دىيارىم تورى خەۋىرى :
2008- يىلى 4- ئاينىڭ 20 - كۈنى ( يەكشەنبە ) چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دە ئۈرۈمچى سەردار رېستۇرانىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كوممىتىتى ياشلار بىرلەشمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بىكەتلەرنى قۇرغۇچىلار ۋە كومپىيوتىر پەن - تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر قېتىملىق « ئۇيغۇر ياشلار تور سۆھبەت يېغىنى » چاقىرىلدى .
سۆھبەتكە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتىتىپاق كوممىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سىكىرتارى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتىتىپاق كوممىتىتى بىرلىك سەپ بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئادىلجان داۋۇت قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالى بىرلىكى ، ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختالدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى .
بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنى قۇرغۇچىلار ۋە كومپىيوتىر يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن « ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەد » « شىنجاڭ دىيارىم پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىيارىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشاد پەرھاد »« شىنجاڭ ئۇچۇر ئىگىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى شىنجاڭ لېنىيەسى تورىدىن تۇرسۇن مەخمۇت » « شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرئەلى ئوبۇل » « بىلگىيار ئىلكترون پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتئەلى يۇنۇس » « 284 تور خىزمەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئابباس ياسىن » « يارقىن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىم » « يادىكار ئۇچۇر پەن تېخنىكا شىركىتىدىن ياسىنجان مەمەت » « ئەليار تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىليار غولام » قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇردى . ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدىكى بەزى مەسلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق سۆھبەتتە بولدى .
سۆھبەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى سۆھبەتكە قاتناشقانلار بىردەك بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق سۆھبەت بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
تۆۋەندىكىلەر سۆھبەتتىن خاتىرلەر :