شۋېتسارىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگودىن ئەپۇ سورىدى . شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، برۇنى ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : شۋېتسارىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « كۈندىلىك خەۋەرلەر » پروگراممىسىغا مەسئۇل خۇگرىبد بۈگۈن يېقىندا شىراڭ مەسىلىسى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندە ، « ئېغىر جۇڭگودىن » سورىدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : 19- مارت ئۇلار « كۈندىلىك خەۋەرلەر » پروگراممىسىدا « شىزاڭ رايونىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى » دەپ خەۋەر بېرىپ ، ئېكراندا نېپال ساقچىلىرىنىڭ « شىزاڭ مۇستەقىللىقى ، ئۇنسۇرلىرىنىڭ نامايىشىنى توسۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن شۋېتسارىيىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ ئېتىزار بىلدۈرگەن ئىكەن .
ئىران پاكىستان بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئىسلامئاباد ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئىراننىڭ زۇڭتۈڭى ئەھمەدى نىجاد تۈنۈگۈن پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۈڭ مۇشەررەف ۋە زۇڭلى جىلانى بىلەن كۆرۈشۈپ ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى . كېلىشىمنىڭ قىممىتى 7 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئاشتى . ئىران يەنە پاكىستاننىڭ ئېلېكتر كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، 1100 مېگۋات توك بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى .
ئولېگ : پۇتىن روسىيىگە 2020- يىلىغىچە رەھبەرلىك قىلىدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : روسىيىدىكى 1- باي ئولېگ درىپاسكا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : پۇتىن 7- ماي تەختىدىن چۈشىدۇ . ئەمما ئۇ روسىيىگە تاكى 2020- يىلىغىچە رەھبەرلىك قىلىدۇ .
ئولېگ يەنە مۇنداق دېدى : مېدۋېدېۋ مۇھىم ئەربابنىڭ رولىنى ئالىدۇ ، لېكىن ئۇ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلالمايدۇ . مېنىڭچە ، پۇتىن 2020- يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن يەنىلا سەركىلىك رولىنى ئويناپ ، روسىيىنى تەرەققىيات يولىغا باشلايدۇ .
گېن ئارقىلىق داۋالاش تۆت ئەمانى يورۇقلۇققا چىقاردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئالىملىرى گېن ئارقىلىق داۋالاش ئارقىلىق تۆت تۇغما ئەمانىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسكە كەلتۈردى ، بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە نەچچە مىليون ئەماغا ئۈمىد ئاتا قىلدى .
بۈگۈن نەشىردىن چىققان « يېڭى ئىنگلاند تېبابەت ژۇرنىلى» نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى : گېن ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئالتە ئەمادىن تۆتىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى ، بۇ بىزدە ئەمالارنى يورۇق دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى .
ئامېرىكا جۇڭگونى يادرو تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپتۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدا بۈگۈن نەشىردىن چىققان « ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرىنىڭ باياناتى » دا مۇنداق دېيىلدى : 2002- يىلىدىن بۇيان ، ئامېرىكا دېڭىز ، ئارمىيىسى دېڭىز بازىسى تەھدىت كۈچىنىڭ مەركىزىنى يۆتكەپ ، جۇڭگونىمۇ تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ، بەش يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا يۆتكىدى .
ئەمما ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى : بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى « ئەڭ چوڭ تەھدىت » دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەمما جۇڭگو جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ ،چۈنكى بۇ خىل ئىستراتېگىيلىك كۈچ پەقەت تەھدىت سېلىشنىلا مەقسەت قىلغان .
فىلىپپىن چەت ئەللىكلەرگە بۆرەك كۆچۈرۈشنى چەكلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، مانىلا ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : فىلىپپىننىڭ سەھىيە مىنىستىرى فرانشىسىكو دوكاي بۈگۈن مۇنداق دېدى : بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەللىكلەرنىڭ فىلىپپىنگە كېلىپ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۈرۈشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئەمما بۆرەك بىلەن تەمىنلىگۈچى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بالار چەكلەش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ .
دوكاي يەنە مۇنداق دېدى : ھەر يىلى نەچچە مىڭ چەت ئەللىك دۆلىتىمىزگە كېلىپ ئەزان بۆرەك ئىزدەيدۇ . ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ 500 ياش ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالنى ئەمدى چەكلىمەي بولمايدۇ .
ئەنگلىيە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئەنگلىيىدىكى بىر چوڭ گېزىت تۈنۈگۈن مۇنداق دېيىلدى : ئەنگلىيە تېررورچىلارنىڭ ياۋروپادىكى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانغا ئايلاندى . ساقچىلار تۇتقان تېررورچىلارنىڭ كۆپلۇكى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ بېرىدۇ .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى : لوندوندا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئالاقىدار تارماقلار ئەنگلىيە نىشان قىلىنغان 15 قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇمىنى مەغلەپ قىلدى . ساقىچلار 2007- يىلى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 230 گۇماندارنى قولغا ئالدى . بۇ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %30 كۆپ .
كونەودىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئەتكەسچىلىك قىپتۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 29- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى كونگودىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىپلا قالماي ، يەنە ئالتۇن ۋە پىل چىشى ئەتكەس قىلدى .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى : ب دت تىنچىلىق ساقلاش قىسمىدىكى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئەسكىرىلىرى ئەتكەسچىلەر ۋە قورال سودىگەرلىرىنى قانات ئاستىغا ئالدى ، ئۇلار كونگونىڭ شەرقىدە ئالتۇنغا قورال تېگىشتى ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئېلىپ كەلگەن پىل چىشىنى ئەرزان ئېلىپ قىممەت ساتتى .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى