ئىرادىلىك يىگىتنىڭ يېڭى سەپىرى
بۇ يىل 33ياشقا كىرگەن ئىليار تۇرسۇن - غۇلجا تېكەس ناھىيسىدە تۇغۇلۇپ بىر ياشتىن كېيىن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبىدىن چوڭ مېڭىسى ياخشى يېتەلمەي ، نېرۋا خاراكتېرلىك پارالىچ بولۇپ كېلىپ يەتتە ياشتا ئايىغى چىققان .
ئۇ يول يۈرگەندە ئىنتايىن قىينىلاتتى . بىر چامدىسا بىر يېقىلاتتى . ئىليار تۇرسۇن ھەتتا قەلەم تۇتالمىغاچقا ئوقۇشسىز قالدى .
ئۇ بىر مەزگىل ھاياتتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ ، كېيىنچە ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمىدە باتۇرلاچە ياشاش ئىرادىسىنى تىكلىدى . ئۇ بىر كۈنى تېلېۋىزوردىن باتۇر ئەزىمەت جۇئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ جۇڭگونى موتسىكىلتلىق يالغۇز ئايلىنىپ چىققانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ ، جۈرئەت بىلەن سىردىشىش ئىستىكىدە بولدى . ئۇ جۇرئەتتىن نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ، شۇ ھېكايىلەر ئارىسىدىكى ئىككى ئەر- ئايالنىڭ جۇڭگونى پىيادە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۈندىكىدىن ئارتۇقراق يول يۈرۈشنى مەشىق قىلدى .
شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئىرادىسى مۇستەھكەم ئوغلاننىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى .
2002 - يىلى 5- ئاينىڭ 19 يەنى ( مىيىپلار كۈنى ) تۈرپاندىن - ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپىنى مېڭىپ بەش كۈندە تاماملىدى .
2002- يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى غۇلجا 7- ئوتتۇرىدىن سەپەرگە چىقىپ ئۈرۈمچىگە 27 كۈندە كەلدى .
بۇ ئىرادىلىك يىگىت بۇ يىل يەنە 2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ( مىيىپلار كۈنى ) دە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆز ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش مەخسىتىدە ئۈرۈمچىدىن - بۇغدا كۆلىگىچە بولغان 120 كىلومېتىر سەپىرىنى باشلىماقچى .بىز بۇ ئىرادىلىك ياشنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە ۋە مۇساپىسىگە ئۇتۇق ۋە نەتىجە تىلەيمىز !
ئىليارنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىگە قىزىققۇچىلار ھەم سۆھبەت قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ
ئالاقىلىشىلىشىنى قارشى ئالىمىز ! ئىليار تۇرسۇننىڭ تىلفۇنى : 5300720 - 0991
ئىليار تۇرسۇننىڭ 2002 - يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خاتىرىلەر