالتۇن ئەمەس مىس دەپ كۇمۇرنى تۇمۇر دەپ ياشايدىغان يېڭلىقتىن خەۋرى يوق نادان كىشىلەرنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەلۋەتتە ، شۇنداقلا جاھالەتنىڭ شۇ كىشلەرگە بەرگەن تاتلىق سوۋغىسى .
ئەسقەرنىڭ بارلىق مۇزىكا توپلىمى بۇ ئادرىستا __
http://www.yyfc.com/MySong.aspx?reg_id=729290 ئاھ !!! جاھالەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئەسقەر ،سەن ئۇستىڭدىن بولۋاتقان تىل ئاھەنەتكە بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ ئىجاديىتڭىدە توختاپ قالمىدىڭ ! ھەمدە ئۇ كىشىلەر بىلەن تالىشىپمۇ ئولتۇرماي يەنلا باش چۇكۇرۇپ ئىشلەپ ئۆز ئىجادىيتڭدە توختاپ قالمىدىڭ ، شۇنداقلا يەنە ئىسىل مۇزىكىلارنى ئىشلەپ ئۇزەڭنىڭ ئىسىل خارەكتىرنى ئىپادىلەپ كەلدىڭ !!! بەزىلەر دۇلاننى تەخەللۇس قىلىپ قۇيۋالغاندا يۇرەكلىك ھالدا ئوتتىرغا چىقىپ ، ئۇلارغا دۇلاننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ دۇلاننى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدىڭ ``!!سىنىڭ شۇ ئىسىل ئىشلىرڭنى دەپ تۇگەتكۇسىز . ھەي مەن جىق سۆزلەپ ھاردىم .. قانچە سۆزلىسەممۇ بەلكىم بۇ ئىككى تەبىقە ئوتتىرسىدىكى كۇرەش يەنلا ھەل بولماسلىقى مۇمكىن . بىز بىر ئىشتا جاھىل تۇرۋېلىشقا بەك ئامراق كىشىلەر شۇڭا شۇ جاھالەتىكى كىشىلەر جاھىللىق كىسىلى تۈپەيلىدىن مەڭگۇ شۇ كىسەلدىن قۇتۇلالماي مەڭگۇ شۇ كىسەلنىڭ ئاسارتىدە جاھالەتنىڭ قورشاۋىدا ياشاۋىرشى ھەتتا جاھالەت ئۇچۇن جان بىرىشى تۇرغانلا گەپ . ھەي جاھىللىق جاھالەت قوشكىزەك تۇققانلار دە ،،،،،،،،
ئاخىردا دوستلارغا شۇنداق نىدا قىلىمەنكى ئۇزىمىزنى بىلەيلى ھەققى چىن نىيەتلىك كىشىلەرنى قەدىرلەيلى ...ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەيلى ، ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئۇقۇيدىغان ئىش قىلمايلى .....
[ 此贴被EISTIKBAL在2008-10-06 23:50重新编辑 ]