ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﻪ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﯨﻠﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﻰ ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ. ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻭﻫﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ --- ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ .
ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻮﻧﺎ ، ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ~ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﯗﺭﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .... ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺑﺎﺭ .
* * * * * * * * * * * * * * *
<< ﻫﯘﺩﯗﺩﯗﻟﺌﺎﻟﻪﻡ >>
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﺎﻣﻰ --Alam-Hududul ﺑﻮﻟﯘﭖ ، "ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ -ﭘﺎﺳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ . ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﺗﯘﻣﺎﻧﯩﺴﻜﯩﻲ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺗﯘﻣﺎﻧﯩﺴﻜﯩﻲ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . X ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 982 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﮕﻰ ﺋﯘﺑﯘﻝ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩﻛﻪ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﻠﻮﺭﻭﺳﻜﯩﻲ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، 1937 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . 1970 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﺳﻮﯞﻭﺱ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﭖ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﺍﯓ ﺟﯩﻠﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ .
* * * * * * * * * * * * * * *
<< ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻛﯘﺷﺎﻱ >>
ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯘﯞﻩﻳﻨﻰ (1226-1283- ﻳﯩﻠﻼﺭ Juwaini) ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ .XIII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 50 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 1290 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻛﺎﺯﯞﯨﻨﻰ M.M.Qazwini ﺗﻪﻫﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﯜﭺ ﺗﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ - ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ 1912 - ، 1916- ، 1937 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻳﺪﯗﻧﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﻮﭘﻼﻣﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺟﯚﺟﻰ ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺑﺒﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ، ﻛﯩﺪﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﻮﭘﻼﻣﺪﺍ ﺧﺎﺭﻩﺯﻡ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﺍ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﻮﭘﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯜﭼﻨﭽﻰ ﺗﻮﭘﻼﻣﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ~ ﻣﯜﯕﻜﻪ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﺸﻰ ، ﻫﯩﻼﻛﻮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ - ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯗﺭ . ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .
* * * * * * * * * * * * * * *
<< ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﻝ ﺗﺎﯞﺍﺭﯨﺦ >>
ﺋﯩﻠﯩﻜﺨﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦRashidal.din ﻏﺎﺯﺍﻥ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺏ .
ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﯘ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ :
./read.php?tid=2495&keyword=ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 710 ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1311~1310 - ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ :
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ : ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ : ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ : ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻝ ﺗﻮﻟﯘﻗﺮﺍﻗﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻣﺒﯘﻟﺪﺍ 1317 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺋﯜﭺ ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ - ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺭﻙ - ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺶ - ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻜﺨﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ، ﻫﯩﻼﻛﻮ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻏﺎﺯﺍﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﯩﻠﺪﻧﯩﯔ 4- ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ - ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ، ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ، ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ، ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ، ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ، ﻫﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 1946 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1960 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ~ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ، ﺳﻪﻝ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ " ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
* * * * * * * * * * * * * * *
<<ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ >>
ﻟﻴﯘ ﺯﯤ ﺷﻴﺎﯞﻧﯩﯔ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ~ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﻻﻫﯧﺪﻩ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ " ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ" ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ- ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ " ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ" ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ .
ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮔﯚﻫﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ " ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺷﺎﻫﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﺳﻨﻰ" ﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ " ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ" ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . XIV - XIII ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺋﯩﻼﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻫﯧﺪﻩ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ . ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ -- ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﯩﻨﯩﯔ " ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ " ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻼﯞﻩ " ﺩﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، 30 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. .... ( ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ " ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ" ﺳﻪﻫﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ )
* * * * * * * * * * * * * * *
<< ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﻫﺎﻗﺎﻳﯩﻖ >>
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ " ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﯩﺪﺍ" ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ :
./read.php?tid=3511&keyword=XIII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ XII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ : ﺋﻪﻣﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺋﻪﺩﯨﺐ . ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻳﯜﻛﻨﻪﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻪﺳﻪﺭ 14 ﺑﺎﭖ ، 500 ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻖ ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .
* * * * * * * * * * * * * * *
<< ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻪ >>
ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ -- ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ -- ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺋﺎﺗﻬﯧﺮﻯ . ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺋﺎﺗﻬﯧﺮﻯ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ . ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ : ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ . XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻫﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، 14 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ- ﻳﻮﻕ~ ﺑﯘﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .
----------------------------------
ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻠﯘﻧﯩﺪﯗ . ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﻣﺴﯩﺰ ؟ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ ؟ " ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ 24 ﺗﺎﺭﯨﺦ " ﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ؟ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ .... ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ . ﻛﯚﺭﮔﯜﯕﯩﺰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ ~ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ ! ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
--------------------
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ
[ Ay~chiwar تەرپىدىن 2008-04-21 19:15 قايتا تەھرىرلە ]