« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئېرىم ۋە بالام قىنى ...(راس ئىشلار خاتىرىسى) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 943 قېتىم كۆرۈلدى
ئادىلە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
شۆھرەت: 351 نۇمۇر
پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئېرىم ۋە بالام قىنى ...(راس ئىشلار خاتىرىسى)

مەن سىزنى بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىن بولۇپ كەلگەن شۇ كۈنى كەچتىلا ئاداشلىرىم بىلەن ھوجرىڭىزغا كىرىپ مارىلاپ تۇرۇپ كۆرىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئىسىمدە ھەدە،شۇ كۈنى تويلۇق لىباس ئىچىدە شۇ قەدەر چىرايلىق بولۇپ كەتكەن سىزگە زوقلىنىپ قارىغان،« ھەجەپ چىرايلىق قىز ئىكەن» دەپ بىر-بىرىمىزنى نوقۇشۇپ كۈلۈشكەن ئىدۇق.
_بولدى بولدى چىقىڭلار_دەپ قوغلىغان ئىدى ياشتا چوڭراق بىر دوستىڭىز قوللىرىمىزغا بىردىن تاۋار قولياغلىق تۇتقۇزۇپ قويۇپ،بىز بۇ توينىڭ موبارەك خاتىرىسىنى چىڭ سىقىمداپ تۇتۇپ كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا شۇ چىرايلىق ھوجرىڭىزدىن چىقىپ كىتىشكەن ئىدۇق.
بىز قۇشنا بولغاچقىمۇ سىز بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ ،ئەسرارلىشىپ تۇراتتۇق،مەن كىچىك بولساممۇ ماڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدىڭىز،_«***ساقام،جۈرىڭە سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ كىلەي»_دەپ پات-پات بارىدىغان يەرلىرىڭىزگە مىنى ئىلىۋالاتتىڭىز،مەنمۇ پات-پات ئۆيىڭىزگە كىرىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ چىقاتتىم،«ئۆزىڭىز كىچىك بولغان بىلەن گەپلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق سىزنىڭ تاتلىق قىز» دەيتتتىڭىز مىنى،«توي قىلىپ بۇ مەھەللىدىن كەتسىڭىز قانداقمۇ قىلارمەن،يا ئېنىمگىلا ئىلىپ بىرەيمىكىن سىزنى»دەپ چاقچاق قىلىپ قوياتتىڭىز.
يازنىڭ تومۇز ئىسسق بىر كۈنى ئىككىمىز سىزنىڭ ھويلىڭىزدا قىشىمىزغا ئۇسما قويۇپ ئولتۇرغان ئىدۇق،ئۇ كۈنكى ئوسما تازا ئىچىدىغان ئۇسما ئىكەن،قىشىمىزغا ئۇيۇپلا قالغان ئىدى،تازا ئەينەككە قاراپ «ئىچىپتۇ ھە؟» دىيىشىپ تۇرساق يولدىشىڭىز كىردى،«ئۇسمام ئىچىپتىمۇ،قاراپمۇ قويمايسىزغۇ؟»دىدىڭىز شۇخلۇق بىلەن يولدىشىڭىزغا قاراپ،يولدىشىڭىز سىزگە زوقلىنىپ قارىدى_«ئۆزەڭنىڭ قىشىمۇ خۇددى كۆمۈردەك قارا تۇرسا ئۇسما قويۇپ نىمە قىلارسەن،بىر قارا قاش ئىككى قارا بوپكىتىپتۇ »-دىدى يولدىشىڭىز،سىز خىجىل ھەم خوشال بولغان ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتىڭىز،ئاندىن يولدىشىڭىزغا قىزىرىپ قاراپ تەبەسسۇم قىلدىڭىز،ئىككىڭلارنىڭ شۇ دەقىقە ئارىلىقىدىكى نىگاھىڭلاردىن بىر-بىرىڭلارغا بولغان موھەببەت،ۋاپادارلىق،ئامراقلىقنىڭ كارتىنىسىنى ھىس قىلغان،سىلەرگە مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىگەن ئىدىم ھەدە.
سىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولغان ئىدىڭلار،ئىككىلىسى ئوغۇل ئىدى،بالىلىرىڭىزغا مەن بەك ئامراق ئىدىم،كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بىقىپ بىرەتتىم،ئۇلارنى خۇددى ئۆز ئۇكامدەك ھىس قىلاتتىم،سىز بەكمۇ جاپاكەش ئېدىڭىز،ئېرىم،بالىلىرىم دەپ كۆيۈپلا تۇراتتىڭىز،يولدىشىڭىزمۇ ناھايىتىمۇ تىرىشچان ئىدى،ئۆز ھالال ئەمگىكى بىلەن سىزنى ۋە بالىلىرىڭىزنى گۈلدەك بىقىپ كىتىپ باراتتى.
ئادەم دىگەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ۋە ياكى ئەتىكى كۈنلەردە نىمە ئىشلارنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەلىسە نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە؟تۇيۇقسىز كەلگەن ئازاپ ۋە كەلگۈلۈك بەكمۇ يامان ئىكەن،ئۇ ئىنساننى جاندىن ئايرىۋەتمەيدىكەن لىكىن ئازاپ ئوچىقىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلالايدىكەن،سىزنىڭ بىشىڭىزغا كەلگەن بۇنچىلىك تارتقۇلۇقلارنى ئاجىز بىقۇۋۇل ئىنساننىڭ كىچىككىنە گەۋدىسىنىڭ،مۇشتۇمچىلىك يۈرىكىنىڭ ھىلىمۇ كۆتۈرۈپ بەردەم تۇرالايدىغىنىغا ھەيرانمەن.
ئەگەر باشقىلاردىكى ئازاپنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بەرگىلى بولسا مەن ئۇنىڭ يىرىمىنى بولسىمۇ تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بىرىشكە،سىزدىكى ئازاپنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ بىرىشكە رازى ئىدىم ھەدە!
بۇلتۇر ماي ئايلىرىدا سىز ئۈچىنچى ئوغلىڭىزنى يەڭگىدىڭىز،ئەسلى خۇدايىم ماڭا بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلار دىگەن ئۈمىد بىلەن تۇققان ئىدىڭىز،لىكىن بۇداقىسىمۇ ئوغۇل تۇغۇلدى،خۇدايىم بەرگەن بالا دەپ خوشال بولۇشتۇڭلار،ئىنىقكى سىلەرنىڭ زىممەڭلاردىكى يۈك تىخىمۇ ئېغىرلاشقان ئىدى،ئۈچ ئوغۇلنى ئەقلى _ھوشى بىلەن ساق-سالامەت چوڭ قىلىش،توغرا يولدا تەربىيىلەش،ياراملىق پەرزەنت قىلىپ چىقىش ئۈچۈن سىلەرگە چۈشىدىغان بىسىممۇ ئاسان ئەمەس ئىدى.
ئىدەرىڭىز توشقاندا يۇقلاپ كىرسەم بىر چىرايلىق بۇۋىقىڭىزنى بۈشۈككە بۆلەپ قويۇپ زاكا يۇيۇۋاتقان ئىكەنسىز ،_«***ئاكىڭىزنىڭ بۇ بالىغا قەۋەتلا مىھرى چۈشتى،قېرىغاندا تاپقان بالا بەك تاتلىق بولىدىغان ئوخشايدۇ،قولىدىن چۈشۈرمەي ئۆزىلا باقىدۇ» دەپ زوقمەنلىك بىلەن پاراڭ قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.
ئەلۋەتتە،ياساپ قويغاندەك چىرايلىق ئۈچ ئوغۇلغا ئاتا بولۇش ئوڭاي ئەمەستە،«بەخىتىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم»دىگەن ئىدىم چىن كۆڭلۈمدىن.
كۈرىۋاتقان كۈنلىرىڭلارغا شۈكرى-ھەمدۇسانا ئىيتىپ،ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىڭلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە بەخىتسىزلىكنىڭ قارا سايىسى شۇم ئىتىكىنى يايدى.
شۇ كۈنى دەل ئۈچىنچى ئوغلىڭىز 40 كۈنلۈك بولغان ئىدى،يولدىشىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ ئادىتى بويىچە بالىنى قولىغا ئىلىپ ئەركىلىتىپ سۈيۈپ تۇرغاندا تىلىفۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى،_«ۋاي تىز كىلىڭلار،ئېنىڭلارنى خەق بەك ئۇرۇپ كەتتى»،يولدىشىڭىز بىرىنىڭ ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىلىفۇننى تاشلاپ تالاغا ئوقتەك چاپتى،ئاڭغىچە يولدىشىڭىزنىڭ ئاكىسىمۇ ياندىكى قورادىن تەڭ يۈگۈرۈپ چىقتى.
_تىز چاپ،***نى ئۇرۇپ كىتىپتۇ،10-رايۇن ئالدىدا ،تىز بارايلى.
تاكسىدىن بىرنى توسۇپ بارغىچە يولدىشىڭىزنىڭ ئېنىسى تاياق تىپىك ئاستىدا قالغان ئىكەن،قارشى تەرەپ 2-3 ئادەم بولۇپ،ئىنىڭلارنى ئارىغا ئىلىپ ئۇرىۋاتقان ئىكەن ،ئاچچىقتا كۈزىگە قان قۇيۇلغان ئاكا-ئىنى ئۇلارغا ئىتىلىپ بىرىپ ئىنىسىنى ئاجرىتىپ
_مانا ئۇرۇش دىگەن_ دەپ قارشى تەرەپ بىلەن تازا مۇشلىشىپتۇ،قارشى تەرەپكە يەنە 2-3 ئادەم قوشۇلۇپتۇ،بولۇپ كىتىپتۇ جەڭ،ئەسلى قىمار ئويناپ پۇل بىرىش تەس كىلىپ ئاخىرى چىڭىغا چىققان جىدەل ئىكەن بۇ،سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش يوق،ئۇرۇش تىپىشنىڭ ئاخىرى پىچاقلىشىشقا يۈزلىنىپتۇ،قارشى تەرەپتىكىلەردىن بىرى قولىغا پىچاق ئىلىۋىلىپ ئاكا-ئىنىلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن تىقىشقا باشلاپتۇ.
ئوڭغىچە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ساقچىلار ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قارشى تەرەپتىكىلەرنى ساقچىغا،سىلەر تەرەپتىكىلەرنى دوختۇرخانىغا يولغا ساپتۇ.
ۋاي ئىسىت،ۋاي ئىسىت،پىچاق يىگەن سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئۈچ ئاكا -ئۇكىنىڭ ئىككىسى ساق قاپتۇ،يولدىشىڭىز دوختۇرخانىغا بارغۇچە قان كۆپ چىقىپ كىتىپ بۇ دۈنيادىن ۋاقىتسىز خوشلىشىپتۇ،ئارىدىن ئاز ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۈلۈم خەۋىرى مەھەللىگە كىلىپ بولدى.
مانا قىيامەت،مەھەللىدە قىيامەت بولدى،بىر ئائىلىدىكى بەردەم ئۈچ ئەركەكنىڭ ئىككىسى ئېغىر يارىلىنىپ ،بىرى ئالتۇندەك ئۈچ ئوغلىنى ،مىھرىبان ئايالىنى يالغۇز قالدۇرۇپ بۇ دۈنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشتى.
_ ئېرىم قاچان كىلەركىن_دەپ ئەنسىزلىك ئىچىدە قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ،يۈرىكىڭىز سۇ بولۇپ ئىشىككە تەلمۈرگەن كۈزىڭىزگە، ياشلانغان قايغۇلۇق كۈزلەر بۇ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزگەندە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كىتىپسىز،«بۇ يالغان، ئىشەنمەيمەن،مىنى ئالدىماڭلار،ھازىر بىر سائەتنىڭ ئالدىدا بار تۇرسا ئۇ» دەپسىز.
مىيىتنى ئەكىرگەندە ئاندىن بۇ ئاچچىق رىياللىققا چىن پۈتتىڭىز،ئۈزىڭىزنى تاشلاپ يىغلىدىڭىز،ماڭا كەلگەن نىمە كۈن بۇ دەپ بوزلىدىڭىز،سىز گوياكى ئەس-ھوشىڭىزدىن ئايرىلغان ئىدىڭىز،يىڭى تۇغۇتلۇق بولغاچقا بۇ زەربىدىن ئۈزىڭىزنى خىلىغىچە تاپالماي ئاغرىپ يىتىپ قالدىڭىز.
ئۆلگەن ئۆلۈپ تۈگىدى،يارىلانغانلار بىرەر ئاي يىتىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشتى....ئەلۋەتتە ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلىۋالغىلى بولمايدۇ،تىرىكلەرگە يەنە تىرىكچلىك كىرەك،جان بار يەردە قازا بار دەپتىكەن،ھەممىمىز ئۆلۈپ كىتىمىز ئاخىر،لىكىن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربە دەستىدىن سىز ئاغرىقچان بولۇپ قالدىڭىز،بىزنىڭ تۇشمۇ-تۇشتۇن بەرگەن تەسەللىلىرىمىز سىزنىڭ ياشلىق كۆزىڭىزنى قۇرىتالمىدى،يۈرىكىڭىزدىكى ئازاپ ھەسرەتتىن قاتقان مۇزنى ئېرىتالمىدى.
_ماڭا بۇ ئىشلار ھازىرغىچە چۈشتەك بىلىنىدۇ_دىدىڭىز ماڭا سۇلغۇن قاراپ،_ئادەم بۇ دۈنيادا ياشاپ كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆرىدىكەن توۋا،مەن ئۆزۈمنى بۇنداق كۈنگە قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.....
_كىچىك بالىسىنى بىرىگە بىرىۋەتسۇن_دىيىشىپتۇ تۇققانلار،_ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنى قانداق باقىدۇ،يا باشقا بىر كىرىم مەنبەسى بولمىسا؟
بالىنى ھازىرلا بىرى قۇچىقىڭىزدىن تارتىپ ئىلىپ كىتىدىغاندەك چىڭ قۇچاقلىدىڭىز_ئۆلسەممۇ بالىلىرىمنى ئۈزۈم بىقىپ قاتارغا قوشىمەن،بالىلىرىمدا گۇناھ يوق،مىنىڭ قوزىلىرىم دادىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدى مەندىن ئايرىلسا بولمايدۇ.
يولدىشىڭىزنى ئۆلتۈرگەنلەر قانۇننىڭ تىگىشلىك جازاسىغا ئۇچرىدى،يولدىشىڭىزنىڭ ئىنىسى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىنىنى سىلىپ بەرگەن قەدىردان ئاكىسىغا يۈز كىلىش ئۈچۈن،بۇندىن كىيىن سىزنىڭ ئۈچ بالىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشتەك «مۇقەددەس» ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
گەپ دىگەن ئېغىزدىن چىققان يەل ئىكەن بەزىدە،«بالىلىرىڭىزنى ئۆزەم باقىمەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يوغان سۈزلىگەن ئەركەك ،بىر مەزگىل تاپقىنىنى سىلەرگە توشۇپ،پۇل-پىچەك بىرىپ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتكەن،سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىكى ۋىجدانى قەرزىنى ئازراق بولسىمۇ ئادا قىلغان بولدى،كىيىنچە «ئىچكىرىگە كىرىپ ئوقەت قىلىمەن» دەپ ئىچكىرىگە كىرىپ كىتىپ قۇيرۇغىنى خادا قىلدى.
بارا-بارا تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى سىزنى ھالسىراتقىلى تۇردى،ئىرىڭىزدىن قالغان ئازراققىنە پۇل بىلەن مەھەللىدە ئىچىۋالغان كىچىك بۇتكا دۇكاندىن كىرگەن كىرىم 4 جانلىق بۇ ئائىلىگە ئاش بولالمىدى،چوڭلىرى مەكتەپتە ئوقۇمىسا تىخى،كىچىك بۇۋاق قۇۋۋەتلىك يىمىسە تىخى،بالىلار كىيمىسە تىخى،ھەممە ئىش پۇل بىلەن چۈرگىلەۋاتقان ھازىرقى كۈندە تۇرمۇشتا تۈزۈك ئېشىنالماي،بەزىدە بىر كۈنلۈك تاماققىمۇ ئاقچا يىتىشتۈرۈپ بولالماي بىشىڭىزنىڭ ئىچىمۇ تىشىمۇ تاشتەك قاتتى،كۆرگەنلا ئادەمگە دەرت ئىيتىپ بارغىلى بولمايدۇ،ھەممە ئادەمنىڭ قازىنى ئۆزىگە قاينايدۇ،تۇققانلارمۇ بىر بىرىدۇ ئىككى بىرىدۇ،قىرىنداشنىڭ قانداقلىقى مۇشۇنداق ۋاقىتىدا سىنىلىدۇ،سىزنىڭ غورۇرىڭىز باشقىلارغا يالۋۇرۇشقا يول قويمايدۇ،ھازىرقى كۈندە يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىزدىگەنگە يا ئىپىدە خىزمەت تىپىلمايدۇ،كىچىك بۇۋاق تىخى كىچىك،ئاسان ئەمەس،ئۈچ بالىنى يالغۇز بىقىش ئاسان ئەمەس، شۇ كۈنلەردە ئۆرۈمچىدە دۇكان ئاچىدىغان سودىگەر ئېنىڭىز سىزگە بىر مەسلىھەت بەردى،ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە 15 ياشلىق ئوغلىڭىزنى مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ ئىنىڭىزگە ياردەملىشىپ دۇكان ئىچىشىپ بىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يولغا سالماقچى بولدىڭىز.
ئۇ يۈرەك پارىڭىز بەكمۇ چىرايلىق،يۈزلىرى ئاپپاق،قارا قاش ئۆسكىلەڭ بالا ئىدى،كۆزىڭىز قىيمىغان ھالدا ئۇنى تۈنجى قىتىم يىراق يەرگە ئەۋەتتىڭىز،15 ياشلىق بالا دىگەن تىخى ئاتا-ئانا قوينىدا غەمسىز يايراپ،سومكىسىنى ئىسىپ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياشتا ئىدى،دادىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ كۆڭلى سۇنغان،خىلى جىق بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدىغان ئەقىلگە ئىگە بولغان ۋاپادار بالا،سىزنىڭ قولىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ سويۇتۇش،ئىنلىرىگە «دادا» بولۇش ئۈچۈن كىچىك جىنىنى ئالقانغا ئىلىپ يىراق سەپەرگە ،«بارسا كەلمەس»سەپەرگە ئاتلاندى.
ئۇف،ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قولۇم بارمايدۇ ھەدە،قايسى موللا تاپقاق ياكى ئاغزى شۇم ئىنسان ئىيتىپتىكىن،«ئاتا ئۆلگەن ئۆيدىن يەتتە يىلغىچە بالا قازا ئۈزۈلمەس» دىگەن قورقۇنۇچلۇق سۆزنى،سىزگە كەلگەن كەلگۈلۈك راستىنلا تىخى تۈگىمىگەن چىغى،بالا -قازا كۆرۈنۈپ كەلمەيدىكەن....
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ شۇم خەۋەرنى ئىستىپ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك باردىم،نەق دادا ئۆلۈپ بىر يىلدىن كىيىن بالىغىمۇ قازايى-تەقدىر يىتىپتۇ،نىمىسىنى دەي،دادىسىغا ئوخشاشلا پىچاق يەپ ئۆلۈپتۇ.
پۇلنى كۆزلىگەن شۇ نامەرت،كىچىككىنە بالىنىڭ جىنىغا زامىن بولغىچە ئالىدىغاننى ئىلىپ يوقالسا بولمايتتىمۇ،كىچىك نارىسىدىدە نىمە گۇناھ؟پۇل دىگەن شۇنچىلىك يامان نەرسىمۇ ھە؟
سەۋەنلىكمۇ يا تەقدىرمۇ؟ ئىنىڭىز غۇلجىغا كەلمەكچى بولۇپ كىچىك بالىنى دۇكانغا قارىتىپ قويۇپ قايتقان شۇ كۈنى،ئۆرۈمچىدە ئويناپ يۈرگەن چوڭ ئاكىڭىزنىڭ 20 ياشلىق لۈكچەك ئوغلى بالىڭىزنى ئىزدەپ ئۆيگە كەپتۇ،_نەچچە كۈنلۈك سودىنىڭ پۇلىنى چىقار_دەپتۇ،ئىنىڭىز بەرمەي قارشىلىشىپتۇ،ئاخىرى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن چوڭ بالا ئۇنىڭغا پىچاق تەڭلەپتۇ،بالىڭىز قورقۇپ،_ئالساڭ ئال ئاكا،مىنى ئۆلتۈرمە_دەپ يالۋۇرۇپتۇ،شەيتان ئەقلىنى كەسكەن نامەرت پۇلنىمۇ ئاپتۇ،بالىنىمۇ پىچاق سىلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ.
ئۇ كۈنكى دەھشەتنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن،بالىنى ئىلىپ كىرگەندە سىزنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىڭىز پۈتۈن مەھەللىگە ئاڭلاندى،يىغىڭىز يۈرەكلەرنى ئەزدى،بىز سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بىر نىمە قىلىۋىلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدۇق،_«چىرايلىق بالام،فىرىما بالام،شاكىلات بالام.....»_كۆزىڭىزنى بىر نوقتىغا تىكىپ ئەس-ھوشىڭىزنى بىلمىگەن ھالدا،جاھاندىكى جىمى تاتلىق سۈز بىلەن قەدىرلىك بالىڭىزغا خىتاپ قىلدىڭىز.
_ئەرگە چىدايدۇ،بالىغا چىدىمايدۇ_دىيىشتى ئۆلۈمگە كەلگەن خوتۇنلار_بالا دىگەننىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە ئەمەسمۇ،بالىنىڭ ھەسرىتى بىر ئۈمۈر ئۆچمەيدۇ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بىر يىل ئىچىدە ئەڭ ئەزىز ئىككى كىشىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز،بىز چۈشەنسەكمۇ ھەسرىتىڭىزنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن،چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆز بىشىغا كەلگەندە بىلىدۇ.
ئوغلىڭىزنىڭ قاتىلى ئىككى كۈن ئۆتمەي قولغا ئىلىندى،_بالامنى قانداق ئۆلتۈرگەن بولسا،مەنمۇ شۇنداق قىلىپ بالامنىڭ ئەنتىنى ئالىمەن،_دەپسىز،ئۇرۇق -تۇققان رىشتىسى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلگەن بولدى،لىكىن يۈرەكلەردە بىر ئۆمۈرلۈك ئۆچمەس دەرت قالدى.
بىرسى كىرسىلا يىغلايدىكەن دەپ ئاڭلاپ سىزنى يوقلاپ كىرىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم،يۈرەك يارىڭىزنى يەنە قوزغاشتىن ئەنسىرىدىم،بولمىسا سىزگە ئىيتىدىغان نۇرغۇن تەسەللىلىرىم بار ئىدى ھەدە.
_يىغلىماڭ ھەدە،ئاللادىن كەلگەن تەقدىرگە بەندىنىڭ ئامالى يوق،ھەممىمىز بۇ دۈنياغا ۋاقىتلىق مىھمان،ھەممىمىز ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلۈمنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپى ئوخشىمايدۇ خالاس،ئەتە يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرىمىز بۇ پەقەت خۇدانىڭ ئىلكىدە،بۇ دۈنيادا كۆپ جەۋر چەككەن ئادەم ئۇ دۈنيادا ياخشى ساۋاپلارغا ئىرىشەرمىش،خۇدايىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە ھەر خىل ئازاپ چۈشۈرۈپ سىنارمىش.
ئاللا يولدىشىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن،ئامىن!


2008-يىلى4-ئاينىڭ29-كۈنى (غۇلجا شەھرى)



بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-04-29 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n ..
  • شۆھرەت:+10(baturjangqi)
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-29 22:07 [باش يازما]
    gvzal3.8
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 994
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە994دانە
    شۆھرەت: 1294 نۇمۇر
    پۇل: 3200 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :407(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي خۇدايىم،ئەجەپ بىئارام بولدۇمغۇ.........
    ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى.ۋاي،ئىسىت..........
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:12 1 -قەۋەت
    yaparah
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28567
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
    شۆھرەت: 54 نۇمۇر
    پۇل: 283 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نېمىدىكەن ئېچىنىشلىق.    يولۋازنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر،بۇ بىچارە ئانىغا ھېستاشلىق قىلىمەن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    پۇرسەت غەنىمەت، ۋاقىت غەنىمەت~!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:16 2 -قەۋەت
    atirgul627
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 316
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
    شۆھرەت: 316 نۇمۇر
    پۇل: 1149 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇھ-مەن بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ بولغىچە ئۆزۈمنى قەتئى تۇتالماي قالدىم.بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كېلىدۇ بىز ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز،ئەپسۇس بەزىلەرگە مانا مۇشۇ ھەقىقى ئىشتەك ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ،ئاللاھنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا دۇچ كېلىمىز. مەن ھەدىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىن قالغان ئىككى بالىسى ئۈچۈن بولسىمۇ ياشاش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.سىزگىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.تېمىڭىزغا رەھمەت.            
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل،بېشىڭ كەتمىسۇن،
    تىلىڭنى كۈزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:22 3 -قەۋەت
    askar0998
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    پۇل: 473 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش كەلدى ،بوغۇزۇمغا بىر نەرسە پاتمىغاندەك بوپقالدىم .  ئاھ خۇدا ئاشۇ بەندەڭگە رەھىم قىلىپ بۇندىن كىيىنىكى تۇرمۇشىنى بولسىمۇ خەيرىلىك قىلغايسەن !
    ئامىن !!!...
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا!
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:37 4 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
    شۆھرەت: 33 نۇمۇر
    پۇل: 199 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        بۇ ھەقىقەتەن راست بولغان ۋەقەغۇ،پىچاقلىشىش ئىشىنى مەن ئاڭلىغان.كىيىنكى ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق ئىكەن.توغرا، 10-رايۇندا يۈز بەرگەن،پۇلدار ۋەقەسى.....سىز..........؟
        توغرا بالا-قازالاردىن ساقلىغايسەن،خۇدايىم.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-04-29 23:54 5 -قەۋەت
    ئادىلە
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 20696
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
    شۆھرەت: 351 نۇمۇر
    پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ راس بولغان ۋەقە،ئۇ ئايال بىزنىڭ خوشنىمىز.
    پەقەت ئىچىمگە پاتۇرالماي يازدىم.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 00:06 6 -قەۋەت
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
    شۆھرەت: 33 نۇمۇر
    پۇل: 199 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىئادىلەنىڭ2008-04-30 00:06دە يوللىغان يازمىسى  :
    بۇ راس بولغان ۋەقە،ئۇ ئايال بىزنىڭ خوشنىمىز.
    پەقەت ئىچىمگە پاتۇرالماي يازدىم.

           
              ئۇلارنىڭ(ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ) ئۆيى قارادۆڭ تەرەپتە ئەمەستۇ؟
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 00:20 7 -قەۋەت
    tograk87
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25659
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 164 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى.شۇ نامەرت قاتىللار ئۇ دۇنيادا مەڭڭگۇ دوزاققا تۇترۇق بولسۇن.بىراق بۇ دۇنيادىكى تىرىكلەرچۇ؟ ھەدىڭىز ۋە ئككى نارسىدە بالىسىغا ئاللادىن ئاسايىشلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    .دىيارىم مۇنبىرىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولغۇنۇمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، تورداشلارنىڭ قوللىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 00:24 8 -قەۋەت
    ئادىلە
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 20696
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
    شۆھرەت: 351 نۇمۇر
    پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىtayanqimbarنىڭ2008-04-30 00:20دە يوللىغان يازمىسى  :

           
              ئۇلارنىڭ(ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ) ئۆيى قارادۆڭ تەرەپتە ئەمەستۇ؟

    ياق،باشقا مەھەللىدە.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 00:24 9 -قەۋەت
    aklaqin
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24268
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 565
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە565دانە
    شۆھرەت: 385 نۇمۇر
    پۇل: 1618 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىچارە ئايالغا خۇدايىمنىڭ ئىچى ئارىسۇن. ئاللا ئۇنىڭغا باللىرىنى  باقىدىغانغا مەدەت بەرسۇن ،مۇشكۇل ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ئامىن .
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى~!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 01:25 10 -قەۋەت
    گۈلى
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25870
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 136
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە136دانە
    شۆھرەت: 136 نۇمۇر
    پۇل: 546 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        بىز قاچانغىچە نادانلىقنىڭ دەردىنى تارتارمىز ؟ بۇنداق تىراگىدىيىلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۇلۇغ اللەدىن تىلەيمەن .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 01:33 11 -قەۋەت
    kedirdan0996
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 574
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە574دانە
    شۆھرەت: 645 نۇمۇر
    پۇل: 28 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 94 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :68(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ بەرگەن كۈنلىرىڭگە يۇزمىڭ قىتىم شۇكرى.
    http://mtv.diyarim.com
    ئەزىم دەريا بولاقتىن،
    دانىشمەنلىك قولاقتىن.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 02:35 12 -قەۋەت
    turk1010
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە34دانە
    شۆھرەت: 34 نۇمۇر
    پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ كەملەردە بۇكىشىلەرگە نىمە بۇلۇپ كەتتى .ئادەمنى خالىسا پىچاق سېلىۋېرىدىغان مەخلۇققا ئوخشۇتۇپ قويدىغۇ .
    مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىشلار بىزنىڭ بۇجايلاردىمۇ(خوتەن قارىقاش) يۈز بەرگەن.مەن بەك ئېچىنىۋاتىمەن .مىللىتىمنىڭ تەقدىرىدىن .......................................................................................................................
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    | ۋاقتى : 2008-04-30 10:13 13 -قەۋەت
    bilikiz
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25585
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 35 نۇمۇر
    پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي، ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىمگە لىق ياش كېلىپ كەتتى ، اللاھ ئۇ ئايالغا ئاسانلىق بېرەر <بەندىنىڭ ئىچى ئاغرىغىچە، خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىسۇن >دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،اللاھ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنى ئاسان قىلار ،ناسىرىدە شۇ ئىككى پەرزەنتىنىڭ بەختىنى بېرەر <اللاھ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ھەرخىل سىناق بىلەن سىنارمىش غەيرەت قىلىڭ ھەدە >
    « زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    | ۋاقتى : 2008-04-30 10:39 14 -قەۋەت
    dilzabar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15860
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

            نىمە  دىيىشىمنى  بىلەلمىدىم .كۆزلىرىمدىن  ئاققان ياش  توختايدىغاندەك  ئەمەس .
     
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    بەخىت -ئالقىنىڭىزدا
    | ۋاقتى : 2008-04-30 10:58 15 -قەۋەت
    tartinqak
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27566
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 349
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە349دانە
    شۆھرەت: 354 نۇمۇر
    پۇل: 1248 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :61(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پىچاقنى ئەرلەرنىڭ زىننىتى دەپ قوياتتۇق~لىكىن ھازىر يىنىغا پىچاق ئىسىپ يۈرگەن ئادەملەرنى كۆرسەم بەك قوقايمەن!
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 11:09 16 -قەۋەت
    lukchun
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26795
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆڭلىم بەك يېرىم بولدى ،بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرى نىمانداق كاجدۇ؟
    بولسا بىز مونبەر يۆزىدىلا ئەمەس،بەلكى ئەملى ھەركىتىمىز بىلەن بو قېرىندىشىمىزغا ياردەم بېرىپ ،ئونۇڭ يالغۇز ئەمەسلىگىى،ئەتراپىدا ئونۇڭ قايغۇسىغا تەڭ قايغۇردىغان،يىغىسىغا تەڭ يىغلىشىپ بېرىدىغان،ئاتىسىز قالغان مىللىتىمىزنىڭ ئىككى پەرزەنىتىگەئاتا بولۇپ ئولارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى شونداقلا بو قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، يەنە مىللىتىمىزنىڭ ئىككى ئوغلانى ئۆچۈن باتۇرلارچە ياشىشىغا تۆرتكە بولىدىغان،  جاراھەتلەنگەن كۆڭلىگە  ئازاراق بولسىمۇ تەسەللى بولدىغان  ئشلارنى قىلمايمىز!؟ 
    بونۇڭ ئۆچۇن مەزكور ماقالىنى يوللۇغۇچى سىڭلىمىز،بولسا بو قېرىندىشىمىزنىڭ تەپسىلى ئادىرىسى،قانداق قېيىنچىلىغى،قانداق ياردەم كېرەكلىگنى،ياردەمنى قايسى يول ئارقىلىق قىلساق موۋاپىق بولدىغانلىغى ھەققدە بىزگە ئوچۇر بەرسە،بو قانداقتۇ خەيرى-ساخاۋەت ئەمەس بەلكى بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز -ئارا ياردىمى دەپ ئويلايمەن!
    بولسا ئاجايىپ يىراق كۆرەرلىگى ،مەرت-سېىخلىغى بىلەن مىللىتىمىزگە ئۆلگە تىكلەپ بېرىۋاتقان
    كارخانىچى ئىلى ئوغلانلىرىنىڭ بو قېرىندىشىمىزغا بىر كىشىلىك ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان خېزمەت بېرىپ،قېرىندىشىمىزنىڭ تېزاراق قايغۇ-ئەلىمىنى ئونتۇشىغا ياردەم قىلساق!
    ئاللا خالىسا ئويۇشقاقلىغىمىز موشۇنداق كېچىك ئىشلاردىن باشلىنىپ مەنىسى تاپسا ئەجەپ ئەمەس!
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-04-30 11:50 17 -قەۋەت
    Gvnex
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4062
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ****نىڭ ئۆلىمىگە بەكمۇ ئېچىنىمەن. ئادەمگە بەكمۇ يېقىملىق بىلىنىدىغان چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. كىچىك ئۇكىسىنى يېتىلەپ بىزنىڭ قورۇغا كىرىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ ۋە مەن پات- پات دەرۋازا تەرەپكە قاراپ قويىمەن.
    ئادىلە، بۇ تېمىنى يوللاپ، يۈرىكىمنى يەنە بىر ئېچىشتۇردىڭىز.
    بەزىبىر سەۋەبلەرگە كۆرە، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمايلى.
    [ Gvnex تەرپىدىن 2008-04-30 12:37 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    كىمكى قىلىچنىڭ سېپىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،
    ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىدۇ!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 12:29 18 -قەۋەت
    weli998
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27353
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 287 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەغدىرگە ئامال يوق. بىچچارە ئايالغا ئاللاھ  ياردەم قىلغاي
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 12:51 19 -قەۋەت
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 172
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە172دانە
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 682 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىسست،  كەينى-كەينىدىن  كەلگەن  جۇدالىققا  قانداقمۇ  بەرداشلىق  بەرگەندۇ؟  يۈرۈگۈم  بەك  ئېچىشىپ  كەتتى،  بالىسىنىڭ  دەردىدە  بىرقانداق  بولۇپ  قالمىسىلا  بولاتتىغۇ؟؟
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
    سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 13:03 20 -قەۋەت
    دەۋران
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 194
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    پۇل: 689 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆزۈمدىن تاس قالدى ياش چېقىپ كەتكىلى...
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    قاچان ھاۋا ئېچىلىپ بۇلۇت تارايدۇ، ئۇيغۇرۇم،
    | ۋاقتى : 2008-04-30 13:05 21 -قەۋەت
    miregul
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26281
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 570
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە570دانە
    شۆھرەت: 570 نۇمۇر
    پۇل: 1829 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىچارە ئايالنىڭ تەقدىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىكەن. شۇ بىچارىنىڭ كېينكى كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەم ئۆتىشنى تىلەيمەن.
    بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
    تاما-تامار كۆل توشار~!
    | ۋاقتى : 2008-04-30 13:27 22 -قەۋەت
    mavjude
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24241
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 597
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە597دانە
    شۆھرەت: 622 نۇمۇر
    پۇل: 1929 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :129(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا ئۇ ئاچاشنى بالسىنى ئۆز پاناخىدە ساقلىسۇن!
    خاتىرجەم ياخشى كۈن تىلەيمەن
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    توزنىڭ جۇلالىق قانىتى بولسىمۇ ، بۇلبۇلدەك ناۋاسى يوق .
    | ۋاقتى : 2008-04-30 16:46 23 -قەۋەت
    gul~sanam
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 205
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە205دانە
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 764 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولدى توۋا .....نىمە دەپ ئىكاس يىزىشىمنىمۇ بىلەممەيۋاتىمەن 
    ئەمما شۇ ئايالنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىگە خاتىرجەملىك ۋە تىنىچلىق تىلەيمەن.
    رەخمەت تىما ئىگىسىگە.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-04-30 16:47 24 -قەۋەت
    raysima
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەجەپ ئچىم ئاغرىدى ،غەيرەتلىك بولسۇن ئىلاھىم!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-04-30 16:54 25 -قەۋەت
    karwan526
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23896
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 312 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي ..... ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەن، خۇدا مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن.......
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-04-30 18:14 26 -قەۋەت
    xjtv..2
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28537
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
    شۆھرەت: 54 نۇمۇر
    پۇل: 290 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!!!                                                                              بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بولسا بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەم بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    تەنھا يۇلتۇز
    | ۋاقتى : 2008-04-30 19:54 27 -قەۋەت
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2235
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2235دانە
    شۆھرەت: 2070 نۇمۇر
    پۇل: 5506 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىچىمنىڭ ئاچچىق بۇلۇشىنى ئۆزۇم كەلتۇرۇپ چىقاردىم،

    .بەخىتنىڭ قەدرىگە يەتمەي ئاللاھنىڭ نىئىمەتلىرىگە شۇكرى قانائەت قىلماي ، ياشاۋاتقانلار ئۇچۇن بىر سېگنال بولسىغۇ مەيلىتى،
    لېكىن يۇركى ئەلەمدىن ئۇرتەنگەنلەر ئۇچۇن بىر نەشتەر  بوپ قالمىسۇن،
    [ katil731 تەرپىدىن 2008-05-01 00:31 قايتا تەھرىرلەن ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-04-30 23:25 28 -قەۋەت
    ipnur
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12662
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 94
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە94دانە
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    پۇل: 212 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ  ئۇ قىرىنداشلىرىمىز نىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن .................ئامىن ........................
    بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
    | ۋاقتى : 2008-05-01 00:02 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 03:29
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation