|
ئاھ بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ قولىڭىزدىكى بۇكىچىك كىتاپچىغا «ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دىگەن بۇ تىيمىنى قويۇشتىن ئىلگىرى , « ئاھ مەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دىگەن سۇئال نادامەتلىك پىغانىمنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىغا ئايلانغان ھالدا كۆپۈنچە ئىختىيارسىز ئاغزىمدىن چىقىپ كىتەتتى . مەن دائىم ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرۈپ , ئۇلارنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرى ئەينىگىدە ئۆز ئەكسىمنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن چاغلىرىمدا , پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالىىدىغان ئەنە شۇ ھەسرەتلىك سۇئال كۆزلىرىمدىن مۇنچاق – مۇنچاق نادامەت ياشلىرىنى تۆكەتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەدە – سىڭىىل , قېرىنداشلىرىمنىڭ قەلىب روھلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق نالە – پىغانلارنىڭ ئىڭرىشىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ سۇئالنى ھەممىمىزگە تەڭ ئورتاقلاشتۇرۇپ , ئاشۇ مۇقەددەس ئەينەكلەردە ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئەكسىىمزنى بىرلىكتە كۆرۈپ بېقىشىمىز ئۈچۈن « ئاھ! مەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دېگەن پىغانىمنى « ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!» دېگەن سۇئالغا ئۆزگەرتتىم .
"ھالالغا ھىساپ بار ھارامغا جازا"
(ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن)
چۆل – باياۋاننىڭ سوغوق , جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر كېچىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەھبىرى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچىلىغان ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئەنسارىنىڭ بېىغىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باغۋەن تېخى يېڭىلا ئۈزگەن خورمىلىرىنى داستىخانغا كەلتۈردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ بۇ تەلىپى گۇيا نامراتلىق ۋە سەۋرىچانلىقنىڭ جاپالىق يوللىرىدا كېتىۋېتىپ , يوللۇق لەززەت ۋە جائىز نىئىمەتلەرنى تەلەپ قىلىشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكىنى ئاشكارا ئىلان قىلماقتا ئىدى .
خورمىلار ناھايىتى شىرىن بولۇپ , ئۈستىگە سوغوق سۇ ئىچكەندە , قەلىب , روھلار لەززەت بىلەن كەيىپلىنىشكە باشلىدى . دەل شۇ لەززەتلىك مىنۇتلاردا ئالەملەرنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چېھرىدە قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىك ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بۇ ئالامەتلەرگە يەنە قانداق تەشۋىش ۋە قورقۇش تۇيغۇلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىر نىمە دىگىلى بولمايتتى . ناۋادا لەززەتنىڭ تەسىرى لەززەتلىنىش بىلەنلا تاماملىنىپ كەتكەن بولسا , پەيغەرلەرنىڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بىلەن ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ ئوتۇرۇسىدا نىمە پەرق قالسۇن دەيسىز؟
ئەمما بۇ يەردىكى تەسىرات, روھلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرنى لەرزىگە سېلىپ ,
تۇرمۇش , ئاچلىق ۋە ئۇنىڭ ھوزۇر – ھالاۋەتلىرىدىن تېخىمۇ بىر قەدەم ھالقىپ چىقىش ئۈچۈن ئىنتىلمەكتە ئىدى . بۇ ھالقىش ئالدىدا تۇرغىنى زادى قانداق ئالەم ؟ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس سەپەر يۆنىلىشى زادى قاياققا يۈزلەنگەن ؟
ساھابىلەر – اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن – ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن نەزەرلىرىنى سۆيۈملۈك يېتەكلىگۈچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىكىشكەن ئىدى .
قىيامەت كۈنى كەلگەندە , پەيغەمبەر ئەلەيھسسەلامنىڭ تاغ , تاشلارنىمۇئېرىتىپ سۇ قىلىۋىتەلەيدىغان جاراڭلىق ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى .
قىيامەت كۈنى كەلگەندە بۇ نىئمەتلەرگە جاۋاپ بېرىش يەرتەۋرىگەنگە ئوخشاش قاتتىق تويىلىدۇ.
سۇبھاناللاھ!! سۇبھاناللاھ !! بۇ بىرەر شائىرنىڭ ياكى بىرەر پەيلاسۇپ , ئاستورنومنىڭ سۆزى ئەمەس , بەلكى كائىناتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقىتى بولغان مۇقەددەس ۋەھى غۇنچىلىرى بىلەن بىزەلگەن , دانىش ئۇستاز ئۇستازنىڭ سۆزى ئىدى . بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىرىدە ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ , ھەممە ئەزاسىنى بىردىنلا سوغوق تىترەك باسقان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىكى , ئەمدى تېخى يېرىمىنى چىشلىگەن خورما ئىختىيارسىز يەرگە چۈشۈپ كەتتى . بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىر كۈچى ئەمدىلا تەم ,لەززەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىغان ساھابىلەرغا ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىۋاتاتتى .
ـ مۇشۇ نىئىمەت ئۈچۈنمۇ, ئى اﷲ نىڭ رەسۇلى؟!
ـ ھەئە , مۇشۇ نىئىمەت ئۈچۈن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئاۋازىدا ھەققانىيەتنىڭ ئـۆچمەس ساداسى قەتئىلىك بىلەن ياڭرىماقتا ئىدى.
ـ ھەئە ,ھەئە ,.. پەقەت ئۈچلا نەرسە ئۈچۈن ھىساپ بېرىشتىن ساقلىنىپ فالىمىز . ئەۋرەتلىرىمىزنى ياپالىغۇدەك بىر قۇر كىيىم , ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ , ھاياتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغۇدەك ئوزۇقلۇق , باش تىقالىغۇدەك كىچىككىنە بىر ئۆي .
كۆرۈنۈشتە تولىمۇ ئاددى تۇيىلىدىغان بۇ ۋەقە راستىنلا شۇنداق ئاددىمىدۇ ؟ تۇرمۇشنىڭ بۇ تۈگىمەس – پۈتمەس ئىھتىياجلىرى بىلەن گۈزەل ئارمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق راستىنلا شۇنچىلىك ئاددىمىدۇ؟ نىئىمەتنى قەدىرلەشنىڭ بۇ خىل تۇيغۇسى , بۇ مىسلىسىز تەقۋالىق , اﷲ نى ھەر دائىم كۆز ئالدىدا كۆرۈپ تۇرۇشتەك بۇ گۈزەل مەنزىرە ! مانا بۇلار ھەقىقى ئىبادەت , اﷲ غا بولغان ھەقىقى سۆيگۈ بولماي نىمە ؟
مۇسۇلمانلاردا بۇ خىل تۇيغۇ ھەقىقى روھ بىلەن مەۋجۇت بولغان چاغلاردا , ئۇلار قاياققا بۇرۇلسا , شۇ يەردىكى تاغ , تاشلارمۇ زۇمرەتكە ئايلانغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ خىل تۇيغۇ يوقۇلىۋىدى , باشقىلار ئەمەس ,دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى اﷲ نىڭ نىئمەتلىرىنى خۇددى ئاڭسىز جانۋارلاردەك پەرۋاسىز يەنچىپ چەيلەشكە باشلماقتا. ھەممىگە ئىېرىشكەندىن كىيىنمۇ پۇتىغا تىكەن كىرگەنچىلىك يوقۇتۇشقا ئۇچرىسا , نۇمۇسلۇق ناشۈكۈرلىقىلىرىدىن خىجىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن , ھەتتا ئەزىز شىكايەتلرگە تولغان دەپتەرلەرنى, ئاتا قىلىشقا دېڭىز كەبى , بەخىش ئىتىشكە قوياش كەبى ئاشۇ كەرەملىك بۈيۈك اﷲ نىڭ ئالدىغا تاشلانماقتا . مۇشۇ مىنۇتلاردا ئاشۇ ناشۈكۈر ئىنسانلارنىڭ ئۆز جىسمىدا ۋە ئەتراپىدا كەڭ يېيىلىپ ياتفان , اﷲ ئاتا قىلغان ھەر بىر نىئىمەتنىڭ قانچىلىغان ئالتۇن تاغلىرىدىنمۇ ۋەزنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسىكەن , ئويلاپ باقسىكەن كاشكى؟!
____________________ مەدائىننىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى شەھەرگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۆز ۋالىيسىنى قارشى ئىېلىش ئۈچۈن بۇ گۈزەل مەيدانغا توپلانغان ئىدى . ئۇلار ئەسلىدە ھۆرمەت , چوڭقۇر ئەقىدە ۋە ساداقەتمەنلىكلىرى بىلەن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋالىيلىققا تەيىنلىگەنلىك پەرمانىنى ئىېلىپ , شەھەرگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى .
ھوقۇق ۋە شان – شەرەپ بىلەن تولۇق قۇراللانغان ھۇزەيپە رەزىيۈللاھۇ ئەنھۇ ئەگەر خالىسا , ھازىرقى دەۋىردىكى ئەمەلدارلار ھاسىل قىلىپ كىلىۋاتقان مال –بايلىق , زىبۇ- زىننەت , ئەيشى- ئىشرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلالايتتى . ئەمما ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرمانىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كىيىن «نىمىنى خالىسىڭىز ۋە نىمىنى بۇيرىسىڭىز جېنىمىز بىلەن ھازىرقىلىشقا تەييارمىز » دەپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان پۇقرالارغا قاراپ : «ماڭا قۇسىغىم تويغىدەكلا تاماق, ئۇلاغلىرىم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىغىدەكلا يەم – خەشەك ھازىرلاپ بەرسەڭلار كۇپايە» دىدى.
بىر ۋالىينىڭ ئۆز پۇخرالىرىدىن تەلەپ قىلىۋاتقىنى ئارانلا مۇشۇنچىلىك نەرسە ئىدى. ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەۋرەنمەس پۇلات تۈۋرۈكلىرى ماناشۇنداق دەرۋىشلىكنىڭ ئاياق ئاستىدا پاچاقالنىۋاتاتتى . شاھلىقنىڭ كاتتا شان – شەۋكەتلىرى مانا شۇنداق سەبىر ۋە قانائەتنىڭ خىلۋەتلىرىدە ئىز كىرەكسىز يوقالماقتا ئىدى. مال – دۆلەت شان شەرەپلەرنىڭ ۋال-ۋۇل چاقناشلىرى مانا شۇنداق ئاخىرەتكە بولغان ئىمان نۇرى ئالدىدا ئۆچۈپ قېلىۋاتاتتى .
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاكىمىيەت ,زىمىن , بايلىق , تۇرمۇش ۋە خىلمۇ- خىل خاھىشلار ... دىگەندەك نەرسىلەردىن ناھايىتى بەك يىراق روھى دۇنياسى ئىچىدە , ئاخىرەتتىكى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھىساپ ئىېلىنىدىغان , ھەر نىئىمەت لەززەتلەر ئۈچۈن تىگىشلىك مەسئىۇلىيەتلەرنى ئادا قىلالمىغانلار مەڭگۈلۈك بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىنىدىغان ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق سوت كۈنىنى تەپككۈر بىلەن غەرىق ئىدى. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جىسىم ,روھىنى لەززەتپەرەسلىك ئىللەتلىرى بىلەن بۇلغۇنۇشقا يول قويمىغان دەل مانا مۇشۇ تەپەككۈرنىڭ نەتىجىسى بولۇپ , ئۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاينام تاشقىنلىرى ئىچىدىمۇ, خۇددى دەرۋىشلەردەك كۈن ئۆتكەزدى . ئۇنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىم ۋە بىر نەچچە پارچە نېنىدىن باشقا ھىچ نەرسىسى يوق ئىدى . دۇنيا ئۇنىڭغا قانچە يېقىنلاشقانسىرى ئۇ شۇنچە يىراققا قاچاتتى . شۇڭلاشقا ئالتۇن – كۆمۈشلەرنىڭ يېڭىلمەس جەلىپكارلىقىلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆزىنى بىرەر قېتىممۇ ئۆزىگە قارىتالمىدى .
ئۇنىڭ مەدائىندىكى ھوقۇقىدىن قول ئۆزۈپ قايتىپ كېاىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەزكۇر باي – باياشاتلىق ئىمتاھان مەيدانىدىن ئۇنىڭ نىمىلەرنى يۈدۈپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن كېلىدىغان يولدا مۆكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىدى . ئۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك دەرۋىشلەرچە ئاددى ساددىلىقنى , يەنىلا ئاشۇ كەمتەرلىكى ۋە پىداكارلىقىنى , ھەمدە ئىلگىرى ئىېلىپ كەتكەن نەرسىلەردىنمۇ ئاز يۈك –تاق بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ , ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەتنىڭ قايناق ھىسىياتىدا مۆكۈنگەن ئورنىدىن يۈگۈرگىنچە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى باغرىغا بېسىپ :« سەن مىنىڭ ھەقىقى قېرىندىشىمسەن ! سەن مىنىڭ ھەقىقى قېرىنىدشىمسەن!» دىيىشكە باشلىدى.
بۇ نىمە دىگەن ئاددى, قىسقا جۈملە ھە؟! لېكىن ئۇ دەۋىرلەردە ئىېغىزدىن چىقىدىغان ھەر قانداق بىر سۆز ئۆز جىسمىدىكى ھەقىقى مەنە , روھىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. ھەر بىر سۆز ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى . بولۇپمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ھەقىقەتپەرۋەر ئەركەكنىڭ بىرسىنى ( قېرىندىشىم ) دىيىشى , شۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە شۇ قەدەر كەڭ مەنىگە تولغان بولاتتىكى , ھازىرقى دەۋىردە يازسا نەچچىلىگەن كىتاپ پۈتۈپ چىقىدىغان ماختاش , مەدھىيەلەر ۋە تۈمەنمىڭلىغان ۋەدە , قەسەملەرمۇ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزگە تەڭشەلمەيتى .
مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن تازىمۇ گۇللىنۇپ , خەلىپىلىكنىڭ چىگرىسى شەرىقتە ھىندى دەرياسىدىن غەرىپتە ئاتلانتىك ئوكيانغا , شىمالدا شىمالدا ئوتتۇرا ئاسيانىڭ كۆكلەم تاغ , جىلغىلىرىدىن جەنۇپتا سەھرايى كەبىر چۆللىكىگىچە تۇتاشقان ھەمدە مۇسۇلمانلار فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە ئىچكىرلەپ , كىرىپ بولغان , پۇتۇن دۇنيا خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك كۈچكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقان , ھەتتا ياۋرۇپادا ئىسلام مەدىنىيىتىنى ۋە ئەرەپ تىلىنى قوللۇنۇشمودىغا ئايلانغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ خەلىپىسى ئۆمەر بىن ئابدۇل ئەزىز ئۆز ئادىتى بويۇنچە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن قىزلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىتىپ باراتتى . تېخى ھازىرلا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھېرىپ , چارچىغان قەلىب , مىڭىسى ئۆز ئەۋلاتلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە مىھرىبانلىقنىڭ ئىلىكىدە پەرزەنتلىرىنى ئوبلاشقا مەجبۇر ئىدى .
ئەمما قاراڭ , ئۇنىڭ ئەمدىلا تېخى دەۋلەت خەزىينىسىدىن ھىساپسىز دىينار ـ دەرھەملەرنى يوقسۇزلارغا تارقاتقان قولى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى تەرەپكە ماڭغاندا شۇنداق قۇرۇقلا تۈرغىنىنى . خۇددى كۇن بويى ھېرىپ ـ چارچاپ , ئۆيگە قۇرۇق قول قايتىۋاتقان دەرۋىشلەردەك . كىشىلەر زاكات بىرىش ئۈچۈن ئالىدىغان ئادەم تاپالماي شەھەر ئاتلاشقا مەجبۇر بولىدىغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋرىدە , ئۇنىڭ ئويىدە قەھەتچىلىك دىگىلى بولمىسىمۇ يېرىم ئاچلىق ھالىتى بەنىلا داۋاملىشاتتى . دادىنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغان قىزلار قارشى ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۇشكىنىچە دەرۋازا ئالدىغا چىقىتى . ئۇلارنىڭ يېرىم ئاچلىقتىن سارغايغان چىرايى دادىغا نىسبەتەن ئانچە يېڭىلىق بولمىغىنى بىلەن , بۇقېتتىم قىزلىرىنىڭ ئېغىزلىرىنى ئالقانلىرىدا توسىشۋالغانلىقى خەلىپە ئۆمەر ئابدۇل ئەزىزنى تەئەججۇبلەندۈرمەي قالمىدى .
ئۇ : ( ئى يۇرەك پارىلىرىم ! نېمە بولدىڭلار ؟ دەپ سوردى . ئەمما قىزلىرى ھېچ قانداق جاۋاپ قايتۇرمىدى . بۇسۇئالغا ئۇلارنىڭ ئىنىك ئانىسى : ( ئۆيدە يەيدىغانغا باشقا نەرسە بولمىغاچقا بۇگۇن ئۇلار پىياز بىلەن نۇقۇتتا قوساق تويغازغان ئىدى . شۇڭلاشقا پىيازنىڭ پۇرىقىنى سىلىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىنى ئىتىۋېلىپ بارىدۇ ) دەپ جاۋاپ بەردى .
دادا دىگەن ھامان دادا , دە ! گۆدەك بالىلىرىنىڭ بۇ ھالى ئۇنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترەتمەي قالمىدى . يۇرەك باغرىدىن ماگمىدەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئازاپلىق تۇيغىلار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى نەملىدى . ئەمما ھىسىياتنىڭ بۇ شىددەتلىك دولقۇنلىرى يەنىلا خۇددى دېڭىز ئاستىدىكى كۆرۇنمەس دولقۇن كەبى شۇ پىتى قېلىۋەردى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سەبرى ـ قانائەت, پىداكارلىق ۋە كەمتەرلىك , ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ ئالتۇن تاغلىرىنى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمىدى .
( - ئى ئۇماق يۈرەك پارىلىرىم ! ) ئۇمۇلايىملق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
سىلەرنىڭ داستىخىنىڭلار نازۇ ـ نېمەتلەر بىلەن تولدىرۋىتىش مەن ئۈچۈن ھېچ قانچە قېيىن ئىش ئەمەس . ئۇنىڭ بەدىلىگە داداڭلارنىڭ دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشىنى خالامسىلەر ؟
دادسىنىڭ قەلىبلەرنى زىلزىلىگە سالىدىغان بۇ سوزنى ئاڭلىغان قىزلار ئوزلىرىنى پەقەتلا تۇتۋالالماي قالدى . يۈز ,كۆزلىرى يامغۇردەك تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرى بىلەن بويىلىشقا باشلىدى . ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ كۆز ياشلىرى ھەرگىز ئاچلىقنىڭ غېمى ۋە رەنجىشلەردىن ئاققان ياش ئەمەس , بەلكى دادىنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن ئۈنسىز جاۋاپ بۇلۇپ , ھەر بىر تامچە ياش " ياق دادا , ياق . دادىمىزنى دوزاققا ئىتتىرىش بەدىلىگە كىلىدىغان ئۇنداق ھوزۇر ـ ھالاۋەنىڭ كىرىگى يوق " دەپ جاكالاۋاتاتتى . ئۇمەر بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ بوۋسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە بىر قىتىم قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن ئىدى . پۈتۇن دەۋلەتتىن ئاختۇرۇپمۇ خەلىپىدەك ئاچلىق ئازاۋىغا دۇچار بولغان ئىكككىنجى بىر شەخسىنى تاپقىلى بولمايتى. ئۇ ئۇزىنىڭ كۇندىلىك يىمەكلىكلىرىنىڭ مىقدارىنى كەمەيتىۋىرىپ , ئاخىرى كۈن ـ كۈنلەپ ئاچ يۇرىيدىغان بوپ قالدى . ئۇ گۆش , ماي , ھەسەللەردەك لەززەتلىك تائاملارنى ئاللى بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ھارام قىلىۋالغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە سۇي يىغى ئشلىتىشنىمۇ تەرك قىلىۋەتتى . ئۇ جىسمانى ئاچلىق ۋەزىھنى پەرىشانلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ ھاجەتمەنلەرگە ئاشلىق تارقىتىش ئۈچۈن تاغارنى دۇمبىسىگە يۈتگەن ھالدا يىراق ـ يىقىنغا قاتناپلا يۇرەتتى . بۇنى كۆرگەن كىشىلەر چۇڭقۇر ئېچنىش ئىچىدە ئۇنىڭ غىمىنى يەپ : (قارمامسىلەر , ئۇنىڭ قىپ قىزىل ئاناردەك مەڭزىنىڭ ئولتۇرشۇپ قارداپ كەتكىنىنى ) دېيشەتتى . ئاشۇ كۇنلەردە ئاللاھنىڭ بۇسۆيۈملۈك بەندىسى ئىككى ئىشنى دېمىسە ئاللىقاچان ئاچلىقتا ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالغان بۇلاتتى . ئۇنىڭ بىرى ئۆزىنى زورلاپ ئۆلۈمگە ئىتتىرىشنىڭ شەرىئەتتە چەكلەنگەنلىكى . يەنە بىرى بولسا , ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دەۋلەت ئنتىزامىنىڭ تەرتىپسىزلىشىشى نەتىجىسىدە قەھەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەڭىيىپ كىتىشى ئىدى . ئۇسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىنمۇ بەكرەك ئۆمەر رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇنى تېنىمسىز پۇچىلاۋاتقىنى " ئەگەر قول ئاستىمدىكى پۇخرالارنى قەھەتچىلىكنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا قۇدىرتىمنىڭ يىتىشچە تىرىشمىسام , بۇئازابنى مەنمۇ ئۆخشاشلا تەڭ تارتمىسام , قىيامەت كۇنى پەرۋەردىگارىمغا قايسى يۈزۈم بىلەن جاۋاپ بىرمەن ؟ " دىگەن تەسەۋۋۇرلار ئىدى . بۇ ئەندىشىنىڭ تۈرتكىسىدە , ئۇ چۆللۇكنىڭ پىژ ـ پىژ ئاپتاپلىرىدىمۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاچ قورساق دۈمبىسىگە ئاشلىق يۈدۈپ , تەرەپ ـ تەرەپكە توختىماي چاپاتتى . ئۇنى رۇھى جەھەتتىن قاتتىق ئازاپلاۋاتقان ۋە جىسمانى قۇۋۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۋاتقان نەرسە دەل ئەنە شۇ ئۇممەتنىڭ غىمى ئىدى .
ئاشۇنداق جاپا ـ مۇشەققەتلىك كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىر قىتىم گۇدەك بالىسىنىڭ بىر تىلىم تاۋۇز يەۋەتقانلىغىنى كۆرۇپ قىلىپ تېخى ئانسىنىڭ سۇتى ئېغىزىدىن كەتمىگەن بۇگۇدەكنىڭ كىچىككىنە تۇرۇپلا دادىسى بىلەن ئاچلىق ئازاۋىنى تەڭ تارتىۋاتقان , ئۆزىنىڭ يۇرەك پارىسى ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنىتقان ھالدا ئاچچىغىغا چىدىماي ۋارقىراپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىيالىدا ." پۇتكۇل مۇسۇلمان ئۇممىتى قەھەتچىلىك ئازاۋىدا پۇچىلىنىۋاتسا , خەلىپىنىڭ ئوغلىنىڭ پەرۋاسىز تاۋۇز يىيىشكە نېمە ھەققى ؟ " دېگەندىن باشقا نەرسە يوق ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇ ئاچچىغىدا ئېتىلغىنىچە بېرىپ بالىنىڭ قولىدىكى تاۋۇز تىلىمىنى سىلكىپ تاتىۋالدى . دە – رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇممىتى ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتسا سەن تېخى تاۋۇز يەۋاتامسەن ؟ " دېدى سۇبھانەللاھ ! سۇبھانەللاھ ! مانا كۆردىڭىزمۇ ؟ بۇلار زادى قانداق كىشىلەر ؟ ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقىۋاتقىنى زادى قتداق يۈرەك ؟ ئۇلارنىڭ ئىددىيە تەپەككۇرلىرىچۇ ؟
قېنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئويلاپ بېقىڭ مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ (مەڭگۈ زاۋال تاپماس ئاللاھ بىلەن قەسەمكى , مىنى ئۆز پەرزەنتلىرى , مال ـ دۇنيالىرى ۋە جانلىردىنمۇ بەكرەك سۆيمىگەن كىشى ھەرگىزمۇ مومىن بلالمايدۇ ) دىگەن سۇزىنىڭ ئەمەلى ئىپادىسى ۋە ئەمەلى شەرھيلىنىشى بولماي نېمە ؟
ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كىچىشكە دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرىمۇ قانچە ـ قانچە رەت ئسپاتلاپ بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەپەككۇرىدا سۈيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ قەھەتچىلىكتە ئازابلىنىۋاتقانلىقىدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق ئىدى .
ھەر قانداق بەدەل تۆلەش ئارقىلىقمۇ دۇنيا سېتىۋېلىشقا قادىر بۇلالمىغان ھەم مەڭگۇ قادىر بولالمايدىغان رۇھلار مانا شۇنداق كەمتەرلىك ۋە قانائەتچانلىق رۇھى ئىدى . دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا نېمەتلەر ۋە ئەڭ گۇزەل ئارزۇ ـ ئارمانلارمۇ قىيامەتنىڭ غېمىدىن غاپىل قالدۇرالمىغان رۇھلارئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق , پىداكارلىق , ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ رۇھى ئىدى . لېكىن ھازىرقى ئىنسانلار ئەنە شۇ رۇھلارنىڭ پىداكارانە , مىننەتسىز قان , تەرلىرى بەدىلىگىلا بۇگۇنكىدەك نەپەسلىنىشكە سازاۋەر بولغانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ؟ ئاللاھنى ئاشۇ قەدىرلىك رۇھ ئىگىلىرىنى , جۇملىدىن ئۆز ئۆزىنىمۇ ئۇنۇتۇپ قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ,يەنىلا (بىز مۇسۇلمان ) دەپ توختىماي جار سالماقتا . ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان ھىساۋى ھەم جازاسى بار نېمەتلىرنى توي , مەشرەپ, نەزرە , مەۋلۈتلەردە شۇنداقلا رىستۇران, تانسىخانلاردا پەرۋاسىز دەسسەپ ,چەيلىمەكتە . ۋەتىنىمىزدە بىر چىشلەم ھالال لوقمىنى يۇتۇشتىن ئىلگىرىمۇ ( بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاپ بىرەرمەن ؟) دېگەننى چىن قەلبى بىلەن ئويلايدىغان مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمانلار زادى قانچىلىكتۇ ؟
مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇمۇسۇلمان ئۇممىتىنىڭ غىمىگە ئورتاقلىشىش , ئۇلارنىڭ ئازابىغا ئازابلىنىش ئارقىلىقلا قەلبى راھەت ھىس قلالايدىغان پىداكار ئەزىمەتلەر زادى قانچىلىكتۇ؟
بىزدىكى نۇرغۇن پۇلدار بايۋەتچىلەر ۋەتىنىمىزدىكى ھەددى ھىساپسىز تۇل , يىتىملارنىڭ ئاچلىق ۋە مۇھتاجلىق ئازاۋىدا تۆكىۋاتقان قانلىق ياشلىرى كىيمىگە يۇقۇپ قېلىشدىن باكى ئۇلارنىڭ كۇن بويى ئىچكەن سۇيىدىنمۇ كۆپرەك ئاققۇزغان ھوسۇلسىز , ئاچچىق تەرلىرى بۇرنىغا پۇراپ قىلىشىدىن ئۇزىنى قاچۇرسا , قاچۇردىكى , دەرھال قولىنى ئۆڭكۈردەك چۇڭقۇر يانچۇقىغا تىقىپ ئاشۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا تەر ۋە كۆز ياشلىرىنى بىر قىتىم بولسىمۇ سۈرتىۋىلىشىغا ئەرزىگۇدەك قەغەز ياغلىق سۇنۇپ بىرىشكىمۇ يارمايدۇ . رىستۇران تانسىخانىلاردا نەچچە ئون مىڭ سومنى بىر قىتىملىق تاماق بۇيرۇش ئۈچۈن بۇزۇپ چاچسا ,چاچىدۇكى ,تاماقلىرىنىڭ ئېشىندىلىرىى ۋە داسقانلىرىنىڭ قېقىندىلىرىغاتەڭ كەلمەيدىغان ئازراقلا پۇل بىلەن بىرەر تۇل يىتىمنىڭ يېلمان تۇرمۇشقا ئىگە بولۇپ قالالايدىغانلىغىنى خىيالىغا كەلتۇرۇپمۇ قويمايدۇ . يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋسىدىن مىراس ئالغان ئاشۇ مۇسۇلمانلىق پۇلات ماركىسى ئۇلاردىن بىر دەممۇ نىرى بولمايدۇ . يەنىلا ئۇلار مۇسۇلمانلىقتىن سۆز ئېچىشتا پەيلاسوپ , دىنى سورۇنلاردىكى تۆرنىڭ خوجايىنلىرى .
ئاھ ! خۇدا !ئۇلارمۇ ساھابىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەخلاق ـ پەزىلىتى ئەينىگىدە ئۆز ئەكسىنى كۆرۇپ باقسىكەن كاشكى ؟! ئۇلارمۇ ئۆزىدىكى ھەر بىر نېمەتنى شەخسى مۇلىكى قاتارىدائەمەس , بەلكى ئاللاھنىڭ شۇنداقلا ۋەتەن ـ خەلىقنىڭ ئامانىتى قاتارىدا ساناپ باقسىكەن كاشكى ؟! ئۇلارمۇ ئىنساپ بىلەن " ئاھ ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ ؟ ! دەپ ئوزلىرىدىن بىر سوراپ باقسىكەن كاشكى ؟! | مەنبە :ئىسلام ئاۋازى تورى| | |