ئابىلىكىم ئابىلىمىت تاغىتىكىنىنىڭ [تۇرپان ] ژورىلىنىڭ 2004 - يىللىق 1- سانىغا بىسىلىغان « زىمىسىتان كۇيى » نامىلىق ھىكايىسى ئىچىدىكى ئۆ ، س ، ياشىلىق ھىكايىسى «ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق،-خىياللار قاينىمىدا ئىدى ھېمىت،-ئۆلسەممۇ قىيامەت كۈنى دادامنىڭ يۈزىگە يۇرۇق قارىيالايمەن. ئۇ مېنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ،ئەمدى جامائەت ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرەلەيدۇ.
نادىرپالۋان دېسە تاغچىمەنلىكلەرنىڭ ئاغزىغا بىر كېلىدىغان كاتتا ئادەمنى داۋۇت بەڭگىدەك سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىر نەشىكەشنىڭ بوزەك قىلىشى چوڭ ھاقارات!ئۇ دادامنى قېرى كۆرۈپتىما؟ئۇ قېرىسا مەن بارغۇ مانا؟ئۇ سېسىق بەڭگە بۇنى يادىدىن چىقىرىپ قويغان چېغى ،ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۆلمىكى ھەق...»
ھىمىتنىڭ خىيالىنى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ھۇۋلىغىنىچە ئېتىلىپ كەلگەن يالغۇز بۆرىنىڭ ھۇجۇمى ئۈزۈپ قويدى.
قارىغاندا بۇ جانىۋار خېلىدىن بۇيان ئۇنىڭ پىيىغا چۈشۈپ ئەگىشىپ كەلگەندەك قىلاتتى.
ھىمىت داۋۇت بەڭگىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇنىڭ بالىلىرىغا تاشلاپ بەرگەندىن كىيىنلا ئۆزى داۋۇت بەڭگىنى جايلىۋەتكەن جاي بىلەن ئايلىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ بۆرىنى داۋۇت بەڭگىنىڭ قېنىنىڭ ھىدى ئېلىپ كەلگەنلىكى،ئەمما تاپنى تاپالماي يۈرگەنلىكى ئېنىق ئىدى.
بۆرىنىڭ ھىمىتقا غالجىرلىق بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدىن ئۇنىڭ ئاچ قالغىنغا ئۇزاق بولغانلىق بىلىنىپ تۇراتتى.
بۆە ھەدەپ ھىمىتنىڭ كانىيىنى چىشلەشكە ئۇرۇنىۋاتاتتى،ھىمىتكە كانىيىنى بۆرىگە چىشلىتىپ قويسىلا ئۆزىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.بۇ جانىۋار ئاچ قالغىنىغا قارىماي ناھايىتى زورۇقۇپ كۈچ ئىشلىۋاتاتتى.
ھىمىت دەل ئۆزى داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرگەن جايدا بۆرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
ھىمىت بىر سىلكىنىپلا بۆرىنىڭ ياۋۇزلۇق ھەم ئۇزۇققا بولغان تەشنالىقى يېنىپ تۇرغان كۆزىگە غەزەپ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مۇشت سېلىۋەتتى،بۆرە كاڭشىغىنىچە ھىمىتنىڭ ئۆستىدىن چۈشۈپ كەتتى.
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ھىمىت يېنىدىن ئۇزۇن ساپلىق پىچىقىنى چاققانلىق بىلەن چىقىرىپ بۆرىنىڭ دەل بوينىغا سېلىۋەتتى.
بۆرە بىردەم خارتىلداپ تۇرغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى.
ھىمىتنىڭ ۋۇجۇدىدىن بۆرىنىڭ ۋەھىمىسى تارقالدى،ئۇ قېنىپ بىر قېتىم ئەركىن نەپەس ئالدى.
ئۇ داۋۇت بەڭگە بىلەن ئېلىشقان چاغدا ئۇنىڭدا قىلچە «ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟»دېگەن ئەجەل ۋەھىمىسى يوق ئىدى،
ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت ـــ داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرۈش ئويىلا بار ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن «ئاتا قىساسى»ئۇ ئالماقچى بولغان «ئاتا دۇئاسى»بار ئىدى،ئۇ نىمە قىلىشتىن قەتئىي نەزەر داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرمىسە بولمايتى.
بۆرىنىڭ ھۇجۇمىغا بولسا قورساق تەشنالىقى سەۋەب بولغان ئىدى.
ھىمىتتىكى ۋەھىمە بۆرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ۋەھمىسى ئىدى.
ھىمىت پىچىقىنى ئاپئاق قار بىلەن تازىلىدى.نەگە بېرىش توغرىسىدىكى خياللار ئۇنى قىينىماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ خيالىغا شەھەردە «دوزاخ بەندىسى»بۇلۇپ ئۆتكەن ئالتە يىللىق ھاياتى كەلدى،ئۇ ئەمدى ھېلىقى قورۇغا بارالمايدۇ...شەھەرە باردى دېگەنلىك تۈرمىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن باردى دېگەن سۆز.
ئۇ خيالىغا شەھەرگە تنجى يىلى داڭلىق شەھەر لۈكچىكى دېلىم يوغانباش بىلەن بولغان ئېلىشىش كەلدى.
ھېلىقى دەھشەتلىك ئېلىشىتىن كىيىن سېلىم ئۇنىڭغا:-بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىز دوست،ئاي ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ بېشىڭغا كۈن چۈشسە مىنى تاپ !دېمىگەنمىدى؟
ئۇ گېپىدە تۇرار-ھە!
سېلىمنى تېپىش ئۈچۈن شەھەرگە بارماي بولمايتى،ئۇ يەنىلا ئاۋال شەھەرگە بېرىشنى قارار قىلدى.
ئۇ چەكسىز كەتكەن قارلىق جىرادىن تاڭ ئاتارغا يېقىن چىقىپ شەھەر يولىغا قاراپ يول ئالدى.
ھىمىت چاشكا ۋاقتىغىچە پىيادە ماڭدى،شەھەرگە ئالتا چاقىرىم چامىسىدا قالغاندا ئۇ يولنىڭ بويىدىكى بىر تۈپ سۆگەتنىڭ ئاستىغا كېلىپ ياتتى.
ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەر تېگىدىن كېلىۋاتقان ئاتنىڭ دۈكۈرلەشلىرىگە ئوخشاش ئاۋاز كىردى.
ئۇ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ شەھەر يولىغا قارىدى،يىراقتا بىر توپ ئاتلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا ئات چاپتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۇلار يېقىن كەلگەندە ئاتقا ئېغىر يارىلانغان يەنە بىرەيلەننىڭ مىنگەشكەنلىكىنى كۆردى،
ھىمىت يارىلانغان كىشىنىڭ تۇنۇدى،ئۇ شەھەرنىڭ داڭلىق لۈكچىكى سېلىم يوغانباش ئىدى.
ئۇ ئاتلىقلارنى توختاتتى. .....داۋامى بار تىخى،
[ baturjangqi تەرپىدىن 2008-04-30 16:04 قايتا تەھرىر ]