ياپونىيە دېڭىز بايلىقىنى ئىگىۋېلىش كويىدا « غالجىرلاشتى»
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، توكيو ، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ياپونىيىە ھۆكۈمىتى بۈگۈن ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن 1000 نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراق چۇڭجىنياۋ مارجان خادا تاشلىرىغا 7 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ، بۇ جايلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش پىلانىنى تۇزدى . ياپونىيىنىڭ مۇددىئاسى شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز ئاستى بايلىقىنى ئىگىلەش .
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا ، بۇ ھەرىكەت جامائەتچىلىك خىلاپ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدۇ ، دېدى.
بىر مىلىق 54 ئىشچى تايالاندتا جېنىدىن ئايرىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بانكوك، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى : تايلاند ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : تۈنۈگۈن دۆلىتىمىزگە يوشۇرۇن كىرمەكچى بولغان بىر مىلىق 54 ئىشچى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا كوزۇپىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى ، باشقا 47 ئىشچى تەلىيىگە يارىشا ئامان قالدى ، ئۇلار ساقچىلارغا بەلگە بېرىپ ياردەم سورىغانلار ئىكەن .
ب د ت پەۋقۇلئاددە ئۆمىكى سىربىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، پرىشتىنا ، 10 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : كوسوۋودىكى ب د ت پەۋقۇلئاددە ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ئىۋانكو تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : ئەگەر سىربىيە كوسوۋوسدا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزسە ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244- نومۇرلۇق قارارىغا چىلاپلىق قىلغان بولىدۇ . سايلام نەتىجىسىمۇ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ، شۇڭا بىز سىربىيىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدۇق .
سىربىيىنىڭ كوسوۋو ئىشلىرى مىنىستىرى ساماركىچ شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ب د ت پەۋقۇلئاددە پارلامېنت سايلىمى بىلەن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى .
ياپونىيىلىك بىر بوۋاي ئىشلىتىپ بولۇنغان چوكىدىن قېيىق ياسىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، توكيو ، 10 - ئاپرېل تېلېگراممسى : ياپونىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ياپونىيىلىك بىر بوۋاي ئىشلىتىپ بولۇنغان بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان چوكىدىن پايدىلىنىپ قېيىق ياسىدى ، بۇ قېيىقنى ياساشقا 7382 چوكا ، ئىككى يىل ۋاقىت كەتتى . قېيىقنىڭ ئېغىرلىقى 64 كىلوگرام ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېىتر كېلىدۇ .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى : مۇھىت ئاسراش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، دۇنيا خەلقى بىر قېتىملىق چوكىلارنى ئىشلەتمەسلىك ئېڭىغا ئىگە بولدى . چۇنكى بۇ خىل چوكا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن يەنە ئەخلەت دۆۋىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .
پارىژدا ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، پارىژ ، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى : فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا تۈنۈگۈن 20 مىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى نامايىش قىلىپ ، زۇڭتۈڭ ساركوزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىش قارارىغا قارشى چىقتى .
ئاخىرىدا نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ ئۈچ ساقچى بىلەن بىر ئوقۇغۇچى يارىلاندى ، ساقچىلار ھازىرغىچە 25 نامايىشچىنى قولغا ئالدى .
FBI غا تېررورچى گۇماندارلارنى قاتتىق قىيناش ھوقۇقى بېرىلگەنىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 10- ئاپرېل تېلېگراممسى : ئامېرىكا رادىئو شىركىتى بۈگۈن ئاخبارات ئىدارىسى 2002 - يىلى (FBI ) بازا تەشكىلاتىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئادىمى ئەبۇ زۇبەيدەنى تۇتقاندىن كېيىن ، بۇش ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار نەچچە ئون قېتىم مەخپىي يىغىن ئاچقان ھەمدە زۇبەيدەدىن قىممىتى بار ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ، FBI غا ئۇنى دەھشەتلىك ئۇسۇللاردا قىيناش ھوقۇقىنى بەرگەن .
ئامېرىكىدا ساقچىلار يەنە 400 بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى ساقچىلار تۈنۈگۈن بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىدئەت دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئۇۋۇسىنى ئاختۇرۇپ ، 400 بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى . سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بۇ جايدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي زەربىگە ئۇچرىغان ، ساقچىلارغا خەۋەر بەرگەن 16 ياشلىق قىزمۇ 2- بالىسىنى تۇغۇپ بولغان .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بۇ جايدىكى قىزلار 13 ياشقا كىرگەن كۈنى ئاللىقاچان بىر مۇنچە خوتۇن ئېلىپ بولغان ئەرلەر بىلەن « روھىي جەھەتتىن توي قىلىدىكەن » ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بالا تۇغۇش ۋە تەربىيلەش بولۇپ گەپ ئاڭلىمىسا ئاچ قالىدىكەن ، سولىنىدىكەن ، ھەتتا دۇمبالىنىدىكەن .
روسىيە ئارمىيىسىنىڭ %20 گېنېرالى يېتەلمىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 10 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئامىيە گېنېراللىرى بىلەن ئوفىتسېرلىرىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى سىنىغاندىن كېيىن قىلىنغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : %20 گېنېرالنىڭ ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يەتمىدى ، % 30 تىن كۆپرەك گېنېرال ۋە ئوفىتسېر دەرھال ئورۇقلىمىسا بولمايدۇ .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرژو لاياقەتسىز بولغانلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشىنى ئويلىشىۋاتىدۇ . ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق قىلسا ، لېيتناتتىن پودپولكوۋنىككىچە بولغان 4\1 قىسىم ئوفىتسېر بىلەن پولكوۋنىكتىن گېنېرالغىچە بولغان %75 ئوفىتسېر قىسمىدىن چېكىنىشىكە مەجبۇر بولىدۇ .
جورجىيە شتاتىدا ھەر يىلى 1000 ئادەم داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى :« ئامېرىكا ئائىلىسى » ناملىق بىر تەشكىلات تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : جورجىيە شتاتىدا ھەر كۈنى 19 ئادەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، بۇ ھەر يىلى 1000 ئادەمنىڭ مۇشۇ خىل سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : 2006- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە 47 مىليون ئادەم داۋالىنالماي ئۆلۈپ كەتكەنىدى ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوقلارنىڭ بۇ خىل سۇغۇرتىسى بارلارغا قارىغاندا كۆپ كېسەل بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى .
كاراكاس « تىنچلىق پايتەختى » گە ئايلاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، كاراكاس ، 10 - ئاپرېل تېلېگراممىسى : 80 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن يۈز نەچچە تەشكىلات ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا 9- ئاپرېلدىن 13- ئاپرېلغىچە ئېچىلىدىغان دۇنيا تىنچلىقى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ ، يىغنىنى خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش يىغىنىغا ئايلاندى ، بۇنىڭ بىلەن كاركاس دۇنيانىڭ « تىنچلىق پايتەختى » بولۇپ قالدى .
يىغىندا مىلىتارىزمنى رەت قىلىش ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى . بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق ساداسى !
مۇشەررەف « شەرقىي تۈركىستان » كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللىدى
شىنخۇا ئاگېتنلىقى ، ئىسلامئاباد ، 10- ئاپرېل تېلېگراممىسى : پاكىستاننىڭ زۇڭتۈڭى مۇشەررەف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشىتى . قاراقۇرۇم تاشيولى ، گۋادال پورتى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈلىرى پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى .
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پاكىستان بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىشىدۇ ، بىر - بىرىنى قوللايدۇ ، پاكىستان « شەرقىي تۈركىستان » كۈچلىرىنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بېرىدۇ . سىياسىي مەسىلىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا باغلىۋېلىش ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى چىقىش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ .
مەنبە : 11- ئاپرېل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-04-11 14:01 دە قايتا ]