مەن پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنالىنى ئوقۇپ مۇنداق بىر تېمىنى ئۇچىراتتىم. دىيارىمدىكىلەرنىڭ بىرلىكتە كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.
دەم ئېلىش كۈنلىرى يېزىمىزدىكى بالىلارغا خەنزۇ تىلىدىن تەكرار قىلىپ بېرەتتىم.بىر كۈنى دەرس ئۆتكىلى كېتىۋاتسام بىر ئۆينىڭ ئالدىدا كىچىك بىر قىز ئانا دەپ يىغلاۋېتىپتۇ.قىزنىڭ ئانىسى بولسا <<ئاپا دە، بولمىسائاغزىڭغا ئۇرىۋېتىمەن، بولە تېز ئاپا دە>>دەپ قىزىغا بېسىم قىلىۋاتاتتى.بۇ ئايالغا قىزىنى ئاپا دىگۈزۈش نېمانچە مۇھىمبولۇپ قالغاندۇ دېگەن خىياللار ئىلكىدە دەرسكە كىرىپ كەتتىم.ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن شەھەردە تۇرىدىغان ئاچامنىڭ ئۆيىگە باردىم.بالىسىنىڭ تىلى ئەمدى چىقىشقا باشلىغان ئىككەن.بىر كۈنى بالىسى ئاچامنى ئاپا دەپ چاقىرىپ سالدى.بۇ چاغدا ئاچام <<ئانا دە،مەن ئاپا دېگەن بالىنى باقمايمەن>>دەپ خاپا بولغىلى تۇردى.بىرى بېسىم بىلەن ئاپا دېيىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان،يەنە بىرى تېخى تىلى تولۇق چىقىپ بولالمىغان بالىنىڭ ئانا دەپ تىلى چىقىشنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان بۇ ئىككى خىل ئەھۋال مېنى ئويلاندۇردى.ئۇنداقتا،ئاشۇ كۆيۈمچان ،مېھرىبان قەلب ئىگىلېرىنى ئاپا دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى ئانا دەپمۇ؟
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىللە ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىمنىڭ <<ئاپا دېگەنلىرىنى كۆرسەم جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ>>دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئاچچىغىڭىز كېلىدۇ دەپ سورىسام<<ئانا دېگەن سۆز يۈرەكتىن تەللەپپۇزى ۋە ئۇرغۇسى ئانا سۆزىگە سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.ئىنسانلار ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىنى تۇغۇپ، پەپىلەپ چوڭ قىلغان كىشىنى ئانا دەپ ئاتىغان .شۇڭا بىزگە مۇھەببىتى چوڭقۇر ،مېھرى ئىللىق، مەدھىيلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىمۇ ئانىغا ئوخشاتقان ياكى شۇنداق ئاتىغان. مەسىلەن:ئانا ۋەتەن،ئانا مەكتەپ،ئانا يۇرت دېگەندەك.ئەگەر بۇ سۆزنىڭ ئالدىغا ئاپا سۆزىنى قوشۇپ تەللەپۇز قىلساق ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق ھېسسىياتلىق بولمايدۇ.مەسىلەن:ئاپا مەكتەپ ، ئاپا يۇرت .......ئىشلىنىۋاتقان ياكى تەرجىمە قىلىنىۋاتقان كىنولاردىمۇ ئانا سۆزى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.ناخشىلاردىمۇ ئانا دەپ مەدھىيلىنىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئابدۇللا ئابدىررېھىم ئېيتقان<<جېنىم ئانام ئامان بولسۇن>>دېگەن ناخشىنى <<جېنىم ئاپام ئامان بولسۇن>>دەپ ئېيتىپ باققايلى،بۇ يەردە بىر خىل ھېسىيات كەمچىلىكى كېلىپ چىقىدۇ. يۇقۇرقى بايانلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى ،بىزنى ئاپىرىدە قىلىپ مىڭبىر جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلغان بۈيۈك ئىنساننى ئانا دەپ ئاتىساق تولىمۇ ھېسسىياتلىق ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.مەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقاندا مەن بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىمنىڭ ماقالىنى كۆرۈپ كۆزى نەملەشتى .مەن <<بۇ ماقالىنى ئانچە تەسىرلىك يازمىسام بۇ خانىم نېمە بولغاندۇ؟>>دەپ تەەججۈپلىنىپ تۇرسام،ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:<<مەن كىچىكىمدىن ئاپا دەپ چوڭ بولغان،لېكىن نېمىشقىكىن ئاپام ۋاپات بولغان كۈنى ھەرگىزمۇ ئاپا دەپ يىغا كەلمىدى،تەبىيئىلا جېنىم ئانا دەپ يىغلىدىم.بۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز.راست.ئادەم بالىسى بولغاندىكىن سۇلتان ياشلىقنى بىزگە بېغىشلاپ ،مېھىر-مۇھابىتىنى بەرگەن ،بىزنى نى نى جاپالاردا چوڭ قىلغان ئانىلارنى قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان ئانا سۆزى بىلەن چاقىرىشىمىز كېرەك>>.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ تەسىرلەندىم.سۈيۈملۈك .ئانىلار ،ئانا دەپ چىرايلىق تىلى چىقىۋاتقان بالىلېرىمىزنى ئاپا دېيىشكەمەجبۇرلىمايلى.
قەدىرلىك بالىلار ،ئۆزىنىڭ پاك،ساپ،ئاق سۈتىنى بىزگە بەرگەن جاپاكەش ئانىلېرىمىزنى ئانا دېيىشكە ئادەتلىنەيلى.