دولان مەدەنىيتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيتىدىلا ئەمەس جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيتى .
دولان مەدەنىيتى بىباھا ئەڭگۈشتەر ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن قالسىلا كىيىنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈل تاجىسى بولغان دولان مەدەنىيتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ سىماسىنى نامايەن قىلدى. 2008- يىلى 4- ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەتىگەندىلا ئۈرۈمچى ئايرىپورت يولۇچىلار چىقىش ئىشىگى ئالدىدا قارشى ئېلىش لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرگەن ، دەستە - دەستە گۈللەرنى تۇتقان قىزلار ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ھەر قايسى ئاخبارات - تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر بۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىقىپ بولغان ئېدى
چۈشتىن بۇرۇن 10:30 ئۆتكەندە دولانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيگەن ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرى ناھايىتى خۇشال ۋە ھاياجانلىق ئىلكىدە تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات بۇيۇملىرىنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلاندىن چۈشتى .
بۇلار دەل 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش ناخشىچىلارنى تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدال ئىلىپ شىنجاڭ خەلقىگە شەرەپ ئىلىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن دولان ياشلىرى ئىدى.
بۇ پائالىيەتنى ئاپتونۇم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلىمى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2008- يىلنىڭ بىشىدىن باشلاپ تەشكىللەشكە باشلىغان بولۇپ ، بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە تاللانغان ماھىرلار 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 3 قىز 8 ئوغۇلدىن تەشكىل تاپقان مەكىت ياشلىرى ئىدى.
بۇ قىتىمقى مەملىكەت خارەكتىرلىك مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە 45 كوماندا قاتناشقان بولۇپ بۇ 55 كۈنلۈك پايتەخت زىيارەت سەپىرىدە دولانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن دولان ياشلىرى چەكسىز ئىپتىخارلانغان ئىدى.
بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى فىرانسىيە ئاسمىنىدا چاقنىغان دولان ياشلىرى بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلگە كەلتۈردى.
2008- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش قانىلى مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسىدا بۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
سۆھبەت تەپسىلاتى پات يېقىندا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.
ئەھەتجان ئابلىز فوتوسى
[ chogluk تەرپىدىن 2008-04-30 12:51 قايتا تەھرىرلەنگ ]