ئەرلەر سەمىگە
ئەرلەرنىڭ ۋەدە قىلمىغىنى ياخشىراق. ناۋادا ئۇ ۋەدە قىلىپ قالسا ، ئايال دەرھال ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ . 
ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايالنىڭ گۈزەل بولىشى مۇھىم ئەمەس، ئەقىللىق بولىشى مۇھىم. 
ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ئىنساننى كۈچەيتىدۇ. دوستلۇق مۇھەببىتى بىر-بىرگە ياردەم بېرىدۇ . لېكىن شەھۋانى مۇھەببەت ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. ۋەيران قىلىدۇ . 
ئەر ۋە ئايال خۇددى ئىككى مۇلايىم ئاۋازكى، ئىنسان قەلبىدىكى تارىلار ئۇلارسىز ھەقىقى ۋە نۇرلۇق ئاھاڭ چىقىرالمايدۇ. 
ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ گۇمانى كۆپرەك توغرا بولۇپ چىقىدۇ . 
- مال- دۇنيا توپلاشقا ئارتۇقچە بېرىلمە . چۈنكى ئارتۇقچە بېرىلسەڭ ئۇنىڭ خىيانىتى كۆپ بولىدۇ . بىر كۈنى سەمرىتسە بىر كۈنى يىغلىتىدۇ. 
ئۆزى ھەققىدە كۆپرەك ئويلۇنۇپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ تۇرۇش ، باشقىلارنى ئاز كۆزىتىپ ئەيىپلەش كېرەك .شۇنداق قىلغاندا ئۆچمەنلىك ، ۋە ئاغرىنىشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. 
ئەگەر ئۆزىنىڭ پەزىلىتى دۇرۇس بولسا، ئەلنى ئىدارە قىلماق تەس ئەمەس، ئەگەر ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى دۇرۇس قىلالمىسا ، باشقىلارنىڭ پەزىلىتىنى قانداقمۇ دۇرۇس قىلالىسۇن؟! 
بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال، ئۇلار بىرىنچى پەزىلەت تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ. 
ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمىلىيىتىگە باغلىق. 
ھەممىنىڭ مۇقەددەس مەقسىدى دەل بەخت ۋە پەزىلەتتىن ئىبارەت. 
يالغان سۆزلىمەك ، چېقىمچىلىق ، ئەزمىلىك ، تەكەببۇرلۇق كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈر. ۋاپادارلىق، سەۋىر قىلماق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلانماق ۋە تەۋەزۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى كۆتۈرۈر. 
ئۈچ نەرسە ئۈچ ۋاقىتتا كېرەك بولىدۇ: قەھرى-غەزەپ ۋاقتىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ، باشقا كۈلپەت چۈشكەندە سەۋىر قىلىش، خەيرىلىك ئىشلارغا ئالدىراش . . 
. 
ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ<< قىز- ئاياللار ئەخلاقى>> ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى