مەبلەغ سالماي چىقىش يولى ئىزدەشنى خالامسىز ؟
مۇلازىمەت كەسپىدە ھەقسىز تەربىيلىنىشنى خالامسىز ؟
ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەشنى خالامسىز ؟
يىمەك- ئىچمەك ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ جۈملىدىن بىر مىللەت ، بىر رايون مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بىر تۈرىدۇر .
رايۇنىمىزنىڭ يىمەك- ئىچمەكلىرى نۇرغۇنلىغان يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ ، باشقا رايون ، دۆلەت مىللەتلەردە بولمىغان ئالاھىدىلىگى بىلەن ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشىدىن كېيىن رايونىمىزنىڭ يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتە تېخىمۇ زور يۈكسۇلۇشلەر بولۇپ ، چەتئەل ۋە قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار تەجىربىلىرى قوبۇل قىلىنىپ ، رايونىمىز تەۋەسىدە جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە « مايگۈلى» « تۇمارىس» « ھەرەمباغ» « پارلاق » ئوخشاش زامانىۋى رېستۇرانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
گەرچە مۇشۇنداق ئېسىل رېستۇران ، ئاشخانىلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ ، مىليونلاپ پۇل خەجلەپ ،ئازادە مۇھىت ، ئېسىل تائام ، ياخشى شارائىت ھازىرلىغان بولسىمۇ لىكىن رېستۇرانىلىرىمىزدىكى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكى بولۇپمۇ مۇھىمى كۈتكۈچىلەرنىڭ ، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۈرماقتا .
شۇڭاشقا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن تەرەققى قىلىپ ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قورغان ، ھەرەمباغ ، جەۋھەر ، لەززەت، قەلئە ، ئەلقۇت ، مايگۈلى، مىرەن ، مەرۋەر ، تاشكەنت ، مىراج ، ۋىسال ، ئاۋرال ، ئورمان ، سەرۋى ، تۇمارىس ، ئانا يۇرت ، مەشرەپ ، چەۋەنداز ، سەردار ، پارلاق ، يارەن ، خورمىزار ، خانتەڭرى ، بارىس ،ئۈزۈمزار ، بودۇن، تەشەككۇر ، ئاق ئالتۇن ، دولان كارخانچىلىرى بىرلىشىپ ئورتاق نىشاننى كۆزلەپ ، رېستۇران مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش « مىللىي » ئېسىل ئورپ-ئادەتلىرىمىزنى تېخىمۇ يۇكسەلدۇرۇش ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان كۈتۈش جەھەتتىكى ئېسىل پەزىلىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش رېستۇران مەدىنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ، ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى بولۇپمۇ مۇلازىمەت ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ، نۇرغۇن ئىزدىنىش بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ شۇۇڭا كارخانچىلىرىمىز بىرلىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز تەەسىدە مۇشۇ مۇلازىمەت كەسپىنى سۆيۈدىغان لېكىن ئىقتىسادى قىيىنچلىق تۇپەيلىدىن شۇنداقلا ئاتا- ئانىسى نۇغۇن خەجلەپ ئوقۇتسىمۇ جەمئىيەتتە خىزمەت تاپالماي ، چىقىش يولى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەن ، بىرەر مۇشۇنداق كەسپنى قىلاي ئوقۇي دىسىمۇ يەنىلا ئىقتىسادىي يار بەرمەي ئوقۇيالمىغان ، ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ . مەكتىپىمىز مانا مۇشۇنداق ياشلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىپ ئائىلە يۈكىنى يەڭگىللىتىش ،ئۇلارغا مىھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ھەقسىز ئوقۇتۇشنى تەربىيلەشنى نىشان قىلىپ قىسقا كۇتكۇچىلىك تەربىيلەش مەكتىۋى ئېچىشنى قارار قىلدۇق . بۇ ئەمىلى ھەركىتىمىز ئاممىنىڭ ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرنىڭ قوللىشى ، غەمخورلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپلا قالماي ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كومىتىتى ئاشپەزلىك ئىلمى جەمئىيتى يىمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىچىلار ، ھەر قايسى ئاخبارات تەشۋىقات ئورۇنلىرى ھەم جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىتى . ئۇلار ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ۋەياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەقسىز قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كومىتىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان « مىراج» يىمەك -ئىچمەك تەربىيلەش مەكتىۋىدىكى مۇلازىمەت كەسپىي سىنىپىغا 2008- يىلى ئاينىڭ كۇنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ .
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى :
1- كۇتكۇچىلىك كەسپى ۋە يىمەك - ئىچمەك كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۆزىدە مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققى قىلدۈرۈش يولىدا تىرشىدىغان كەسپى ئەخلاقنى يىتىلدۈرۈپ ،ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىپ ، كەسپ ئەھلى بولۇشنى ئويلايدىغان ياشلار قوبۇل قىلىنىدۇ .
2- قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولىشى ، بەدەن قۇرۇلىشى ، سالامەتلىكى ياخشى بولۇش ، بوي ئېگىزلىكى قىزلارنىڭ 1.60 سانتىمىزتىردىن يۇقىرى ، ئوغۇللارنىڭ 1.65 سانتىمىتىردىن يۇقىرى بولىشى كېرەك .
3. مەكتىپىمىز مىللى يىمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كوتۇرۇشنى ، جەمئىيەتتە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ( ياتاق ، تاماق ، ئوقۇش ماتىريالى جەھەتلەردە ) ھەقسىز تەربىيلەپلا قالماي ، ئۇلار تەربىيلىنىپ چىققاندىن كېيىن توختاملىشىپ ، يۇقىرى مۇئاش بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەم پاراۋانلىق ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ ئۇزاق مۇددەت خاتىرجەم ئىشلىتىشگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ .
ئالاقىلاشقۇچى : يۈسۈپ ئەپەندى : 13579288412
مىنەۋەر خانىم : 8535980 ئىشخانا
ئىلخەت ئادرىسى : xerin@yahoo.com
ئۇيغۇر يىمەك- ئىچمەك جەمئىيىتى [ ajrim تەرپىدىن 2008-05-13 16:22 قايتا تەھرىرلەنگەن ]