بۇ بەتتىكى تېما: (يولباشچى) تور مۇنبەر قۇرغۇچىلارغا 10 تەكلىپ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 229 قېتىم كۆرۈلدى
yolbaxqi-ksg
سەركە
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 12972
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5149
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5149دانە
شۆھرەت: 1910 نۇمۇر
پۇل: 40 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (يولباشچى) تور مۇنبەر قۇرغۇچىلارغا 10 تەكلىپ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-30)
مەزكۇر تىمىنى مەن نادىرلىدىم ، پىكىرىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ . سەۋەبىنى تېمىنى تەپسىلى كۆرۈپ ، مەزمۇنىدىن بىلگەيسىز .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


تور مۇنبەر قۇرغۇچىلارغا 10 تەكلىپ


يولباشچى


يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تور تېخنىكىسىنىڭ ئالەمشۇمۇل ، ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك تەرەققىياتلارغا ئىرىشىشى مابەينىدە تور مۇنبەر مەدەنىيىتى بىزدە بىخلاندى ھەم بەلگىلىك تەرەققياتلارغا ئېرىشتى . تور تېخنىكىسىنىڭ ئوموملىشىشى نەتىجىسىدە تور مۇنبەرلىرىنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە ئىشىپ بارسىمۇ سۈپىتىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قىلىشى تەپەككۇر قىلالايدىغان جانلىقلارنى خۇشال قىلالمىدى . تور مۇنبەرلىرى پەيدا بولغاندىن بۇيان ئاساسەن «ئۇنۋېرسال مۇنبەر » ۋە « خاس مۇنبەر » (ياكى «كەسپى مۇنبەر») دىگەندەك تۈرلەر بىلەن مەۋجۈت بولۇپ كەلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور مۇنبەرلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىش دەۋرىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ بىراق سۈپەت جەھەتتە ئاشماسلىق ياكى بىر ئىزدا توختاپ قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە . كەمىنە تۆۋەندە  ئۆزۈم ھېس قىلغان تور مۇنبەر قۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەر توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ساھەداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن .

1. مۇنبەر قۇرغۇچىلار قانۇن - نىزاملارغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان بولۇش لازىم .


تور مۇنبەر قۇرغۇچىلار مۇنبەر قۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەم قۇرۇش داۋامىدا چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرىنى بىر قۇر چۈشىنىپ چىقىشى زۆرۈر . تور مۇنبەرلىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن تور مۇنبەرلىرىگە ھەرخىل ژانىردا تىمىلار يوللىنىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ ئىچىدە تىما يوللىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسىرى بولغاندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ئەسىرىمۇ بولىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم باشقىلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكى ھۆرمەتلىنىشى لازىم . تور مۇنبەرلىرىدە ھەرخىل ئۈن - سىن نەشىر بويۇملىرى يوللىنىپ تۇرىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقوقىغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىنى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىپ چىققاندا زۆرۈر بولمىغان قانۇنى جاۋاپكارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . ئەسلى ئاپتور ياكى ئۈن - سىن نەشىر قىلغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي توردا ئىلان قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم . مەزمۇنى ساغلام بولمىغان شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا زىت بولغان تىمىلارنى بىردەك تەستىقلاپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم .

2. مۇنبەر قۇرغۇچىلار بەلگىلىك تور  تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشى لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلار مۇنبەر قۇرۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تور تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللىشى لازىم . شۇنداق بولغاندا تور مۇنبەرلىرىنى ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ . مۇنبەر قۇرغۇچىلار مۇنبەر قۇرۇشقا ئامال بار ئالدىراپ كەتمەي مۇناسىۋەتلىك تور تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللىشى لازىم . مۇشۇنداق بولغاندا مۇنبەر قۇرۇلغاندىن كىيىن قەستكار (خاككىر) لارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغىلى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قوللانغىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، تور تېخنىكسىى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇنبەر قۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەڭ يىڭى تور بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ھەم ئۇنى ئۆز مۇنبەرلىرىنىڭ تەرەققياتىغا سەرپ قىلىشى لازىم .

3. مۇنبەر قۇرغۇچىلار ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇشى لازىم .


ئادەم ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى . مۇنبەر ماھىيەت جەھەتتە مەۋھۈملۈككە ئىگە بولسىمۇ بىراق بۇ رىئالنى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن بولىدۇ . رىئالنى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مىجەز - جارەكتىرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىماسلىقى ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ھەم تەپەككۇرىنىڭ ھەرخىل قاتلاملاردا بولۇشى مۇنبەردە ھەرخىل پىكىر ئىقىملىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ . مۇنبەر قۇرغۇچىلار چوقۇم مۇشۇ خىل ئوخشاش بولمىغان مىجەز - خارەكتىردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈر بەرگەن ھەرخىل زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشىقا ماھىر بولۇشى ، مۇشۇ كىشىلەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ھەم ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەشكە ماھىر بولۇشى لازىم . «10 ئادەم» گە «10 خىل» گەپ قىلىپ «10 خىل» خۇشال قىلالايدىغان يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى ھازىرلاش لازىم . ئەزالار بىلەن ئەزالار ، ئەزالار بىلەن باشقۇرغۇچىلار ، باشقۇرغۇچىلار بىلەن باشقۇرغۇچىلار ، ئەزالار بىلەن ئۆزى ، باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم . مۇنبەر قۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن گورۇھۋازلىق شەكىللىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم . باشقۇرغۇچىلارغا قارىتا «دان» بىلەن «سامان» نى ئىنىق ئايرىش لازىم . بۇ بىر تۈرلۈك تەلەپ بىر قەدەر مۇھىم .

4. مۇنبەر قۇرغۇچىلار ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بەلگىلىك بىلىش سەۋىيىسى بولۇشى لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلار يۇقارقىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بەلگىلىك بىلىش سەۋىيىسىدە بولۇشى لازىم . شۇنداق بولغاندا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك  بۇرمىلانغان ھەم بىر تەرەپلىمە مەزمۇندىكى تىمىلارنىڭ تەستىقلىنىپ چىقىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . مۇنبەر قۇرغۇچىلار يازما يوللىغاندا چوقۇم ئۆز مىللىتى تىلىنىڭ ئىملاسى توغرا ، راۋان ، چۈشىنىشلىك بولۇشى ، لوگىكىلىك قۇرۇلمىسى پۇختا بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم . ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنانى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى لازىم . (ئىپارنى يوشۇرساڭ پۇرىقى بىلدۈرەر ، بىلىمنى يوشۇرساڭ تىلىڭ بىلدۈرەر ---- يۈسۈپ خاس ھاجىپ)شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبەر قۇرغۇچىلاردا بەلگىلىك «مەدەنىيەت سەۋىيىسى» بولۇشى لازىم . مۇشۇنداق بولغاندا «مەدەنىيەت سەۋىيە» دىكى «بىلىم دەسمايىسى» ئارقىلىق مۇنبەرنى ئۇزاق مۇددەت ، ئۈنۈملۈك ، ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ .

5. مۇنبەر قۇرغۇچىلار يېڭىلىق يارتىش روھىغا باي بولۇشى لازىم .


تور مۇنبەر تېخنىكىسى ئوموميۈرلۈك كەڭ قولىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، تور مۇنبەر قۇرغۇچىلاردا چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىش روھى بولۇشى ھەم بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىشى لازىم . تور مۇنبەرلىرى قۇرغاندا بۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان تور مۇنبەرلىرىنى «نۇسخىلاپ» قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم . تور مۇنبەرلىرى قۇرغاندا سەھىپىدە يېڭىلىق ياراتقاندىن باشقا يەنە مەزمۇنلاردا يېڭىلىق يارتىش تولىمۇ زۆرۈر . ئامال بار ئۆز مۇنبەرلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە تەتقىقات نىشانىنى تىكلىۋىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇلازىمەت ئوبىكتىنى ياخشى تاللاش لازىم .

6. مۇنبەر قۇرغۇچىلارنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشى لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلارنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشى لازىم . مۇنبەرنىڭ قەرەللىك ياكى قەرەلسىز «مۇنبەر مۇھاكىمە يىغىنى» ، «مۇنبەرداشلار ئۇچرىشىشى» ، «مۇنبەر قۇرۇلغان كۈن پائالىيىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇنبەر قۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان تەشكىللەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم .

7. مۇنبەر قۇرغۇچىلاردا پىلان بولۇش لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلاردا مۇنبەر قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا چوقۇم بەلگىلىك پىلان بولۇشى لازىم . پىلان چوقۇم رىئالىقتا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇشى خىيالى بولماسلىقى لازىم . مۇنبەرنى قۇرۇشتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ، مۇنبەر قۇرۇلغاندىن كىيىن ئەزالارنى قانداق كۆپەيتىش ، باشقۇرغۇچىلارنى قانداق قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار پىلاندا بولۇشى لازىم .

8. مۇنبەر قۇرغۇچىلار مۇنازىرە تىمىلىرىغا قاتناشماسلىقى لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلار ئۆز مۇنبىرىدىكى ئىلان قىلدۇرۇلغان (مۇنبەر ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار تىمىلاردىن باشقا) مۇنازىرە تىمىلىرىغا بىردەك قاتناشماسلىقى لازىم . ئادەتتە مۇنازىرە تىمىلىرىدە پىكىر قىلىش جەھەتتىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈش كىلىپ چىققاچقا مۇنبەر قۇرغۇچىلار پىكىر قىلغاندا بىر تەرەپكە ئىغىپ كىتىشتىن ساقلانماق تەسكە توختايدۇ . شۇڭا بۇنداق تىمىلاردا ھېسياتىنى قەدىرلىشى لازىم . بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپكە ئىغىپ كىتىپ مۇشۇ سەۋەپتىن قارشى تەرەپنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغىلى ، قارشى تەرەپكە بىسىم بولۇپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .

9. مۇنبەر قۇرغۇچىلار تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلار مۇنبىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ھەم قۇرۇلۇش داۋامىدا تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەش لازىم . قىرىنداش مۇنبەرلەر بىلەن ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ تەشۋىقاتنى ياخشى ئىلىپ بىرىش لازىم . تەشۋىقات ياخشى بولغاندىلا مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ .

10. مۇنبەر قۇرغۇچىلار 2 پەسىلدە بىر قېتىم مۇنبەردىن خۇلاسە چىقىرىش لازىم .


مۇنبەر قۇرغۇچىلار ئۆز مۇنبىرىنىڭ تىما يوللاش ، ئىنكاس يىزىش شۇنداقلا مۇنبەرنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرى ھەم مۇنبەر پائالىيىتىدىن 2 پەسىلدە بىر قېتىم خۇلاسە چىقارسا مۇشۇ ئارقىلىق كىيىنكى مۇنبەر پائالىيىتى تېخىمۇ ياخشى ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ ، دەپ قارايمەن . مۇمكىن بولسا بىرەر خاتىرىگە مۇنبەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىدىن «مۇنبەر خاتىرىسى» دىگەندەك خاتىرىلەرنى قالدۇرۇش لازىم . بۇ خۇلاسە چىقىرىشقا پايدىلىق .

يۇقارقىسى كەمىنەنىڭ تور مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلغان مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن بۇيانقى ھېس قىلغانلىرىم . خۇددى دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى بولمىغىنىدەك ، يازمامدا سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالمىغانلىقىم تەبىئى . ساھەداشلىرىمنىڭ تەنقىدى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
[ baturjangqi تەرپىدىن 2008-04-30 14:33 قايتا تەھرىر ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(baturjangqi) بارىكاللا نا ..
  • شۆھرەت:+10(islam~1400) ياخشى پىكىر
  • شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
  • « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    كىرەك بولسام مىنى دەرھال ئىزدېدى ،
    «تىپىلغۇسىز ياخشى ئادەم سىز » دېدى .
    ئۆتىۋىلىپ ھەرخىل قىيىن - قىستاقتىن ،
    «كىم بولىسىز ؟ تونۇشمايمىز بىز ! » دېدى .
    | ۋاقتى : 2008-04-30 05:23 [باش يازما]
    kedirdan0996
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 574
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە574دانە
    شۆھرەت: 645 نۇمۇر
    پۇل: 28 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 94 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :68(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى بىر تېما بوپتۇ بۇ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ئەزىم دەريا بولاقتىن،
    دانىشمەنلىك قولاقتىن.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 05:35 1 -قەۋەت
    mustabit
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 527
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە527دانە
    شۆھرەت: 415 نۇمۇر
    پۇل: 1795 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :239(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇنبەر ئىگىلىرى ۋە مۇنبەر قۇرماقچى بولغانلار چوقۇم ئوقۇپ بىلىۋىلىشكە تىگىشلىك قوللانما ئىكەن .يولباشچى مۇشۇنداق يىڭى -يىڭى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ تۇرۇڭ .قەلىمىڭىزگە ۋە تۇرمۇشىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
     
    نۇرغۇن ياۋۇزلۇقنىڭ مەنبەسى مەي بوتۇلكىسىدا
    | ۋاقتى : 2008-04-30 07:08 2 -قەۋەت
    MIRAYID
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9571
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3401
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3401دانە
    شۆھرەت: 1097 نۇمۇر
    پۇل: 274 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :284(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قۇرغۇچىلارلا ئەمەس باشقۇرغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق بولۇشى لازىم . 
    http://mtv.diyarim.com
                                    . I am a student
    | ۋاقتى : 2008-04-30 08:28 3 -قەۋەت
    uyush
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 359 نۇمۇر
    پۇل: 1443 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :115(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تەكلىپ ئىكەن!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    يەردىن ئۈندۇق،يەنە يەرگە كىرىمىز!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 10:50 4 -قەۋەت
    atirgul627
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 316
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
    شۆھرەت: 316 نۇمۇر
    پۇل: 1149 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ.        
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل،بېشىڭ كەتمىسۇن،
    تىلىڭنى كۈزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 11:02 5 -قەۋەت
    hitab
    تۆھپىكار ئەزا
    دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 1344
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1546
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1546دانە
    شۆھرەت: 872 نۇمۇر
    پۇل: 907 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايتى دانا پىكىرلەرنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپسىەن  !مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا مۇنبەرنى  چۇقۇم ياخشى تەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ .
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-04-30 12:34 6 -قەۋەت
    askar0998
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 473 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنداق ياخشى پىكىرگە قوشۇلمىغانلارنىڭ كاللىسى ئىلىپ تاشلىنىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 12:36 7 -قەۋەت
    خەنجەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
    شۆھرەت: 60 نۇمۇر
    پۇل: 307 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        مەن چۇقۇم يولباشچى دىگەندەك قىلىمەن . سىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقتۇر .
    | ۋاقتى : 2008-04-30 14:15 8 -قەۋەت
    baturjangqi
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 11262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3143
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3143دانە
    شۆھرەت: 1454 نۇمۇر
    پۇل: 858 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :74(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىMIRAYIDنىڭ2008-04-30 08:28دە يوللىغان يازمىسى :
    قۇرغۇچىلارلا ئەمەس باشقۇرغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق بولۇشى لازىم . 

    توغرا ، مەنمۇ شۇنداق قاراشتا .
    دوستۇم يولباشچىنىڭ بۇ پىكىرى ھەقىقەتەن ئەمىلى قاراش ، قىممەتلىك پىكىر . بارىكاللاھ بۇرادەر .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    يىلتىزىمىز دىيارىمدا
           ئۈمىدىمىز دىيارىمدا  
    | ۋاقتى : 2008-04-30 14:27 9 -قەۋەت
    Chuxay
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 578
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە578دانە
    شۆھرەت: 578 نۇمۇر
    پۇل: 1767 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى بىر تېما بوپتۇ بۇ.  مۇشۇنداق قىلغاندا مىنىڭچە ياخشى بىر مۇنبەر قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ...رەھمەت تىمىڭىزغا..
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
    | ۋاقتى : 2008-04-30 14:28 10 -قەۋەت
    Ar-ohoz
    ئوغۇزىيەگۇرۇھى
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 17206
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3272
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3272دانە
    شۆھرەت: 1451 نۇمۇر
    پۇل: 7136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئويلىنىپ  بىقىشقا تىگىشلىككەن.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    دۈشمەنلەردىن بىشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 15:44 11 -قەۋەت
    atabora
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18988
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1448
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1448دانە
    شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
    پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        8 - ماددىنى قايتا ئويلىنىش كېرەك ! ....مىنىڭچە ، تور بەت قۇرغۇچىلار ھەرخىل تىپتىكى مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىشى كېرەك . بۇ ئارقىلىق ئۇلار ھەقىقىي سوغۇققانلىقنى نېمىلىكىنى چۈشىنىپلا  قالماي يەنە ئۆزىنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى كۆپ دەرىجىدە ئۆستىرىشكە بايدىسى بار . شۇنىڭدەك ئەزالار بىلەن بولغان ئارىسىدىكى ئورتاقلىقنى ساقلىيالايدۇ .
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!            
    | ۋاقتى : 2008-04-30 16:48 12 -قەۋەت
    meh-man
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22302
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 36 نۇمۇر
    پۇل: 216 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىسل تېمىلىرڭىزنى كۈرشكە تەشنامىز .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-04-30 19:33 13 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 04-30 23:29
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation