بۇ بەتتىكى تېما: بۇ ئايال راستلا قەيسەركەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 553 قېتىم كۆرۈلدى
ساقچى
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26340
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
پۇل: 347 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 بۇ ئايال راستلا قەيسەركەن

بۇ ئايال راستلا قەيسەركەن
يىقىندىن بۇيان بىيجىڭدا ئۆتكۈزلىدىغان ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بىخەتەلىگىنى ۋە مۇقملىغىنى قوغداش ئۇچۈن ساقچىخانىمىز ج خ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق.
مەن ئالدىنقى كۈنى كەشتە يىزمىزنىڭ ھەر قايسى كەنتلىردە سىرىتتىن كىلىپ ئولتۇراقالشىپ قالغان كۆچمە نوپۇسلارنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن  بىر گورۇپپنى باشلاپ يىزىمىزنىڭ تۆت كەنتىگە باردۇق،بۇ خىزمەت تۈگىشىگە بىز دۆلەت يولى بويىدىكى ئىجارىگە بىرلىگەن دۇككانلارنى تەكشۇرۇپ كىتىۋىتىپ، قايتىش چاغدا يولداشلارنىڭ كۆزى بىر دۇككانغا چۈشتى، ۋە ئۇسسىزلىق ئىچىپ مىڭىشنى ئوتتۇرغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ دۇككان تەرەپكە ماڭدۇق،يول بويىغا قارتىپ قۇيۇلغان بۇ دۇككان كىچىك ھەم ئازادە  بولسىمۇ ھەم پاكىز ھەم چىرايلىق ئىدى،دۇككان ئىچىدىكى سوغۇق ئىچىملىك ۋە باشقا  نەرسىلەرنىڭ رەتلىك قۇيۇلىشى،ۋە رەڭدارلىغى خىرىدارلارنى جەلپ قىلاتتى،بىزنىڭ بىرپ تۇرشىمىزغا دۇككان ئىچىدىن ئوتۇرا بويلۇق چىرايىدىن كىچىك پىئىللىق ۋە مىھرىبانلىق چىقىپ تۇردىغان،بۇغداي ئۆڭلۈك  35 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئايال قولىغا بىر ژورنال تۇتۇپ چىقتى،ۋە يولداشلارغا بۇيرۇتىلغان ئۇسسۇزلىقلارنى ئىلىپ بەردى،بۇ ئايالنىڭ قولىدىكى ژورنالنى كۆرگەن بىرەر ئادەم بۇ ئايالنىڭ ھەقىقەتەن بىر بىلىمخۇمار قەيسەر دىھقان ئايال ئىكەنلىگنى بىلگىلى بولاتتى،بىز بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئارىمىزدىكى  يىزنىڭ بىر كادىرى ئۇ ئايالغا «سىز ئەينى چاغدا ئوقۇشقا كەتكەن بولسىڭىز بۇ چاققىچە داڭلىق ئارتىس بولۇپ كىتەتتىڭىز »دىدى،بۇ ئايال شۇنداق،.......قانداق قىلىمىز تەخدىرگە تەن بەرگۇلۇك دىدىدە بىر ئۇھ تارتتى.مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئايالدىن ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئۇققۇم كەلدى،ۋە سوراپ باختىم،بۇ ئايال بىزگە مۇنۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
«مۇندىن 18يىل ئىلگىرى،مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 14ياش ۋاختىم ئىدىم،ئوقۇشۇممۇ شۇنداق ياخشى ئىدى،مەن بۇ مەكتەپتە خىلى چىرايلىق ھەم قاملاشقان ئوماققىنە قىز ئوقۇغۇچى ئىدىم،بىر كۇنى ئوقۇتقۇچىمىز بىزلارگە ئاپتۇنۇم رايوندىن ئارتىسلىققا ئوقۇتۇشقا بالا ئالغىلى كەپتۇ قاتنىشىپ باقىدىغانلار بولسا قاتنىشىپ بىقىڭلار دىدى،مەن دەرھال تىزىملىتىپ بۇ ئىمتانغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە بولدۇم،شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئىماتىغا قاتنىشىپ ئىمتانىدىن ئوتتۇم،تەپەككۇر خىيالىم ئارتىسلكنى تاللدى،مەن نىمە دىگەن بەتختلىك دەپ ئۆزەمنى شۇنداق يىنىك ۋە خوش ھىس قىلدىم،بىراق مەن ماڭىدىغان چاغدا دادام ۋە ئانام مىنىڭ ئوقۇشقا ئىۋەتىشكە ئۇنىمىدى،ئاڭلىسام يىشىم كىچىك  بولسىمۇ ماڭا ئاتا –ئانام كونا دىنىي حۇراپاتلىقنىڭ كۉچىدىن، قىز بالا دىگەن ئوقۇسا بولمايدۇ بالدۇرراق بىرەر ئەرنىڭ پىشىنى تۇتىشى كىرەك دەپ ئويلاپ بىر ئەر تىپىپ قۇيۇپتۇ،ۋە تۇيۇمنى قىلىۋەتمەكچىكەن،مەن يىغلىدىم قاخشىدىم،ئوقۇشقا بارالمىدىم.ئىككى  يىلدىن كىيىن ئاتا ئانام ئۆزى تاپقان ئەرگە  مىنى ياتلىق قىلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى پەرزەتنلىك بولۇپ قالدىم ،بىز نىكاھلىنىپ 7 يىلدىن كىيىن يولدۇشۇم كىسەل سەۋەپ بىلەن ئۆلۇپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككى بالامنى بىقىش ئۈچۈن، بۇ دۇككاننى ئاچقان ئىدىم.ئوقىتىم خىلى ياخشى، مەن يىتەلمگەن ئارزۇغا باللىرىمنى چۇقۇم يەتكۈزمەن،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتىمەن،دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى،بىزمۇ بۇ ئايالنىڭ ئارزۇسىنى قوللاپ قۇۋەتلىدۇق.
بۇ ئايال مەكتەپتە حىلى ياحشى ئوقۇعان بولعاچقا داۋاملىق كىتاپ  ئوقۇيدىكەن،ۋە ئانچە مۇنچە يىزىقچىلىقتىنمۇ حەۋرى ئومدانكەن ،مەن قارىسام بۇ ئايالنىڭ ئەينى چاعدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغاندا، ئۆزنىڭ يازغان بىر قانچە  ماقالىسى باركەن،ئۇندىن باشقا ھازىرغىچە ئانچە -مۇنچە ماقالا ۋە شىئر قاتارلىق نەرسىلرنى يىزىپ قۇيۇدىكەن،ۋە داۋاملىق ژورنال كىتاپ قاتارلىق نەرسىلەرنى داۋاملىق كۆرۉپ تۇردىكەن،مەن ئۇنىڭ ئەينى چاغدا يازغان «ئۇنتۇلماس بىر كۈن » دىگەن ماقالىسنى ۋە بۇ يىللىق  يىڭى يىلغا ئاتاپ يازغان ئىككى پارچە شىرىنىڭ ئارگىنالىنى ئىلىۋالدىم ۋە تورداشلارغا سۇندۇم.
«ئۇنتۇلماس بىر كۈن »
مەن شۇ كۈن،شۇ مىنوت،سىكۇنىتلار يەنە شۇ دەقىقە ئىچىدىكى قايناق مەنزىنى زادىلا ئۇنتالمايمەن،چۇنكى مەن ئۇ كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرى، مەرگەزلەشكەن سەھنىدە ئالى مۇكاپات ئالغان ئىدىم،شۇ مىنتلاردا ساۋاقداشلىرىم مىنى قوللاپ ماڭا ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى،كۈچلۈك گۈلدۇراس سادالىرى پۈتۇن كائىناتقا گويا ھەيۋەتلىك سىمپۇنىيە مۇزىكىسىدەك تارالدى...........
يۈركۈم گۈپۈلدەيتتى،ھۈجۇدۇم ھاياجان ئىلكىدە تىترەيتتى..........
مەن ئاستا بۇرۇلدۇم،يانغا قارىسام بىر چەتتە تۇرغان چىچى ئاقارغان،كۆزلىرى خىرەلەشكەن،ئەممە ۋۇجۇدىدىن شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرغان، بىر بوۋاي بولۇپ  بۇ مىنىڭ قەدىرلىك ئۇستازىم ئىدى....
ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ ھاياجان ياشلىرنى سۈرتۈپ، ئولتۇرغىنى مىنىڭ  مىھرىبان ھەم سۇيۇملۇك ئانام ئىدى،ئۇنىڭ قورۇق باسقان كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار، مىنىڭ يۇركۈمگەن ئاققاندەك بولۇپ يۇركۇم سەگىمەكتە ئىدى.
سەھنىدىن ئاستا -ئاستا چۇشۇۋاتقان قولۇمدىكى گۈل دەستىللىرنى كىمگە بىرىشنى ئويلاپ چۈشتۈم، بۇ چاغدا ئانام مىنىڭ كوڭلۇمنى چۇشەنگەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا- ئاستا مىڭىپ، مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى،ئۇ قولۇمدىن تۇتۇپ مىنى ئۆ ئۇستازىمنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى،بۇ چاغدا ئۇستازىم ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلۇمسىرىدى،ئانام ماڭا «بالام مەن سىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان بولساممۇ لىكىن قاراڭغۇ دىلىڭنى يورۇتقان، مەن بۇ ئۇستازىڭنىڭ تۆھپىسى دىدى،ساۋاقداشلار توختىماي چاۋاك چالماقتا ئىدى، مەن ئانامنىڭ كۆزلىرگە تىكىلىپ ئۇنىڭ ئىنىم ئىككىمىزنى دەپ ياشلىق باھارىنىمۇ قەدرلىمەي، جاپا تارتسىمۇ ھەرگىز ۋايسىماي،بىزگە يىمەي يىگۇزۇپ،كىيمەي كىيگۇزۇپ چوڭ قىلدى،بىز دادامدىن كىچىك قىلىپ مۇشۇ مىھرىبان ئانامنىڭ قولىدا چوڭ بولغان،ئۇ بىزگە ھەم ئارتا ھەم ئانا بولغان ئەھۋاللارنى ئويلۇدۇم،مەن ئانامنىڭ كۆلىردىن خوشاللىق ياشلار توختىماي ئىقىۋاتقانلىغنى كۆردۈم،مەن قۇلۇمدىكى گۇل دەستىلەرنى ئۇستازىمغا سۇندۇم،ھەمدە ئۇلارنىڭ قىتىقىنىپ يىتەكلىشىدە بۇ كۈنگە ئىرىشكەنلىگىمدىن،سۇيۇندۇم،مانا مەن ئاستا مىڭىپ سەھنىدىن ئايرىلدىم،ۋە ساۋاقداشلار توپىغا كىردىم،ساۋاقداشلىرىم مىنى توختىماي چاۋاك چىلىپ قارشى ئالماقتا ئىدى،مانا مەن سەھنىدىن ئايرىلىپ ساۋاقداشلار توپىغا كىرىپ كەتتىم،لىكىن بۇ كۈننى ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقىرالمايمەن،چۇنكى بۇ كۈن منىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق بىر كۈن ئىدى.
ئانام بىلەن ئۇستازىم ماڭا سەن باغۋەنلەرنىڭ ئۈمۇدىنى ھەمدە خەلقنىڭ پەخرلىك قىزى بولۇش ئۈچۇن تىرىش دىدى،ئانام بولسا ماڭا باققام ئەجرىمەگە جاۋاپ قايتۇردۇڭ ،دىدى ۋە سەن تىرىشقىن دىدى،مەن بۇ ۋاقىتتا ئانامنىڭ ئۈمىتۋار كۆزلىرگە تىكىلگخنىمچە قاراپ تۇرۇپ قالدىم.....................
شىئىر.
يىىتپ كەلدى يىڭى يىل

يىتىپ كەلدى يىڭى يىل،
يىڭى ئۈمىت  قەلبىمدە.
كۈتۇۋالدىم  شاتلىنىپ،
زور خۇشاللىق  ئىچىدە.

يىتىپ كەلدى يىڭى يىل،
ياندى قەلبىم ئوت بولۇپ.
كۇيلىرىمنى ياڭراتتىم،
ئىلھاملىرىم ئۇلغۇيۇپ.

يىتىپ كەلدى يىڭى يىل،
كونا يىلغا خاتىمە.
شىئىر يازدىم قۇتلۇقلاپ،
خۇشاللىقىم شادىيە .
شىئىر

يىڭى يىل كىچىسى
يۈرۇكۇم ئۆرتۈندى ھەسرەتتىن،دەرتتىن،
يىڭى يىل كىچىسى غەم مىنى باستى.
ئاچچەققا تولىمەن بەتلىرىم تۆمەتتىن،
يىڭى يىل كىچىسى دەتلىرىم ئاشتى.

  غىرىپلىق جىنمغا قادالغان مىختەك،
كۈنلۇرۇم    ئۆتمەكتە    يۇپتىلا
    سىنىڭدىن ئايرىلدىم جۇدالىق باستى
كۈلگۇنۇم يالغاندۇر يۇرۇكۈم  يارا.

ئاھ مىنى دەرت ھىجرانى دارلارغا ئاستى
يۇرەكتىن ئوت بولۇپ ياندى ئاھلىرىم،
يىڭى يىل كىچىسى سىغىندىم بۇق بۇق
كۆڭلىمگە تەسەللى  بولدى باللىرىم.


بۇ ئەسلىمە ۋە شىئىرنى يازغۇچى ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ يىزا شورۇق كەنت 2-دۇيدىن  نىساگۈل ماسىل «دىھقان»


بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-04-29 .
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-04-29 21:11 [باش يازما]
uqkun500
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 119 نۇمۇر
پۇل: 499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن،يەنىمۇ كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ. رەھمەت
بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
| ۋاقتى : 2008-04-30 01:06 1 -قەۋەت
uqkun500
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 119 نۇمۇر
پۇل: 499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز  يەنە تىرىشىڭ ،     
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-04-30 01:31 2 -قەۋەت
kedirdan0996
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 574
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە574دانە
شۆھرەت: 645 نۇمۇر
پۇل: 28 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 94 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

نىساگۇل ميسىل ئاچىمىزغا ئاپرىن. سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۇزمىگەن خۇدا باللىرىڭىزنى مۇرادىغا يەتكۇزگەي.... ئامىن.
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
ئەزىم دەريا بولاقتىن،
دانىشمەنلىك قولاقتىن.
| ۋاقتى : 2008-04-30 02:22 3 -قەۋەت
utyurak1
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 247 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەم تىرىشقاندىلا ئاندىن مۇرادىغا يىتەلەيدۇ. مەن سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ياخشى بولغان تورمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ،ئەڭ ياراملىق ئەۋلاتلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن.
« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
| ۋاقتى : 2008-04-30 11:23 4 -قەۋەت
دەۋران
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 27946
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
پۇل: 689 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇرلاردىنمۇ مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىز، تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق رەھبەرلىرىمىز كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنىدۇ. ئەمەلدار رەھبەرلەرنىڭ شۇنداق مۇزىكا، ياكى ئەدەبىياتقا ھەۋىسى بولسا پارىخورلۇق ۋە باشقا مەنسەپ تامالىرىدىن نىرى تۇرىدۇ... فىرانسىيە زۇڭلىسىمۇ دىۋىرفان دەپ بىرسى بار، ئۇمۇ داڭلىق شائىر. ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس...

فىرانسىيە زۇڭلىسى



第九届全国人大常委会副委员长铁木尔·达瓦买提讲话
[ دەۋران تەرپىدىن 2008-04-30 13:38 قايتا تەھرىرلەنگە ]
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
قاچان ھاۋا ئېچىلىپ بۇلۇت تارايدۇ، ئۇيغۇرۇم،
| ۋاقتى : 2008-04-30 13:29 5 -قەۋەت
tohri
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 164
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە164دانە
شۆھرەت: 174 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

 
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
قاننى سوغۇق سۇدا يۇغىن!!
| ۋاقتى : 2008-04-30 13:34 6 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 03:28
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation