بۇ بەتتىكى تېما: ( باتۇر جەڭچى ) مەنمۇ باھالىنىمەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 263 قېتىم كۆرۈلدى
baturjangqi
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3143
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3143دانە
شۆھرەت: 1454 نۇمۇر
پۇل: 858 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ( باتۇر جەڭچى ) مەنمۇ باھالىنىمەن

 
مەنمۇ باھالىنىمەن


ئەنىۋەر مەتسەيدى < ھېكايە >


    مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا ، مۇشۇ ئىدارىگە تەقسىم قىلىندىم . شۇنىڭدىن بېرى بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ياكى باشلىقنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان يېرىم يوق . تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئىشىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ ياخشى ئىشلەيمەن . ئۆتكەن يىلى ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ، كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ئايالىمغىمۇ قارىماي ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئالدىنقى سېپىگە چىقىپ كەتكەنچە تاغ باغرىدا 11 كۈن جاپالىق ئىشلىدىم . سۇ تىزگىنلەنگەندىن كىيىن ھەممىمىز قايتىپ كەلدۇق . مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئايالىمغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈردۈم ، ئايالىممۇ مېنى توغرا چۈشەندى .
      يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش باشلىنىپ ، نۇرغۇن يولداشلار خىزمەتتىكى نەتىجىلىرىمنى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەمگىكىدە « تۆھپىكار ياش » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمنى تەرىپلىشىپ مېنى كۆرسەتتى . ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ قېتىم « مۇنەۋۋەر » بولۇپ باھالىنىدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەنىدى . ئەپسۇس ، يۇشۇرۇن ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە ، ئۇنۋان قاتلىمى بويىچە تۆت نەپەر ئادەمنى « مۇنەۋۋەر » قىلىپ سايلاش شەرت قىلىنغاچقا ، مەن « مۇنەۋۋەر » بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالماي شاللىنىپ قالدىم . شۇ چاغدا مەن بونىڭدىن كىيىن خىزمەتكە ئۆزۈمنى ئۇنچىۋالا ئۇرۇپ كەتمەيمەن دەپ ۋەدە قىلدىم . بەزىدە يولداشلاردىن ئۆزۈمچە ئاغرىنىپمۇ يۈردۈم . شۇنداقتىمۇ « كۆنگەن خۇي ، مىنگەن ئۇي » دىگەندەك ، خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ قويۇشقا رايىم بارماي ، يەنە ئۆزۈمنى خىزمەتكە ئۇرۇپ كەتتىم . مەن ئۆزۈمنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ ، ئويلىنىپ باقتىم . ئاخىرى خىزمەت ئىشلەش بىلەنلا ، بۇ شەرىپكە ئىگە بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم .


*                *                    *                    *


بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەن بىرىنچى قول باشلىقنىڭ ئۆي سالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم - دە ، ئۆيگە بېرىپ خۇتۇنغا تەييارلىقنى ئوبدان قىلدۇرۇپ ، كەچتە ئىككىمىز باشلىقنىڭ ئۆيىگە باردۇق . ئىشىكتى كىرىشىم بىلەن تەڭ ، باشلىق دەسلەپتە ھەيران قالدى ، كىيىن ئۆزىنى تىزلا ئوڭشىۋېلىپ :
      - ھە ، ئەسقەرجان ، كىرىڭ . بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى ؟ قەدىمىڭىز بىزنىڭكىگە يېتىپ قاپتىغۇ !؟ - دېدى ئۇ قولىنى ماڭا سونۇپ .
      - يېڭى ئۆي سېلىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ... - دېدىم مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ قولۇمنى بېرىپ .
بىز ئۆينىڭ ، ئونىڭ - بۇنىڭ گېپىنى قىلىشىپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلدۇق ، شۇنىڭدىن بېرى مەن باشلىقنىڭ ئۆيىگە پات - پات « تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز » دېگەندەك ، چوڭ - كىچىك سوۋغاتلارنى ئېلىپ ، بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇم . بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئىلگىركىدىن خېلىلا ياخشىلىنىپ ، كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى باشلىققا يۇشۇرماي دەيدىغان بولدۇم .
يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشكە ھەپتە ۋاقىت قالغان ئىدى . ئەتتىگەنلىك گىمناستىكىدىن تاراپ ئىشخانىغا مېڭىۋاتسام ، باشلىق :
      - ئەسقەرجان ، ئىشخانىغا كىرىڭ ، گەپ بار ، - دەپ قويۇپ ئالدىمدا مېڭىۋەردى . مەنمۇ ئانىسىغا ئەگەشكەن قوزىدەك ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئىشخانىغا كىردىم - دە ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گەپ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم .
      - ھە ، ئەسقەرجان ، بۈگۈن كەچ بىر قاينىساقمىكىەن ، - دېگەنىدىم ، سىزنىڭچە بولارمۇ ؟
      - ئەلۋەتتە بولىدۇ ، مەن ئورۇنلاشتۇراي ، - دېدىم مەن ئالدىراپ باشلىقنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ . كۆڭلۈمدە بۈگۈننى قولدىن بەرمەسلىك چوتىنى سوقتۇم . دېمىسىمۇ بۇ ماڭا ئەڭ ياخشى پۇرسەت ېدى .
      - ئۇنداق بولسا ، ئىدارىدىكى ئاينۇر ، ماھىنۇر ، زەينۇرلارنىمۇ دەپ قويۇڭ ، تازا بىر قاينايلى .
مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئىشخانىدىن چىقتىم  - دە ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ، باشلىق كۆرسەتكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى  « ئېزىتقۇ » رېستۇرانىغا تەكلىپ قىلدىم .
      شۇ كۈنى كەچتە رېستۇراندىكى تاماشىمىز شۇنداق قىزىدىكى ، ئۆمۈرۈمدە بۇنچىلىك كۆپ چىقىم تارتقىنىمغا قارىماي ، ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئوينىغانلىقمنى ئەسلىيەلمەيمەن . قايتاشىمىزدا كەسىپدېشىمىز زەينۇرەنى باشلىق ئۆزى ئاپىرىپ قويىدىغان ، قالغانلىرىمىزمۇ ئۆيىمىز بىر يەردىكىلەرنى ئالغاچ كېتىدىغان بولۇپ ئايرىلدۇق .


*                *                    *                  *


    يىللىق سېلىشتۇرۇپ باھالاش باشلىنىپ ، ئاشكارە نامىزات تاللاشتا خىزمەتداشلىرىم مېنىمۇ نامىزاتلىققا كۆرسەتتى . ئەلمىساقتىن بۇيان بۇ ئىدارىدە ئومۇملىشىپ كەلگەن يۇشۇرۇن ئاۋاز بېرىش باشلانغاندىن كىيىن ،يۈرۈكۈم گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى . شۇنداقتىمۇ باشلىق بىلەن يېقىن بولغاندىكىن « مۇنەۋۋەر » بولۇپ باھالىنىشىمدا قىل سىغمايدۇ ، دىگەن ئىشەنىچ بىلەن ئولتۇردۇم ھەم ئۆزۈمنىمۇ كاتەكچىگە « مۇنەۋۋەر » قىلىپ كۆرسىتىپ يازدىم . نەتىجە ئېلان قىلىنغاندا بولسا ، ئۆز قولىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . چۈنكى ، بىزنىڭ قاتلامدىكىلەردىن ئىسمى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشىگە بىر قېتىممۇ ئېرىشمىگەن زەينۇرە « مۇنەۋۋەر » بولۇپ باھالانغانىدى .
مەنبە : « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلى
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
يىلتىزىمىز دىيارىمدا
       ئۈمىدىمىز دىيارىمدا  
| ۋاقتى : 2008-04-10 16:11 [باش يازما]
دەۋران
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 27946
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە194دانە
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
پۇل: 689 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپلا ما ئەسقەرجان ئاداش ھىلىقى كۈنى زەينۇرە ئورنىغا باشلىقنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ، باشلىق بىلەن بىر كېچە تۈنىگەن بولسا ئاندىن «مۇنەۋۋەر» بولۇپ باھالىناركەن،،، ئىسىت!،، ھازىرقى باشلىقلار ئەر، ئايال دەپ ئايرىپمۇيۈرمەيىتتى...
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
قاچان ھاۋا ئېچىلىپ بۇلۇت تارايدۇ، ئۇيغۇرۇم،
| ۋاقتى : 2008-04-10 16:21 1 -قەۋەت
miregul
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26281
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 570
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە570دانە
شۆھرەت: 570 نۇمۇر
پۇل: 1829 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي ئىسىت ئەسقەرجان. «چىراق تۈۋى قاراڭغۇ»دىگەننى بىلمەمتىڭىز.باشلىققا كەلتۈرگەن«گۈل»لىڭىز ئۆز رولىنى ياخشى قىلدۇرۇپتۇ ئەينا. ھەي .....ھەي، مۇشۇ زاماننىڭ باشلىقلىرىنىمۇ - زە.
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز.
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
تاما-تامار كۆل توشار~!
| ۋاقتى : 2008-04-10 17:24 2 -قەۋەت
gul~sanam
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 28036
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 205
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە205دانە
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
پۇل: 764 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئەسەركەن رەخمەت
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-04-10 17:28 3 -قەۋەت
yawagul0997
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 26456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 172
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە172دانە
شۆھرەت: 182 نۇمۇر
پۇل: 682 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈمىدسىزلەنمەڭ،  ساۋاقلارنى  يەكۈنلەپ  يېڭى  ۋاستىلەر  ئۈستىدە  ئىزدەنسىڭىز  كېلەر  يىلى  سىزمۇ  باھالىنىپ  قالاسىز.
« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
سايرىغاننىڭ  ھەممىسى  بۇلبۇل  ئەمەس.
| ۋاقتى : 2008-04-10 18:01 4 -قەۋەت
gohar
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1868
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1868دانە
شۆھرەت: 1811 نۇمۇر
پۇل: 5442 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزمۇنى چۇڭقۇر ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن .يوللانمىڭىزغا كۆپ رەخمەت .ھارمىغايسىز .
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
?????_????? ???????.????? ???? ????? ???????.
| ۋاقتى : 2008-04-10 18:15 5 -قەۋەت
UYGURIYA23
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 940 نۇمۇر
پۇل: 2846 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 7 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  مەنمۇ باھالىنىمەن دېسە مەن تېخى  ماۋۇ باتۇر جەڭچى  « مېنىمۇ  باھالاڭلار  » دەپ بىرەر نەرسە يازغان ئوخشايدۇ  دەپتىمەن .
« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
كىملا بولۇڭ ، ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ ! بۇ مېنىڭ  قان - تەرىم !
          
| ۋاقتى : 2008-04-10 18:48 6 -قەۋەت
tj
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 16870
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە93دانە
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 99 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاجايىپ جاھان ،   
http://mtv.diyarim.com
                                يول - تارىخ                   
| ۋاقتى : 2008-04-10 19:33 7 -قەۋەت
bozyer
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23711
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 224 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  ھازىر بۇنداق ئىشلار ئىنتايىن كۆپ .
« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
| ۋاقتى : 2008-04-10 20:45 8 -قەۋەت
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1553
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1553دانە
شۆھرەت: 879 نۇمۇر
پۇل: 928 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قانداق ئىدارىدۇ ئۇ !ئىشلگەننى بىلمەيدىغان زادى.مانا مەن خىزمەتكە چىققىلى تۆت يىلدى بولدى ھەر يىلى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى ،بۇرۇن مۇنەۋۋەر ئىتپاق ئەزاسى ،ھازىر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بۇلۇپ كىلۋاتمەن.بىرەر قىتىم باشلىقنى مىھمان قىلىپ  باقمىدىم سوۋغا سالام كۈتۈرۈپ باقمىدىم.ئىشقىلىپ بىزنىڭ باشلىقلار ئىشلگەننى بىلىدۇ.شۇنىڭغا قارىغاندا بىزنىڭ باشلىقلار ياخشىكەن جۇمۇ!
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-04-11 12:57 9 -قەۋەت
baturjangqi
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3143
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3143دانە
شۆھرەت: 1454 نۇمۇر
پۇل: 858 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

         
بوۋاق تەربىيلەش ئۇسۇللىرى
يىلتىزىمىز دىيارىمدا
       ئۈمىدىمىز دىيارىمدا  
| ۋاقتى : 2008-04-30 15:01 10 -قەۋەت
@man@
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24381
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە129دانە
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
پۇل: 504 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-30
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇز بولغاچقا بورا ئاستىدا ياتىدۇ ۋاسا،
ئەگىرى بولغاچقا ئىسسىق ئالقاندا ياشايدۇ ھاسا.
كىچىك بولسىمۇ قور قىتار  يولۋاسنى پاشا،
..........................................ياشا
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-04-30 15:41 11 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-01 03:23
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation