ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈسمۇرلۈك ۋاقتىدىلا ئەينى زامان روھىيىتىنىڭ مەرىپەتچىل ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ،خەلىقنىڭ نادانلىقى،جاھاننىڭ چىرىكلىكىنى ھېس قىلىپ،ئىلغار مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللىنىپ ئۇيغۇردىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن.بۇۋىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتى بىزنىڭ ئىدىيە تارىخمىزدا كۆزگە كۆرۇنگەن بىر بۈيۈك چوققىدىن ئىبارەت.ئۇيغۇر تەخەللوسىلا،ئۆز ۋاقتىدىكى مىللىتىمىزنىڭ جاھاننىڭ غەپلەت بۇشۇكدە تۇنجۇقۇپ قالغان دەۋىر كىشىلېرىگە نىسپەتەن غايەت زور ئۇيغۇتۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا قارىشى ئىزچىل تۈردە تارىخى باسقۇچ بۇلۇپ شەكىللەندى.ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە نادانلىق،خۇراپاتلىق،بىكىنمىچىلىكتىن شەكىللەنگەن مىللىتىمىز مەنىۋىيىتىدىكى زەبۇنلۇق ۋە خارلىقلار جەڭگىۋار شېئىرلېرى ئارقىلىق ئۆز ئەكسىنى تاپتى.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز خەلقىنى جاھانگىرلىك ۋە مۇستەبىت ھاكىم كۈچلەرنىڭ ئىلكىدىن تىزراق قۇتۇلدۇرۇپ،سائادەت ۋە زامانىۋىلىقتىن نىسىۋىگە ئېرىشىشنى كۈچلۇك ئارزو قىلغانلىقى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇن تۇرىدۇ.
..............
ئۆتكەندە بەرقى مۇنبىرىدە ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقىنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى»توغرىسىدا بىر رومان يېزىۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇرنى كۆرگەن ئىدىم.رۇماننىڭ تىزراق بىز بىلەن يۈز كۆرۇشىشىگە تىلەكداشمەن.
[ totem تەرپىدىن 2008-04-27 21:40 قايتا تەھرىرلەنگەن ]