بۇ بەتتىكى تېما: [ئابدۇرېھمجان] ناخشا تېكىستلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 149 قېتىم كۆرۈلدى
abdurehimjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7837
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 259 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 [ئابدۇرېھمجان] ناخشا تېكىستلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى manggutax ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-30)
ناخشا تېكىستىدىن ئۈچ پارچە


ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان



ئىلتىجا

سەن بىلەن تونۇشقان شۇ كۈندىن بۇيان،
يېنىڭدىن كېتەلمەي بولدۇم پەرۋانە.
تۇتاشقاچ يۈرەككە مۇھەببەت ئوتى،
قىينىلىپ بۇ جىنىم يۈردۈم سەرسانە.

ھەر كۈنى قىينايدۇ شۇ ئوتلۇق پىراق،
باغلانغاچ بۇ ئىشقىم ساڭىلا پەقەت.
ئەقىدەم مەڭگۈگە تەۋرەنمەس ئەسلا،
سېنىڭدىن باشقىنى سۆيمەسمەن ئەبەد.

كۆيگەچكە يۈرىكىم چىدىماي ئاخىر،
بىر ساڭا ئېيتقانتىم يۈرەك سۆزۈمنى.
سەن لېكىن يۈرىسەن پەرۋاسىز - بىغەم،
ئەجىبا بىلمەمسەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى.

ئاخشىمى بارمايدۇ كۆزۈم ئۇيقۇغا،
كەچكىچە ياتالماي سېنىلا ئويلاپ.
كەتمىگەچ جامالىڭ كۆزۈم ئالدىدىن،
خىياللار سۈرىمەن يۇلتۇزغا قاراپ.

شۇ  سەۋەب ئىلتىجا قىلاي سېنىڭدىن،
كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن دەردىمگە يەتكىن.
ئوتۇڭدا كۆيدۈرۈپ ئازابقا سالماي،
يار بولۇپ مەڭگۈگە كۆڭلۈڭنى بەرگىن.
2000- يىلى ماي      سېغىزكۆل

  (2)
ئاشىقلىق

قۇندۇز دېسەم سۇمبۇل چېچىڭنى،
كۆزلىرىڭدۇر نۇر تۆككەن قۇياش.
ھارارىتى تۇرسا يېلىنجاپ،
يالقۇنىغا مۇمكىنمۇ چىداش.

باققىنىڭدا ماڭا تىكىلىپ،
ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرىدۇ ئوت.
بىر سېھىر بار سەندە ئۆزگىچە،
پاك قەلبىمگە بولدۇڭ تەڭرىقۇت.

گەر يىنىمدا بولساڭ تەمتىرەپ،
ئالالمايمەن ئەركىنرەك نەپەس.
جىمغۇرلىشىپ قالدىم خېلىلا،
مەن بۇرۇنقى شوخ يېگىت ئەمەس.
2003- يىلى  مارت    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

(3)
تويۇڭ بولغان كۈن

مەھەللىدە تويۇڭ بولغان كۈن،
يۈرىكىمنى ئۆرتىدى ھەسرەت.
بارالمىدىم كەچۈرگىن مېنى،
تەكلىپ قىلغان بولساڭمۇ كۆپ رەت.

مەھەللىدە تويۇڭ بولغان كۈن،
كېتىپ قالدىم يىراق - يىراققا،
بولالمىدىم شۇندىمۇ خۇشال،
چىدىيالماي ئوتلۇق پىراققا.

مەھەللىدە تويۇڭ بولغان كۈن،
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدى يېشىم.
كۆيگەنلىكىم ساڭا يۇشۇرۇن،
ھېچ ئېسىڭگە كىرمىدى بەلكىم.


2003- يىلى ماي   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

قوشۇمچە: ناخشىچى يولداشلارنىڭ بۇ تېكىستلەرگە مۇزىكا ئىشلەپ، نەشر قىلىشىگە قۇشۇلىمەن. لېكىن، ئاپتورغا چوقۇم ئۇقتۇرۇپ قويۇشى شەرت. يەنە 60 پارچىدەك تېكىست بار. ناخشا تېكىستىگە ئېھتىياجلىقلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمەن.  

 


 
بۇ تېما باشقۇرغۇچى manggutax تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-04-30 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • http://mtv.diyarim.com
    ... ... ... ... ????? ?????? ????? ?????? ?????????? ????? ???????(???? ?????? ????? ??????) ???? ?????? ????? ??????.... ... ... ...
    | ۋاقتى : 2008-04-30 10:01 [باش يازما]
    askar0998
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 473 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ناخشا تىكىستلىرىنى ئۆزىڭىز يازغانما ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 12:51 1 -قەۋەت
    abdurehimjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    پۇل: 259 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق، ئۆزۈم يازغان. بۇ بىر قىسمى، بۇ تېكستلەرگە ماسلاشقۇدەك، باشقىلار ياقتۇرغىدەك مۇزىكا ئىشلەپ ئېيتسا، يەنە تەمىنلەيمەن  تېخى.
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    ... ... ... ... ????? ?????? ????? ?????? ?????????? ????? ???????(???? ?????? ????? ??????) ???? ?????? ????? ??????.... ... ... ...
    | ۋاقتى : 2008-04-30 15:12 2 -قەۋەت
    makan30688
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14805
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 45
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
    شۆھرەت: 15 نۇمۇر
    پۇل: 101 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    1-تېكىستكە  لېرىك مۇزىكا كىرىشتۈرسە؛
    2-تېكىستكە ئۇسۇللۇق پاستىكى مۇزىكا كىرىشتۈرسە؛
    3-تېكىستكە 8/6 ئۇدارلىق مۇزىكا كىرىشتۈرسە بولغىدەك،غىڭشىپ باقتىم، بولىدىكەن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
    www.makanmusic.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 16:57 3 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 00:52
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation