سىناپ بېقىشقا دادىل بولۇڭ
19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئامېىكىنىڭ ئوخايو شتاتىنىڭ غەربىي شىمالىي بىلەن ئىندىئانا شتاتىنىڭ شەرقىي تۇتىشىدىغان جايدا بىر نېفىتلىك بايقىلىدۇ . ئەمما بۇ يەردىكى نېفىت تەركىبىدە گۈڭگۈرت كۆپ بولغاچقا ، رېئاكسىيە جەريانىدا ھاسىل بولدىىغان ھىدروگېن سۇلفىد بىر خىل پالاق تۇخۇم پۇرىقىنى چىقىراتتى . شۇڭا ئەينى چاغدا بۇ نېفىتلىكنى روكېفېللېردىن باشقا ، ھېچكىممۇ سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ . روكېفېللېر شىركەتكە بۇ نېفىتلىكنى سېتىۋېلىش تەكلىپى بېرىدۇ . لېكىن ، شىركەتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ . چۈنكى ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارىشىچە ، بۇ نېاىتنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ھەم ئەرزان ئىدى . ئۇنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ھەم ئەرزان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە گەرچە نېفىت مىقدارى كۆپ بولسىمۇ ، بۇ نېفىتنى قانداق ئايرىشنى تېخى ھېچكىم بىلمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن روكېفېللىرى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي ، تەۋەككۇل قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ .
ئۇ 80 مىليون ئامېرىكا دولىرىغا بۇ نېفىتلىكنى سېتىۋالىدۇ . ھەم 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ، بىر خىمىيە ئالىمىنى گۈڭگۈرت مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ . ئەمما خىمىيە ئالىمى ئىككى يىلغىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ . كىشىلەر روكېفېللېرنى بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، روكېفېللېر قەتئىي كەينىگە يانمايدۇ . بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە گۈڭگۈرت تەتقىقاتىدا ئاخىر بۆسۈش ھاسىل بولىدۇ . روكېفېللېر زور بايلىققا ئېرىشىدۇ .
تىجارەت ھېكمىتى : تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلا ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناتايىن . شۇنداقتىمۇ چوقۇم تىرىشىش كېرەك . بەلكىم مەغلۇپ بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئەمما سىز بۇ مەغلۇبىيەتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز . بۇ چاغدا ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ . مەغلۇبىيەت ، ئوڭۇشسىزلىق قورقونچلۇق ئەمەس . ئەڭ قورقونلۇق بولغىنى، ھەرىكەت قىلماسلىق . ئېسىڭىزدە بولسۇن : مەغلۇپ بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئادەم ئەمەلىيەتتە پىشمىغان ئادەمدۇر . ئوڭۇشسىزلىققا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ئادەم ھەقىقىي پىشقان ئادەمدۇر . مەنبە : شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى