« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك؟ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 2725 قېتىم كۆرۈلدى
fikret
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30281
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 181 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuxbeg526 تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-10)
يۈسۈپچان مۇھەممەت تۇغيان



مۇقاملىرىمىز،ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىلىق بەدىئىي قامۇسى،مەدەنىيتىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى(ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەمەس).ئۇنىڭ ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان بىرگە مەنىۋىي ئۇرۇن بىرىپ كەلگەنلىكىنى،زورئىستىتىك قىممىتىنى،تەربىيۋىي ئەھمىيتىنى،بىر قىسىم مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى،كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئىغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىنى بىزگىچە يەتكۈزۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى،مۇقاملىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇشتىكى ئىجابىي قىممىتىنى(بۇنىڭدا يەنە دارۋازلىقتىن باشقا تۇنۇتقۇدەك نەرسىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپقا ئېلىش كىرەك)ھەرگىز چەتكە قاقمايمىز ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.تۆگە ئۆركىشىدەك ئېگىز-پەس تارىخ دولقۇنلىرىدا ناخشا-ئۇسسۇل دەردلىك قەلبىمىزگەمەلھەم بېرىپ كەلدى.تۇغۇلىشىمىز بىلەنلا ئەللەي ناخشىسى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇق.مەشرەپلەردە ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگەندۇق.توي-تۆكۈن،بەزمە مەشرەپلىرىمىز رەڭگارەڭ ۋە مول مەزمۇنلاشتى.شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالداتۈرلۈك قائىدە-يۇسۇنلىرىمىزمۇ كۆپىيىپ، بارا-بارا<<كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز>>لاشتى.ھە دېگەندە ئەپيۇنغا  خۇمار بولغان كىشىدەك مەجنۇنلارچە شەيدالىق تۈپەيلى،<<ئىنسان روھىغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى مەنىۋى ئامىل>>بولغان(فارابىي سۆزى)ناخشا مۇزىكا روھىيتىمىزدە <<سەنئەتخۇمارلىق>> تەركىبىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ باردىكى،ئىنسانىي كامىللىق،روھىي مۇكەممەللىك جەھەتتىن شۇنچە غۇربەتلىشىپ باردۇق.ئەل غېمى ئاساسىدىكى مىللى ئۇيۇشۇش كۈچىنى يىراقلارغا چۆرىۋىتىپ،ئىبلىس سۈرەتلىك لەنەتگەردى خوجىلار دەۋرىدىن باشلاپ مەزھەبچىلىك،تەمەخورلۇق،خۇشامەتچىلىك،ئىككى يۈزلىمىچىلىك،چېقىمچىلىق،ساتقىنلىق...قاتارلىق ئىللەتلەرگە چىرمىلىپ،جاھان كەزدىلىك پاتقىقىغا دۈم چۈشتۇق.

قاچانكى <<ئەمگەكچان،ئەقىل-پاراسەتلىك،قەھرىمان مىللەت>>لىك ئەركەك سۈپىتىمىز<<ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت(舞善歌能)دېگەم يېڭىچە <<تەبىر>>گە ئالماشتى،(يېقىندا <<ئىزدىنىش>>تور بىكىتىدىن <<ۋاسكىتبۇل چولپىنى ئادىلجان>> ناملىق ماقالىنى كۆرىۋىتىپ مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈپ قالدىم.<<خەلىقئارالىق داڭلىق ۋاسكىتبۇل رېپىرى سۈييى مۇنداق دەيدۇ:شىنجاڭلىقلار مېھماندۇستلۇق بىلەن ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمەيدۇ،توپ ئويناشقا رىقابەتكە يارىمايدۇ>>...)شۇنىڭدىن بۇيان،بىراۋ مەلۇم غەرەز بىلەن <<سېمىزكەنسەن>>دەپ قويسا،زورلاپ چىڭقىلىپ قوۋۇزىنى كۆپتۇرۋالىدىغان AQ لارچە ھاماقەتلىك بىلەن،ئەسلى سۈپەتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ،مەدەنىيەت دېسىلائەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغان ۋە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىزنىڭكىدەك سىستېمىلىق ھەجىمى زور ھالەتتە كۆرۈلمەيدىغان مۇقامىمىزغا،ناخشا-ئۇسسۇلغا ئەمچەككە يېپىشقان بوۋاقتەك باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتۇق،<<قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل،دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى>> ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ <<ئەمچەك>>نىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا كىرەكلىك <<سۈت>> چىقمايدىغانلىقىنى بىلىپ-بىلمەي،ياكى بىلىپ ئەسلەرتىلگەنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي تەشنالىق بىلەن يېپىشتۇق.بۇ <<ئەمچەك>>گە قاراپ قويۇشقىلا،<<ئىككىنجى زۆرۆرىيەت>>(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن سۆزى)سۈپىتىدە زېھنىمىز،ۋاقتىمىز،ئىقتىسادىمىز ئېشىنغاندىلا مۇۋاپىق تەرىقىدە زوقلىنىپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭغا قانچە يېپىشقان بىلەن بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا كىرەكلىك ھېچبىر قۇۋۋەت چىقمايدىغانلىقىنى،ئەكىسچە ئۇنىڭ ئىشقىدا مەجنۇنلارچە پەرۋانە بولغانسېرى،بارا-بارا ئەسلى ۋەسلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى پەرۋايىمىزغا ئالمىدۇق...


ھېكمەت غەزىنىمىزنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك،<<بۇقىنى كالام دىمەڭ،سازەندىنى بالام>>،<<ناخشا ئېيتقانغا يار كەلمەس،ئەسلى بىر كۆڭۈل خۇشى>> دېگەندەك دۇردانىلەر خېلى كۆپ!ئالدىنقىسىدا سازەندە-ئەلنەغمىچىلەرنىڭ دائىم توي-تۆكۈن،بەزمە-باراۋەتلەر بىلەن تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۈزۈك ئەسقاتمايدىغانلىقى ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،كېيىنكىسىدە ناخشا ئېيتقانغا يارمۇ كەلمىگەن يەردە،قورساقنىڭ ئەسلا تويمايدىغانلىقىنى،بۇنى پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن،بىكار بولغاندا ئېيتىدىغانلىقىمىز ئۆز-ئۆزىدىن ئاشكارە بولۇپ تۇرىدۇ.


ناخشا-مۇزىكا ئادەمنى خىيالچان،رومانتىك قىلىۋېتىدۇ.ئاڭلىغانچە ئاڭلىغۇسى كېلىپ،كىشى قەلبىنى رەڭگارەڭ خىياللار ئۆمۈچۈك تورىدەك  چىرماپ،ئۆزگە بىر ئالەم ئىختىيارسىز ھالدا كىشىنى ئۆز ھوزۇرىغا چىللاپ،رېئاللىقتىكى ھار قانچە زۆرۈر  ئىشلارمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ،كىشىنى جاھاننىڭ كارى-بارىنى ئونتۇلدۇرىدىغان بىغەملىك،لايغەزەللىك ۋە تەمەخورلۇققا سۆرەپ كېتىدۇ.بولۇپمۇ مۇھەببەت ناخشىلىرى تېخىمۇ شۇنداق.گەرچە مۇھەببەت ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن باشلانغان،ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار زېمىننى ئاۋات قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،تولىمۇ ئەپسۇسكى،ئۇ چاغدا شۇ مۇھەببەت بولسىلا يېتىپ ئاشاتتى،ئەمما ھازىر<<دەۋىر ئۆزگەردى>>ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇھىم بولغان كەڭ مەنىدىكى مۇھەببەت-بىزنى تۈمەن مىڭ جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنىڭ ئەجىر مۇكاپاتى سۈپىتىدىكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى،يىگەن تۇزىمىزنىڭ ھالال ھەققى-ھۆرمىتى بولغان ئەل-يۇرت مۇھەببىتى،بۇنىڭدىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى ، مىللى كىملىككە بولغان شەيدالىقىمىزنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى ھەقىقىي سىنايدىغان مىللەت مۇھەببىتى...قاتارلىقلار بىزنىڭ تېخىمۇ زور قوربان بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.


2005.يىلى25.نويابىر ب د ت پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدا<<جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى>>نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ،3.تۈركۈمدىكى<<ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى>>مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.بىز خۇشاللاندۇق،تەنتەنە قىلدۇق،تېخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ،ناھىيە-يىزىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ،كەينى-كەينىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق.رادىئو -تېلېۋىزورلاردا توختىماي كۆرسەتتۇق.قايتا-قايتا ئۇلاپ ئاڭلاتتۇق.زورلاپمۇ ئاڭلاتتۇق،<<تەلەپ-تەقدىم>>قىلىپمۇ ئاڭلاتتۇق.يېزا-قىشلاقلاردا،كەنت-مەھەللىلەردە،ئوي-ئۆيلەردە، كوچا-كويلاردا نەغمە-ناۋا قاينايدىغان،چوڭ-كىچىك مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى.كۆپ قىرلىق يىتۈك ئالىمىمىز مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ھەمدە ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇقادىر جالالىددىنغا ئوخشاش دوكتۇر،پروفېسسورلىرىمىز بۈگۈنكى ياتلىشىۋاتقان مىللى كىملىكىمىز،نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدلىقىمىز توغرىسىدا ئاچچىق تولغاق يەپ،كىتاپ ماقالە يېزىپ بەرسە،خەقتىن سوراپ بولسىمۇئەستايىدىل ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ،ئىدىيىمىزدە ئاز-تولا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا،داڭقان پۇتى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئەبجەش مۇزىكىلاردىن قۇرۇق چاپان تىكىپ،قوڭلىرىنى تولغاپ<<گىلدىڭلىتىش كومىلىچى>> يەۋېلىپ،ئۇيغۇسىراپ كېتىۋاتقان نەشىخوردەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ،گىلدىڭشىپ ئوقۇپ بەرسە،سۈپىتى تۆۋەن بىراك مال قاتارىدا تۆكمە قىلىپ سىتېلىدىغان VCD پىلاستىنكىلىرىدىن ئۈچ-تۆتنى چىقارسىلا<<تالانتلىق چولپان>> دەپ بىشىمىزدا كۆتۈردۇق.(ئۇنداق ئەمەس دەيدىغانلارغا جاۋاپكى،كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسپىتى 30~40%كە يەتمەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتلىمى ئىچىدە ئاۋازغا سالساقمۇ،مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇقادىر جالالىددىنلارنى تونۇيدىغانلارغا ، بىر پارچە ئەسەرلىرىنى مۇلاھىزە بىلەن ئوقۇپ باققانلارغا قارىغاندا،ئاشۇ ئاتالمىش<<تالانتلىق چولپان>>لارنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر ھەسسە كۆپ چىقىشى مۇقەررەر~~).ئالتە يانچۇقلۇق جىلىتكە كىيىپ، بوينىغا فوتو ئاپپارات ئىسىۋالغانكى كىشى-مەيلى چەت ئەللىك ياكى دۆلىتىمىزدىن بولسۇن،مەيلى مۇخبىر،مەيلى ساياھەتچى بولسۇن، ئزدەپ كېلىپلا قالسا،شۇنچە زۆرۈر ئىشلىرىمىزنى قويۇپ،نەچچە مىڭلاپ ئادەمنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ،نەچچە سەئەت،ھەتتا شۇ كىنى تۈگىمىسە ئەتىسىگىچە سوزۇپ بىكاردىن بىكارغا مەشرەپ تەشكىللەپ،ئۆزىمىزنى تېخىمۇ <<تونۇتۇش>>قا  ئالدىرىدۇق.ئەمما بىز قىزىققانلىق قىلماي، ئۆپكىمىزنى بېسىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، بىز بۇنىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتۇق!؟ شان-شۆھرەتكە،نام - ئاتاققا،ئېتىراپ قىلىنىشقا  ئىرىشتۇق.<<جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى>>مىز بىلەن خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتنىڭ ئۇئەييەنلەشتۈرىشىگە،تولۇق ئاۋاز بىلەن مۇقۇللىشىغا<ۋەكىللىك ئەسەر> دېگەن ئالىي باھاسىغا ئېرىشتۇق،ئاشۇ يالتىراق قەغەزگە  مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ (چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى،بىز ئۇيغۇرلار ئىنسانلار ئارا توققۇرى تەل تۆتنىڭ بىرى) دەپ ئاغزىمىزدىن كۆپۈك قاينىغىچە جار سالغىدەك دەسمايىگە ئىرىشتۇق.ئەممە بۇنىڭغا تۆلىگەن بەدىلىمىز بەكلا كۆپ بولۇپ كەتتى.(بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان <<مەشرەپ>>،<<مۇقام>> نامىدا خەجلىنىۋاتقان ،سەرپ بۇلۇۋاتقان نەچچە مىليۇن يۈەن خىراجەتنى ،ئاشۇ خىراجەتنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىشلىتىپ ، پەلسەپىگە ئەھمىيەت بىرىپ نەشىرىياتلاردا بويۇن قىسىپ يىتىۋاتقان ئىجادىي ۋە تەرجىمە پەلسەپە كىتاپلىرىنى نەشىر قىلدۇرساق،تەبئىي پەن روھىنى يېتىلدۇرسەك ،ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە تەبئىي پەن مۇكاپاتى تەسىس قىلساق،تەبئىي پەندىكى كەشپىيات نەتىجىلەرنى ماددىي رىغبەتلەندۈرسەك،مۇنەۋۋەر سىتۇدىنتلىرىمىزنى پەلسەپە، تەبئىي پەنلەر بويىچە چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارساق،بۇلار ئىلىپ كىلىدىغان ئېجتىمائىي،ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆز ئارا تەخمىنىي سىلىشتۇرۇپ كۆرسەكلە كۇپايە).


<<مۇقام بىزنى دۇنياغا تونۇتتى>>دېگەنلەرگە شۇنداق دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىزكى:بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراققىراق نەزەر سالساق،بۇ تونۇلۇشنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى،بۈگۈنكى ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۇ دۇنيادا،ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن ئۇزاپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ توپىسىغىمۇ يېتىشەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يىتىشىمىز لازىم(بۇ يەردە ئىككى مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى،گۇاڭجۇ شەھىرىدە يېقىندا  مۇھىت تازىلىقى ئىدارىسى قارمىقىدىكى  بىر كەسپى ئورۇنغا تۇنجى قىتىم ئاشكارە تازىلىق ئىشچىسى قوبۇل قىلىنغان.ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە بىر دوكتۇر،تۆت ماگىستىر،ئالتە تولۇق كۇرس ئوقوغۇچىسى بار ئىكەن.
يەنە بىر مىسال،ھازىر يەرشارى بويىچە نامراتلار ئومومىي نوپۇس سانى بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان بولۇپ ،بۇنىڭ60%تى ئاسىيا قىتئەسىدە ئىكەن،ئۇشۇ 60%ئىچىدە ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ.6 .نوپۇس بىشىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا،دوكتۇر،ئاسپىرانتلىرىمىزنى مانچە پىرسەنت دەپ سانىيالمايدىغان،نامراتلىق قالپىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلىرىمىزخېلى جىق نىسپەتنى  ئىگەللەپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا بىز يەنە نىمىمىزگە چوڭچىلىق قىلىمىز؟نىمىمىزگە ھە دىسىلا ناخشا ئۇسسۇلغا ئىسىلىۋالىمىز؟!شۇڭا بىز ئاۋۋال روھىيتىمىزدىكى جاراھەتلەرنى تازىلاپ،ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ئاشۇرايلى!شۇنىسى ھەقىقەتكى،مەۋجۇتلۇق بولغاندىلا ئاندىن ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ.ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساد، پەن-تىخنىكا،تەنتەربيە،سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولمىسا بولمايدۇ.ئەمما گەپ قايسىسىنىڭ باش بارماق بولۇشىدا.مېنىڭچە ، ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا بىر كۆزىنى قىسىۋىلىپ قارىغاندىمۇ،ناخشا-ئۇسسۇلنى ھەرگىزمۇ باش بارماق قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.بىزدە <<ئاۋۋال تائام،ئاندىن كالام>> دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار!بۇنى كەڭرەك يېشىپ چۈشەنسەك،ئاۋۋال ماددىي نىمەتلەر بىلەن بولىدىغان تىرىكچىلىك ، مەۋجۇدلۇق بولغاندىلا،ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى،<<قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ>>غانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.شۇڭا پەلسەپىدىكى ئەڭ ئاۋۋال قائىدە بويىچە،بىر نەچچە خىل زىددىيەت ئالدىدا ئاۋۋال قايسىسىنىڭ مۇھىملىقى،ئايرىپ بولغاندىن كېيىن،مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە  بىرمۇ بىر ھەل قىلىش-ھېسياتى ئەقىلنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالمىغانلا كىشى ئۈچۈن بىر ئەقەللى ساۋات.يۈرەك بىلەن ئاشقازاندىن تەڭلا كاشىلا چىقسا،ئاشقازان بىلەنلا ھەپىلەشسەك،ۋاقىت ئۆز يولى بىلەن ئۆتىۋىردۇكى،جان بىزنى ھەرگىز ساقلىمايدۇ.


بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان،ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز،ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسپەتەن قالاق،پەن-تىخنىكىسى راۋاجلانمىغان،مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن-تاماشا ۋە ئىككىنجى زۆرۆرىيەت ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل،نەغمە-ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى،شەڭ-شۇبھىسىزكى چۈشكۈنلۈك . تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيتقاندا دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.(دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنىڭ ئەكىسچە)


بىز كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ بۈگۈنكى دەۋرگە قاراپ باقايلى!دەۋىر بىزنى نېمىگە چاقىرىدۇ،بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھېيتى نېمە؟خەق نېمە ئويدا،بىز نېمە كويدا؟بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى،ئۇچۇر رىقابەت دەۋىرى!دەۋىرنىڭ بۇ خىل تەلىپىگە بىز ناخشا_ئۇسسۇل،نەغمە-ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز؟بىزگە ئوخشاش روھېيتىدە سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتكەن مىللەتلەر رىقابەت سەھنىسىدە باشقىلار بىلەن ھەرگىزمۇ روبىرو بولالمايدۇ.چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە،تەبئىي ھالدا ئەقلى تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ،كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان،ئۇنۋىرسال ساپاسى يۇقىرى مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟!بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېساپتا رىقابەتتە غەلىبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە  تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان چاۋاكچى مىللەت بولۇپ قالمايمىزمۇ؟ئەگەر بۈگۈنكى تىخنىكا سۈرئىتى بويىچە  چاۋاك چالىدىغان ماشىنا ئادەملەر ياسىلىپ قالسا ، ئۇ چاغدا تارىخ سەھنىسىدىن مىللەت سۈپىتىدە شاللىنىپ كىتىشىمىز مۇقەررەر!
 






مەنبە:كىروران ژورنىلى 2007.يىلى 7سان
[ fikret تەرپىدىن 2008-05-08 13:01 قايتا تەھرىرلەنگە ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى manggutax تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-08 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-08 11:39 [باش يازما]
    shaxzada
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناخشا ئۇسۇل مىللىتى بوپقالىمىزغۇ ئاخىرى
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-08 12:39 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    nodar
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1825
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1825دانە
    شۆھرەت: 460 نۇمۇر
    پۇل: 2943 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ باشقا جايدىن كۆپلەپ ئۆزىمىزگە ئادەملەرنى جەلىپ قىلىمىز. بىزنىڭ ماكان ناخشا ئۇسۇل ماكانىلا ئەمەس يەسە تىلنى يارىدىغان تەملىك مىۋىلىرىمىزمۇ بار داڭلىق مىۋە -چىۋە ماكانى، مېھماندوسلۇقى، ئالىجاناپلىقى بىلەن نۇرغۇن خەنلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان. ئۇلار كېلىشتە سۆۋەتلىرىنى دۈمبىلىرىگە تېڭىپ 2-3 شۇمتىكىنى سېۋەتنىڭ ئىچىگە سېلىپ ، كېتىشىدە شۇ سېۋەتنى ھەربىرى لىققىدە مال-دۇنياغا تولدۇرۇشىدۇ. بىزنىڭ ئۇياتا ئىش-ئوقەت قىلىۋاتقانلارنى <زىيۋازا> دەپ ئاتىشىدۇ. قوش تىللىق دەيدۇ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن چەت تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى قوشۇمچە قىلمايدۇ، يا ئۇيغۇرچىنى ئۆزى ئۆگەنمەيدۇ. بۇلاردا خەقنىڭكىنى ھۆرمەتلەش دىگەن يوق گەپ. ئالدىغا كەلگەننى خىجىل بولمايلا .الىدۇ يەيدۇ، توۋا
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ۋاقىت-ئالتۇندىن قىممەت~!
    | ۋاقتى : 2008-05-08 13:03 2 -قەۋەت
    berdem
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6231
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە161دانە
    شۆھرەت: 162 نۇمۇر
    پۇل: 516 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :124(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى پۇت تېرەپ تۇرۇش ؛ پۇت تېرەپ تۇرۇش ئۈچۈن توختاپ قالماسلىق (توختاپ قېلىش ئارقىغا چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ . --ئەمىن رەيھانى سۆزى -- )، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش كېرەك ؛ ئىلگىرلەش دېمەك تەرەققى قىلىش ، كۈچلىنىش دىمەكتۇر ؛ كۈچلىنىش ئۈچۈن نېمە كېرەك ؟ كۈچلىنىش ئۈچۈن  زامانىۋى ئىلىم - پەن ، تېخنىكا ، ماھارەت ئېەگللىگەن  ئىختىساس ئىگىلىرىمىز ۋە شۇنى ئېگەللەش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان جاسارەتلىك ، چىداملىق ، مەسئۇلىيەتچان  بىر ئەۋلات بولىشى كېرەك .  بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتتە ئىلىم - پەن ، مەرىپەت روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك ! 
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    بەردەم بول !  شۇندىلا يىقىلمايسەن ...
    | ۋاقتى : 2008-05-08 13:23 3 -قەۋەت
    Bawudunbay
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13346
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 32 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         
    سەنئەتتىن ئبارەت [ دەستىسى ساتاردا،بەستىسى ئېيتاردا بولغان ]  ئىككىنچى زۆرۈرىيەتنى خەلقنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىۋېلىشتى.
                                                 
                                              ___________________      ئا . مۇھەممەدئىمىن
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ????? ????? ??????? ????? ????????? ????????? ????? ?? ????? ????? ???????? ???????????!!!
    | ۋاقتى : 2008-05-08 14:31 4 -قەۋەت
    insanbiz
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27820
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 614
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە614دانە
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2439 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راس !
        ئا . مۇھەممەدئىمىن نىڭ ئەسەرلىرىنى نەدىن تاپقىلى بۇلا!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    دىيارىم ئەزالار مۇڭداش توپى قۇرۇلدى.59484468
    | ۋاقتى : 2008-05-08 14:40 5 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 276
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە276دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    پۇل: 999 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىinsanbizنىڭ2008-05-08 14:40دە يوللىغان يازمىسى  :
    راس !
        ئا . مۇھەممەدئىمىن نىڭ ئەسەرلىرىنى نەدىن تاپقىلى بۇلا!



          ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدۇ.(ئەلۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ھەممە
    يېرىدىن دېمەكچى.)
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:10 6 -قەۋەت
    466
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30310
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەنئەت مىللەتىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۇرسە يۈزلەندۇرىدىكى ھەرگىز روناق تاپقۇزمايدۇ ، مۇقام دىگەن بىلەن ،،مۇقامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئەنگە ئالسا نىمە بوپتۇ ؟ بۇنىڭ بىزگە قانچىلىك ئەمەلىي پايدىكى بولدى ؟؟  ئاچلىق ئازابىدا پۇچۇلنىۋاتقان جاپاكەش دىھقانلىرمىزغا قانچىلىك پايدىسى بولدى ؟ بىرەر ۋاخ تاماققا چۇشلۇق پايدىسى بولدىمۇ ؟؟ ھازىر نەدىكى ناخشىچىلار ماشنىلىق يۈرگەن .. ب ىزنىڭ تەبئى پەن ئالىملىرىمىز بولسا ۋەلىسىىپت بىلەن يۈرگەن ...، مۇشۇنداق مىللەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار .....،

    شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشمۇ زۆرۈركى بىزنىڭ تۇرالغۇيىمىز ، تامىقىمىز ئەڭ ئاددىيسىسى خالا بولمىسا بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ .. بىراق سەنئەت بولىمىسۇ ، مۇقام بولمىسىمۇ بىز ياشاۋىرىمىز .. تىخى ھازىرقىدىن ياخشىراق ياشىشىمىز مومكىن .
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:16 7 -قەۋەت
    atirgul627
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1101
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1101دانە
    شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
    پۇل: 3647 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :256(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىزغا رەھمەت.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل،بېشىڭ كەتمىسۇن،
    تىلىڭنى كۈزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:17 8 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 276
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە276دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    پۇل: 999 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

     
          سەنئەتكە بولۇپمۇ ناخشا ئىيتىش(گەرچە ئۆزۈم ئازراقمۇ توۋلىيالمىساممۇ)ۋەناخشا ئاڭلاشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولساممۇ،لىكىن بۇ يازمىدىكى كۆز-قاراشلارنى زادىلا ئىنكار قىلغۇم يۇق.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:19 9 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3531
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3531دانە
    شۆھرەت: 3818 نۇمۇر
    پۇل: 1214 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :292(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    لىكىن ھازىر بەزى سەنئەتكارلار (ئاتالمىش)ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلاپ ئاتاقلىق داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ يۈز-ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدى!
    ھەممە ئىشنىڭ چېغىدا بولغىنى ياخشى ئىدى لىكىن بۇ ئادەمنى تولىمۇ ئويغا سالدىغان ئىش ...
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
    ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:23 10 -قەۋەت
    arqayaprihi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25543
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 134
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە134دانە
    شۆھرەت: 134 نۇمۇر
    پۇل: 532 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قايسى بىر دۆلەتنىڭ <<زۇڭتۇڭى>> مۇنداق دىگەن ناخشا-ئۇسسۇلغا بېرىلگەن ھەرقانداق بىر مىللەت مەڭگۈ تەرەقىقىلالمايدۇ. ھامان زاۋالىققا قاراپ ماڭدۇ دىگەن. بۇگەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىغان  دىمىسىمۇ بىزنىڭ مىللەتنىڭ ھەي بولدىلا دىمەيلا قۇياي.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:48 11 -قەۋەت
    yalkun0510
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7131
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 153 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاجايىپ ياخشى  تىمىكەن.   
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-08 15:55 12 -قەۋەت
    aynuri915
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19721
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 214
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە214دانە
    شۆھرەت: 125 نۇمۇر
    پۇل: 525 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىللىي مۇزىكىلار بارغانچە يۇقۇلدىغان ئۇخشايدۇ.....
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-08 16:07 13 -قەۋەت
    palwanjan007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26155
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدۇشكۇر مۇھەممىد ئىمىن دىگەن  ئەينى  ۋاقىتتا  ،ئۆزىنى  دۆلەت  رەئىسى  ماۋزىدوڭ بىلەن  ناتىقلىقتا  ئورۇن  تالاشقان  ئىنسان ئىدى  .كىيىن مەينەت  ئىنقىلابتا  .شىنجاڭ  ئۇنىۋىرسىت كۇتۇپخانىسدا  نۇرغۇللىغان  بىلىملەرنى  كۇتۇپخانىدا  ئۆزلەشتۇرگەن .  
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 16:24 14 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 276
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە276دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    پۇل: 999 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون14قەۋەتتىكىpalwanjan007نىڭ2008-05-08 16:24دە يوللىغان يازمىسى  :
    ئابدۇشكۇر مۇھەممىد ئىمىن دىگەن  ئەينى  ۋاقىتتا   ،ئۆزىنى  دۆلەت  رەئىسى  ماۋزىدوڭ بىلەن  ناتىقلىقتا  ئورۇن  تالاشقان   ئىنسان ئىدى  .كىيىن مەينەت  ئىنقىلابتا  .شىنجاڭ  ئۇنىۋىرسىت كۇتۇپخانىسدا  نۇرغۇللىغان  بىلىملەرنى  كۇتۇپخانىدا  ئۆزلەشتۇرگەن .  



                         <<ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دېگەن  ئەينى  ۋاقىتتا  ئۆزىنى  دۆلەت  رەئىسى  ماۋزىدۇڭ بىلەن  ناتىقلىقتا  ئورۇن  تالاشقان   ئىنسان ئىدى.>>   ئاڭلىمىغانلا گەپقۇ بۇ.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 16:46 15 -قەۋەت
    insanbiz
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27820
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 614
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە614دانە
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2439 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىtayanqimbarنىڭ2008-05-08 15:10دە يوللىغان يازمىسى  :



           ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدۇ.(ئەلۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ھەممە
    يېرىدىن دېمەكچى.)

    توردىن دىمەكچى!
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    دىيارىم ئەزالار مۇڭداش توپى قۇرۇلدى.59484468
    | ۋاقتى : 2008-05-08 19:19 16 -قەۋەت
    mardan521
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26128
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 109
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە109دانە
    شۆھرەت: 109 نۇمۇر
    پۇل: 439 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلاردىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەبئى ۋە ئىجدىمائى پەن دوكتورلىرى ۋە بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر ئوغلانلار يىتىشىپ چىقتى ۋە ئۆزلىكسىز چىقىۋاتىدۇ ھەمدە مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنىتىۋاتىدۇ.بىراق ئۇلارنى بىلىدىغان،تەشۋىق قىلىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز،ئەسلى بېشىمىزدا كۈتۈرشىمىزگە لايىق ئادەملەر شۇلار ئىدى.مەنمۇ ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن،بىراق ھەممە ئىش لايىقىدا بولغىنى ياخشى.ھازىرقى تەرەققىيات نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاساسى مىللى مەدەنىيتىمىزنى ،تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش،ئۈزىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش(بۇلۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە)، دەپ قارايمەن.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:13 17 -قەۋەت
    جانان
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 293
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە293دانە
    شۆھرەت: 350 نۇمۇر
    پۇل: 29 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :112(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    palwanjan007:

    ئابدۇشكۇر مۇھەممىد ئىمىن دىگەن  ئەينى  ۋاقىتتا  ،ئۆزىنى  دۆلەت  رەئىسى  ماۋزىدوڭ بىلەن  ناتىقلىقتا  ئورۇن  تالاشقان  ئىنسان ئىدى  .كىيىن مەينەت  ئىنقىلابتا  .شىنجاڭ  ئۇنىۋىرسىت كۇتۇپخانىسدا  نۇرغۇللىغان  بىلىملەرنى  كۇتۇپخانىدا  ئۆزلەشتۇرگەن .   


    ئاشۇ ئابدۈشكۈن مۇھەممەت ئىمىن <دىگەننىڭ> ناتىقلىقتا ئورۇن تالاشقىنى راس بولسا قول قويدۇم
    چۈنكى رەئىس بولسۇن،پۇقرا بولسۇن ئوخشاش ئادەم ئەمەسمۇ


    ناخشا_ئۇسۇلنىڭ مەۋجۈتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك؟
    سوئالدىنلا بىلگىلى بولىدۇ قانچىلىكلىكىنى

    رەھمەت سىزگە، ياخشى ئەسەركەن
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:54 18 -قەۋەت
    karwanjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30343
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئشلارمۇ مىنىڭ كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيدۇ ،،ھەرقانداق نەرسە يولىدا بولغان ياخشى كونىلاردا ھەسەلنى يەۋەرسەڭ ئەمەن تېتىدۇ دىگەن بىر گەپ بار . بىز ھازىر ناخشا ئۇسۇل دىسە شۇنداق بىرىلىپ كەتتۇق .
    قەيەردە بىر ئېچلىش مۇراسىمى ياكى بىرەر پائالىيەت بولسا شۇ بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىز بار خۇددى ئۇلار باشقلارنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلىدىغان قونچىقدەك ،،مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ . ئارتسلىرىمىزمۇ مەيلى ناخشا ئېيتسا ياكى ئۇسۇل ئوينىسا سورۇن تاللاپ  ئاندىن بىر ئىش قىلسا دەيمەن . 
    يەنە بىر ئىش ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ ،،ئاتاقلىق ناخشىمىز ئابدۇللا ئاكىمىز شىركەت قۇرسا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىدديسىدىن ئۆتمدى ، مىنىڭچە بۇ ئاكمىزنىڭ قىلغىنى ناھايىتى توغرا ،،،بۇندىك كىيىن پۇل تاپمىسا يۈز تاپمىسا  باشقىلار ساڭا شۇنىڭغا لايىق مۇئامىلە قىلىدۇ ،،پۇل بولسا باشقلارنىڭ ئالدىدا گىپى چوڭراق بولىدۇ ،ئەگەر بۇ ئاكمىزنى ناخشىچى دىسە پەقەت خەلقمىز تونويدۇ ، بىر كۈنلەردە داڭلىق كارخانچى بولسا پۇتۇن دۇنيا تونۇيدۇ .
    بىزگە ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولۋاتقىنى ناخشا ئۇسۇل ئەمەس ،،ئىقتساد ،،تۈركۇم ،تۇركۇم تەبئىي پەن ئالىملىرى ،،نۇرتاي ھاجىم ،رادىل ئابلا ،،رۇزىھاجىمدەك  داڭلىق كارخانچىلار سودىغا ماھىر ئەزمەتلەر كىرەك .
    نۇرغۇن كارخانچىللىرىمىز كارخانلارنى قۇرۇپ ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۋاتىدۇ ،يىتىم يىسىرلارنىڭ قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ ،قايسى بىر سەنئەتچى مۇشۇ ئىشنى قىلالىدى قىلغانلىرىمۇ بار لىكىن بەك ئاز.  شۇڭا پەن تېخنىكا ئۇگۇنۇپ پۇل تاپقاندىلا دۇنيا بىزنى تونۇيدۇ
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:55 19 -قەۋەت
    kawsar2000
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30259
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 135 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەزىلەر  پوقنى ئوتتۇردىن ئىككى قىلالمايمىز. يا ئۇنىڭدا  يا بۇنىڭدا نەتىجە  قازىنالمايمىز.سۆزلەپ كىتىپتىمىزغۇ 12مۇقامىمىز  نەگە تاقاشتى .
    ناخشا دىگەننى باغۇ، كۆرگەنلا ئادەم ۋايىغا  يەتكۈزۈپ ئىېيتالمايدۇ
    مۇزىكىنىما سېزىم  بولمىسا  كۆرگەنلا ئادەم چالامايدۇ  جۇما باللا ____ھىى !
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 21:58 20 -قەۋەت
    uyghuriye16
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26205
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كەۋسەر ئەپەندى بۇ يەردە ھىچكىم مۇقامنى بىر نىمە دىمەپتۇ ،سىزمۇ گەپنى توغرا چۈشەنسىڭىز بولمامدۇ .  ئەمەلىيەتتە دىمىسىمۇ ھازىرقى ئەمەلىي -ئەھۋال سىزگىمۇ ھەم ھەممىمىزگە ئايانغۇ .ناخشا -ئۇسۇللىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن جەلپ قىلارلىقغا كىشى كۆز يۇممايدۇ ،ھەم ھىچكىم بۇنى بىر چەتكە چىقىرىۋەتكەنمۇ ئەمەس .ھەممەيلەننىڭ ئويلايدىغىنى ئالدى بىلەن قايسى ئىشنى قىلىش ،مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن قىلىش دىگەنلىكتۇر .بىز ناخشا -ئۇسۇللىرىمىز بىلەن قاچانغىچە <گۈللىنىپ >ياشايمىز .شۇڭلاشقا كۆپرەك ئەتراپقا نەزەر سېلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:18 21 -قەۋەت
    karwanjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30343
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كەۋسەر قېرىمدىشىم ،ئىلمىىرەك بولۇڭ ،ئىلمىي ئاساس بولسا ئوتتورىغا قويوڭ، باشقىلارنى قالايمىقان ھاقارەتلىمەڭ ،كىم دەيدۇ چالالمايدۇ  دەپ  .مانا ئۆزۈمىنى مىسالغا ئالسام ئاخبارات ،تەرجىمانلىق  ،ئنگىلس تىلى ، كومپېيۇتېر دىگەنلەردە  مۇتەخەسسس  بولىمىساممۇ  ھەرھالدا ياخشى، خىزمەتنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قارمىغدەك ھالدا  قىلىپ بىرنى دىسە ئىككىنى دەپ قىلىۋاتىمەن ،،ئۇيغۇر ئۇسۇلى ،دۇتتار راۋاپ دىگەندەك چالغۇلارغۇ ھەر كۈنى ماڭا ھەمرا  ،داڭلىق ئارتسلاردەك بولالمىساممۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ئۇنتۇپ قالغنىم يوق  ،ھەر خل چالغۇلارنى چاتاق  يوق چالىمەن  ..
    ئىنكاس  يازغاندا باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنىمۇ ئويلىشىپ قويشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن .
    ئەگەر ئلىمىي ئاساس بىلەن كۆز قارىشىڭىزنى ئىسپاتلىيالىسىڭىز مىنىڭچە تورداشلارمۇ
    سىزگە قايىل بولىدۇ ،سىزنى قوللايدۇ ئۇنداق بولمىغاندا ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ بىر دۆۋە ئەخلەتتىن پەرىقى قالمايدۇ ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنىمۇ مەنتاڭ قىلىسىز ، ساپالىق ئادەم دىگەن سىلىق سىپايىراق بولغان ياخشى .گىپىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭلار تورداشلار.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:31 22 -قەۋەت
    bihzat
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4048
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 528
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە528دانە
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 944 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :114(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەنئەت بىلەن ئىلىم -پەن مىتال پۇلنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشايدۇ. بىر- بىرىنى تۇلۇقلايدۇ.
    بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:51 23 -قەۋەت
    karwanjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30343
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئادەتتىمۇ تورداشلارنىڭ تىمللىرىنى شۇنداق ياختۇرۇپ كۆرىمەن  ئىنكاس يېزىشنى ئويلىساممۇ مۇنبەردە  ھەرخىل ساپادىكى ،ھەرخىل تەبىقىدىكى ،ھەرخىل كۆزقاراشتىكى تورداشلار بولغاچقا بىكاردىنلا ئىچىم ئاچچىق بولمىسۇن دەپ ئىنكاس يازمايتىم ،بۇگۇن ئاخىر تاقاقەت قىلالماي كۆز قارىشمىنى ئوتتورىغا قويدۇم خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن شۇنداقلا بىزنى مۇشۇنداق ياخشى پىكىرلىىشىش پۇرسىتگە ئىگە قىلغان بىكەت باشلىقلارغا  ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن بىزلەرنى خەۋەردار قىلىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن . شۇنداقلا تورداشلارنىڭ تىما يولىغاندا ،ئىنكاس يازغاندا مۇئەييەن بىر ئاساسقا تاينىپ تۇرۇپ ئاساس  يوللىشىڭلارنى ئۆمۈدى قىلىمەن .
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-08 23:51 24 -قەۋەت
    turkikut
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27185
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<نامرات مىللەتنىڭ ناخشا -ئۇسۇلى تەرەقىي تاپىدۇ>>بىر مۇئەلىمىم شۇنداق دېگەن
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-09 00:38 25 -قەۋەت
    Tabassum707
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 4851
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
    شۆھرەت: 67 نۇمۇر
    پۇل: 271 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئويغۇرلارنى سەنئەتىۇمار بوپ كەتتى دىگەن كىم ئىكەن ئۇ؟ئويغۇرلار  تخى ھىچقاچان سئەنئەتكە دۈم چۈشكىنى يوق. سىز يىتىشمەكچى بولغان ،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە كىشىلەر بىر ئويۇننىڭ بىلىتىنى نەچچە ئاي، ھەتتا بىرەر يىل بۇرۇن سېتىۋىلىپ ئويۇن كۆرىشىدۇ.ئەجىبا ئۇلار تەرەققى قىلىپتىيا؟ئۆزىىڭىز، ئۆزىنىڭىزنڭ ئىشىنى تۈزۈك قىلالماي، تەرەققى قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سەنئەتكە دۆڭگەپ قويسىڭىز ئادىل بۇلارمۇ؟سىز قايسى كەسىپتە نەتىجە قازانماقچى بولغاندا ، ناخشا ئاڭلاپ ، ناخشىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شۇ نەتىجىدىن مەھرۇم قالغانتىڭىز؟بىر ئادەم ناخشا ئۇقۇسا قالغان ئادەم شۇ ناخشىنى ئاڭلىسا، ئاڭلىغان شۇ ئادەممۇ سەنئەتچى بوپ كىتەمدۇ؟ھەممە ئويغۇر سەنئەتىۇمار بوپ كەتكەن بولسا قېنى، ھەقىقى ئۆزىڭىز ئىتراپ قىلغۇدەك ناخشىچىدىن ئون بارمىغىڭىز يۇمۇلغىچە ساناپ بىقىڭە؟ چۇقۇم بارمىغىڭىزنى يۇمۇپ بولمىدىڭىز؟ ئۇنداق بولسا قىنى سىز دىگەن ئۇ سەنئەتچى ئويغۇرلار؟ئويغۇرلار سىز دىگەندەك ئۇنداق سەنئەت خۇمار بوپ كەتكىنى يوق. ناخشا ئاڭلىغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سەنئەتكە دۈم چۈشتى دەيدىغان ئىش بولسا، تاماق يىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئاشپەز بوپ كەتتى دەمدۇق؟ ھەممە كەسىپتىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياخشى ئىشلىشى كىرەك. تۈمۈرچى تامچىلىق ھەققىدە، ياغاچچى موزدۇزلۇق ھەققىدە تەلىم بەرمەكچى بولغۇنىمىزدىلا مىللەت زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-09 00:46 26 -قەۋەت
    ehsan04
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30288
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تېما ھەر بىر تورداش ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىكەن .بىز  ھازىر ئىلىم پەن شۇنچە تەرەققى قىلغان ئىقتىسات يۈكسەلگەن دەۋىردە ياشاۋاتىمىز ،ھەقىقى سەنئەتكار دىگەن مىڭدىن ئون مىڭدىن بىر چىقىدۇ .كەلسە كەلمىسە ھەممىمىز ناخشا ئېيتساق قانچىلىك بولار.
        قاچانلا تىلىۋىزورنى ئاچسا  ناخشىچى ئۇسۇلچىنى تۇنۇشتۇرغان ،ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلارنى تېزلا ئۇقۇپ بولىمىز .
        لېكىن ئۇلاردىن نەچچە نەچچە ھەسسەجاپا چىكىپ مىدىتسىنا،قۇرۇلۇش،مائارىپ،يېزائىگىلىك ساھەلەرىدە بىر ئۈمۈر ئۈن تۈنسىز  جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلمايمىز ،خەلىققە تۇنۇتمايمىز.بىز كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئەنە شۇ تەبىئى پەن ھەم كارخانا ساھەسىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ئەمگەكچان كىشىلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ تەبىيىلىسەك ئىشىنىمەنكى بىز چوقۇم مىللەتنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايمىز.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-09 01:06 27 -قەۋەت
    danish
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27873
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    پۇل: 181 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناخشا-مۇزىكا، سەنئەت ئىنسانلارغا مەنىۋى كۈچ بېرىدۇ. ئەمما لايىقىدا بولغىنى ياخشى. بىرقىسىم سەنئەتكارلار سەنئىتى بىلەن خەلىققە مەنىۋى زوق بەرسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پەننىڭ  ئالتۇن دەرۋازىلىرىنى ئاچسا ، مەنىۋىيلىك بىلەن ماددىۋىلىققا تەڭ ئېتىۋار بەسە جەمىيەت تەرەققى قىىلىدۇ.  ئەمما ھەممە كۈچنى ناخشا مۇزىكىغا قارىتىش جەمىيەتنى خاراپ قىلىدۇ.
    ئىسلام دىنىمىزمۇ  ناخشا مۇزىكىنى تەرغىپ قىلمىغان، پەقەت تويدا داپ، قاتارلىق مۇزىكا چالسا بولىدۇ، نامەھرەم بولمايدىغان، پىتنىگە، گۇناھقا سەۋەپ بولمايدىغان ئەھۋال  مەزمۇنى ساغلام، كىشىلەرنى توغرا يولغا ئۈندەيدىغان، ئىش-ئەمگەككە ئىلھام بېرىدىغان مۇزىكىسىز ھالەتتىكى ناخشىلارنى ئۇقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.  ئەمما بىزدىكى ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە.  بىزدە  «خوشلۇقتىن ئىمان كېتىدۇ، بوشلۇقتى دۇنيا كېتىدۇ»  دىگەن گەپ بار. بىزدە ئىككىلىسى كېتىۋاتىدۇ، سەۋەپلىرىنىڭ بىرى يەنە مۇشۇ مەجنۇنلارچە ناخشا-مۇزىكىغا مەستانە بولۇش.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-09 02:05 28 -قەۋەت
    hajimgul
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25143
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە407دانە
    شۆھرەت: 407 نۇمۇر
    پۇل: 1325 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :218(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كېلېنتون بىزنى نېمە دەپتۇ دەڭلا ؟  قايسى قانىلىڭنى ئاچسا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدىكەنسەن. دۇنيادا سەندىنمۇ خاتىرجەم مىللەت بارمۇ؟ دەپتۇ، قاراڭلار.    
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ياشاش نەقەدەر قېيىن-ھە~!
    | ۋاقتى : 2008-05-09 03:10 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-29 07:02
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation