بۇگۈن ئەڭ ياخشى بىر ئەسەر بىلەن يۇز كۆرۇشكىنىمگە ئالەمچە خوش بولدۇم .كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پاسائەتلىك سۆزلەر، بەكمۇ ئۇستىلىق بىلەن قەلىپتىكى سۆزلەرنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ بېرىپتۇ .بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسى ...
سىزنىڭ قەلىمىڭىز ئارقىلىق پۇتۇن ئالەمگە جاكالانغان بۇ نىدا ھەممىمىزنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان نىدا ئىدى .بۇ بۇيۇك ئالىم بىزنىڭ پەخىرىمىز ...
ئۇ مىڭ يىل ياشاپ مىڭغا كىردى .ئۇ بۇندىن كىيىنمۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ ...ئۇنىڭ روھى قەلىپلەردە ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا ياشايدۇ ...
مەھمۇد بوۋا سىنىڭ مۇبارەك ئىزىڭنى بېسىپ كىلىۋاتقان سەن كەبىي ئەجداتلىرىڭ ،سىنىڭ يۈزۈڭنى ھەقىقى يورۇق قىلغۇسى.. .بۇنىڭغا ئىشەن بوۋا ...
بەكمۇ ياخشى يېزىپ قويۇپسىز ،رەخمەت سىزگە ،قولۇڭىزغا ئاللا ئىگەم دەت بەرمىگەي !!!
قۇلىقىم تۈۋىدە شۇنداق بىر نىدا يەنى ...
<<ئاڭلا دۇنيا ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن شۇنى ئۇنتۇپ قالما ! ئۇيغۇرنىڭ تومۇرىدا ئۆركەشلەۋاتقىنى دەل مەھمۇد بىلەن ئوخشاش تىپتىكى قان . سەن بۇنى يەنە كېلەر مىڭ يىلدىمۇ ئۆزگەرتەلمەيسەن . ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن بىر تامچە قان ئاقسا ئەنە شۇ مەھمۇد تەرەپكە يەنى ئۆز قەۋىمى تەرەپكە ئاقىدىكى ھەرگىز يات نەسەپكە ئاقمايدۇ . قاچانكى يەر يۈزىدە بىرەر ئۇيغۇر ئەركەك پۇشتى قالمىغۇچە ..... >>
ياڭراۋاتقاندەك ھاياجاندا ،مىنىڭمۇ توۋلىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى ...مەھمۇد بوۋىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات !!!
[ gohar تەرپىدىن 2008-04-29 20:02 قايتا تەھرىرلەنگەن ]