ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت ئارقىلىق نىجاتلىق ئىزدەش پەلسەپىسى__ «ياشاش سەنئىتى»
_________ «ياشاش سەنئىتى»ناملىق كىتاپنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھام(1-قىسىم)
促使人类以创造通往兴旺发达的哲学——《人生艺术》
——读《人生艺术》一书的心得与启发 Creation of human beings to promote the prosperity of philosophy and the "art of life"
Experience of the reading of "art of life" _____
艾热提江•噢斯曼•笔理科雅尔 Ghayratjan•Osmanغەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار ①
باش شۇجى خۇجىن تاۋنىڭ "مۇستەقىل يىڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى"،دىگەن چاقىرىقى ئېلان قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغان پەيىتتە، زامانىمىزنىڭ مۈتەپەككۇرى-پەيلاسوپ ،ئۇستاز __ئىسلامجان شېرىپ بەشكىرەمى ئەپەندىم يازغان «ياشاش سەنئىتى» نامىلىق يۈرۈشلۈك كىتاب مەركىزى مىللەتلەر نەشىريات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. شۇ ئەسنادا مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ تولىمۇ ئىپتىخارلانماقتىمەن.چۈنكى بۇ كىتاب ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ ساھەدە بىرەر مۈكەممەل ئەسەر بولماسلىقتەك بولشۇقنى تولدۇرغان كاتتا ئىجادى ئەمگەك بولۇپ، قۇتلۇقلاشقا ۋە پەخرىلىنىشكە ئەرزىيدۇ.مىنىڭچە مەيلى ئىجاتكار_ئىختىراۋى مىللەت بولۇپ تاۋلىنىپ چىقىش ۋە ياكى ئىختىراۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا بولسۇن،توغرا بولغان تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئىجادىيەتشۇناسلىق ئىلمى يىڭى مەسىلىنى بايقاشنىڭ ئۆزىلا بىر يىڭى ئىجادىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ، يىڭى بىر ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىشى ئىجادىيەتنىڭ ئاچقۇچى ،بىرە ر يىڭى تەسەۋۋۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەپ قارايدۇ.ئىددىيەۋى تونۇش،شەيئىلەرنى تونۇش يىڭى پىكىر ھاسىل قىلىپ، كۆز قاراشتا يىڭىلىق يارىتىش بارلىق يىڭىلىق يارىتىشلارنىڭ ئالدىنقى شەرتى.ھازىر يەر شارىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي كەشپىيات پاتىنىتىنىڭ %99تىنى ئىگەللەپ كىلىۋاتقان20چە ئىختىراۋى دۆلەت ، پەقەت قەلىب ھۆرلىكى، ئىجادىي تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش روھىغىلا تايىنىپ دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ سەركىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا بىز مىڭ يىللار ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن يۈسۈپ خاسھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقەرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئىككى چوڭ ئىلىم ھىكمەت خەزىنىسى ۋە مومىمىز ئاماننىساخاندىن مىراس قالغان 12مۇقامىمىز بار دەپ ياستۇقنى ئېگىز قۇشلاپ،ئەجداد تۆھپىسىدىن پەخىرلىنىپ ۋە ئۇنى پەش قىلىپ ، قۇرۇق پو بىلەن ئىغىز تاتلىق قىلىپ، تۆھپىسىز ئۆتىۋىرەمدۇق ياكى ياشاۋاتقان زېمىنغا يۈك بولماي ئىنسانىيەت مەدىنىيەت غەزىنىسىگە ئاز –تولا تۆھپە قوشۇپ ئۆتەمدۇق؟! ئۇلۇغ ئىنسان بولغان ئىكەنمىزئەلۋەتتە تۆھپىسىز ئۆتۈشكە بولمايدۇ؛تۆھپىسىز ياشاش ئەمىلىيەتتە ياشىمىغانغا باراۋەر.مۇبادا ئەمدى ھۇشىمىزنى تېپىپ باش شۇجى خۇجىن تاۋ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ « مۇستەقىل يىڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىختىراۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىش » چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ تەرەققىياتىمىزنى كاپالەتلەندۈرۈمىز دەيدىكەنمىز،كونا قاتمال تەپەككۇر ئادىتىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەپەككۇر ئەندىزىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزدا تۈپكى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساپ- يىڭىلىق يارىتشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن بىر مەيدان ھەقىقى مەنەدىكى "مەدىنىيەت ئىنقىلابى"(مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش،ئىلغار مەدەنىيەتكەئىنتىلىش قىزغىنلىقى ئىقىمى) ئىلىپ بىرىپ روھىيىتىمىزنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۈگۈنۈش ئىستىلىمىز ۋە تەپەككۇر ئەندىزىمىزدە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك يىڭى ئۆزگىرىش ياسىشىمىز لازىم. ئىختىراۋى دۆلەت قۇرۇش_ بىر تۈرلىك بۈيۈك ئىستىراتىگىيەلىك زور قۇرۇلۇش ،بۇ زور سىىستىراتىگىيىلىك قۇرۇلۇش نىشانىنى زادى نىمىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز؟! بىرلا ئىغىز گەپ ئەقلى پاك، دىلى ھۆر،روھى ساغلام، ئۆگۈنۈشكە ھىرىسمەن، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرغا باي،كۈچلىك يىڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمىلىي قول سېلىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە،ئەل سۆيەر،ئىنسانپەرۋەر ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپلا ئىشقا ئاشۇرالايمىز.ئۇنداقتا، يۇقىردا قايىت قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار زادى نەدىن كىلىدۇ؟ئۇلار قانداق تاۋلىنىپ يىتىشىپ چىقىدۇ؟ ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئېلىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت،ئادەم سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىجى ئورۇندا تۇرىمىز.بىراق زادى قانداق قىلغاندا شۇنچىۋالا زور ۋە كۈچلىك بولغان نوپۇس بىسىمىنى ئادەملەرنىڭ ئەقىل كۈچى بايلىقىغا ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرالايمىز؟زادى قانداق قىلغاندا كۈچلىك ئىجاتكار_ئىختىراۋى مىللەت ۋە دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى قايتا يارىتىش ۋە قايتا قۇرۇپ چىقىش تۈپ مەقسەت قىلىنغان بۈيۈك قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ روھى –ماھىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئىديىمىز ھەم ئەندىزىمىزدە تۈپتىن يىڭىلىق يارىتىشتىن ئبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئارقىلىقلا زاماندار ئىختىراۋى ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى ۋە يۇقارقى بۈيۈك نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. مىنىڭچە ، ئەقلى ھۇشىمىزنى ئىشقا سېلىپ پۈتكۈل مىللەت ئومۇمى خەلق بويىچە ئۈگۈنىشكە ئاتلىنىپ، ئىلىم- پەنگە يۈرۈش قىلىش ۋە بىر مەيدان ھەقىقي مەنىدىكى "ئۈگۈنۈش ئىنقىلابى" ياكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ئىلىپ بىرىپ، مىللەت ساپاسىنى ئومۇمى يۈزلىك ئۆستۈرۈپ، 21-ئەسىردىكى دۇنيا بىلىم ئىگىلىكى،ئىلىمىز يىڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن –تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە WTO نىڭ رىقابىتىنى كۈتۈۋىلىپ،يىڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشنىڭ كۈچۈنىش نوقتىسىنى مۇستەھكەم ئىگەللەش ئۈچۈن كىشى ھۇجدىنى قايتا تاۋلاپ روھى دۇنياسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى دەستۇرى بولغان «ياشاش سەنئىتى» نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ روھى ماھىيىتىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ماھىرلىق بىلەن تەدبىقلاپ ئاڭلىق ھەركىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن.
ئامىرىكىلىق داڭلىق مۈتەپەككۇر فرانكىلېن" كىتاپ ئوقۇشتا ئوقۇغان كىتابلارنىڭ سانى ئاساس ئەمەس،موھىمى كىتاپنىڭ سۈپىتى ۋە كىشىنى قانچىلىك تەپەككۇرغا باشلاپ بارالايدىغانلىقى،" دىگەن ئىدى.ھەممە نەرسنى تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان بازاردا بىر قىسىم "قەلەمكەش" ۋە نەشىر سودىگەرلىرى تۈرلىك يېزىق ياكى سۆز ئويۇنى كوزۇرلىرىنى ئىشقا سىلىپ ، خەلقمىزنىڭ ئەمدىلا شەكىللىنىۋاتقان كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ ، تۆۋەن سەۋىيەلىك، ئەرزىمەس تەكرار مەزمۇنلار ۋە بىلىم لاتقۇلىرى بىلەن پۈتتۈرگەن سۈپەتسىز كىتاپلارنىمۇ بازارغا سىلىپ ،ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقى ئەمىلىي نەپ بىرەلمەي، ئۇلارنى ئالداپ، پۇلىنى باپلاپ،ھىسياتىنى زېيانغا ئۇچرۇتىپ، قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سىپىۋاتقان ئەھۋالدا،‹ياشا ش سەنئىتى› گە ئوخشىغان ئەدەمگە ھەقىقى روھى ئوزۇق ۋە ئەمىلىي نەپ بىرەلەيدىغان، تەپەككۇرىغا ئىلھام،ئىجادىيەتكە مەدەت بىرىپ ئۆزىنى قايتا تونۇشقا ۋە روھى دۇينارىمىزنى زاماندار قىلىپ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بىرەلەيدىغان ئىسىل پەلسەپىۋىي ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
ئۇنداقتا سىز "ياشاش سەنئىتى"نى ئوقۇغانمۇ؟ مەن بىر قانچە ئالي مەكتەپتە ئوقۇغان، ھەم يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىختىساد باشقۇرۇش بويىچە ماگىستېرلىقتا مەخسۇس ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۆز نۆۋىتىدە كۆپلىگەن ئىلمى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، نۇرغۇن ئىلغار ئىلمى ئىددىيە ۋە بىلىملەرنى ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە ئۆز كەسپىم بولغان يېزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئىجادىيەتشۇناسلىق،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيىتى ۋە ئۆزۈم قىززىققانىلىكى نۇرغۇن ساھەلەردە يۈزلەپ ماقالىلەر يازغان ئادەم بولۇپ، گويا شۇ كەسىپلەردىكى بىلىملەرنى بىلسەملا ئۇتۇققا يىتىپ بارىدىغاندەك ھىس قىلاتتىم. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن "ياشاش سەنئىتى"نىڭ مۇقەددىمىسى ھىساۋىدىكى بىر توم كىتابنى ئوقۇپ چىققاندا، بىر مىللەتتىكى تەپەككۇر ئىسلاھاتى ياكى تەپەككۇر ئەندىزىسىنى يىڭىلاش ھەركىتى شۇ مىللەتنىڭ راۋاجى ياكى زاۋالى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلقىنى ھىس قىلىپ، ‹‹ هە، ئىش بۇنداق ئىكەن –دە!››دەپ قالغان ئىدىم. بۇ قىتىم "ياشاش سەنئىتى"نىڭ ئىجادىيەت ۋە ئۆگلۈك ۋادىلىرى ھەققىدە سۇنۇلغان تۆت تومنى ئوقۇغاندا بۇ ئەسەرنىڭ بىزدە ئەنە شۇنداق تەپەككۇر ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشقا يىڭى بىر كۆزنەك تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنى بېرىلىپ ئۈگەنسەك ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ھەركەتكە ئۆتسەك، ئۇنىڭ بىزنى يىڭى بىر نەزەر بىلەن دۇنيانى كۈزۈتىشىمىزگە، زاماننىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىلرىگە ئىرىشىشىمىز ئۈچۈن قەلىب كۈچى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم-دە، مەندەك بىر نۇقۇل كەسىپ ئەھلىدە ھاسىل بولىۋاتقان بۇنداق قەلىب كۈچىنىڭ باشقىلاردىمۇ ھاسىل بولىشىغا، ھەمدە بۇنداق ھاسىلاتلارنى ئالماشتۇرۇشنىڭ بىر پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام ۋە تۈرتكە بولۇپ، تىزراق ئىختىراۋى (يىڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى) مىللەت بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولۇپ، ھەممىزنىڭ "2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنى ئىختىراۋى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش"نىشانىغا ئەمىلي ھەركىتىمىز بىلەن ماسىلىشىش ئۈچۈن يېڭى ئىددىيۋى يول ھازىرلىشىمىزغا ياردىمى تىگىدىغۇ دىگەن ئىستەك بىلەن ئۇشبۇ تەسىرات ۋە ئىلھامىنى يازىم.
ئاپتۇر ئەسەرنىڭ مۇددىئاسىغا بەرگەن بىشارىتىدە بىزنىڭ تۇرغۇن تەپەككۇر ھالىتىمىزدىن يىڭى پىكىر ھۆرلىكىگە چىقىشىمىزغا مۇنداق ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ: «ئوخشىتىش بىلەن ئېيتساق، يېڭى تەپەككۇر ئەندىزىسى قەلبىمىزدىكى تەبىئي كۈچلەرنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، بىزنى يېڭى كۈچ سىنىشىدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىدۇ.» مەسىلەن، بىر توننا ئېغىرلىقتىكى يۈك-تاقنى خارتۇمى بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان پىلنىڭ سېرىك سەھنىسىدىكى ھالىتىگە قارايلى، شۇنداق كۈچلۈك ھايۋان سېرىك سەھنىلىرىدە كىچىككىنە بىر قوزۇققا باغلاپ قويۇلسا، باغلاقلىق پىتى جىم تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ پىللار ناھايتى يۇمران ۋاقتىدىلا زەنجىر بىلەن يوغان تۆمۈر قوزۇققا باغلاپ قويۇلىدۇ. ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا تېخى شۇنداق ئاجىز بولغانلىقتىن زەنجىرنى «ئۈزۈۋىتەلمەيمەن»دىگەن ئوي بىلەن زەنجىرلەنگەن ھالىتىگە كۆنۈپ قالىدۇ. چوڭ بولۇپ كۈچتۆڭگۈرلۈككە يېتىپ بارغاندىمۇ يەنە شۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەچكە، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ كىچىككىنە زەنجىرگە باغلاپ قويۇلسىمۇ يەنە جىم تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىدىكى كۈچتۆڭگۈرلۈك بويىچە زەنجىرنى ئۈزۈۋىتەلمەسلىكى ئەنە شۇ ئادەتلىنىشتىن بولغان. ئادەملەردىكى تەپەككۇر ئادىتىمۇ شۇنداق بولۇپ، گەرچە ئادمگە ئەركىن قەلىب ۋە مېڭىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ئاتا قىلىنغان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئادەملەر «مەندە ئۇنداق قابىلىيەت يوق»دىگەن خاتا ئوي ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقتىن، خۇددى شۇ كۈچلۈك پىل كىچىككىنە قوزۇققا زەنجىرلەنگەندەك، ئۆزىنىڭ قاتمال تەپەككۇر ئادىتىگە ئادەتلىنىپ قالىدۇ-دە، مېڭىدىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالنى بىكاردىن-بىكار ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ. يەنى كونا تەپەككۇر ئادىتى ئۇنداق كىشىلەرنى خۇددى ئالىي ھۆكۈمراندەك باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىدىكى «مەندە ئۇنداق قابىلىيەت يوق»دىگەن ئويى ئارقىلىق مەغلۇبىيەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويسا، تەپەككۇر ئەندىزىسى (ئادىتى)نى ئۆزگەرتىپ ئەقىل كۆزىنىڭ چوڭقۇر قاتلامىلىرىنى دەۋر ئېقىمىغا ئاچقانلارنى تالانىت چوققىسىغا چىقىرىپ قويىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇتۇق قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق تەپەككۇر ئادىتى جەھەتتە تاشقى تىزگىنلەشكە مەجبۇر بولۇش بىلەن ئىچكى تىزگىنلەشكە بويسۇنۇش ئوتتۇرسىدىكى پەرق بولۇپ، ھەركىم ۋە ھەر قەۋم كونا تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئاشۇ كۈچلۈك قورال مېڭىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىپ، رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ. دىمەك، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئىدىيە ۋە ئۇلۇغ ھەرىكەت ئەڭ ئاۋۋال تەپەككۇر ئەندىزىسى(ئادىتى)نى ئۆزگەرتىپ، ئىلغار تەربىيلىنىش ئەندىزىسىدە تاۋلانغان مېڭە ۋە ئۇلۇغ قەلىبتىن دۇنياغا كىلىدۇ. بىز بۈگۈنكى تەربىيلىنىشىمىزدە جەمئىيەتنىڭ ناھايتى كۈچلۈك ئىجادىيەت دولقۇنىغا ئۇدۇللىنىپ قالغان ئىكەنمىز. بۇرۇنقى ۋەز-نەسىھەت شەكللىرىدىكى ئەنئەنىۋي (قالاق)تەربىيلىنىش ئەندىزىسىنى زاماننىڭ يىڭى مۇسابىقىلىرى ئالدىدىكى ئىقتىدارسىزلىق كرىزىسلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئىجادچانلىققا ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالدىغا ئويلاپ ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۆگلۈك يىتىلدۈرۈشنى پۈتكۈل تەلىم-تەربىيىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغاندا، يەنى قەلبىمىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئەمىلي ھەركەتكە يىتەكلەيدىغان ئىلغار تەپەككۇر ئەندىزىسى-ئادىتىگە ئىگە بولغاندىلا، بۈگۈنكى جەمئىيەت تەلەپ قىلىۋاتقان زاماندار ئادەملەردىن بولالايمىز. ئاشۇ بوۋىلىرىمىزدەك ئۇلۇغ زاتلارنى يىڭىباشتىن بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز.
قاراڭ بۇ سۆزلەرگە، قايسىمىزئەشۇ زەنجىرلەنگەن پىللاردەك ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىكى كۈچنى تونۇماي «مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، مەن بۇنداق قىلالمايمەن» دەپ لەقۋالىشىپ تۇرۇشنى خالايمىز؟ مەن ئويلاۋاتىمەنكى، بىزدىكى بۇنداق ئويلار خۇددى مىنىڭ نۇقۇل كەسىپ ئۈگىنىش بىلەن بولۇپ كىتىپ، تەپەككۇر ئەندىزىمىزنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بۇنداق ئىلمىي كىتابلارغا ئېرەن قىلمىغان ۋاقىتلىرىمدىكىدەك ئىددىيىۋى قاتماللىقىمدىن كىلىپ چىققان. نەچچە ئەسىرلەپ بىر ئىزدا توختاپ قالىان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق دەۋىرلىرىدىن ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەندىزىسىگە چىرمىشىپ قالغانلىقىمىزدىن كىلىپ چىققان.دىمەك، بىزدە ئىقتىدارسىزلىق كىرىزىسى ھاسىل قىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ يىلتىزى دەل تەپەككۇرىمىزدىكى قاتماللىق بولۇپ. بۇنى پەقەت نۇقۇل كەسىپ ۋەياكى "چىرىگەن بىلىم زىندانلىرى"غا كۆنۈككەن قاتمال ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ئۆزگەرتىش مۇمكىن.
پۈتۈن ئەسەردە مانا مۇشۇنداق كۆز قاراش بىلەن ياشاش سەنئىتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار ئىلمنىڭ كونا ۋە يىڭى شاخلىرىغا، كۈنىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە تۇتاشقان كەڭ بىر تەپەككۇر ئۇپىقىدۇر. بۈگۈنىمىزدە ئىلغارئەللەردە بۇ ساھەدىكى تۈرلۈك تەتقىقاتلارغا مىڭلاپ بىلگىنلەر (ئالىملار) تىكىلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش-دەۋر تەلىپىدە ئۆزىنى يارىتىشنىڭ ھۈنەر-تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان زور بىر ئەقىل ئىنقىلابىدۇر. بۇرۇن ھەر بىر ئاتا-ئانا ياكى ھەر بىر ئەل پەرزەنىت ياكى پۇقرالىرىغا ھۈنەر-سەنئەت ئۈگىتىش بىلەن تىرىكچىلىك يولىنى ئىچىپ بەرگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئەقىل بۇلىقىنى ئىچىشنىڭ ھۈنەر-تېخنىكىسىنى ئۈگىنىش، ئۈگىتىش ۋە ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت ئۈچۈن ئورتاق بۇرچ بولۇپ، بۇ ئىنقىلابتىن ھېچقانداق مىللەت ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. قانچە كېچىككەنلەر ئاقىۋەتتە شۇنچە كۆپ قۇربانلىقلارنى بېرىپ يەنە بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر شەكلىدە پەرق بولىدۇ، خالاس.ئەل قىسسە،ھەقىقەت ھامان بىر بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى تونۇشى ھامان ئىلگىرى كىيىن ۋە پەرىقلىق بولىدۇ. مەن «ياشاش سەنئىتى» ئارقىلىق مانا مۇشۇنداق مۇقەررەرلىك ئالىمىدىن ئۆزىنى يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەركىنلىك ئالىمىگە ئۆتۈپ كېتىشىمىز ئۈچۈن نەچچە يۈز كېچىككەنلەرنى گويا ئۇزۇن كۈنلەردە روزا ۋە شىبىر قەدىر كىچىلىرىدە ئىبادەت قىلغاندەك بىدار ئۆتكۈزدۈم. ئەمما مەن يۇرتۇمدىن باشقا ئەللەرگە ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا بىرىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان، شۇنداقلا ھەركۈنى دىگۈدەك مەمۇرىيلارنىڭ تۈگىمەس مەجىلىس جاڭگاھلىرىدا ئەقىل ئۇپىرىتىدىغان ئادەم بولغاچقا، بەلكىم بەزى مەزمۇنلارنى توغرا شەرھىلەپ كېتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. ئۇستازلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېنى تەنقىدىي تولۇقلاپ، مەيۈس دىللارنى دېلىغۇللۇقلاردىن ھايات قىممىتىنى يارىتىدىغان ئۈمۈدلۈك مىنۇتلارنى كۆزلەپ شوخ سوقىدىغان رىغبەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆلۈشتىن كۈچ قوشۇشقا ئىشەنچىم كامىل،دەپ يازىدۇ،ئاپتۇر.
دۇنيادا قورقۇشقا تىگىشلىك بولسا "ئەستايىدىل" دىگەن سۆزدىن قورقۇش كىرەك.نىمىسلار شۇنچىلىك ئەستايىدىل مىللەتكى ئۇلار" بىر ئەستايىدىل مىللەت دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمىتلىك- ئىستىقباللىق مىللەت " دەپ قارايدۇ. ئەكسىچە بىپەرۋا –مەسئۇلىيەتسىز، ھاماقەت مىللەت ئەڭ ئۈمىتسىز ئىستىقبالى يوق مىللەتتۇر.قاراپ باقايلى، سىياسى تۈزۈلمىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەردىن نەچچە ئون يىل پاسىل ئايرىلىپ تۇرغان بىرلىن تىمى چىقىپ تاشلىنىۋىدى ھىچقاندق قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەيلا قالماستىن ،بىرللىككە كەلگەندىن كىيىنكى گىرمانىيەنىڭ تەرەققىياتى 10يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ ئالدىدا سىجىل تەرققى قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ،بۇ راستىنلا بىر پاراسەتلىك ئەستايىدىل مىللەتنىڭ مۆجىزىسى ئەلۋەتتە.ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، پەلسەپىگە ۋە سىياسىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قىززىق قانلىق،ھاماقەتلىك، ئىناقسىزلىق، پىتنە-پاساتچىلىق، غەيۋەتكورلۇق ،يۇرتۋازلىق ، مەزھەپچىلىك، غايىسىزلىك، ئىرادىسىزلىك، دىنى بار ئىيتىقادى يوقسۇزلۇق، ساۋاقنى يەكۈنلىمەسلىك، روھى زەئىپلىك، ئەقلى كورلۇق،قەلبى قۇللۇق، دىلى مەجرۇھلۇق ،ئىدىيە قاتماللىقى قاتارلىق مەنىۋىي كىسەللىكلەردىن قۇتۇلۇلماي تۇرۇپ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نۇسرەت قازانغىلى، مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتقا ئەسلا ئىرىشكىلى بولمايدۇ. پۈتكۈل ئەسەر دەل ئەنە شۇنداق كىسەللىكلەردىن زادى قانداق قىلىپ، قاچان قۇتۇلغىلى بولىدۇ دىگەنلەرگە ئۆلچەملىك رىتسىپ ئىزدەش ۋە ئەقلى مەدەت، روھى ئوزۇق ھەم تەپەككۇر كاتالىزاتور بولۇشنى ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى ۋە ئىنتىلىشى قالغان؛ ئەسەردىكى ئىجايەت ۋادىسى ئەقىل ھۆرلىكى ۋە ئىجادى پىكىر قىلىشنى شەرت قىلىنغان ھالدا مەلۇم بولغان ساھالەردىكى بىلىملەرنىلا ئىگەللەپ قەلماستىن ، تېخى بىلىنمىگەن ساھىلەرگىمۇ يۈرۈش قىلىپ ،يوشۇرۇن ئىختىدارنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان ھۆر ئەقىللىك دانىشمەنلەردىن بولۇشقا يىتەكلىىسە ، ئۆگلۈك ۋادىسىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلەر ۋە ناھايىتى جانلىق ھەم ئەمىلىي بولغان مىساللار،بىزنى دەل يۇقىرقىدەك نۇخسانلار ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى ئاجىزلىقلاردىن تىزراق قۇتۇلۇپ ، مۇنەۋۋەر بىر ئىنسان__ ئۆگلۈكنىڭ ئۆلگۈسى بولۇپ ،تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن قەسەمياد قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
داۋامى:
./read.php?tid=22468&keyword=[ sciencefan تەرپىدىن 2008-06-13 21:53 قايتا تەھرىرل ]