مەن ئەسلى مۇشۇ مۇنبەردىكى مەلۇم بىر تېمىغا مۇھەببەت توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىغان . كېيىن جەمئىيىتىمىزدىكى بەزىبىر نورمالسىز ئىشلارغا رەددىيە بولسۇن دىگەن ئۈمۈتتە ئايرىم تېما قىلىپ يوللۇدۇم . چۈنكى ئىنكاستىن ماۋزۇسى ياخشى قويۇلغان تېمىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقۇرى . بۇنىڭدىكى بىردىنبىر مەقسەت : باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن .
«مۇھەببەت» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا دائىرىسى خېلى كەڭ . مەسلەن : ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق-تۇققان مۇھەببىتى ؛ ۋەتەن مۇھەببىتى ؛يەنەئوغۇل-قىزلار مۇھەببىتى...........ۋاھاكازالار . تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قانداق ئىشتا مۇئەييەن بىر قائىدە ۋە ئۆلچەم شەكىللەنگەن بولىدۇ .
مەزكۇر تېمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئوغۇل-قىزلار مۇھەببىتىنى مىسالغا ئالساق : ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت مىللەت، دىنىي ئېتىقات ۋە ئىرىق ئايرىشى كېرەك .
بۇنداق دىسەم بەزىلەر مېنى ئەيىپلەپ مۇتەئەسسىپ، كىتاپ خالتىسى دىيىشى مۇمكىن .
ئەمما رېئاللىققا توغرا قارايدىغانلار مېنىڭ بۇ كۆز قارىشىمنى چۇقۇم قوللايدۇ .
چۈنكى مەلۇم بىر ئادەم ئىجتىمائىي شەخىس بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەلۇم بىر مىللەت ۋە جەمىئىيەتتە باشقا شەخىسلەر بىلەن ئورتاق ھايات كەچۇرىدۇ . بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىگى بولىدۇ . شۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەلۇم شەخىسنىڭ ئەشۇ مىللەتنىڭ ئۇمۇمىي ئەزالىرى ئورتاق رېئايە قىلىۋاتقان قائىدە-يۇسۇنغا خىلاپلىق قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەت ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر غۇرۇرلۇق ۋىجدان ئىگىسىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغايدۇ .
بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدە خاس بەلگىلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان تىل، ئورتاق دىنىي ئېتىقات ، مۇئەييەن دائىرىدە توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ئورتاق تېرتۇرىيە ۋە شۇ مىللەتكە خاس ئورتاق ئۆرپ-ئادەتتىن تەركىپ تاپىدۇ .
شۇنداقلا بىر مىللەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم بىر ئىرىققا تەۋە .
ئەگەر بىر قارا تەنلىك نېگىر مەلۇم بىر شەخسى مۇددىئا نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ مىللىتىنى
«ئۇيغۇر»غا ئۆزگەرتسە ، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھىساپلاشماي ئەشۇ نېگىر بىلەن توي قىلامسىز ؟؟؟!!!
دۇنيادا چەكلىمىسىز ئىش بولمايدۇ . شامالمۇ چىقىپ-چىقىپ توختايدۇ، قار-يامغۇرمۇ يېغىپ-يېغىپ توختايدۇ، ماشىنىمۇ قوزغالغان نۇقتىدىن ئاخىرقى نۇقتىغا كېلىپ توختايدۇ.......ۋاھاكازالار !
شۇڭا مەن ئوغۇل-قىزلار مۇھەببىتى مىللەت، دىنىي ئېتىقات ۋە ئىرىق ئايرىشى كېرەك ! دەپ قارايمەن .