بۇ بەتتىكى تېما: قامۇس سېتىلىدۇ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 118 قېتىم كۆرۈلدى
kuysoyar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2407
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 420
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە420دانە
شۆھرەت: 469 نۇمۇر
پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 12 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :105(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 قامۇس سېتىلىدۇ

ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى ، مول تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرى ، ئىلىم-ھېكمەت جۇغلانمىلىرى، چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، قانۇن-تۈزۈمىلىرى ، دىنىي ئېتقادىلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تىل بايلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئونىۋېرسال بىلىم قامۇسىدۇر . شۇڭا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ  تارىخى ، دىنى، دۇنيا قارشى، تۇرمۇشى ۋە مىللىي مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىشتا، يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ سۈت ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى مەزمۇن، شەكىل ۋە تىل جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلدۇرشتا مول ماتېريال مەنبەسى ھېسابلىندۇ. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش، ئەۋلادلارنى تەربىيلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تارىختىن بېرى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنى توپلاش ، تەتقىق قىلىش ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.  جۈملىدىن ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ۋە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش پائالىيتلىرى ئېلىپ بېرىلدى، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلار نەشىر قىلىندى ھەم تەتقىقات ئىشلىرى قانات يايدۇرۇلدى. مانا مۇشۇ مەنبەلەر ئاساسىدا قولىڭىزدىكى بۇ <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى > تۈزۈپ چىقىلدى. ئەسەر تاللاشتا ئەينەن خاتىرىلەنگەن ، ئەسلىگە سادىق بولۇش ئاساسىدا رەتلەنگەن ھەرخىل مەزمۇن ، ھەرخىل ژانىر، ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرنىڭ سەرخىللىرىنى تاللاش ئىلمىي پىرىنسىپى يېتەكچى قىلىندى.

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ بەزىلىرى تېخى مىللەت شەكىللەنمىگەن دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ، تارىختىن بېرى خەلقلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كېتىش ھادىسىرىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇشى، مىللەتلەر ئارا ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر قايسى مىللەتلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈش بولۇپ تۇرىدۇ،شۇڭا بەزى ئەسەرلەر ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ، ئەمما ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئەسەرلەرمۇ بارا-بارا مىللىي ۋە يەرلىك تۈس ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىز ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىمۇ بار. بۇخىل ئەسەرلەرنى <قامۇس > قا تاللاشتا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇشى ئۆلچەم قىلىندى.
<قامۇس > قا تاللانغان ئەسەرلەر ژانىرلار بويىچە توملارغا بۆلۈنۈپ ، بەزى يىرىك ژانىرلار مەزمۇن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلدى. <قامۇس > ژانىر ۋە ھەجىم ئېتىبارى بىلەن 12 تومغا ئايرىلدى. ھەربىر كىتانىڭ بېشىغا توملار تىتولى ۋە مۇندەرىجىسى، ئىچىگە ھەربىر ژانىرنىڭ ، شۇنىڭدەك ھەربىر ژانىر تۈرىنىڭ تىتول ۋە مۇندەرىجىلىرى، ئاخرىغا تەپسىلىي مۇندەرىجە بېرىلدى. چۆچەكلەرگە ، قوشاقلارغا ۋەكىل خاراكتېرلىك قىسمەن ۋارىيانتىلىرىمۇ قوشۇپ بېرىلدى. ھەم چۆچەكلىك تېپىشماقلارغا، ھەم تېپىشقاملىق چۆچەكلەرگە سەھىپىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تارىخىي قوشاق ۋە تارىخىي داستان شەكىلدە ساقلىنىۋاتقان بەزى نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ تارىخىي داستان تۈرىلار قامۇسقا كىرگۈزۈلۈپ ، قوشاق تۈرىدىكىسى كىرگۈزۈلمىدى. لاپلار ئەسلىي لەتىپە- چاقچاقلار تومىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن كىتابنىڭ ھەجمى ئېتبارى بىلەن باشقا تومغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقىمىزنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىپ مۇشۇنداق زور ھەجىملىق < قامۇس > نى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغانلىقىمىزنى بۇ قىممەتلىك خەزىنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ كەلگەن خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا ئۇنى خاتىرىلگەن ، رەتلىگەن، نەشىرگە تەييارلىغان ۋە تەتقىق قىلغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئالىم، ئەدىب ۋە ئىلمىي خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، <قامۇس > نىڭ <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تۆھپىكارلىرى > قىسمىدا بۇ شەخسىلەر قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. ئەمما ، قولىمىزدىكى ماتېرىياللارنىڭ يېتەرلىك بولماسىلىقى سەۋەبلىك بۇ تىزىملىكنى تولۇق بولۇپ كەتتى دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەلىرىدىن بىرى. شۇڭا ، <قامۇس > قا <ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى > مۇ كىزگۈزۈلدى.
<قامۇس > قا يەنە 5000 پارچىدىن ئارتۇق قىستۇرما رەسىم، ھۆسنىخەت ۋە نەقىشلەر كىرگۈزۈلدى. بۇ ئارقىلىق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، جەلىپكارلىق ئېشىش بىلەن بىللە ئۇيغۇر رەسساملىقى، خەتتاتلىقى ۋە نەققاشچىلىقىمۇ نامايەن قىلىندى.
ھەققانىيلىق ۋە خەلقچىللىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ مېغىزىدۇ. لېكىن ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، مەزمۇن جەھەتتە مۇئەييەن تارىخىي چەكلىمىلىككە ئىگە. شۇڭا، ئۇنىڭغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش پوزىتسىيسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
بۇ <قامۇس > نىڭ نەشىر قىلىنىشىنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ، ئۇنىڭ تەڭداشسىز رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنى ئىلگىىرى سۈرۈش يولىدا تاشلانغان دەسلەپكى قەدەم دېيىشكىلا بولىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقى ساقلانماقتا. كېيىنكىلەرنىڭ بۇ خەزىنىنى قېزىش ۋە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.


بۇ قامۇس 12 توم ئەسلى باھاسى 4800 يۈەن
بۇ قامۇستىن 3 يۈرۈش بار جىددىي سېتىلىدۇ، باھادا مۇۋاپىق ئېتىبار قىلىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
13999285547
2552897-0991
[ islam~1400 تەرپىدىن 2008-04-30 15:00 قايتا تەھرىرل ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى islam~1400 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-04-30 .
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-04-30 13:28 [باش يازما]
arkintug
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27596
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
پۇل: 325 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خەلق ئېغىز ئەدەبىيات قامۇسى شۇ ئىكەندە. ھەي ئىسىت مەن نامىرات بىر ئوقۇتقۇچى. لېكىن كىتاپقا تولىمۇ ئىخلاسىم بار ئىدى. مەزكۈر قامۇس بولسا ھەر بىر ئۇيغۇر ئاھالىسىدە بىردىن بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى.تولىمۇ ياخشى كىتاپ.
بىرسىدىن ئارىيەتكە ئەكىلىپ خېلى مەزگىلگىچە ساقلىغان ئىدىم. ئۆيۈمدە شۇنداق قىممەتلىك نەرسە باردەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم.
ئىمكانىيەت يار بەرگەن كۆنى چوقۇم سېتىۋالمەن.    
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
ئەركىن
| ۋاقتى : 2008-04-30 16:21 1 -قەۋەت
karwan526
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 312 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بۇ قامۇسلارنى كىتاپخانىدا كۆرگەن ئىدىم. مەن تۇرغان يەردىكى كىتاپخانىغا پەقەت ئىككى يۈرۈشلا كىرگۈزۈپتۇ، لېكىن تېخى ھازىرغىچە سېتىلغىنى يوق، باھاسىنى شۇكىتاپنىڭ قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا قىممەت ھېسابلانمايدۇ، لېكىن بىزدە تېخى ئۇنداق كۆپ پۇللۇق كىتاپ سېتىۋېلىپ ساقلىغۇدەك كىشىلەر ناھايىتى ئاز دىيەرلىك، ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا، مەنمۇ بۇ كىتاپنى سېتىۋالغۇم بار، خۇدا بۇيرىسا ھامان سېتىۋالىمەن.
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-04-30 17:48 2 -قەۋەت
tograk87
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25659
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 164 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ قامۇسنى مەنمۇ كۆرگەن ،ئۇ ھەقىقەتەن پايدىلنىش،ساقلاش قىممىتىگەئىگە كىتاپكەن.مەن ھامان بىر كۇنى سېتىۋالىمەن.
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
.دىيارىم مۇنبىرىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولغۇنۇمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، تورداشلارنىڭ قوللىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
| ۋاقتى : 2008-04-30 18:23 3 -قەۋەت
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 2601
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2601دانە
شۆھرەت: 2003 نۇمۇر
پۇل: 2914 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :524(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر يانچۇققا قارىغان،بىر قامۇسقا قارىغان،ھەي نامراتلىق،ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل كىتاپلېرىنىمۇ سىتىۋىلىشقا قۇدرىتىمىز يار بەرمىسە.
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
 روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
| ۋاقتى : 2008-04-30 22:24 4 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 00:53
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation