تۇنجى ۋە ئاخىرقى دىدارلىشىش
ئالىقانلاردا ئۇچلانغان تاۋۇت ،
كۆكتە لەرزان ئۇزىدۇ مەغرۇر.
مۇسىبەتتىن ئېغىر تىنىدۇ ،
ئالىمىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر .
...............
كوچىدا شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتقىنىمغا قارىماي بىر ئاشپۇزۇلدىكى ئۈنئالغۇدىن ئاڭلىنىۋاتقان بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئاجايىپ بىر سېغىنىش ۋە چىدىغۇسىز جۇدالىق مۇڭى چۇلغىدى - دە ، ئىزىمدا ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم .
توۋا ، بىز ئىنسانلار ئاجايىپ بولىدىكەنمىز ، بەزىدە يىغا - زار ئىچىدە كۈلگۈمىز كەلسە ، بەزىدە ناخشا ئاڭلاۋېتىپ يىغا تۇتىدىكەن .
مانا ، مەن كېتىۋاتقان كوچا كۆز ئالدىمدىلا مىڭلىغان ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى . ئېغىر چايقىلىۋاتقان ئاشۇ دېڭىز ئۈستىدىن يېشىل يەلكەنلىك ئاددىي كېمە بولماستىن ، زامانىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ، پاساھەتلىك شائىر ، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدىن مەڭگۈلۈككە ئېلىپ كېتىۋاتقان يېشىل تاۋۇت ئىدى. مەن شۇ دەمدە بىر ئاجىز مەزلۇم كىشى بولماستىن شۇنداق بىر ئۇلۇغ ئىنساننى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئېغىر تاۋۇتنى مۇرىسىگە ئېلىپ باغرى قانغا ، كۆزى ياشقا تولغان ھالدا كېتىۋاتقان ماتەملىك يىگىت ئىدىم . شۇ دەمدە مەنلا ئەمەس پۈتۈن ئۈرۈمچى ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى يىغلاۋاتاتتى : ئەنە ھەيۋەتلىك بۇغدا تېغىنىڭ بېشىدا ئاق لېچەك ، ئەنە ، تارىم تولغىنىپ - تولغىنىپ مۇڭ ئىچىدە ياشلىرىنى ئاپئاق ساقىلىدىن ئاقتۇرۇپ ، سىلكىنىپ - سىلىكىنىپ يىغلىماقتا ؛ تەكلىماكان باغرىنى قۇچاقلاپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا بەند بولغان كروران ئانا بۇ شۇم خەۋەردىن تۇيۇقسىز ئويغىنىپ نالە - زارىدىن بوران چىقىرىپ ، ئۆز بېشىغا قۇم چاچماقتا ...
ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس ، قەلبىم تەسەۋۋۇر بىلەن كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتقان بۇ تەنتەنىلىك ماتەم مۇاسىمىغا مەن قاتنىشالمىغان ۋە ئۇ مەنزىرىنى كۆرەلمىگەنىدىم ، مېنى ئۆمۈرلۈك ئارماندا قويغىنى شۇكى ، بىر ۋەتەندە ، بىر شەھەردە نەچچەيىل بىرگە ياشاپمۇ بۇ ئۇلۇغ زات بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم دىدارلاشقانىدىم . ئۇ ئەبەدىي ئېسىمدىن چىقمايدىغان بۇ خەيرىلىك پۇرسەت 1990- يىلى 30- دېكابىر كۈنى ئىدى.
ئۇ كۈنى ھاۋا سوغۇق بولۇشىغا قارىماي تىنىق ئاسماندىكى قۇياش بېشىمىز ئۈستىدە چىرايلىق كۈلۈپ تۇراتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىل قارىغايلار ئاپئاق قار بىلەن بېزىلىپ ، ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان يېشىل چىملىقلار تەبىئەتنىڭ مامۇق تۆشەكلىرىگە چۈمكەلگەنىدى . ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ 86- يىللىق 6- سىنىپىتىكى ئون نەچچە ساۋاقداش ئوقۇش ھاياتىمىزدىكى ئاخىرقى دېكابىردا قار مەنزىرسىدىنى بېزەك قىلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتۇق .
- قاراڭلار ئۆتكۈر ئەپەندى كېلىۋاتىدۇ ، ئۆتكۈر ئەپەندى !
تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئەتراپىمغا قارىدىم .
- ئەنە ، ئاشۇ كىشى شۇ .
مەن ساۋاقدىشىم كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم - دە ، كۆزلىرىمگە ئىشەنگۈم كەلمىدى . مەن ئۆتكۈر ئەپەندىنى ، ياش - قۇرامىنى ئۇنىڭ تەرجىمىھاللىرىدىن بىلەتتىم . ۋە تارتقان ھايات دىشۋارچىلىقلىرىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم . شۇڭا مېنىڭ كۆرگىنىم ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسى ۋە تارتقان جەبىر - جاپاسىغا ئۇيغۇن كەلگۈدەك بىر مۈكچەيگەن بوۋاي بولۇشى كېرەك ئىدى . ئەمما مېنىڭ يىگىرمە نەچچە قەدەم يىراقتىن كۆرگىنىم ئۇنداق تەن ، ئۇنداق ۋۇجۇد بولماستىن ، يارىشملىق قۇلاقچا ۋە پەلتۇ كىيگەن ، بىر قاراشتىلا ئىسپورتچىلارمۇ ھەۋەس قىلغۇدەك قامەتكە ئىگە بىر كىشى بولۇپ ، قارىغايلار ئارىسىدىكى قارلىق تازىلانغان يولدا ئاشۇ قارىغايلار بىلەن قامەت ۋە بوي تالاشقاندەك شۇنچىلىك يەڭگىل ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتاتتى . شۇ چاغدا ئۆتكۈر ئەپەندىگە ھەممىمىز شۇنداق ھاياجان بىلەن قاراپ قالغان ئوخشايمىز . ئۇ كىشىمۇ كېتىۋېتىپ بىزنىڭ بۇ ھالىتىمىزنى كۆرۈپلا يولدىن بۇرۇلۇپ تېخىمۇ تېز قەدەملەر بىلەن ئالدىمىزغا كەلدى ، يولدىن نۇرانە ، كۆزلىرىدىن ئەقىل ۋە ئىلھام تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ كىشىگە بۇ كىشىگە قاراپلا يۈرەك رىتىمىم تېزلىشىپ ، تېنىم قىززىپ كەتتى .
- مېنى تونۇيدىكەنسىلەر - ھە ، بالىلىرىم ،- دېدى ئۆتكۈر ئەپەندى سالام - سەھەتتىن كېيىن .
- تونۇيمىز ، تونۇيمىز ، ئۆزلىرىنى كىم تونۇمايدۇ - ھازىر ،- دېيىشتۇق ھاياجاندىن ئاۋازىمىز تىترىگەن ھالدا .
- پەمىمچە سىلەر ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغۇ دەيمەن ؟
- شۇنداق ، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى .
ئۆتكۈر ئەپەندى بىز بىلەن قايتا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن :
- بالىلىرىم ، ياخشى ئوقۇڭلار ،- دېدى بىزگە ئۈمىد ، ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتكە تولغان كۆزلىرى بىلەن بىرمۇ بىر تىكىلىپ تۇرۇپ ،- بىلىمسىزلىك ھەممە مەھكۇملۇق ، قۇللۇق ۋە زەبۇنلۇقنىڭ ئاساسىي . سىلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ، كېيىنكى مەزمۇت تېغىمىز ، سىلەرگە ئاللادىن گۈزەل ئەخلاق ، ياخشى خۇلق، پولاتتەك ۋە ئۆكسىمەس تىرىشچانلىق تىلەيمەن ، - دېدى - دە دۇئاغا قول كۆتۈردى . ۋۇجۇدىمىز زىلزىلىگە كەلگەن ھالدا بىزمۇ قول كۆتۈرۈشتۇق .
- خەير بالىلىرىم ،- دېدى ئۆتكۈر ئەپەندى مېڭىش ئالدىدا ئىختىيارسىز ئاۋازى قېيىپ ، دىلدارلاشتۇرغان ئاللاغا رەھمەت ! ۋەتەن ، خەلق ، مۇشۇ تىتىيادەك ئەزىر پۇپراق سىلەرگە قالىدۇ ، خەير ، خۇداغا ئامانەت !
- ئۆتكۈر ئاكا ،- دېدى ئارىمىزدىكى دادىلراق ئوغۇل ساۋاقدىشىمىزدىن بىرسى ئىچ - ئىچىمدىن سۆيۈندۈرۈپ ،- ئۆزلىرىگە بىر ئىلتىماسىمىز بار ئىدى .
- خوش ، قانداق ئىلتىماسكىن ، بالام ؟
- رەسىمگە چۇشۇۋاتاتتۇق ، كۆڭۈللىرىگە ماقۇل كەلسە ئۆزلىرى بىلەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالساق .
- جېنىم بىلەن رازى بالىلىرىم ، جېنىم بىلەن ،- دېدى ئۆتكۈر ئەپەندى ھېلىقى ساۋاقدىشىمىزنىڭ مۈرىسىگە پەپىلەپ تۇرۇپ .
يانمۇيان تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتۇق . ئاپپاراتنىڭ « تىرىس» قىلغان ئاۋازى خۇددى يۈرىكىمدىن چىققاندەك ۋە بۇ كۆرۈنۈش قەلبىمدە ئەبەدىي ئۆچمەس نەقىش بولۇپ ئويۇلۇپ قالغاندەك تۇيۇلدى . رەسىمگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈر ئەپەندى ھەر نەچچە قەدەمدە بىزگە بىر قايرىلىپ قاراپ كېتىپ قالدى . مەن شۇ چاغدا شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىىمىزنىڭ مەن ئۈچۈن تۇنجى ۋە ئاخىرقى دىدارلىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيغاندەك يۈرىكىمدە ئاۋازسىز يىغلاۋاتاتتىم . بىز ئۇزۇنغىچە بۇ خىزىر سۈپەت ئۇلۇغ زاتنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇردۇق . ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ دەمدىكى نەزەرىمدە يەردە ئەمەس ، بىر ئەزىم نۇر ئېقىنى ئىچىدە ھەمىمىزنىڭ قەلبىدىن سېلىنغان ھۆرمەت پاياندازى ئۈستىدە كېتىپ باراتتى .مەنبە : ئاخىرقى زامانە ئاياللىرى