بۇ بەتتىكى تېما: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجاتلىق ئىزدەش پەلسەپىسى__ «ياشاش سەنئىتى»2- تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 894 قېتىم كۆرۈلدى
sciencefan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31565
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجاتلىق ئىزدەش پەلسەپىسى__ «ياشاش سەنئىتى»2-

ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجاتلىق ئىزدەش پەلسەپىسى__ «ياشاش سەنئىتى»
_________«ياشاش سەنئىتى»ناملىق كىتاپنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھام(2)

      (بىشى ئالدىنقى ./read.php?tid=22467 بەتتە،يەنى1- قىسىمىدا ،باشقىسمىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بۇ يەردىن باشلاپ ئوقۇش كىرەك ،ئەلۋەتتە)[/color]

       ئاپتۇر "ياشاش سەنئىتى"دە ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى زامانىمىزنىڭ ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسى بويىچە يىڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىپ، ياش ئەۋلاتلارنى نۇرانە كىلەچەككە رىغبەتلەندۈرۈش ئىستىكىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان. بىز بىلىمىز ئۇ بىزنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىمىزغا باش مەسلىھەتچى بولىۋاتقان پىشقەدەم تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقىل ۋە تالانتشۇناسلىققا ئائىت ئىلمي ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق ئىدى. مانا ئەمدى شۇ ئۈمىدنى ئاقلاش ئۈچۈن "ياشاش سەنئىتى"نى ھوزۇرىمىزغا سۇندى. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە ھەربىر ئادەمنى دەۋرنىڭ ئىجادىيەت قۇرلۇشىغا ياراملىق ساپا-سۈپەتكە ئىگە ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن، كىلاسسكلىرىمىز تارىخىمىزنىڭ شانلىق بەتلىرىنى ياراتقان ئىجادچان تەپەككۇر ئەندىزىسى بار چاغلىرىدا يەكۈنلىگەن تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسىنى تەدبىقلاپ، زامانىمىزدا ئەقىل ھۆرلىكىگە چىقىشنىڭ تۆت قاتلاملىق بىلىش ئۇسۇلى بىلەن يەتتە ۋادىلىق چېنىقىش مۇساپىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ۋادىلاردا دۇنياۋى ئەقىل پەنلىرىنى يۇرتىمىزغا لايىق ئۆزلەشتۈرسە، ئۆز تارىخىمىزدىكى تالانىت تەربىيىسگە ئائىت مەدەنىي مىراس جەۋھەرلىرىنى دۇنياۋى پەنلەر تەلىپىدە دەۋرگە ئۆزلەشتۈرۈپ، دۇنيا ۋە ئەجداتنى زامانىمىزغا ئۇلىغان، ھەمدە بۇنداق ئۇلانمىدىكى تارىخى ۋە رىئال پاراسەت كۈچىنى كۆز ئالدىمىزدىكى مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ تەبىئي تەرتىۋى ۋە قانۇنىيىتى بويىچە ئۆز ھەركىتىمىزدە نامايان قىلغۇچى ئۆگلۈكىنى تىكلىگەن.
ئاپتۇرنىڭ يەتتە ۋادىلىق چېنىقىش بويىچە ئۆگلۈكنى تىكلىشىنى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن يازغان بارلىق ئەسەرلىرىدە ئىزچىللىشىۋاتقان:« تالانىت ھەربىر ئادەمگە ئىلاھى لاھىيلەشتە سىر بولۇپ كۆمۈلگەن مەنىۋى بايلىق، ئۇ ماددى بايلىقلارنى ئېچىشقا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا قەلىب كۈچى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. شۇڭا تالانىت تەربىيىسىدە تۈرلۈك كەسپي چارە-تەدبىرلەر، تاكتىكىلاردىنمۇ مۇھىمى، ھەربىر ئادەمدىكى ئىككىنچى ئادەمگە ئوخشىمايدىغان تالانىت خاسلىقىنى ئاشكارىلىغۇچى قەلىب كۈچىگە دىققەتنى يىغىش زۆرۈر»دەيدىغان ئىجادىيەت ئىدىيىسىنىڭ بۇ ئەسەر ئارقىلىق رەسمي ئاشكارلىشىشى بولغان. بۇ ئىدىيە:
بىرىنچىدىن، بىزدىكى ھەربىر كەسىپ ئەھلى ئۆزلۈك مەنپەتلىرىگە خۇددى زۇلۇكتەك چاپلىشىۋىلىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان شەخسىيەتچى ئادەملىرىمىزدەك تارىخنامە ۋە ئۇستازلاردىن ئۈگىنىۋالغان ناھايتى يۈزەكى كەسپى بىلىم ۋە ماھارەتلەر بىلەن مەستخۇش بولۇپ يۈرىدىغان ئەخمىقانە چەكلىمىلەرنى رەت قىلىپ، ھەربىر ئاددى ئادەمنىڭ زامانىمىزنىڭ سەنئەتكارلىق كامالىتىگە قاراپ ئىلگىرلىشىگە يۈرەك قېتىدا تۇرۇپ يول كۆرسىتىدىغان قەلىب كۈچى_ روھى كۈچنىى يورۇتۇپ بەرگەن. يەنى تالانىت ۋە ئەقىل ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى كىتابلاردەك نوقۇل ھالدا سەنئەت تۈرلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ماھارەتلەرنى قانداق ئۆستۈرۈپ ماڭىمىز دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بىرىپلا بولدى قىلماستىن، شۇ سەنئەت تۈرلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىنى يارىتىۋاتقان سەنئەتكارنىڭ مەنىۋىيتى نېمە ۋە ئۇنى قانداق قۇرىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ خەلق ھەركىتىگە ئايلاندۇرىمىز؟ دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ تېپىشنى تېماتىكا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئەسەردىكى مەزمۇنلار سەنئەتكارلىق مەنىۋىيىتىگە يىتىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر تاۋلىنىش مەزمۇنى بىلەن سەنئەتكارلارچە ياشاشنىڭ زامانىۋى ھۆنەر-تېخنىكىسى بويىچە چوڭقۇرلاپ، دەۋرىنىڭ ھەقىقى ئىجادىيەت پەلسەپىسىنى تۇرغۇزۇشقا قاراپ ئىلگىرلىگەن. ئوخشىتىش بىلەن ئېيتساق، ئەسەردە كۈنىمىزدىكى "ياشاش سەنئىتى"بويىچە تاۋلىنىش خۇددى تارىخىمىزدىكى مايترى مايمۇنىنىڭ بۇددىزىمىلىق تاۋلىنىش ۋادىلىرىدىن ئۈتۈپ پىرمانلىقتىن بۇرھانلىققا، ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ 40ۋادىلىق تاۋلىنىشتىن ئۆتۈپ مۆئمىنلىككە يىتىپ بارغىنىدەك، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆزلۈكلەر روھىغا چىرمالغان ئىنسانلىقتىن ياشاۋاتقان دەۋرىمىز تەلىپىدىكى ئىرپانلىققا كۆتۈرلۈش، ئەۋلادىمىزغىمۇ تەڭلا كۈنلەردىن كىيىن تەپسىن بولمايدىغان ياشاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىرىش غايىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ئىلمىي دەرىجىگە كۆتۈرلۈپ، مەۋجۇت سەنئەت تۈرلىرىدىكى شەرھىشۇناسلىقتىن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىۋى تاۋلىنىش تېخنىكىسى-مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشنىڭ ھۈنەر سەنئىتىنى ئۈگىنىشىمىز ئۈچۈن تامامەن يېڭى بىر نەزەردىكى دەستۇر بولۇش سۈپتىگە قاراپ ماڭغان؛ ئىككىنچىدىن، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان مىزان ئۈچۈن ئۆگلۈكنى تىكلىگەندە، ئۇنى مەلۇم بىر ساھەنىڭ ئەقىلدە پىشقان بايراقدارى ياكى بىرەر ئىشتا مۆجىزات پەيدا قىلىدىغان ئۇستىكار ۋە ياكى مەلۇم ئىشلاردا قەۋم -مىللەتكە ئېھسان قىلدىغان ۋاقىتلىق بەخشەندىچى ئەمەس ، بەلكى ، تۇرمۇش ۋە ئىلىم-پەننىڭ ياشاۋاتقان دەۋىر تەلەپ قىلغان تەرەپلىرىدە ئەتراپلىق يىتىلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ھەم پىكىر مۇشكىلاتلىرىغا چىدايدىغان ئەمىلىيەتچى ، ھاياتلىقنىڭ ئوبىكتىپ ئەمەلىيتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە كۈتۈلمىگەن مۇشەققەتلەرنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بېرىدىغان قەلىب كۈچىنى تاۋلىغۇچى ئىكەنلىكىنى تارىخى تەجىرىبە ۋە رىئال مۇھىتىمىزدىكى يېڭى تەلەپلەر بويچە بىر- بىرلەپ يورۇتۇپ بەرگەن. بىر پۈتۈن ئەسەرنى بىرىلىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز ئىختىيارسىز ھالدا « ھە مۇنداق ئىكەن –دە- ، ئۆگلۈك دىگەن يەتتە ۋادلىق تاۋلىنىشتىن ئۆتكەن ئادەملەردە يىتىلگەن ئەقىدە ئىكەن ، بۇنداق ئەقىدىگە ئىگە ئادەملەر قولىدا – قۇرال بولمىسىمۇ كۈچلۈك ، غەزىنىسىدە كۈمۈش بولمىسىمۇباي، كەينىدە يىقىنلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولمىسىمۇ غالىپ ، ھايات كېمىسى تەۋرنىپ كىتىپ ئۇنى ھەممە تەرەپتىن دولقۇن ئورىۋاتسىمۇ مۇستەھكەم، بوران چاپقۇنلار ئالدىدا يىڭىلمەس ئادەم بولالايدىكەن.» دىگەن تۇيغۇغا كىلىپ قالىسىز-دە، ھازىرقى كۈندە ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقى ئۈچۈن بىردەم ئەجداتلىرىنى تىللاپ كەتسە، يەنە بىردەمدىلا ئاللا قانداق ۋەھىمىلەردىن قورقۇپ ماختاپ كىتىدىغان، ياكى مەغلۇبىيەتچىلىكنىڭ سەۋەبىنى مۇھىت ۋە باشقىلاردىن كۆرىدىغان كىشىلەرنى «خەپ توختاپ تۇر، ئازغانلىرىمغا تۆۋە قىلدىم، ئەجداد ۋە ئەۋلاد ئالدىدا يۈزۈم قىزارماسلىق ئۈچۈن ئۆگلۈك بولمايدىغان بولسام!»دىگەن يەرگە كىلىپ قالىسىز. ئىشىنىمەنكى ئەگەر ھەر بىر ئوقۇرمەن كىتابنى ئوقۇپ شۇ ھالغا كەلسە، بۇ داۋان ئاشقاندىن كىيىن تالانىت بوستانىغا يىتىپ بارغاندەك بىر ھىسىياتقا چۆمىدۇ.
يۇقارقى ئىككى تەرەپنى قوشقاندا ئاپتۇر تالانتنىڭ ئەقىل ۋە پەزىلەت ساھەسىدە خۇددى گۈھەر قازغۇچىدەك چوڭقۇرلاپ كىتىۋاتقان ئەھلى ئىلمى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن  "ياشاش سەنئىتى"ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم زىندانلىرىدىن، مەلۇم بىر ئىزىم بىلەنلا رامكىلانغان ۋەز نەسىھەتلەردىن، ئىنسانىيەت كامالىتى بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ بولمىغان ھېسيات پەرەس، مەھەللىۋى مەدەنىيەت مەسلەكلىرىنىڭ تارمەھكىمىچىلىكىدىن، مەلۇم ئىش ئۈستىدە يېڭىۋىلىش ئۈچۈنلا ئويلاپ چىقىدىغان ھىلە-مىكىرلەردىن، ئايرىم جامائەتلەردە ئۆزگىچە غالجىرلىشىدىغان كۆڭلى قارىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ئىجادىيەت تەلىپىنى ھەر بىر ئادەم بويىچە قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زامانىۋى يولنى ئىچىپ بەرگەن. ئىشىنىمىزكى، ئەسەردىكى بۇنداق يېڭىلىق، چوڭقۇرلۇق شۇنداقلا بىلىم قاتلىمىنىڭ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي،شۇنچە كەڭ تاۋلىنىش سىستىمىسىنىڭ ئاددى تىل بىلەن ئاممىباپ قىلىپ يۇرتىلىشى، ئەسەرنىڭ ئىجادچان تەپەككۇرغا ئىنتىلگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ دىلكەش دوستى بولۇپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەسەردىكى بىلىملەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالي مەكتەپلرىمىز نىڭ دەرىسلىكلىرىگە، يېزا-بازار ۋە كەنىت، مەھەللە كۈتۈپخانىلىرىغا ھازىرغىچەبىلىم غەزىنىسى بولۇپ  كىرمىگەنلىكى، ئەمما، بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان كەڭ دائىرلىك بىلىملەرنىڭ بۇ قاتلاملاردىكى ساۋاتلىق ئادەملەر بولسىلا چۈشىنىپ كىتەلەيدىغان ئاممىباپ چۈشەندۈرلىشىدىن ئېيتقاندا، بۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىمىزنىڭ، ھەتتا ساۋاتلىق دېھقان-چارۋىچىلىرىمىزنىڭ زامانىۋى تەلەپلىرىنى ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىلمي ھەل قىلىشنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان خۇسۇسىيىتى بىلەن ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن بولۇاىشقا تىگىشلىك مەنىۋى  تەدبىقلىنىش قوللانمىسى بولۇپ قالغۇسى.
بىلىم ئېگىلىكىنىڭ يىتىپ كىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات بىسىمى ۋە رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىن بولماقتا، پەن-تېخنىكىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنى مىسلىسىز ئۇلۇغ تەرەققىيات ۋە مۆجىزە خاراكتىرلىك مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشىتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يېڭى ۋە يۇقىرى تەلەپلەرنى قويماقتا. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق رىقابەت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بىلىم ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە رىقابىتىدىن ئىبارەت ،شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئەقىل، تەپەككۇ ۋە ئىرادە رىقابىتى.ئىنسان يارىلشىدىنلا ئەر-ئايال دىگەن جىنسى ئايرىمىسىدىن باشقا ھېچقانداق پەرقسىز يارالدى. مۇبادا، پەرق بار دىيىلسە، ئۇ پەرق پەقەت دىللىرى ۋە قوللىرىدىكى پەرىقتۇر؛ ئۇ ئاساسلىقى كىشىنى چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ، نىجاتلىق يولىغا باشلاپ بارالايدىغان ئىنساننىڭ قەلىپ ھۆرلىكى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارى ھەم ئەمىلى ئىشلەش روھىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى كۈندە ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت نېمىگە تايىنىپ تەرەققي قىلىۋاتىدۇ؟ پەقەت بىرلا نەرسىگە__ئەركىن قەلىپ ھۆرلىكىگە، يەنى ئىلىم-پەندىكى ئىجاد-ئىختىرا قىلىش، يىڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمىلىيەتچىل بولۇش روھىغا تايىنىش ئارقىلىقلا مىسلىسىز ئۇلۇغ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتىدۇ، قۇدىرەت تېپىۋاتىدۇ؛ يۇقىرى بوشلۇقتا ، پىلانتلاردا پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ دىڭىز تەكتىدە ئۈزۈۋاتىدۇ، ھۈجەيرىلەرنى قايتا گۇرۇپپىلاشتىن ھالقىپ ،ھاياتلىقنى بىۋاستە كېلونلاش،تەندىن ھالقىپ روھنى تەتقىق قىلىشقا قاراپ شىددەتلىك ئىلگىرلىمەكتە. بىز بولساق پۈتۈن ئىنسانىيەت زور بۇرۇلۇش ۋە تەرەققي قىلىشنىڭ ئالتۇن پەيتىدە تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق دەقىقىلەردىمۇ يەنىلا شۇ ناخشا-ئۇسۇل، شئېر-قوشاقلىمىزغا بىھۇش بولۇپ، بىخارامان ھالدا غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتماقتىمىز،ئۆزىمىزنى چۈشەنمەيۋاتىمىز، ۋۇجۇدىمىزدىكى يوشۇرۇن بايلىقلارنى بايقىيالمايۋاتىمىز،قېزىپ چىقىرالمايۋاتىمىز، روھي مەجىرۇخلۇقنىڭ قۇربانى بولىۋاتىمىز. ۋەھالەنكى، «ناخشا-ئۇسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز بولسىمۇ ھەرگىز بارلىقىمىز ئەمەس.» چۈنكى، شېئىر-قوشاق ۋە ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز بىلەن ئاسايىشلىق، بەختىيار تۇرمۇشنى، تەرەققىياتىنى تەسۋىرلىگىلى، مەدھيەلىگىلى بولسىمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. دىمەك، ناخشا-ئۇسۇل بىلەن قورساق تويمايدۇ، تەرەققىياتقىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يولى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، قانداق ياشاشنى، ئىجات ئىختىرا قىلىشنى بىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان،ئەقلى پاك، دىلى ھۆر  زاماندار ئادەملەرگە تايىنىش ئارقىلىقلار يىڭىدىن يىڭى تەرەققىياتلارغا ئىرىشەلەيمىز ۋە ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايمىز.  "يىڭىلىق ياىرىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ جىنى."،" تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ئىش قىلىپ  تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ئەن ئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەردىن ئىكنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس." بۈگۈنكى دەۋىردە بىزگە ئەڭ جىددي كېرەك بولىۋاتقان نەرسە ۋە ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە__ قانداقتۇر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈدەك بىرقانچە پارچە كاتتا ئەدەبىي ئەسەر ۋە ياكى 12مۇقامىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن نادىر سەنئەت ئىجادىيەتلىرى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل مىللەتكە ئىختىراۋى تەپەككۇر(يىڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىجادى تەپەككۇر) تەربىيىسى بىرىش ۋە ئۇنى ئومۇلاشتۇرش،شۇنداقلا خەلقىمىزنى قەلىب ھۆرلىكىگە، ئىجادچانلىق(يىڭىلىق يارىتىش) روھىغا ئىگە قىلالايدىغان، روھنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىددىۋىي ئۆملۈككە يىتەكلىيەلەيدىغان، سېستىمىلىق يېزىلغان بىرەر پارچە نادىر پەلسەپىۋى ئەسەر ئىدى. خۇسۇسەن خەلقىمىزنىڭ مۇنداق ئەسەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى كۈتىۋاتقىنىغا ئۇزاق ئەسىرلەر بولغانىدى. ئىسلامجان ئەپەندىمنىڭ «ياشاش سەنئىتى»ناملىق بۇ كىتاۋىنىڭ نەشىردىن چىقىشى  بۇ تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى.
بۇ كىتاب ھەققىدىكى بىشارەت ۋە بەزى مەزمۇنلاردىن«مۇنبەر» ژورنىلى ئارقىلىق ئالدىن خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتقانىدىم. مەن ئوقۇغان يەرلىرىمنى يېنىشلاپ، جىجىلاپ يۈرۈپ، ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى «ياشاش سەنئىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ئىھتىمال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يىقىنقى مىڭ يىل مابەينىدە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ سېستىمىلىق  ۋە مۈنەۋۋەر پەلسەپىۋى ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر بەلكى، خەلقىمىزنىڭ ئايىغى چىقىپ بولغىچە ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان، تىلى چىقىپ بولغىچە ناخشا ئىتيالايدىغان، قەدىمى ناخشا-ئۇسۇلچى، بىيىت-قوشاقچى مىللەتتىن، زامانىۋى پەن-تېخنىكا مىللىتى بولۇشقا ۋە يەنە ھېسىياتقا باي جىسمانىي مىللەتتىن پاراسەتتىن ئەقلى مىللەت بولۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشدىكى بىر قوزغاتقۇچ پىشاڭ،يۆلۈنىش كۆرسەتكۈچى ماياك ۋە ياخشى ھۆر ئادەمدەك ياشاش دەستۇر بولۇپ قالغۇسى.
             بۇ كىتاب ئىلىم خۇمار ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن خۇددى بىر بۇلاققا، ياكى دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەرياغا، مۇز تاغدىن چۈشۈۋاتقان سۇغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر قېتىم ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، بىر يېڭى ئىلھام ۋە روھى ئۇزۇق بەخىش ئېتىدۇ. كىتابنى ھەر قېتىم ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئىدىراكى ئادەم جەزمەن بىر يىڭى ئۇقۇمغا ۋە ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئېرىشەلەيدۇ. كىتابنى ئوقۇغانسىرى، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇپ،بىلىشنىڭ چەكسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ ئادەمنى يېڭى بىر ئىددىيىۋي مەنزىلگە باشلاپ بارالايدۇ، مېنىڭچە، بۇ ئەسەر مەڭگۈ داتلاشمايدىغان پولات ياكى مەڭگۈ يالتىراپ تۇرىدىغان ئالماس ۋە ياكى گۆھەرگە ئوخشاش مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەر.ھايات مۇساپىسىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالغان،ياشاش سەپىرىدىن ئىز قالدۇرۇپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى كىيىنكىلەرگە ھىس قىلدۈرۈشنى، شۇنداقلا ئۆزىنى تەڭداشسىز ئىلىم-ھېكىمەت ھەم ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ، كۈچ-قۇدىرەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان بۇ كىتابنى جەزمەن ئوقۇپ، ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك،ئەلۋەتتە.
داۋامى3-قىسىمدا بار  ./read.php?tid=23326&page=1&toread=1 
[ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-13 22:34 قايتا تەھرىرل ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى baturjangqi تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-06 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(nawa717)
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
           
    | ۋاقتى : 2008-06-06 21:09 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    yur.tum
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1626
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2103
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2103دانە
    شۆھرەت: 163 نۇمۇر
    پۇل: 2117 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تولىمۇ  جاپا تارتىۋاتىسىز 

    قەلىمىڭىز ھارمىغاي     
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-10 00:53 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    gulqikiz
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31285
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە153دانە
    شۆھرەت: 153 نۇمۇر
    پۇل: 559 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    < ياشاش سەنئىىتى >  ناملىق بۇ كىتاپ  توغرىسىدىكى  مۇلاھىزىيىڭىز  بەك قايىل قىلارلىق  بولۇپتۇ..... مەنمۇ  كىتاپتىن  بىرنى سېتىۋېلىپ  تەپسىلى  ئوقۇپ چىقاي..............
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-10 01:11 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنسانىيەت ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجادىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟
    ماۋزۇغا قاراپلا بۇ كىتابنىڭ ياكى بۇ كىتابنى ماختىغۇچىنىڭ دىنىمىز، ئېتىقادىمىز يۆنىلىشىدىن قېيىپ كەتكەنلكىنى ھېس قىلدىم.
    «ياشاش سەنئىتى»ناملىق بۇ كىتابتا يەنىلا جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى سۆزلىنىشى مۇمكىن.
    ياشاش پەلسەپىسى يەنىلا ئىچىڭىزدىن چىقمىسا، روھىڭىزدىن قۇۋۋەت ئالمىسا بىكار.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-10 08:51 3 -قەۋەت
    sciencefan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31565
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        جانابى مۇختارجان !جاھاندا قورقۇشقا تىگىشلىك بولسا ئەستايىدىل دىگەن سۆزدىن قورۇقسا بولىدۇ.جانابىڭىز بۇ كىتاب ۋە باشقىلارنىڭ بۇ  كىتابتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئەستايىلدلىق بىلەن تەپسىلى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقماي تۇرۇپ،تولىمۇ بىپەرۋا ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن جۆيلىگەندەكلا پىكىر قىسپسىز.بۇ يىقىنقى مىڭ يىلليىق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسە پە  ساھاسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن شاھانە ئەسەر تۇرسا ،راستىنلا  بۇنداق دىسىڭىز «ئېشەك نىمە بۈلۇر كۇنجىرا ناۋاتنىڭ قەدرىنى» دىگەندەكلا  گەپ بولمامدۇ؟~! بۇ ئەلۋەتتە سىزنى ئېشەككە ئوىشاتقانلىقمۇ ئەمەس ،بەلكىم سىز تۇرمۇش ھالاكچىلىكىڭىزدە بەلا ئالدىراش بولغاچقا تېمىدىن باشقىنى ئوقۇغۇلى قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتالمىغانسىز. بىراق ،تەپسىلاتتىن خەۋىرى يوق ،ساپا سۈپەتسىز مەسئۇلىيەتسىز بىر ئىنسان بىر شاھانە ئەسەرگە   قالايمىقان جۆيلىسە بولمايدۇ دە،شۇنداقمۇ يىگىت~!
       سىز ئاۋال ئاغزىڭىزغا كەلگەننى بىلجىرلىماي ، تەنقىدى نەزىرىڭىز بىلەن  ئەسلى ئەسەر ۋە بۇ 3قىسىملىق تەسىراتنى  ئەستايىدىل بىر قىتىم  ئوقۇپ چىقىڭ ۋە ئاندىن ئەقىل ئىمانىڭىز بىلەن باھا يازسىڭىزمۇ ئۈلگۈرۈسىز~!
        ئاللاھ  ئەقلىڭىز ۋە ئېلمىڭىزنى زېيېدە،  ئىمانىڭىزنى كامىل قىلغاي ئېلھام~!
    [ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-13 13:35 قايتا تەھرىرل ]
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
           
    | ۋاقتى : 2008-06-10 09:58 4 -قەۋەت
    doktor
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32368
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ەاەادە
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-10 10:03 5 -قەۋەت
    doktor
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32368
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئسلامجان شىرىپ ئەپەندى ئەسەرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ،ئۆزلۈك ،ھاياتلىق ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ  ئادەم تەربىيلەشتىكى ئەھمىتى ھەققىقەتەن زور. ئۇ نى مەن پەيلاسوپ دەپ قارايمەن.
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-10 10:13 6 -قەۋەت
    sciencefan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31565
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       مىنىڭچە دوسلار بۇ كىتاپ ۋە باشقىلارنىڭ بۇ كىتابتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى تەپسىلى ئوقۇماي تۇرۇپلا  كىتابقا باھا يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋال كىتاب ۋە تەسىراتنى تەنقىدى نەزەر بىلەن بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشى كىرەك ۋە ئاندىن،تەڭرى ئاتا قىلغان قەلىب كۆزى بىلەن كۆرۈپ ۋە مىڭىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ بولغاندىن كىيىن باھا ۋە ئوبزۇر يازسىمۇ كېچىكمەيدۇ،دەپ قارايمەن.
    [ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-10 10:51 قايتا تەھرىرل ]
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
           
    | ۋاقتى : 2008-06-10 10:34 7 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنسانىيەت ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. ھەر قانداق پەلسەپە بۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
    كىتابنىڭ ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىدىم، ئوقۇپ بىر نېمە دەي. ئەمما سىزنىڭ كىتاب ھەققىدە ماختاپ يازغانلىرىڭىز ۋە قويۇۋالغان ماۋزۇيىڭىز خاتا،  مۇبالىغىگە بەك بېرىلىپ كېتىپسىز. بىز مۇشۇنداق مۇبالىغىچىلىكتىن، ھاياجاندىن پەقەت قۇتۇلالمايۋاتىمىز.
    بىز ئاتالمىش «ئەستايىدىل» دېگەندەك ئۇلۇغ، قۇرۇق گەپلەردىن ئەمەس، بىزنى يوقتىن بار قىلغۇچى، ھەقنى ئۆگەتكۈچى تەربىيەت قوماندانى ئاللاھتىن قورقىمىز.   
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-10 12:45 8 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنسانىيەت ئىجادىيەت ۋە ياخشى تەربىيە ئارقىلىق بۇ دۇنيادا (ھاياتىي ئالەمدە) بەختكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ دۇنيانى نەگە ئاپىرىسىز؟!  ھەر قانداق ئۇلۇغ پەلسەپە ئىنساننىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت يۆنىلىشىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرەلىشى كېرەك. پەلسەپە بۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئىنسانىي كاللىسىدا بەرپا قىلغان زىددىيەتلىك، باتىل پەلسەپىلىرى شۇنداق بولۇشىنى بەلگىلىگەن. پەقەت دىنلا ئىنساننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرەلەيدۇ، يەنە كېلىپ دىنلارنىڭ ھەممىسى توغرا جاۋاب بېرەلىشى ناتايىن، ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل دىن ئىسلام دىنىنىڭ ئالەم ۋە ئادەمگە تۇتاش چوڭقۇر پەلسەپە (ئەمەلىيەتتە پەلسەپەدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن) چۈشەنچىسى كاللىمىزدىكى زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.  ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلام دىنىلا بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ياشاش پەلسەپىمىز.
      ئىسلامجان شېرىپ پىكىر ئادىمى، پەيلاسوپ ئەمەس. ئۇنىڭ كىتابىدا جاھاندارچىلىق ئۇسۇللىرىدىن باشقا ئالاھىدە گەپ يوق، پەلسەپە دېگۈدەك يېڭىلىق يوق.  پەلسەپە دېگەن نېمە؟ پەلسەپە دېگەن سىستېمىلاشقان نەزەرىيە دېمەكتۇر.
    بۇ تېمىنىڭ ئاپتورى سىز سەكرەپ كەتمەي سوغۇققان بولۇڭ. مۇشۇ كەيپىياتىڭىزدىنلا بۇ تېمىنىڭ نېمىشقا ھاياجاندىن تۇغۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرگە «بىلجىرلىدى» دەپ تۆھمەت چاپلىماڭ. بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز. مۇشۇنچىلىك ئەركىنلىكىمىزمۇ بولمىسا بۇ توردا بىز ئېشەك باقىمىزمۇ؟ 
     
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-10 12:52 9 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    «ياشاش سەنئىتى» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن، يېقىنقى 1000 يىل مابەينىدىكى شاھانە ئەسەر ئىكەنلىكىگە بۇ ماقالىنىڭ (مەزكۇر تېمىنىڭ) ئاپتورى ئالدىراپ ھۆكۈم قىلغان يەردە، بىزمۇ كىتابنى ئوقۇماي تۇرۇپلا ئوبزۇرچىغا باھا بەرسەك بولمامدىكەن؟  بىز بۇ ئوبزۇرنىڭ  دەبدەبىلىك ماۋزۇسىغا قاراپلا كىتابنى قارىقويۇق ماختىساق بولىدىكەن-دە! ئۇ كىتابنىڭ شاھانە ئەسەر ياكى ئەخلەت ئىكەنلىكىگە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن  كۆپچىلىك باھا بېرىشى كېرەك. ئوبزۇرچى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. «ماۋزېدۇڭ ئۈزۈندىلىرى»مۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلاھىي دەستۇردەك  قاتتىق تەشۋىق قىلىنغانىدى، كېيىن نېمە بولدى؟ شۇڭا بىر ئەسەرگە ئالدىراپ تون پىچمايلى، سوغۇققان بولايلى. بىز ھاياجاننىڭ، ئەخمەقلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق. 
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-10 13:01 10 -قەۋەت
    sciencefan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31565
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزگە سوغات __ يەنەلا شۇ گەپ ئېشەك نىمە بۈلۇر كۇنجىرا -ناۋاتنىڭ قەدرىنى؟~!
    مۇبادا سىز ساۋاتلىق بولسىڭىز ئاۋالچۇ سىز ئاز كەم4ئاي ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ بۇ 4توم كىتاپنى تەنقىدى يوسۇندا تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ ،ھەمدە بۇ3قىسملىق تەسىرات ۋە ئىلھامنىڭ ھەممىسىنى باشتىن ئاخىرغىچە (ھازىرقىدەك يوتقاننىڭ ئايىغىدىن كىرگەن كىچىك بالىدەك ئىش قىلماي)تەپسىلى ئوقۇپ كۆرۈڭ ۋە ئاندىن خۇدا بەرگەن ئەقلىڭىز بولسا ئىدراكى بىر تەپەككۇر قلىپ كۆرۈپ بۇ باھانىڭ زادى توغرا ياكى خاتا بولغانلىقى توغۇرسىدا  ئاندىن  شۇنىڭغا  ئاساسەن ھۆكۈم قىلىڭ ۋە باھا بىرىڭ ،بولمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بۇنداق قارىسىغا جۆيلىمەڭ! يەنە جۆيلىمەڭ! جۆيلىمەڭ! ساۋاتسىز يىگىت~!
    http://mtv.diyarim.com
           
    | ۋاقتى : 2008-06-10 15:47 11 -قەۋەت
    sciencefan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31565
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېسىت نادانغا قىلغان ئېسىت سۆزۈم! پەلسەپىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۈلمەيدىغان نادان ئېشەمتەك قارا قوساقلار بىلەن بۇ ھەقتە تالىشىپ يۈرگۈنىمىزنى قارىمامدىغان~! مۇقەددەس كىتاب_-«قۇرئان»نىڭ تۇنجى نازىل بولغان سۈرىسىدە(رەتلەنگەندىن كىيىنكى ھازىرقى قۇرئاننىڭ مەككىدە نازىل بولغان  [(سۈرە ئەلەق)سۈرە قان]97-سۈرە،سىنىڭ)سۈرىنىڭ 1ئايىتىدە:«نىنى ياراتقۇچى رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقى!» دەپ نازىل بولغان؛شۇ سۈرىنىڭ3-ئايىتىدەيەنە ئوقۇ! سىنىڭ رەببىڭ ھەممىدىن كەرەملىكتۇر ؛ 4-ئايىتىدە يەنە ئۇ(ئاللاھ) ساڭا قەلەم تۇتىشنى ئۈگەتتى ؛5ئايىتىدە ئۇ ئىنسانغا ئۆزى بۈلمىگەن نەرسىلەرنى ئۈگۈنىشكە،ئۈگۈتىشكە بۇيرىدى،دىيىلگەن.بۇ يفلغۇزلف رەسۇللاغىلا بىرىلگەن ۋەھيى_بۇيرۇق بولماستىن،بارلىقمۇسۇلمانغا بىرىلگەن بۇيرۇق.ئۈگۈنىشكە ۋە ئۈگۈـىشكە تىگىشلىكلەر ئىچىدە بۈلىڭكى سىز بىز مۇ بار.
       ئېھتىمال سىز بۇ ئىبارىلەرنى ئوقۇپمۇ باقمىغان بولغىيىتىڭىز يىگىت. كەرملەك ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىدا ،شۇنداقلا تۇنجى نازىل قىلغان سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىلا ئىنسانلارنى ئۈگۈنىشكە ،بۈلمىگەننى ئۈگۈنىشكە ،يەنىلا ئۈگۈنىشكە بۇيرىغانىكەن.سىز ئاۋال مۇقەددەس كىتاپ ۋە ئۇنىڭ روھى -ماھىيىتىنى،«قۇتادقۇ بىلىك»،«تۈركى تىللار دىۋانى»  قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھەم ئۇنىڭ روھى ماھىيىتىنى ئوقۇپ چۈشۈنىڭ،پەلسەپە دىگەن نىمە  بۇنى ئۈگۈنىڭ  ئاخىرىدا  «ياشاش سەنئىتى» نى ھەم ئۇنىڭغا بەرگەن باھالارنى ئوقۇپ كۆرۈڭ! ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سىز  پىكىر قىلكىشقا ھوقۇقلۇق. بولمىسا «قوڭاپدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋىم» دىگەندەك ئىش قىلماي،يەنىلا شۇ مۇقەددەس كىتاپنىڭ ھاقىرىقى بويىچە «ئوقۇ~!» ھەئە راست! جانابى ئاللاھچۇ كىشىلەرنى (بولۇپمۇ سىزدەك بۈلمەيدىغان كىشىلەرنى) ئاززار گەپ قىلىپ كۆپرەك ئاڭلىسۇن دەپ ئاتايىتەنمەخسەتلىك ھالدا قۇلاقتىن 2نى ئىغزىدىن بىرنى لاھىلەپ ياراتقان.شۇڭا بۈلمىگەن خۇنىك گەپنى  قىلىپ يۈگىچە،يەنە شۇ ئاللاھنى سۆزى بويىچە:___ «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!» «ئوقۇ~!»
    «ئوقۇ~!»
    [ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-10 18:33 قايتا تەھرىرل ]
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
           
    | ۋاقتى : 2008-06-10 16:17 12 -قەۋەت
    tohri
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4053
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 302
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە302دانە
    شۆھرەت: 312 نۇمۇر
    پۇل: 1803 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نېمانداق ئوچۇق، سەت، رەڭ بىلەن بويىغان تېكىست بۇ، كۆرۈشمۇ خوشياقمىدى@
    ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قويدۇم !
                                                  داۋاملىق ئىنكاسلىشىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن!!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قاننى سوغۇق سۇدا يۇغىن!!
    | ۋاقتى : 2008-06-10 17:18 13 -قەۋەت
    erturk
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25069
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 123 نۇمۇر
    پۇل: 417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-10
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىتابنى كۆرۈپ ئاندىن بىر نېمە دېسەك بولغۇدەك، ئەمما ئوبزۇرنىڭ ماۋزۇسى دېمىسىمۇ بەك دەبدەبىلىك قويۇلۇپتۇ.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-10 18:10 14 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قۇرئاندىكى «ئەلەق»سۈرىسىنىڭ مەزمۇنىدىن تارتىپ ئىملاسىغىچە بۇزۇۋېتىپ يەنە مېنى ساۋاتسىز دېيەلەمسىز  تورداش، ئۇنچىلىك سەپرا، تېرىككەك بولۇپ كەتمەڭ. قۇرئاندىكى«ئوقۇ!» دېگەن خىتاب پەيغەمبىرىمىزگە « ئايەتنى ئوقۇ، قۇرئاننى ئوقۇ، كىشىلەرگە ئوقۇپ بەر، نادان ئىنسانلار قۇرئاندىكى بۈيۈك خۇشخەۋەرنى بىلسۇن، قۇرئاندىن ئىلىم-ھېكمەت ئالسۇن» دېگەن تەرزدە  چۈشكەن ۋەھيى. شۇنداق مۇقەددەس ئايەتنى سۈيئىستېمال قىلىپ، نېمە دېمەكچى؟!
    ئوبزۇرچى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋەتكەن«ياشاش سەنئىتى» تېخى ئەمدى روياپقا چىقىپتۇ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنى كۆرۈپ ئاندىن باھالىشى كېرەك، ئۇنىڭ زادى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسىتىدىغان شاھانە ئەسەر ياكى ئەمەسلىكىنى ئىلىم ساھەسى بەلگىلەيدۇ،  ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئاڭغىچە بۇنىڭغا ئوبزۇرچى «ئىنسانىيەت... ئىجادىيەت... نىجادلىق...» دېگەندەك يوغان قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ قويسا، كېيىن بۇ ئەسەرنىڭ ئۇنچىلىك ئەسەر ئەمەسلىكى مەلۇم بولسا، ئۇ قالپاق كۈلكىلىك بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ بۇ ئىسلامجان شېرىپ ئۈچۈنمۇ بىر ھاقارەت ئەمەسمۇ؟   
    ئىسلامجان شېرىپنىڭ مۇنبەردىكى ماقالىلىرىنى، تالانت ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرگەنمەن، ئۇ كىشىمۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يازغان، ئۆز ئالدىغا پەلسەپىۋى سىستېما ياراتقىنى يوق، بۇنىڭغا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئىقرار.  لېكىن بىسمىللا دېمەيلا ئۇ كىشىنىڭ ئادەتتىكى تەتقىقاتلىرىنى، يازغان ئەسەرلىرىنى كۆپتۈرۈپ مازغاپ قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئۇنىڭغا مۇتەخەسىسلەر، زىيالىيلار قاتلىمى ئوبيېكتىپ باھا بېرىشى كېرەك. ئەسەر ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ «نىجادلىق ئىزدەش  سەپىرى»نىڭ ماياكى بولسا (ئىنجىلمۇ تېخى ئۇ دەرىجىدە ئەمەس) بولسا، شەرق، غەرب ئالىملىرى چوقۇم بۇ ئەسەرنىڭ كاتتىلىقىنى تونۇپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرىدۇ، ماقالىلەر يازىدۇ، ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن  يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن يەنە بىر پەيلاسوپ چىقىپتۇ دەپ باھا بېرىشىمۇ مۇمكىن. بىزمۇ شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمىز.  ئەمما ئۇنىڭغىچە بۇ ئەسەر مەدداھلىق، يۇرتۋازلىق، تەرەپپازلىق باھالىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئالدى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرغا تونۇلۇشى كېرەك.
       ئەسەرنى تېخى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ مۇنازىرىدە ئارتۇق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ، يۇقىرىقى ئىنكاسلىرىم پەقەت يۇقىرىقى ئوبزۇرنىڭ دەبدەبىلىك ماۋزۇسى ۋە ئوبزۇرچىلىق ئىلمىگە خاس بولمىغان زىيادە ھاياجان، كۆپتۈرۈشلەرگە قارىتا يېزىلدى. بۇ تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى، باشقىچە پىكىردە بولغانلارغا ھاڭدىن- زاڭدىن گەپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.     
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-10 18:13 15 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈنىمىزدىكى "ياشاش سەنئىتى"بويىچە تاۋلىنىش خۇددى تارىخىمىزدىكى مايترى مايمۇنىنىڭ بۇددىزىمىلىق تاۋلىنىش ۋادىلىرىدىن ئۈتۈپ پىرمانلىقتىن بۇرھانلىققا، ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ 40ۋادىلىق تاۋلىنىشتىن ئۆتۈپ مۆئمىنلىككە يىتىپ بارغىنىدەك، ...

    قاراڭلار، ئاتالمىش ئوبزۇردىكى يۇقىرىقى پەلپەتىش گەپلەرگە...  ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە كاللام قېيىپ كەتتى.
    دارۋىنىزىمنىڭ بۈگۈنكى تەشۋىقاتچىسىدىن يەنە بىر پەيدا بوپتۇ .
    ھەممىنى بىلىمەن دەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان، ئىسلام دىنىنى سۈيئىستېمال قىلىپ پىكىرلەرنى بۇلغاۋاتقان، ھىندى بىراھمانى،  بۇددىزم تەلىماتى، سوپىزم تەرىقىتىنى يۇغۇرۇپ ساپ ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇلغاۋاتقان قارا قورساق زىيالىيلارغا قاتتىق ئېچىنىۋاتىمەن... 
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-10 18:32 16 -قەۋەت
    sciencefan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31565
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئالدۇراڭغۇلۇق  تەنتەنلىك ياخشى ئەمەس،گەپ دىگەننى قىلىپ بولۇپ ياندۇرۋىلىش تەس، شۇڭا ئاۋال  'ئوقۇ' ~! دىگەندەك ئوقۇڭلار ،تەتقىق قىلىڭلار ئاندىن پىكىر قىلىڭلار ئەزىمەتلەر.
    مىنىڭچە دوسلتلار  بۇ  كىتاب ۋە ئۇشبۇ تەسىراتقا  باھا بىرىشكا ئالدىرىماستىن ئاۋال ئەسلى ئەسەرنى تېپىپ  تەنقىدى نەزىرى بىلەن  ئەسلى ئەسەر ۋە بۇ 3قىسىملىق تەسىراتنى  ئەستايىدىل بىر قىتىم  ئوقۇپ چىقسا ۋە ئاندىن باھا يازسىمۇ ئۈلگۈرەلەيدۇ~!
    ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئەقلىنى زېيېدە،  ئىمانى كامىل قىلغاي ئېلاھىم~!
    [ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-10 22:39 قايتا تەھرىرل ]
    http://mtv.diyarim.com
           
    | ۋاقتى : 2008-06-10 18:42 17 -قەۋەت
    gul~sanam
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 338
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە338دانە
    شۆھرەت: 343 نۇمۇر
    پۇل: 1205 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :58(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق، مەنمۇ بىر ئوقۇپ چىقاي
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    بىلىم ئىلىش ئۈچۈن ھارماي تېرىش~!
    | ۋاقتى : 2008-06-10 20:01 18 -قەۋەت
    omar33
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26098
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 35 نۇمۇر
    پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھارمىغايسىز قېرىندىشىم
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-10 22:09 19 -قەۋەت
    gorkar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31317
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەيلاسوپ ئىسلامجان شېرىپ ئەپەندىنىڭ مەزكۇر كىتاپىنى قىزغىن ئالقىشلايمەن. شۇنداقلا تەپەكۈرى ئوچۇق كىتاپخانلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى ۋە ئەتىۋارلاپ ساقلىشىنى تەكلىپ بېرىمەن.  بۇ كىشىگە ھەم ئۇنىڭ تەپەككۈرىنى مەسخىرە قىلغانلار سوپىلىق، رادىكاللىق تۇرمۇشىدا مەڭگۈ قالىدۇ خالاس.
     
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-10 23:50 20 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىسلامجان شېرىپنى ھېچكىم مەسخىرە قىلمىدى، گەپ ئوبزۇر ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ.
    كاللا دېسە پاقالچاق دېمەيلى.
    سوپىلىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلار بىزنىڭ بەزى زىيالىيلىرىمىز.
    ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇرمىلاۋاتقانلار ماددىيەتكە زىيادە بېرىلگەن رادىكاللاردۇر.
    ھەقىقىي سوپى ۋە رادىكاللارنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ ئاندىن سۆزلەڭ تورداش گوركار.
    جاھىللار دائىم ئۆزىنىڭ گورىنى ئۆزى كولايدۇ.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-11 05:41 21 -قەۋەت
    tepakkurchi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32471
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ دۇنيانىڭ دوۋزىقىنى كۆرەي دىسەڭ مانۇ مۇشۇمۇختارجانلاردەك ئىمان ئىيتىقاتسىز،بىلىمسىز كىشىلەر ئارىسىغا بىرىپ ياشاپ باق دەيدۇ، بىرئۇستازماڭا.بىزدە دەل مۇشۇنداق بىر تۈركىم رادىكاللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلىم-پەننىڭ سۈبھى ۋە ئالتۇن چاغلىرىدا ياشاۋاتساقمۇ يەنىلا راۋاج تاپالماي ئىتتەك ئۆزىنى تالاپ ئالغا باسالماي يۈرمەمدۇق مانا.توۋا دەيمەن بۇنداقلار قاچانلاردىمۇ تۈگە ھە! مىنىڭچە بۇ ئەسەر ناھايىتى نادىر ۋە بەكمۇ ئىغىر ۋەزنى بىلەن يېزىلىپتۇ. مەسىلە بۇ كىتاپ ۋە ئوبزۇرنىڭ قانداق يېزىلىغانلىقى ئەمەس، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ۋە ئەڭ موھىمى بۇ بىزنى قانداق يېڭى ئىلھام ۋە تەپەككۇرغا يىتەكلەپ بارالايدۇتەرەققىياتىمىزغا قانداق ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار؟ بىزدىكى قايسى ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ قانداق تۈزۈتىشنىك يوللىرىنى كۆرسەتتى؟دىگەندە بولىشى كىرەكقۇ! شۇنداق ياخشى ئەسەرنى باشتىن ئاخىرى ئوبدانراق بىر قىتىم ئوقۇپ چىقماي تۇرۇپ،ھەسىنىكام قاپ بىلدىن دەپ نىمە دىگەن تىتىقسىزجۆيلۈش بۇ؟! بىزدە دەل مۇشۇ  ئەپەندىم دەك ھىچقايسى بىر ئىلىمنى مۇكەممەل بىلمەيدىغان،ساختا تەقۋادارلىق تونىغا ئورۇنىۋالغان چالا موللىلارنىڭ بولغانلىقىدىن  ھالى كۈنىمىز مۇشۇ بولمايۋاتمامدۇ دەيمە!
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-11 12:08 22 -قەۋەت
    muhterjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25388
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماڭا  ئىمان-ئېتىقادسىز دەپ باھا بېرىشىڭىزگە نېمە ئاساسىڭىز بار تەپەككۇرچى!  سىز قانداق تەپەككۇر قىلىدىغان تەپەككۇرچى؟
    چالا تەپەككۇر قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى چالا موللا. ئىنكاسلىرىمنى ئوبدان ئوقۇپ، چىشىڭىز پاتسا ئىنكاس قايتۇرۇڭ، بولمىسا شەخسىيەتكە ھاقارەت كەلتۈرمەڭ.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-11 12:33 23 -قەۋەت
    otan-saman
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30859
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 161 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنىڭ بۇ يوللاپ بولغان تېمىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىم ھەرگىزمۇ تېما تەكرارلىقى پەيدا قىلغىنىم ئەمەس، ئوقۇپ بولۇپ مېنى تەنقىد قىلسىڭىزمۇ، تىللىسىڭىزمۇ ئاغرىنمايمەن. پەقەتلا سىلەرگە ئازراق بىرنېمە يۇقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
                                          ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى


      ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
    باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
    مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
    دېگەن شېئېر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزغۇنچىلىق قوشۇلدى. قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز ئوبدان بىلىمىز.
      قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ.
      خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئوپىراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
      ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى: ئۆلدۇق دەپ بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
    بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك دورىدۇر.
      تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
    بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
    (بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەركەت ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋال ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەركەتكە تۇتۇنىشىمىز كېرەك.)
    ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جىددىي تۈردە روھىمىزنى پالاپ، جەمىئەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك.
      بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
      قانداق جىددىي پوزىتسىيەدە بولىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز. ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن:
      مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇنىشىممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋىسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
      ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئەمدى بەش دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى: جىسمانىي دورا
      بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يىيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
    1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
      ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
      چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ بۇيرىسا ئېرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
    2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
      مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يىتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر قىلىشىمىز كېرەك.
      ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلىغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنسىز.
    3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
      كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمۈد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمۈد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
    «ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.
    ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۈپ بولغان.
    ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
    4. قاتتىق تىرىشىش :
      پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق بانا سەۋەپنىڭ كۆتىگە تىپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
    بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئىزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
    5. ئۆز-ئارا يىتەكلەش :
      مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى، تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يىتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
    بىزنىڭ جەمىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام» كىشى ھېساپلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىشىمىز كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
    ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ ئارقىدىكىلەرنى يىتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

    يۇقىرقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمۈد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش. ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەركىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمۈدۈم ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-11 14:54 24 -قەۋەت
    gorkar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31317
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىسقىسى ئىسلامجان شېرىپ بەشكىرەمى بۇ ئەسىرى ئۈستىدە نەچچە يىل ئىزدەندى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجرى سىڭدى. دەۋرىمىزدە تارىختىكى ئىككى بۈيۈك ئەسەردىن كىيىن پەلسەپە سېستىمىسى بۇيىچە روياپقا چىققان كاتتا ئەسەردۇر. پەلسەپە ۋە تەپەككۈر ھەم شۇنداقلا قانداق ياشاش، ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بۇ كىتاپنى ھەممىڭلارغا تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ ھەرگىزمۇ جەمىيەتتىكى ئۇقۇمۇشلۇقلارلا ئوقۇپ قويىدىغان كىتاپلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىزدەك كەڭ كەتكەن تۆۋەن سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كىلىدىغان ئەسەردۇر.
    ئۈستىدىكى بىر توردىشىمىز ئېيتقاندەك تەپسىلىي ئوقۇپ كۆرۈپ ئاندىن ئېغىز ئاچساقمۇ كېچىكمەيمىز. بارلىق سەمىيمى قېرىنداشلار، «ياشاش سەنئىتى» دەك ئۇيغۇر يىقىنقى زامان پەلسەپە ساھەسىدىكى خانتاجى بۈيۈك ئەسەرنى ھەممەيلەن ئالقىشلايلى!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-11 15:10 25 -قەۋەت
    azhunbala
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29505
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 212
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە212دانە
    شۆھرەت: 212 نۇمۇر
    پۇل: 988 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئوقۇپ قويسام بولغۇدەك
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    پېقىر ئازىۇن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا تەييارمەن
    | ۋاقتى : 2008-06-11 17:55 26 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:06
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation