ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!ۋەتەن ياشلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇرمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن يۈرەك سوقمىغاندا، بۇنداق ئىزتىراپلىق ئويلىنىشلار ۋە تەخىرسىز تەۋسىيىلەر تۇغۇلماستى.
ۋەتەن زېمنىدا تۇرۇپ ياشاۋاتقان ياشلىرىمىز ئىچىدە ئەلۋەتتە قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، شىركەت قۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى تاپقانلارمۇ ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس. مەسىلە، شۇلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەيدىغان، باشقىلارغا ئۇقتۇرىدىغان، ھەممەيلەنگە ئۆرنەك بولىدىغان سورۇن ۋە ۋاسىتىنىڭ كەملىكىدە ئەمەس، شۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەقسەت-مۇددىئا-نىشانىدا. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلىشتەك بىر ئومومىيلىق ئوقۇمىنىڭ، كوللېكتىپلىق روھنىڭ ياكى بىر مىللەت، بىر قوۋم، بىر توپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئىقتىدار مەسىلىسىدە.
______________________________________________________
نەقىل: كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
* پۇل تېپىپ باي بولۇش
* كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش
* كەسىپ بىلەن تېخنولوگىيىدە يېڭىلىق يارىتىش
* ئۆزى ياخشى كۆرگەن جايدا ياشاش
* ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش
_____________________________________________________
گەرچە يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى خاتا ئەمەس دەپ ئېيتساقمۇ، ئەمما جۇڭگو شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە، شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە مۇددىئا يۇقىرىدىكى بىر قانچە نۇقتا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.
[ almaliq تەرپىدىن 2008-04-27 12:16 قايتا تەھرىرلەنگ ]